بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : مەدەنىيىتىمىز >> تارىخمىز >> <تۈركىي تىللار دىۋانى>دىكى...

<تۈركىي تىللار دىۋانى>دىكى...

يوللانغان ۋاقتى : 2008-12-30 11:18:29    كۆرۈلۈش سانى : 473  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
<تۈركىي تىللار دىۋانى>دىكى مۇھەببەت قوشاقلىرى، مۇنازىرە شەكلىدىكى قوشاقلار ۋە كلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدىكى <نامە>، <مۇنازىرە> ژانىرلىرى توغرىسىدا   ھەبىبۇللا ئابدۇسالام  >تۈركىي تىللار دىۋانى< بىزگە قەدىمكى تۈركىي تىلنىڭ مول، بىباھا جەۋھەرلىرىنى قالدۇرۇپلا قالماستىن، يەنە قىممەتلىك ئەدەبىي مىراسلارنىمۇ قالدۇرغان. بۇ ئەدەبىي مىراسلار ھازىرغىچە تېپىلغان ئەدەبىي مىراسلارنىڭ ئەڭ قەدىمكىسى، شۇنداقلا ئەڭ رەڭدار نەمۇنىسى سانىلىپ، كلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتىمىزنى قىممەتلىك بىرىنچى قول ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەپ كەلمەكتە. بۈگۈنگە قەدەر >تۈركىي تىللار دىۋانى< دىكى )تۆۋەندە قىسقارتىپ >دىۋان< دەپ ئېلىندى( ئەدەبىي مىراسلارنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە  تەتقىقات نەتىجىلىرى ئېلان قىلىنىپ، بۇ ئالەمشۇمۇل ئەسەر ھەققىدىكى خېلى كۆپ تەتقىقات چوڭقۇرلىشىپ مېڭىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئەدەبىي مىراسلاردا ئىپادىلەنگەن بەدىئىي شەكىللەر توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات يوق دېيەرلىك. بۇ يالغۇز >دىۋان< تەتقىقاتىدىلا ساقلىنىۋاتقان مەسىلە بولماستىن، بەلكى ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتىدا ئومۇميۈزلۈك ساقلىنىۋاتقان مەسىلە بولۇپ تۇرماقتا. ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ئۆزىنىڭ قەدىمىيلىكى، مەزمۇنىنىڭ موللىقى، بەدىئىي شەكىللىرىنىڭ خىلمۇ خىللىقى بىلەن ئالاھىدە خاراكتېرلىنىدۇ. بۇ تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا شەكىللەنگەن ئۆزگىچىلىك بولۇپ، قەدىمكى ئەدەبىي مىراسلىرىمىزنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بۇ خىل ئۆزگىچىلىكنىڭ شەكىللىنىش جەريانى ۋە تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى تېپىپ چىقالايمىز. بۇ ماقالىدا توختالماقچى بولغان >نامە< ژانىرى ۋە >مۇنازىرە< ژانىرى ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى قەدىمىي ژانىرلاردىن بولۇپ، گەرچە بۇ ئىككى ژانىردا يېزىلغان چوڭراق ھەجىمدىكى مەخسۇس ئەسەرلەر ⅩⅠⅤ ئەسىرلەردە مەيدانغا كەلگەن بولسىمۇ، بۇ ئەدەبىي ژانىرلارنىڭ دەسلەپكى ئىزنالىرىنى >دىۋان< دىكى ئەدەبىي مىراسلار ئىچىدىن ئۇچرىتىشقا بولىدۇ. بىز ئالدى بىلەن >نامە< ژانىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز. >نامە< - ئەسلىي پارسچە سۆز بولۇپ، مەنىسى خەت، مۇراجىئەت، كىتاب، ئەسەر، ھۆججەت، ئالاقە، توختام، گېزىت دېگەنلەرنى بىلدۈرىدۇ. >نامە< مەكتۇب شەكلىدە يېزىلغان ئەدەبىي ژانىر بولۇپ، ئۇ دەسلەپ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدا ئىشقى بېيىت شەكلىدە ئۆزىنىڭ ئۈندۈرمە شەكلىنى ئىپادىلىگەنىدى. مۇنداق ژانىر شەرق ۋە غەرب ئەدەبىياتىدا ھەرخىل شەكىلدە كۆزگە تاشلىنىدۇ ① . >>نامە< بىرخىل ئەسەرنىڭ تۈرى مەنىسىدە پارس تاجىك تىللىق ئەدەبىياتتا قەدىمدىنلا پەيدا بولغان< ② . >نامە< دەسلەپتە غەزەل شەكلىدە پەيدا بولۇپ، ئاشىقنىڭ مەشۇقىغا يازغان شېئىرىي مەكتۇبلىرىدىن ئىبارەت ئىدى. كېيىنچە بىرەر تارىخىي شەخىس ياكى بەدىئىي ئەسەر قەھرىمانىنىڭ سەرگۈزەشتىلىرى نەزمىي ياكى نەسرىي شەكلىدە ھېكايە قىلىنغان ئەسەرلەرمۇ >نامە< دەپ ئاتالدى< ③ . دېمەك >نامە< ژانىرى ئاشىق - مەشۇقلارنىڭ ئۆزئارا يېزىشقان شېئىرىي مەكتۇبلىرى ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن، مۇھەببەت تېمىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان قەدىمىي ژانىر. بۇ يەردە ئىزاھلاپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، تەتقىقاتلىرىمىزدا >نامە< ژانىرى ۋە >نامە شەكلىدىكى ئەسەرلەر< دېگەن ئىككى ئۇقۇم بەزىدە ئارىلاش قوللىنىلىپ مۈجىمەللىكنى پەيدا قىلغان ئەھۋاللار مەۋجۇت. بىزنىڭچە، ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدا مەيدانغا كەلگەن >نامە< لەرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن >نامە شەكلىدىكى ئەسەرلەر< دېگەندە ئەدەبىياتىمىزدا مەيدانغا كەلگەن بارلىق >نامە< لەرنى كۆزدە تۇتقاندا، >نامە< ژانىرنىڭ ئەڭ دەسلەپ ئاشىق - مەشۇقلارنىڭ بىر - بىرىگە يېزىشقان شېئىرىي مەكتۇبلىرى ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەنلىكىدەك بۇ ئالاھىدىلىكىنى ئاساس قىلىپ، مۇشۇ ئالاھىدىلىكنى ئۆزىدە ھازىرلىغان >نامە< لەرنى >نامە ژانىرى< دىكى ئەسەر دەپ ئاتىساق مۇۋاپىق بولىدۇ. >نامە< ژانىرى مۇھەببەت تېمىسىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىكەن، ئالدى بىلەن ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى مۇھەببەت تېمىسى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ. ھەممىمىزگە مەلۇم، دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ ئەدەبىياتى خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىن باشلانغان. يازما ئەدەبىيات شەكىللىنىشتىن بۇرۇن خەلق ئارىسىدا ئېغىزدىن - ئېغىزغا تارقىلىپ خەلقنىڭ مەنىۋى دۇنياسىغا سىڭىپ كەتكەن قوشاقلار خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئىخچام، تەسىرلىك مىسرالار ئارقىلىق ئوبرازلىق خۇلاسىلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا خەلق قوشاقلىرى ناھايىتى بۇرۇنلا تارقالغان باتۇر، ئىشچان ئۇيغۇر خەلقى ئۆزلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈرىشى ۋە ئارزۇ - ئىستەكلىرىنى، ھايات ھەققىدىكى ھېس- تۇيغۇلىرىنى ئاشۇ قوشاقلىرى ئارقىلىق ئوبرازلىق ئەكس ئەتتۈرۈپ ئۇنى قويۇق لېرىك تۈسكە، مول مەزمۇنغا ئىگە قىلىپ، كېيىنكى يازما ئەدەبىياتنىڭ شەكىللىنىشى ۋە راۋاجلىنىشىغا مۇھىم ئاساس سالغان، بۇ خەلق قوشاقلىرى ئىچىدە مۇھەببەت تېمىسىدىكى قوشاقلار خېلى كۆپ سالماقنى ئىگىلىگەن، بۇ خىل ئەھۋال كېيىنكى مۇھەببەت تېمىسىدىكى ئەسەرلەرنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا كېلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى بىرخىل ئىزچىللىقنى شەكىللەندۈرگەن. دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى مۇھەببەتتىن ئىبارەت بۇ مەڭگۈلۈك تېما ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا تېخىمۇ مول مەزمۇنلارغا ئىگە بولغان. ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدا مۇھەببەت تېمىسىدىكى ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان ئاپرىنچورتېكىننىڭ >مۇھەببەتنامە<④ شېئىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئاشىق تىلىدىن بېرىلگەن بۇ مۇھەببەت شېئىرىدا ئاشىقنىڭ يارغا بولغان مۇھەببىتى، يارغا بولغان سېغىنىش تۇيغۇسى، يارنىڭ ۋەسلىگە يېتىپ خاتىرجەم بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن تەڭرىدىن مەدەت تىلەشتەك ئىلتىجاسى ۋە گۈزەل غايىسى تەسۋىرلىنىدۇ. ئۇيغۇر خەلق قەھرىمانلىق ئېپۇسى >ئوغۇز نامە< دە يارنىڭ گۈزەللىكىگە مەپتۇن بولغان ئاشىقنىڭ مۇھەببەتلىك كۆڭلى ئىپادىلەنگەن تەسۋىرلەر كۆزگە چېقىلىدۇ. >قۇتاغۇبىلىك< تە بولسا ئائىلە مەسىلىسىنى نۇقتا قىلغان بىر قىسىم مۇھەببەت تەسۋىرى بار. يۇقىرىقى ئەدەبىي مىراسلىرىمىزدىن باشقا، >دىۋان<دا مۇھەببەت قوشاقلىرى مەلۇم سالماقنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، تۆۋەندە بىز بۇ ھەقتە نۇقتىلىق توختىلىپ ئۆتىمىز. >دىۋان< دا جەمئىي 28 كۇپلېت مۇھەببەت قوشىقى بار. بۇ قوشاقلار >دىۋان< نىڭ ھەممە سەھىپىلىرىگە تارقالغان. بۇ قوشاقلارنىڭ ھەممىسى خەلق قوشاقلىرى بولۇپ، مەھمۇد قەشقەرى ئۇزۇن يىللىق تەكشۈرۈش ئەمەلىيىتى جەريانىدا، خەلق ئارىسىدا كەڭ تارقالغان بۇ قوشاقلارنى توپلاپ رەتلەپ چىقىپ، ئۆز ئەسىرىدە نەقىل ئالغان. مۇئەللىپنىڭ بۇ ئەمگىكى بىز بۈگۈنكىلەرگە ھېسسىياتقا باي ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىنسانلارغىلا خاس بولغان پسىخىك ھادىسە — مۇھەببەتكە بولغان ئىنتىلىشى، چىن مۇھەببەت ۋە گۈزەل تۇرمۇش ھەققىدىكى كۆزقاراشلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. >دىۋان< دىكى بۇ مۇھەببەت قوشاقلىرىنىڭ بەزىلىرى ئاشىق تىلىدىن بېرىلگەن بولسا، بەزىلىرى مەشۇق تىلىدىن بېرىلگەن، ھەتتا ئاشىق - مەشۇقلارنىڭ ئۆزئارا قىلىشقان دىئالوگلىرىمۇ ئۇچرايدۇ. بۇ مۇھەببەت قوشاقلىرىدا ئاشىق - مەشۇقلارنىڭ ئىشقى - مۇھەببەت يولىدا تارتقان ئازابلىرى ۋە ئۇنىڭدىن ئېرىشكەن خۇشاللىقلىرى، ھىجران ئازابى، ۋىسال شادلىقى، قىسقىسى، چىن مۇھەببەت ۋە گۈزەللىكنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن سۆيگۈچى ئاشىق - مەشۇقلارنىڭ مۇھەببەتلىك تۇرمۇشىغا بولغان ئىنتىلىشى ئىپادىلەنگەن. تۆۋەندە >دىۋان< دىكى مۇھەببەت قوشاقلىرىنىڭ بىر قىسمىنى كۆرۈپ ئۆتىمىز⑤ .    باردى كۆزۈم يارۇقى، ئالدى ئۆزۈم قونۇقى. قاندا ئەرىنچ قانىقى، ئەمدى ئۇدىن ئوزغۇرۇر.   مەنىسى: كۆز نۇرۇم )سۆيگەن يارىم( كەتتى، ئۇ مېنىڭ روھىمنىمۇ ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ كەتتى، ئەمدى ئۇ قەيەرلەردىكىن؟ )ئۇنىڭ پىراقىدىن( كۆزۈمگە ئۇيقۇ كەلمەيدۇ )>دىۋان< 1 توم، 65 - بەت(. ئاشىق تىلىدىن بېرىلگەن بۇ مۇھەببەت قوشىقىدا ئۆز ھاياتى ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك بولغان كۆز نۇرىدىنمۇ ئەزىز سۆيگەن يارىنىڭ ئۆزىنى تاشلاپ كەتكەنلىكى، يار پىراقىدا ئۇيقۇسىز بىدارلىقى تەسۋىرلىنىدۇ. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، بۇ نىدالار ئاشىقنىڭ مەشۇقىغا قارىتىپ ئېيتقان قەلب سۆزلىرى، مۇنداقچە ئېيتقاندا مەشۇقىغا يوللىغان مەكتۇبى. كۆڭلۈم ئاڭار قاينايۇ، ئىچتىن ئاڭار ئوينايۇ. كەلدى ماڭا بۇينايۇ، ئويناپ مەنى ئارغۇرۇر.   مەنىسى: ئۆيدە سۆيۈملۈكۈم بىلەن ئويناشقاندا، كۆڭلۈم كۆتۈرۈلۈپ كەتتى. ئۇ يېنىمغا مەغۇرۇرانە كەلدى، مەن بىلەن ئويناپ مېنى ھارغۇزۇۋەتتى )>دىۋان< 1 ـ توم، 103 - بەت(. بۇ مۇھەببەت قوشىقىدا يار ۋىسالىغا يەتكەن ئاشىقنىڭ خۇشاللىق ھېسسىياتى تەسۋىرلەنسە، تۆۋەندىكى مۇھەببەت قوشىقىدا ياردىن ئايرىلىپ قەلبى دەرتكە تولغان ئاشىقنىڭ پەقەت يار ۋىسالىغا يېتىش ئارقىلىقلا ئۆز بەختىگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىدەك قەلب ئارزۇسى ئىپادىلىنىدۇ.  يىغلاپ ئۇدۇ ئارتادىم، باغرىم باشتىن قارتاردىم. قاچمىش قۇتۇغ ئىرتەدىم، ياغمۇر كۈنى قان ساچار.   مەنىسى: سۆيگىنىمنىڭ كەينىدىن يىغلاپ ئادا بولدۇم، پۈتۈپ بولغان باغرىم يارىسىنى يېڭىۋاشتىن تاتىلاپ ئېچىۋەتتىم. قاچقان بەختنى ئىزلىدىم، كۆزۈمدىن يامغۇردەك قانلىق ياش قويۇلدى )دىۋان< 1- توم، 360 - بەت(. ئاۋلاپ مەنى قويماڭىز، ئايىق ئايىپ قايماڭىز. ئاقار كۆزۈم ئۇش تەڭىز، تەگرەي يۆرە قۇش ئۇچار.   مەنىسى: مېنى ئوۋلىۋالغاندىن كېيىن تاشلىۋەتمەڭ، قىلغان ۋەدىڭىزدە تۇرۇڭ، كۆز يېشىم دېڭىز سۈيىدەك ئاقماقتا )ياش تۇزلۇقتا دېڭىز سۈيىگە ئوخشىتىلىدۇ(، ئۇنىڭ چۆرىسىدە قۇشلار ئۇچۇپ يۈرىشىدۇ )>دىۋان< 2 ـ توم، 60 - بەت(. ئېنىقكى، يۇقىرىقى مۇھەببەت قوشىقى مەشۇق تىلىدىن بېرىلگەن بولۇپ، مەشۇق ئۆزىنىڭ دەرتلىك كۆڭلىنى بايان قىلىپ، ئاشىقىنى ۋەدىسىدە تۇرۇشقا، ۋاپادارلىققا دەۋەت قىلىدۇ، ئەمدى ئاشىق - مەشۇقلارنىڭ بىر - بىرىگە قىلىشقان تۆۋەندىكى دىئالوگىنى كۆرۈپ ئۆتىمىز: ئايدىم ئاڭار سەۋۈك، بىزنى تابا نەئەلۈك. كەچتىڭ يازى كەرىك، قىرلار ئەدىز بەدۈك.   مەنىسى: ئەي سۆيۈملۈكۈم، شۇنچە كەڭ دالىلارنى كېزىپ، ئېگىز تاغلارنى ئېشىپ، بىز تەرەپكە قانداق كەلدىڭ )>دىۋان< 1 - توم، 126 - بەت(. يۇقىرىقى مۇھەببەت قوشىقىدا مەشۇق ئۆز ئاشىقىنىڭ غەيرىتىدىن سۆيۈنۈپ، ئۇنىڭدىن سوئال سورايدۇ. ئاشىق ئۆزىنىڭ تۆۋەندىكى جاۋابى ئارقىلىق مۇھەببەت ئۈچۈن ھېچنېمىدىن قورقماسلىقتەك جاسارىتىنى نامايان قىلىدۇ: ئايدى سەنىڭ ئۇزۇڭ، ئەمگەك تەلىم ئىزۇ. يۇمشار قاتىغ ئۇزۇ، كۆڭلۈم ساڭا يۈگرۈك.   مەنىسى: بىز تەرەپكە شۇنچە ئېگىز تاغلاردىن ھالقىپ قانداق كەلدىڭ؟ كۆڭلۈم ساڭا تەلپۈنگەچكە، ئېگىز تاغلارمۇ پەس تۇيۇلدى )>دىۋان< 1 ـ توم، 149 - بەت(. ئاردى سەنى قىز، بودى ئەنىڭ تال. يايلىر ئانىڭ ئارتۇچى، بۇرنى تاقى قىۋال.   مەنىسى: زىلۋا بويلۇق قىز سېنى ئالداپ كەتتى، ئۇنىڭ بويى خۇددى ئارتۇچى دەرىخىدەك ئېگىلەتتى. بۇرنىمۇ قاڭشارلىق كېلىشكەن بۇرۇن ئىدى، بۇ )>دىۋان< 1-توم، 538 - بەت(.  مۇھەببەت قوشىقىدا ئاشىقىنى ئىشق ئوتىغا سالغان قىزنىڭ سىماسى گۈزەل ئىبارىلەر بىلەن تەسۋىرلىنىپ، يارنىڭ گۈزەللىكىگە مەپتۇن بولغان ئاشىقنىڭ مۇھەببەتلىك كۆڭلى ئىپادىلىنىدۇ. دىققەت قىلساق، بۇ يەردە تەسۋىرلىنىۋاتقان قىزنىڭ بويى ئارتۇچ دەرىخىگە ئوخشىتىلىدۇ. بۇ خىل ئوخشىتىش ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدا مۇھەببەت تېمىسىدا يارىتىلغان ئەسەرلەردىكى بىرخىل ئىزچىللىق بولۇپ، تېخىمۇ قەدىمكىگە سۈرسەك، ئۇيغۇر خەلق قەھرىمانلىق ئېپوسى >ئوغۇزنامە< نى مىسال ئېلىشقا بولىدۇ. >خۇددى فانتازىيىلىك سۇژىتتا ئىلاھلاشتۇرۇلغان بۆكۈخاننىڭ دەرەختىن يارالغىنىغا ئوخشاش، >ئوغۇزنامە< دىمۇ دەرەخ ئىچىدىن گۈزەل بىر قىز پەيدا بولۇپ، ئوغۇزنى بىقارار قىلغاندەك نەپىس بەدىئىي تەسۋىر بار. كلاسسىك ئەدەبىياتنىڭ كېيىنكى دەۋرلىرىدىكى مۇھەببەت شېئىرلىرىدا يارنىڭ گۈزەل قامىتىنى سەرۋى دەرىخىگە ياكى چىنارغا ئوخشىتىپ تەسۋىرلەش، ئېھتىمال، ياۋايى بۆكۈخان رىۋايىتىدىكى ئارچا دەرىخى ۋە قارىغاي ئېتىقادى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك<⑥ . دېمەك، يۇقىرىقى بىر كۇپلېت مۇھەببەت قوشىقىدىن بىز ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدىىكى بۇ خىل ئىزچىللىقنىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى ئىپادىسىنى كۆرۈپ ئالالايمىز. ئوخشىتىش باشقا قوشاقلاردىمۇ ئۇچرايدۇ: كىم ئايىپ ئەشتۇرقۇلاق، ئاي ئاۋى ئارتۇچ پۇتاق.   مەنىسى: ئاينىڭ ئۆيىمۇ، تۇرار جايىمۇ ئارتۇچ دەرىخىنىڭلا پۇتىقى دەپ كىم ئېيتقان ۋە قايسى قۇلاق ئىشىتكەن )>دىۋان< 1-توم، 489 - بەت(. بۇ مۇھەببەت قوشىقىدا ئاشىق ئۆز سۆيۈملۈكىنىڭ يۈزىنى ئايغا، بويىنى ئارتۇچ دەرىخىگە ئوخشاتقان. دېمەك بۇ يەردىمۇ ئارتۇچ دەرىخى تىلغا ئېلىنغان. قارا تۈنۈگ كەچۈرسەدىم، ئاغىر ئۇنى ئۇچۇرسادىم. يەتىكەنىگ قاچارسادىم، ساقىش ئىچرە كۈنۈم تۇغدى.   مەنىسى: قاراڭغۇ كېچىنىڭ ئۆتۈپ كېتىشىنى، ئېغىر ئۇيقۇنى قاچۇرۇشنى تىلىدىم، يەتتە تىكەن ن يۇلتۇزنىڭ ئايلىنىشىنى، قايتا - قايتا سانىدىم، ساناش جەريانىدا كۈندۈزۈمنىڭ كۈنى تۇغدى )>دىۋان< 3 ـ توم، 340 ـ 341 ـ بەت(. بۇ مۇھەببەت قوشىقىدا مۇھەببەتسىز كۈنلەر قاراڭغۇ كېچىگە ئوخشىتىلىپ، ئاشىقىنىڭ كۈندۈزدىكى قۇياشقا يەنى يارىغا بولغان سېغىنىش ھېسسىياتى ئىپادىلەنگەن. ئىشىق دەردىگە مۇپتىلا بولغان ئاشىقىنىڭ يارسىز كۈنلىرىنى قاراڭغۇ كېچىگە ئوخشىتىشى ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدا مۇھەببەت تېمىسىدىكى ئەسەرلەردە ئىپادىلىنىدىغان يەنە بىر ئىزچىللىق، شۇنداقلا بۇ دۇنيادىكى ھەرقانداق مىللەتنىڭ ئەدەبىياتىدا ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولغان ھادىسە مۇھەببەتتىن ئىبارەت. بۇ دۇنياۋى تېما ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدا تېخىمۇ رەڭگارەڭ ۋە مول مەزمۇنلىرى بىلەن كۆزگە چېلىقىدۇ. >دىۋان< دىكى مۇھەببەت قوشاقلىرى ئىچىدە يەنە چوڭقۇر پەلسەپىۋى پىكىرلەر ئارقىلىق مۇھەببەتنىڭ ماھىيىتى كۆرسىتىپ بېرىلگەن قوشاقلارمۇ، ئاشىقىنىڭ ئۆز سۆيگۈنىگە بولغان مۇھەببىتى سىمۋوللۇق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئىزھار قىلىنغان قوشاقلارمۇ ئۇچرايدۇ. كىزلەپ تۇتار سەۋۇكلۇق ئازرىش كۈنى بەلگۈرەر، >باشلىغ كۆزۈگ ياپساما ياشى ئانىڭ ساۋرۇقار. مەنىسى: يوشۇرۇن مۇھەببەت ئايرىلىش كۈنىدە ئاشكارە بولىدۇ، دەرد تۆككەن ۋە ياشاڭغىرغان كۆز ئۆز يېشىنى تۇتۇۋالالمايدۇ)>دىۋان< 2 ـ توم، 243 - بەت(. ئۆزۈم مەنىڭ بۆدۈرسىن، ئوتى ئانىڭ چاقلانۇر.   مەنىسى: مەن ئۇنىڭ مۇھەببەت ئوتى ئەتراپىدا خۇددى بۆدۈنىگە ئوخشاش چۆرگىلەيمەن )>دىۋان< 1 ـ توم، 666 - بەت(. دېمەك، >دىۋان< دىكى مۇھەببەت قوشاقلىرىدا ئاشىق - مەشۇقلارنىڭ چىن ئىنسانىي مۇھەببىتىنى ئۇلۇغلاش ۋە ئۇنىڭغا تەلپۈنۈش، مۇھەببەت يولىدىكى ھىجران ئازابى، ۋىسال ئارزۇسى، قايغۇ، خۇشاللىق ھېسسىياتلىرى ئىپادە قىلىنغان بولۇپ، گەرچە ئۆزئارا دىئالوگ شەكلىدە كۆپ ئۇچرىمىسىمۇ بۇ قوشاقلارنى ئوقۇغان كىشىگە بىر جۈپ ئاشىق - مەشۇق ئۆزئارا كۆڭۈل ئىزھار قىلىشىۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. بۇ مۇھەببەت قوشاقلىرىنى ئايرىم - ئايرىم تەھلىل قىلساق مەلۇم مەنىلا ئاڭلاتقىنى بىلەن، بىر پۈتۈنلۈكتە تەھلىل قىلساق كۆز ئالدىمىزدا بىر پارچە >مۇھەببەتنامە< ئايان بولىدۇ. بۇ دەل  بىز يۇقىرىدا نەقىل قىلىپ ئۆتكىنىمىزدەك >نامە< ژانىرىنىڭ ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى ئىپادىلىنىشىدۇر. >دىۋان< دىكى بۇ مۇھەببەت قوشاقلىرى >دىۋان< ئىجاد قىلىنىشتىن بۇرۇنقى ئۇزۇن تارىخ مابەينىدە خەلق ئارىسىغا كەڭ تارقالغان. ئاشىق - مەشۇقلار ئۆزىنىڭ مۇھەببەتلىك كۆڭلىنى مۇشۇنداق مۇھەببەت قوشاقلىرى ئارقىلىق ئىزھار قىلىشقان. >دىۋان< نىڭ مۇئەللىپى بىزگە خەلق ئارىسىغا كەڭ تارقالغان بۇ مۇھەببەت قوشاقلىرىنىڭ بىر قىسىم نەمۇنىلىرىنى قالدۇرغان. خەلق ئارىسىغا كەڭ تارقالغان بۇ مۇھەببەت قوشاقلىرى كېيىنكى مۇھەببەت تېمىسىدىكى ئەسەرلەرنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا كېلىشىگە شۇنداقلا ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدا >نامە< ژانىرىنىڭ مۇستەقىل ژانىر بولۇپ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولغان، بولۇپمۇ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، مۇھەببەت تېمىسى شەرق ئەدەبىياتى ئەنئەنىسى ئاساسىدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا تېخىمۇ زور تەسىر كۆرسىتىپ، نۇرغۇن مۇھەببەت شېئىرلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە ھەمدە كلاسسىك ئەدىبلەرنىڭ مۇھەببەت تېمىسىدا ئەسەر يېزىپ، ئۆز تەشەببۇسلىرىنى ئىپادىلىشىگە، ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدا >نامە< ژانىرىدىكى بىر تۈركۈم نادىر ئەسەرلەرنىڭ ئىجاد قىلىنىشىغا تۈرتكە بولغان. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا >نامە< ژانىرىنىڭ مۇستەقىل ژانىر بولۇپ شەكىللىنىشى نىسبەتەن كېيىنگە توغرا كېلىدۇ. >ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ >چاغاتاي< دەۋرىدىكى مۇھىم ئۇتۇقلىرىدىن بىرى >نامە< ژانىرىنىڭ مۇستەقىل لېرىك ژانىر سۈپىتىدە مەيدانغا كەلگەنلىكىدۇر< ⑦. خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىغا تەئەللۇق بولغان، خەلق ئارىسىغا كەڭ تارقالغان مۇھەببەت قوشاقلىرى كېيىنكى >نامە< ژانىرىنىڭ ئاساسىي بولۇپ، >دىۋان< دىكى مۇھەببەت قوشاقلىرى بىزگىچە يېتىپ كەلگەن مۇھەببەت تېمىسىدىكى بىرقەدەر مۇكەممەل بولغان قەدىمكى شېئىرىي نەمۇنىلەردۇر. يۇقىرىدا تەھلىل قىلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، >دىۋان< دىكى مۇھەببەت قوشاقلىرىنىڭ >نامە< ژانىرىغا خاس ئالاھىدىلىكلىرى گەۋدىلىك. مۇشۇلارغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ بىز >دىۋان< دىكى مۇھەببەت قوشاقلىرىنى ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى >نامە< ژانىرىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى نەمۇنىلىرى دەپ ئېيتالايمىز. ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدا >نامە< ژانىرىدىكى ئەسەرلەر خېلى كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ. ھازىرغىچە مەلۇم بولغان مەنبەلەرگە ئاساسەن، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى چاغاتاي تىلى دەۋرىگە قەدەم قويغان مەزگىلدە يارىتىلغان  >مۇھەببەتنامە< )1353 - يىلى يېزىلغان( ناملىق ئەسىرى >نامە< ژانىرىدا يېزىلغان ئەسەرلەر ئىچىدە ھەجىم جەھەتتىن چوڭ، ۋاقىت جەھەتتىن ئىلگىرىرەك بولۇپ، مۇشۇ ژانىردىكى ئەسەرلەرنىڭ ئۈلگىسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدا >نامە< ژانىرىنىڭ مۇستەقىل ژانىر بولۇپ شەكىللىنىشى >مۇھەببەتنامە< دىن باشلانغان دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. ئەينى زامان شېئىرىيىتىنىڭ گۈزەل نەمۇنىسى سانىلىدىغان بۇ لېرىك داستان 11 قىسىمدىن تەشكىل تاپقان، ئۇ ئاشىقنىڭ تىلىدىن بېرىلگەن 11 پارچە ئىشقى شېئىرىي مەكتۇب تەرزىدە يېزىلغان. بۇ داستان شېئىرىي مەزمۇنىنىڭ چوڭقۇرلۇقى، شېئىرىي ۋەزىنى بىلەن ئۇسلۇبىنىڭ نازۇكلۇقى، لېرىك ۋە ئاھاڭدارلىقى، شېئىرىي تىلىنىڭ يېقىملىق ۋە راۋانلىقى ھەمدە ئۇنىڭدا ئىپادىلەنگەن ئىنسانىي ھېسسىياتنىڭ يارقىنلىقى بىلەن ئالاھىدە ئۆزگىچىلىككە ئىگە بولۇپ، ئۇنى چۈشىنىشكە بولىدۇ. >مۇھەببەتنامە< نىڭ مەيدانغا كېلىشى ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي شېئىرىيىتىدىن كلاسسىك ئەدىبلەرنىڭ بىر مەزگىل لېرىك >نامە< ژانىرى بويىچە بەس - بەستە ئىجادىيەت ئېلىپ بېرىشىغا ئىلھام بولغان. خوجەندىنىڭ >لەتافەتنامە< )ⅩⅠⅤ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمى ياكى ⅩⅤ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا يېزىلغان( ئەسىرى، يۈسۈپ ئەمىرىنىڭ >راھنامە< )1429 - يىلى يېزىلغان( ئەسىرى، سەئىد ئەھمەدنىڭ >تەئەششۇقنامە< )1435 -- 1436 ـ يىللىرى يېزىلغان(،  >لەتافەتنامە< )بۇ ئەسەر بىزگىچە يېتىپ كېلەلمىگەن( ناملىق ئەسەرلىرى، يۇقىرىقىلاردىن باشقا، شۇ دەۋرلەردە يېزىلغان >بەختىيارنامە<، >سىراجەل قۇلۇب< )قەلب چىرىغى(، >راھەتۇلقۇلۇب< )قەلب راھىتى( قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسى ئەينى دەۋردە ئىجاد قىلىنغان >نامە< ژانىرىدىكى ئەسەرلەردۇر. بۇ ئەسەرلەردىكى بىر ئالاھىدىلىك شۇكى، ئەدىبلەر ئۆز ئەسەرلىرىدە ھەتتا شېئىرىي بەھىرلىرىگىچە >مۇھەببەتنامە< نى ئۆلچەم قىلغان. >نامە< ژانىرىدىكى بۇ ئەسەرلەر كېيىنچە خەمسە داستانچىلىقىغا تەسىر كۆرسىتىپ، داستاندىكى ئىشقى مەكتۇبلەرگە ھۆسۈن قوشقان. كېيىنكى دەۋرلەرگە كەلگەندە گەرچە >نامە< ژانىرىدا چوڭ ھەجىملىك ئەسەرلەر مەيدانغا كەلمىگەن بولسىمۇ، مەلۇم تارىخىي ۋەقەلەرگە بېغىشلانغان مەخسۇس تېمىدا يېزىلغان نۇرغۇن >نامە< شەكلىدكى ئەسەرلەر ئىجاد قىلىنىپ، كلاسسىك ئەدەبىيات خەزىنىمىز تېخىمۇ مول مەزمۇنلار بىلەن بېيىتىلغان. بۇ يەردە قىستۇرۇپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، گەرچە كلاسسىك ئەدىبلەر ئىجادىيىتىدە مۇھەببەت تەسۋىرى كۆپ سالماقنى ئىگىلىسىمۇ، >نامە< ژانىرىنىڭ ئاشىقـ مەشۇقلارنىڭ بىر - بىرىگە يوللىغان ئىشقى مەكتۇبلىرى ئاساس قىلىنغانلىقىدىن ئىبارەت ئالاھىدىلىكىدىن قارىغاندا، بۇ مۇھەببەت تەركىبلىرىنى >نامە< ژانىرىغا مەنسۇپ دەپ قاراش مۇۋاپىق بولمىسا كېرەك. دېمەك >دىۋان< دىكى مۇھەببەت قوشاقلىرى كلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدىكى >نامە< ژانىرىنىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى دەسلەپكى ئىپادىلىنىشى بولۇپ، بۇ ژانىرنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئەمدى بىز >مۇنازىرە< ژانىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز. >مۇنازىرە< ئۇيغۇر تىلىغا ئەرەبچىدىن ئۆزلەشكەن سۆز. بۇ سۆز ئۇيغۇر تىلىدا مەلۇم بىر مەسىلە ھەققىدە تالاش - تارتىش قىلىشماق، مۇھاكىمە، مۇنازىرە يۈرگۈزمەك دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. >مۇنازىرە< ژانىرىدىكى ئەسەرلەردە ئاساسەن ئىجتىمائىي مەسىلە يەنى كىشىلىك تۇرمۇشتىكى زىددىيەتلەر كۆرسىتىلگەن بولۇپ، كۆپ ھاللاردا ئوخشاش بولمىغان نۇقتىئىينەزەرگە، كۆزقاراشقا، مەسلەككە ۋەكىللىك قىلغۇچى بىر، ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئوبيېكتلارنىڭ ئۆزىنى ياكى ئۆز كۆز قارىشىنى ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇپ، قارشى تەرەپنى چۈشىنىش، ئىنكار قىلىپ مەسخىرە قىلىش ئارقىلىق ئۆز مۇددىئالىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى مەقسەت قىلىنىدۇ. بۇ ئارقىلىق كىشىلەرگە دۇنيادىكى ھەرخىل شەيئى، ئادەملەرنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق رولى ۋە خىزمىتى بولىدىغانلىقى، ئۆزئارا چەتكە قېقىشقا بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى، ئىناقلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشكە دەۋەت قىلىنىدۇ. >مۇنازىرە< ژانىرى ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى قەدىمىي ژانىرلاردىن ھېسابلىنىدۇ. بۇ ژانىر دەسلەپتە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدا ئېيتىشىش شەكلىدە كەڭ تارقالغان. يازما ئەدەبىيات شەكىللەنگەندىن كېيىنكى ئەدەبىي مىراسلىرىمىزدىن >تۇنيوقۇق مەڭگۈ تېشى<، >مايترى سىمىت< قاتارلىق ئەسەرلەردىن بۇ ژانىرنىڭ ئىزنالىرىنى ئۇچرىتىشقا بولىدۇ. >ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا بىزگە مەلۇم بولغان مۇنازىرە ژانىرىدىكى ئەڭ بۇرۇنقى ئەسەر مەھمۇد قەشقەرىنىڭ مەشھۇر ئەسىرى >تۈركىي تىللار دىۋانى< دا مىسال تەرىقىسىدە بېرىلگەن شېئىرىي پارچىلار ئارقىلىق دەۋرىمىزگە يېتىپ كەلگەن< ⑧  . بۇ دەل بىز تۆۋەندە توختالماقچى بولغان >دىۋان< دىكى مۇنازىرە شەكلىدىكى قوشاقلاردۇر. >دىۋان< دىكى ئەدەبىي مىراسلار ئىچىدە گۈزەل تەبىئەت مەنزىرىسى تەسۋىرلەنگەن ئوتتۇز نەچچە كۇپلېت قوشاق بار. بۇنىڭ ئىچىدىكى قىش بىلەن يازنىڭ مۇنازىرىسى بايان قىلىنغان بىر قىسىم قوشاقلارنى ئەدەبىياتشۇناسلار >قىش بىلەن يازنىڭ مۇنازىرىسى< دېگەن نام بىلەن ئاتاپ كەلمەكتە. تۆۋەندە بۇ قوشاقلارنىڭ بىر قىسمىنى كۆرۈپ ئۆتىمىز: قىش يايغارۇ سۆۋلەنۈر، ئەر ئات مەنىن ياۋرايۇر، ئىگلەر يەمەساۋرىيۇر، ئەت يەن تاقى بەك رىشۈر.   مەنىسى: قىش ياز بىلەن مۇنازىرىلىشىپ شۇنداق دەيدۇ: ئادەملەر بىلەن ئاتلارنىڭ گۆش )مۇسكۇللىرى( مەندە كۈچىيىدۇ؛ كېسەللەر قىشتا ئازىيىدۇ، ئادەملەرنىڭ ئەت يېنى چىڭىيدۇ. )>دىۋان< Ⅲ  توم، 380 - بەت(. ئۇل قار قامۇغ قىشىن ئىنار، ئاشلىق تارىغ ئانىن ئۈنەر، ياۋلاق ياغى مەندە تىنار، سەن كەلىپەن تەبرەشۈر.   مەنىسى: قىش يازغا قارىتىپ مۇنداق دەيدۇ: پۈتۈن قار قىشلىقى ياغىدۇ، شۇنىڭ بىلەن يازدا ئاشلىقلار ئۈنىدۇ، دۈشمەن قىشتا تىنچىيدۇ، ئۇرۇش قىلمايدۇ، ئەي ياز! سەن كېلىش بىلەن ئۇلار ھەرىكەتلىنىدۇ )>دىۋان< Ⅱ توم، 292 -، 293 - بەت(. سەندە قوپار چادانلار، قۇدغۇسىڭەك يىلانلار، دۈك مىڭ قويۇ تۆمەنلەر، قۇدرۇق تىكىپ يۈگرۈشۈر.   مەنىسى: قىش يازغا قارىتىپ مۇنداق دەيدۇ: چايانلار، چىۋىن، پاشا، خەلققە زەھەر يەتكۈزىدىغان ھەرخىل ھاشارەت يىلانلار سەندە ئورنىدىن تۇرىدۇ، ئۇلار قۇيرۇقلىرىنى تىكىپ، خەلققە ھۇجۇم قىلىدۇ )>دىۋان< Ⅲ توم، 501 - بەت(. ياي كۆركىڭە ئىنانما، سۇۋلار ئۈزە تايانما، ئەسىزلىكىڭ ئانۇنما، تىلدا چىقار ئەدگۈ سۆز.   مەنىسى: ياز سەن گۈزەللىكىڭگە ئىشەنمە، سۇلىرىڭغا تايانما، يامانلىققا تەييارلانما، تىلىڭدىن ياخشى سۆزلەرنى چىقار. يۇقىرىقى قوشاقلار قىشنىڭ يازغا قارىتىپ ئۆزىنى ماختاپ، يازنى كەمسىتىپ ئېيتقان سۆزلىرى بولسا، تۆۋەندىكى قوشاقلار يازنىڭ قىشقا قارىتىپ ئېيتقان سۆزلىرى بولۇپ، بۇ قوشاقلار بىرلىشىپ مۇكەممەل بىر مەزمۇننى ئىپادىلەپ كېلىدۇ. بالچىق بالىق يۇغرۇلۇر، چىغاي ياۋۇز يىغرىلۇر، ئەرڭەكلەرى ئوغرۇلۇر، ئوزغۇچ بىلە ئەۋرىشۈر.   مەنىسى: لاي پاتقاقلار يۇغۇرۇلۇپ ئۆتۈپ كېتىدۇ، يوقسۇل يوپۇنلار دۈگدىيىپ تۈگۈلۈپ كېتىدۇ، ئۇلارنىڭ بارماقلىرى قورۇلۇپ قوۋۇشماي قالىدۇ - دە، بىرەر پارچە چوغ بىلەن سۆيۈنۈپ كېتىدۇ )>دىۋان< Ⅰتوم، 329 ـ، 330 ـ بەت(. سەندەن قاچار سۇندىلاچ، مەندە تىنار قارغىلاچ، تاتلىغ ئۆتەر ساندۇۋاچ، ئەركەك تېشى ئۇچراشۇر.   مەنىسى: سەندىن سۈڭگۈلۈچ قاچىدۇ، مەندە بولسا قارلىغاچقلار يايرايدۇ، بۇلبۇللار نەغمە قىلىدۇ، ئەركەك بىلەن چىشى قوشۇلىدۇ )دىۋان< Ⅰ توم، 685 ـ بەت(. ياي بارۇپان ئەرگۈزى، ئاقتى ئاقىن مۇندۈزى، تۇغدى يارۇق يۇلدۇزى، تىڭلا سۆزۈم كۈلكۈ سۈز.   مەنىسى: ئەتىياز تېڭى يورۇدى، مۇزلار ئېرىپ قاتتىق سەلدەك ئاقتى، تاڭ يۇلتۇزى نۇر چېچىپ چىقتى، ئاجايىپ سۆزۈمنى كۈلمەستىن ئاڭلا )>دىۋان< Ⅰ توم، 130 - بەت(. يىلقى يازىن ئاتلانۇر، ئوتلاپ ئانىن ئەتلەنۈر، بەگلەر سەمىز ئاتلانۇر، سەۋنۈپ ئۈگۈر ئىسرىشۇر.   مەنىسى: كۆكلەم يازدا چارۋا ماللارنىڭ ئەھۋالى ياخشىلىنىدۇ، ئوتلاپ يۈرۈپ ئەت ئالىدۇ، شۇڭا بەگلەرنىڭ مىنىشى ئۈچۈن سېمىز ئاتلار تەييار بولىدۇ، ئۇيۇر بولۇپ يۈرگەن ئاتلار خۇشاللىقىدىن بىر - بىرىنى چىشلەپ ئوينىشىدۇ )>دىۋان< Ⅰ توم، 375- 376- بەت(. دېمەك، >دىۋان< دا بېرىلگەن تەبىئەت قوشاقلىرى ئىچىدىكى قىش بىلەن ياز ھەر قايسىسى ئۆزلىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى كۆز - كۆز قىلىشىپ، بىر - بىرىنىڭ يېتەرسىزلىك تەرەپلىرىنى پاش قىلغان. بۇ قوشاقلارنى مەزمۇن تەرتىپى بويىچە رەتلىسەك، كۆز ئالدىمىزدا >مۇنازىرە< ژانىرىدىكى مۇكەممەل بىر پارچە ئەسەر نامايان بولىدۇ ⑨ .  ئەمەلىيەتتە، مەيلى قىش پەسلى بولسۇن، ياز پەسلى بولسۇن، ھەر ئىككى پەسىلنىڭ ئارتۇقچىلىق ۋە كەمچىللىك تەرەپلىرى بار. بۇ يەردە قىش بىلەن يازغا ئىجتىمائىي تۈس ۋە ئادىمىيلىك خاراكتېر بېرىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆتكۈر سۆھبىتى ئارقىلىق دۇنيادا نۇقسانسىز، مۇكەممەل نەرسىنىڭ بولمايدىغانلىقى، شۇنداقلا ھەممە نەرسىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق رولى بولىدىغانلىقىدەك بۇ ھەقىقەت ئوبرازلىق يۇسۇندا بايان قىلىنىدۇ. بۇ قوشاقلاردا ئىپادىلەنگەن >مۇنازىرە< ژانىرىغا خاس ئالاھىدىلىكلەر گەۋدىلىك بولۇپ، >مۇنازىرە< ژانىرىنىڭ ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى ئەڭ دەسلەپكى نەمۇنىسى ھېسابلىنىدۇ. >دىۋان< بىلەن بىر دەۋردە ئىجاد قىلىنغان >قۇتادغۇبىلىك< داستانىنىڭ بىر قانچە بابىدا مۇنازىرە شەكلىدە يېزىلغان داستاننىڭ 14- ۋە 46- بابىدا ئودغۇرمىش بىلەن ئۆگدۈلمىش ئوتتۇرىسىدا بولغان ئىككى قېتىملىق مۇنازىرە بېرىلگەن بولۇپ، >بىز بۇ ئىككى بابنى ئوقۇغىنىمىزدا يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مۇنازىرە ژانىرىدىن ئىجادىي پايدىلىنىپ، ئۇنى ئۆز ئەسىرى ئۈچۈن ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلدۇرغانلىقىنى، ئۇنىڭغا يېڭى تۈس، قان بېغىشلىغانلىقىنى كۆرىمىز<  10  .  بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ ئىككى ئەسەر ئىجاد قىلىنغان دەۋرلەردە >مۇنازىرە< شەكلى ئەدەبىي ئىجادىيەتتە خېلى كەڭ قوللىنىلغان. ⅩⅠⅤ - ⅩⅤ ئەسىرلەرگە كەلگەندە، >مۇنازىرە< ژانىرىدا يېزىلغان بىر مۇنچە ئەسەرلەر مەيدانغا كەلدى. بۇ دەۋردە ئىجادىيەت ئېلىپ بارغان ئەھمەدى، يۈسۈپ ئەمىرى، يەقىنى قاتارلىق ئەدىبلەر ئۆزلىرىنىڭ >سازلار مۇنازىرىسى<، >بەڭ ۋە چاغىر ئارىسىدىكى مۇنازىرە<، >ئوق ۋە يا مۇنازىرىسى< قاتارلىق ئەسەرلىرىدە >مۇنازىرە< ژانىرىدىن پايدىلىنىپ، ئەينى دەۋر رېئاللىقىدىكى ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنى ۋە ئىللەتلەرنى بەدىئىي يۇسۇندا ئېچىپ تاشلىغان. >مۇنازىرە< ژانىرىدىكى ئەسەرلەرنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا كېلىشى كلاسسىك داستانچىلىققا زور تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، داستانلاردىكى ھالقىلىق يەرلەردە مۇنازىرىدىن پايدىلىنىش كلاسسىك ئەدىبلەر ئۆز ئىجادىيىتىدە ئىزچىل قوللىنىدىغان بىرخىل شەكىلگە ئايلانغان. ئەلىشىر ناۋايى ئۆزىنىڭ >لىسانۇتتەير< )1498 — 1499 - يىللىرى يېزىلغان( ناملىق داستانىدا >مۇنازىرە< ژانىرىغا مۇراجىئەت قىلغان. دەۋر جەھەتتىن كېيىنرەك بولغان ئىبراھىم يۈسۈپ خوتەنىنىڭ >مەنتىقۇتتەير< )1774 — 1775 ـ يىللىرى يېزىلغان(، ئىمىر ھۈسەيىن سەبۇرىنىڭ >ماقالات< )2184 — 1843 ـ يىللىرى يېزىلغان( ناملىق ئەسەرلىرىمۇ مۇشۇ خىل شەكىلدە يېزىلغان. ⅩⅤⅠⅠⅠ - ⅩⅠⅩ ئەسىرلەردە ئىجاد قىلىنغان >مۇنازىرە< ژانىرىدىكى ئەسەرلەردىن ئىسمايىل مەھزۇننىڭ >قوغۇنلار مۇنازىرىسى<، موللانىيازنىڭ >مېۋىلەر مۇنازىرىسى<، >تائاملار مۇنازىرىسى<، ئەھمەد شاھ قاراقاشىنىڭ >مېۋىلەر مۇنازىرىسى<، ئابدۇقادىر داموللامنىڭ >مېۋىلەر مۇنازىرىسى< قاتارلىق ئەسەرلىرى ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدۇ. يۇقىرىقىلاردىن باشقا، >شەكەرىستان<، >ئات بىلەن تۆگىنىڭ ئېيتىشىشى<، >دەستۇرخاندىكى ماجىرا< قاتارلىق ئەسەرلەر >مۇنازىرە< ژانىرىنىڭ ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى نەمۇنىسى سانىلىدۇ. ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى >مۇنازىرە< شەكلىدە يېزىلغان ئەسەرلەرنىڭ ئاساسىي قىسمى خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىن كەلگەن، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى يەنە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىغا سىڭىپ كەتكەن بولۇپ، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئەسەرلەر ئىچىدىكى >مېۋىلەر مۇنازىرىسى< تېمىسىدىكى ئەسەرلەر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى >شەكەرىستان< تېمىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ⅩⅤⅠⅠⅠ - ⅩⅠⅩ ئەسىرلەردە خۇددى خەمسەچىلىك ئەنئەنىسىگە ئوخشاش، >مۇنازىرە< ژانىرىدىمۇ ئەدىبلەرنىڭ مەخسۇس تېمىدا بەس - بەستە ئىجادىيەت ئېلىپ بېرىش ھالىتى شەكىللەنگەن. موللانىيازى، ئەھمەد شاھ قاراقاشى، ئابدۇقادىر داموللام قاتارلىق ئەدىبلىرىمىزنىڭ >مېۋىلەر مۇنازىرىسى< تېمىسىدا ئىجادىيەت ئېلىپ بارغانلىقى بۇنىڭ ئەڭ ياخشى دەلىلى. ئالاھىدە ئىزاھلاپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، تەتقىقاتلاردا >مۇنازىرە ژانىرىدىكى ئەسەرلەر<، >مۇنازىرە شەكلىدىكى ئەسەرلەر< دېگەن ئىككى ئاتالغۇ تەڭ قوللىنىلىۋاتىدۇ. كلاسسىك ئەسەرلىرىمىزدە >مۇنازىرە< شەكلىدىكى بايانلار كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇ ئەلۋەتتە >مۇنازىرە< ژانىرىدىكى ئەسەرلەرگە كىرمەيدۇ. ئەمدى >مۇنازىرە< ژانىرىغا خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان ئەسەرلەرگە كەلسەك، ئاتالغۇنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ >مۇنازىرە< ژانىرىدىكى ئەسەر دەپ ئاتاش ناھايىتى مۇۋاپىق. خۇلاسىلىساق، >دىۋان< دىكى مۇھەببەت قوشاقلىرى ۋە مۇنازىرە شەكلىدىكى قوشاقلار ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى >نامە<، >مۇنازىرە< ژانىرىدىكى ئەسەرلەرنىڭ تۇنجى نەمۇنىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا >نامە<، >مۇنازىرە< ژانىرلىرىنىڭ رەسىمىي ژانىر بولۇپ شەكىللىنىشى، شۇنداقلا بۇ ئىككى ژانىرنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينىغان كلاسسىك ئەدىبلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئىككى ژانىردا ئىجاد قىلغان ئەسەرلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىيات غەزىنىسىنى تېخىمۇ مول مەزمۇنلارغا ئىگە قىلغان. ئىزاھلار: 〖CD40mm〗 [FT5NAA]⑦① >ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى<، 2 ـ توم، شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى، 1993- يىل نەشرى. ③② >ئۆزبېك سوۋېت ئېنسىكلوپېدىيىسى<، 8 ـ توم. ④ تۈركىيىلىك رەشىد رەھمىتى ئاراتنىڭ >قەدىمكى تۈرك شېئىرلىرى< ناملىق كىتابىدا بۇ شېئىر >شېئىر )ئاپرىنچورتېكىن(< دەپ ئېلىنغان، >بۇلاق< مەجمۇئەسىنىڭ 1981 ـ يىللىق 2 ـ سانىدا >مۇھەببەتنامە< دەپ ئېلىنغان. ⑤ ماقالىمىزدا مىسالغا ئېلىنغان قوشاقلاربايمەتھاجى راخمان نەشرگە تەييارلىغان: >>تۈركىي تىللار دىۋانى< دىكى ئەدەبىي مىراسلار< دېگەن كىتابتىن ئېلىندى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1998 ـ يىل نەشرى. . ⑥ ئىقبال تۇرسۇن: >ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى مۇھەببەت تەسۋىرى ۋە ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ئىدىيىسى<، >ھېكمەت ئۈنچىلىرى<، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، 1997 ـ يىل نەشرى. 10 ⑧ ئىمىنجان ئەھمىدى: >ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى مۇنازىرە ژانىرى<، >شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى<، 1988 ـ يىللىق 3 ـ سان. ⑨تەتقىقاتلاردا بۇ قوشاقلارنىڭ مەلۇم ئاپتور تەرىپىدىن يېزىلغانلىقى قەيت قىلىنىدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  گومىنداڭنىڭ تۇرپان...
●  <تۈركىي تىللار دىۋا...
●  ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىن...
●  تۈركىي تىللار دىۋا...
●  دىۋانۇ لۇغاتىت تۈر...
●  <تۈركىي تىللار دىۋا...
●  قارلۇق توغرىسىدا 
●  <تۈركىي تىللار دىۋا...
●  <تۈركىي تىللار دىۋا...
●  <دىۋانۇ لۇغاتىت تۈر...
●  قارلۇق توغرىسىدا ( ...
●  ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىق...
●  ھەربىر مىللەت ئۆز ئ...
●  كروران ئەۋلادلىرى ...
●  تەكلىماكاندىكى قەد...
●  كروران ئەۋلادلىرى ...
●  ئاستانە - ئالغۇي ت...
●  تەڭرى تاغ مەدەنىيى...
●  تارىم مەدەنىيىتى
●  قەدىمقى ئاتالغۇلار...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  گومىنداڭنىڭ تۇرپاندىكى ...
●  <تۈركىي تىللار دىۋانى>دى...
●  ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زا...
●  تۈركىي تىللار دىۋانى< دى...
●  دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك< نىڭ...
●  <تۈركىي تىللار دىۋانى> د...
●  قارلۇق توغرىسىدا 
●  <تۈركىي تىللار دىۋانى> د...
●  <تۈركىي تىللار دىۋانى> د...
●  <دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك> نى...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى