بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : مەدەنىيىتىمىز >> تارىخمىز >> ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان مەدەنىيەت تارىخىدا مەھمۇد قەشقەرى

ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان مەدەنىيەت تارىخىدا مەھمۇد قەشقەرى

يوللانغان ۋاقتى : 2008-12-13 12:39:47    كۆرۈلۈش سانى : 841  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
غەيرەتجان ئوسمان   ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر، شائىر يۈسۈپ خاس ھاجىپ >دەنالار ۋە ئالىملارنىڭ ئىلمى  خەلقنىڭ يولىنى يورىتىدۇ. ئۇلارنى بەك ياخشى كۆرۈپ، سۆزىنى قەدىرلەش لازىم. ئۇلاردىن كىشىلەرگە كېرەك بولىدىغىنى ئىلىمدۇر؛ ئۇلار ھەقىقەتكە يېتىشنىڭ يولىنى ئېيتىپ بېرىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئىلمى  خەلققە مەشئەل بولىدۇ، كېچىدە مەشئەل يورۇسا يولۇچى ئازمايدۇ< ① دەپ يازغان. ئۇلۇغلارغا ھۆرمەت قىلىش، ئالىم ـ دانىشمەنلەرنى ياد ئېتىش، ئەسەرلىرىنى ساقلاش، كۆچۈرۈش، كىتابەت قىلىش، ئىلىم ـ ھېكمەت دۇردانىلىرىنى ئوقۇش ـ مۇتالىئە قىلىش، ئۇنىڭدىن مەنىۋى ئوزۇق ۋە ئىلھام ئېلىش، نادانلىق ۋە قاششاقلىق ئاسارەتلىرىدىن قۇتۇلۇشنىڭ مەشئىلى قىلىش، مازار ـ مەقبەرىلەر ياساپ، ئۆمۈرلۈك ئابىدە تىكلەپ تاۋاپ قىلىش، سېغىنىش، ئەسلەش، ياشلار ۋە كېيىنكىلەرنىڭ ئۈلگە ئېلىشى، ھەۋەس قىلىشى، مەرىپەت يولىنى تاللىشىغا ئىلھاملاندۇرۇش، مىللەتنىڭ ئىلىم ـ پەن چىرىغىنى ئۈزلۈكسىز ياندۇرۇپ تۇرۇشنىڭ ئاۋانگارتلىرىدىن بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي ئادەتلىرىدىن بولۇپ كەلگەن. ئۇيغۇر خەلقى مەھمۇد قەشقەرىنى چەكسىز ھۆرمەتلەپ، ئالىمنىڭ كىندىك قېنى تۆكۈلگەن ئانا يۇرتى قەشقەرنىڭ ئوپال يېزىسى ئازىق كەنتىدىكى مەنزىرىسى گۈزەل >نورۇز بۇلاق< يېنىدىكى ئېگىزلىككە خاس مەقبەرە تىكلەپ②، ئۇنى چىن ھېسسىياتى بىلەن تاۋاپ قىلىپ، 1000 يىلدىن بۇيان مەنىۋى ھەم ئىلمىي دەرگاھ سۈپىتىدە تونۇپ كەلگەنلىكى ③ بۇ پىكرىمىزنىڭ روشەن دەلىلىدۇر. ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان مەدەنىيەت تارىخىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەرىپەتپەرۋەر كىشىلىرى ھەر خىل ئۇسۇل، خىلمۇ  خىل شەكىللەر ئارقىلىق مەھمۇد قەشقەرىنى ياد ئەتكەن، ئۇنىڭغا ھۆرمىتىنى ئىپادىلىگەن. ئۇلۇغ ئالىمنىڭ مۇبارەك نامىدىن ئىپتىخارلانغان، ئەسەرلىرى ھەققىدە ئۇچۇرلار يەتكۈزۈشكەن. بۇ ئارقىلىق ئالىمنىڭ نامىنىڭ ئەۋلادمۇ  ئەۋلاد ساقلىنىشىغا ھەم بۈگۈنكى دەۋرىمىزگە يېتىپ كېلىشىگە ئۆزلىرىنىڭ تېگىشلىك ھەسسىسىنى قوشقان.  تۆۋەندە ⅩⅠⅩ ۋە ⅩⅩ ئەسىر ئىچىدە شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرىنىڭ ۋە باشقا مىللەت مۇئەللىپلىرىنىڭ مەھمۇد قەشقەرى توغرىلىق قالدۇرغان ئۇچۇرلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز. بىرىنچى، م. قەشقەرىنىڭ مازىرى توغرىلىق خاس تەزكىرە تۇرغۇزۇلغان. ھەتتا تەزكىرىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنلىرى ئايرىم كىشىلەر تەرىپىدىن يادقا ئېلىنىۋېلىنغان. بىز بىلىدىغان دەسلەپكى تەزكىرىدىن بىرنى قەشقەرلىك تارىخچى ئابدۇلئەلى 1791 ـ يىلى >تەزكىرەئى ھەزرىتى موللام< نامى بىلەن يازغان بولۇپ ④، بۇ خىل تەزكىرىلەر يېقىنقى يىللارغىچە خەلق قولىدا ئەتىبارلىنىپ ساقلانغان. ئىككىنچى، م. قەشقەرى مازىرى >ھەزرىتى موللام< نامى بىلەن مەشھۇر بولۇپ، ئىلىم ئەھلى ۋە ھەۋەسكارلىرى قەرەللىك ھالدا توپلىنىپ، تاۋاپ قىلىدىغان،تۈنەك ئۆتكۈزىدىغان ھەم ئىلمىي ئۇچرىشىش ئېلىپ بارىدىغان خاسىيەتلىك ئورۇن بولۇپ كەلگەن. بۇ خىل پائالىيەتنىڭ قاچاندىن باشلاپ ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلانغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بولۇشىغا قارىماي، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇشنىڭ ھارپىسىغىچە، دائىم ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرغانلىقىنى كۆرگەنلەر ۋە دەلىللىگەنلەر بار.  ئۈچىنچى، مۇھەممەد سادىق قەشقەرى )1725 - 1849( >مەسنەۋى شىرىپ< ناملىق كىتابنىڭ مۇقاۋىسىغا ھىجرىيە 1252-)مىلادى 1836- 7183( يىلى بىر >ھەدىيەنامە< يېزىپ، قەشقەر ئوپال >ھەزرىتى موللام< مازىرىغا مۇتلەق  ۋەخپە قىلغان. ئۇنىڭدا مۇنداق بايانلار بار: >ھىجرىيە 1252 - >كالا< يىلى ئۇلۇغ رەجەپ ئېيىنىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى شەرىئەت ئاساسىغا قۇرۇلغان قەشقەر قازى مەھكىمىسىنىڭ قازىسى — مەنكى موللا سادىق ئەلەم شاھ ئەلا ئاخۇن ئوغلى شۇ ھەقتە ھۈججەت قىلىپ مۆھۈرىمنى باستىمكى، مەن بىر يۈز ئون تۆت ياشقا كىرگەن تەندۇرۇسلۇق ھالىتىم، ئىلىمگە بولغان ھېسسىياتىم، ئىشتىياقىم ۋە ئەدەپلىك كەيپىياتىم بىلەن مەرىپەتنىڭ مەنبەسى بولغان، ئىلىم ـ مەرىپەتنى مەزمۇن قىلغان، ئالتە دەپتەرنى بىر مۇقاۋىغا تۈپلەپ ئېھتىيات قەلىمى بىلەن ۋاراقلىرىغا زىننەت بېرىپ يېزىلغان، قىممەت باھالىق، ئالتۇنغا سېتىپ ئالغان مۈلكۈم بولغان >مەسنەۋى شىرىپ< ناملىق كىتابىمنى قەشقەرىنىڭ ئوپال رايونى تاغ باغرىدا، سۈزۈك بۇلاق ئۈستىدە دەپنە قىلىنغان ھەزرىتى مەۋلام، دىننىڭ قۇياشى، ھۈسەيىن )ئوغلى(، قەلەم  ئىگىسى بولغان مەھمۇد قەشقەرىنىڭ مازىرىغا مۇتلەق ۋەخپە ۋە ئەبەدىي سەدىقە )قىلدىم(<⑤. بۇ ھۈججەتكە ئۆز زامانىسىدا قەشقەردىكى تونۇلغان زاتلاردىن مۇددەرىس،  ئۆلىما نەزەر ئاخۇنۇم، باش كاتىپ موللا ئابدۇرېھىم نىزارى، نورۇز ئاخۇن كاتىپ، تۇردۇش ئاخۇن كاتىپ، تۇردى شەيخ ئاخۇنۇم، موللا غوجىلاق، زەيدىن قۇرۇلبېگى قاتارلىقلار گۇۋاھ بولۇپ مۆھۈرلىرىنى بېسىشقان ⑥. بۇ كىتاب قەشقەر كاتتىلىرىدىن قۇتلۇق شەۋقى ھۇزۇرىدا ئۇزۇن يىللار ساقلانغاندىن كېيىن، ئوغلى ئەمىر ھۈسەيىن قازى ئاخۇنۇم )0019 - 1985( قولىدا ساقلانغان. 1983 ـ يىلى  خەلق ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرۇپ بېرىلدى. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۈرۈمچىدە —  ش ئۇ ئا ر ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قوليازمىلار بۆلۈمىدە ساقلىنىۋاتىدۇ ⑦.  دېمەك، بۇ ھەدىيەنامە يېزىلغان كىتاب شىنجاڭ ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئارىسىدا قولدىن  ـ قولغا ئۆتۈپ، ئوقۇلۇپ تۇرۇلغان. تۆتىنچى، ئابدۇرېھىم نىزارى ۋە تۇردۇش ئاخۇن  غەرىبى، ئەھمەد زىيائىلەر >ھەزرىتى موللام< نى زىيارەت قىلغاندا ئالاھىدە شېئىر يازغان. ئابدۇرېھىم نىزارى )؟1797 - ؟1880( قەشقەر مەدرىسلىرىدە مۇدەررىس بولغان. شائىر بىر قېتىم ئوپالدا ھەزرىتى موللام مازىرىغا تاۋاپقا چىققاندا مۇنداق شېئىر يازغان: >يەنە ھەزرىتى شەيخ ھەببى ئەجەم، كى قايراغىدا (قايراق — كىچىك دۆڭلۈك.)قىلمىش ۋۇجۇدى ئەرەم، (ئەرەم — ئۆلۈش، يوقىلىش.) ئوپالدا يېتىپتۇر ھەزرىتى مەۋلى، كى موللام ئاتاپ ھەر زەئىپۇ قەۋى.(ھەرزەئىپۇقەۋى — چوڭ  ـ كىچىك، قېرى ياش.) يەنە ھەم ئەزىزى ئىماملار دىبان، دىيارى ئوپالدا بولۇپتۇر ئايان. ياتا جايى پاكى ئەزىزان دۇرۇر، كى سەيىدجالالىدىن ئالى نىجار، بولار جايى پاكى ئەسلى باغداد...< (سەيد جالالىدىن — باغدادتىن كەلگەن ئەرەب ئالىمى بولۇپ، قەبرىسى ھازىر قەشقەر پايناپ يېزىسىدا) تۇردۇش ئاخۇن غەرىبى )1802 - ؟1862( قەشقەردە ياشىغان داڭلىق شائىرلاردىن بولۇپ، ئۇنىڭ >كىتابى غەرب< قاتارلىق بىر قانچە يىرىك ئەسەرلىرى بار. شائىر مۇھەممەد سادىقنىڭ مەھمۇد قەشقەرى مەقبەرىسىگە كىتاب ۋەخپە قىلىشىغا گۇۋاھچى بولغانلاردىن بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆزى ھەم ھەزرىتى موللام مازىرىغا تاۋاپقا چىقىپ تۇرغان. ئۇ بىر قېتىم قىلغان زىيارىتىدە >ھەزرىتى موللام< مەسچىتىنىڭ ئىشىكىگە: >ئۈمىد بىرلە كېلىپمەن دەرگاھىڭغا پادىشاھىم دات، بۇ بەقرۇ ـ زارى بىرلە ئەرز قىلدىم، قىلمىغىل بەربات، 1254، موللا تۇردۇش ئاسى قەشقەرى< دەپ يازغان ⑨.  مىلادى 1838 - 1839 ـ يىللىرى يېزىلغان بۇ مەسنەۋىنى 1940 ـ يىللىرى >رابىيە ـ سەئددىن< ئوپېراسىنى يېزىشنى كۆڭلىگە پۈككەن شائىر ئەھمەد زىيائى ھەزرىتى موللام مازىرىنى زىيارەت قىلىپ، ماتېرىيال توپلاش جەريانىدا كۆرگەن ۋە بۇ توغرىلىق مۇنداق يازغان: >زىيارەت قەستىدە چىقتىم ئوپالغا،  كۆزۈم چۈشتى ئۇ جايدا ئىشىكتە،شالغا. ئىكەن ھەر ياققا نۇرغۇن خەت يېزىلغان، بولۇپ ساق بەئىزىسى، بەئزى بۇزۇلغان. ئىشىكنىڭ شېلىدا شۇ خەت كۆرۈلدى، ئۇنى دەپتۇ >غەرىبى< دىن يېزىلدى. ئۆچۈپ كەتمەي تۇرۇپتۇ خەت ئۆزى ساق، غەرىبى يازمىسىنىڭ ئەينى مۇنداق.  ئەھمەد زىيائى >رابىيە ـ سەئددىن< ھەققىدە ئوپېرا يېزىش مەقسىتىدە ئابدۇرېھىم نىزارىنىڭ بۇ ھەقتىكى داستانىنى بېرىلىپ مۇتالىئە قىلغاندىن باشقا، قەشقەردىكى بەزى جايلارنى تەكشۈرگەن، شۇ قاتاردا 1940 ـ يىللىرى ئوپال ھەزرىتى موللام مازىرىغىمۇ ھەم زىيارەت قىلغان. ئۇ 1943 ـ يىلى يازغان >رابىيە ـ سەئددىن< ئوپېراسى ئاساسىدا 1980 ـ يىللىرى قايتىدىن ئىشلىگەن شۇ ناملىق تارىخىي  داستانىدا ئەشۇ قېتىملىق زىيارەتنى ئەسلەپ مۇنداق يازغان: بۈيۈك ئالىم مەھمۇد قەشقەرىنى، كۆمۈلگەن بۇ ئۇلۇغ زاتنىڭ يېرىنى، قىلىپ كەلگەن ھەمىشە سەيىرگاھى، تونۇپ ئۇ يەرنى ئىلىمنىڭ بارگاھى، بۇ داستاننى يېزىش ئەسناسىدا مەن، بولۇپ بۇ جاينى بىر كۆرمەككە زوقمەن، زىيارەت قەستىدە چىقتىم ئوپالغا  10 .  بۇلاردىن باشقا شەمسىدىن داموللام بىلەن قۇتلۇق شەۋقىلەر ئۆز شېئىرلىرىدا مەھمۇد قەشقەرى نامىنى تىلغا ئالغان. شەمسىدىن داموللام )1874 - 1933(  ئاتاغلىق مۇدەررىس، ئۆلۈما شائىر بولۇپ، تەخمىنەن ⅩⅩ  ئەسىرنىڭ باشلىرىدا سۇتۇق بۇغراخان مازىرىنى زىيارەت قىلغاندا، ئۇنىڭ يېنىدىكى چاھار باغ زاراتگاھلىقىغا دەپنە قىلىنغان شائىر مەھمۇد ھېكىمبەگ )1818 - 1902( قەبرىسىنى بىرگە زىيارەت قىلىپ قەبرە بېشىغا مۇنداق بىر كۇپلېت شېئىر يېزىپ قويغان: >سانى مەھمۇد قەشقەرىنىڭ يۇرتى ئارتۇش مەشھەدى، ئاتىسى مىرئەھمىدى سۇلتان سۇتۇق شەيخى ئىدى. ياخشى ئىزلار قالدۇرۇپ كەتتى ئەجەپ ئول رەھمىتى، دىنۇ ـ مىللەت خىزمىتىدىن ئورنى بولغاي رەھمىتى<  11 .  دېمەك، مەھمۇد قەشقەرى ھەققىدە ئوبدان چۈشەنچىگە ئىگە بولغان شەمسىدىن داموللام ئۆز زامانىسىنىڭ ئەللامىسى ۋە شائىرى ھېسابلانغان مەھمۇد ھېكىمبەگنى >ئىككىنچى مەھمۇد قەشقەرى< دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ، ئۇنىڭغا چوڭقۇر ھۆرمىتىنى ئىپادىلىگەن. قۇتلۇق شەۋقى )1876 - 1937( قەشقەردە يېتىشىپ چىققان مەرىپەتپەرۋەر زات بولۇپ، قەشقەر مەدىرىسلىرىدە، قاھىرەدىكى ئەزھەر مەدرىسىدە، ئىستانبۇلدا ۋە موسكۋادا ئوقۇغان. قۇتلۇق شەۋقى مەھمۇد قەشقەرىنى چوڭقۇر چۈشەنگەن، ئىدراكلىق ئالىملارنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ ⅩⅩ ئەسەرنىڭ باشلىرىدا يازغان >قەشقەر< ناملىق شېئىرىدا: >نۇر چېچىپ >قۇتادغۇبىلىك< خەلقنى قىلغان بەختىيار، خاس يۈسۈپ ھاجىپقا ئوخشاش ئەھلى ئىرپانلار ياتۇر، يادىكار ئەيلەپ جاھانغا يازدى >دىۋانى لۇغەت<  مەھمۇدىل قەشقەر كەبى ئەھلى شەرەپ شانلار ياتۇر، ئەيلىگەن شەۋقىنى مەفتون ئەل ئۈچۈن نۇرلار چېچىپ، بۇ شەھەردە كۆپلىگەن خەلق ئوغلى ئىنسانلار ياتۇر<  12 .  بەشىنچى، مىنگو يىللىرى )1911 - 1949( دا بىر قىسىم كۇتۇپخانىلار ئېچىلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا باشقا كىتابلار قاتارىدا >تۈركىي  تىللار دىۋانى< مۇ قويۇلۇپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىگە نائىل بولغان. >ئابدۇقادىر داموللام كۇتۇپخانىسى<. بۇنى ئۇيغۇر يېڭى دېموكراتىك ھەرىكىتىنىڭ سەركەردىلىرىدىن بىرى ئابدۇقادىر داموللام روسىيىدىكى ئوقۇشىنى تاماملاپ ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، قەشقەر شەھىرى ئوردا ئالدىدىكى قورۇسى يېنىغا تەسىس قىلغان بولۇپ، 9201-1924- يىللىرى ئېچىلغان بۇ كۇتۇپخانىغا >دىۋان< نىڭ تۈركىيىلىك كىلىسلى رىفئەت باستۇرغان نۇسخىسىنى قويغان  13 . بۇ نۇسخا تۈركىيىدە ھىجرىيە 1333 - 1335 ـ )مىلادى 1915 - 1917( يىللىرى مىخ مەتبەئەدە  تىزدۇرلۇپ باستۇرۇلغان ئىدى. >يۈسۈپ خاس ھاجىپ كۇتۇپخانىسى<. بۇ 1945-1949 ـ يىللىرى ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان كۇتۇپخانا بولۇپ، ئۇنىڭغىمۇ تۈركىيىدە بېسىم ئاتالاي 1939 - 1941 ـ يىللىرى تۈركىيە تۈركچىسىگە تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇرغان نۇسخىسى قويۇلغان. بۇ كۇتۇپخانىغا >دىۋان< بىلەن بىرلىكتە >قۇتادغۇبىلىك< مۇ قويۇلغان. ئالتىنچى، مىنگونىڭ دەسلەپكى چاغلىرىدىن باشلاپلا ئۆلۈما - زىيالىيلار >دىۋان<نى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ، ئۆز خەلقىگە تېخىمۇ چۈشىنىشلىك بولغان نۇسخىسىنى تونۇشتۇرۇشنى نىيەت قىلىپ ئىرادە تىكلىگەن. بۇ خاسىيەتلىك خىزمەتنى ئەڭ دەسلەپ ئۇيغۇر يېڭى دەۋر مەدەنىيەت ھەرىكىتىنىڭ بايراقدارلىرىدىن بولغان قۇتلۇق شەۋقى باشلىغان. ئۇ تۈركىيىدە ئوقۇش جەريانىدا >دىۋان< نىڭ كىلىسلى رىفئەت باستۇرغان نۇسخىسىنى سېتىۋېلىپ، 1917 ـ يىللاردىن كېيىن ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندە بىرگە ئېلىپ كەلگەن ھەم بۇ كىتابنى تەرجىمە قىلىش ئىشىنى كۈن تەرتىپكە قويغان  14 . 1930 ـ يىللاردىن كېيىن ۋەتەنپەرۋەر، ئوت يۈرەك شائىر مەمتىلى ئەپەندى )تەۋپىق( بىلەن بىرلىكتە تەرجىمە ئىشىغا رەسمىي  كىرىشكەن 15 . 1937 ـ يىلى بۇ ئىككى نەپەر مەرىپەت جەڭچىسى جاللات  شېڭ شىسەي تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، پاجىئەلىك ھالدا ئۆلتۈرۈۋېتىلگەنلىكتىن، >دىۋان< نىڭ تەرجىمىسىنى تاماملاپ نەتىجىسىنى كۆرۈشتەك خاسىيەتلىك ئىش توختاپ قالغان 16 . بۇ ئەھمىيەتلىك ئىشنى ئىككىنچى قېتىم قولغا ئالغان كىشى داڭلىق ئۆلۈما، ئەرەب تىلىنىڭ يېتىشكەن ئۇستىسى ئىسمائىل داموللام ئىدى. ئىسمائىل داموللام قەشقەر مەدرىسلىرىدە ئۇقۇغان كاتتا ئالىملاردىن بولۇپ، چۆچەكتە ئولتۇراقلاشقان )تەكتى قەشقەرلىك(  17 . 1946 ـ يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرى، مەرھۇم ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن >تۈركىي  تىللار دىۋانى< نىڭ بىرىنچى تومىنى تەرجىمە قىلىپ چىققان. بۇ ئالىم تەرجىمە سەۋىيىسىنىڭ  يېڭى بولۇشىغا قارىماي، ئەسەردە بېرىلگەن لۇغەتلەرنىڭ ئەرەبچە ئىزاھلىرى ۋە شەرھى، قەدىمكى تىللارنىڭ گرامماتىكىلىق قائىدىلىرىنى ئىمكان بار تولۇق ئىزاھلاشقا تىرىشقان. لۇغەتلەرنى تېپىشقا، ئاڭلىتىشقا ئاسان بولسۇن ئۈچۈن ئىسىملارغا ئوخشاش مەستەرلەر )پېئىلنىڭ ھەرىكەتناملىرى( نى ئالدىغا قويۇپ، بەزى لۇغەتلەرنىڭ مەنىسى ۋە كېلىپ چىقىشىغا ئائىت ئۆز مۇلاھىزىلىرىنى ئىزاھلار بىلەن قوشۇمچە قىلىپ، خېلى قىزغىنلىق ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن تەرجىمە قىلغان. ۋاھالەنكى، ئۆز ئىستىلىغا مۇۋاپىق بەزى ئەرەبچە ئاتالغۇلىرىنى كۆپرەك ئىشلەتكەنلىكىگە قارىماي، بەزى سەۋەبلەر بىلەن بۇ شەرەپلىك خىزمەت داۋاملاشتۇرۇلماي قالغان ئىدى  18 . بۇ خىزمەتنى ئىشلەش ئۈچىنچى قېتىم ئاتاغلىق شائىر ۋە ئەدەبىياتشۇناس ئەھمەد زىيائىغا نېسىپ بولغان. قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيسى سەيدۇللا سەيپۇللايوفنىڭ قىزغىن تەشەببۇسى ھەم ماددىي جەھەتتىن ياردەم بېرىشى، قەشقەر ج خ باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ئابدۇرېھىم ئىمىن )پىتەك( نىڭ كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇشى ئارقىسىدا   19   مەرھۇم ئەھمەد زىيائى 1951 - 1952 ـ يىللىرى(سەيپۇللايۇف 1951 ـ يىلى 7 ـ ئايدىن 1953 ـ يىلى 9 ـ ئايغىچە قەشقەر ۋىلايىتىگە ۋالى بولغان.)>تۈركىي  تىللار دىۋانى< نى تۈركىيىدە بېسىلغان نۇسخىسى ئاساسىدا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ چىققان. تەرجىمىسىنىڭ قوليازمىسىنى ئاكىسى، قەشقەر ساقىيە مەدرىسىنىڭ مۇدەررىسى، ئۆلىما ۋە شائىر مۇھەممەدخان مەخسۇم )پەيزى( 8 باسما تاۋاقلىق دەپتەرنىڭ ئوڭ تەرىپىگە ئەسەرنىڭ ئەسلىي  ئەرەبچە نۇسخىسى، سول تەرىپىگە ئۇنىڭ تەرجىمىسىنى بېرىپ، ئەرەب خېتىنىڭ خەتتاتلىق سەنئىتى بويىچە كۆچۈرۈپ چىققان ھەم قەشقەر شەھىرى  جانقورغانلىق  مۇدەررىس مۇھەممەد ئىمىن ھاجىم قاتارلىق ئەرەب تىلىنىڭ مۇكەممەل ئۆلۈمالىرى كۆزدىن كۆچۈرۈپ، Ⅲ تومىنىڭ ئاخىرىقى بېتىگە: >تەرجىمان ئەھمەد زىيائى ئەپەندىم >تۈركىي  تىللار دىۋانى< ناملىق بۇ ناياپ ئەسەرنى كامالەتكە يەتكۈزۈپ تەرجىمە قىلغان. بىز ئۇنىڭ ساپلىقىغا تامامەن قوشۇلۇپ ئۆز مۆھۈرلىرىمىزنى باستۇق< دەپ ئىمزالىرىنى قويغان   21  20  . 1953 ـ يىلى 9 ـ  ئايدا سەيپۇللايوف قەشقەردىكى خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئۈرۈمچىگە كەلگەندە >تۈركىي  تىللار دىۋانى< نىڭ ئورگىنالىنى بىرگە ئېلىپ كەلگەن. ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن شىنجاڭ ئۆلكىلىك مەدەنىيەت نازارىتى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ×× ئەپەندىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن. شۇ يىللىرى )يەنى 1954 ـ يىللىرى بولسا كېرەك( تەكتى قەشقەرلىك كېيىن چۆچەكتە ۋە ساۋەندە خىزمەت ئىشلىگەن، ئازادلىقتىن كېيىن ئۈرۈمچىدە خىزمەت ئىشلەۋاتقان بىر كىشى )سەيپۇللايوف ئىسمىنى ئەسلىيەلمىدى( >تۈركىي تىللار دىۋانى< نىڭ مەتبەئە نۇسخىسى بىلەن بىر تەرجىمە ئورگىنالىنى سەيپۇللايوفقا بېرىپ، بۇنى مەن يورۇقلۇققا چىقىرالمىغۇدەكمەن، ئاڭلىسام سىز قەشقەردە ئەھمەد زىيائىغا بۇ كىتابنى تەرجىمە قىلدۇرۇپسىز، تەتقىقات ئىشلىرىدا كېرەك بولۇپ قالسا بۇنىمۇ ئىشلىتىڭلار دېگەن.  بۇ كىتابنى شۇ ئادەم تەرجىمە قىلغانمۇ ياكى باشقا ئادەم تەرجىمە قىلغانمۇ، بۇنىسى ئېنىق ئەمەس، سەيپۇللايوف بۇلارنىمۇ ئەينى چاغدا ×× ئەپەندىگە بەرگەن. ئۇيغۇر سايرانى ئەپەندى تۆتىنچى قېتىم )ياكى بەشىنچى قېتىم( >دىۋان< نى تەرجىمە قىلىش ئىشىنى قولغا ئالغان. بۇ ئىش 0196 - 6319 ـ يىللىرى ئىشلەنگەن. ئۇيغۇر سايرانى ئەپەندى دەسلەپ سالىھ مۇتەللىپوف ئىشلىگەن ئۆزبېكچە نۇسخىسى ئاساسىدا ئۇيغۇرچە ئىشلەپ چىققان. بورھان شەھىدى بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، كۆپ خۇشاللىنىپ، 1945 ـ يىللىرى ××، ×× ئەپەندىلەر ئۆزىگە تەقدىم قىلغان بېسىم ئاتالاي تۈركىيىدە تۈركىيە تۈركچىسىگە تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇرغان ئۈچ توملۇق نۇسخىسىنى بېيجىڭدىن ئەۋەتىپ بەرگەن، ئۇيغۇر سايرانى ئەپەندى ئەرەبچە نۇسخىسى )رىفئەت باستۇرغان نۇسخىسى بولسا كېرەك - ئاپتور( نى تېىپىپ، مۇھەممەد سالىھ داموللام بىلەن بىرلىكتە ئەستايىدىل سېلىشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلمىيلاشتۇرۇپ چىققان ھەم ش ئۇ ئا ر پەنلەر ئاكادېمىيىسى تارىخ تەتقىقات ئىنىستىتۇتى رەھبەرلىكىگە تاپشۇرۇپ، مىخ مەتبەئە نۇسخىلىق قىلىپ بېسىپ چىقىرىش ھەققىدە تەكلىپ بەرگەن. 1966 ـ يىلى >مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى< باشلىنىپ، بۇ تەرجىمە نۇسخا قارا كىتابلار قاتارىدا كۆرگەزمىگە قويۇلۇپ بىر مەزگىلدىن كېيىن يوقىلىپ كەتكەن  22 . ئىبراھىم مۇتىئى ئەپەندى بېيجىڭدا مىللەتلەر نەشرىياتىنى قۇرۇشقا قاتنىشىپ، بىر قاتار كىتابلارنى نەشر قىلىشقا كۈچ چىقارغاندىن كېيىن، 1956 ـ يىلى نەشرىيات رەھبەرلىكىگە >تۈركىي  تىللار دىۋانى< نى نەشر قىلىشنى ئىلتىماس قىلىپ خەت يازغان  23 . بۇ خەت نەشرىيات ئارقىلىق جۇئېنلەي زۇڭلىغا يەتكۈزۈلگەندىن كېيىن، زۇڭلى ئىلتىماسنى كۆرۈپ >ئەگەر، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنداق كلاسسىك ئەسىرى بولسا، چوقۇم چىقىرىڭلار< دەپ تەستىق سالغان. شۇنىڭ بىلەن ئىبراھىم مۇتىئى ئەھمەد زىيائى تەرجىمە قىلغان نۇسخىسىنى ئەۋەتىپ بېرىش توغرىلىق خەت يازغان. خەت بېرىپ، كىتاب ئەۋەتىلگىچە ئارىلىقتا >كونا كىتابلارنى تەكشۈرۈش ھەرىكىتى< دېگەن ھەرىكەت باشلىنىپ كېتىپ، بۇ ئىش ۋۇجۇدقا چىقمىغان. يەتتىنچى، مىنگو يىللىرىدىن باشلاپ 1980 ـ يىللىرىغىچە ئوقۇمۇشلۇق ۋە مەرىپەتپەرۋەر كىشىلەر مەھمۇد قەشقەرى ۋە >دىۋان< توغرىلىق ئىزدىنىشتە بولغان. ئۆزلىرىنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىدە مەھمۇد قەشقەرى ۋە >دىۋان< نى تىلغا ئالغان، ياكى بۇلار توغرىلىق ئۇچۇر بەرگەن. ئابدۇقادىر داموللام 1919-1924-يىللىرى، قۇتلۇق شەۋقى 1917- 1930 ـ يىللىرى )قۇتلۇق شەۋقى 1917 ـ يىلى تۈركىيىدىن ۋەتەنگە قايتقاندا >تۈركىي  تىللار دىۋانى< نىڭ كىلىسلى رىفئەت باستۇرغان نۇسخىسىنى ئېلىپ كەلگەن(، مەمتىلى تەۋپىق 1930 ـ يىللىرى >دىۋان< توغرىلىق ئىزدىنىشتە بولغان  24 . ئىمىن تۇرسۇن >شىنجاڭ گېزىتى< نىڭ 1944 ـ يىللىق سانىدا ئېلان قىلغان >مىراس ۋە ۋەسىقىلىرىمىز< ناملىق ماقالىسىدا، ھىدايتۇللا ئاخۇن، سابىر ئاخۇنلار 1945 ـ يىلى مۇڭغۇلكۆرەدە يازغان >تۈرك ـ موڭغۇل تارىخى< ناملىق كىتابىدا  25 ، بورھان شەھىدى 1946 ـ يىلى 10 ـ ئايدا قەشقەر ھېيتگاھ كىنۇ ـ تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق ئاممىۋى  يىغىندا سۆزلىگەن سۆزىدە  26 ، ئابلىمىت روزى 1947 ـ يىلى يازغان >ئۇيغۇر قەدىمكى ئەدەبىياتى تەزكىرىسى< ناملىق رىسالىسىدە  27   مەھمۇد قەشقەرى ۋە >تۈركىي  تىللار دىۋانى< نى تىلغا ئالغان. يەنە تۆۋەندە كۆرسىتىلگەن ئەسەرلەردىمۇ شۇنداق:   〖BG(!〗〖BHDG2,K2,K5ZQ,K5ZQ,K8ZQ,K3〗〖HJ15x〗〖FT6NDA〗〖〗ئاپتور ئىسمى[]ئەسەر ئىسمى[]نەشرىيات ياكى باستۇرغان ئورۇن[]ۋاقىت 〖BHDG4,K2,K5ZQ,K5ZQ,K8ZQ,K3〗〖FT6NDA〗1〖〗ئىبراھىم مۇتىئى[]>تۈركىي  تىللارنىڭ تارىخى ھەققىدە<[]ئۈرۈمچىدە نەشر قىلىنغان بىر ژۇرنال ۋە >ھازىرقى دەۋر< 1-سان نەنجىڭ، خەنزۇچە.[]1948-1949 [BHDG3,K2,K5ZQ,K5ZQ,K8ZQ,K3]〖FT6NDA〗 2[]مۇھەممەتجان سىدىق[]>ئىككى ئۇيغۇر ئالىمى ھەققىدە<[]>شىنجاڭ مائارىپى< ژۇرنىلى 1956- يىل 2-سان.[]1956 [BHDG5,K2,K5ZQ,K5ZQ,K8ZQ,K3]〖FT6NDA〗 3[]ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن[]>ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 11-ئەسىردىكى ئىككى بۈيۈك ئالىمىنىڭ خاتىرىسى<[]>شىنجاڭ ئىنستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى<، 1956- يىل 3-سان، خەنزۇچە شۇ يىللىق 4-ساندا.[]1956 [BHDG4,K2,K5ZQ,K5ZQ,K8ZQ,K3]〖FT6NDA〗〖FT6NDA〗 4[]گۇاڭتيەن[]>ئۇيغۇرلارنىڭ كلاسسىك ئەدەبىياتى ھەققىدە<[]>نۇر< )گۇاڭ مىڭ( گېزىتى< نىڭ 1956- يىل 7- ئاينىڭ 13 ـ كۈنىدىكى سانى، بېيجىڭ، خەنزۇچە.[]1956[FT4”NBA〗 [BHDG5,K2,K5ZQ,K5ZQ,K8ZQ,K3] 〖FT6NDA〗5〖〗غازى ئەھمەد[]>گۈزەل سەنئىتىمىزنىڭ يۈكسەك رولىنى  جارى قىلدۇرايلى<[]>شىنجاڭ مەدەنىيىتى< ژۇرنىلىنىڭ 1957- يىللىق سانىدا.[]1957 [BH]〖FT6NDA〗 6[]ئەھمەد زىيائى[]>ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىيات ئېقىمى ۋە ئۇنىڭدىن ئۆگىنىدىغانلىرىمىز<[]>شىنجاڭ گېزىتى< نىڭ 1957- يىل 5- ئاينىڭ 31-كۈنىدىكى سانى.[]1957 [BHDG8,K2,K5ZQ,K5ZQ,K8ZQ,K3]〖FT6NDA〗 7[]ئابلىمىت روزى[]ئالىم مەھمۇد قەشقەرى ۋە ئۇنىڭ >تۈركى تىللار دىۋانى< ناملىق ئەسىرى[]〖FT6NAA〗ش ئۇ ئا ر يازغۇچىلار جەمئىيىتى ھۇزۇرىدا 1957- يىلى دەسلەپكى نۇسخىسى قولدىن چىققان. >ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى< ئۈچۈن تەييارلانغان قول يازما نۇسخا، >شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى< نىڭ 1981- يىل 3-سانىدا رەسمى ئېلان قىلىنغان.[]1958〖BG)W〗   〖BG(!〗〖BHDWG4,K2,K5ZQ,K5ZQ,K8ZQ,K3〗〖FT6NDA〗8〖〗گېڭ شىمىن[]>ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ۋە يېزىقلىرى<[]>جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىلى ۋە يېزىقلىرى< ناملىق كىتابقا كىرگۈزۈلگەن، بېيجىڭ، خەنزۇچە نەشرى.[]1958 [BHDG4,K2,K5ZQ,K5ZQ,K8ZQ,K3]〖FT6NDA〗 9[]فېڭ جياشېڭ، چىڭ سولۇ، مۇگۇاڭۋىن[]>ئۇيغۇر تارىخىي ماتېرىياللىرى قىسقىچە توپلىمى<[]مىللەتلەر نەشرىياتى[]1981,1958 [BHDG5,K2,K5ZQ,K5ZQ,K8ZQ,K3]〖FT6NDA〗 10[]گېڭ شىمىن، خۇجېنخۇا[]>تۈركىي  تىللار دىۋانى< ۋە ئۇنىڭ ئاپتورى[]>شىنجاڭ ئەدەبىياتى< ژۇرنىلىنىڭ 1963 - يىللىق 5- سانىدا، ئۈرۈمچى، خەنزۇچە.[]1963 [BHDG4,K2,K5ZQ,K5ZQ,K8ZQ,K3]〖FT6NDA〗〖FT6NDA〗 11[]گېڭ شىمىن[]>ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەدىمكى ھۆججەتلىرى<[]>شىنجاڭ ئەدەبىياتى< ژۇرنىلىنىڭ 4196 - يىللىق 1 ـ سانىدا.[]1964[FT4”NBA〗 [BHDG7,K2,K5ZQ,K5ZQ,K8ZQ,K3] 〖FT6NDA〗12〖〗جاڭ گۇاڭدا[]>مەھمۇد قەشقىرىنىڭ >تۈركىي  تىللار دىۋانى< ناملىق ئەسىرى ۋە ئۇنىڭدىكى يۇمىلاق خەرىتە توغرىسىدا<[]>مەركىزىي مىللەتلەر ئىنستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى< نىڭ 1978 - يىل 2 - ساندا ئېلان قىلىنغان، بېيجىڭ، خەنزۇچە.[]1978 〖BH〗〖FT6NDA〗13[]ئابدۇشۈكۈر تۇردى، خاۋگۈەنجۇڭ[]>>تۈركىي تىللار دىۋانى< غا كىرگۈزۈلگەن شېئىر - قوشاقلار ۋە ماقال - تەمسىللەر<[]>شىنجاڭ ئەدەبىيات - سەنئىتى< ژۇرنىلىنىڭ 1978- يىللىق 2- سانىدا، ئۈرۈمچى.[]1978 [BHDG5,K2,K5ZQ,K5ZQ,K8ZQ,K3]〖FT6NDA〗 14[]مائەن[]>قەدىمكى ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد قەشقەرى<[]>مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى< ژۇرنىلىنىڭ 1979- يىللىق 1- سانىدا، بېيجىڭ، خەنزۇچە.[]1979〖BG)W〗   〖BG(!〗〖BHDWG2,K2,K5ZQ,K5ZQ,K8ZQ,K3〗〖FT6NDA〗15〖〗مەھمۇد زەيدى[]>ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد قەشقەرى<[]>قەشقەر ئەدەبىياتى< 1980- يىللىق 2- سان[]1980 [BHDG4,K2,K5ZQ,K5ZQ,K8ZQ,K3]〖FT6NDA〗 16[]ھاجى نۇر ھاجى[]>11- ئەسىردىكى تىلشۇناس ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد قەشقەرى<[]>شىنجاڭ گېزىتى< نىڭ 1980 ـ يىلى 5- ئاينىڭ 2 ـ كۈنىدىكى سانى.[]1980[BG)] يۇقىرىقى ستاتىستىكىلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، ⅩⅩ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى 80 يىلىدا شىنجاڭدا، جۈملىدىن ئېلىمىزدە مەھمۇد قەشقەرى ۋە >دىۋان لۇغاتىت تۈرك< توغرىلىق داۋاملىق ئىزدىنىشلەر بولۇپ تۇرۇلغان.  1920 -، 1930 -، 1940 ـ يىللاردىكى ئەھۋالغا قارىغاندا چوڭقۇرراق ئىزدىنىش كەم بولۇپ، زىيالىيلار ۋە بەزى ئوقۇمۇشلۇق كىشىلەر مۇئەييەن چۈشەنچىدە بولغانلىقى مەلۇم، 1950 - 1960 ـ يىللىرى مۇھەممەتجان سادىق، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن، ئابلىمىت روزى، گېڭ شىمىن قاتارلىقلار بىر قەدەر بىلىم خاراكتېردىكى ماقالىلەرنى يازغان ۋە بەزىلىرى ئۆز ئەمگەكلىرىنى جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىگە سۇنغان. 1970 ـ يىللارنىڭ ئاخىرىدا جاڭ گۇاڭدا، ئابدۇشۈكۈر تۇردى، خاۋگۈەنجۇڭ ۋە مائەن قاتارلىقلارنىڭ ماقالىلىرى ئۇيغۇر ۋە خەنزۇ تىللىرىدا ئېلان قىلىنىپ، ئىسلاھات ۋە ئىشىكنى ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلۇپ، ئېلىمىزنىڭ يېڭى ئىلىمپەن باھارى يېتىپ كەلگەندىن كېيىنكى يېڭى دەۋرگە خاس دىۋانشۇناسلىقنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچتى. 1980 ـ يىللاردىن باشلاپ بۇ تېمىغا بېغىشلانغان ماقالىلەر توختىماي ئېلان قىلىنىپ تۇرۇلدى. سەككىزىنچى، مەھمۇد قەشقەرىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان مەكتەپ دۇنياغا كەلدى. 1932 ـ يىلى چۆچەك شەھىرىدە >مەھمۇدىيە ئۇيغۇر قىزلار مەكتىپى< نامىدا بىر يېڭىچە  پەننىي  مەكتەپ قۇرۇلغان. مەكتەپنى قۇرغۇچىلار ئەسلىدە ئۇنىڭغا ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد قەشقەرىنىڭ مۇبارەك نامى بىلەن ئىسىم قويۇشنى ئويلاشقان بولسىمۇ، لېكىن جىن شۇرىننىڭ مائارىپتىكى تېررورلۇق سىياسىتىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، مەكتەپ نامى قىسقارتىلىپ، يەنى >قەشقەرى< دېگەن سۆز ئېلىۋېتىلىپ، يۇقىرىقىدەك ئاتالغان. چۆچەك ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى 1946 ـ يىل 3 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى ۋالىي  مەھكىمىسىنىڭ تەستىقى بويىچە >مەھمۇدىيە مەكتىپى< دەپ ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قارار قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ مەكتەپ ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد قەشقەرىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان تۇنجى مەكتەپ بولۇپ قالغان  28 . 1946 ـ يىل 10 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى ئەھمەتجان قاسىمى بۇ مەكتەپنى كۆزدىن كۆچۈرگەن ۋە ئوقۇتقۇچى ۋە مائارىپ توغرۇلۇق مۇھىم سۆز قىلغان. توققۇزىنچى، شىنجاڭدا مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ھەيكىلىنى تىكلەش تەشەببۇس قىلىنغان. رەسسام غازى ئەھمەت 1957 ـ يىلى >شىنجاڭ مەدەنىيىتى< ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان >گۈزەل سەنئىتىمىزنىڭ يۈكسەك رولىنى جارى قىلدۇرايلى< دېگەن ماۋزۇدىكى ماقالىسىدا >ئۈرۈمچى شەھرىنىڭ مۇھىم كوچىلىرى ۋە ئاممىۋى سورۇنلارغا مەھمۇد قەشقەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ قاتارلىق ئالىملىرىمىزنىڭ ھەيكەللىرىنى ئورناتقان بولساق، كېيىنكى ئەۋلاتلارغا ۋەتەنپەرۋەرلىك، ئىلىم، ئەخلاق تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشتا مۇھىم رول ئوينىغان بولاتتى< دەپ يازغان. ئونىنچى، 1950 ـ يىللاردىن باشلاپ، ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپلەردە مەھمۇد قەشقەرى توغرۇلۇق دەرس ۋە لېكسىيە سۆزلەنگەن. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، بۇلۇپمۇ 5019 ـ يىللاردىن باشلاپ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە يېڭىچە دەرسلىك ئىشلىتىلگەن. جۈملىدىن >ۋەتەن ئەدەبىياتى< ناملىق ئوتتۇرا مەكتەپ دەرسلىكىدە مەھمۇد قەشقەرى تونۇشتۇرۇلغان. 1957 ـ يىلى ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەلىپى، تەشكىلنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاساسى  بولغان شىنجاڭ ئىنستىتۇتىدا >ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى< ئىچىدە مەھمۇد قەشقەرى ۋە >تۈركىي  تىللار دىۋانى< توغرىلىق لېكسىيىلەرمۇ بولغان  29 ؛ بۇ خىل لېكسىيە 6219 - 1963 ـ يىلى يەنە بىر قېتىم بولغان بولۇپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن ئېلىمىزنىڭ ئالىي مەكتەپلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئەدەبىياتى ھەققىدە ئىككىنچى قېتىم سۆزلەنگەن بۇ لېكسىيىنى مۇھەممەتجان سادىق ئەپەندى سۆزلىگەن. بىرىنچى قېتىملىق لېكسىيىنى ××× كىشى سۆزلىگەن. 1978 - 1979 ـ يىللىرىغا كەلگەندە دەسلەپ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا، ئاندىن قەشقەر پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىدا، ئىلى پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىدا، غەربىي شىمال مىللەتلەر ئىنستىتۇتى قاتارلىق مەكتەپلەردە >ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى< دەرسلىكى تەسىس قىلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە بىر باب مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيىتىگە بېغىشلانغان. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى لېكسىيىنى شېرىپىدىن ئۆمەر سۆزلىگەن، 1979-8019 ـ يىلى ئىككى يىل ئۆتۈلگەن مەخسۇس دەرس بولغان.  ئون بىرىنچى، >ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى< غا مەھمۇد قەشقەرى توغرىسىدىكى بايانلارنى  رەسمىي كىرگۈزۈش پىلانلانغان. 1956 - 1957 ـ يىللىرى ش ئۇ ئا ر يازغۇچىلار جەمئىيىتى >ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى< نى يېزىشنى پىلانلىغان. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئەھمەد زىيائى ئۈرۈمچىگە چاقىرىتىلىپ>تۈركىي  تىللار دىۋانى< نىڭ تەرجىمىسىگە قايتىدىن قاراپ چىققان. شۇ يىلى ئۈرۈمچىدە ئابلىمىت روزى تەشكىلنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن >تۈركىي  تىللار دىۋانى< توغرۇلۇق مەخسۇس ماقالە يېزىپ، >ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى< غا كىرگۈزۈش ئۈچۈن تەخلەپ قويغان. ھەم شۇ كىتابنىڭ ماتېرىيال ئاساسى  سۈپىتىدە تەييارلانغان  >ئۇيغۇر كلاسسىكلىرى قوليازمىلىرى  كاتولوگى< )1958 ـ يىلى بېسىلغان( غا >تۈركىي  تىللار دىۋانى< توغرىلىق ماتېرىيال كىرگۈزۈلگەن. 1958 ـ يىلى باشلانغان ئوڭچىللىققا قارشى ھەرىكەتتە بۇ ئىش توختاپ قالغان. ئابلىمىت روزىنىڭ شۇ چاغدا تەييارلانغان >ئالىم مەھمۇد قەشقەرى ۋە ئۇنىڭ >تۈركىي  تىللار دىۋانى< ناملىق ئەسىرى< دېگەن ماقالىسى ئۇزۇن يىل ساقلىنىپ، بىر قىسمى يوقىلىپ كېتىپ، ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن >شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى< نىڭ 1981- يىللىق 1- سانىدا ئاندىن ئېلان قىلىنغان  30 . 1978-1979- يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ـ ئەدەبىيات فاكۇلتېتى تەييارلىغان پروگرامما 1979 - 1980 ـ يىللىرى ماي بوياق ۋە رەسمىي نەشر شەكلىدە ئېلان قىلىنغان. ش ئۇ ئا ر يازغۇچىلار جەمئىيىتى تۈزگەن >ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدىن نەمۇنىلەر<  1981 ـ يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. 1985 ـ يىلى ش ئۇ ئا ر خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىمىنوف  ھامىدنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ش ئۇ ئا ر مائارىپ نازارىتىنىڭ يېتەكچىلىكى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن >ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى< نى تۈزۈش كوللېگىيىسى تەشكىل قىلىنىپ، 1986 ـ يىلى ئۈچ توملۇق بۇ ئەسەرنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكشۈرۈپ دەلىللىشىدىن ئۆتۈپ نەشرىياتقا تاپشۇرۇلغان. ئۇنىڭدىن كېيىن، تۆۋەندىكى كىتابلاردا مەھمۇد قەشقەرى ۋە >تۈركىي  تىللار دىۋانى< توغرۇلۇق مۇلاھىزىلەر جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشكەن: 〖BG(!〗〖BHDG2,K2,K5ZQ,K5ZQ,K8ZQ,K4〗〖HJ25x〗〖FT6NDA〗〖〗ئاپتور ئىسمى[]ئەسەر ئىسمى[]نەشرىيات ياكى باستۇرغان ئورۇن[]ۋاقىت 〖BHDG4,K2,K5ZQ,K5ZQ,K8ZQ,K4〗〖FT6NDA〗1〖〗شېرىپىدىن ئۆمەر[]>ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخىدىن ئوچېرىكلار<[]شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى[]1982 [BHDG3,K2,K5ZQ,K5ZQ,K8ZQ,K4]〖FT6NDA〗 2[]ۋاھىتجان غوپۇر، ئەسقەر ھۈسەيىن[]>ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تىزىسلىرى<[]قەشقەر پېداگوگىكا دەرسلىك ماتېرىياللىرى باشقارمىسى؛ مىللەتلەر نەشرىياتى[]1987- 1982 [BHDG4,K2,K5ZQ,K5ZQ,K8ZQ,K4]〖FT6NDA〗 3[] ئابدۇرېھىم سابىد[]>ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخى< )تۆت قىسىم([]قەشقەر شەھەرلىك ئوقۇتقۇچىلار بىلىم ئاشۇرۇش مەكتىپى[]1984-1982 [BHDG7,K2,K5ZQ,K5ZQ,K8ZQ,K4]〖FT6NDA〗〖FT6NDA〗 4[]ھېمىت مەخسۇت، غەيرەتجان ئوسمان[]ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى )>ئالىي مەكتەپ تىل - ئەدەبىيات ئاساسلىرى< ناملىق كىتابقا كىرگۈزۈلگەن<([]شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى[]1986〖BG)W〗   〖BG(!〗[BHDWG3,K1,K4ZQ,K7ZQ,K8ZQ,K4] 〖FT6NDA〗5〖〗غەيرەتجان ئوسمان[]>ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخىدىن تىزىس<[]شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى[]1987 〖BH〗〖FT6NDA〗 6[]لى گوشياڭ[]〖HJ20x〗>ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى<[]غەربىي شىمال مىللەتلەر ئىنستىتۇتى مىخ مەتبەدە باستۇرغان، لەنجۇ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى[]1982- 1992 〖BHDG6,K1,K4ZQ,K7ZQ,K8ZQ,K4〗〖FT6NDA〗 7[]غەيرەتجان ئوسمان[]>ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى قىسقىچە تارىخى< )ش ئۇ ئا ر ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلىكىدىن ئۆگەنگۈچىلەر دەرسلىكى([]ش ئۇ ئا ر ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلىكىدىن ئۆگەنگۈچىلەرگە يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى باستۇرغان[]1992 〖BHDWG6,K1,K4ZQ,K7ZQ,K8ZQ,K4〗〖FT6NDA〗8〖〗غەيرەتجان ئوسمان[]>ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخى< )مەملىكەتلىك ئالىي مائارىپ ئۆزلىكىدىن ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن دەرسلىك[]ش ئۇ ئا ر ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلىكىدىن ئۆگەنگۈچىلەرگە يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى باستۇرغان[]1996 [BHDG5,K1,K4ZQ,K7ZQ,K8ZQ,K4]〖FT6NDA〗 9[]يۈەن شىلى[]مەھمۇد قەشقەرى ۋە >تۈركىي  تىللار دىۋانى< )>ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى( غا كىرگۈزۈلگەن<([]شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى نەشرىياتى، خەنزۇچە[]1998 [BHDG3,K1,K4ZQ,K7ZQ,K8ZQ,K4]〖FT6NDA〗 10[]غەيرەتجان ئوسمان[]ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى[]شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى[]2001[BG)] بۇ دەرسلىكلەر 1980 ـ يىللاردىن باشلاپ مەملىكىتىمىزدىكى مۇناسىۋەتلىك مەكتەپلەردە دەرسلىك قىلىندى، دېمەك، بۇلاردا مەھمۇد قەشقەرى مەخسۇس تونۇشتۇرۇلغان. ئون ئىككىنچى، >دىۋان< نى نەشر قىلىش قولغا ئېلىندى ۋە بۇ ئىش ئۇتۇغلۇق تاماملاندى. ش ئۇ ئا ر خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ش ئۇ ئا ر مىللەتلەر تەتقىقات ئورنى 1977 ـ يىلى >تۈركىي  تىللار دىۋانى< نى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ۋە خەنزۇ تىللىرىغا تەرجىمە قىلىپ، نەشر قىلىش خىزمىتىگە كىرىشكەن، 1978 ـ يىلنىڭ بېشىدا بۇ خىزمەت رەسمىي يۇسۇندا مەملىكەتلىك ئىجتىمائىي پەن تەتقىقات پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن، 7819 ـ يىلى 9 ـ ئايدا ش ئۇ  ئا ر ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىگە تەييارلىق كۆرۈش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇلغان. شۇ يىلى 12 ـ ئايدا ش ئۇ ئا ر يېزىق ئۆزگەرتىش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ئابدۇسالام ئابباسوف بىلەن شىنجاڭ مىللەتلەر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ باشلىقى، ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چېن خۇا يېتەكچىلىكىدە تىل ئىنستىتۇتىدىكى يولداشلارنى ئاساس قىلىپ، باشقا قېرىنداش ئورۇنلاردىكى مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىس، ئالىملار قاتناشقان ئىككى مەخسۇس گۇرۇپپا قۇرۇلۇپ  31 ، >تۈركىي  تىللار دىۋانى< نى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ۋە خەنزۇ تىللىرىغا تەرجىمە قىلىش ئىشى ئايرىم ـ ئايرىم ئېلىپ بېرىلغان، بىر قانچە يىل تىرىشىش ئارقىلىق بۇ خىزمەت ئوڭۇشلۇق تاماملانغان. 1981 -، 1983 -، 1984 ـ يىللىرى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر تىلىدىكى ئۈچ توملۇق نۇسخىسى رەسمىي نەشر قىلىنىپ، كەڭ جامائەت بىلەن يۈز كۆرۈشكەن، ئۈچ تومنىڭ باش مۇھەررىرلىكىنى ئىبراھىم مۇتىئى،  مۇئاۋىن باش مۇھەررىرلىكىنى ئىمىن تۇرسۇن بىلەن مىرسۇلتان ئوسمانوف ئىشلىگەن. >تۈركىي  تىللار دىۋانى< نىڭ رەسمىي نەشر قىلىنىشى جۇڭگودا دىۋانشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى، شۇنىڭدىن كېيىن، بۇ خىزمەت ئېلىمىزدە بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىپ، ئىلمىيلىشىپ ۋە مەخسۇسلىشىپ، زور نەتىجىلەر قولغا كېلىپ، ئايرىم ساھەلەردە چەت ئەلنىڭ سەۋىيىسىدىن ئېشىپ كەتتى. نەتىجىدە جۇڭگونىڭ ئۆزىنىڭ دىۋانشۇناسلىق ئىلمى رەسمىي شەكىللىنىپ، خەلقئارادا مۇشۇ ساھەدە مۇستەقىل پىكىر بايان قىلىش سالاھىيىتىنى تىكلىگەن ئەل بولۇپ قالدى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئەجدادلار ۋە ئالدىنقىلار ئىشلىگەن خىزمەتلەرنىڭ تۈرتكىلىك رولى غايەت زور بولغان بولۇپ، ئۇلارنى ئەسلەش رېئال  ئەھمىيەتكە ۋە تارىخىي قىممەتكە ئىگە، ئەلۋەتتە. ئون ئۈچىنچى، شىنجاڭ جۈملىدىن ئېلىمىزدە نەشر قىلىنغان لۇغەت، قامۇس ـ ئېنسىكلوپېدىيە، قوللانما، ئىلمىي كىتابلاردا مەھمۇد قەشقەرى ئالاھىدە تونۇشتۇرۇلدى، >دىۋان< ئۈچۈن مەخسۇس سەھىپە ئاجرىتىلدى. بۇنى تۆۋەندىكى جەدۋەلدىن كۆرىمىز: 〖BG(!〗〖BHDG2,K2,K5ZQ,K5ZQ,K8ZQ,K3〗〖HJ25x〗〖FT6NDA〗〖〗ئاپتور ئىسمى[]ئەسەر ئىسمى[]نەشرىيات ياكى باستۇرغان ئورۇن[]ۋاقىت 〖BHDG2,K2,K5ZQ,K5ZQ,K8ZQ,K3〗〖FT6NDA〗1〖〗؟[]〖FT7”NAA〗مەھمۇد قەشقەرى )>سىخەي< گە كىرگۈزۈلگەن([]〖FT6NAA〗شاڭخەي لۇغەت نەشرىياتى، خەنزۇچە[]1980 [BHDG5,K2,K5ZQ,K5ZQ,K8ZQ,K3]〖FT6NDA〗 2[]〖FT7”NAA〗دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى مىللىي مەسىلە ھەققىدىكى بەش مەجمۇئەنى تەھرىرلەش كومىتېتى >جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر< نى تۈزۈش گۇرۇپپىسى[]〖FT6NAA〗>جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر<[]خەلق نەشرىياتى، بېيجىڭ، خەنزۇچە[]1981 [BHDG4,K2,K5ZQ,K5ZQ,K8ZQ,K3]〖FT6NDA〗 3[]چېن زۇڭجىن[]〖FT6”NAA〗مەھمۇد قەشقەرى )>جۇڭگو چوڭ ئېنسكلوپېدىيىسى< نىڭ >مىللەت< تومىغا كىرگەن([]〖FT6”NAA〗جۇڭگو چوڭ ئېنسكلوپېدىيىسى نەشرىياتى، بېيجىڭ، شاڭخەي[]1986 [BHDG4,K2,K5ZQ,K5ZQ,K8ZQ,K3]〖FT6NAA〗 4[]ئابدۇشۈكۈر تۇردى جاڭ خۇڭچىياۋ[]〖FT7NAA〗>تۈركى تىللار دىۋانى< جۇڭگو چوڭ ئېنسكلوپېدىيىسى< نىڭ >جۇڭگو ئەدەبىياتى< تومىغا كىرگەن([]〖FT6NAA〗جۇڭگو چوڭ ئېنسكلوپېدىيىسى< نەشرىياتى، بېيجىڭ ـ شاڭخەي[]1986[FT4”NBA〗 [BHDG5,K2,K5ZQ,K5ZQ,K8ZQ,K3] 〖FT6NDA〗5〖〗ئامانۇللا[]〖FT6”NAA〗مەھمۇد قەشقەرى >تۈركىي  تىللار دىۋانى< >جۇڭگو چوڭ ئېنسكلوپېدىيىسى<، >پەلسەپە< تومىغا كىرگەن[]〖FT6NAA〗جۇڭگوچوڭ ئېنسكلوپېدىيىسى نەشرىياتى، بېيجىڭ ـ شاڭخەي[]1987 [BH]〖FT6NDA〗 6[]چېن زوڭجىن[]〖FT6”NAA〗مەھمۇد قەشقەرى )>جۇڭگو چوڭ ئېنسكلوپېدىيىسى< نىڭ >تىل - يېزىق< تومىغا كىرگۈزۈلگەن([]〖FT6NAA〗جۇڭگو چوڭ ئېنسكلوپېدىيىسى نەشرىياتى، بېيجىڭ ـ شاڭخەي[]1988 [BHDG4,K2,K5ZQ,K5ZQ,K8ZQ,K3]〖FT6NDA〗 7[][]〖FT6”NAA〗مەھمۇد قەشقەرى )>مىللەت لۇغىتى< چىن يۇڭلىن باش مۇھەررىرلىكىدە تۈزۈلگەن([]〖FT6NAA〗شاڭخەي قامۇس نەشرىياتى خەنزۇچە[]1987 [BHDG5,K2,K5ZQ,K5ZQ,K8ZQ,K3]〖FT6NDA〗 8[][]〖FT6”NAA〗مەھمۇد قەشقەرى )>جۇڭگودىكى مىللەتلەر تارىخىدىكى شەخسلەر قامۇسى< گاۋۋىندى باش مۇھەررىرلىكىدە([]〖FT6NAA〗جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر نەشرىياتى، بېيجىڭ، خەنزۇچە[]1990〖BG)〗 نوپۇزلۇق ھەم مەخسۇس يېزىلغان كىتابلار ئىچىدە:  〖BG(!〗〖BHDG2,K2,K5ZQ,K5ZQ,K8ZQ,K4〗〖HJ25x〗〖FT6NDA〗〖〗ئاپتور ئىسمى[]ئەسەر ئىسمى[]نەشرىيات ياكى باستۇرغان ئورۇن[]ۋاقىت 〖BHDG5,K2,K5ZQ,K5ZQ,K8ZQ,K4〗〖FT6NDA〗1〖〗ش ئۇ ئا ر ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى مىللەتلەر تەتقىقات ئورنى[]شىنجاڭنىڭ قىسقىچە تارىخى، )1 ـ قىسىم([]شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، خەنزۇچە نەشرى، ئۇيغۇرچە نەشرى[]1984-1980 [BHDG3,K2,K5ZQ,K5ZQ,K8ZQ,K4]〖FT6NDA〗 2[]ھاجى ئەھمەد[]دېڭىز ئۈنچىلىرى[]قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى[]1993-1983 [BHDG10,K2,K5ZQ,K5ZQ,K8ZQ,K4]〖FT6NDA〗 3[]ھاجى نۇرھاجى[]〖FT6NAA〗〖HJ20x〗ئاتاقلىق تىلشۇناس مەھمۇد قەشقەرى ۋە ئۇنىڭ >تۈركىي  تىللار دىۋانى< ناملىق ئەسىرى )گۇباۋ باش مۇھەررىرلىكىدە تۈزۈلگەن >شىنجاڭدىكى تارىخىي شەخسلەر< ناملىق كىتابنىڭ 1 ـ قىسمىدا[]〖FT6NDA〗[HJ25x]شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، خەنزۇچە نەشرى[]1982 [BHDG3,K2,K5ZQ,K5ZQ,K8ZQ,K4]〖FT6NDA〗〖FT6NDA〗 4[]گېڭ شىمىن تۈزگەن[]قەدىمكى ئۇيغۇر شېئىرلىرىدىن تاللانما[]شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، خەنزۇچە[]1982 [FT4”NBA〗 [BHDG7,K2,K5ZQ,K5ZQ,K8ZQ,K4] 〖FT6NDA〗5〖〗شى چىگۇاڭ قاتارلىقلار[]〖FT6”NAA〗مەھمۇد قەشقەرى >تۈركىي  تىللار دىۋانى< نىڭ ئاپتورى. )>جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر تارىخىي شەخسلەر تەزكىرىسى< نىڭ 1 ـ قىسمىدا[]〖FT6NAA〗مىللەتلەر نەشرىياتى، بېيجىڭ، خەنزۇچە[]1983 [BHDG5,K2,K5ZQ,K5ZQ,K8ZQ,K4]〖FT6NDA〗 6[]گېڭ شىمىن[]ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى مەدەنىيىتى ۋە ھۆججەتلىرىدىن ئوچېرىكلار[]شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، خەنزۇچە[]1983〖BG)W〗 〖BG(!〗〖BHDWG2,K2,K5ZQ,K5ZQ,K8ZQ,K4〗〖FT6NDA〗7〖〗ھاجى نۇر ھاجى[]قاراخانىيلارنىڭ قىسقىچە تارىخى[]شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى[]1984 [BHDG3,K2,K5ZQ,K5ZQ,K8ZQ,K4]〖FT6NDA〗 8[]ۋېي لياڭتاۋ[]قاراخانىيلار تارىخىدىن ئوچېرىكلار[]شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، خەنزۇچە[]1986 [BHDG3,K2,K5ZQ,K5ZQ,K8ZQ,K4]〖FT6NDA〗 9[]ليۇ زىشياۋ[]ئۇيغۇر تارىخى، 1 ـ قىسىم[]مىللەتلەر نەشرىياتى خەنزۇچە نەشرى، ئۇيغۇرچە نەشرى[]1987-1985 [BHDG4,K2,K5ZQ,K5ZQ,K8ZQ,K4]〖FT6NDA〗〖FT6NDA〗 10[]مۇھەممەت زۇنۇن، ئابدۇرۇسۇل ئۆمەر تۈزگەن[] مەھمۇد قەشقەرى )ماقالىلار توپلىمى([]قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى[]1985[FT4”NBA〗 [BHDG7,K2,K5ZQ,K5ZQ,K8ZQ,K4] 〖FT6NDA〗11〖〗〖FT6NAA〗دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى >جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر قىسقىچە تارىخىغا ئائىت مەجمۇئە<نى تۈزۈش گۇرۇپپىسى[]ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى[]〖FT6NAA〗شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، خەنزۇچە نەشرى، ئۇيغۇرچە نەشرى[]〖FT6NAA〗 1990-1989 〖BHDG3,K2,K5ZQ,K5ZQ,K8ZQ,K4]〖FT6NDA〗12[]ۋېي خۇيرۇەن قاتارلىقلار[]شىنجاڭدىكى مىللەتلەر بىلىم قوللانمىسى[]شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى[]1990 [BHDG3,K2,K5ZQ,K5ZQ,K8ZQ,K4]〖FT6NDA〗 13[]ئەنۋەر بايتۇر، خەيرىنىسا سىدىق[]شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى[]مىللەتلەر نەشرىياتى[]1990 [BHDG3,K2,K5ZQ,K5ZQ,K8ZQ,K4]〖FT6NDA〗 14[]ئىمىن تۇرسۇن[]تارىمدىن تامچە[]مىللەتلەر نەشرىياتى[]1990 [BHDG3,K2,K5ZQ,K5ZQ,K8ZQ,K4]〖FT6NDA〗 15[]ئىبراھىم مۇتىئى[]ئىبراھىم مۇتىئى ئىلمىي ماقالىلىرى[]مىللەتلەر نەشرىياتى[]1990 [BHDG5,K2,K5ZQ,K5ZQ,K8ZQ,K4]〖FT6NDA〗 16[]ش ئۇ ئا ر مائارىپ كومىتېتى ئالىي مەكتەپ تارىخ دەرسلىكىنى تۈزۈش گۇرۇپپىسى[]شىنجاڭنىڭ يەرلىك تارىخى[]شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە[]1992 〖BG)W〗 〖BG(!〗〖BHDWG3,K2,K5ZQ,K5ZQ,K8ZQ,K4〗〖FT6NDA〗17〖〗شۆزۇڭجىڭ[]تۈرك تارىخى[]جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر نەشرىياتى، بېيجىڭ، خەنزۇچە[]1992 [BHDG4,K2,K5ZQ,K5ZQ,K8ZQ,K4]〖FT6NDA〗 18[]جۇشاۋزۇ باش مۇھەررىرلىكىدە تۈزۈلگەن[]غەربىي يۇرت مەدەنىيىتى مەشھۇر شەخسلەر تەزكىرىسى[]شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، خەنزۇچە[]1991 [BHDG6,K2,K5ZQ,K5ZQ,K8ZQ,K4]〖FT6NDA〗 19[]جاڭ بىبۇ، زۇڭ گوياۋ باش مۇھەررىرلىكىدە يېزىلغان[]جۇڭگونىڭ قەدىمكى دەۋرىدە ياشىغان شىمالدىكى مىللەتلەر[]خېيلۇڭجياڭ خەلق نەشرىياتى، خاربىن، خەنزۇچە[]1993 [BHDG4,K2,K5ZQ,K5ZQ,K8ZQ,K4]〖FT6NDA〗〖FT6NDA〗 20[]لىن گەن، گاۋزىخو[]قەدىمكى ئۇيغۇرلار تارىخى[]ئىچكى موڭغۇل نەشرىياتى، كۆكخوت، خەنزۇچە، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، ئۇيغۇرچە، نەشرى[] 2000-1995 [BHDG4,K2,K5ZQ,K5ZQ,K8ZQ,K4] 〖FT6NDA〗21〖〗يۈتەيشەن باش مۇھەررىرلىكىدە تۈزۈلگەن[]غەربىي يۇرت مەدەنىيەت تارىخى[]جۇڭگو دوستلۇق كىتاب شىركىتى نەشرىياتى، بېيجىڭ، خەنزۇچە[]1996〖BG)〗  قاتارلىقلاردا مەھمۇد قەشقەرى ۋە >دىۋان< توغرۇلۇق ئوخشمىغان ھەجىم، سەۋىيە ۋە سەھىپىدە بايان بېرىلدى. ئون تۆتىنچى، مەھمۇد قەشقەرىنىڭ مازىرى ئىزچىل تاۋاپ قىلىنىپ، قوغدىلىنىپ كېلىنگەن، تەكرار رىمونت قىلىنغان، ئالىمنىڭ ھەيكىلى ياسالغان. م. قەشقەرى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا باغدادتىن يۇرتىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، >مەدرىسەئى مەھمۇدىيە< ناملىق مەدىرىس بىنا قىلىپ، ئۇ يەردە مۇدەرىسلىىك قىلغان. ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، مەدرىسنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىنغان. مەقبەرە ئوپال يېزىسىنىڭ ئازىق كەنتىدىكى >ھەزرىتى موللام تېغى< دەپ ئاتىلىدىغان بىر تاغنىڭ باغرىدىكى >سۈزۈك بۇلاق< ئۈستىگە جايلاشقان. مەھمۇد قەشقەرى مازىرىنى كىشىلەر >ھەزرىتى موللام< مازىرى دەپ ئاتاپمۇ كەلگەن. ئىلگىرى >مەھمۇد قەشقەرى< مازىرى دېگەن نام بىلەن ھەم ئاتالغان. بۇ مازار 900 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە كۆپ قېتىم رىمونت قىلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە ⅩⅠⅩ ئەسىر ئىچىدە يەنى ھىجرىيە 1245- )مىلادى 1829 — 1830( يىلى بىر قېتىم ۋە ھىجرىيە 1315 ـ)مىلادى 1897 — 1898(  يىلى يەنە بىر قېتىم رىمونت قىلىنغان. >مەھمۇد قەشقەرى مەقبەرىسى< نى 1983 ـ يىلى ش ئۇ ئا ر خەلق ھۆكۈمىتى ئاپتونوم رايون بويىچە نۇقتىلىق مۇھاپىزەت قىلىنىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى قىلىپ بېكىتتى. بۇ توغرىلىق چىقىرىلغان ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلگەن. >ئاپتونوم رايونىمىز  ۋە دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلار ئارخېئولوگىيە تارماقلىرىنىڭ كۆپ قېتىملىق تەكشۈرۈپ ئىسپاتلىشى بىلەن قەشقەر ۋىلايىتى كونا شەھەر ناھىيىسى ئوپال يېزىسىنىڭ ئازىغ كەنتىدىكى قەدىمكى مازار )شەرقىي مېردىئان ″37`30°75 شىمالىي پاراللېل ″50°18°39( ئېلىمىزنىڭ Ⅺ  ئەسىردە ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى >تۈركىي تىللار دىۋانى< نىڭ ئاپتورى مەھمۇد قەشقەرىنىڭ قەبرىسى ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى. بۇ قەبرە مىلادى  ⅩⅠⅠ  ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياسالغان بولۇپ، ھازىرغىچە 900 يىلغا يېقىن تارىخقا ئىگە. مەھمۇد قەشقەرى مىللىي مەدەنىيەت تارىخىدا يۇقىرى ئابرۇيغا ئىگە بولغانلىقتىن، بۇ قەبرە نەچچە يۈز يىللاردىن بېرى شۇ جايدىكى ھەر مىللەت خەلقى زىيارەت قىلىدىغان مۇقەددەس جاي بولۇپ كەلدى. بۇ قەبرىنى ياخشى مۇھاپىزەت قىلىش مەملىكىتىمىزنىڭ قەدىمكى مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تەتقىق قىلىشتا، سوتسىيالىستىك يېڭى مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇش، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى ۋە پارتىيىنىڭ مىللىي سىياسەت تەربىيىسىنى ئېلىپ بېرىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بۇ قەبرىنى ئاپتونوم رايون بويىچە نۇقتىلىق مۇھاپىزەت  قىلىندىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورۇنلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈشنى قارار قىلدى ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت يادىكارلىق تارماقلىرىغا قەشقەر مەمۇرىي مەھكىمىسى ۋە قەشقەر كونا شەھەر ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، مۇھاپىزەت قىلىش دائىرىسىنى بېكىتىشنى، >جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلارنى مۇھاپىزەت قىلىش قانۇنى<  دىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ئاسراش تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ چىقىپ، مۇھاپىزەت قىلىش، باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تاپشۇردى<  31  )ش ئۇ  ئا ر خەلق ھۆكۈمىتى، 1983 ـ يىل 12 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى(.  مانا مۇشۇ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشنىڭ روھىغا ئاساسەن 1984-1985- يىللىرى، بۇ مازار بىر قېتىم چوڭ رىمونت قىلىندى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا 400  مىڭ يۈەن ئاجراتتى. >ھەزرىتى موللام مازىرى< مۇھاپىزەت رايونىنىڭ ھازىرقى كۆلىمى 73 مىڭ كۋادرات مېتىر بولۇپ، بۇ جاي ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئاپتونوم رايون ۋە مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق ساياھەت ئورۇنلىرىدىن بىرى سۈپىتىدە نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلماقتا. >ھەزرىتى موللام تېغى< نىڭ ئالدى تەرەپ پەستە يەنە 1990 ـ يىللىرى، مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ھەيۋەتلىك ھەيكىلى  تۇرغۇزۇلدى. 1980 ـ يىللاردىن باشلاپ  ئۇلۇغ ئالىمنىڭ رەسىمى سىزىلدى. 1980 ـ يىللارنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ >مەھمۇد قەشقەرى مەقبەرىسى< مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىغا رەسمىي ئېچىۋېتىلگەن نۇقتىلىق ساياھەت ئورنىغا ئايلاندى. شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ جاي ھەر يىلى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىن نەچچە مىڭلىغان ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىپ، ئۇلارغا جۇڭگو مىللەتلىرى تارىخىدا ئۆتكەن بۇ ئۇلۇغ ئالىمنىڭ شانلىق ھاياتى، ئىلىمپەن يولىدا ھارمايتالماي ئىزدەنگەن شىجائەتلىك روھىنى تونۇشتۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك، مەرىپەتپەرۋەرلىك تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىشنىڭ قىممەتلىك ماتېرىيالىغا ئايلاندى. ئون بەشىنچى، >ھەزرىتى موللام< - >مەھمۇد قەشقەرى< توغرىسىدا يېزىلغان تەزكىرىلەر قولدىن ـ قولغا ئۆتۈپ ئوقۇلۇپ تۇرۇلدى؛ زامان ـ زامانلاردىن بېرى خەلق ئارىسىدا مەھمۇد قەشقەرى توغرىسىدا تارقىلىپ كەلگەن رىۋايەتلەر قەلەمگە ئېلىنىپ، خاتىرىگە چۈشۈرۈلدى. ئۆتمۈشتىكى مەسئۇلىيەتچان خەلقچىل ئەدىبلەر بىر قانچە قېتىم >ھەزرىتى موللام< توغرىلىق تەزكىرىلەرنى يېزىپ چىققان. بۇلارنىڭ بەزىلىرى >مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى< )1965 - 7519( مەزگىلىگىچە شىنجاڭدا كىشىلەرنىڭ قولىدا ساقلانغان ھەم ئىخلاس بىلەن ئوقۇلۇپ تۇرۇلغان شۇنداقلا بۇنداق تەزكىرىلەرنىڭ بەزى ئابزاس ۋە بابلىرى خاتىرىسى ياخشى كىشىلەر تەرىپىدىن يادقا ئېلىۋېلىنغان. 1980 ـ يىللاردىن كېيىن يادقا ئېلىۋېلىنغان بۇ تەزكىرە پارچىلىرى قەلەمگە ئېلىنىپ مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىندى. خەلق ئارىسىدا مەھمۇد قەشقەرى توغرىلىق تارقالغان نۇرغۇن رىۋايەتلەر بولۇپ، بۇلار 1980-يىللاردىن باشلاپ ئارقائارقىدىن قەلەمگە ئېلىنىپ، 1982- يىلىدىن باشلاپ >قەشقەر ئەدەبىياتى<، >بۇلاق<، >مىراس< قاتارلىق ژۇرناللاردا، >شىنجاڭ خەلق ئەدەبىياتى<،  3 ـ توپلام، )شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1984 ـ يىلى خەنزۇچە نەشرى(، >يىپەك يۇرتىدىكى ئەپسانە ـ رىۋايەتلەر<  )ئا. راخمان تۈزگەن، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1985 ـ يىلى نەشر قىلىنغان(،  >قەشقەر كونا شەھەر خەلق رىۋايەت ۋە چۆچەكلىرى< )قەشقەر كونا شەھەر ناھىيىلىك >ئۈچ توپلام< ئىشخانىسى 1989 ـ يىلى تۈزۈپ باستۇرغان، مىخ مەتبە نۇسخا(، >قەشقەر خەلق چۆچەكلىرى< )قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1990 ـ يىلى نەشرى(، >ئۇيغۇر خەلق رىۋايەتلىرى< )غ. ئوسمان تۈزگەن، شىنجاڭ ياشلار ـ ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، 1998 ـ يىل نەشرى( قاتارلىق كىتابلار سەھىپىسىدە ئېلان قىلىندى. 1980 ـ يىللاردىن باشلاپ، شىنجاڭدا مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ھاياتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بەدىئىي ئەسەرلەر يېزىلدى، جۈملىدىن يازغۇچى پەرھاد جىلان يازغان بىئوگىرافىك رومان >مەھمۇد قەشقەرى< شىنجاڭ ياشلار ـ ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى.  ئون ئالتىنچى، مەھمۇد قەشقەرى ھەم ئۇنىڭ نادىر ئەسىرى >تۈركىي  تىللار دىۋانى< توغرىلىق بىۋاسىتە ھەم ۋاسىتىلىق ھەر خىل سۆھبەت يىغىنلىرى، ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئېچىلغان. 1957 ـ يىللىرى ئەتىيازدا، ئۈرۈمچىدە ش ئۇ ئا ر يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ھۇزۇرىدا >ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى< نى يېزىش مۇزاكىرە قىلىنغاندا مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ئىجادىيىتى تونۇشتۇرۇلغان ماتېرىيال ئالاھىدە مۇھاكىمىگە قويۇلغان. 1977 -، 1978 -، 1979 ـ يىللىرى ش ئۇ ئا ر ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىدە  >تۈركىي  تىللار دىۋانى< نى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ۋە خەنزۇ تىللىرىغا تەرجىمە قىلىش ئىشى مۇھاكىمىگە قويۇلۇپ، ئىلمىي خادىملار جەم قىلىنغان سورۇن ئويۇشتۇرۇلغان. 1978 -، 1979 ـ يىللىرى ش ئۇ ئا ر يازغۇچىلار جەمئىيىتى ھۇزۇرىدا، 1978 -، 1979 -، 5198 -، 1996 ـ يىللىرى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا >ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى< نى يېزىش مۇزاكىرىسى بولغاندا مەھمۇد قەشقەرى توغرىلىق مەزمۇن نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىنغان. 0198 ـ يىلى 11 ـ ئايدا ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن ش ئۇ ئا ر تۈركىي تىللار تەتىقاتى مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلغاندا بىر قاتار ئىلمىي خادىملار مەخسۇس مەھمۇد قەشقەرى ۋە >تۈركىي  تىللار دىۋانى< توغرىسىدىكى ئىزدىنىشلىرىنى سۆزلەپ ئۆتكەن. بۇ تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ھەر قېتىملىق يىغىنلىرىدىمۇ مۇشۇ تېما توغرىسىدا مەخسۇس ماقالىلار ئوقۇلغان. 1996- يىلى 11 ـ ئايدا بېيجىڭدا چاقىرىلغان جۇڭگو تۈركىي تىللار تەتقىقاتى جەمئىيىتىنىڭ 8 ـ قېتىملىق يىغىنى مەخسۇس مەھمۇد قەشقەرى ۋە >تۈركىي  تىللار دىۋانى< توغرىسىدىكى مۇھاكىمىگە بېغىشلانغان بولۇپ، شۇ قېتىملىق يىغىندا ھەر خىل تېمىدىكى 50 پارچە ماقالە يىغىن تەشكىلىي ھەيئىتىگە تاپشۇرۇلغان ۋە ماقالە تېزىسلىرى گۇرۇپپا يىغىنلىرىدا ئوقۇلغان. خۇلاسە قىلغاندا، پۈتكۈل ⅩⅠⅩ - ⅩⅩ ئەسىر ئىچىدە، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇلۇغ ئالىمى مەھمۇد قەشقەرى توغرۇلۇق بەلگىلىك چۈشەنچىدە بولغان. ئۇلۇغ ئالىمنىڭ نامىنى، كىتابىنى ۋە خاسىيەتلىك مەقبەرىسىنى ھەر خىل شەكىلدە تىلغا ئېلىپ تۇرغان. ئىلمىي ئەمگەكلىرىدە ئۇلۇغ ئالىمنىڭ نامىنى تىلغا ئالغان. مۇبارەك قەبرىسىنى تاۋاب قىلىشقان. زامانداشلار ۋە ئەۋلادلارنى ئەقلىي كامالەتكە ئىگە قىلىشتا، ئالىمنىڭ سېھرىي كۈچىدىن پايدىلانغان. نامىنىڭ ئۆچمەي، ئەۋلادتىن ـ ئەۋلاد ساقلىنىش ئۈچۈن كۈچ ئۇلاپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن. ئەسەرلىرىنى يورۇقلىققا چىقىرىش ئۈچۈن تىللاردا داستان بولغۇدەك خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن. بۇلار بۈگۈنكى خىزمەتنىڭ مۇقەددىمىسى ۋە ئاساسى ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە ئۇلۇغ بوۋىمىز مەھمۇدنىڭ بىباھا ئەسىرى بولغان >تۈركىي  تىللار دىۋانى< ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ قوللىرىدا ئېتىبارلانماقتا. ئالىمنىڭ مەقبەرىسى قايتىدىن كۆركەم قىلىپ ياسىلىپ، ئۇنىڭ ئالدىغا قامەتلىك ھەيكىلى تۇرغۇزۇلۇپ، جۇڭگو مىللەتلىرىنىڭ كلاسسىك مەدەنىيىتىنى بېيىتىشقا بىر ئۆلۈش ھەسسىسىنى قوشماقتا.  پايدىلىنىلغان مەنبەلەر 〖HJ60x〗 ① يۈسۈپ خاس ھاجىپ: >قۇتادغۇبىلىك<، 51 - باب، مىللەتلەر نەشرىياتى، بېيجىڭ، 4198 ـ يىل نەشرى. ② ئى. مۇتىئى، م. ئوسمانوف: >مەھمۇد قەشقەرىنىڭ يۇرتى، ھاياتى ۋە مازىرى< >تارىم< ژورنىلى، 1984 ـ يىل، 3 ـ سان. ⑦⑥⑤③ >مەھمۇد قەشقەرى< )ماقالىلار توپلىمى، م. زۇنۇن، ئا. ئۆمەر تەييارلىغان(، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى، 1985 ـ يىل نەشرى.   32  21  18  15 ④ ئابلىمىت روزى: >ئالىم م. قەشقەرى ۋە ئۇنىڭ >تۈركىي تىللار دىۋانى<<، >شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژورنىلى<، 1981 ـ يىل، 1 ـ سان. 10 ⑨⑧  ئەھمەد زىيائى: >رابىيە ـ سەئددىن<، 94 ـ بەت، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1985 ـ يىل نەشىرى. 11  ھ. مەھمۇدى: >>ھەمرايى غەزەللىرى< نىڭ ھەقىقىي مۇئەللىپى كىم<، >تارىم< ژۇرنىلى، 1987 ـ يىل 10 ـ سان،  135 ـ بەت. 12  م. قۇربانى: >شائىر قۇتلۇق ھاجى شەۋقى<، >قەشقەر ئەدەبىياتى<، 1980 ـ يىل 3 ـ سان، 71 ـ، 72 ـ بەتلەر. 29  26  14  13  ئابلىمىت روزى بىلەن بولغان سۆھبەت خاتىرىسى، 1990-، 1995-، 9719 ـ يىللار.  16  ھ. ئەھمەد: >دېڭىز ئۈنچىلىرى<، 195 ـ بەت، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى، 1983 ـ يىل بەشىرى. 17  غ. سەدىۋاقاسوف: >مەشھۇر >تۈركىي  تىللار دىۋانى< نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ھەققىدە< ناملىق ماقالىسىدا قەشقەرلىك ئىسمائىل داموللام >تۈركىي  تىللار دىۋانى< نىڭ 1 ـ تومىنى 1946 ـ يىلى تەرجىمە قىلغان، دەپ يازغان.  بۇ ماقالە >بۇلاق< ژۇرنىلىنىڭ 1997 ـ يىل 1 ـ سانىغا كۆچۈرۈپ بېسىلغان.  19  سەيدۇللا سەيپۇللايوف بىلەن سۆھبەت خاتىرىسى، 2001 ـ يىل 3 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى )جۈمە( چۈشتىن كېيىن؛ ئەھمەد زىيائىنىڭ ئوغلى ئارسلانغا ئېيتىپ بېرىشىچە، 1950 ـ يىللاردا ئۈرۈمچىدە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق  مەسئۇلى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بىلەن كېڭەش قىلغاندا >تۈركىي  تىللار دىۋانى< نى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىشنىڭ لازىملىقى توغرىسىدا گەپ بولۇنغان ھەم يىغىن قاتناشچىلىرىدىن بىرى بۇ ئىشنى قەشقەردىكى ئەھمەد زىيائىنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىغانلىقىنى ئېيتقان. شۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت مەسئۇلىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن >تۈركىي  تىللار دىۋانى< نىڭ تۈركىيىدە بېسىلغان نۇسخىسى قەشقەرگە ئەۋەتىلىپ، سەيپۇللايوف ۋە ئابدۇرېھىم ئىمىنلارنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئەھمەد زىيائى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنىش مۇمكىنچىلىكى تۇغۇلغان.  22  ئەسەرنىڭ مۇشۇ قېتىملىق تەرجىمانى ۋە ۋاقتى توغرىسىدا ئوخشىمىغان قاراش بار. كىتابنى ئەسلى ئەھمەد زىيائى يالغۇز تەرجىمە قىلىپ چىققان بولۇپ، ئاكىسى مۇھەممەدخان مەخسۇم نەفىس ھۆسىن خەت بىلەن كۆچۈرۈپ چىققان.  نېمە ئۈچۈندۇر >تۈركىي  تىللار دىۋانى< 1981 ـ يىل نەشرى 1 ـ تومىنىڭ كىرىش سۆزىدە مۇھەممەد پەيزى بىلەن ئەھمەد زىيائى ئاكا ـ ئۇكا تەرجىمە قىلغان، دېيىلگەن؛ ئەسلىي  1951 - 1953 ـ يىللىرى تەرجىمە قىلغان. 5619 - 1957 ـ يىللىرى تەرجىمىسىگە قايتا قاراپ چىققان. 23  ئۇيغۇر سايرانى بىلەن سۆھبەت خاتىرىسى. 2000 ـ يىل 9 ـ ئاي. 24  >ئىتتىپاقلىشىش، ئىزدىنىش، يول ئېچىش، تۆھپە قوشۇش< 180 ـ بەت، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1993 ـ يىل خەنزۇچە نەشرى. 25  ئىبراھىم مۇتىئى: >مەن كەچكەن كېچىكلەر<، >تەڭرىتاغ< ژۇرنىلى، 2000 ـ يىل 2 ـ سان، 75 ـ بەت. 27  >ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى<، 1999 ـ يىل  7 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنىدىكى سانى. 28  ئوسمان قاسىم ئەسلىمىسى،  1980 ـ يىللىرى سۆزلەپ بەرگەن. مەرھۇم دادام ئوسمان قاسىم بۇ يىغىننى ئۆز قۇلىقى بىلەن ئاڭلىغان. 30  ت. تاشبايىف: >مەھمۇد قەشقەرى نامىدىكى ئۇيغۇر قىزلار مەكتىپى<، >شىنجاڭ تەزكىرىسى< ژۇرنىلى، 2000 ـ يىل 1 ـ سان. 31  تۇرسۇن ھامىد، ھاجى ئەھمەد، ئابدۇرېھىم سابىدلار ئەسلىمىسى، 1998 - يىلى 10 ـ ئاي، قەشقەر.  32  ت. مۇھەممەد: >ش ئۇ  ئا ر ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى تىل تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقات خىزمەتلىرىدىن ئومۇمىي بايان<، >تۈركىي تىللار تەتقىقاتى خەۋىرى<، 1995 ـ يىل 3 ـ 4 ـ سان، بېيجىڭ، خەنزۇچە. 33  >مەھمۇد قەشقەرى<، )ماقالىلار توپلىمى( 


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  گومىنداڭنىڭ تۇرپان...
●  <تۈركىي تىللار دىۋا...
●  ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىن...
●  تۈركىي تىللار دىۋا...
●  دىۋانۇ لۇغاتىت تۈر...
●  <تۈركىي تىللار دىۋا...
●  قارلۇق توغرىسىدا 
●  <تۈركىي تىللار دىۋا...
●  <تۈركىي تىللار دىۋا...
●  <دىۋانۇ لۇغاتىت تۈر...
●  قارلۇق توغرىسىدا ( ...
●  ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىق...
●  ھەربىر مىللەت ئۆز ئ...
●  كروران ئەۋلادلىرى ...
●  تەكلىماكاندىكى قەد...
●  كروران ئەۋلادلىرى ...
●  ئاستانە - ئالغۇي ت...
●  تەڭرى تاغ مەدەنىيى...
●  تارىم مەدەنىيىتى
●  قەدىمقى ئاتالغۇلار...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  گومىنداڭنىڭ تۇرپاندىكى ...
●  <تۈركىي تىللار دىۋانى>دى...
●  ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زا...
●  تۈركىي تىللار دىۋانى< دى...
●  دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك< نىڭ...
●  <تۈركىي تىللار دىۋانى> د...
●  قارلۇق توغرىسىدا 
●  <تۈركىي تىللار دىۋانى> د...
●  <تۈركىي تىللار دىۋانى> د...
●  <دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك> نى...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى