ئورنىڭىز : مەخسۇس سەھىپىلەر >> قاسىم سىدىق ئىلمىي ماقالىلىرى >> ئەھمەدجان ئىكرام

ئەھمەدجان ئىكرام

يوللانغان ۋاقتى : 2009-07-05 23:07:08    كۆرۈلۈش سانى : 86  
كصچصك | نورمال | چوڭ             
 «فىزىكىلىك  شەكىل  نەزەرىيىسى»دىكى يارقىن  نوقتىلار  ۋە  يوشۇرۇنغان  زىددىيەتلەر    ئەھمەدجان ئىكرام         ئىلى كەچلىك گېزىتى 1992. يىلى قاسىم سىدىقنىڭ « "بوشلۇق نەزەرىيىسى"نىڭ  تۈپ ئىدىيىسى ۋە ئاساسلىرى» ناملىق ئىلمىي ماقالىسىنى باستى. بۇ ماقالىدىكى  تۈپ ئىدىيە : ئالەم نوقۇل ماددىي ئالەم ئەمەس، بەلكى ماددىي بولمىغان "يوقلۇق" قاتلىمىغا  ئىگە بىر پۈتۈن ئالەم. ماددىي ئالەم چەكلىك ، ئومۇمىي ئالەم چەكسىز.  "يوقلۇق" ھەرىكەت ۋە  زاماندىن خالى قاتلام. "يوقلۇق" ماددىي ئالەمنىڭ ئىچكى قىسمىدىنمۇ  ئورۇن ئالغان بولىدۇ. "زامان"- سۇبيېكتىپ كاتېگورىيە . ماددىنىڭ گېئومېتىرىيىلىك مىقدارى تۇراقلىق بولىدۇ ، دېگەندىن ئىبارەت. بۇ ماقالىدىكى ئاساسلار : ئېينىشتېين   –    ماكان ئەگرىلىكى،  چوڭ پارتىلاش ئالەم مودېلى، ھوببلى سپېكتر سىزىقىنىڭ قىزىلغا سۈرۈلۈشى، كۋانت نەزەرىيىسى، ساقلىنىش قانۇنلىرى ۋە يۇقىرىقىلارنىڭ تەجرىبە ئىسپاتلىرى  ۋەھاكازالاردىن ئىبارەت.    ھازىرقى زامان  ئالەمشۇناسلىقى ۋە كوسمولۇگىيە نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا  مېنىڭ پىكىرىم شۇكى، ئالەم نوقۇل ماددىي ئالەم  ئەمەس، بەلكى، ماددىنى ئۆز  ئىچىگە  ئالغان "بوشلۇق" قاتلىمىغا  ئىگە  بىر  پۈتۈن ئالەم.  ئەگەر ئالەمدىكى بارلىق ماددىلارنى بىر چەمبەرگە يىغىۋەتكەن تەقدىردىمۇ  ئېشىپ قالغىنى "يوقلۇق" قاتلىمى بولماي، بەلكى، يەنىلا "بوشلۇق" قاتلىمىدۇر . ئېھتىمال ، قاسىم  سىدىق ئېيىتقان "يوقلۇق"  بىلەن "بوشلۇق" بىر گەپ بولسا كېرەك. ماددىي ئالەم چەكلىك ، ئومۇمىي ئالەممۇ  چەكلىك . ئەگەر ئومۇمىي ئالەم چەكسىز دېيىلسە  ئالەمدىكى سەييارىلەرنىڭ  ھەرىكىتى قانۇنىيەتلىك بولماي قالىدۇ. "يوقلۇق" ھەرىكەت ۋە  زاماندىن خالى قاتلام ئەمەس، بەلكى، "يوقلۇق" مەۋجۇد  ئەمەس. "يوقلۇق" ماددىي ئالەمنىڭ ئىچكى قىسمىدىنمۇ  ئورۇن ئالغان بولىدۇ  ئەمەس، بەلكى،  "بوشلۇق" ماددىي ئالەمنىڭ ئىچكى قىسمىدىنمۇ  ئورۇن ئالغان بولىدۇ . "زامان"- سۇبيېكتىپ كاتېگورىيە ئەمەس، بەلكى، باشلىنىشى ۋە خاتىمىسى بار  كونكىرىت ئۇقۇم . ماددىنىڭ گېئومېتىرىيىلىك مىقدارى تۇراقلىق بولىدۇ، دېگەنلەردىن ئىبارەت.    قاسىم سىدىق " زامان "نىڭ   فىزىكىلىك  شەكىل نەزەرىيىسىدىكى ئورنىنى مۇنداق تەرىپلەيدۇ :  «ئوبيېكتىپ ئالەم ماددا ۋە ماكاندىن ئىبارەت ئىككى خىل ئەمەلىي رېئاللىقتىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، "ئوبيېكتىپ زامان"نىڭ تەجرىبىۋى ئاساسى يوق. " زامان " دەۋرى ھەرىكەت  سەۋەبىدىن پەيدا بولغان  بىر خىل خاتا سەزگۈدىن ئىبارەت . ھالبۇكى " زامان " ئۇقۇمى ھەرىكەتنى تەسۋىرلەشتىكى زۆرۈر ئۇقۇم.  شۇڭا:       12- بەلگىلىمە: بارلىق ئەمەلىي پايدىلىنىشلاردا "زامان"نىڭ ئوبيېكتىپ رېئاللىق بولماي، بەلكى، سۇبيېكتىپ پايدىلىنىش سىستېمىسى ئىكەنلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا  ھەرگىز بولمايدۇ.».    جۇڭگو  پەنلەر ئاكادېمىيىسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە    –    جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ  نەشر ئەپكارى "قۇرغاق رايون جۇغراپىيىسى"  1998. يىللىق 3. سانىغا ئۇستاز  قاسىم سىدىقنىڭ بىر  قەدەر  ساپ بولغان لوگىكىلىق  تەپەككۇرىنىڭ مەھسۇلى   –     «فىزىكىلىك شەكىل نەزەرىيىسى»نى بېسىپ تارقاتتى . ئۇنىڭدا  پارلاپ تۇرغان  يارقىن نوقتىلار  ساناقسىز.      [b] قىسقىچە مەزمۇنى:  [/b]  « فىزىكىلىك شەكىل ماددىنىڭ  ئىزچىل خۇسۇسىيىتى بولۇپ ،  فىزىكىلىك شەكىلگە ئىگە بولمىغان ماددا مەۋجۇد ئەمەس.  ھەرىكەتنىڭ خۇسۇسى خاراكتېرى ھامان ئەگرى بولىدۇ . ماكاننىڭ گېئومېتىرىيىلىك خاراكتېرى بىلەن ئوپتىكىلىق خاراكتېرى ھەرىكەتنىڭ خاراكتېرى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ . تەبىئەت دۇنياسىدا سىغىمچانلىققا ۋە ئۆتكۈزۈشچانلىققا ئىگە بولمىغان ئاساسى زەررىچىلەر مەۋجۇد . ماددىنىڭ گېئومېتىرىيىلىك مىقدارى تۇراقلىق بولىدۇ . دەۋرلىك    –    ئالەملىك تۈپ قانۇنىيەت . ئالەم ماددا ۋە ماكان (يوقلۇق) دىن ئىبارەت ئىككى قاتلاملىق ئالەم بولۇپ، ماددىي ئالەم چەكلىك، غەيرىي ماددىي ئالەم (ماكان) چەكسىز . ماددىنىڭ ھەرىكىتى مۇتلەق، ماكاننىڭ  جىملىقى مۇتلەق بولىدۇ ».    قاسىم سىدىق : « زامانداشلىرىمغا  ئوچۇق خەت» تە : « مەن ئوبيېكتىپ جەھەتتە  ھەرقانداق پەيتتە شەكىلدىن مۇتلەق ئايرىلمايدىغان ماددىي دۇنيانى تايىنىش نۇقتىسى قىلسام ، نەزەرىيىۋى جەھەتتە  ئېينىشتېيننىڭ "ماكان ئەگرىلىكى" ئىدىيىسىنى تايىنىش نۇقتىسى قىلدىم . ئۆز نەزەرىيەمنىڭ تېمىسىنى 1997-يىلى "فىزىكىلىك شەكىل نەزەرىيىسى"گە  ئۆزگەرتتىم» دەپ يازىدۇ.    بۇ يەردە مەن يەنىلا  يۇقۇرىقىدىكىدەك      پىكىرىمدە تۇرىمەن : "يوقلۇق" مەۋجۇد  ئەمەس،     غەيرىي ماددىي ئالەم ،يەنى،  ماكان   چەكسىز  ئەمەس ، بەلكى،چەكلىك .      يېقىندا قاسىم سىدىق، قۇربانجان سەمەت، ئابلىمىت ھاكىم ھاجىم  قاتارلىق ئاپتورلار «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسىنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى ۋە ئىلمى پەرەزلىرىدىن  دوكلات» نى تەييارلىدى.     دوكلاتنىڭ  قىسقىچە مەزمۇنى مۇنداق:    1. فىزىكىلىق شەكىل    –   زۆرۈرى ئۇقۇم، بۇ ئۇقۇم قوبۇل قىلىنغان شەرت ئاستىدا تەبىئەت دۇنياسىنى تۆۋەندىكىچە تەسۋىرلەشكە  بولىدۇ.    2. ئالەم دەۋرىي بولىدۇ. بىز  بىر  قېتىملىق دەۋرىي ھەركەت مۇساپىسىنىڭ بىر يۆنىلىشىنىڭ مەركىزىدە  تۇرۇۋاتىمىز.    3. «ئالەم كۈنى» ۋە  «ئالەم ۋاقتى» ئۇقۇملىرى ۋە  تەشەببۇسى.    4. «ئېنىقسىزلىق پرىنسىپى»نى  «ئېنىقلىق پرىنسىپى»غا  ئايلاندۇرۇشقا  بولىدۇ.    5. «كۋانتلىق خۇسۇسىيەت»نى مىكرۇ  دۇنيادىن ماكرۇ  دۇنياغا  كېڭەيتىشكە  بولىدۇ.    6. «1:13 »   تەرتىپى.    7.يورۇقلۇق زەررىچىلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە. دولقۇنلۇق خۇسۇسىيەت فوتوننىڭ ھەركەت شەكلىدىن ئىبارەت.    8. ھەركەت   –    مۇئەييەن ماكاندا ھەم مەۋجۇد ئەمەسلىكتە ئىپادىلىنىدىغان ئىككى ياقلىمىلىق  رېئاللىق.    9. ئىلىكتىر-ماگىنىت  كۈچى بارلىق  تەبىئى كۈچلەرنىڭ  ماھىيىتى  ۋە ئاساسىدۇر.    10. نيۇتوننىڭ مۇتلەق ماكانى، شۇنداقلا ، مۇتلەق پايدىلىنىش سىستېمىسى مەۋجۇد.    11. «نىسبىيلىك قائىدىسى»  ۋە  «نىسبىيلىك پرىنسىپى»  فىزىكىلىق مەسىلە ئەمەس. بەلكى، پەلسەپە، بىلىش نەزەرىيىسى خاراكتېرلىك  مەسىلە.    12. فىزىكا  قانۇنلىرىنى «تۈپ قانۇن»لار  ۋە  «پەيىتلىك قانۇن»لار  دەپ تۈرلەرگە ئايرىشقا بولىدۇ.    13. ماددىي ئالەم چەكلىك ، ئومۇمى ئالەم  چەكسىز.    14. ماكاننىڭ خاراكتېرى ھەرىكەتنىڭ خاراكتېرىنى بەلگىلىمەيدۇ، ئەكسىچە ، ھەرىكەتنىڭ  خاراكتېرى ماكاننىڭ  خاراكتېرىنى بەلگىلەيدۇ.    15. «چوڭ  پارتىلاش ئالەم مودېلى» نى  قوللايمىز.    16. «زامان» سۇبيېكتىپ كاتېگورىيە، لېكىن ،زۆرۈر ئۇقۇم، «زامان» فىزىكىلىق رېئاللىق ئەمەس، پەلسەپىۋى  رېئاللىق.    17. مىركورىنىڭ  قۇياشقا  يىقىن نوقتىدا سىلجىشىنىڭ  كونكرىت تەسۋىرى.    18. «ئېغىش كۇچى» پەرىزى ۋە ئۇنىڭ «ئالەملىك تارتىش كۇچى»  ئىچىدە ئىگەللىگەن نىسبىتى.    19. ئالەملىك  ئومۇمى ھەركەت مىقدارىنى ھىسابلاب چىقىش ۋە تەقسىملەش ئۇسۇلى ئارقىلىق  پەرەز  قىلىنغان ئومۇمىي  ھەركەت مىقدارى.    20. «ھەقىقى مەنىدىكى ئاساسى زەررىچە "ئېيىن" »نىڭ مەۋجۇتلىگى ۋە خۇسۇسيەتلىرى ھەققىدىكى پەرەز .    21. «نىيۇتۇن نوقتىسى»  ئۇقۇمى  ۋە  ئۇنىڭ رىئال ئەھمىيىتى.    22. ئۆزىنى مەركەز  قىلىشقا  ئىنتىلىش پۈتكۇل ماددى دۇنيانىڭ  تۈپ خاراكتىرىدۇر.    23. ھەركەت ئەگرى بولىدۇ. تەبىئەت دۇنياسىىدا مۇتلەق مەنىدىكى «تۈز سىزىقلىق ھەركەت»  مەۋجۇت ئەمەس.    24. تەبىئەت دۇنياسىنى «نوقتا گىئومىتىريىسى» ئارقىلىق تېخىمۇ ئۇنۇملۇك تەسۋىرلىگىلى بولىدۇ.  ئوبىكتىپ ھەركەت ئۇچ  ئۆلچەملىك  بولىدۇ.    25. باشقىلار     مېنىڭچە،  ماتېماتىكا  ۋە  فىزىكا  تىلى  بىلەن بايان قىلىنغان نىيۇتۇن ۋە ئېينىشتىيىن  قاتارلىق ئالىملارنىڭ  نەزەرىيىلىرىگە ئوخشاش، تەتقىقات ئوبيېكتى ۋە مەقسىدى مىكرو  دۇنيادىن تارتىپ كائىناتنىڭ  بىر پۈتۈن مەنزىرىسىنى سۈرەتلەشكە  چېتىلىدىغان بۇ  يىگانە  ئەسەردە  ھازىرچە  مىقدارلىق ئانالىز  ۋە  ئالاقىدار تەجرىبە   –    كۆزىتىش نەتىجىلىرى كەمچىل بولغاچقا ، ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئېنىقلىما  ۋە ئاكسىيۇمىلاردا  يوشۇرۇنغان  زىددىيەتلەر  مەۋجۇد  .     مەن  بۇ  تېمىغا  مۇناسىۋەتلىك كەسىپ  ئەھلى بولمىغاچقا ، تېمىغا  بولغان قىزىقىشىم سەۋەپلىك ئاددى ۋە يۈزەكى چۈشەنچەمنى تورداشلارنىڭ  ھوزۇرىغا  مۇنازىرە  سۈپىتىدە  سۇنۇپ  باققۇم  كەلدى  .    «فىزىكىلىك شەكىل نەزەرىيىسى»    –    ساقلىنىش قانۇنلىرى ؛  كۋانت نەزەرىيىسى ؛  ئېينىشتېيننىڭ چەكلىك چېگرىسىز  ئالەم  مودېلى ؛  ئېلېكتر- ماگنىت مەيدان ئىدىيىلىرى ۋە تەجرىبە فىزىكىسىنىڭ پۈتكۈل نەتىجىلىرى ئۈستىدە  قارار تاپقان . بۇ نەزەرىيىدىكى ئەڭ ئاساسىي ئۇقۇم "فىزىكىلىك شەكىل"  ئۇقۇمىنى  قاسىم  سىدىق ئېيىتقان "يوقلۇق" ،  "بوشلۇق "  ۋە  "ماددا " ئالىمىگە  تامامەن تەدبىقلاشقا  بولىدۇ، دەپ قارايمەن،  شۇنداقلا ،  "يوقلۇق" ،  "بوشلۇق "  ۋە  "ماددا " ئالىمى دېگەن تېرمىننى "يوقلۇق" ،  "بوشلۇق "  ۋە  "ماددا " قاتلىمى دەپ ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ يەردىكى مەسىلە پەقەت لوگىكىلىك ئىپادىلەش ئۇسۇلىدىكى كىچىككىنە سەھۋەن بولۇپ، ئۇنىڭ «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى» تەتقىقاتىدىكى تەسىرىنى چوڭ دەپ كېتىشكە بولمايدۇ  .    مەن «ھەر بىر  پەن ئۆزىنىڭ  پەلسەپەسىنى تېپىۋىلىشى كېرەك» دېگەن ماقالەمدە : «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى» ئىنسانىيەتكە تەئەللۇق بەكمۇ  چوڭ  تېما  بولغاچقا ،  ئۇنىڭ  ئىدىيىسىنى چۈشىنىشنىڭ ئۆزى بىر  ئۇزۇن جەريان ، دەپ يازغان ئىدىم. بۇ يەردە مەن چۈشىنىۋالغان "يوقلۇق"  ئالىمىنىڭ   "چېكى"  ئىنسانىيەتنىڭ  تەپەككۈرىدىن ھالقىغان ، "شەكلى"  تەجرىبە  ئارقىلىق ئىسپاتلاش مۈمكىن  بولمىغان ، ئۆز  ئۆزىدىن  يوق  ئىكەنلىكى مەلۇم بولۇپ تۇرغان  ئۇقۇم . شۇڭا، كوسمۇلوگىيەگە "يوقلۇق"  ئۇقۇمىنى ئېلىپ كىرىشنىڭ  قىلچە ئەھمىيىتى يوق، ئىنسانىيەت ئۈچۈن  بۇ ئۇقۇمنىڭ ئىستىمال قىممىتىمۇ  يوق ، دەپ قارايمەن. لېكىن، ئۇستاز  قاسىم  سىدىق ئوتتۇرىغا  قويغان "يوقلۇق" مەن دەۋاتقان "يوقلۇق"نىڭ ئۆزى بولماستىن، بەلكى، ھەركەت قىلىۋاتقان جىسىمنىڭ ئۆزى بېسىپ ئۆتىۋاتقان ماكاندا ئۆزى سۈپىتىدە مەۋجۇد  بولىدىغانلىقىنى ، بېسىپ ئۆتۈپ بولغان ماكاندا ياكى تېخى يېتىپ بارمىغان  ماكاندا  مەۋجۇد  بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدىغان  تېرمىن بولسا  كېرەك.  قاسىم سىدىق : " ھەركەت   –    مۇئەييەن ماكاندا  ھەم  مەۋجۇد  ئەمەسلىكتە ئىپادىلىنىدىغان ئىككى ياقلىمىلىق  رېئاللىق" دەيدۇ . شۇڭا، "يوقلۇق"  ئۇقۇمى پەقەت ئىككى مەنبەلىك ئالەمنى تەتقىق قىلىشتا پايدىلىنىدىغان  تېرمىن بولۇشى مۈمكىن..    ھەممىمىزگە مەلۇم ، ئىنسانىيەت  ئالەمدىكى  سەييارىلەرنىڭ  ماسسىسىنى تېپىپ چىقتى ، شۇڭا، لوگىكىلىك  تەپەككۈر  نوقتىسىدىن ئېيىتقاندا ، ئالەمنى چەكلىك  دەپ قاراشقا  تامامەن  بولىدۇ . بۇ  يەردە  مۇتلەق  چەكلىك  ياكى نىسبى چەكلىك دېگەن تېرمىننى ئىشلىتىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق.    بىز  دائىم  ئالەم  ئۈزلۈكسىز  كېڭىيىۋاتىدۇ  دەيمىز،  بۇ  يەردە  كېڭىيىۋاتقىنى فىزىكىلىك شەكىلگە ئېگە ماددىنىڭ  ئۆزى بولۇپ، ماددا ئەڭ  ئاخىرقى چېكىگە يەتكىچە  پارچىلىنىپ  چەكلىك بوشلۇقنى ئېگەللەپ بارىدۇ . «چوڭ  پارتىلاش ئالەم مودېلى» بۇ  نەتىجىنى ئىسپاتلايدىغان ئۆزگىچە  بىر  قورال .     «فىزىكىلىك شەكىل نەزەرىيىسى»دىكى  1- ئېنىقلىما : "فىزىكىلىك شەكىل   –     مۇئەييەن گېئومېتىرىيىلىك  ۋە  ئوپتىكىلىق  ھالەت " .    بەزىلەر  ئالەمدە  مۇئەييەن  گېئومېتىرىيىلىك  ۋە  ئوپتىكىلىق ھالەتگە  ئېگە  بولمىغان ھەقىقىي بوشلۇق مەۋجۇد ، شۇڭا ، 1- ئېنىقلىمىنى ھەقىقىي بوشلۇققا  تەدبىقلاشقا  بولمايدۇ .  مەسىلەن،  ماددى ئالەمنىڭ ئۆزىدە  بار  بولغان ھاۋادىن "بىر  ساندۇق" ھاۋانى ئايرىپ ئېلىپ ، مەلۇم بىر  ئىلغار ئەسۋاب  ئارقىلىق ساندۇقتىكى  ئوكسىگىن ، كاربۇن تۆت ئوكسىدى ، ئازۇت گازى،  ئاز  ئۇچرايدىغان گازلار..نى  پاكىز  سۈمۈرۈۋالساق ، ئېشىپ قالغىنى ساندۇقنىڭ ئىچى   –    ھەقىقىي بوشلۇق بولىدۇ .  ھەقىقىي بوشلۇق دەل يوقلۇقنىڭ ئۆزى، يوق نەرسە  مۇئەييەن گېئومېتىرىيىلىك  ۋە  ئوپتىكىلىق ھالەتكە  ئېگە بولمايدۇ . بۇ خىل ھالەت  ئاتموسفىرا  قاتلىمىنىڭ سىرتىدىكى بوشلۇق  ۋە  ئۇنىڭدىنمۇ  يىراق  يوقلۇق ئالىمىدە  تېخىمۇ  شۇنداق  بولىدۇ ،  ۋاھاكازا .     بۇ يەردىكى مەسىلە ھەقىقىي بوشلۇقنىڭ دەل يوقلۇقنىڭ ئۆزى ياكى ئۆزى ئەمەسلىكى ئىكەنلىكىدە . مېنىڭچە، ساندۇقنىڭ ئىچى قۇرۇقدالغاندىن كېيىن ئېشىپ قالغىنى يوقلۇق بولماي،بەلكى،  ھەقىقىي بوشلۇق. ساندۇقنىڭ شەكلىنى  تۆت چاسا دەپ پەرەز  قىلساق، قۇرۇقدالغان ساندۇقنىڭ ئىچىدە تۆت چاسا بوشلۇق قالدى، ئۇ  مۇئەييەن گېئومىتىرىيەلىك ۋە ئوپتىكىلىك ھالەتنى ساقلاپ قالدى. دېمەك ، 1- ئېنىقلىمىنى ماددا قاتلىمى ۋە  ھەقىقىي بوشلۇققا  تەدبىقلاشقا  تامامەن  بولىدۇ.    قاسىم سىدىق: «بوشلۇق نەزەرىيىسىنىڭ  تۈپ ئىدىيىسى ۋە ئاساسلىرى» دېگەن ئىلمىي ئەسىرىدە  مۇنداق تۈپ ئىدىيەنى ئوتتۇرىغا قويغان : « ئالەم نوقۇل ماددىي ئالەم ئەمەس، بەلكى ماددىي بولمىغان "يوقلۇق" قاتلىمىغا  ئىگە بىر پۈتۈن ئالەم. ماددىي ئالەم چەكلىك ، ئومۇمىي ئالەم چەكسىز . "يوقلۇق" ھەرىكەت ۋە  زاماندىن خالىي قاتلام . "يوقلۇق" ماددىي ئالەمنىڭ ئىچكى قىسمىدىنمۇ  ئورۇن ئالغان بولىدۇ.  ماددىنىڭ گېئومېتىرىيىلىك  مىقدارى تۇراقلىق  بولىدۇ. ئىككى قاتلاملىق ماددا- بوشلۇق ئالىمىنىڭ  سىرتىدا  ئۈچىنچى  قاتلام "يوقلۇق"  قاتلىمى مەۋجۇت».    يۇقۇرىدىكى "يوقلۇق"  ماددىي ئالەمنىڭ  ئىچكى قىسمىدىنمۇ  ئورۇن ئالغان بولىدۇ ، دېگەن مەزمۇندىكى "يوقلۇق"نىڭ  ئورنىغا "بوشلۇق"نى  دەسسەتسەكلا مەسىلە  ئايدىڭلىشىدۇ. يەنى، ساندۇقنىڭ ئىچىدىكى "يوق"لۇق  دەل  ماددىي ئالەمنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى "بوش"لۇق ، ئۇنىڭ شەكلى ۋە  چېكى بار .  بۇ  يەردە  يەنە "ئېفىرنىڭ  مەۋجۇدلۇقىنى پەرەز  قىلىشقا  بولىدۇ"، خالاس .      قاسىم سىدىق يوقلۇققا  ئېنىقلىما بېرىپ : « "يوقلۇق"    –    شەكىلسىزلىك  ۋە چەكسىزلىك  سۈپىتىدىكى  مەۋجۇدلۇق» دەيدۇ . بۇ ئېنىقلىمىدىكى "شەكىلسىزلىك  ۋە  چەكسىزلىك" ئۇقۇمى يەنىلا   لوگىكىلىك  پەرەز  بولۇپ ، "مەۋجۇدلۇق"   –    ئىككى قاتلاملىق ئالەمنى تەشكىل قىلىدىغان ئاساسى شەرت.  تۆت چاسا  ساندۇق  شەكىلگە ئېگە، ساندۇقنىڭ ئىچى چەكلىك، شۇڭا،  "يوقلۇق"نى    –    شەكىلگە  ئېگە  چەكلىك  بوش  مەۋجۇدلۇق دىيىشكىمۇ  بولىدۇ .      قاسىم سىدىق: «ساختا  "چەكسىزلىك"  ۋە  ھەقىقىي "چەكسىزلىك» دېگەن ئىلمىي ئەسىرىدە  چەكلىكلىك  ۋە  چەكسىزلىككە  مۇنداق  ئېنىقلىما  بېرىدۇ :    «"چەكسىزلىك"   –    پايانسىز ، مىقدارسىز ، تەڭداشسىز  ۋە  باش-ئاخىرى  بولمىغان مەۋجۇدلۇق.     "چەكلىكلىك"   –    پايانى، مىقدارى، شەكلى، باش-ئاخىرى بولغان، شۇنداقلا ، تۇيۇق بولغان مەۋجۇدلۇق».    دېمەك، بۇ  يەردە  "مەۋجۇدلۇق"  ئۇقۇمى  ئىككى  قېتىم  مەۋجۇد.    قاسىم سىدىق : «"يوقلۇق" ۋە  ئالەمنى بىلىش مەسىلىسى»  دېگەن ئىلمىي  ئەسىرىدە  مۇنداق دەيدۇ :   «   ماسسا   –    ئېنېرگىيە ساقلىنىش قانۇنى، ھەرىكەت مىقدارىنىڭ ساقلىنىش قانۇنى قاتارلىقلار ماددا ۋە ئۇنىڭ  ھەرىكىتىنى تۇراقلىق سانغا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. ئەگەر ماددا چەكسىز دېيىلىدىكەن فىزىكا شۇنداقلا  مۇناسىۋەتلىك باشقا  پەنلەر  يۇقىرىقى قانۇنلاردىن  ۋاز  كېچىشى كېرەك" .  "ماددا ۋە بوشلۇقتىن ئىبارەت ئىككى قاتلاملىق ئالەمنىڭ چەكلىكلىكى نۆۋەتتىكى ئالەمشۇناسلىقتا يىڭى ئىدىيە، شۇنداقلا ، نوپۇزلۇق ئىدىيە بولۇپ قالدى. ھازىرقى زامان ئالەمشۇناسلىقى  تەسەۋۋۇرىدىكى ئىككى قاتلاملىق ئالەم گېئومېتىرىيىلىك   ئالەم" .   "جىسىم ماددا  ۋە بوشلۇقتىن تۈزۈلىدۇ . يوقلۇققا  قاراپ كېڭىيىدۇ " .  "يوقلۇق- چەكسىزلىك  ۋە  شەكىلسىزلىك سۈپىتىدىكى بارلىق"دەيدىغان بۇنداق ئىدىيىنى ھازىرقى زامان ئىلىم-پەن مۇھىتىدىن قارىغاندا  بىر  مۇقەررەرلىك  دېيىشكە  بولىدۇ».    مېنىڭچە، يۇقۇرىدا  قەيت قىلىنغان « "جىسىم ماددا  ۋە بوشلۇقتىن تۈزۈلىدۇ . يوقلۇققا  قاراپ كېڭىيىدۇ " . "يوقلۇق- چەكسىزلىك  ۋە  شەكىلسىزلىك سۈپىتىدىكى بارلىق"دەيدىغان بۇنداق ئىدىيىنى ھازىرقى زامان ئىلىم-پەن مۇھىتىدىن قارىغاندا  بىر  مۇقەررەرلىك  دېيىشكە  بولىدۇ » لاردىن  باشقا  يارقىن نوقتىلارنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش  كېرەك .مېنىڭچە، "جىسىم ماددا  ۋە بوشلۇقتىن تۈزۈلىدۇ . يوقلۇققا  قاراپ كېڭىيىدۇ " ئەمەس، جىسىم  ماددا ۋە بوشلۇقتىن  تۈزۈلىدۇ ، بوشلۇققا  قاراپ  كېڭىيىدۇ ، دېسەك  مۇۋاپىقراق  بولىدۇ . يەنە بىرى : "يوقلۇق- چەكسىزلىك  ۋە  شەكىلسىزلىك سۈپىتىدىكى بارلىق"دەيدىغان بۇنداق ئىدىيىنى ھازىرقى زامان ئىلىم-پەن  مۇھىتىدىن تاپقىلى بولمايدۇ  . ئەمىسە ئالەم  قانداق پەيدا  بولغان ؟     ئۇستاز قاسىم سىدىق بۇ مەسىلىدىمۇ ئەتراپلىق ئىزدەنگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ :« "يوقلۇق" ۋە  ئالەمنى بىلىش مەسىلىسى» ناملىق ئەسىرىدە : «"ئالەم يوقلۇقتىن پەيدا بولىدۇ" ، "يوقلۇق  ئەسلى زات (سۇبستانسىيە)" دەيدىغان بۇنداق ئىدىيىنى پەقەت  قەدىمكى زامان ئىدىيە  خەزىنىسىگە خاس ئاسارە   –    ئەتىقە دەپ قاراشقا بولمايدۇ . لاۋزى قاتارلىقلار ياشىغان ۋاقىتتىن ئالاھەزەل  2500 يىل كىيىن، يەنى، 1980 -يىلى ئامېرىكا  فىزىكا  ئالىمى    H  .   A    گوت   قاتارلىق كىشىلەرمۇ  "ئالەمدىكى بارلىق  ماددا ۋە  ئېنېرگىيە... يوقلۇقتىن كېلىپ چىقىشى مۇمكىن" (1) دەپ يازىدۇ » دەيدۇ.    «فىزىكىلىك شەكىل نەزەرىيىسى» دە : « "فىزىكىلىك شەكىل"نى  ماكرو  ۋە مىكرو دۇنيانىڭ ھەرقانداق  ھالەتتىكى رېئاللىقىدىن تاپقىلى بولىدۇ» . «بىۋاسىتە  ۋە  ۋاسىتىلىك  كۆزىتىلگەن پۈتكۈل ماددىي دۇنيا  فىزىكىلىك  شەكىلگە  ئىگە» . «فىزىكىلىك  شەكىلدىن مۇستەسنا  ھەرىكەتنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ» . «فىزىكىلىك شەكىلدىن مۇستەسنا تەبىئەت  دۇنياسىنى بىلىش تارىخىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ » . «"فىزىكىلىك شەكىل" دىن مۇستەسنا  تەجرىبە  فىزىكىسىنى تەسەۋۋۇر  قىلغىلى  بولمايدۇ ، "فىزىكىلىك شەكىل" ئالدى  بىلەن فىزىكىلىك  رېئاللىق» قاتارلىق  لوگىكىلىك ئىسپاتلار  بار . مېنىڭچە، بۇ خىل ئىلمىي قاراشلارنى مۇئەييەنلەشتۈۈشكە  بولىدۇ.       «فىزىكىلىك شەكىل نەزەرىيىسى»دىكى 2    –    ئېنىقلىما : "ئارقا كۆرۈنۈش"    –    مۇئەييەن  فىزىكىلىك  شەكىلنى ئۆز  قوينىغا  ئالغان ماكان.             «فىزىكىلىك شەكىل نەزەرىيىسى»دىكى  3-ئاكسىئوما:  ھەر قانداق فىزىكىلىك شەكىل مۇئەييەن ئارقا  كۆرۈنۈش ئىچىدىلا ئىپادىلىنىدۇ ، ئارقا  كۆرۈنۈشكە  ئىگە  بولمىغان  فىزىكىلىك  شەكىل مەۋجۇد  ئەمەس.       بىز يۇقۇرىدىكى  ئېنىقلىما  ۋە  ئاكسىئومىغا  ئاساسەن، شەكىلسىزلىك  ۋە چەكسىزلىك  سۈپىتىدىكى "يوقلۇق"نى  ماددىي ئالەمنىڭ  ئارقا  كۆرۈنۈشى دېمەي، شەكىلگە  ۋە چەككە ئېگە "بوشلۇق"نى  ماددىي ئالەمنىڭ  ئارقا  كۆرۈنۈشى دىيەلەيمىز  . لوگىكىلىك  شەكىلگە  ئېگە قاتلامنى  "يوقلۇق" دېمەي "بوشلۇق" دەپ ئېلىشقا  ھەقلىقمىز . بۇ  نوقتىدا "ئاق  قەغەز  مودىلى"نى قوللايمىز، ئەلۋەتتە .    قاسىم سىدىق:  « زامان - سۇبيېكتىپ كاتېگورىيە، لېكىن ، زۆرۈر ئۇقۇم،  زامان- فىزىكىلىق رېئاللىق ئەمەس، پەلسەپىۋى رېئاللىق» دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ۋاقىتنىڭ ئۆزگىرىدىغانلىقىنى ئىنكار  قىلىدۇ . ئۆزگىرىدىغان نەرسىنىڭ باش- ئاخىرى بولىدۇ ، باش ئاخىرى بار  نەرسىنىڭ چېكى ھەم شەكلى بولىدۇ. بۇ چاغدا زامان فىزىكىلىق رېئاللىق بولىدۇ-دە، سۇبيېكتىپ كاتېگورىيە بولماي  قالىدۇ.    دەل موشۇ  مەسىلىدە ،  ئالىملار  ئوخشاش ئىككى سائەتنىڭ بىرىنى يەر شارىدا قالدۇرۇپ ، يەنە بىرىنى راكىتا  ئارقىلىق  ھاۋا بوشلۇقىغا  قويۇپ  بەرگەندىن كېيىن ، يەر شارىدىكى سائەتنىڭ راكىتادىكى سائەتكە قارىغاندا تېز ماڭغانلىقىنى ئىسپاتلىغان . شۇنىڭ بىلەن  ئالىملار ۋاقىتنىڭ ئۆزگىرىدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئالەم "چوڭ  پارتىلاش"نى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن دەقىقىنى ۋاقىتنىڭ باشلىنىش نوقتىسى، ھازىرقى دەقىقىلەرنى ئۈزلۈكسىز  داۋاملىشىۋاتقان ۋاقىتنىڭ ئاخىرقى نوقتىسى، شۇڭا، ۋاقىتنىڭ چېكى بولىدۇ ، دەپ قارىغان . مېنىڭچە ، سائەت جىسىم بولۇش سۈپىتى بىلەن يەر  شارىنىڭ تارتىش كۈچىدە  بىرخىل سۈرئەتتە،  باشقا سەييارىلەرنىڭ  تارتىش كۈچىدە  يەنە بىر خىل سۈرئەتتە تېزلىك ئېلىشى مۈمكىن . شۇڭا، ۋاقىت   –    باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىش نوقتىسى بار، ئەمما ، ئوخشىمىغان مۇھىتتا  ئوخشىمىغان تېزلىنىش ئالىدىغان خۇسۇسىيىتىمۇ  بار  فىزىكىلىق رېئاللىق، دېسەك خاتالاشمايمىز .    قاسىم سىدىق : "سەييارىلەرنىڭ دەۋرى ھەركەتلىرىنىڭ رىتىمى ئوخشاش بولمايدۇ. شۇڭا ئوخشاش بولمىغان سەييارلەردە ئۆزىگە خاس ۋاقىت بىرلىكى تۇرغۇزۇشقا بولىدۇ  ھەم شۇ ۋاقىت بىرلىكلىرىنى ئۆلچەيدىغان خاس سائەتلەرنى ياساپ چىقىشقا بولىدۇ. ئۆزگىرىش "زامان" نى ئەمەس، بەلكى ھەرىكەتنى شەرت  قىلىدۇ " دەيدۇ . مەسىلەن، ئالەم سائىتى، قۇياش سائىتى ، يەر شارى سائىتى،ۋېنىرا سائىتى ، تېزلىك-مۇساپە سائىتى...قاتارلىقلار .    قاسىم سىدىق : " ئالەم دەۋرىي بولىدۇ ، بىز  بىر  قېتىملىق  دەۋرىي  ھەركەت مۇساپىسىنىڭ  بىر  يۆنىلىشىنىڭ  مەركىزىدە  تۇرۇۋاتىمىز" دەيدۇ . بۇ  بەلكىم، ئالەمنىڭ  كېڭىيىشى ۋە تارىيىشىدىن ئىبارەت  قايتىلىما  دەۋرىي  ھەركەت  مۇساپىسىگە   قارىتا  ئېيتىلغان سۆز  بولۇشى مۈمكىن.    قاسىم سىدىق : "ماكاننىڭ خاراكتېرى ھەرىكەتنىڭ خاراكتېرىنى بەلگىلىمەيدۇ ، ئەكسىچە ، ھەرىكەتنىڭ  خاراكتېرى ماكاننىڭ  خاراكتېرىنى بەلگىلەيدۇ..." دېگەن قارىشىنى  ئوتتۇرىغا  قويىدۇ.    ئىنچىكە مەسىلە شۇكى، يەر شارىدىكى سائەتنىڭ ھەركىتى بىلەن راكىتادىكى سائەتنىڭ ھەركىتىنى ،يەنى ئوخشىمىغان تېزلىك ئېلىشىنى ماكان  بەلگىلەپ  قويدىمۇ ياكى باشقا سەۋەپ بارمۇ؟  . يەنە بىر مەسىلە شۇكى، يەر شارىنىڭ قۇياشنى مەركەز  قىلىپ ئوربىتا  بويلىما  ھەركەت قىلىشى بىر خىل  قانۇنىيەتلىك  ھادىسە بولۇپ، ئۇنىڭ تەقلىدى گئومىتىرىيىلىك ئوبرازىنى ئىللىپىس شەكلىدە دەپ پەرەز قىلىشقا بولىدۇ.  قۇياشنى تۇرغۇن  ھالەتتە  دەپ پەرەز  قىلغاندا يەر شارى قۇياش مەركىزىگە يىراق نوقتىدا ئايلىنىپ كېتىۋاتقاندا تېزلىنىش ئالىدۇ  ياكى تېزلىكىنى ئاستىلىتىدۇ.  قۇياش مەركىزىگە يىقىن نوقتىغا يېتىپ كەلگەندىمۇ ئوخشاشلا تېزلىنىش ئالىدۇ ياكى تېزلىكىنى ئاستىلىتىدۇ . قانۇنىيەت شۇكى، مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچى، تارتىش كۈچى ۋە تېزلىك ئوز ئارا  ئوڭ تاناسىپلىق مۇناسىۋەت تۈزىدۇ . باشقا سەييارىلەرنىڭ قۇياشنى مەركەز  قىلىپ ئوربىتا  بويلىما ھەركەت قىلىشىمۇ بىر خىل قانۇنىيەتلىك ھادىسە، يەنى، "سەييارىلەرنىڭ دەۋرى ھەركەتلىرىنىڭ رىتىمى ئوخشاش بولمايدۇ" ، بارلىق سەييارىلەر ئۆزى تەۋە بولغان رېلىستا ماڭىدۇ، لېكىن، ئالەمنىڭ دەۋرىيلىكى ، يەنى كېڭىيىشى ياكى تارىيىشى نوقتىسىدىن ئېيىتقاندا ، بۇ رېلىس يەر شارىدىكى پويىزنىڭ رېلىسىغا ئوخشىمايدۇ، بەلكى، ئۇ ماس نىسبەتتە كېڭىيەلەيدۇ ھەم تارىيالايدۇ.  بارلىق سەييارىلەرگە نېسبەتەن قانۇنىيەت شۇكى، مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچى، تارتىش كۈچى ۋە تېزلىك ئوز ئارا  ئوڭ  تاناسىپلىق مۇناسىۋەت  تۈزىدۇ .  بۇ يەردە  ئېينىشتېيننىڭ "ماكان ئەگرى" نەزەرىيىسىمۇ  كۈچكە ئېگە بولىدۇ ، نىيوتوننىڭ  "ماكان ئەگرى" نەزەرىيىسىمۇ  كۈچكە  ئېگە بولىدۇ ، كۋانت نەزەرىيىسىمۇ كۈچكە ئېگە بولىدۇ ، قاسىم سىدىقنىڭ "ھەركەت ئەگرى"  نەزەرىيىسىمۇ  كۈچكە  ئېگە  بولىۋىرىدۇ .      نىيوتوننىڭ  "ماكان ئەگرى"  تەلىماتى تەبىئەت دۇنياسى ۋە  ئالەمدىكى ھەممە شەيئىگە شەكىل ئاتا  قىلىدۇ.  مەسىلەن، كۆلنىڭ  شەكلى بار، كۆل ئىچىدىكى سۇ رايىنىڭ شەكلى كۆل تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ ،  كۆل ئىچىدىكى سۇ  ھەركىتىنىڭ خارەكتىرى كۆلدىن ئىبارەت بۇ  ماكان تەرىپىدىن  بەلگىلىنىدۇ ؛ ئوخشاشلا  ئېقىن سۇلارنىڭ   ھەركەت خارەكتىرىمۇ ئۆزى مەنسۇپ بولغان ماكان تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. ھاۋا بوشلۇقىدا ئۇچىۋاتقان ئايروپىلان، رېلىس ئۈستىدىكى پويىز ، يەر  يۈزىدىكى ئاپتوموبىل ، ۋىلسىپىت  قاتارلىق شوپۇرلۇق قاتناش قوراللىرىنىڭ ھەركەت خارەكتىرى بولسا  ئىككى ياقلىمىلىق بولىدۇ . مۇتلەق ماكان نوقتىسىدىن ئېيىتقاندا ، ئۇلارنىڭ ھەركىتىنى يەنىلا ماكان بەلگىلەيدۇ؛ نىسبى جەھەتتىن ئۇلارنىڭ ھەركىتىنى ئاڭلىق ئىنساننىڭ ئىختىيارى، مەقسىدى بەلگىلەيدۇ    –   بۇ ئىككىسى باشقا- باشقا گەپ.  ئايروپىلاننىڭ ئېگىز-پەس ئۇچۇشى ، پويىزنىڭ  رېلىسىتا  مېڭىشى،  ئاپتوموبىل ۋە ئادەمگە ئوخشاش  شەيئىلەرنىڭ ھەركىتى ، ھەتتا،  ھاۋادىكى قۇش، دېڭىز    –   ئوكيانلاردىكى بېلىقلارمۇ  مۇتلەق ماكاننىڭ ئەگرىلىكىدىن ئىبارەت مۇھىت چەكلىمىسىدىن چىقىپ كەتمەيدۇ .    مەن يۇقۇرىقىدەك مەزمۇنلارنى چوقۇم شۇنداق بولىدۇ  دەپ ھۆكۈم قىلمايمەن، پەقەت ئاددى چۈشەنچەمنى ئوتتۇرىغا قويىمەن . ئەينى ۋاقىتتا ئالەمگە تەبىر بەرگەندە ئېينىشتىيىن: "بۇ ئالەم    –   بىر مەنبەلىك ئالەم" دېسە، نىيوتون "ئىككى مەنبەلىك ئالەم" دەپ ھۆكۈم قىلغان ئىدى.  كۋانت نەزەرىيىسى ئالەمنى ئۈزۈلمىلىك ھالەتتە  دەپ  قاراپ  نىيوتوننىڭ "ئىككى مەنبەلىك ئالەم" تەلىماتىنى قوللىغان ئىدى. ئۇستاز قاسىم سىدىق يۇقۇرىقىدەك ھازىرغىچە ھەل بولماي كېلىۋاتقان چىگىش مەسىلىلەرنى بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ئاساستا تەتقىق قىلىپ "يوقلۇق" ،  "فىزىكىلىك شەكىل" ، "نوقتا گېئومىتىرىيىسى" ، "ئاق قەغەز مودىلى" قاتارلىق ئۇقۇملارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئالەمنىڭ ئىككى مەنبەلىك ئالەم ئىكەنلىكىنى دەلىللەشكە تىرىشتى.  بىز تۆۋەندىكىدەك  تېئورىمىلارنىڭ  لوگىكىلىق ئىپادىلىنىش قۇدرىتىدىنلا  ئۇستاز قاسىم سىدىقنىڭ  نېمە دەۋاتقانلىقىنى ،  « فىزىكىلىك  شەكىل نەزەرىيىسى »دىن ئىبارەت بۇ  يىگانە ئەسەرگە چوڭقۇر  پەلسەپەۋى ھېكمەتنىڭ  يوشۇرۇنغانلىقىنى كۆرۈپ ئالالايمىز.    قاسىم سىدىق : « فىزىكىلىك  شەكىل نەزەرىيىسى»نىڭ  "ھەرىكەت شەكلى"  سەرلەۋھەلىك  قىسمىدا  ھەركەتكە  تۆۋەندىكىدەك  مەزمۇن  بېرىدۇ :    25-تېئورېما : مەيلى تارتىش كۈچى مەيدانى ياكى غەيرىي تارتىش كۈچى "مەيدانى" بولسۇن  ھەرىكەتنىڭ  خۇسۇسى خاراكتېرى ھامان  ئەگرى بولىدۇ .    26-  تېئورېما: ھەرىكەت مۇتلەق تۈز  بولىدۇ دەپ قارالسا جىسىملارنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى پەرەز قىلغىلى بولمايدۇ.       27- تېئورېما: ھەرىكەت  مۇتلەق تۈز  بولىدۇ  دەپ قارالسا، ئىككى مەنبەلىك ئالەمنىڭ ھەر قانداق پەيتتىكى ئەگرىلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ.      28- تېئورېما: ماكاننىڭ ئەگرىلىكى ھەرىكەتنىڭ ئەگرىلىكىنى بەلگىلىمەيدۇ، ئەكسىچە ھەرىكەتنىڭ  ئەگرىلىكى ماكاننىڭ  ئەگرىلىكىنى  بەلگىلەيدۇ.      29- تېئورېما: زەررىچە ياكى جىسىملار سىزىقلىق ھەرىكەت جەريانىدا ئۆز ئىسبىن يۆنىلىشى تەرەپكە ئاغىدۇ.      30- تېئورېما: ئەگرى سىزىقنىڭ  ئەڭ قىسقا سىزىقى تۈز سىزىقتىن ئىبارەت.      31- تېئورېما : تۈز سىزىقنىڭ ئەڭ كىچىك بۆلىكى ئەگرى (نۇقتا) بولىدۇ.      32- تېئورېما : تەبىئەت دۇنياسىدا مىكروسپىيىلىك نۇقتىدىن كۆزەتكەندە "نۇقتا" لا مەۋجۇدكى، سىزىق مەۋجۇد  ئەمەس.      دېمەك ، يۇقۇرىقى تېئورىمىلاردىن ھەركەت بىلەن ماكاننىڭ ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئەگرىلىكىنى چۈشىنىش قىيىن ئەمەس. ناۋادا سەييارىلەرنىڭ ھەركىتى ئەگرى بولماي، تۈز  بولسا ئۇ چاغدا قۇياشتىن ئىبارەت غايەت  زور  ماكانغا  يېقىنلاشقان سەييارىلەر  تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىدە ئېگىلىشى كېرەكمۇ ئەمەسمۇ ؟ ئەگەر  ئېگىلىدۇ  دېيىلسە  ھەركەتنىڭ خارەكتىرى ماكان تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن بولىدۇ ، ھەركەتنىڭ خارەكتىرى ماكان تەرىپىدىن بەلگىلەنمەي سەييارىلەر  تۈز  يۆنۈلۈشتە ھەركەت قىلسا  (ئۆز  ئىسپىن يۆنۈلۈشىگە  قاراپ  ئېغىش ئالاھىدىلىكىنى ھېساپقا ئالمىغان ئەھۋالدا)  قانداق ئاقىۋەت كېلىپ چىقار ؟  بۇنداق مەسىلىلەرگە جاۋاپ تېپىش  ھازىرچە قىيىن.      قاسىم سىدىقنىڭ : "ھەقىقىي مەنىدىكى ئاساسىي زەررىچىلەر جەزمەن مەۋجۇد" دېگەن قارىشى گەرچە تېخى ئىسپاتلانمىغان نەزىرىيە بولسىمۇ، بۇ نەزەرىيەگە ئىشەنمەسلىككە ئاساسىمىز  يوقتەك تۇرىدۇ. مېنىڭچىمۇ، ئالەمنى تۈزگۈچى ھەقىقىي مەنىدىكى ئاساسىي زەررىچىلەر  جەزمەن  مەۋجۇد.      ئاخىرىدا « فىزىكىلىك  شەكىل نەزەرىيىسى»نىڭ ئىلىم نوپۇزلۇقلىرى يىغىلىدىغان چوڭ مۇھاكىمە نوقتىلىرىدا  غەلىبە قىلىشى ئۈچۈن تەنقىد ئۆتكىلىدىن ئۆتۈشىنى، كەڭ تورداشلارنىڭ يۇقۇرىقىدەك  مەسىلىلەردە  كۆپرەك مۇلاھىزە  يۈرگۈزۈپ، ئۆز  قاراشلىرىنى دادىل ئوتتۇرىغا  قويۇپ بېقىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد  قىلىمەن .  دادىل ئوتتۇرىغا  قويۇلغان قاراشلار  ئۇستاز  قاسىم سىدىق ئۈچۈن  مەنىۋى  ياردەم  ھەم  قوللاش ھېسابلىنىدۇ .    ئۇستاز قاسىم سىدىقتىن كۈتىدىغان تەلەپ شۇكى، ئاۋال ئۆزىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا  كۆڭۈل بۆلسە ، ئاندىن تورداشلارنىڭ يۇقۇرىقىدەك باھا ۋە تەۋسىيەلىرىگە قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ شەرھى يازسا ، ئاخىرىدا ئۇزۇندىن بۇيان ئۆزى تەلپۈنىۋاتقان غايىنىڭ  ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن يەنىمۇ  تىرىشچانلىق كۆرسەتسە ، مەملىكىتىمىز ۋە چەتئەللەردىكى ئىلىم نوپۇزلۇقلىرى قاتارىدىن  ئورۇن ئېلىپ دۆلەت ۋە مىللەتكە شان    –   شەرەپ كەلتۈرسە .    تورداشلاردىن  كۈتىدىغان تەلەپ شۇكى، مەيلى سىز دوكتور ياكى ئالى مەكتەپ پۈتتۈرۈش ئالدىدىكى سىتۇدىنت بولۇڭ ، مەيلى ئىشچى    –   خىزمەتچى ياكى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى  ياكى ئوقۇغۇچىسى بولۇڭ ، مەيلى كىم بولۇشىڭىزدىن قەتئى نەزەر  تەبىئى پەن قىزغىنلىقىنى كۆتۈرۈشكە ئىشتىراكچى بولسىڭىزلا،  بۇ تېمىغا دېققەت نەزەرىڭىزنى ئاغدۇرۇڭ . « فىزىكىلىك  شەكىل نەزەرىيىسى»دىكى  يارقىن نوقتىلار سىزنىڭ دېسسىرتاتسىيە ياقلىشىڭىزغا ، ئىلمىي ماقالە  يېزىشىڭىزغا  ياردەم بېرىدۇ .         (ئىزاھ (1):   H  .   A   گوت،    P  . ستىنھازدىت    –    "كۆپۈۋاتقان ئالەم"،  "پەن"  ژۇرنىلى    1984-يىل  9-سان)               2009.يىل 6.ئاينىڭ 30.كۈنى    


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

ئەھمەدجان ئىكرام
ھەر بىر پەن ئۆزىنىڭ...
ھاۋا قاچىلاپ ماڭىد...
قاسىم سىدىق. فىزىكى...
قاسىم سىدىق تەنقىد ...
قاسىم سىدىق . فىزىك...
قۇربانجان سەمەت : «...
قاسىم سىدىق، قۇربا...
قاسىم سىدىق : ئالە...
قاسىم سىدىق ئېلېم...
قاسىم سىدىق: كەڭ ت...
زامانداشلىرىمغا ئو...
ئىلىم پەن ساھەسىدى...
"چوڭ پارتىلاش ئالەم...
قاسىم سىدىق ---"يوقل...
قاسىم سىدىق--《ئوبىك...
قاسىم سىدىق--ساختا ...
قاسىم سىدىق--ئالىم ...
قاسىم سىدىق. ئېينىش...
قاسىم سىدىق كوسمول...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

ئەھمەدجان ئىكرام
ھەر بىر پەن ئۆزىنىڭ پەلس...
ھاۋا قاچىلاپ ماڭىدىغان ...
قاسىم سىدىق. فىزىكىلىق ...
قاسىم سىدىق تەنقىد ۋە مۇ...
قاسىم سىدىق . فىزىكىلىق ...
قۇربانجان سەمەت : «فىزىك...
قاسىم سىدىق، قۇربانجان ...
قاسىم سىدىق : ئالەمنىڭ ...
قاسىم سىدىق ئېلېمېنتا...
ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912552897
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备07002316