قاسىم سىدىق تەنقىد ۋە مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئوخشاشلا موھىم
يوللانغان ۋاقتى : 2009-04-16 13:16:16 كۆرۈلۈش سانى : 1219
كىچىك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
تەنقىد ۋە مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئوخشاشلا موھىم
ئەھمەدجان ئەكرەم
(ئوبزور)
بىز ئۇيغۇرلار نوقۇل شېئىرىيەت مىللىتى، ناخشا - ئۇسسۇل مىللىتى ئەمەس، بەلكى، جاھان مەدەنىيەت غەزىنىسىگە قوشقان ئىلمىي سەمەرىلىرىمىزنىڭ كۆپلىكى ھەم خىلمۇ –خىللىقى بىلەن خەلقى ئالەم ئالدىدا پەخىرلىنىشكە تېگىشلىك ئۇلۇغ مىللەت. ئەپسۇس، مەرھۇم ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن ئېيىتقاندەك ، بىز تەبىئەت ئىلمىدىن ئايرىلىپ قالغىلى 500 يىلدىن ئاشتى.
موشۇ مەنىدىن ئېيىتقاندا، ئۇچۇر دەۋرىنىڭ كەسكىن رىقابەت قاينىمىدا شاللىنىش، تاللىنىش، ئۈگۈنۈش، تەمتىرەش ۋە ئويلىنىش ئىچىدە گاڭگىراۋاتقان خەلقىمىز يەنە نىمىلەرنى بىلىشى، نېمىلەرنى قىلىشى كېرەك؟
ئۆز ۋاقتىدا تەقدىرى ئېغىر خىرىسقا دۇچ كېلىپ، تېرىقتەك چېچىلىپ كەتكەن يەھۇدىيلار تىرىشىپ يۈرۈپ،ئاخىرى ئىلىم - پەن يېڭىلىقلىرى بىلەن دۇنياۋى ئىلىم مۇنبەرلىرىدە قەددىنى تىكلىگەن ئىدى؛ ئەرەپ ۋە ئىسلام ئەللىرىنىڭ ئىلىم-پەن ئىجادىيەت قۇدرىتىنى دۇنياغا تونۇتقان دانىشمەن ئۇستاز دوكتور ئابدۇسالام نوبىل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ،مۇسۇلمانلارنىڭ ئىلىم –پەن ساھەسىدىكى ئاجايىپ ماھارىتىنى نامايەن قىلغان ئىدى...
فىزىكا ۋە ماتىماتىكا پەنلىرى ھەققىدە تەگسىز مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، تەبىئەت قانۇنىيەتلىرىنى ئېچىش مەجبۇرىيىتىنى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىۋاتقان، ئېينىشتىيىنگە ئوخشاش دۇنياۋى ئالىملارغا جەڭ ئېلان قىلغان، يېقىنقى زامان تەبىئى ۋە ئىجدىمائى پەنلىرى ساھەسىدە ئىزچىل ئىزدىنىۋاتقان ئۇستاز قاسىم سىدىق كەڭ ئىلىم ئەھلىگە پەننىڭ ئىلگىرىلەش يوللىرىنى كۆرسىتىپ بەردى.
ئېينىشتىيىن:ماڭغان يولۇم بەلكىم خاتا بولۇشى مۈمكىن،لېكىن، ماڭماي بىر ئىزدا توختاپ قېلىش ئەڭ چوڭ خاتالىق،دېگەن ئىدى.
‹خاتالىق› ئەلۋەتتە تەنقىد ئۆتكىلىدىن ئۆتىشى،توغرىلىق،يەنى ھەقىقەت چوقۇم مۇئەييەنلەشتۈرۈلىشى كېرەك.
تەبىئەت ۋە رىئال دۇنيانىڭ قانۇنىيەتلىرىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ئاساستا ئېچىش ئۈچۈن، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان جاپالىق ئىزدەنگەن مەسئۇلىيەتچان ئۇستاز قاسىم سىدىق ھۆرمەتكە لايىق بىر يىگانە ئىختىراچى، ئۇ دائىم پەلسەپەۋى كەڭلىك ۋە چوڭقۇرلۇققا قاراپ چاپچىپ كېتىۋاتقان ئالاھىدە تەپەككۈر ئىقتىدارى بىلەن ئالەمنى، تۇرمۇشنى ئۆزگىچە كۈزىتىدىغان، يېڭى –يېڭى ئىلغار ئۇقۇملارنى ئىلىم ئەھلىنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇپ، زوقلانغۇچىلىرىنى مەدەنىيەتنىڭ يارقىن دالاسىغا ۋە ئادىمىلىككە باشلايدىغان بىر ئىستىداتلىق شائىر.
ئۇ ئۆزىنىڭ ‹ئادەمنىڭ ماشىنىلىشىشى ۋە ماشىنىنىڭ ئادەملىشىشى›، ‹فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى›، ‹ئېينىشتېيىن ئېفىرنى "پۇتۇنلەي ئىنكار قىلغان"مۇ؟› ، ‹"يوقلۇق" ۋە ئالەمنى بىلىش مەسىلىسى›قاتارلىق ئىلمىي ماقالىلىرى ئۈستىدە ھارماي-تالماي ئىزدىنىپ، مۇشەققەتلىك ئەمگەكلەرنى سىڭدۈردى.
ئۇنىڭ يەنە تىرەن ھېكمەتلەرگە تويۇنغان رۇبائىلىرى،پاك،ئوتلۇق پىكىر خىيالى،گۈزەل ۋە سەلتەنەتلىك بۇ ئالەمنى سۆيىدىغان فارابىچە قەلبى، دۆلەت ئىچىدە شۆھرەت قازانغان ئىلمى قاراش، ئەپچىل تەجرىبە نەتىجىلىرى ئەل كۆڭلىنى شەيدا قىلدى ،خەلق بۇ ئەجىركارغا ھۆرمەت بىلەن نەزەر تاشلىدى. بىز ئۇنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىگە ئۇتۇق، ئەزىز تېنىگە سالامەتلىك، ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەش بىلەن بىرگە،يەنە ئىلمىي نەتىجىلىرىنىڭ تەنقىد ئۆتكىلىدىن ئۆتۈپ، مەڭگۈ يارقىن جۇلالىنىپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئىلىم–پەن پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق بايلىقى. شۇڭا، تورداشلارنىڭ بۇ ئىلمىي ئەسەرلەردىن كۆپرەك بەھىر ئېلىپ، ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلىرىنى تولۇق ئادا قىلىپ مۇنازىرە مەزمۇنلىرىنى بېيىتىشىنى، يېڭى قاراشلارنى قويۇپ، مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىشىنى،بۇ ئەسەرلەرنىڭ خەنزۇچە ۋە ئىنگىلىزچە تەرجىمىسىنى ئىشلەپ، قىزغىن تەنقىدلەر ئارقىلىق ھەقىقەتنىڭ يۈزىنى يورۇتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئۇستاز قاسىم سىدىقمۇ ئىلىمداشلارنىڭ سەمىمىي تەنقىد ۋە پىكىرىنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە بىلقۇت تورىدا ئەسەرلىرىنى ھەدىيە قىلىدۇ.
2009.04.16
|
|