بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : مەدەنىيىتىمىز >> تارىخمىز >> <تۈركىي تىللار دىۋانى> دىكى ماقال ـ تەمسىللەرنىڭ تۈرلەرگە  ئايرىلىشى ھەققىدە

<تۈركىي تىللار دىۋانى> دىكى ماقال ـ تەمسىللەرنىڭ تۈرلەرگە  ئايرىلىشى ھەققىدە

يوللانغان ۋاقتى : 2008-09-04 11:16:23    كۆرۈلۈش سانى : 348  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
  ئەشرەپ ئابدۇللا قۇتزات    مەھمۇد قەشقەرى  Ⅺ ئەسىر قاراخانىيلار دەۋرىدە ياشاپ ئىلمىي، ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان ئېنسىكلوپىدىك ئالىم. ئۇ ئىسلام دىنى ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرۇۋاتقان ئوتتۇرا ئەسىر شارائىتىدا، ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ تىل، ئەدەبىيات، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، پەلسەپە، فولكلور، ئېتنوگرافىيە، گىئوگرافىيە،  تېبابەت قاتارلىق ساھەلەر بويىچە زور زېھىن كۈچ سەرىپ قىلىپ،  >تۈركىي تىللار دىۋانى< )تۆۋەندە >دىۋان< دەپ ئېلىندى(  نى يېزىپ چىقىپ،  ئىلىم ـ پەنگە ئۆلمەس تۆھپە قوشتى. يۇقىرى سەۋىيىگە، مول دەلىل ـ ئىسپاتلارغا، كۈچلۈك ئىلمىي قىممەتكە ئىگە بۇ ئەسەرنى يېزىشتىن بۇرۇن مەھمۇد قەشقەرى مەركىزىيـ ئوتتۇرا ئاسىياغا جايلاشقان قەشقەر، بالاساغۇن، بارسقان، خارەزم، تالاس قاتارلىق جايلار، ئارغۇ يېزىلىرى، قىپچاق دالىلىرى شۇنىڭدەك ئۇيغۇر ئېلى — قوچو رايونلىرىدىكى  )كۇچا، ئىدىقۇت، بەشبالىق، سۇلمى، چانبالىق، ياڭى بالىق( ئىلى رايونلىرى ھەتتا ئورقۇن ـ يېنىسەي دەرياسى ۋادىلىرىدىكى شەھەر ـ يېزا قىشلاقلاردىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ تىلى، تارىخى، مەدەنىيىتى، ئۆرپ ـ ئادىتى، فولكلورى، تۇرمۇشى، ئەدەبىياتىغا ئائىت بىلىملەرنى ئەتراپلىق ئۆگەنگەن.  بىرىنچى ماتېرىياللارنى توپلىغان. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى ئىلمىي تەكشۈرۈش ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ >دىۋان< دا: >ئۇلارنىڭ شەھەر ۋە سەھرالىرىنى باشتىن ـ ئاياق كېزىپ چىقتىم، تۈرك، تۈركمەن، ئوغۇز، چىگىل، ياغما، قىرغىز قەبىلىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى ۋە قاپىيىلىرىنى ئېنىقلاپ چىقىپ، ئۇلاردىن پايدىلاندىم< دەپ ئېنىق چۈشەنچە بەرگەن. مەھمۇد قەشقەرى يەنە: >مەن بۇ كىتابنى ھېكمەتلىك سۆزلەر، سەجئىلەر، ماقالـ  تەمسىللەر، بېيىت ـ قوشاقلار، رەجەزلەر ۋە نەسرىي پارچىلار بىلەن بېزەپ مەخسۇس ئېلىپبە تەرتىپىدە تۈزۈپ چىقتىم< دېيىش ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىش ئېھتىياجى تۇغۇلغان ئەرەبلەرنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى ئىگىلىشىگە قۇلايلىق يارىتىپ بېرىش مەقسىتىدە، قەشقەرنى مەركەز قىلىپ مەيدانغا كەلگەن، قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنى ئاساس قىلغان، خاقانىيە تىلىنى ئۆلچەم قىلىپ، >دىۋان< نى يېزىپ چىققانلىقىنى، >دىۋان< دا كۆرسەتكەن ئۇيغۇر تىلىنى كۈچلۈك، تەسىرلىك قىلىپ تونۇشتۇرۇش مەقسىتىدە، قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىخچام ـ ئوبرازلىق كۆرىنىشى بولغان ماقال ـ تەمسىللەرنى، ئەدەبىي پارچىلارنى، تارىخىي  ۋەقەلەرنى مىسال قىلىپ ئالغانلىقىنى ئېيتقان. مەھمۇد قەشقەرى >دىۋان< نى تۈزۈشتە مەركىزىي ـ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ جەمئىيەت ئەھۋالى، تۇرمۇشىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ تىل ماتېرىيالىنى توپلاش بىلەن بىرگە يەنە ئەدەبىياتىنى بولۇپمۇ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەر تىللىرىنىڭ جەۋھىرى ھېسابلانغان ماقال ـ تەمسىللەرنى كەڭ تۈردە توپلاپ، بۇلارنى ئۈلگە سۈپىتىدە >دىۋان< غا كىرگۈزۈپ خاتىرىلەپ قويغان. مەھمۇد قەشقەرى >تۈركىي تىللار دىۋانى< دا خاتىرىگە ئالغان ماقالـ تەمسىل جەمئىي 927 پارچە بولۇپ، بۇ ماقال ـ تەمسىللەر، تارىخىنىڭ قەدىمىيىلىكى، تېما دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى، مەزمۇنىنىڭ موللىقى،  سان جەھەتتە كۆپلىكى، ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ دۇنيا قارىشى، تۇرمۇشى، ئۆرپ ـ ئادىتى، تىلىنى ئەتراپلىق ئىپادىلەپ بەرگەنلىكى بىلەن يۇقىرى ئىلمىي قىممەتكە ئىگە.  >دىۋان< دىكى ماقال ـ تەمسىللەرنى تۈرلەرگە ئايرىپ چىقىپ تۇرغۇزۇش، بۇندىن كېيىنكى >دىۋان< تەتقىقاتىدا، ماقال ـ تەمسىللەرنى تۈرلەر بويىچە چۈشىنىشتە، تەتقىق قىلىشتا ھەم كېيىنكى دەۋرلەردىكى ماقال ـ تەمسىللەر بىلەن سېلىشتۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ تۈرلەر تۆۋەندىكىچە:  >دىۋان< دىكى ماقالـ تەمسىللەر، بىر قىسىم سۆزلەرنىڭ چۈشەندۈرۈلۈش  ئېھتىياجىغا ئاساسەن مىسالغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇ ماقالـ تەمسىللەر >دىۋان< نىڭ Ⅰ تومىدا 152 پارچە، Ⅱ تومىدا 44 پارچە، Ⅲ تومىدا 83 پارچە بېرىلگەن. >دىۋان< دىكى ماقال ـ تەمسىللەرنى تۈرگە ئايرىش ۋە تۈرلىرى بويىچە خاتىرىلەشتە تۆۋەندىكى مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر نەزەرگە ئېلىندى. 1. >دىۋان< دىكى ماقال ـ تەمسىللەر كەڭ >دىۋان< تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ۋە ئوقۇرمەنلەرنى كۆزدە تۇتۇپ ھەم ئاممىباب بولۇشنى مەقسەت قىلىپ، ئەسلىدىكى تىرانسكرىپسىيە بىلەن بېرىلگىنى ئېلىنماي، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن ئېلىندى. >دىۋان< تىرانسكرىپسىيىسىدىكى >z< ھەرىپى >د< بىلەن ئىپادىلەندى. 2. ماقال ـ تەمسىللەرنىڭ مەنىسى >دىۋان< دا بېرىلگەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە يەشمىسى ئاساس قىلىندى. ھەر بىر ماقال ـ تەمسىلنىڭ كەينىگە >دىۋان< نىڭ قانچىنچى تومى ۋە قانچىنچى بەتتە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان ئېنىق سان ئىسكوپكا ئىچىگە يېزىلدى. 3. ماقال ـ تەمسىللەرنى ئومۇميۈزلۈك تۈرگە ئايرىپ چىقىشتا، ماقال تەمسىللەردە ئىپادىلەنگەن مەزمۇن ئاساس قىلىندى، يەنى مەزمۇنى مەنا جەھەتتىن ئوخشايدىغان، ياكى يېقىن كېلىدىغانلىرى بىر تۈر قىلىندى. يۇقىرىقى ئالاھىدىلىكلەر بويىچە مەن >دىۋان< دىكى ماقال تەمسىللەرنى جەمئى يەتتە چوڭ تۈرگە ئايرىپ چىقتىم. 1. دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، ئەمگەك توغرىسىدىكى ماقال ـ تەمسىللەر. 2. كىشىلىك ھايات، تۇرمۇش، ئىنسان تەبىئىتى توغرىسىدىكى ماقال ـ تەمسىللەر. 3. ئەدەپ ـ ئەخلاق، تەلىم ـ تەربىيە توغرىسىدىكى ماقال ـ تەمسىللەر. 4. ئەقىل ـ بىلىم، چارە ـ تەدبىر توغرىسىدىكى ماقال ـ تەمسىللەر. 5. ئادەمگەرچىلىك، ۋەتەنپەرۋەرلىك، ئىنسانلىق توغرىسىدىكى ماقالـ تەمسىللەر. 6. ئۆرپ ـ ئادەت، كەسىپ ۋە سوداسېتىق توغرىسىدىكى ماقال ـ تەمسىللەر. 7. مۇھەببەت، تەن  ساقلىق، نەرسىلەر توغرىسىدىكى ماقال ـ تەمسىللەر. @@1. دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى توغرىسىدىكى ماقال ـ تەمسىللەر:  ساپاندا ساندىرىش بولسا ئۆرتكۈندە ئىرتەش بولماس. -  ساپان ۋاقتىدا پۇقتىلىق بولسا، خامان ۋاقتىدا جاڭجال بولماس. )Ⅰ توم، 523( يازىن قاتىغلانسا قىشىن سەۋنۈر. -  يازدا قاتتىق ئىشلىسە، قىشتا سۆيۈنەر. )Ⅲ توم، 218( ئەمگەك ئەكەندە قالماس. -  ئەمگەك بىكار كەتمەس. )Ⅰ توم،  149( تەۋە سىلكىنسە  ئەشەككە يۈك چىقار. -  تۆگە سىلكىنسە، ئېشەككە يۈك چىقار. يۇند باشىن يۇلارلاپ كەپىڭلدى. -  ئاتنىڭ بېشىنى نۇختىلاپ يە. )Ⅲ توم، 01( تاز ئات تافارچى بولماس. - چىپار ئات يۈك كۆتۈرەلمەس، چۈنكى ئۇنىڭ تۇيىغى يامان بولىدۇ. )Ⅲ توم، 204( تەۋە يۈك كۆتۈرسە، قامىچ يەمە كۆتۈرۈر. -  يۈكنى كۆتۈرگەن تۆگە، چۆمۈچنىمۇ كۆتۈرىدۇ. )Ⅱ توم، 98( تەۋە مۈنۈپ قوي ئاشماس. -  تۆگە مېنىپ قوي ئارىسىغا يۇشۇرۇنالماس. )Ⅲ توم، 81( كىشى سۆزلەشۇ يىد يىزلاشۇ. -  كىشى سۆزلىشىپ، ھايۋان ھىدلىشىپ )Ⅲ توم، 142(. ئىت ئىسىرماس، ئات تەپمەس، تەمە. -  ئىت چىشلىمەس، ئات تەپمەس دېمە. )Ⅰ توم، 240( ئىت چاقىرى ئاتقا تەگىر، ئات چاقىرى ئىتقا تەچگمەس. -  چېقىر كۆز ئىت ئاتقا باراۋەر كېلەر، چېقىر كۆز ئات ئىتقىمۇ باراۋەر كەلمەس. )Ⅰ 714( ئۆكۈز ئازاقى بولغىنچا بۇزاغۇ باشى بولسا يەگ.   - ئۆكۈزنىڭ پۇتى بولغۇچە، مۇزاينىڭ بېشى بولغان ياخشى. )Ⅰ توم، 81( ئاغىلدا ئوغلاق تۇغسا، ئارىقتا ئوتى ئۈنەر. -  ئېغىلدا ئوغلاق تۇغۇلسا، ئېرىقتا ئوتى ئۈنەر. )Ⅰ توم، 81( ئاتان يۈكى ئاش بولسا، ئاچقا ئاز كۆرۈنۈر.   - تۈگە يۈكى ئاش بولسا، ئاچقا ئاز كۆرۈنەر. )Ⅰ توم، 104( ئەركەچ ئەتى ئەم بولۇر، ئەچكۈ ئەتى يەل بولۇر.   - ئەركەچ )بىر ياشلىق تېكە( گۆشى ئەم بولار، ئۆچكە گۆشى يەل بولار. قولۇن قۇدۇغقا تۇشسە، قۇرباقا ئايغىر بولۇر.   - قۇلان قۇدۇققا چۈشسە، پاقا ئايغىر بولۇر. )Ⅲ توم، 169( كۆنى بارىر كەيىكنىڭ كۆزىدە ئادىن باشى يوق. -  توغرا كەتكەن كېيىكنىڭ كۆزىدىن باشقا يارىسى يوق. )Ⅲ توم، 207( قۇش بالاسى قۇسۇنچىغ، ئىت بالاسى ئوخشانچىغ.   - قۇش بالىسى يىرگىنىچلىك، ئىت بالىسى يېقىملىق. )Ⅲ توم، 319( ئادىن كىشى نەڭ سانماس. -  ئۆزگە كىشىنىڭ مېلى مال سانالماس. )Ⅰ توم، 134( تىكمىگىچە ئۈنمەس، تىلەمەگىنچە بولماس. -  تىكمۈگۈچە ئۈنمەس، تىلىمىگىچە تېپىلماس. )Ⅱ توم، 27( ئاچ ئەۋەك، توق تۆلەك. -  ئاچ ئالدىراڭغۇ، توق بىغەم. ) Ⅰتوم، 503( ئەرمەگۈگە بۇلىت يۈك بولۇر. -  ئېرىنچەككە بۇلۇت كۈلەڭگۈسى يۈك بولار. )Ⅰ توم، 186( خان ئىشى بولسا قاتۇن ئىشى قالىر. -  خاننىڭ ئىشى بولسا، خېنىمنىڭ ئىشى قېلىپ تۇرار. )Ⅰ توم، 533( ئەرمەگۈگە ئەشىك ئارت بولۇر. -  ئېرىنچەككە بوسۇغىمۇ داۋان كۆرۈنەر. )Ⅰ توم، 59( ئەرك ئەرىنى ياغلىغ، ئەرمەگۈ باشى قانلىغ. -  ئىشچاننىڭ ئېرىنى ياغلىق، ھورۇننىڭ بېشى قانلىق. )Ⅰ توم، 96( @@2. كىشىلىك ھايات، تۇرمۇش، ئىنسان تەبىئىتى توغرىسىدىكى ماقال ـ تەمسىللەر  بولداچى بۇداغۇ ئۆكۈز ئارا بەلگۈلۈگ. -  ئۇي بولىدىغان كالا، موزاي چېغىدىنلا بەلگىلىك. )Ⅰ توم، 684( تاي ئاتاتسا ئات تىنۇر، ئوغۇل ئەرەدسە ئاتاتىنۇر. -  تاي ئات بولسا ئات تىنۇر، ئوغۇل ئەر بولسا ئاتا تىنۇر. )Ⅰ توم، 277( كىچىكدە قاتىغلانمىسا ئۇلغادۇ سەۋنۈر. -  كىچىكىدە قېتىرقىنىسا، چوڭ بولغاندا سۆيۈنەر. )Ⅱ توم، 390( بور بولمادىپ سىركە بولما. -  شاراپ بولماي تۇرۇپ، سىركە بولما. )Ⅲ توم، 167( يىلان يارپۇزدىن قاچار، قانچا بارسا يارپۇز ئۇترۇ كەلۈر. -  يىلان يارپۇزدىن قاچىدۇ، ئۇ نەگە بارمىسۇن يەنە يارپۇزغا دۇچ كېلىدۇ. )Ⅲ تۇم، 25( )yarpuz - يىلاننى ئۆلتۈرىدىغان بىر خىل ھايۋان(. ئاتا تونى ئوغۇلقا ياراسا ئاتاسىن تىلەمەس. -  ئاتىسىنىڭ تونى ئوغلىغا يارىسا ئاتىسىنى خالىماس. )Ⅲ توم، 117( ئوغلان سۇۋ تۆكەر ئۇلۇغ يانى سىنۇر. -  بالا سۇ تۆكەر، چوڭىنىڭ يانپىشى سۇنار. )Ⅱ توم، 25( ئوت تۇتۇنسىز بولماس، يىگىت يازۇق سۇز بولماس. -  ئوت تۈتۈنسىز بولماس، يىگىت گۇناھسىز بولماس. )Ⅰ توم، 521( ئاتاسى ئاچىغ ئالمىلا يەسە، ئوغلىنىڭ تىشى قامار. -  ئاتىسى ئاچچىق ئالما يېسە، ئوغلىنىڭ چىشى قامار. )Ⅱ توم، 456( كىچىك ئۇلۇغقا تۇرۇشماس، قىرغۇي شۇڭقارقا قارشىماس. -  كىچىكلەر چوڭلارغا تەڭ تۇرالماس، قۇرغۇي شۇڭقارغا قارشى چىقالماس. )Ⅱ توم، 126( قال سارى قالماس، قاغىل باغى يازىلماس. -  قېرىلار سۆزى بىكار كەتمەس، تالچىۋىق باغ يېشىلمەس. )Ⅰ توم، 532( ئارسلان قارىسا سىچغان ئۆتىن كۆدەدۇر. -  ئارسلان قېرىسا، چاشقاننىڭ ئۇۋۇسىنى پايلاپتۇ. )Ⅲ توم، 359( ئوغلان ئىشى ئىش بولماس، ئوغلاق مۇڭىزى ساپ بولماس. -  بالىنىڭ ئىشى ئىش بولماس، ئوغلاق مۈڭگۈزى ساپ بولماس. )Ⅲ توم، 198( قىرىق يىلغا تەگىن باي چىغاي. -  قىرىق يىلغىچە باي بىلەن كەمبەغەل تەڭلىشىدۇ. )Ⅰ توم، 454( ئۆد كەچەر كىشى تۇيماس، يالىڭۇق ئوغلى مەڭگۈ قالماس. -  زامان ئۆتەر كىشى تويماس، ئادەم بالىسى مەڭگۈ قالماس. )Ⅰ توم، 62( يالىڭۇق مەڭگۈ تىرىلمەس، سىنقا كىرۈپ كەرۇ يانماس. -  كىشى مەڭگۈ ياشىماس، گۆرگە كىرسە ئارقىغا يانماس. )Ⅲ توم، 87( ئۆزلەك قارىتمىشقا بوزۇغ تال قىماس. -  زامان قېرىتقانغا، بۇياق ئەيىپ ئەمەس. )Ⅱ توم، 444( تىرىگ ئەسەن بولسا تاڭ ئۆكۈش كۆرۈر. -  جان ئىسەن بولسا، تاڭ )قالارلىق( ئىشلارنى كۆپ كۆرەر. )Ⅰ توم، 84( كۈز كەلىگى يازىن بەلگۈرەر. -  كۈزنىڭ قانداق كېلىشى، يازدىن مەلۇم بولىدۇ. )Ⅱ توم، 243( ئاتاسى ئاناسى ئاچىغ ئالمىلا يەسە، ئوغلى قىزى تىشى قامار. -  ئاتا ـ ئانىسى ئاچچىق ئالما يېسە، ئوغۇل ـ قىزىنىڭ چىشى قامار. )Ⅲ توم، 372( ئەشيەك ئايۇر باشىم بولسا، سۈندۇرىدا سۇۋ ئىچكەيمەن. -  ئېشەك >بېشىم ئامان بولسا، دېڭىزدىن سۇ ئىچىمەن< دەيدىكەن. )Ⅰ توم، 064( يالىڭۇق ئۈرۈلمىش قاپ ئول ئاغزى يازۇلىپ ئالقىنۇر. -  ئادەم بالىسى كۆپكەن تۇلۇمغا ئوخشار، ئاغزى يېرىلسا، يېلى چىقىپ بوشار. )Ⅰ توم، 326( ئوغلاق يىلىكسىز، ئوغلان بىلىكسىز. -  ئوغلاق يىلىكسىز، بالا بىلىمسىز. )Ⅰ توم، 162( ئوغلان بىلىكسىز. -  بالا ئەقىلسىز. )Ⅰ توم، 501( ئۇلۇغنى ئۇلۇغلاسا قۇت بۇلۇر. -  ئۇلۇغنى ئۇلۇغلىسا، بەخت تاپار. )Ⅰ توم، 400( ئۆلدەچى سىچغان مۇش تاشاقى قاشىر. -  چاشقاننىڭ ئۆلگىسى كەلسە، مۈشۈكنىڭ قۇيرۇقىغا ئېسىلىپتۇ. )Ⅰ توم، 571( ئۇمايقا تاپىنسا ئوغۇل بۇلۇر. -  ئەرشكە تىۋىنسا، ئوغۇل تاپار. )Ⅰ توم، 167( كۆزەگۈ ئۇزۇن بولسا ئەلىك كۆيمەس. -  كۈسەي ئۇزۇن بولسا، قول كۆيمەس. )Ⅰ توم، 584( ئۆزكۆز ئەر قىشلاغ. -  ئۆز ـ ئۆزىگە خوجا ئادەم، قىشلاققا ئىگە ئادەمگە ئوخشايدۇ. )Ⅰ توم، 607( قۇتلۇغقا قوشا ياغار - تەلەيلىككە قوش كېلەر. )Ⅲ توم، 82( قۇتسۇز قۇدۇغقا كىرسە قۇم ياغار. -  بەخىتسىز قۇدۇققا چۈشسە، قۇم  ياغار. )Ⅰ توم، 598( ئەردەمسىزدىن قۇت چەرتىلۈر. -  ئەردەمسىزدىن قۇت كېتەر. )Ⅱ توم، 332( تۈنلەر بۇلىت ئۆرتەنسە ئەرلۈك ئۇرى كەلدۈرمىشچە بولۇر. تاڭدا بۇلىت ئۆرتەنسە ئەۋگە ياغى كىرمىشچە بولۇر. -  تۈندە بۇلۇت ئۆرتەنسە، خوتۇن ئوغۇل توغقاندەك بولۇر. تاڭدا بۇلۇت ئۆرتەنسە، ئۆيگە يېغا كىرگەندەك بولۇر. )Ⅰ توم، 333( ئات تەكۇزلىگى ئاي بولماس.   - ئات قاشقىسى ئاي بولماس. )Ⅰتوم، 660( ئۆز كۆز ئەر قىشلاغ. -  ئۆز ـ ئۆزىگە خوجا ئادەم، قىشلاققا ئىگە ئادەمگە ئوخشايدۇ.   قورى ئەر قۇدۇغقا كىرسە يەل ئالار. -  بىتەلەي قۇدۇققا كىرسە، يەل )شامال( ئېلىپ چىقار. )Ⅲ توم، 312( سۇۋ ئىچۈرمەسكە سۈت بەر. -  سۇ بەرمەسكە، سۈت بەر. )Ⅰ توم، 293( ئەر ئوغلى مۇڭادماس، ئىت ئوغلى كۈلەرمەس. -  ئادەم بالىسى مۇڭلىنىۋەرمەس، ئىت بالىسى يېتىۋەرمەس. )Ⅱ توم، 112( ئەر سۆزى بىر، ئەدەر كۆكى ئۇچ، -  ئەرنىڭ سۆزى بىر، ئىگەرنىڭ كۆكى ئۈچ. )Ⅱ توم، 413( باشلاغلانسا بۇخسۇقلانۇر، -  بويۇنتاۋلىق قىلسا، بوينى زەنجىرلىنىدۇ. )Ⅱ توم، 396( ئاتا ئوغلى ئاكاچ تۇغار، -  ئاتا بالىسى ئاتىسىدەك تۇغۇلار. )Ⅱ توم، 106( بۇزدان سۇۋ تامار، -  مۇزدىن سۇ تامار. )Ⅲ توم، 169( ئۆتاغقا ئۆپكەلەپ سۈگە سۆزلەمەدۈك، -  ھەمراھلىرىغا ئاچچىقلاپ، قوشۇنغا گەپ قىلمىدى. )Ⅲ توم، 288( يازماس ئاتىم بولماس، ياڭىلماس بىلگە بولماس، -  خاتالاشمايدىغان ئوۋچى بولماس، يېڭىلىشمەيدىغان دانىشمەن بولماس. )Ⅲ توم، 80( مۇش ئوغلى مۇياۋۇ  تۇغار، -  مۈشۈك بالىسى مىياڭلاپ تۇغۇلار. )Ⅱ توم،18( قارى ئۆكۈز بالدۇقا قورقماس، -  قېرى ئۆكۈز پالتىدىن قورقماس. )Ⅲ توم، 574( بۆرىنىڭ ئورتاق، قوزغۇننىڭ يىغاچ باشىندا، -  بۆرىنىڭ ئورتاق، قوزغۇننىڭ دەرەخ بېشىدا. )Ⅰ توم، 573( ئاچىغلىغ ئەر شابۇق قارىماس، -  توق تۇرمۇشلۇق ئادەم تېز قېرىماس. )Ⅰ توم، 199( بەش ئەرڭەك تۈز ئەرمەس، -  بەش بارماق تەكشى ئەمەس. )Ⅰ توم، 164( قۇش تۇزاققا مەڭ ئۈچۈن ئىلىنۇر، -  قۇش توزاققا يەم ئۈچۈن ئېلىنۇر. )Ⅲ توم، 490( ئاچمە نە يەمەس، توق نە تەمەس، -  ئاچ نېمە يىمەس، توق نېمە دېمەس. )Ⅰ توم، 199( يىپارلىغ كەسۈرگۈدىن يىپار كەتسە يىدى قالىر، -  ئىپارلىق خالتىدىن ئىپار كەتسە، ھىدى قالار. )Ⅲ توم، 65( بوش نەڭگە ئىدى بولماس، -  بوش )تۇرغان( نەرسىگە ئىگە بولماس. )Ⅰ، 431( مۇش ياقرىقا تەگىشمەس، ئايۇر كىشى نەڭى ياراشماس، -  مۈشۈك قوزۇقتىكى چاۋا ياغقا تېگەلمەي، كىشىنىڭ مېلى ماڭا ياراشماس دەر. )Ⅱ توم، 414( 3. ئەدەپ ـ ئەخلاق، تەلىم ـ تەربىيە توغرىسىدىكى ماقال ـ تەمسىللەر:  ئەل قالدى تۆرۈ قالماس، -  ئەل قالار، ئادەت قالماس. )Ⅱ توم، 32( يۈزگە كۆرمە ئەردەم تىلە، -  يۈزىگە قارىما، ئەردىمىنى تىلە. )Ⅱ توم، 9( تاپۇغ تاش يارار، تاش باشىغ يارار، -  خىزمەت تاشنى يارار، تاش باشنى يارار. )Ⅲ توم، 79( ئوت تەسە ئاغىز كۆيمەس، -  ئوت دېگەنگە ئېغىز كۆيمەس. )Ⅰ توم، 16( قارا مۇڭ كەلمەگىنچە، قارا يالغا كەچمە، -  قارا كۈن كەلمىگۈچە، قارا يالغا كەچمە. )Ⅲ توم، 542( يارىن بۇلغانسا ئەل بۇلغانۇر، -  تارغاق سۆڭۈگى بۇلغانسا، يۇرتقا پاراكەندىچىلىك چۈشىدۇ. )Ⅲ توم، 25( ئاش تاتىغى تۇز يوغرىن يەمەس، -  ئاشنىڭ تاتلىقى تۇز بىلەن، لېكىن تۈزنى قاچىلاپ يېگىلى بولماس. )Ⅲ توم، 40( تاتسىز تۈرك بولماس، باشسىز بۆرك بولماس، -  تاتسىز تۈرك بولماس، باشسىز بۆك بولماس. )Ⅱ توم، 410( سۈسەگەن ئۇدقا تەڭرى مۇڭىز بەرمەس، -  ئۈسكەك ئۇيغا، تەڭرى مۈڭگۈز بەرمەس. )Ⅲ توم، 498( كۆككە ساغۇرسا يۈزگە تۈشۈر، -  كۆككە )ئاسمانغا( تۈكۈرسە يۈزگە چۈشۇر. )Ⅱ توم، 107( بۇغداي قاتىندا سارقاچ سۇۋالۇر، -  بۇغداينىڭ باھانىسىدا قارمۇق سۇ ئىچىپتۇ. )Ⅲ توم، 330( تۈتۈن قۆپۇرسا ئىسلانۇر،   - كىم تۈتۈن چىقارسا، ئۆزى ئىسلىنار. )Ⅱ توم، 94( قانىغ قان بىلە يۇماس، -  قاننى قان بىلەن يۇغىلى بولماس. )Ⅲ توم، 89( تەزەك قاردا ياتماس، ئەدگۇ ئەسىز قاتماس، -  تېزەك قاردا ياتماس، ياخشى ـ يامان قېتىلماس. )Ⅰ توم، 502( ئۆتلۈگ يىنچۈ يەردە قالماس، -  تۈشۈك مارجان يەردە قالماس. )Ⅲ توم، 38( يالڭۇق ئوغلى يوقادۇر، ئەدگۈ نامى قالۇر، -  ئادەم بالىسى يوقىلار، ياخشى نامى قالار. )Ⅲ، 524( ئەدگۈلۈكنى سۇۋ ئازاقىندا كەمىش، باشىندا تىلە، -  ياخشىلىقنى ئايىغىغا تاشلا، بېشىدىن ئىزلە. )Ⅱ توم، 184( ئەزگۈ ئەر سۆڭۈكى ئەرىر ئاتى قالىر، -  ياخشى ئادەمنىڭ سۆڭىكى چىرەر، ياخشى نامى قالار. )Ⅲ توم، 502( تۈزۈن بىرلە ئۇرۇش، ئۇتۇن بىرلە ئۈستەرمە، -  ياۋاش بىلەن ئۇرۇش، يۈزسىز بىلەن ئېيتىشما. )Ⅰ توم، 296( قىز بىرلە كۈرەشمە، قىسراق بىرلە يارىشما، -  قىز بىلەن چېلىشما، تۇغمىغان بايتال بىلەن چېپىشما. )Ⅰ توم، 619( تۈزۈن بىرلە ئۇرۇش، ئۇتۇن بىرلە تىرەشمە، -  ياۋاش بىلەن ئەيتىش،  ئەسكى بىلەن تەڭ بولما. )Ⅰ توم، 540( قادىڭ قاسىڭا، -  قېيىن پوستى بىلەن. )Ⅲ توم، 206( بىر قارغا بىرلە قىش كەلمەس، -  بىر قاغا بىلەن قىش كەلمەس. )Ⅱ توم، 34( كۈندە ئەرۈك يوق، بەگدە قىيىق يوق، -  كۈندە يېرىق يوق، بەگدە يېنىۋېلىش يوق. )Ⅰ توم، 95( تەشۈك سۇۋدا بەلگۈرەر، -  تۈشۈك سۇدا بىلىنەر. )Ⅰ توم، 503( ئاشىچ ئايۇر تۈپۈم ئالتۇم، قامىچ ئايۇر مەن قايدا مەن، -  قازان ئېيتۇر تۈۋىم ئالتۇن، چۈمۈچ ئەيتۇر مەن نەدەمەن. )Ⅰ توم، 73( ئۆگۈنگۈچى ئۆمىندە ئارتاتار، -  ماختانچاق، ئىشتىنى بۇلغار. )Ⅰ توم، 273( قۇرۇتغا بۈزىك بىلمەس، يەرىم تار ـ تەر، -  موماي ئۇسۇل بىلمەس، يېرىم تار دەر. )Ⅲ توم، 354( قارغا قازقا ئۆتكۈنسە پۇتى سىنۇر، -  قاغا غازنى دورىسا، پۇتى سۇنار. )Ⅰ توم، 338( سارتنىڭ ئازۇقى ئارىغ بولسا يول ئۈزە يەر، -  سودىگەر ئوزۇقى ئېرىغ بولسا، يول ئۈستىدە يەر. ) Ⅰ توم، 90( سۆگەت سۈلىڭە، قادىڭقا سىڭا، -  سۆگەتكە ئەۋرىشىملىك، قېيىنغا قاتتىقلىق يارىشار. )Ⅰ توم، 462( تەڭسىزدە تەگىرمەن تۇرغۇرسا ياراغسىزدا يار بارىر، -  ناباپ جايغا تۈگمەن قۇرسا، كۈتمىگەندە يار كېتەر. )Ⅲ توم، 485( ئاغىز يەسە كۆز ئۇيادۇر، -  ئېغىز يېسە، كۆز ئۇيۇلار. )Ⅰ توم، 77( پۈتۈن ئۆملۈگ قانچا قولسا ئولتۇرۇر، -  ئىشتىنى  پۈتۈن، خالىغان يېرىگە ئولتۇرار. )Ⅰ توم، 299( كىم كۈر بولسا كۆۋەز بولۇر، -  كىم جەسۇر بولسا، شۇ مەغرۇر بولۇر. )Ⅰ توم، 425( بار باقىر، يوق ئالتۇن، -  باردا مىس، يۇقىدا ئالتۇن. )Ⅰ توم، 746( كىشى ئەتى تىرىگلە تاتىر، -  ئىنساننىڭ ئېتى )بەدىنى( تىرىكلىكىدە تاتلىق. )Ⅲ توم، 352( تەۋە بەدۈك ئەرسە ماياقى بەدۈك ئەرمەس، -  تۈگە چوڭ بولسىمۇ، مايىقى چوڭ بولماس. )Ⅲ توم، 230( ئۈكۈش سەۋىنچ بولسا، قاتىغ ئوخسۇنۇر، -  كۆپ سۆيۈنۈپ  كەتسە، قاتتىق ئۆكۈنەر. )Ⅲ توم، 510( چاقسا تۇتنۇر، چالسا بىلىنۇر، -  چاقماق چېقىلسا  ئوت تۇتۇشار، سۆز ئاڭلىتىلسا مەقسەت بىلىنەر. )Ⅱ توم، 31( تەلىم سۆزۈگ ئۇقسا بولماس، يالىم قايا يىقسا بولماس، -  كۆپ سۆزنى چۈشەنگىلى بولماس، تىك قىيانى يىقىتقىلى بولماس. )Ⅲ توم، 24( سۆزگە سۇچىنسە بۇلۇن بارىر، -  سۆزگە مەززە قىلسا، تۇتقۇن بولۇر. )Ⅱ توم، 213( ياۋلاق تىللىغ بەگدەن كەرۈ يالىڭۇس، -  تىلى يامان ئەردىن، تۇللۇق ياخشى. )Ⅲ توم، 183( ئەردەم باشى تىل، -  ئەدەب ئەردەمنىڭ بېشى تىل. )Ⅰ توم، 514( ساۋىن ساغراققا تەگىر، -  ياخشى سۆز قەدەھكە ئىگە قىلىدۇ. )Ⅰ توم، 615( تىلىن تەركىگە تەگىر، -  تىل بىلەن نېمەتكە ئېرىشەر. )Ⅰ توم، 558( بىر تىلكۈ تەرىسىم ئىكىلە سويماس، -  بىر تۈلكىنىڭ تېرىسى ئىككى قېتىم سويۇلماس. )Ⅲ توم، 336( ياقا داقى يالغاغالى ئەلكىدەكى ئىچغىنۇر، -  ياقىسىدىكىنى يالايمەن دەپ، ئىلكىدىكىدىن ئايرىلىپتۇ. )Ⅰ توم، 336( كۈچ ئەلدىن كىرسە، تۆرۈ تۈڭلۈكتەن چىقار، -  زورلۇق ـ زومبۇلۇق ئىشىكتىن كىرسە، ئىنساپ ۋە قائىدە ـ يوسۇن تۈڭلۈكتىن چىقار. )Ⅱ توم، 23( يازى داقى سۈرلىن ئەدەرگەلى، ئەۋدەكى تاقاغۇ ئىچغىنما، -  قىردىكى قىرغاۋۇلنى ئوۋلايمەن دەپ، ئۆيدىكى توخۇنى قولدىن چىقىرىپ قويما. )Ⅰ توم، 583( ياغۇرقاندا ئارتۇق ئازاق كۆسۈلسە ئۈشىيۈر، -  يوتقاندىن ئارتۇق پۇت سۇنۇلسا، ئۇششۇيدۇ. )Ⅱ توم، 193( ياش ئوت كۆيمەس، يالافار ئۆلمەس، -  ياش )كۆك( ئوت كۆيمەس، ئەلچى ئۆلمەس. )Ⅲ توم، 63( قولداچىقا مىڭ ياغاق، بارچا بىلە ئايرۇق ياڭاق، -  تىلەمچىگە بەر مىڭ ياڭاق، تايانغىلى بەر تاياق. )Ⅰ توم، 544( قىز كىشى ساۋى يۇرۇغلى بولماس، -  بېخىل كىشىنىڭ داڭقى چىقماس. )Ⅰ توم، 427( كەڭ كۆردى كەررەگۈ يۈدتى، -  شۇنچىلىك جاپا تارتتىكى، ھەتتا كىگىز ئۆينى ئۆزى يۈدۈپ ماڭىدىغان ھالغا يەتتى. )Ⅰ توم، 584( ئوزۇقلۇغ ئارۇق ئارماس، -  ئوزۇقلۇق ئادەم ھارماس. )Ⅰ توم، 200( توقۇم يۈزۈپ قۇدرۇقتا پىچەك سىما، -  مالنى سويۇپ قويرۇقىغا بارغاندا، پىچاقنى سۇندۇرۇپ قويما. )Ⅰ توم، 861( ئەسەندە ئەۋەك يوق، -  ئىسەن ئادەمدە ئالدىراش يوق. )Ⅰ توم، 105( تاۋغاچ خاننىڭ تورقۇسى تەلىم تەڭلەمەزىپ پىچماس، -  تاۋغاچ خاننىڭ تورقىسى تولا،  ئۆلچىمەي  پىچماس. )Ⅰ توم، 556( تويىن تاپۇغساق تەڭرى سەفىنچسىز، -  تويىن تەڭرىگە تېپىنغاق، لېكىن تەڭرى ئۇنىڭ ئىشىدىن مەمنۇن ئەمەس. )Ⅲ توم، 145( كىشى ئالاسى ئىچتىن، يىلقى ئالاسى تاشتىن، -  ئادەمنىڭ ئالىسى ئىچىدە، ھايۋاننىڭ ئالىسى تېشىدا. )Ⅰ توم، 123( ئەرگە مۇڭ تەگىر، تاغ سەڭرىڭە يەل تەگىر، -  ئادەمگە مۇڭ تىگەر، تاغ سەڭرىغا يەل تېگەر. )Ⅲ توم، 491( قاينار ئۆگۈز كەچىكسىز بولماس، -  قاينام دەريا كېچىكسىز بولماس. )Ⅰ توم، 507( ئارسلان كۆكرەسە، ئات ئاداقى تۇشالىر، -  ئارسلان ھۆكىرىسە، ئات ئايىغى كالۋۇلىشىدۇ )چۈشىلىپ قالىدۇ(. )Ⅱ توم، 207( ياغىنى ئاشاقلاسا باشقا چىقار، -  يېغىنى سەل چاغلىسا باشقا چىقار. )Ⅰ توم، 401( قورقمىش كىشىگە قوي باشى قوش كۆرۈنۈر، -  قورققان كىشىگە قوي بېشى قوش كۆرۈنەر. )Ⅲ توم، 174( ساچراتغۇدىن قورقمىش قۇش، قىرق يىل ئادرى يىغاچ ئۇزە قونماس، -  ساچراتقۇدىن بىر قېتىم قورققان قۇش، قىرىق يىلغىچە ئارچا ياغاچ ئۈستىگە قونماس. )Ⅱ توم، 485( ئەرسەك ئەرگە تەگمەس، ئەۋەك ئەۋگە تەگمەس، -  ئەرسىرگەن ئەرگە تىگەلمەس، ئالدىراڭغۇ ئۆيىگە يېتەلمەس. )Ⅰ توم، 140( پۇشماسار بوز قۇش تۇتار، ئەۋمەسەر ئۈرۈڭ قۇش تۇتار، -  ئىچى پۇشمىسا بوز قۇش تۇتار، ئالدىرىمىسا ئاق قۇش تۇتار. )Ⅱ توم، 15( چاخشاق ئۈزە ئوت ئالماس، چاغراق بىلە ئۇۋۇت بولماس، -  چوخچا تاشتا ئوت بولماس، تازچاقتا ئۇيات بولماس. )Ⅰ توم، 613(  سۇندىلاچ ئىشى ئەرمەس ئۆرتكۈن تەپمەك، -  خامان تەپمەك سۈندۈكسىنىڭ ئىشى ئەمەس. )Ⅰ توم، 682( ۋ قۇش قاناتىن، ئەر ئاتىن، -  قۇش قانىتى بىلەن، ئەر ئېتى بىلەن. )Ⅰ توم، 48( ئالىپ ئەرگ ياۋرىتما، ئىقىلاچ ئارقاسىن ياغرىتما، -  باتۇرلارنى خور قىلما، يۈگرۈك ئاتنى يېغىر. )Ⅰ توم، 187( قىلىچ تاتىقسا ئىش يۇنچىر، ئەر تاتىقسا ئەت تۇنچىر، -  قىلىچ داتلاشسا ئىش بۇزىلىدۇ، ئادەم تاتلاشسا ۋۇجۇدى بولغىنىدۇ. )Ⅱ توم، 410( ئالىپلار بىرلە ئۇرۇشما، بەگلەر بىرلە تۇرۇشما، -  باتۇرلار بىلەن ئۇرۇشما، بەگلەر بىلەن تىركەشمە. )Ⅰ توم، 246( تەگىرمەندە تۇغمىش سىچغان، كۆك كۆكرەكىڭە قورقماس، -  تۈگمەندە تۇغۇلغان چاشقان، ھاۋانىڭ گۈلدۈرلىشىدىن قورۇقماس. )Ⅲ توم، 385( قۇش بالاسى قۇسۇنچىغ، ئىت بالاسى ئوخشانچىغ، -  قۇش بالىسى يىرگىنىچلىك، ئىت بالىسى يېقىملىق. )Ⅲ توم، 319( يالىڭۇق ئوغلى مۇنسىز بولماس، -  ئادەم بالىسى ئەيىپسىز بولماس. )Ⅲ توم، 191( كۈنىنىڭ كۈلىنە تەگۈ ياغى، -  كۈندەشنىڭ كۈلىگىچە دۈشمەن. )Ⅲ توم، 326( بالىق سۇۋدا كۆزى تاشتىن، -  بېلىقنىڭ ئۆزى سۇدا، كۆزى تاشقىردا. )Ⅰ توم، 49( ئوغلان بىلىكسىز، -  بالا ئاقىلسىز، يەنى بالىدا ئەقىل يوق. )Ⅰ توم، 501( ئەشيەك ئايۇر باشىم بولسا، سۇندۇرىدا سۇۋ ئىچكەيمەن، -  ئېشەك باشىم ئامان بولسا، دېڭىزدىن سۇ ئىچىمەن دەيدىكەن. )Ⅰ توم، 406( ئالىپ ياغىدا، ئالچاق چوغىدا، -  باتۇر جەڭدە بىلىنەر، ئەسكى جاڭجالدا بىلىنەر. )Ⅰ توم، 58( قالىن بۇلۇتۇغ تۈپى سۈرەر، قاراڭقۇ ئىشىغ ئۇرۇنگچ  ئاچار، -  قېلىن بۇلۇتنى بۇران سۈرەر، قاراڭغۇ ئىشنى پارا ئاچار. )Ⅲ توم، 299( قۇدۇغدا سۇۋ بار ئىت بۇرنى تەگمەس، -  قۇدۇقتا سۇ بار، ئىت بۇرنى تەگمەس. )Ⅰ توم، 485( ئورتاق ئەردەن ئارتۇق ئالماس، -  ئورتاق ئۆز ئورتىغىدىن ئارتۇق ئالماس. )Ⅰ توم، 134( ئىتقا ئۇۋۇت ئەتسە ئۇلداڭ يەمەس، -  ئىتقا ئۇيات كىرسە، ئۇلتاڭ يېمەس. )Ⅰ توم، 157( يىلان كەندۈ ئەگرسىن بىلمەس، تەۋە بوينىن ئەگرى تەر، -  يىلان ئۆزىنىڭ ئەگرىلىكىنى بىلمەس، تۆگە بوينىنى ئەگرى دەر. )Ⅰ توم، 117( ئارى قافچىتسا ئىسرۇر،   - ھەرىنىڭ چىشىغا تەگسە چاقىدۇ. )Ⅱ توم، 482( ئوتوغ ئودغۇچ بىرلە ئۆچۈرمەس، -  ئوتنى يالقۇن بىلەن ئۆچۈرگىلى بولماس. )Ⅰ توم، 238( تايغان يۈگرۈگىن تىلكۈ سەۋمەس، -  تايغاننىڭ يۈگرۈكىنى تۈلكە سۆيمەس. )Ⅱ توم، 20( كۈل ئۈرگۈنچە كۆز ئۈرسە يەگ، -  كۈل پۈۋلىگۈچە، چوغ پۈۋلىگەن تۈزۈك. )Ⅰ توم، 439( 4. ئەقىل ـ بىلىم، چارەتەدبىر توغرىسىدىكى ماقال ـ تەمسىللەر  ئالىپ چەرىكدە بىلگە تەدئىكىدە، -  باتۇر سەپتە سىنىلار، دانا يېغىندا. )Ⅰ توم، 504( ئاناسى تەۋلۈگ يۇۋقا ياپار، ئوغلى تەتىك قاشا قاپار، -  ئانىسى ھىلىگەر يۇپقا ياپار، ئوغلى زېرەك قوشلاپ ئالار. )Ⅲ توم، 43( ئاۋچى نەچە ئال بىلسە، ئازىغ ئانچا يول بىلەر، -  ئوۋچى قانچە ھىيلە بىلسە، ئېيىقمۇ شۇنچە يول بىلىدۇ. )Ⅰ توم، 86( ئىم بىلسە ئەر ئۆلمەس، ) ئىم ـ ھەربىي قوشۇنلاردا باش قۇماندان تەرىپىدىن بەلگىلەپ بېرىلگەن، ئۆز ئادىمى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان مەخپى بەلگە.( )Ⅰ توم، 54( سىناماسا ئارسىقار، ساقىنماسا ئوت سۇقار، -  سىنىمىسا ئېزىقىدۇ، ساقلانمىسا ئوتقۇزىدۇ. )Ⅰ توم، 322( قۇت بەلگۈسى بىلىك، -  بەخت بەلگۈسى بىلىم. )Ⅰ توم، 557( قوناق باشى سەزرەكى يەگ، -  قوناق بېشىنىڭ سىيرەك بولغىنى ياخشى. )Ⅰ توم، 499( قەدەم ئىزى بىراۋنىڭ ماڭغانلىغىنى كۆرسۈتۈدۇ، -  يازماس مەرگەن ياغمۇر، يېڭىلمەس ئالىم ئەكس سادا. ئازماس مەرگەن يامغۇر، يېڭىلمەس ئالىم ئەكس سادا. )Ⅲ توم، 518( ئۇلا بولسا يول ئازماس، بىلىك بولسا سۆز يازماس، - بەلگە بولسا يولدىن ئازماس، بىلىم بولسا سۆزدىن قايماس. )Ⅰ توم، 123( سۇۋ كۆرمەگىنچە ئەتۈك تازتما، -  سۇنى كۆرمىگۈچە ئۆتۈك سالما. )Ⅲ توم، 580( ئەۋەك سىڭەك سۈتكە تۈشۈر، -  ئالدىراقسان چىۋىن سۈتكە چۈشەر. )Ⅱ توم، 17( ئەۋەك ئەۋگە تەگمەس، -  ئالدىرىغان ئۆيگە يېتەلمەس. )Ⅱ توم، 25( نەچەمە ئۇپراق كەزۈك ئەرسە ياغمۇرقا يارار، -  چاپان قانچىلىك كونا بولسىمۇ، يامغۇرغا يارار. )Ⅲ توم، 51( كېڭەشلىگ بىلىك ئۈدرەشۈر، كېڭەشسىز بىلىك ئۇپراشۇر.  -  كېڭەشلىك ئىش ئۇزلىشار، كېڭەشسىز ئىش بۇزۇلار. )Ⅰ توم، 308( سۇبۇزغاندا ئەۋ بولماس، توپۇرغاندا ئاۋ بولماس، -  گۆرىستاندا ئۆي بولماس، توپىلاڭ يەردە ئوۋ بولماس. )Ⅰ توم، 671( ئالىن ئارسلان تۇتار، كۈچۈن ئۇيۇق تۇتماس، -  ھىيلە بىلەن ئارسلان تۇتۇلار، كۈچ بىلەن قارانچۇقمۇ تۇتۇلماس. )Ⅰ توم، 111( ئۇيغۇر يىغاچ ئۇزۇن كەس، تەمۈر قىسقا كەس، -  ھەي ئۇيغۇر، ياغاچ كەسسەڭ ئۇزۇن كەس، تۆمۈر كەسسەڭ قىسقا كەس. )Ⅱ توم، 14( تولۇم ئانۇتسا قۇلۇن بۇلۇر، تولۇم ئۇنۇتسا بۇلۇن بولۇر، -  قورال تەييارلىسا قۇلۇنلۇق بۇلۇر، قورالنى ئۇنۇتسا تۇتقۇن بولۇر. )Ⅰ توم، 288( تاغىغ ئوقرۇقىن ئەگمەس، تەڭىزنى قايغىقىن بۆگمەس، -  تاغنى ئوقرۇق بىلەن ئەككىلى بولماس، دېڭىزنى قېيىق بىلەن بۆككىلى بولماس. )Ⅰ توم، 136( قۇرمىش كىرىش تۈگۈلمەس، ئۇقرۇقۇم تاغ ئەگىلمەس، -  قۇرۇلغان كىرىچ تۈگۈلمەس، سالما بىلەن تاغ ئېگىلمەس. )Ⅲ توم، 297( يىتۈكلىگ ئاناسى، قويۇن ئاچار، -  نەرسە يوقاتقان كىشى ئانىسىنىڭ قوينىنىمۇ ئاختۇرىدۇ. )Ⅲ توم، 21( تاياق بىلە تايماس، تانۇق سۆدۈن پۈتمەس،  -  ھاسىسى بار تېيىلماس، گۇۋاھچى سۆز بىلەن ئىشەنچ قازىنالماس. )Ⅲ توم، 228( ياداغ ئاتى چارۇق، كۈچى ئازۇق، -  ياياقنىڭ ئېتى چورۇق، كۈچى ئوزۇق. )Ⅰ توم، 494( كەدۈكلۈگ ئۆلىمەس كۇفەچلىگ كۈرىمەس، -  يېپىنچىلىق ھۆل بولماس، ئېغىز دۇرۇقلۇق چاپچىيالماس. )Ⅲ توم، 350( تاز كەلىگى بۆركچىگە، -  تازنىڭ كېلىدىغان يېرى بۆكچىنىڭ دۇكىنى. )Ⅱ توم، 54( قوش قىلىچ بىر قىنقا سىغماس، -  قوش قىلىچ بىر قىنغا سىغماس. )Ⅰ توم، 465( ئەڭدۇز بولسا ئات ئۆلمەس، -  ئەندىز بولسا، ئات ئۆلمەس. )Ⅰ توم، 615( يىراق  يەر ساۋىن ئارقىش كەلدۈرۈر، -  يىراق يەر خەۋىرىنى كارۋان كەلتۈرەر. )Ⅰ توم، 132( ئىزلىك بولسا ئەر ئۇل دىماس، ئىچلىك بولسا ئات ياغرىماس، -  چورۇق بولسا ئادەم ئۇلدىماس، ئىچىلىك بولسا، ئات يېغىر بولماس. )Ⅰ توم، 141( ئەلىك تۇتغىنچا ئوت تۇت، -  كېپىل بولغۇچە ئوت تۇتقان ياخشى. )Ⅱ توم، 426( 5. ئادەمگەرچىلىك، ئىناقلىق، ۋەتەنپەرۋەرلىك توغرىسىكى ماقال ـ تەمسىللەر:  قاڭداش قۇما ئۇرۇر، ئىكدىش ئۆرۈر تارتار،   - ئاتا بىر ئانا باشقا بولغانلار پېتىشالماس، ئانا بىر ئاتا  باشقا بولغانلار ئاجرالماس. )Ⅲ توم، 521( تىلكۈ ئۆز ئىنىگە ئۇرسە ئۇزۇز بولۇر،   - تۈلكە ئۆز ئىنىگە ھۈرسە قوتۇر بولار. )Ⅰ توم، 76( ئارپاسىز ئات ئاشۇماس، ئارقاسىز ئالپ چەرك سىيۇماس، -  ئارپىسىز ئات قىر ئاشالماس، ياردەمچىسىز باتۇر سەپنى يىمىرەلمەس. )Ⅰ توم، 253( ئۇرى قوپسا ئوغۇش ئاقلىشۇر، ياغى كەلسە ئىمرەم تەبرەشۇر، -  سۈرەن چىقسا، ئۇرۇق ـ تۇغقان جەملىشۇر. دۈشمەن كەلسە، خەلق توپى تەۋرىشەر. )Ⅰ توم، 119( يەر باسرۇقى تاغ، بۇدۇن باسرۇقى بەگ، -  يەر باستۇرۇقى تاغ، خەلق باستۇرۇقى بەگ. )Ⅰ توم، 609( قاداش تەمىش  قايمادۇق قادىن تەمىش قايمىش،   -  قېرىنداش دېسە قارىمىغان، قۇدا دېسە قاراپتۇ. )Ⅰ توم، 124( ئىككى بۇغرا ئىكەشۈر، ئوترا كۆكەگۈن يانچىلۇر، -  ئىككى بۇغرا ئىكىشەر، ئارىدا كۆكۈيۈن يانچىلار. )Ⅰ توم، 253( بىر تويىن باشى ئاغرىسا، قامۇغ تويىن باشى ئاغرىماس، -  بىر دەرۋىشنىڭ بېشى ئاغرىسا، ھەممە دەرۋىشنىڭ بېشى ئاغرىماس. )Ⅰ توم، 361( تۈتۈشمەگىنچە تۈزۈلمەس، تۈپۈرمەگىنچە ئاچىلماس، -  تۇتۇشمىغۇچە ئارا تۈزۈلمەس، شامال چىقمۇغۇنچە ھاۋا ئېچىلماس. )Ⅱ توم، 93( ئىكى قوچڭار باشى بىر ئەشەچتە پىشماس، -  ئىككى قوچقارنىڭ بېشى، بىر قازاندا پىشماس. )Ⅲ توم، 521( قالىن قاد قۇلاۋۇد سۇد بولماس، -  غاز توپى باشلامچىسىز بولماس. )Ⅰ توم، 634( قالىن قۇلان چۇفغاسىز بولماس، -  قۇلان پادىسى يول باشلىغۇچىسىز بولماس. )Ⅰ توم، 554( ئەۋدىكى بۇزاغۇ ئۆكۈز بولماس، -  ئۆيدىكى موزاي ئۆكۈز بولماس. )Ⅰ توم، 582( بۆرى قوشنىسىن يەمەس، -  بۆرە  قوشنىسىنى يېمەس. )Ⅲ توم، 304( سۆكۈشۈپ ئۇرۇشۇر، ئوتراتون تىتىشۇر، -  سۆكۈشۈپ )تىللىشىپ( ئۇرۇشار، ئارىدا تون تىتىلار. )Ⅱ توم، 118( تەگمە كىشى ئۆز بولماس، يات ياغۇق تۈز بولماس، -  ئۇچرىغانلا كىشى ئۆز بولماس، يات بىلەن تۇغقان تەڭ بولماس. )Ⅰ توم، 635( ئەتلى تىرناقلى ئەزىرمەس، -  ئەت تىرناقتىن ئايرىلماس. )Ⅰ توم، 392( ياتنىڭ ياغلىغ تەكۈسىندەن، ئۆزنۇڭ قانلىغ يۈدۈرۈق يەگ، -  ياتنىڭ ياغلىق لوقمىسىدىن، ئۆزنىڭ قانلىق مۇشتى ياخشى. )Ⅲ توم، 75( ئىنگەن ئىڭراسا بوتۇ بوزلار، -  ھىنگان ئىڭرىسا، بوتا بوزلار. )Ⅰ توم، 163( كەڭ تون ئۇپراماس، كەڭەشلىگ بىلىك ئارتاماس، -  كەڭ تون ئۇپرىماس، كېڭەشلىك ئىش بۇزۇلماس. )Ⅲ توم، 489( قاز قوپسا ئۆردەك كۆلىگ ئىگەنۈر، -  غاز كەتسە ئۆردەك كۆلنى ئىگىلەر. )Ⅰ توم، 140( ساقاق پىچار ساقال ئوخشار، -  ساقالنى ئوينار، ساقاقنى پىچار. )Ⅰ توم، 372( قارغا قارىن كىم بىلىر، كىشى ئالاسىن كىم تاپار، -  قاغىنىڭ قېرىسىنى كىم بىلەر، كىشىنىڭ ئالىسىنى كىم تاپار. )Ⅰ توم، 554( يازىدا بۆرى ئۇلىسا، ئەۋدە ئىت باغرى تارتىشۇر، -  دالىدا بۆرى ھۇۋلىسا، ئۆيدە ئىتنىڭ باغرى تارتىشار. )Ⅲ توم، 350( بىلمىش يەك بىلمەدۈك كىشىدەن يەگ، -  تونۇش ئەمەس كىشىدىن، تونۇش شەيتان ياخشى. )Ⅲ توم، 219( يالىڭۇس قاز ئۆتمەس، -  يالغۇز غازنىڭ ئاۋازى چىقماس. )Ⅲ توم، 524( قۇرۇق قاشۇق ئاغىزقا ياراماس، قۇرۇق سۆز قۇلاققا ياقىشماس، -  قۇرۇق قوشۇق ئېغىزغا يارىماس، قۇرۇق سۆز قۇلاققا ياقماس. )Ⅰ توم، 974( يۇرت كىچۇگ بولسا، ئاڭۇت بەدۇك ئۇر، -  قاچىنىڭ ئاغزى كىچىك بولسا، پەركانىڭ چوڭىنى قوي. )Ⅰ توم، 125( كۆزدەن يىراسا كۆڭۈلدەن يەمە يىراق، -  كۆزدىن يىراق، كۆڭۈلدىن يىراق. )Ⅲ توم، 500( ياغىڭ ئەرسە كەرەك يۇنداقى تەگىر، -  دۈشمىنىڭنىڭ بولسىمۇ مېلى بولسۇن، ھېچ بولمىغاندا ئۇنىڭدىن ساڭا تېزەك قالىدۇ. )Ⅲ توم، 59( نەچە مۇندۈز ئەرسە ئەش ئەدگۈ، نەچە ئەگرى ئەرسە يول ئەدگۈ، -  ھەر قانچە ئەخمەق بولسىمۇ، ھەمراھ ياخشى، ھەر قانچە ئەگرى بولسىمۇ يول ياخشى. )Ⅰ توم، 598( 6. ئۆرپ ـ ئادەت ۋە سودا ـ سېتىق توغرىسىدىكى ماقال ـ تەمسىللەر:  ئۇما كەلسە قۇت كەلىر، -  مېھمان كەلسە قۇت كېلەر. )Ⅰ توم، 124( ئەرڭەنگە ئەلىك قارى بۆزۇن ئۆم تىكەمەس،   - بويتاققا ئەللىك قېرى بۆزدىمۇ ئىشتان چىقماس. )Ⅰ توم، 158( ئەندىك ئۇما ئەۋلىكنى ئاغىرلار، -  ئەندىك مېھمان، ئۆي ئىگىسىنى ھۆرمەتلەر. )Ⅰتوم، 143( تۈنلە يۆرۇپ كۈندۈز سەۋنۈر، كىچىكتە ئەۋلەنىپ ئۇلغادۇ سەۋنۈر، -  كېچىلەپ يۈرسە، كۈندىزى سۆيۈنەر، كىچىك ئۆيلەنسە ياشانغاندا سۆيۈنەر. )Ⅲ توم، 118( ئەۋلىك تودغۇرسا كۆزى يولقا بولۇر، -  ئۆي ئىگىسى مېھماننى تويدۇرسا، مېھماننىڭ كۆزى ھەمىشە يولدا بولىدۇ. )Ⅱ توم، 250( ئۇسۇقمىشقا ساقىغ قامۇغ سۇۋ، -  ئۇسسىغانغا ئالۋۇن پۈتۈنلەي سۇ كۆرۈنەر. )Ⅰ توم، 257( قىش قونۇقى ئوت، -  قىشنىڭ زىياپىتى ئوت. )Ⅰ توم، 433( يۈفۈشلىگ كەلىن كۈدەگۈ يافاش بولۇر، -  تارتۇقلانغان كېلىن ياۋاش كۈيەۋ تاپۇر. )Ⅲ توم، 13( كىزلەنچۈ كەلىندە، -  يۇشۇرۇلغان نەرسە، كېلىندە بولىدۇ. )Ⅲ توم، 333( قاچىش بولسا قىيا كۆرمەس، -  قاچ ـ قاچ بولسا ھېچكىم بىر ـ بىرىگە قارىماس. )Ⅰ توم، 478( ئىش ياراغىندا، سارت ئاسىغىنىدا، -  ئىش پەيتىگە باقىدۇ، سودىگەر پايدىغا. )Ⅲ توم، 15( قالىڭ بەرسە قىز ئالىر، كەرەك بولسا قىز ئالىر، -  قالىڭ مال بەرسە قىز ئالار، كېرەك بولسا قىممەتكە ئالار. )Ⅲ توم، 507( قاغۇن قارما بولسا ئىدىسى ئىككى ئەلكىن تەگەر، -  قوغۇن تالانسا، ئىگىسىمۇ ئىككى قول بىلەن تالايدۇ. )Ⅰ توم، 534( قارا بولىتىغ يەل ئاچار، ئۇرۇنچ بىلە ئەل ئاچار، -  قارا بۇلۇتنى يەل ئاچار، ھۆكۈمەت ئىشىكىنى پارا ئاچار. )Ⅰ توم، 459( بوش نەڭگە ئىدى بولماس، -  بوش )تۇرغان( نەرسىگە ئىگە بولماس. )Ⅰ توم، 431( ئالىم كەچ قالسا ئاداقلانۇر، -  ئېلىم كەچ قالسا، ئۇنىڭغا پۇت چىقىدۇ. )Ⅰ توم، 386( ئالىمچى ئارسلان بەرىمچى چاشقان، -  ئېلىمچى ئارسلان، بېرىمچى چاشقان. )Ⅰتوم، 103( ئۇس ئۈشكۈرسە ئۆلۈر، -  تاپقۇش ئىسقىرتسا، ئۆلۈم چىقار. )Ⅰ توم، 304( ئانۇق ئۇترۇ تۇتسا يوققا سانماس، -  تەييار )بارى( ئالدىغا قويۇلسا، يوققا سانالماس. )Ⅰ توم، 92( كۈمۈش كۈنگە ئۇرسا، ئالتۇن ئاداقىن كەلىر، -  كۈمۈش كۈنگە قونسا، ئالتۇن ئۆز ئايىغى بىلەن كېلەر. )Ⅰ توم، 223( تاشىغ ئىسرۇماسا ئۆپمىش كەرەك، -  تاشنى چاينىغىلى بولمىسا، سۆيۈش كېرەك. )Ⅰ توم، 221( تامۇ قاپۇغىن ئاچار تاۋار، -  دوزاقنىڭ ئىشىگىنى پارا ئاچىدۇ. )Ⅲ توم، 322( 7. مۇھەببەت، نەرسە، تەنساقلىق توغرىسىكى ماقال ـ تەمسىللەر:  كۆپ سۆگەتكە قۇش قونار، كۆركلۈگ كىشىگە سۆز كەلىر، -  بۈك باراقسان سۆگەتكە قۇش قونار، چىرايلىق قىزغا سۆز كېلەر. )Ⅰ توم، 419( تىلىن تۈگمىشنى تىشىن يازماس، -  تىل بىلەن تۈگۈلگەن، چىش بىلەن يېشىلمەس. )Ⅱ توم، 26( قىلىنۇ بىلسە قىزىل كەدەر، يارانۇ بىلسە ياشىل كەدەر، -  قىلىقلىناي دېسە قىزىل كىيەر، ياراي دېسە يېشىل كىيەر. )Ⅰ توم، 512( كىزدەكى كىن يىپار، -  قۇتاندىكى كىندىك ئىپار. )Ⅰتوم، 428( تاغ تاغقا قاۋۇشماس، كىشى كىشىگە قاۋۇشار، -  تاغ تاغقا قاۋۇشماس، كىشى كىشىگە قاۋۇشار. )Ⅱ توم، 139( ئانىڭ يۈزۈڭە تىتىنۇ باقسا بولماس، -  ئۇنىڭ يۈزىگە تىكىلىپ قارىسا بولماس. )Ⅱ توم، 204( قۇلاق ئەشتىسە كۆڭۈل بىلىر، كۆز كۆرسە ئۈدىك كەلىر، -  قۇلاق ئىشتىسە كۆڭۈل بىلەر، كۆز كۆرسە ھەۋەس كېلەر. ) Ⅰ توم، 283( يالقاسا يەمە ياغ ئەدگۈ، كۆيسە يەمە كۈن ئەدگۈ، -  يېقىلسىمۇ ياغ ياخشى، كۆيدۈرسىمۇ كۈن ياخشى. )Ⅲ توم، 591( ياقرى ياغى ياغسىماس، -  چاۋا ياغ، سۇ يېغىنىڭ ئورنىنى باسالماس. )Ⅲ توم، 418( بارچىن ياماغى بارچىنقا، قارىش ياماغى قارىشقا، -  يىپەكلىك ياماق يىپەك رەختكە، يۇڭ ياماق يۇڭ رەختكە)لايىق كېلىدۇ(. )Ⅲ توم، 36( كۈنگ باقسا كۆز قامار، -  كۈنگە باقسا كۆز قامىشار. )Ⅰ توم، 424( ئاي تولۇن بولسا ئەلكىن ئىملەمەس، -  تولۇن ئاي قول بىلەن كۆرسىتىلمەس. )Ⅰ توم، 112( قۇرۇغ يىغاچ ئەگىلمەس، قۇرمىش كىرىش تۈگۈلمەس، -  قۇرۇق ياغاچ ئېگىلمەس، قۇرۇغان كىرىچ تۈگۈلمەس. )Ⅰ توم، 266( نەچە يىتىگ پىچەك ئەرسە، ئۆز سابىن يۇنۇماس، -  ھەر قانچە ئىشتىك پىچاقمۇ، ئۆز سېپىنى يۇنالماس. )Ⅰ توم، 499( بىرىن ـ بىرىن مىڭ بولۇر، تاما ـ تاما كۆل بولار، -  بىرلەپ ـ بىرلەپ مىڭ بولار، تاما ـ تاما كۆل بولار. )Ⅲ توم، 492( ئۇپراق ياسىقدىن تۇزلۇغ يا چىقار، -  ئۇپرىغان يا قېپىدىن، مەزمۇت يا چىقىدۇ. )Ⅲ توم، 20( بىر تويىن باشى ئاغرىسا، قامۇغ تويىن باشى ئاغرىماس، -  بىر تويىننىڭ بېشى ئاغرىسا، ھەممە تويىننىڭ بېشى ئاغرىماس. )Ⅲ توم، 232( كىمنىڭ بىلە قاش بالسا ياشىن ياقماس، -  كىمنىڭ يېنىدا قاش تېشى بولسا، ئۇنىڭغا چاقماق تەگمەيدۇ. )Ⅲ توم، 26( ئەگىر بولسا ئەر ئۆلمەس، -  ئېگىر بولسا ئەر ئۆلمەس. )Ⅰ توم، 75( ئىگلىگ تۇترۇغى ئاد بولۇر، ئاغرىقنىڭ ۋەسىيىتى ياخشىلىقنىڭ ئالامىتى. )Ⅰ توم، 108( ئەمىكلىگ ئۇراغۇت كۆسەكچى بولۇر، -  ئىمىكلىك خوتۇن ئىشتەيلىك بولار. )Ⅰ توم، 207( ئۇلۇق ياغىرى ئوغۇلقا قالار، -  ئۇچا يېغىرى ئوغۇلغا قالار. )Ⅰ توم، 29( كەرىش ياغىرى ئوغۇلقا قالىر، -  گەجگە يېغىرى ئوغۇلغا قالار. )Ⅰ توم، 479( كۆك تەمۈر كەرۈ تۇرماس، -  كۆك تۆمۈر بىكار تۇرماس. )Ⅰ توم، 468( قۇزدا قار ئەكسۈمەس، قويدا ياغ ئەكسۈمەس، -  تەسكەيدە قار ئۆكسۈمەس، قويدا ياغ ئۆكسۈمەس. )Ⅰ توم، 426( پايدىلانغان ماتېرىياللار:- ① مەھمۇد قەشقەرى: >تۈركىي تىللار دىۋانى<، Ⅰ، Ⅱ، Ⅲ توم، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1980 ـ يىل نەشرى. ② جۇڭ جىڭۋىن: >خەلق ئەدەبىياتى ھەققىدە ئومۇمىي بايان<، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 8519 ـ يىل نەشرى. ③  ئابدۇشۈكۈر تۇردى: >>تۈركىي تىللار دىۋانى< دىكى ماقال ـ تەمسىللەر بىلەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ماقال ـ تەمسىللىرىنىڭ سېلىشتۇرمىسى توغرىسىدا<، >شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى<، 1990 ـ يىللىق 4 ـ سان. ④ ئوسمان ئىسمايىل: >خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ھەققىدە ئومۇمىي بايان<، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1998 ـ يىل نەشرى. ⑤ ئابدۇشۈكۈر تۇردى، نىجاد قاسىم: >>تۈركىي تىللار دىۋانى< دىكى ماقال ـ تەمسىللەر<، >مىراس<، 1992 ـ يىل 3 ـ سان.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  گومىنداڭنىڭ تۇرپان...
●  <تۈركىي تىللار دىۋا...
●  ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىن...
●  تۈركىي تىللار دىۋا...
●  دىۋانۇ لۇغاتىت تۈر...
●  <تۈركىي تىللار دىۋا...
●  قارلۇق توغرىسىدا 
●  <تۈركىي تىللار دىۋا...
●  <تۈركىي تىللار دىۋا...
●  <دىۋانۇ لۇغاتىت تۈر...
●  قارلۇق توغرىسىدا ( ...
●  ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىق...
●  ھەربىر مىللەت ئۆز ئ...
●  كروران ئەۋلادلىرى ...
●  تەكلىماكاندىكى قەد...
●  كروران ئەۋلادلىرى ...
●  ئاستانە - ئالغۇي ت...
●  تەڭرى تاغ مەدەنىيى...
●  تارىم مەدەنىيىتى
●  قەدىمقى ئاتالغۇلار...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  گومىنداڭنىڭ تۇرپاندىكى ...
●  <تۈركىي تىللار دىۋانى>دى...
●  ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زا...
●  تۈركىي تىللار دىۋانى< دى...
●  دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك< نىڭ...
●  <تۈركىي تىللار دىۋانى> د...
●  قارلۇق توغرىسىدا 
●  <تۈركىي تىللار دىۋانى> د...
●  <تۈركىي تىللار دىۋانى> د...
●  <دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك> نى...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى