بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : مەدەنىيىتىمىز >> تارىخمىز >> دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك< نىڭ مۇقەددىمىسى ئۈستىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش

دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك< نىڭ مۇقەددىمىسى ئۈستىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش

يوللانغان ۋاقتى : 2008-09-23 10:53:04    كۆرۈلۈش سانى : 264  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
 مۇھەممەد سالىھ   مېنىڭ >دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك< )تۆۋەندە قىسقارتىلىپ >دىۋان< دېيىلىدۇ( بىلەن بولغان تونۇشلۇغۇم 60-يىللاردىن باشلىنىدۇ. 1962 ـ يىلى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى شىنجاڭ شۆبىسى مىللەتلەر تەتقىقات ئورنىدا ئىشلەۋاتقان چاغلىرىمىزدا، بىز ئاتاقلىق تارىخشۇناس ئۇيغۇر سايرانى ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە >دىۋان< نى تەرجىمە قىلىشقا تۇتۇش قىلغانىدۇق. >دىۋان<نىڭ بۇ قېتىمقى تەرجىمىسىدە ئەرەبچە نۇسخىسىنى ئاساس قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن، ئەرەبچىنى كۆرۈپ، ئۇچرىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ بېرىشكە مەن مەسئۇل ئىدىم. >دىۋان<نىڭ ئەسلىي تېكىستىنىڭ >مۇقەددىمە<سىنى تۇنجى قېتىم قولغا ئېلىپ ئوقۇش بىلەنلا، ئۇنىڭغا ئىختىيارسىز بېرىلىپ كەتتىم. مۇقەددىمىدە ئىستىئارە، كىنايە، مەجاز )ئوخشىتىش( قاتارلىق ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلەرنىڭ يۇقىرى ماھارەت بىلەن قوللىنىشى، قاپىيداش سۆزلەردىن تۈزۈلگەن نەپىس ئىبارىلەرنىڭ رەڭدار، جەزىبىكارلىقى مېنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىۋالدى. مۇئەللىپنىڭ ئىبارە سۈرۈشلىرى ئۆزگىچە بولۇپ، يۇقىرى بەدىئىي ئالاھىدىلىكى، ئۇسلۇبىنىڭ ئۆزگىچە خاسلىقى، بەدىئىي تەسەۋۋۇر ۋاسىتىلىرىنىڭ يۈكسەكلىكى بىلەن خاراكتېرلەنگەن. يېتۈك ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد قەشقەرى >دىۋان< نىڭ >مۇقەددىمە< سىنى ئىسلام مۇئەللىپلىرىنىڭ ئەنئەنىسى بويىچە ھەمدۇ ـ سانا سۆزى بىلەن باشلاپ، >دىۋان< نىڭ يېزىلىشىغا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان مۇھىم ئامىل سۈپىتىدە ئەينى دەۋرنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرىنىشى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: >مەن تەڭرىنىڭ دۆلەت قۇياشىنى تۈركلەر بۇرجىدا تۇغدۇرغانلىقىنى ۋە پەلەكنىمۇ شۇلارنىڭ زېمىنى ئۈستىدە چۆگىلەتكەنلىكىنى كۆردۈم< )>دىۋان< Ⅰ توم، 1 ـ بەت(. دەرۋەقە،  Ⅺ ئەسىردە پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا زېمىنىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان قاراخانىيلار، غەزنەۋىلەر، سالجۇقىلار تۈركىي خەلق تەرىپىدىن بەرپا قىلىنغان خاندانلىقلار ئىدى. ئۇلارنىڭ ئۆز ئارا مۇناسىۋىتى بىر ئۇرۇشۇپ، بىر ئەپلىشىپ، كۆپ چاغلاردا تىركىشىش ھالىتىدە تۇراتتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا سالجۇقىلارنىڭ ھەرىكىتى جانلانغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ تەسىر دائىرىسىنى كۈچەپ كېڭەيتىپ بېرىۋاتاتتى. سالجۇقىلار خاندانلىقى ئەسلىدە تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ تارمىقى بولغان ئوغۇزلار تەرىپىدىن قۇرۇلغانىدى. سالجۇق بولسا ئوغۇزلارنىڭ چىنىك قەبىلىسىنىڭ سەردارى دوقاقنىڭ ئوغلى ئىدى. ئۇ كېيىنكى مەزگىللەردە سالجۇق قىسىملىرىنى باشلاپ چەندگە كۆچۈپ كېلىپ ئۆز قەبىلىسى بىلەن ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىنى قوبۇل قىلغانىدى. ھىجرىيە 389 ـ يىلى )مىلادىيە 998- 999- يىلى( سالجۇقىلار بۇخاراغا كېلىپ يەرلەشتى. بۇ چاغدا ئەزەربەيجاندا سالجۇقىلار بىلەن كوردلار ئارىسىدا جەڭ بولدى. سالجۇقىلار رەي بىلەن ھەمەدان تەرەپلەرگە سۈرۈلۈپ، بۇ يەرلەرنى ئىگىلىدى. ئۇلار يۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىراقتىكى مەۋسىل، دىيار بەكرى شەھەرلىرىنى ئىشغال قىلدى. 1037 ـ يىلى مەرۋى، 1038 ـ يىلى ھىرات ۋە نىشاپورلارمۇ سالجۇقىلار تەرىپىدىن ئىگىلەندى. كېيىن سالجۇقىلار يەنە بەلخ، جۇرجانلارنى ئىگىلىدى. خارەزمنى بويسۇندۇردى. سالجۇقىلار يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كىرمان خانلىقىنى يوقىتىپ، پۈتكۈل پارس زېمىنىنى بويسۇندۇردى. خۇراساننى ئىشغال قىلغاندا، جامەلەردە ئوقۇلۇدىغان خۇتبىلەردە سالجۇق سۇلتانلىرى >ئۇلۇغ سۇلتان< دەپ تىلغا ئېلىنىدىغان بولدى. سالجۇقىلار قەزۋىن بىلەن ھەمەداننى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، ئىسپاھانغا قاراپ ئىلگىرلىدى. ئۇزۇنغا قالماي ئەزەربەيجان، ئەرمىنىيىلەرنى ئىشغال قىلىپ، رۇم ئىمپېرىيىسى زېمىنىغا ئىچكىرىلەپ كىرگەن. بىر مەزگىل قىزىل دېڭىز ۋە ئوتتۇرا دېڭىزدىن تارتىپ، چىن چېگرىلىرىغىچە بارغان ئىدى )بارتولد: >ئىسلام مەدەنىيەت تارىخى<(. كېيىنكى چاغلاردا سالجۇقىلار بىلەن رۇم ئىمپېرىيىسى ئارىسىدا دۇنيا تارىخىدا مەشھۇر >مالازگىرد< ئۇرۇشى يۈز بەردى. رۇم ئىمپېراتورى رومان دېككىنىس 200 مىڭ كىشىلىك قوشۇننى باشلاپ، كونىستانتىنوپولدىن شەرققە قاراپ يولغا چىقىپ، ھازىرقى ئەرمەنىستاندىكى ۋان كۆلىنىڭ شىمالىدىكى مالازگېرد قورغانىنىڭ يېنىدىكى دالىغا يېتىپ كەلگەندە، سالجۇق سۇلتانى ئالىپ ئارسلان ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، 50 مىڭ كىشىلىك قوشۇن باشلاپ چىققان. ئەسلىدە ئالىپ ئارسلان مەسىلىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلماقچى بولغان. مىرخوندنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە، ئالىپ ئارسلان رومانۇسقا يازغان خېتىدە: >گەرچە سېنىڭ قوشۇنلىرىڭ كۆپ بولسىمۇ، لېكىن سەن شانلىق غەلىبىلەر قۇچۇۋاتقان سۇلتانغا دۇچ كېلىۋاتىسەن، ئالدىراڭغۇلۇق قىلغانلىقىڭغا پۇشايمان قىلغان بولساڭ، تاجاۋۇزچىلىقىڭنى توختىتىپ، ماڭا باج تۆلىگىن. شۇنداق قىلساڭ، پادىشاھلىقىڭ ۋە مەملىكىتىڭنى قولۇڭغا قالدۇرىمەن، ساڭا چېقىلمايمەن. ئۇنداق قىلمىساڭ، ئۆز بېشىڭغا بالا تېپىۋالغان بولىسەن< دەپ يازغان. ئەمما، رومانۇس ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب قايتۇرغان: >سەن ياۋايى تىنچلىقنى خالايدىغان بولساڭ، ئىشغال قىلغان زېمىنلىرىڭنىڭ ھەممىسىنى ماڭا قالدۇرغىن. رەي شەھرىنى ۋە ئۇنىڭدىكى سارىيىڭنى ساداقەتمەنلىك بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن ماڭا تۇتقىن<. ئىككى تەرەپنىڭ كەسكىن ئېلىشىشى بىلەن ئالىپ ئارسلان غەلىبە قىلىپ، رومان دېككىنىس ئەسىر ئېلىنغان. جەڭ مەيدانىدا سۇلتاننىڭ مۇھاپىزەتچىلىرىدىن بىرى ئىمپېراتورغا ھۇجۇم قىلغان. ئىمپېراتور: >مېنى ئۆلتۈرمىگىن، مەن ئىمپېراتور رومان دېككىنىس بولىمەن< دېگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئامان قالغان. ئالىپ ئارسلان ئەسىرگە چۈشكەن >رومانوسنى تەخت ئۈستىدە يېنىدا ئولتۇرغۇزۇپ ھۆرمەتلىگەن. مەلىكىشادنىڭ ئوغلىغا رومانوسنىڭ قىزىنى ئېلىپ بەرگەن<. بۇ ۋەقەلەر يۈز بەرگەن چاغ دەل ھىجرىيە 346 ـ يىلى، مىلادى 1071 ـ يىللىرى بولۇپ، مەھمۇد قەشقەرىنىڭ >دىۋان<نى يېزىۋاتقان مەزگىللىرى ئىدى. بۇ چاغلاردا ئىسلام ئىمپېرىيىسى ھېسابلانغان ئابباسىيلار خەلىپىلىكى ئاجىزلىشىپ، خەلىپە پەقەت مەنىۋى داھىي سۈپىتىدىلا مەۋجۇت ئىدى. نۇرغۇن ۋاقىتلاردا خەلىپىلىكنىڭ ئەمىلىي ھوقۇقى ئۇلاردا بولماستىن، باش ئەمىر دەپ ئاتىلىدىغان مەنسەپداردا ئىدى. خەلىپە ئوردا ئەمەلدارلىرىنىڭ قولىدا ئويۇنچۇق ئىدى. قىلدىن قېيىق كەتسە، خەلىپىنى ئېلىپ تاشلاپ، ئورنىغا باشقىنى قوياتتى. ئەسكەرلەرنىڭ تەلىپى ئورۇندالمىسا، خەلىپە قىيىن ـ قىستاققا ئېلىنىپ جازالىناتتى. خەلىپىلىكتىن ئېلىپ تاشلانغان مۇتتەقى، قاھىرى، مۇستەكفى قاتارلىق ئۈچ خەلىپىنىڭ كۆزلىرى ئويۇپ تاشلانغانىدى. ئارسلان ئەبۇلھارىس بەساسىرى نىشاپور تۈركلىرىدىن بولۇپ، بەسا شەھىرىدىكى بىر ئادەمنىڭ غۇلامى )بالا قۇلى( ئىدى. ئۇ، خەلىپە قائىم بىئەمرىللاھنىڭ خىزمىتىدە بولۇپ، بارا ـ بارا يۈز تېپىپ خەلىپىنىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمىگە ئايلانغانىدى. خەلىپە ھەرقانداق ئىش قىلسا ئۇنىڭ مەسلىھەتى بويىچە قىلاتتى. ئۇ ئابباسىيلار خەلىپىلىكىگە قارشى چىقىپ، مىسىردىكى پاتىمىلار سۇلالىسى خەلىپىسىنىڭ تەرىپىنى ئالدى. ئ باغدادقا بېسىپ كىرىپ، خەلىپە قائىم بىئەمرۇللاھنىڭ سارىيىنى تالان ـ تاراج قىلدى. ئۇ باغدادنى ئىشغال قىلىپ بىر يىلدىن كېيىن، توغرۇلبەگ تەرىپىدىن تارمار قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلدى. سالجۇقى خاندانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى توغرۇل مەككە مۇكەررەمنىڭ يوللىرىنى ياساش باھانىسى بىلەن ئاۋۋال ئىراققا، كېيىن باغداتقا قاراپ يول ئالدى. توغرۇل باغدادقا يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇنلا ئابباسىيلارنىڭ خەلىپىسى قائىم بىئەمرىللاھنىڭ بۇيرۇقى بويىچە باغداد جامەلىرىنىڭ ئىمام، خەتىبلىرى مۇنبەرلەردە توغرۇلنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى ھەم ئۇنىڭ ھەققىدە دۇئالار قىلدى. بۇ، توغرۇلنىڭ باغداتقا غالىپ ھۆكۈمران سۈپىتىدە كىرىشىگە ھازىرلانغان جامائەت پىكىرى ئىدى. توغرۇل باغدادقا كىرگەندە ئۇنىڭ ئالدىغا قائىم بىئەمرىللاھنىڭ ۋەزىرى چىقىپ قارشى ئالدى. توغرۇل باغدادنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، بۇ يەردە مىلادى 1057 ـ يىلىغىچە تۇردى. بۇ جەرياندا ئۇ، باغدادتا يۈرگۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان دەيلەمىلەر زامانىدا تۈزۈلگەن قانۇننى بىكار قىلىپ، ئۆز ئالدىغا يېڭى قانۇن ئورناتتى. شۇنداقتىمۇ توغرۇل يەنىلا مادارا يولىنى تۇتۇپ، ئىككى خانداننىڭ دوست ئۆتۈشىنى تەشەببۇس قىلدى، توغرۇل ئۆزىنىڭ قېرىندىشى داۋۇدنىڭ قىزى ئارسلان خاتون خەدىچىنى قائىم بىئەمرىللاھقا نىكاھلاپ بەردى، ئۆز نۆۋىتىدە توغرۇلمۇ خەلىپىنىڭ قىزىنى ئېلىشقا ئەلچى كىرگۈزدى. قائىم بىئەمرىللاھقا بۇ ئېغىر كەلگەن بولسىمۇ، رەت قىلىشقا پېتىنالمىدى. ھىجىرىيە 453 ـ يىلى )مىلادى 1061 ـ يىلى(، تەبرىزنىڭ سىرتىدا خەلىپىنىڭ قىزىنى توغرۇل ئەقرى ـ نىكاھىغا ئالدى. تويلۇق ئۈچۈن يۈز مىڭ تىللا ۋە نۇرغۇن سوۋغا ـ سالام يوللىدى. توي بولۇپ ئالتە ئايدىن كېيىن ھىجىرىيە 496 ـ يىلى )مىلادى 1103 ـ يىلى(دا خەلىپىنىڭ قىزى ۋاپات بولدى. توغرۇل بىلەن خەلىپە ئارىسىدا قۇدا ـ باجىلىق مۇناسىۋەت ئورنىتىلغاچقا، خەلىپە توغرۇلغا >مەلىكۇلمەشرىقى ۋەلمەغرىبى< يەنى >شەرق ۋە غەربنىڭ پادىشاھى< دېگەن ئۇنۋاننى بەردى. شۇنىڭ بىلەن توغرۇل سالجۇقىلاردىن تۇنجى بولۇپ ئابباسىيلار خەلىپىلىكىنىڭ زېمىنىنى ئىگىلىگەن ھۆكۈمران بولۇپ قالدى. باغدادنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئامانلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن، باغدادتا سالجۇقى قوشۇنى تۇرغۇزۇلدى. شۇ يىلى رامىزان ئېيىدا خەلىپە قائىم بىئەمرىللاھنىڭ ۋەلىئەھدىلىكىگە تەيىنلەنگەن ئوغلى، — مەھمۇد قەشقەرى >دىۋان<نى ئارمىغان قىلغان خەلىپە مۇقتەدى بىئەمرىللاھنىڭ دادىسى — زەخرۇددىن ئوبۇلئابباس مۇھەممەد 14 يېشىدا ۋاپات بولدى، قائىم بىئەمرىللاھ بۇنىڭدىن قاتتىق قايغۇردى، ئوغلى ئەبۇلئابباس مۇھەممەدنىڭ كېنىزىكىنىڭ مۇقتەدى بىللاھقا ھامىلدار ئىكەنلىكىنى ئۇقۇپ، كۆڭلى تەسكىن تاپتى، توغرۇلنىڭ ئورنىغا ئولتۇرغان مەلىكشاھمۇ ئابباسىيلار خەلىپىلىكىنى تېزگىنلەشنى بوشاشتۇرۇپ قويمىدى. ئۇ، خەلىپىنى زىيارەت قىلىش نامى بىلەن باغدادقا ئۈچ قېتىم كەلدى. 1093 ـ يىلى 3 ـ قېتىم كەلگەندە باغدادتا ۋاپات بولدى. قائىم بىئەمرىللاھنىڭ نەۋرىسى بولغان مۇقتەدى بىئەمرىللاھ ئۆزىنىڭ ئەرەبىستان )سەئۇدى ئەرەبىستانى( زېمىنىدىكى نوپۇزىنى پەقەت مەلىكشاھنىڭ كۈچى ئارقىلىق تىكلىگەنىدى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ مەككە، مەدىنىلەردە پاتىمىلار خەلىپىلىرى نامىغا ئوقۇلىدىغان خۇتبە مۇقتەدى بىئەمرىللا نامىدا ئوقۇلىدىغان بولدى. مۇقتەدى بىئەمرىللاھ پۈتۈنلەي سالجۇقىلارنىڭ تەسىر دائىرىسى ئاستىدا ئىدى. بوۋىسى قائىم بىئەمرىللاھ سۇلتان توغرۇلغا قىزىنى بېرىشكە تەستىرەك ماقۇل بولغان بولسىمۇ، مۇقتەدى بىئەمرىلاھ ئۆز قىزىنى سۇلتان مەلىكشاھنىڭ ئالغانلىقى بىلەن پەخىرلەنگەنىدى. خەلىپىنىڭ ئېتىراپ قىلىشى بىلەن سالجۇقىلار سۇلتانلىرىنىڭ نامىغا جۈمە كۈنلىرى مەسچىتلەردە خۇتبەلەر ئوقۇلاتتى. مەلىكىشاھ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئوغلى مۇھەممەد ئۇنىڭ ئورنىغا ئولتۇرغان. باغداد خەلىپىسى مۇنتەزھىرى سۇلتانلىق ئورنىنى مۇھەممەدكە ئاتا قىلىش يۈزىسىدىن ئۆز سارىيىدا كاتتا مۇراسىم ئۆتكۈزگەن. بۇ ھەقتە تارىخچى ئىبىن خوللىكان مۇنداق ھېكايە قىلىدۇ: >مەلىكشاھنىڭ ئوغلى سۇلتان مۇھەممەدنىڭ تەلىۋى بويىچە خەلىپە مۇستەزھىرنىڭ سارىيىدا سورۇن تۈزۈلدى، خەلىپە تەختىدە ئولتۇراتتى، ئۇنىڭ ئەتراپىدا دۆلەت ئەربابلىرى، يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بار ئىدى. خەلىپىنىڭ ئۇچىسىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ رىداسى )يەكتەك(، بېشىدا سەللە، قولىدا ھاسا تۇراتتى. خەلىپە ئادەت بويىچە سۇلتان مۇھەممەدكە يەتتە قات خىلئەت )تون( كىيدۈردى، بېشىغا تاج كىيدۈردى، بوينىغا بويۇنچاق ئاستى، قولىغا گۆھەر بىلەيزۈك تاقىدى. خەلىپە سۇلتانغا ئۆز قولى بىلەن تۇغ باغلىدى، ئۇنىڭغا ئىككى قىلىچنى تاقاپ قويدى. شۇنداقلا ئۇنىڭغا پۈتۈن جابدۇقلىرى بىلەن بەش ئارغىماق سوۋغا قىلدى. سۇلتان مۇھەممەدنىڭ قېرىندىشى سەنجەرگىمۇ يۇقىرىقىدەك خىلئەت كىيدۈردى. سوۋغىلارنى تەقدىم قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن، خەلىپە باغدادنىڭپۈتۈن جامەلىرىدە سۇلتان مۇھەممەدنىڭ نامىغا خۇتبە ئوقۇيدىغان بولدى<. خەلىپە سۇلتان ئۇنۋانى بېرىلگەنلەرگە >ناسرۇددەۋلە< )دۆلەت مەدەتكارى(، >سەيغۇددەۋلە< )دۆلەتنىڭ قىلىچى(، >ئەزەدۇددەۋلە< )دۆلەتنىڭ ياردەمچىسى( قاتارلىق لەقەپلەرنى بېرەتتى. غەزنىۋى، سالجۇقى سۇلتانلىرىغا ھەم مۇشۇنداق لەقەپلەر بېرىلگەن. ھىجىرىيە 453 ـ يىلى )مىلادى 1061 ـ يىلى( غەربىي قاراخانىيلاردىن ئەبۇئىسھاق ئىبراھىم ئىبىن ناسىرغا ئابباسىيلارنىڭ خەلىپىسى قائىم بىئەمرىللاھ تەرىپىدىن لەقەپ بېرىلگەن ۋە تون ئەۋەتىلگەنىدى. تاۋغاچ بۇغرا قاراخان ئەبۇ ئىسھاق ئىبراھىم ئىبىن ناسىر نامىغا لەقەپ ئۇنۋانلىرى ئەينى زاماننىڭ قائىدىسى بويىچە خەلىپىنىڭ نامىمۇ يېزىلىپ، تەڭگە پۇللار قۇيدۇرۇلغانىدى. ئابباسىيلار خەلىپىلىكىدە تۈركىي تىللىق خەلقلەردىن بولغان ھەربىي ۋە مەمۇرىي ئەمەلدارلارنىڭ تەسىر كۈچى زور ئىدى. مىلادى 863 ـ يىلى تەختكە ئولتۇرغان مۇستەئىن بىللاھنى ھاجىپلىق مەنسىپىدىكى چوڭ بۇغا، كىچىك بۇغا قاتارلىق تۈركىي ئەربابلار يۆلەپ چىقارغانىدى. سۇيۇقنىڭ >تارىخۇلخۇلەفا< )خەلقلەر تارىخى( كىتابىدا كۆرسىتىلىشىچە: >بۇ ئىككى ھاجىپنىڭ بىرىنىڭ ئىسمى ۋەسىف، يەنە بىرىنىڭ ئىسمى بۇغا ئىدى<. خەلىپە ئۇلاردىن بىسوراق ھېچ ئىش قىلالمايتتى. تۈرك ئەمەلدارلىرىنىڭ مەنسىپى بالىلىرىغا قالاتتى، چوڭ بۇغا ئۆگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ھاجىپلىق ئورنىغا ئوغلى مۇسا ۋارىسلىق قىلاتتى. دېمەك، بۇ چاغلاردا ئابباسىيلار خەلىپىلىكىنىڭ باغداد، سامەررادىن ئىبارەت ئىككى مەركىزىدە خەلىپىلىكنىڭ ھاجىپلىق، باش ھەربىي سەركەردىلىك قاتارلىق چوڭ مەنسەپلىرىنى تۈركىي خەلقلەر ئىگىلىگەنىدى. خەلىپىلىك ۋىلايەتلىرىنىڭ ۋالىيلىقىمۇ تۈركىي خەلقلەرنىڭ قولىدا بولۇپ، ئۇ جايلارنىمۇ تۈركىي خەلقلەر ئىدارە قىلاتتى. ئالايلى، نىشاپور تۈركلىرىدىن بولغان ئەبۇ سالىھ يەھيا مىلادى 777 ـ يىلى مىسىر ۋالىيلىقىغا تەيىن قىلىندى. خەلىپە مۇئىتەسمىنىڭ ھەربىي باش سەركەردىلىك مەنسىپىدە تۇرغان سابىت تۈركىي 834 ـ يىلى، پەتھى ئىبنى خاقان مىلادى 538 ـ يىلى، ئىناج 844 ـ يىلى مىسىرنىڭ ۋالىيلىقىغا تەيىنلەنگەن تۈركىي تىللىق ئەمەلدارلار ئىدى. تۈرك سەردارلىرىدىن بولغان ئەھمەد ئىبنى تولۇن مىسىر ۋالىيسى بولغان تۈرك قېيناتىسى ماجورنىڭ ياردىمى بىلەن مىسىرنىڭ ۋالىيلىقىنى قولغا كەلتۈرۈپلا قالماي، يەنە سۈرىيە، ھەلەپ )سۈرىيىدىكى بىر شەھەر( قاتارلىق جايلارنى مىسىر دائىرىسىگە قوشۇۋېلىپ، ھۆكۈمرانلىق زېمىن دائىرسىنى تېخىمۇ كېڭەيتتى، شۇ ئارقىلىق تولۇنىيە دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئاساس سېلىپ، 20 يىلغىچە ھۆكۈم سۈردى. مىسىردا ھازىرغىچە ساقلىنىپ كېلىۋاتقان >ئىبنى تولۇن جامەسى< ئەنە شۇ ئەھمەد ئىبنى تولۇندىن قالغان يادىكارلىقتۇر. ئۇنىڭدىن كېيىن مىسىردا سەلتەنەت قۇرغان ئەخشەدىلەر، ئاتابەڭلەر، ئەييۇبىلەرمۇ تۈركىي خەلقلەردىن ئىدى. ئابباسىيلارنىڭ ھەرەم سارايلىرىغا كىرگەن تۈرك كېنىزەكلىرىمۇ نوپۇز قازىنىشقا باشلىدى. خەلىپە مەئمۇننىڭ ئانىسى ھاراجىلە، خەلىپە موكتەفى بىللاھنىڭ ئانىسى چىچەن، خەلىپە مۇستەكفى بىللاھنىڭ ئانىسى ئالتۇن، خەلىپە ناسىرلىدىنللاھنىڭ ئانىسى ۋە خەلىپە مۇستەنىسربىللاھنىڭ ئانىسى ئەنە شۇ تۈركىي خەلقلەرگە مەنسۇپ كېنىزەكلەردىن ئىدى. ئابباسىيلارنىڭ تۈركىي خەلقلەردىن قوشۇن تەشكىل قىلىشىمۇ ئومۇمىي يۈزلىنىش بولۇپ قالغانىدى. مىلادى 864 ـ 865 ـ يىللىرى خەلىپە مۇئتەز مۇستەئىنغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن تۈركلەردىن 50 مىڭ كىشىلىك قوشۇن سەپەرۋەر قىلغان. تۈركلەرنىڭ باتۇرلىقىنى تۇنجى بولۇپ مەدھىيلىگەن باغدادتا يېتىشكەن ئاتاقلىق ئەرەپ شائىرى ئابباس ئىبنى رۇمى مۇنداق يازىدۇ: >تۈرك ئەسكەرلىرى جەڭ مەيدانىدا تۆمۈر سېپىلدەك ساباتلىق تۇرىدۇ. كىشىنىڭ كۆزىگە دېڭىز دولقۇنلاۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ. جەڭ باشلانغاندا دۈشمەنگە قارشى خۇددى يېنىپ تۇرغان ئوت بولۇپ تېگىدۇ<. قىپچاقلار ھەققىدە يېزىلغان شېئىردا مۇنداق تەسۋىرلىنىدۇ: >باتۇر تۈرك يىگىتلىرىنىڭ دۈشمەنلەرنى كېلىشتۈرۈپ سېلىشى ئالدىدا چاقماقمۇ يىپ ئېشەلمەيدۇ. ئۇلار شۇنداق بىر قوۋمدۇركى، دوستلارغا مەرھەمەت قىلىشتا پەرىشتىلەرگە ئوخشايدۇ، جەڭ مەيدانىدا دۈشمەنگە خۇددى دىۋىدەك تېگىدۇ< )>تەلپىقۇلئەخبار<، 1 ـ جىلد 36 ـ، 38 ـ بەتلەر(. كېيىنكى دەۋر تۈركىي خەلقلەر كۆپلەپ جەنۇبقا كۆچكەن دەۋر بولدى. بولۇپمۇ ئوغۇز تۈركمەنلىرى خۇراسان، شەرقىي ئىران، ئىراق، شام ۋە كىچىك ئاسىياغا تۈركۈم ـ تۈركۈملەپ كۆچتى. بۇ كۆچمەنلەر باراـ بارا شۇ جايلار ئاھالىسىنىڭ ئېتنىك تەركىبىگە تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىدى. ئۆمەۋىلەر زامانىدا، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ نۇرغۇن جايلىرى ئەرەب قوشۇنلىرى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىندى. ئۇ يەرلەرنىڭ ئاھالىلىرى ئەرەبلەرگە خىراج )باج( تۆلەيتتى، گاھى باج ئورنىدا ئۇلارغا بالىلىرىنىمۇ ئەۋەتىپ بېرەتتى، ئۇلار قۇلغا ئوخشاش سېتىلغانلىقتىن، ئۇلارغا مەملۇك، ياكى مەمالىك )چاكارلار( دېيىلەتتى، بۇنداق مەملۇكلەر خەلىپە سارايلىرىدا ئەمىرلەرگە تەقسىم قىلىپ بېرىلەتتى. خەلىپە قوشۇنىغا قاتناشتۇرۇلاتتى. تۈركلەرنىڭ ئەرەب قوشۇنىغا قاتنىشىشى ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ  خەلىپە مەنسۇر )754 ـ 775 ـ يىللىرى( زامانىدا باشلانغانىدى. خەلىپە زامانىدا )838 ـ 842 ـ يىللىرى( تۈركلەرنىڭ نوپۇزى ناھايىتى زورايدى. مۇئتەسىم تۈركلەرنى مۇسۇلمان ۋە غەيرى مۇسۇلمان دەپ ئايرىماستىن، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئەسكەرلىككە ئېلىۋېرەتتى. غەيرى مۇسۇلمان تۈركلەردىن قوشۇنغا قاتناشقانلار ئاستا ـ ئاستا ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئىرانلىقلارنىڭ قولىدىكى نوپۇز بارا ـ بارا تۈركلەرگە ئۆتتى. خەلىپىلىكتىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسى تۈركلەرنىڭ رايى بويىچە بولىدىغان بولدى. مۇتەۋەككىل )847 ـ 861 ـ يىللىرى( زامانىدا ئۇلارنىڭ كۈچى تېخىمۇ زورايدى، مۇئەتەز خەلىپە تەختكە چىققان چاغدا، ئۇنىڭ يېقىنلىرىدىن بىرى مۇنەججىمدىن: >مۇئەتەزنىڭ خەلىپىلىكى قانچىلىك داۋاملىشار؟< دەپ سورىغاندا، مۇنەججىم: >تۈركلەر ئۇنىڭ قاچانغىچە داۋاملىشىشىنى خالىسا، ئۇ شۇ چاققىچە داۋاملىشىدۇ< دەپ جاۋاب بەرگەن. مۇئىتەسىمنىڭ زامانىدا ئىسلام ئەللىرىدە تۈركلەرنىڭ نوپۇزى ئالاھىدە كۈچەيگەنىدى، خەلىپە مۇئتەسىمنىڭ ئانىسى تۈركىي خەلقلەردىن ئىدى. مۇئتەسىم ئاكىسى ئەمىننى ئىرانلىقلار ئۆلتۈرۈۋەتتى، دەپ ئۇلارغا دۈشمەنلىك بىلەن قاراپ، تۈركلەرنى ئۆزىنىڭ يېقىن ياردەمچىسى قىلىۋالغانىدى. تۈرلۈك يول بىلەن باغدادقا كېلىپ قالغان، خەلىپە مۇئتەسىمگە تەۋە تۈركىي غولاملارنىڭ ئۆزىلا 18 مىڭدىن ئاشاتتى. خەلىپە مۇئتەسىمنىڭ قوشۇنىنىڭ كۆپ قىسمىنى تۈركىي ئەسكەرلەر تەشكىل قىلاتتى. خەلىپە مۇئتەسىم زامانىدا غەيرى ئەرەبلەرنىڭ نوپۇزى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشكە باشلىغان. مۇئتەسىم ئۆزىنىڭ خەۋپسىزلىكىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن مىسىرلىقلاردىن مەخسۇس قوشۇن تەشكىللەپ، ئۇلارغا >مەغارىبە< دەپ نام بەرگەن. تۈركىي خەلقلەردىن بىر قوشۇن تەشكىللەپ ئۇلارغا >پەراغىنە< ياكى >ئەتراك< دەپ نام بەرگەن. مەھمۇد قەشقەرى >دىۋان< مۇقەددىمىسىدە >دىۋان<نى خەلىپە مۇقتەدى بىئەمرىللاھقا ئارمىغان قىلغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتىدۇ. ئۇنىڭ ئىسمى ئوبۇلقاسىم ئۇررە تۇددىن ئابدۇللا بولۇپ، ئاتىسى زەخىرۇددىن ئوبۇلقاسىم مۇھەممەد ۋاپات  بولغاندا ئانىسىنىڭ قوسقىدا بولۇپ، تېخى تۇغۇلمىغانىدى. ئۇنى چوڭ دادىسى خەلىپە قائىم بىئەمرىللاھ قېتىرقىنىپ تەربىيىلەپ، ئەخلاقىي ۋە ئىلمىي جەھەتتىن ياراملىق قىلىپ يېتىشتۈرىدۇ. مۇقتەدى 20 يېشىدا ھىجىرىيە 476 ـ يىلى )مىلادى 1075 ـ يىلى( شەئبان ئېيىنىڭ )ھىجىرىيە 7 ـ ئاي( 13 ـ كۈنى جۈمە كۈنىدە ۋەزىرلەر، ئەمىرلەر ۋە يۇرت چوڭلىرى قاتناشقان كاتتا مۇراسىمدا خەلىپىلىك تەختىگە ئولتۇرىدۇ. چوڭ ئەربابلاردىن ئەڭ ئاۋۋال خوجىزادە شەرىف ئەبۇ جەئفەر خەلىپىگە قول بېرىپ بەيئەت قىلىدۇ. بەيئەت قىلىش جەريانىدا ئەبۇجەئفەر: >ئارىمىزدىن بىرەر باشلىق تۈگىسە، ئورنىغا يەنە بىر باشلىق چىقىدۇ<  دەپ شېئىر باشلايدۇ. بۇ چاغدا خەلىپە: >بۇ باشلىق ئەمەلىيەتچىل بولسا، كىشىلەر ياقتۇرىدۇ<  دەپ ئايىقىنى چۈشۈرىدۇ، ئارقىدىنلا خەلىپىگە ئەبۇ ئىسھاق شىرازى )نىزامىيە مەدرىسىنىڭ باش مۇدەررىسى(، ئەبۇ نەسىر ئىبنى سەبباغ، ئەبۇ مۇھەممەد تەممى قاتارلىق ئالىملار بەيئەت قىلىدۇ. >مۇقەددىمە<دە مەھمۇد قەشقەرى خەلىپە مۇقتەدىنى ياخشى سۈپەتلەر بىلەن تەرىپلەپ، ئۇنىڭ ھەققىدە دۇئا قىلىدۇ. مەھمۇد قەشقەرىنىڭ مۇنداق قىلىشىمۇ ئاساسسىز ئەمەس ئىدى. خەلىپە مۇقتەدى دۆلىتىنىڭ ئاۋاتلىقى ئۈچۈن كۆپ ئىشلارنى قىلغان. جەمئىيەت ئامانلىقىنى كۈچەيتكەن، قىمارخانا، پاھىشىخانىلارنى يوقاتقان. كەپتەرۋازلىق، بىكار تەلەپلەرگە چەك قويغان. مۇنچا ـ سەرراپلاردىن چىققان پاسكىنا سۇلارنى دەجلە دەرياسىغا ئېقىتىۋېتىشنى توسقان. ئايرىم قۇدۇقلارنى كولىتىپ، پاسكىنا سۇلارنى چىقىرىشنى يولغا قويغان، ئىلىم ئىشلىرىنىڭ راۋاجىغا ئىمكان بېرىپ، ئالىملارنى ھۆرمەتلىگەن، ئۇلارنىڭ ئورنىنى ئۆستۈرگەن. مەھمۇد قەشقەرى مۇقەددىمىدە: >تۈرك تىلىنى ئۆگىنىڭلار، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئۇزاق داۋام قىلىدۇ< )>دىۋان<، Ⅰ توم، 2 ـ بەت( دېگەن ھەدىسنى نەقىل كەلتۈرۈپ، بۇنى ئىشەنچىلىك بۇخارالىق بىر ئالىم بىلەن نىشاپورلۇق بىر ئالىمدىن ئاڭلىغانلىقىنى، يەنى تەلىم ئالغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بۇ يەردە >ئاڭلىدىم< دەپ تەرجىمە قىلىنغان سۆز ئەسلىي  تېكىستىدە >سمىت< )سەمئىتۇ( بولۇپ، ھەدىسشۇناسلارنىڭ ئىستىلاھى )تەبىرى( بويىچە ئېيتقاندا، بۇ سۆزنىڭ مەنىسى >ھەدىس ئۆگەندىم< دېگەن بولىدۇ. دېمەك، بۇ سۆز ھەدىس ئۆگەنگۈچى شاگىرت بىلەن ئۆگەتكۈچى ئۇستازنىڭ ئارىسىدا قوللىنىلىدۇ. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، مەھمۇد قەشقەرى ھەدىس ئىلىمى بىلەنمۇ شۇغۇللانغان، بۇخارا، نىشاپورلارغا بېرىپ ئىلىم تەھسىل قىلغان، ئەينى زامانلاردا بۇخارا ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ۋە ئىسلام ئىلىملىرىنىڭ مەركىزى بولغان. بۇخارا ئۆزىنىڭ مەدرىسلىرى، يېتىشتۈرۈپ چىققان ئالىملىرى بىلەن جاھانغا داڭ چىقارغان. تالىبۇلئىلىملەرنىڭ ۋە ئۆلىمالارنىڭ قىبلىگاھى بولغان. ئوتتۇرا ئاسىيا بويىچە داڭدار ئالىملارنىڭ نۇرغۇنى بۇخارا مەدرىسلىرىنىڭ ئۈزۈپ چىققان پىشقەدەم تالىبۇلئىلىملىرى ئىدى. ھەدىسشۇناسلىق بۇرۇندىن تارتىپ بۇخارادا ئالاھىدە راۋاجلانغانىدى. ھەدىسشۇناسلارنىڭ پىرى، ئەڭ مۆتىۋەر كىتاب >سەھىھۇلبۇخارى<نىڭ مۇئەللىپى ئىمام بۇخارى ئەنە شۇ بۇخارادا يېتىشكەنىدى. نىشاپورمۇ بۇخاراغا ئوخشاش ئىلىم مەركەزلىرىدىن بىرى ئىدى. ئەينى چاغلاردا ئابباسىيلار دۆلىتىدە ئىككى ئىلىم مەركىزى بولۇپ، بىرى باغداد، يەنە بىرى نىشاپور ئىدى. ئىسلامىيەت تارىخىدا تۇنجى بولۇپ مەيدانغا كەلگەن نىزامىيە مەدرىسىنىڭ بىرى باغدادتا، يەنە بىرى نىشاپوردا تەسىس قىلىنغانىدى. ئىلىم سورۇنلىرى، بىلىم ئېلىش جايلىرى مەسچىتلەردىن مەدرىسلەرگە كۆچكەن دەۋرلەردە نىشاپور شەرقنىڭ كۆزنىكى، فازىللارنىڭ كانى، ئۆلىمالارنىڭ ماكانىغا ئايلانغانىدى. مەھمۇد قەشقەرى ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئەرەب تىلىغا توشقان تىلشۇناس بولۇشى بىلەن تەفسىر، ھەدىس، فىقھى )قانۇنشۇناسلىق( قاتارلىق ئىسلامشۇناسلىق بىلىملىرىنىمۇ پۇختا ئىگىلىگەنىدى. مەزكۇر ھەدىسنى بۇخارالىق ۋە نىشاپورلۇق ھەدىس ئالىملىرىدىن ئۆگەنگەنلىكىدىن قارىغاندا، ئۇنىڭ بۇخارا ۋە نىشاپور قاتارلىق ئىلىم مەركەزلىرىگە بېرىپ ئىلىم تەھسىل قىلغانلىقىنى قىياس قىلىشقا بولىدۇ. ئىمام بۇخارادىن قالسىلا 2 ـ ئورۇندا تۇرىدىغان، مەشھۇر ھەدىس كىتابى >سەھھى مۇسلىم<نىڭ مۇئەللىپى مۇسلىم ئىبىن ھوججاج نىشاپورلۇق ئالىم ئىدى. ئىمام بۇخارى نىشاپورغا كەلگەندە، مۇسلىم ئۇنىڭدىن ھەدىس ئىلمى ئۆگەنگەن ۋە ئىمام بۇخارىدىن ئۆرنەك ئالغانىدى. نىشاپور ئۇلئابباسۇلئەسەم، ئەبۇ مەنسۇر ئابدۇلمەلىك، ئەبۇ ئابدۇللا ھاكىم قاتارلىق ھەدىس ئالىملىرى ئۆتكەن يۇرت ئىدى. يۇقىرىقى ھەدىستىكى ئىككى ئالىم ئەسلىي تېكىستتە >ئىمام< دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلەنگەن، بۇ يەردىكى >ئىمام<نىڭ مەنىسى >ھەدىسشۇناس، ھەدىس ئالىمى، ھەدىس پېشۋاسى< دېگەن بولىدۇ. لېكىن، مۇئەللىپ بۇ يەردە ئۇلارنى >ئىمام< دەپ ئاتاش بىلەنلا كۇپايىلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئىسمىنى ئېنىق تىلغا ئالمىغان. بۇنىڭ سەۋەبىنى مۇنداق چۈشىنىشكە بولىدۇ، مەھمۇد قەشقەرى يۇقىرىقى ھەدىسنى ئىشەنچىلىك كىشىلەردىن ئاڭلىغانلىقىنى ئېيتقاندا رىۋايەت قىلغۇچىلارنىڭ >ئۆزى جاۋابكار<، >توغرا بولمىغان تەقدىردىمۇ< دېگەن ئىزاھنى بېرىپ مەزكۇر ھەدىسكە تازا ئىشەنچ قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. روشەنكى، مۇئەللىپ ئۆزىگە ئۇستاز يوللۇق ھەدىس پېشۋالىرىنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ تۇرۇپ ئۇلارنى يالغانغا چىقىرىشنى ئەپ كۆرمىگەن، ئۇلارنى ئايىغان. ئىككىنچى ھەدىسكە كېلىدىغان بولساق، مەھمۇد قەشقەرى بۇ ھەدىسنى توغرا دەپ قارىغان، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى ھۈسەيىن خەلەپتىن تەلىم ئالدىم، دەپ ئۇستازنىڭ ئىسمىنى ئاشكارا تىلغا ئالغان. ھەدىس قۇرسنى رىۋايەت قىلغۇچى ھۈسەيىننى مەھمۇد قەشقەرى شەيىخ، ئىمام، زاھىدتىن ئىبارەت ئۈچ سۆز بىلەن سۈپەتلەيدۇ. بۇ يەردىكى >شەيىخ<نىڭ مەنىسى ھەدىس ئالىملىرىنىڭ ئىستىلاھى بويىچە ئېيتقاندا، ھەدىس ئىلىمىدا تونۇلغان ئۇستاز دېگەن بولىدۇ، >ئىمام<نىڭ مەنىسى >ئىلىمـ پەننىڭ بىرەر تۈرىدە ئۈزۈپ چىقىپ، شۇ پەننىڭ مۇتەخەسسىسى، پېشۋاسى بولغان ئادەمگە قارىتا ئېيتىلىدۇ. بۇ يەردە ھەدىس ئىلمىنىڭ ھەممە ئېتىراپ قىلغان مۇتەخەسسىسى< دېگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ. زاھىر تەقۋادار مەنىسىدە، بۇنىڭدىن تەقۋادار ئادەم ھەدىس رىۋايەت قىلىشتا يالغاننى ئارىلاشتۇرمايدۇ، دېگەن مەنا چىقىدۇ. >دىۋان<دا >خىسيىن بىن الكاشغرى< يەنى قەشقەرلىق خەلىپە ئوغلى ھۈسەيىن، دەپ تىلغا ئېلىنغان. تارىخىي مەنبەلەردە بولسا، ھۈسەيىن ئىبىن ئەلى ئىبنى خەلەف دەپ تىلغا ئېلىنغان. ھەدىسشۇناس ئالىملارنىڭ تەرجىمىھالى يېزىلغان ۋە ئىشەنچىلىك دەپ قارالغان >مىزانۇلئئىتدال< )ھەدىسشۇناسلارنىڭ تەرجىمھالى(دا ئۇ ئەڭ زېرەك ھۈسەيىن ئىبىن ئەلى كاشغەرى دەپ ئېلىنغان. شۇنىڭدەك ئەبۇلفەزلى ھۈسەيىن ئىبىن ئەلى بولسا، ئىبىن غىلاندىن ھەدىس رىۋايەت قىلىدۇ. ئىبىن غىلان ھەدىس رىۋايەت قىلىشتا ئىشەنچىلىك ئەمەس، دەپ باھا بېرىدۇ. >مىزانۇلئئىتدال< كىتابىدا >ئەلمەئى< )زېرەك( دېگەن سۆز ھۈسەيىننىڭ سۈپىتى قىلىپ ئېلىنغان. >مۇلھەقاتۇسسۇراھ< )سۇرراھ لۇغىتىنىڭ قوشۇمچىسى(دا ھۈسەيىننىڭ ئوغلى ئابدۇغەففارنىڭ سۈپىتى قىلىپ ئېلىنغان. >مۇلھەقاتۇسىھراھىنىما< مۇئەللىپى >مىزانولئئىترال< نىڭ مۇئەللىپىدىن يېرىم ئەسىرچە بۇرۇن ئۆتكەنلىكى ۋە ھۈسەيىن ئىبىن ئەلى خەلەفنىڭ يۇرتدىشى بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ يەردە ئۇنىڭ سۆزىنى باشقىلارنىڭكىدىن ئىشەنچىلىكرەك دەپ قاراشقا توغرا كېلىدۇ. جامال قارشىنىڭ >سۇرراھ< لۇغىتىنىڭ مۇلھەقاتى )قوشۇمچىسى(  دا ھۈسەيىن ئىبنى ئەلى ئىبنى خەلەف كاشغەرى دېيىلگەن. دېمەك، >دىۋان<دا ھۈسەيىننىڭ دادىسى بولغان ئەلى سۆزى چۈشۈپ قىلىپ، ھۈسەيىننىڭ بوۋىسى ئۇنىڭ دادىسى قىلىپ قويۇلغان. ھۈسەيىن ئۆز دەۋرىدە تونۇلغان زور ئالىم بولۇپ، باغداد ۋە قەشقەر مەدرىسلىرىدە نۇرغۇن تالىبۇلئىلىملەرگە دەرس ئۆگەتكەن. تەفسىر ۋە ھەدىسكە ئائىت كۆپلىگەن ئەسەرلەرنى يازغان. مىلادى 1093 ـ يىلى )ھىجىرىيە 486 ـ يىلى( قەشقەردە ۋاپات بولغان. ھۈسەيىن ئىبنى ئەلى ئىبنى خەلەفنىڭ زېرەك ئابدۇلغەففار دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئوغلى بولۇپ، ئۇمۇ دادىسىغا ئوخشاشلا توشقان ئالىم بولغان، تەفسىر ۋە ھەدىسكە ئائىت ئەسەرلەرنى تەسنىپ قىلغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇ قەشقەردە دادىسىنىڭ ھۇزۇرىدا دەرس ئوقۇۋاتقاندا، ئۇنى شۇ زاماننىڭ سەلتەنەت تەختىدە ئولتۇرغان خان چاقىرىپ، ئۇلاغ ئەۋەتىدۇ. ئابدۇلغەففار يولدا كېتىۋېتىپ ئۇلاغدىن يىقىلىپ چۈشۈپ، شۇ جايدىلا جان ئۈزىدۇ. ئۇنىڭ جەسىتى قەشقەرنىڭ سىرتىدىكى يەتتە قىبلە دېگەن جايغا دەپنە قىلىنىدۇ. ئابدۇلغەففارنىڭ ئاتىسى ھۈسەيىن ئىبنى ئەلى ئىبنى خەلەفمۇ >يەتتە قىبلە< دېگەن جايغا دەپنە قىلىنغان بولۇشى مۇمكىن. ئەنە شۇ ئابدۇلغەففار >تارىخ كاشغىر< )>قەشقەر تارىخى<( كىتابىنى يازغانىدى. ئەپسۇسكى، بۇ كىتاب ھازىرغا قەدەر بايقالغىنى يوق. ئابۇلغەففارنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئاتىسى ھۈسەيىن ئىبنى ئەلى ئىبنى خەلىفنىڭ ئەسەرلىرىدىن ھېچقايسىسى زامانىمىزغىچە يېتىپ كېلەلمىگەن. مەھمۇد قەشقەرى >مۇقەددىمە<دە يەنە: تۈركىي تىلنىڭ ئەرەب تىلى بىلەن بەيگىگە چۈشكەن ئىككى ئاتقا ئوخشاش تەڭ چېپىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىش ئۈچۈن، ئابدۇراھمان خەلىل ئىبىن ئەھمەد تەسنىف قىلغان >كىتابۇلئەين< ناملىق لۇغەتتىكىدەك >دىۋان<غىمۇ ئارخائىك سۆزلەرنى كىرگۈزۈشنى ئويلىغانلىقىنى، مۇنداق قىلغاندا دىۋاننىڭ تېخىمۇ مۇكەممەل بولىدىغانلىقىنى، لېكىن سۆزلەرنى ئوڭاي تېپىش، كىشىلەرنىڭ قىزىقىشى ۋە ئىخچاملىق قاتارلىق جەھەتلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىستېمالدىن قالغان سۆزلەرنى ئالمىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ )>دىۋان< Ⅰ توم، 6 ـ بەت(. بۇ يەردە دىققەتكە سازاۋەر ئىنچىكە بىر نۇقتا شۇكى، مۇئەللىپ: تۈركىي تىلنىڭ ئەرەب تىلى بىلەن بەيگىگە چۈشكەن ئىككى ئاتقا ئوخشاش تەڭ چېپىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىش ئۈچۈن، ئەرەب ئالىمى ئابدۇراھمان خەلىل ئىبىن ئەھمەدنىڭ چوڭ ھەجىملىك قامۇسى >كىتابۇلدايىن<گە ئوخشاش ئىستېمالدىن  قالغان سۆزلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا >دىۋان<نى يازغان بولسام تېخىمۇ ئەتراپلىق بولاتتى، دەيدۇ. ئەسلىي تېكىستتىكى >او ب< سۆزى >تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ مۇكەممەل، تېخىمۇ ئەتراپلىق< دېگەن مەنالاردا كېلىدۇ )>دىۋان<نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدە بۇ سۆز قانداقتۇ >تېخىمۇ تەرتىپلىك< دەپ تەرجىمە قىلىنىپ قالغان(. بۇنىڭ بىلەن مەھمۇد قەشقەرى زامانىدىلا تۈركىي تىللاردىكى ئارخائىزم بولۇپ كەتكەن سۆزلەرنىڭ ناھايىتى كۆپ ئىكەنلىكىدىن بېشارەت بېرىلىدۇ. خەلىل ئىبنى ئەھمەدنىڭ >كىتابۇل< )ئەيىن( كىتابى 48 جىلد قىلىپ يېزىلغان. مۇنداق زور ھەجىملىك قامۇستا، ئىككى تىل بەيگىگە چۈشكەن ئىككى    ئاتقا تەمسىل قىلىنغان. >دىۋان<نىڭ ھەجىمىمۇ >كىتابۇلئەيىن<غا ئوخشاش زور بولۇشى پىلانلانغان. بۇنىڭ ئۈچۈن مەھمۇد قەشقەرى نۇرغۇن ماتېرىيال توپلىغان. بۇ ماتېرىياللار رەتلىنىش، تاللىنىش  باسقۇچلىرىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ، نۇرغۇن قىسمى شاللىۋېتىلگەن. بۇ نۇقتىنى مۇنۇ ئىككى سۆزدىنمۇ بايقىۋالالايمىز. >دىۋان<نىڭ مۇقەددىمىسىدىكى >… ئىشلىتىلىۋاتقان سۆزلەرنى ئالدىم، ئىشلىتىلمەيدىغانلىرىنى تاشلىدىم< )>دىۋان< Ⅰتوم، 6 ـ بەت(.دېگىنى ئەسلىيى تېكىستتە >ئەسبىھەتتۇ<بولۇپ، ئۇنىڭ >مۇقىملاشتۇرۇش< دېگەن مەنىسى بار، >تاشلىۋەتتىم< دېگەن سۆز ئەسلىي تېكىستتە >ئەھمەلتو< بولۇپ، ئۇنىڭ >قالدۇرۇش< دېگەن مەنىسى بار. مۇنداقتا مۇئەللىپ: >قولۇمدا نەقلەشكەن مول سۆزلۈكلەر ياكى مول ماتېرىياللاردىن بىر قىسمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، كىتابتىن ئورۇن بەردىم. بىر قىسمىنى بولسا، كىتابقا بېرىشتىن قالدۇرۇۋەتتىم< دېگەن بولىدۇ. ئارخائىزم سۆزلەر قالدۇرۇۋېتىلمىگەن بولسا، >دىۋان<مۇ >ئەين< كىتابىغا ئوخشاش نەچچە ئون جىلد يېزىلغان بولاتتى. بۇ يەردە شۇنىمۇ قەيت قىلىپ ئۆتۈش كېرەككى، ئەھمەد ئىبىن خەلىلنىڭ >ئەين< كىتابى مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭدا بايان قىلىنغان ئىشلىتىلمەيدىغان سۆزلەر ئۈستىدە، ئەينى زامان ئالىملىرىنىڭ قارىشى ئوخشاش بولمىغان. بەزىلىرى >ئەين< كىتابىدا ئايرىلغان ئىشلىتىلمەيدىغان سۆزلەرنى ماقۇللىغان، بەزىلىرى بولسا ئۇنى خاتاغا چىقارغان. مەھمۇد قەشقەرى >ئەين< كىتابىدىكى ئىشلىتىلمەيدىغان سۆزلەر توغرىسىدىكى ئۆلىمالارنىڭ ئىختىلاپلىرىدىن خەۋەرسىز ئەمەس ئىدى، ئەلۋەتتە. مەھمۇد قەشقەرى >دىۋان<نى كىشىلەرنىڭ تۈركىي تىللارنى ئۆگىنىشى ئۈچۈن ۋە تۈركىي خەلقلەر مەدەنىيىتىنى باشقىلارغا تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن يېزىپ چىققانلىقىنى مۇقەددىمىدىكى بايانلاردىن بىلىپ ئالالايمىز. دېمەك، مەھمۇد قەشقەرىنىڭ >دىۋان<نى يېزىشتىكى مەقسىدى، خەلىل ئىبنى ئەھمەدنىڭ >ئەين< كىتابنى يېزىشتىكى مەقسىدى بىلەن تۈپتىن ئوخشىمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ >دىۋان<نى يېزىشتا خەلىل ئىبنى ئەھمەدنى ئۆرنەك قىلماي، باشقىچە يول تۇتقان. >دىۋان<نىڭ يوقىلىپ كېتىپ قايتا تۈپلىنىش تەقدىرى، ئابدۇراخمان خېلىل ئىبنى ئەھمەد تەسنىف قىلغان >كىتابۇلئەين<نىڭ تەقدىرىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. ئىبنى نەدىمنىڭ >فىھرسىت<تە كۆرسىتىشىچە ھىجىرىيە 170 ـ يىلى )مىلادى 787 ـ يىللىرى( يېزىلغان >كىتابۇل ئەين< كىتابى ئۆز ۋاقتىدا مەيدانغا چىقالماي ھىجرىيە 248 ـ يىلى )مىلادى 863 ـ يىللىرى(غا كەلگەندە ئاندىن جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشەلىگەن. ئەبۇ بەكرى ئىبنى ئورەيد مۇنداق دەيدۇ: >خېلىل ئىبنى ئەھمەدنىڭ >ئەينى< كىتابى 248 ـ يىلىغا كەلگەندە، بەسرە شەھرىدە پەيدا بولۇپ قالدى. 50 جىلدلىك بۇ كىتابنى بىر كىتابچى خۇراساندىن 50 تىللاغا سېتىۋېلىپ ئېلىپ كەپتۇ. بۇرۇن بىز بۇ كىتابنىڭ خۇراساندا تاھىرلار خاندانلىقىنىڭ كۇتۇپخانىسىدا ساقلانغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدۇق. ئەمما، نۇرغۇن ئادەملەر مۇنداق كىتابنىڭ ئىشلەتكەنلىكىنى قەيەردىلىكىنى زادى بىلمەيتتى< دېگەن. مەتبەئەچىلىك مەيدانغا كەلمىگەن، ئەسەرلەر قولدىن ـ قولغا كۆچۈرۈلۈپ تارىلىدىغان ئەينى زاماندا مۇنداق ئەھۋاللارنىڭ بولۇپ تۇرۇشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس ئىدى، ئەلۋەتتە.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  گومىنداڭنىڭ تۇرپان...
●  <تۈركىي تىللار دىۋا...
●  ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىن...
●  تۈركىي تىللار دىۋا...
●  دىۋانۇ لۇغاتىت تۈر...
●  <تۈركىي تىللار دىۋا...
●  قارلۇق توغرىسىدا 
●  <تۈركىي تىللار دىۋا...
●  <تۈركىي تىللار دىۋا...
●  <دىۋانۇ لۇغاتىت تۈر...
●  قارلۇق توغرىسىدا ( ...
●  ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىق...
●  ھەربىر مىللەت ئۆز ئ...
●  كروران ئەۋلادلىرى ...
●  تەكلىماكاندىكى قەد...
●  كروران ئەۋلادلىرى ...
●  ئاستانە - ئالغۇي ت...
●  تەڭرى تاغ مەدەنىيى...
●  تارىم مەدەنىيىتى
●  قەدىمقى ئاتالغۇلار...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  گومىنداڭنىڭ تۇرپاندىكى ...
●  <تۈركىي تىللار دىۋانى>دى...
●  ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زا...
●  تۈركىي تىللار دىۋانى< دى...
●  دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك< نىڭ...
●  <تۈركىي تىللار دىۋانى> د...
●  قارلۇق توغرىسىدا 
●  <تۈركىي تىللار دىۋانى> د...
●  <تۈركىي تىللار دىۋانى> د...
●  <دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك> نى...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى