بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : مەدەنىيىتىمىز >> تارىخمىز >> گومىنداڭنىڭ تۇرپاندىكى ئاق تېرورلىقى

گومىنداڭنىڭ تۇرپاندىكى ئاق تېرورلىقى

يوللانغان ۋاقتى : 2009-04-30 23:06:43    كۆرۈلۈش سانى : 910  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
گومىنداڭنىڭ تۇرپاندىكى ئاق تېرورلىقى بەكرى نۇر [align=justify]               1947 - يىلى گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى « 11 بېتىمنى » بۇزغانلىقى ئۈچۈن « 11 بېتىم » نى ھىمايە قىلىش شۇئارى ئاستىدا قوزغالغان تۇرپان، پىچان، توقسۇن دېھقانلار قوزغۇلۇڭى ئىيولنىڭ ئاخىرلىرى ئاساسىي جەھەتتىن بېسىلغانىدى. يۇقارقى ئۈچ ناھىيە قوزغۇلاڭچىلىرى بىر قانچە قېتىم قانلىق جەڭلەرنى قىلغاندىن كېيىن بىرقىسمى تۇرپان ناھىيسىنىڭ ھاكىمى ئابدۇراخمان مۇھىتىنىڭ باشچىلىقىدا ئالغۇي ئېغىزى،   يۇلتۇز ئارقىلىق ئۈچ ۋىلايەت تەرەپكە ئۆتۈپ كەتتى. بۇ چاغدا گومىنداڭنىڭ ئۈرۈمچى باش قوماندالىق شىتابى ئۈچ ناھىيەدە بىر مەيدان ئاق تىرورلۇق ھەركىتى يۈرگۈزدى. ھەمدە ھەربىي سېستىمىسىدىكى ئىشپىيون لى خۇڭيۈن باشچىلىقىدا پەۋقۇلئاددە ھەرىكەت دۈي تەشكىللەپ ئەنسا تۈەن (يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈش ئۆمىگى ) دېگەن نام بىلەن ئۇلارنى تۇرپانغا ئەۋەتتى. ئۈرۈمچى باش قوماندانلىق شىتاپ ھەربىي ئىشلار باشقارمىسى ھەركەتلىنىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى لى خۇڭيۈن 1947-يىلى 7- ئاينىڭ ئاخىرلىرى مەلۇم بىر كۈنى كېچىدە ئەنسا تۈەننى باشلاپ مەخپى ھالدا تۇرپانغا كېلىپ ئاۋغۇستىنىڭ ئاخىرلىرىغىچە بىر ئاي يوشۇرۇن ھەركەتلىنىپ ئىلغار ياشلارنى ئەشەددىلىك بىلەن قانلىق باستۇردى.          لى خۇڭيۈن شىنجاڭنىڭ ئاقسۇ شەھىرىدىن بولۇپ، ئەسلىدە خوڭباڭ باشلىقى بولغان، شىڭ شىسەي ھۆكۈمىرانلىق قىلغان دەۋرىدە ئالتاي ساقچى ئىدارىسىنىڭ جۈيجاڭى بولغان. 1945-يلى ئالتاي ساقچى ئەتىرتىنى باشلاپ ، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋى مىللىي ئارمىيىسىگە تاقابىل تورۇش ئۈچۈن بارغان. ئۇ بۇ خىزمىتى ئۈچۈن شىڭ شىسەي تەرىپىدىن   مېدال بىلەن تەقدىرلەنگەن.    1946-يىلى 4 - ئايدا گومىنداڭ مەركىزىي ئىشپىيونلۇق تەشكىلاتى - مەركىزىي ھەربىي ئىستاتىستىكا ئىدارىسى (قىسقارتىپ « جۈنتۇڭ » دېيىلدۇ.) خۇ گوچىڭنى شىنجاڭغا ئەۋەتىپ « توڭ جىچۇ »( ئىستاتىستىكا باشقارمىسى ) يەنە بىر ئىسمى ( چىڭ باۋچۇ < ئاخبارات باشقارمىسى > دەپمۇ ئاتىلدۇ.) نى قوردى. بۇ باشقارما شىنجاڭ گارنىزون باش قوماندانلىق شىتابى ھەربىي ئىشلار 2 - باشقارمىسى ئىدى. يەنى قىسقارتىلىپ « جۈنۋۇچۇ » دېيىلەتتى. بوندىن باشقا ئۈرۈمچىدە مەركەز ھەربىي ئىشلار ھەيئىتىنىڭ 1945-يىلى قورۇلغان « شىنجاڭ زەن » دېگەن بىر ئىشپىيونلۇق ئورگىنى بار ئىدى. مانا بۇ « جۈنۋۇچۇ »، « توڭ جىچۇ » لار شىنجاڭدىكى جۈنتۇڭ ( ھەربىي ئىستاتستىكا ) ئىشپىيونلۇق ئورگىنىڭ مۇھىم تەشكىلاتلىرى بولۇپ جوڭياڭ جۈنتوڭچۇدىن ( مەركىزى ھەربىي ئىستاتىستىكا ئىدارسى ) كەلگەن خۇ گوچىڭ بۇ ئىككى تەشكىلاتقا باشلىق ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا گومىنداڭنىڭ تۇرپاندا تورۇشلۇق 231 - لۈينىڭ لۈيجاڭى تەن زېمىننىڭ باشچىلىقىدىكى   ھەربىلەر ئىچىدىمۇ   بىر ئاخبارات توپلاش، ئىشپىيونلۇق تەشكىلاتى بار ئىدى. بۇ تەشكىلاتنى لۈينىڭ سىياسى بۆلۈمىدىكى چۇ دېچىڭ،   خەن گەيفۇلار باشقۇرغان بولۇپ. ئۇلار يەرلىك پوقرالار ئىچىدىن بىر قىسم لۈكچەك، سەرگەردان، قول - چۇماقچىلارنى ياللىۋېلىپ ئىشپىيونلۇق ھەركەتلىرىدە پايدىلانغان ئىدى. بۇ ياللانما قول چۇماقچى لۈكچەكلەر 231 -لۈي بەرگەن ئالاھىدە ھوقوققا تايىنىپ ئۇچۇق - ئاشكارە ھەركەتلىنىپ، كۈپ - كۈندۈزدىلا ئىلغار كىشىلەر ۋە ياشلارنى توسۇپ ئۇراتتى ۋە تۇتۇپ كېتەتتى. ئۆزلىرىگە بويسۇندۇرالمىغان كىشىلەرنى دەھشەتلىك ۋاستلار بىلەن قىيىن قىستاققا ئالاتتى . تۈرلۈك بەتناملارنى چاپلاپ ئارقا تېرىگى 231 -لۈيگە تاپشۇراتتى، بونىڭ بىلەن بۇ كىشىلەر ئۇ يەردىن ئاسانلىقچە تېرىك چىقالمايتى، ئىز دېرىكى يوقاپ كېتەتتى ياكى ئۈلىگى چىقاتتى. تۇرپاندا يەنە شۆ باڭسەي باشچىلىقىدىكى ئۈرۈمچى ساقچى باشقارمىسىغا قارايدىغان مەدەنيەت مائارىپ ساھەسىگە يوشۇرۇنغان « يېڭى شىنجاڭ قورۇش ئويۇشمىسى تۇرپان شۆبىسى » دەپ ئاتالغان يوشۇرۇن ئىشپىيونلۇق تەشكىلاتىمۇ بار ئىدى.           1947 - يىلى 7 - ئاينىڭ ئاخىرلىرى لى خۇڭيۈن يۇشۇرۇن ئۆلتۈرۈش ئەترىتىنى باشلاپ تۇرپانغا كەلگەندە، تۇرپاندىكى ئەكسىيەتچىل تەشكىلاتلار ۋە ئۇلارنىڭ قول - چۇماقچىلىرى لى خۇڭيۈنگە ئاكتىپ ماسلاشتى ۋە ئاخپارات بىلەن تەمىنلىدى. ئادەم تۇتۇشقا يول باشلاپ بەردى. لى خۇڭيۈن تۇرپانغا باشلاپ كەلگەن يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى ما x x ، سۇ x x   قاتارلىق 10 نەچچە ئادەم بولۇپ، بۇلار ئادەم ئۆلتۈرۈشكە ئادەتلەنگەن « ئادەم قاسساپلىرى » ئىدى.   ئۇلار تۇرپاندىكى قول چۇماقچىلىرىنىڭ ئاكتىپ ماسلىشىشى بىلەن، تۇرپاننىڭ شەھەر ئىچى، يار، پاقابۇلاق، يەمشى، چىگىبۇلاق، ئاستانە، قارغوجا، سىڭگىم، مۇرتۇق قاتارلىق جايلىرىدا ئادەم تۇتۇش، يۇشۇرۇن ئۆلتۈرۈش قاتارلىق ھەركەتلەر بىلەن   ئاكتىپ شوغۇللاندى.   تۇتقان كىشىلەرنى قىيناپ فاسىشتىك ۋاستىلەر ئۇسۇللار بىلەن تىرىك تۇرغۇزۇپ تېرىسىنى تاسما قىلىپ سويۇش، تىرىك كۈمۈش، بۇغۇزلاپ ئۆلتۈرۈپ تاشلىۋېتىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن 24 نەپەر ئادەمنىڭ بېششىغا چىقتى( ئەمەلىي سان بۇنىڭدىنمۇ كۆپ بولىشى مۇنكىن .) لى خۇڭيۈن يۇشۇرۇن ئۆلتۈرۈش گۇرۇپپىىسى تۇرپانغا كىلىپ دەسلەپ، پاختا سودىگىرى قىياپىتىدە تۇرپان يېڭى شەھەردىكى ياڭ x x نىڭ ئۆيىگە چۈشكەن، ئۇنىڭ ئۆيىدە 4 كۈن تۇرۇپ چىڭ x x نىڭ ئۆيىگە ئۇيەردىن يەنە تۇڭگان x x ھەزرەتنىڭ ئۈيىگە كۆچۈپ چىققان.( x x ھەزرەت دىگىنى ھازىرقى يار يېزىسىنىڭ يار كەنتى 9 - ئەترەتتىكى بىر تۇڭگان. ) مانا مۇشۇ يەردە تۇرۇپ ئىلغار ئىدىيىدىكى كىشىلەر ئۈستىدىن ئاق تېرورلۇق يۈرگۈزگەن. مەسىلىن : يار مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق مۇناپىق، خائىن قولچۇمۇقى جاپپار شاڭجاڭ، لى خۇڭيۈنگە، يار يېزىسىنىڭ چاجاڭ كەنتىدىكى مەڭسۈر شاڭجاڭنىڭ ئۈيىگە قايتىپ كەلگەنلىكىنى مەلۇم قىلغاندىن كىيىن، شۇ كېچىسى ئىشپىيونلار مەڭسۇر شاڭجاڭنى تۇتۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئائىلىسىگە بارىدۇ.   مەڭسۇر شاڭجاڭ بۇنى تۇيۇپ قېلىپ قوشنىسى نەۋۇل .ئاكىنىڭ   قوروسى ئارقىلىق قۇناق ئېتىزلىقىغا يوشۇرنىۋالىدۇ ۋە ئۇ يەردىن كېچىلەپ تاققا قاراپ جاللاتلاردىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ. لى خۇڭيۈنلەر ئەتىسى مەڭسۇر شاڭجاڭنى تاكى شاپتوللۇققىچە قوغلاپمۇ تۇتالمايدۇ. لى خۇڭيۈنلەر قايتىپ كىلىۋېتىشىدا ھاسىم بوجاڭ ( يار يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق )، ئىمىن بوجاڭ ( ئايدىڭكۆل يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق ) قاتارلىق 3 كىشىنى تۇتىۋېلىپ ئۇلارنىڭ 30 تۈمەن ( 300،000 مىڭ، شۇ چاغدىكى ئۆلكە پۇلى ) پۇلىنى، بىر تال مىلتىقىنى ۋە مىنگەن ئاتلىرىنى بۇلىۋېلىپ، ئۇلارنى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق جايغا ئەپكېتىدۇ. كىيىن باشقىلارنىڭ كېپىل بۇلىشى بىلەن قويۇپ بېرىدۇ. ئۇلار يەنە قولچۇمىقى ئۈمەرنىڭ چېقىشتۇرىشى بىلەن پاقابۇلاقتىكى جىلىل تۇئەنجاڭنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كەلگەنلىكىنى بىلىپ جىلىل تۇئەنجاڭنى تۇتۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۆيىگە بارغان، جىلىل تۇئەنجاڭ شۇ كېچىسى ئوغلى بىلەن زولۇق يەپ بولغاندىن كىيىن ( بۇ كۈنلەر رامزان كۈنلىرى ئىدى. ) يولغا چىقىش ئۈچۈن يۈك - تاقلىرىنى تەييارلاپ قويۇپ سەل ئارام ئېلىۋېلىش ئۈچۈن يېتىپ قالغان ئىدى.   ئۇلار ئابدۇراخمان مۇھىتىلارغا يېتىشىۋېلىپ 3 ۋىلايەت تەرەپكە كەتمەكچى ئىدى. ئويلىمىغاندا ئىشپىيونلار كىلىپ شۇ كېچىسى جىلىل تۇئەنجاڭ بىلەن ئوغلى جاپپارنى تۇتىۋالدۇ ھەمدە ئۆيىدىكى ئات - ئۇلاق، قۇرال - ياراق، مال - ۋاران قاتارلىق قولغا چىققانلىكى نەرسىنى بۇلىۋېلىپ، ئاتا - بالا ئىكىسىنى دەھشەتلىك ئۇسۇللار بىلەن قىيناپ سوراق قىلىدۇ ھەتتا جىلىل تۇئەنجاڭنىڭ دۈمبە تېرىسىنى تاسما قىلىپ شۈلۈپمۇ ھىچقانداق بىر جاۋاپقا ئېرىشەلمىگەندىن كىيىن   ئاخىرى شۇ كېچىسى ئاتا - بالا ئىكىسىنى ۋەھشىلەرچە بوغۇزلاپ ئۆلتۈرۈپ تاشلىۋېتىدۇ.           لى خۇڭيۈن قاتارلىق باندىتلار يەنە 4 - رايون گۇڭشاڭ يېزىسىدا ھەمدۇل بوجاڭ، سېتى ھاجى ۋە سېتى ھاجىنىڭ ئوغلى يۈسۈپلەرنى تۇتماقچى بولۇپ، بېي يۇگاڭنىڭ ئۆيىگە بېرىپ چۈشكىن قىلىدۇ ۋە كەچتە ھەمدۇل بوجاڭنى ئۆيىدىن تۇتىدۇ ئاندىن كىيىن سېتى ھاجى ۋە ئوغلى يۈسۈپلەرنى تۇتىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ كىشىلەرنى تۇتۇشتىكى ئاساسى : ئابدۇراخمان مۇھىتىلار شەھەر ئىچىدە ئۆز ھاياتىغا خەۋپ يەتكەنلىكتىن شەھەردىن يوشۇرۇنچە چىقىپ ئاستانىگە كېتىۋېتىش يولىدا سېتى ھاجىلارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ئۇسسۇزلۇق ئىچىۋېلىپ ماڭغان ئىدى. لى خۇڭيۈن قاتارلىقلار مۇشۇ ئىشنى دەستەك قىلىۋېلىپ يۇقارقى 3 كىشىنى تۇتۇپ ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق جايغا   ئەپ كېتىپ ۋەھشىلەرچە قىيناپ، بوغۇزلاپ ئۆلتۈرۈپ جەسەتلىرىنى   قىزىلتۇر، سىيدىخان قاتارلىق جايلارغا تاشلىۋەتكەن. ئۇنىڭدىن كىيىن ئۇلار يەنە مۇناپىق، چۇماقچى مامۇتنىڭ ئۆيىگە چۈشكۈن قىلىپ، چېگەبۇلاق تەۋەسىدىكى ئىلغار ياشلاردىن رەۋەيدۇل ئابدۇل، ئۈرۈمچى شەھىرىدىن كەلگەن سودىگەر ئابدۇرېھىم نايناق، ئابدۇرېھىم خېلىل قاتارلىقلارنى يوشۇرۇنۇپ تۇرغان جايلىرىدىن باشقىلارنىڭ پاش قىلىپ قويۇشى بىلەن مەخپى كىلىپ تۇتىۋالغان، بۇ كىشىلەرنى مامۇتنىڭ ئۆيىگە ئەپ كىلىپ قىيناپ بوغۇزلاپ ئۆلتۈرۋەتكەندىن كىيىن جەسەتلىرىنى كارىز قۇدۇقلىرىغا تاشلىۋەتكەن. لى خۇڭيۈن يۇشۇرۇن ئۆلتۈرۈش گۇرۇپپىسى يۇقارقىلاردىن باشقا يەنە بازار ئىچىدىن جىنايىت يۇنۇس، ئىسمايىل گەيجاڭ، كېرەم شاخار، يار يېزىسىدىن ئابدۇراخمان بەكرى، مۇستافا مىزراپ ( بۇ يەردە مەن ئاتامنىڭ نەۋرە ئاكىسى تاغام مۇستافا مىزراپ توغرۇلۇق ئازراق چۈشەنچە بېرىپ ئۆتمەكچىمەن : نەۋرە تاغام مۇستافا مىزراپ ئەينى يىللاردا تۇرپاندا خەنزۇ مەكتەبتە ئوقۇغان، كىيىنكى ئوقۇشىنى ئۈرۈمچىدە ئوقۇپ تاماملىغاندىن كىيىن تۇرپانغا قايتىپ كەلگەن ھەمدە شۇ يىللاردىكى تۇرپان ھاكىمى   ئابدۇراخمان مۇھىتىنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن لەمجىنگە شاڭجاڭ بولغان.   تاغام مۇستافا مىزراپ ئابدۇراخمان مۇھىتىلار بىلەن بىللە 3 ۋىلايەت تەرەپكە بىللە كەتمەكچى بولۇپ ئارقىدىن يېتىشىۋېلىشقا كىلىشىپ، شۇ كۈنى كەچكە ئۈلگۈرتۈپ تۇرپان ياردىكى ئاتا - ئانا، ئۇرۇق - تۇققان باللىرى بىلەن خوشلىشىشقا كېلىپ يول ئۈستىدە مۆكۈنۈپ تۇرغان لى خۇڭيۈنلەرگە ئۇچرۇشۇپ قالغان، بۇ چاغدا تاغام مۇستافا مىزراپنىڭ يېندا ئاچىسىنىڭ ئوغلى مۇھەممەت سىدىق، ئۆزى بىلەن تەڭتۇش بولغان بىرنەۋرە ئۈمەرجان مۇجۇپلار < بۇ كىشى ئاتامنىڭ ئاكىسى، بۇ تاغام ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا - سانائەت بانكىسىدىن دەم ئېلىشقا چىقىپ يېقىندا تۆگەپ كەتكەن > بار بولۇپ،   تاغام مۇستافا ئۇلارنىڭ ئۇنىمىغىنىغا ئۇنىماي ئۇ ئىككىسىنى قاچۇرۋېتىپ، لى خۇڭيۈنلەرنىڭ   يولسىز سوئال - سوراقلىرىغا خەنزۇچە قايتۇرما بېرىپ، ئۇلارنى تىللاپ رەسۋاسىمى كۆرسىتىۋەتكەن. ئاخىرى يەنىلا ئۇلارنىڭ قۇلىغا چۈشۈپ قالغان. ئۇ ئەبلەخلەر تاغامنى تۇرپان يەمشىدە   بوغۇزلاپ بېششى تېنىدىن ئايرىۋېتىلگەن ھالدا   ۋەھشىلەرچە ئۆلتۈرىۋەتكەن. بۇ مەزمۇنلارنى تاغام مۇھەممەت سىدىق، ئاپام خالىدىخانلار < ھازىر ھايات > نىڭ سۆزلەپ بەرگىنى بويىچە ئالدىم. HALKQIL ). ئۈرۈمچى شەھىرىدىن كەلگەن سىيىت ھېيىت، بېشىر، ئاستانىدىن ھەۋزۇل بوجاڭ، بەكرى بېشىر، ساۋۇت قارى، ئابدۇل، نىياز، قارغۇجا يېزىسىدىن باھاۋۇدۇن تۆمۈرچى، نىياز تامچى، رېقىپ بوجاڭ قاتارلىقلارنى تۇتۇپ دەھشىتلىك قىيىن قىستاقلارغا ئېلىپ ۋەھشىلەرچە ئۆلتۈرىۋەتكەن. مەرھۇم سىيىت قارىنى بوينىغا سىرتماق سېلىپ بوغۇپ كارىز ئولپىڭىغا تىرىك كۆمىۋەتكەن. قالغانلارنى پىچاق ياكى خەنجەر بىلەن بوغۇزلاپ ئۆلتۈرۋەتكەن ۋە ئۆلتۈرگەن ھەر بىر ئادەمنىڭ يۈزىنى پىچاق بىلەن تىلىپ تونۇغۇسىز قىلىۋېتىپ باش بىلەن گەۋدىنى ئايرىم - ئايرىم جايغا تاشلىۋەتكەن. ئۆلتۈرۈلگەن كىشىلەرنىڭ ئۇرۇق - تۇققانلىرى جەسەتلەرنىڭ كىيىم كېچىگى ياكى بەدەنلىرىدىكى تەبىئى بەلگىلىرىگە قاراپ ناھايىتى تەستە ئۆز تۇققانلىرىنى تونۇۋېلىشقا.           ئۇندىن باشقا 231 - لۈي ھەربىرلەر ئىچىدىكى ئىشپىيونلۇق تەشكىلاتى ئابدۇل ئالوي، ئىمىن ئەلاجى، مەخموت قارى، سېتەم، دۇگامەت بوجاڭ قاتارلىق كىشىلەرنى تۇتۇپ مەخپى ئۆلتۈرىۋەتكەن.   « ئاخپارات توپلاش گۇرۇپپىسى » دىگەن ئەكسىيەتچى تەشكىلات ئابدۇرېشىت ياقۇپ، نىزامىدىن شوجاڭ، خېلىل گەيجاڭ، سۇلايمان جۈجاڭلارنى ئېتىپ ئۆلتۈرۋەتكەن. سىڭگىم ئېغىزىدا تۇرۇشلۇق ھەربىيلەر يىڭجاڭى چىڭ شۆچىڭ ( يەنە بىر ئىسمى چىڭ بەي ) ئابلېز مۇھىتى، ئابدۇللا گوسۇل، ھۇشۇر سوجاڭ، روزى بوسۇق، نىياز ئاخۇن قاتارلىقلارنى تۇتۇپ ئۆلتۈرىۋەتكەن.           لى خۇيۈن تۇتۇپ قاماپ قويۇپ، ئۆلتۈرۈشكە ئۈلگىرەلمىگەن ھاسىم بوجاڭ، ئىمىن بوجاڭ، رەخمىتۇل تۆمۈرچى، مۇقىيىت شېرىپى ( بۇ كىشى ئۈرۈمچى شەھەرلىك T V ئىستانىسىدىكى دىكتور ئەنۋەر شېرىپى بىلەن تۇققان كېلىدۇ.)، قۇربان يىپەكچى، قېيىم شاڭجاڭ، ئابدۇرېھىم كېرەم قاتارلىق كىشىلەر 231 - لۈي ھەربىيلەر ئىچىدىكى ئىشپىيونلۇق تەشكىلاتىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىپ، بىرەر يىلدىن كىيىن تۈرمىدىن چىقىپ ھايات قالغان. ئەينى يىللىرى پۈتۈن شەھەر، يېزىلارنى ۋەھىمە قاپلاپ كەتكەن بولۇپ خەلق كېچىلىرى ئۆيلىرىدە خاتىرجەم ياتالماي، قۇناقلىق، تەكلىك ( ئۈزۈملۈك باغ )، كارىز قۇدۇقلىرى ئىچىدە يوشۇرۇنۇپ جان ساقلاشقا مەجبۇر بولغان. لى خۇڭيۈن تۇرپاندىن كەتكەندىن كىيىن ئۈرۈمچىگە چىقىپ تېرورىستىك ھەركەتلىرىنى توختاتماي ليۇداۋاندا خاەنبېك قاتارلىق 4 كىشىنى ئۆلتۈرگەن.   ئۇنىڭ يۇقارقىدەك چېكىدىن ئاشقان جىنايەتلىرىگە قارىتا 1951 - يىلى ئەتىيازدا خەلق دىمۇكراتىيىسى تەرىپىدىن تۇرپاندا باستۇرۇلدى. ھەمدە، ئەينى يىللىرى لى خۇڭيۈن بىلەن بىللە تۇرپاندا تىرورلۇق يۈرگۈزگەن يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈش گۇرۇپىسىنىڭ ئەزالىرى ۋە يەرلىك قول چۇماقچى ئۇنسۇرلارمۇ تېگىشلىك جازاغا تارتىلدى. مەنبەئى : تۇرپان تارخ ماتىرياللىرى، 2 - قىسىم. ماتىريال بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر : ئىبراھىم مەتنىياز ئەپەندى، قاسىم نىياز ئەپەندى، ما گۇيجاڭ قاتارلىقلار. [align=justify]ئېغىزچە ماتىريال بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر : تاغام مۇھەممەت سىدىق < بۇ كىشى ھازىر ھايات، دەم ئېلىشقا چىققان ئوقۇتقۇچى >، تاغام ھەيدەر مىرزاپ < بۇ كىشى يۇقۇرۇدا ئىسمى چىققان تاغام مۇستافا مىزراپنىڭ بىر تۇققان ئىنىسى ھازىر ھايات، شىنجاڭ گېزىتى ئىدارىسىدىن دەم ئېلىشقا چىققان >،   ئاپام خالىدىخان تىللا ...قاتارلىقلار.   مەنبە : ئورخۇن تورى


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  گومىنداڭنىڭ تۇرپان...
●  <تۈركىي تىللار دىۋا...
●  ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىن...
●  تۈركىي تىللار دىۋا...
●  دىۋانۇ لۇغاتىت تۈر...
●  <تۈركىي تىللار دىۋا...
●  قارلۇق توغرىسىدا 
●  <تۈركىي تىللار دىۋا...
●  <تۈركىي تىللار دىۋا...
●  <دىۋانۇ لۇغاتىت تۈر...
●  قارلۇق توغرىسىدا ( ...
●  ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىق...
●  ھەربىر مىللەت ئۆز ئ...
●  كروران ئەۋلادلىرى ...
●  تەكلىماكاندىكى قەد...
●  كروران ئەۋلادلىرى ...
●  ئاستانە - ئالغۇي ت...
●  تەڭرى تاغ مەدەنىيى...
●  تارىم مەدەنىيىتى
●  قەدىمقى ئاتالغۇلار...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  گومىنداڭنىڭ تۇرپاندىكى ...
●  <تۈركىي تىللار دىۋانى>دى...
●  ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زا...
●  تۈركىي تىللار دىۋانى< دى...
●  دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك< نىڭ...
●  <تۈركىي تىللار دىۋانى> د...
●  قارلۇق توغرىسىدا 
●  <تۈركىي تىللار دىۋانى> د...
●  <تۈركىي تىللار دىۋانى> د...
●  <دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك> نى...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى