بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : مەدەنىيىتىمىز >> تارىخمىز >> <تۈركىي تىللار دىۋانى> دا ئىپادىلەنگەنئىلىم ـ مەرىپەت ۋە مائارىپ قارىشى

<تۈركىي تىللار دىۋانى> دا ئىپادىلەنگەنئىلىم ـ مەرىپەت ۋە مائارىپ قارىشى

يوللانغان ۋاقتى : 2008-09-22 11:51:39    كۆرۈلۈش سانى : 179  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
  غاپپار روزى   جاھان ئىلىم ئەھلىگە تونۇش بولغان مەشھۇر ئىلمىي ئەسەر >تۈركىي تىللار دىۋانى< )تۆۋەندە قىسقارتىلىپ >دىۋان< دەپ ئېلىندى( بىزگە قەدىمكى ئۇزاق تارىخقا ئىگە باي تۈركىي تىلنىڭ مول، بىباھا جەۋھەرلىرىنى قالدۇرۇش بىلەن بىرگە، قاراخانىيلار دەۋرىنى مەركەز قىلغان پۈتۈن تۈرك ـ ئۇيغۇر خەلقلىرىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادى، مەدەنىيەت، ھاكىمىيەت، ئىلىم ـ پەن،  يېزا ئىگىلىك، سەنئەت، دىن، ھۈنەر ـ سەنئەت، تېبابەتچىلىك، تارىخ، پەلسەپە، ئاسترونومىيە ـ كالىندارچىلىق، جۇغراپىيە، بالىلار ئىلمى، ئەخلاق ۋە ئۆرپ ـ ئادەتلىرىنى ئۆز دەۋرىنىڭ يۇقىرى سەۋىيىسىدە باي تىل ماتېرىياللىرى ئارقىلىق روشەن ئىپادىلەپ بەرگەن مۇكەممەل قامۇستۇر. ئالىم مەھمۇد قەشقەرى ئىسلام دىنى بىلەن ئەرەب تىلى ئۈستۈنلۈك ئىگىلەپ تۇرۇۋاتقان تارىخىي شارائىتتا، باتۇرلارچە ئوتتۇرىغا چىقىپ، تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ ئەرەب مەدەنىيىتىدىن قېلىشمايدىغانلىقى ھەم >تۈركىي تىل بىلەن ئەرەب تىلى بەيگىگە چۈشكەن ئىككى ئاتتەك تەڭ چېپىپ كېتىۋاتقانلىقى<نى نامايەن قىلىش ۋە ئۇنىڭ ئابرويىنى تىكلەش ئۈچۈن، پۈتكۈل تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئىلىم ـ مەرىپەت ۋە مائارىپ ئىدىيىسىگە ۋەكىللىك قىلىپ، ئۇزاق ئۆتمۈشتىكى تۈرك ـ ئۇيغۇر خەلقلىرىنىڭ ماددىي مەدەنىيىتى ۋە مەنىۋى مەدەنىيىتى جەھەتتىكى ئىلمىي ئىقتىدارىنىڭ قانچىلىك سەۋىيىدە ئىكەنلىكىگە >دىۋان< سەھىپىسى ئارقىلىق گۇۋاھلىق بېرىپ، ئەينى دەۋردىكى تۈرك ـ ئۇيغۇر خەلقلىرىنىڭ ئىلىم ـ مەرىپەت ۋە مائارىپ قارىشىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىكەنلىكىگە جاۋاب بېرىدۇ. تىلشۇناسلىق جەھەتتىكى بۇ ئۇلۇغ ئىلمىي ئابىدىنىڭ مەيدانغا كېلىشى پۈتكۈل قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ ئىلىم ـ پەن ساھەسىگە يەنە بىر ئۇلۇغ ئىلمىي ئابىدە >قۇتادغۇ بىلىك< بىلەن بىرلىكتە ئەبەدىي يىقىلمايدىغان كاتتا مۇنار تىكلەپ بەردى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن >دىۋان<نىڭ ئىلىمىي شۆھرىتى يالغۇز ئۇيغۇر ـ تۈرك خەلقلىرىنىڭ مەدەنىيەت خەزىنىسىدىلا ئەمەس، بەلكى جاھان مەدەنىيەت خەزىنىسىدىمۇ ئالاھىدە يۈكسەك ئورۇندا تۇرۇپ كەلمەكتە. م. روزېنتال، پ. يۇدىنلار >شەرق مەدەنىيىتى كاۋكاز، مەركىزىي ئاسىيادىكى ھەرقايسى مىللەت خەلقلىرىنىڭ مەدەنىيىتى، ئەرەب ۋە باشقا ھەرقايسى مىللەت خەلقلىرىنىڭ مەدەنىيىتى ئوتتۇرا ئەسىردە )13 ـ ئەسىرگىچە( غەربىي ياۋروپانىڭ مەدەنىيىتىدىن ئېشىپ كەتتى< (>ئۇلۇغ ئىلمىي ئابىدە >قۇتادغۇ بىلىك<<، 568 ـ بەتتە كەلتۈرۈلگەن نەقىل.)دېگىنىدەك، مەركىزىي ئاسىياغا جايلاشقان قەدىمكى شىنجاڭ ئۆزىنىڭ شانلىق مەدەنىيەت تارىخىدا ھەرقايسى تىل، دىن، مەدەنىيەت، ئىقتىساد ئامىللىرىنىڭ >يىپەك يولى< تۈگۈنىدە تەڭلا ئۇچرىشىش نەتىجىسىدە سىنكىرتىك مەدەنىيەت ئامىللىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئەينى دەۋردە شىنجاڭدا قۇرۇلغان خانلىقلارنىڭ مائارىپ، ئىلىم ـ پەن مەدەنىيىتىگە زور تەسىر كۆرسەتكەنىدى. تارىخىي ھەم يازما مەنبەلەر Ⅹ ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە Ⅺ ئەسىردىن باشلاپ، قاراخانىيلار سۇلالىسىنى مەركەز قىلغان جايلار ئىلىم ـ مەرىپەت ۋە ئىسلام مائارىپىنىڭ ئاساسلىق مەركەزلىرىگە ئايلىنىشقا باشلىغانلىقى توغرىسىدا بىزگە مەلۇمات بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇيغۇر كلاسسىك مائارىپى ئورخۇن، شامان ۋە مانى دەۋرى )552 ـ 844 ـ يىللار(، ئىدىقۇت مائارىپى دەۋرى )850 — 1250 ـ يىللار( ھەم بۇددىزم مائارىپى دەۋرى )75 ـ 992 ـ يىللار( جەريانلىرىدىن ئۆتۈپ، كېيىن قەشقەرنى مەركەز قىلغان قاراخانىيلارنىڭ ئىسلامىيەت مائارىپى دەۋرى )870 ـ 1211 ـ يىللار(گە قەدەم قويدى )ئابدۇللا تالىپ: > ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدىن ئوچېرىكلار<، 36 ـ بەت. (. بۇ دەۋردىكى مەدەنىيەت ـ مائارىپ ئۇيغۇر كلاسسىك مەدەنىيەت ـ مائارىپىنىڭ يۇقىرى پەللىسى بولۇپ، پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيادا زور شۆھرەت قازانغانىدى. قاراخانىيلار دەۋرىدىكى مەدەنىيەت ـ مائارىپ تەرەققىياتىنىڭ يۇقىرىقىدەك مۇۋاپپەقىيەتكە ئېرىشىش تارىخىنى قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتسەك، ئەھۋال مۇنداق ئىدى: قاراخانىيلارنى مەركەز قىلغان رايونلاردا بۇددا دىنىنىڭ ئورنىنى ئىسلام دىنى ئىگىلىدى. ئىسلام دىنىنىڭ  ھۆكۈمران ئىدېئولوگىيىگە ئۆتۈشى، پۈتكۈل قاراخانىيلار مىقياسىدا ئىسلام دىنىنىڭ ئومۇملىشىش ۋە چوڭقۇرلىشىش ۋەزىيىتىنى ئىلگىرى سۈردى، بۇنىڭغا ئەگىشىپ شۇ دەۋردە دۇنيادا خېلىلا ئىلغار سانالغان ئەرەب - ئىسلام مەدەنىيىتى ئوتتۇرا ئاسىيا، جۈملىدىن مەركىزىي ئاسىيا خەلقلەر مەدەنىيىتىگە زور تەسىر كۆرسىتىپ قالماي، بەلكى ئوتتۇرا ئاسىيادا تۈركىي خەلقلەر ئىچىدە ئىسلام دىنىنى تۇنجى بولۇپ قوبۇل قىلىپ قۇرۇلغان قاراخانىيلارنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ ھال قاراخانىيلارنىڭ ئىلىم ـ پەن، مەدەنىيىتىنى پەيدىنپەي دۇنيادىكى ئىلغار پەن ـ مەدەنىيەت قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشقا، ئۇيغۇرلارنى بولسا، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەدەنىيەتلىك مىللەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشقا شەرت ھازىرلاش ئىمكانىيىتى بەرگەنىدى. بۇ خىل مەدەنىيەت ھادىسىسى قاراخانىيلار دەۋرىدىكى مەدەنىيەت ـ مائارىپ تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى ئىدى. يەنە بىر تەرەپتىن ئېيتقاندا، قاراخانىيلار سۇلالىسى  تەۋەسىدە سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ئىسلام دىنىغا بەيئەت قىلغاندىن كېيىن، ئىسلام دىنى تەدرىجىي ئومۇملاشتۇرۇلۇپ، بۇددىزم ئاساسىدىكى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتـ مائارىپ زور چەكلىمىگە ئۇچراپ، ئىسلام ئەقىدىلىرى بويىچە ئىسلاھ قىلىندى. بولۇپمۇ سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىللەردە شۇ دەۋر ئىسلام مەدەنىيەت ـ مائارىپىغا لايىق ئىسلام دىنى مەكتەپ ۋە مەدرىسلىرى قاراخانىيلار سۇلالىسى  تېررىتورىيىسىدە كەينى ـ كەينىدىن بارلىققا كېلىشكە باشلىدى. بۇ — قاراخانىيلار سۇلالىسى ئىسلام مائارىپىنىڭ باشلىنىشى ئىدى. >مەدرىسەئى ساجىيە< سۇتۇق بۇغراخان دەۋرىدىكى قاراخانىيلارنىڭ تۇنجى ئالىي بىلىم يۇرتى ھېسابلىناتتى. تارىخ مىلادىيە 960 ـ يىلىغا كەلگەندە، مۇسا ئارسلانخان ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى دەپ جاكارلىغاندىن كېيىن، خانلىق مەدرىسە ۋە كۇتۇپخانىلار تەسىس قىلىندى. بۇ مەدرىس  ـ ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا بىر قىسىم يۇقىرى مەلۇماتلىق خادىملار يېتىشىپ چىقىپ، قاراخانىيلار ھاكىمىيىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپتىن مۇستەھكەملىنىشىگە ھەم سۇلالە ھۆكۈمرانلىق قىلغان كەڭ رايونلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىسلاملىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە زور رول ئوينىدى. شۇنداقلا قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ ئىلىم ـ پەن مائارىپىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىدىمۇ رولى چوڭ بولدى. زۆرۈرىيەت تۈپەيلى، خانلىق دائىرىسىدىكى دىنىي  مەكتەپ ۋە مەدرىسلەر ئىسلام دىنى ئاساسىدىكى ئىلىم ـ مەرىپەت ۋە بىلىم يۇرتلىرىغا ئۆزگەرتىلدى، بولۇپمۇ، مەشھۇر خانلىق ئالىي ئوقۇتۇش يۇرتى — >مەدرىسەئى ساجىيە<دە تەرەققىياتنىڭ تۈرتكىسىدە خەلقئارادىكى پەننىي دەرسلەرنىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ، مەرىپەتپەرۋەر ئالىم ـ ئۆلىمالارنىڭ قىزغىن ھىمايىسىگە ئېرىشىپ، ئوقۇتۇش مەزمۇنى ۋە دەرسلىكلەر ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىملاشقانىدى. دىنىي مەكتەپ )باشلانغۇچ مەكتەپ(، قارىخانا )دىنىي كەسپىي ئوتتۇرا مەكتەپ(لاردا ئاساسلىقى ئەرەب ئەدەبىياتى، >قۇرئان  كەرىم< دىن پارچىلار، دىنىي  مۇراسىم قائىدىلىرى ۋە بىر قىسىم شەرق ئالىملىرىنىڭ شېئىرلىرى ئۆتۈلسە، ئالىي بىلىم يۇرتى — مەدرىسلەردە دىنىي ئەقىدىلەر بىلەن >قۇرئان  كەرىم< ۋە >ھەدىس< لەرنىڭ مەنىسىنى تەپسىرلەش، ئەرەب ئەدەبىياتى، ئەرەب، پارس گرامماتىكىسى، ئىسلام پەلسەپىسى ۋە ئىسلام قانۇنشۇناسلىقى قاتارلىقلار بىلەن چەت ئەل تىلى، يۇنان پەلسەپىسى، ماتېماتىكا، لوگىكا، تارىخ، جۇغراپىيە، ئاسترونومىيە، تېبابەتچىلىك، سىپاگەرچىلىك )جەڭ تاكتىكىسى( قاتارلىق ئىلىملەرنى ئۆگىنىشنى ئاساس قىلىپ ئۆتىلەتتى. بۇ مەشھۇر >مەدرىسەئى ساجىيە< گە ئۆز دەۋرىنىڭ داڭلىق ئالىم ـ ئۇستازلاردىن ھۈسەيىن ئىبىن خەلەب، سەئىد جالالىدىن باغدادى، خوجا ياقۇپ سۇزۇكى، ھۈسەيىن پەيزۇللا، جامالىدىن قەشقەرى، رەشىد ئىبىن ئەلى قەشقەرى، ئىمامىدىن قەشقەرى قاتارلىق نۇرغۇن نوپۇزلۇق ئالىملار مۇئەللىملىك قىلغانىدى. بۇ بىر قىسىم مەشھۇر ئالىم ۋە ئۇستازلار دىنىي مۇتەئەسسىپلەرنىڭ قارشىلىقى ۋە كەمسىتىشىگە قارىماي، بۇ ئالىي بىلىم يۇرتىدا پەننى دەرسلەرنى ئۆگىتىش بىلەن شۇغۇللاندى ھەم ئىلىم ـ پەننىڭ قەدرىگە يېتىدىغان قابىلىيەتلىك ئوقۇتقۇچى ۋە خادىملارنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈپ بەردى. ئەنە شۇلار قاتارىدا مەھمۇد قەشقەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپقا ئوخشاش ئالىم ـ ئۆلىمالار ئىلىم تەھسىل قىلغان ھەم ئۆزلىرىنىڭ ئەقىل بۇلىقىنى ئىسلام مائارىپ تەلىم ـ تەربىيىسى ئارقىلىق ئېچىپ، سۇبيېكتقا ئايلاندۇرغان، ئاندىن سۇبيېكت ئاساسىدىكى ئىچكىلىكنى ئوبيېكتلاشتۇرۇشقا يۈزلەندۈرۈپ، بىلىم قۇرۇلمىسىنى بىر تەرەپتىن كېڭەيتىپ تەسىرچانلىققا ۋە راۋاجلىنىشچانلىققا ئىگە قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن، تەبىئىي ماھىيەتنى ئىجتىمائىي ماھىيەتكە ئايلاندۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش  تەرەققىياتىغا بېغىشلاپ پەلسەپە، تارىخ، تىلشۇناسلىق، فولكلورشۇناسلىق، ئەدەبىياتشۇناسلىق، ئەدەب ـ ئەخلاق، قانۇنشۇناسلىق، مەدەنىيەت  ـ مائارىپ، ئېتنوگرافىيە، تېبابەتچىلىك، ئاسترونومىيە، جۇغراپىيە قاتارلىق جەھەتلەردە مول نەزەرىيىۋى ۋە ئەمەلىي بىلىملەرنى توپلاپ، دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىدە كەمدىن ـ كەم ئۇچرايدىغان مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قالدۇرۇپ كەتكەنىدى. بۇ قاراخانىيلار مەدەنىيەت ـ مائارىپىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان كۆرۈنۈشتۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۆز ئەسىرىنىڭ كەلگۈسى ئەۋلادلار ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىملىقىنى چۈشەنگەن م. قەشقەرى >دىۋان< نىڭ كىرىش سۆز قىسمىدا، ئۆز كىتابىنىڭ مەڭگۈلۈك يادىكارلىق ھەم يوقالماس روھىي بايلىق بولۇپ قېلىشىنى تىلەپ ئۆزىنىڭ سەمەرىلىك ئىلمىي ئىشى ھېسابلانغان مەشھۇر قامۇسى >دىۋان< نى باغدادتا  ۋۇجۇدقا چىقىرىپ بولۇپ، مىلادىيە 1082 ـ يىلى باغدادتىن قەشقەرگە قايتىپ كېلىدۇ. ئىلىم ـ پەننى قىزغىن سۆيىدىغان، مەرىپەتپەرۋەر ئالىم ئۆز يۇرتى ئوپالدا >مەھمۇدىيە مەدرىسى< نى تەسىس قىلىپ ئۆزى مۇئەللىملىك قىلىدۇ. بۇ مەدرىستىمۇ تەسىس قىلىنغان دەرسلەر ئاساسەن، >ساجىيە مەدرىسى< نىڭ دەرسلىرىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. ئۇنىڭدا دىنىي بىلىم ئوقۇتۇشى بىلەن ئىلمىي  بىلىم ئوقۇتۇشنى بىرلەشتۈرگەن. ئوقۇتۇش مەزمۇنى ۋە مەكتەپ باشقۇرۇش سىستېمىسى جەھەتتە، ئەرەب ئىسلام مائارىپىنىڭ سىستېمىسى، مەزمۇنى ۋە مەكتەپ باشقۇرۇش ئەنئەنىسى ھەم شەكلىنى قوبۇل قىلىپ، تېخىمۇ سىستېمىلاشتۇرغان ۋە ئۆزگىچە ئۇسلۇبقا ئىگە قىلغانىدى. بۇ بايان >ئىلىم ـ مەرىپەت< - جەمئىيەت تەرەققىي قىلىشىنىڭ، خەلقنى بەخت ـ سائادەتكە ئېرىشتۈرۈشنىڭ بىردىنبىر كاپالىتى ئىكەنلىكىنى بالدۇر چۈشەنگەن  ھەم ئۆزىنىڭ غايىسىگە ئايلاندۇرغان بىر پېشقەدەم مائارىپچىنىڭ ئېگىلمەس ـ سۇنماس روھىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ. ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد قەشقەرى >دىۋان<دىن ئىبارەت مەشھۇر قامۇسىدا، يۇقىرىدا ئەسكەرتىپ ئۆتكەندەك، كەڭ دائىرىلىك مەزمۇنلارنى جانلىق مىساللار بىلەن ئىزاھلاپ چۈشەندۈرۈپ بەرگەن. قىسقىسى، ئالىمنىڭ سەمەرىلىك ئەمگىكىدە بىلىم، ئەقىل، ئوي، تىل، شېئىر، سەنئەت، دانىشمەن، ئالىم، زۆرۈرىيەت، لۇغەت، ئېلىپبە، ئەسەر ۋە باشقىلار ئانالىز قىلىنغان. بۇ مەنىدىن تەھلىل قىلغاندا، ئالىمنىڭ شۇ دەۋردىكى مەۋجۇد ئىلىملەرنى پۇختا ئۆگەنگەن، قىزىقىش دائىرىسى كەڭ، مەكتەپ تەربىيىسى بىلەن ئۇستاز تەلىماتى ھەقىقىي ئۆزىگە سىڭدۈرۈلگەن  پېشقەدەم پېداگوك ئىكەنلىكى بىلىنىدۇ. >دىۋان< Ⅸ ـ ⅩⅠⅠⅠ ئەسىرگىچە بولغان قاراخانىيلار دەۋرىدىكى ئەدەبىيات توغرىسىدا ئەڭ دەسلەپكى ھەم تولۇق مەلۇمات بېرىدىغان بىردىنبىر مەنبە. ئۇنىڭدا ئەدەبىي مىراسلار >دىۋان< سەھىپىسىدە خۇددى نۇرلۇق يۇلتۇزدەك ئالاھىدە جۇلالىنىپ تۇرىدۇ. بۇ ئەدەبىي مىراسلار >ئوغۇزنامە< ۋە >كۆلتېكىن ئابىدىسى<نى ھېسابقا ئالمىغاندا، ھازىرغا قەدەر تېپىلغان ئەدەبىي مىراسلىرىمىزنىڭ ئەڭ قەدىمكىسى شۇنداقلا ئەڭ مول، ئەڭ رەڭدار نەمۇنىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئالىم مۇشۇ ئەدەبىي مىراسلار ئارقىلىق >ئىلىم ـ مەرىپەت ۋە مائارىپ< قارىشىنى تېخىمۇ كونكرېتلاشتۇرۇپ ئىپادىلىگەن. >دىۋان< دا شۇ دەۋر ئادەملىرىنىڭ بىلىم سەۋىيىسىنى سۆزلەر ۋە چۈشەنچىلەر ئارقىلىق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان 5007 دىن ئوشۇق تېرمىن بېرىلگەن. سۆز ـ ئىبارىلەرنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق سۆزلۈكلەرنى جانلىق ئىپادىلەش ئۈچۈن ھەم لۇغەتچىلىكىمىزدە ھازىرغا قەدەر كۆرۈلۈپ باقمىغان يۇقىرى سەنئەت ماھارىتى بىلەن سۆزلۈكلەرگە ئورگانىك باغلاشتۇرۇش ئاساسىدا، بىر قەدەر چوڭراق ھەم مۇھىم قىممەتكە ئىگە بولغان 20 گە يېقىن ئەپسانە، رىۋايەت، قەدىمكى زاماندىن تارتىپ تۈركىي خەلقلەرنىڭ تۇرمۇشى، ئۆرپ ـ ئادىتى، مەدەنىي ھاياتى ۋە كۈرەش پائالىيىتى ھەم ئۇلارنىڭ ئىلىم ـ مەرىپەت، ئەقىل ـ پاراسەت، پېداگوگىكىلىق قاراشلىرىنى ئەتراپلىق بايان قىلىپ چۈشەندۈرىدىغان 224 كۇبلېت شېئىر ـ قوشاق؛  تۈركىي خەلقلەرنىڭ رېئال ھاياتتا كۆرگەن ـ بىلگەنلىرىنى قىسقىسى، دۇنياغا ۋە مەئىشەتكە قانداق قاراشنى بىلدۈرىدىغان، پەلسەپىۋىلىكى بىر قەدەر كۈچلۈك ئىپادىلەردىن تۈزۈلگەن 290 دىن ئارتۇق ماقال ـ تەمسىل، يىراق ئۆتمۇشتىكى  ئىجتىمائىي ئەخلاق نورمىلىرىنى ئىپادىلەيدىغان، ئۆرپ ـ ئادەت تۈسىدىكى ئىككى ھېكمەتلىك سۆز تاللىنىپ كىرگۈزۈلگەن. بۇ ئەدەبىي مىراسلار يالغۇز ئۇيغۇر - تۈرك خەلقلىرىنىڭ Ⅺ ئەسىرنىڭ ئالدى ـ كەينىدىكى فولكلور ۋە يازما ئەدەبىياتىنىڭ ياخشى نەمۇنىسى بولۇپلا قالماي، بەلكى يېڭى تاش قوراللار دەۋرىدىن تارتىپ تاكى مۇئەللىپ ياشىغان دەۋرگىچە بولغان ئۇزاق تارىخىي  باسقۇچتىكى تىل، ئەدەبىيات، تارىخ، دىن، مىللەت، فولكلور، مائارىپ، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، تەبىئەت قاتارلىق پەن ـ ئىلىملەرنىڭ ياخشى نەمۇنىسىدۇر. >دىۋان< دىكى ھەر ـ بىر سۆزلۈكنى جانلىق ئىپادىلەش ئۈچۈن بېرىلگەن ئەدەبىي پارچىلارنى نەسرىي ۋە شېئىرىي ئەسەرلەر دېگەن ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ. نەسرىي ئەسەرلەر:  >دىۋان< دا بېرىلگەن قۇلباق، ئوماي، ئىلاھى دەرەخ قاتارلىق تەڭرى ـ مەبۇدلار توغرىسىدىكى ئەپسانىلار، شۇ قاغان، ئارسلان تېكىن، ئىسكەندەر، تۈرك، ئۇيغۇر، ئوغۇز، تۈركمەن، تۈبۈت، چىگىل، 12 مۈچەل قاتارلىقلار توغرىسىدا شۇنىڭدەك ئوردۇكەنت، بارچۇق، قازۋىن، ئەرتىش، تاشكەنت، بارمان، تابغاچ، تۇڭا، بارسقان قاتارلىق يەر ـ جاي، دەريا ناملىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئىسىم بولۇپ قېلىشى، سۆزلەرنىڭ مەنىسى توغرىسىدىكى ھەم يېمەك ـ ئىچمەك، زىبۇ  زىننەت، بالىلار ئويۇنى، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك رىۋايەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. شېئىرىي ئەسەرلەر ئاساسەن >دىۋان< دىكى ئىپىك، لېرىك شېئىرلارنى كۆرسىتىدۇ. ئىپىك شېئىرلار: ئالىپ ئەرتۇڭا توغرىسىدىكى ئىپوس پارچىلىرى بىلەن بىكەچ ئارسلان تېكىن داستانىدىن پارچە، ئۇيغۇرلارنىڭ تاڭغۇتلار بىلەن بولغان ئۇرۇشلىرى تەسۋىرلەنگەن شېئىرىي پارچىلار ۋە باشقا داستانلاردىن پارچىلاردا ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. لېرىك شېئىرلار: ئەمگەك، جەڭ، مۇھەببەت، تەبىئەت تەسۋىرىگە ئائىت ناخشا ـ قوشاقلار، ئافراسىياب ۋە باشقا ئىسمى نامەلۇم قەھرىمانغا ئوقۇلغان مەرسىيە پارچىلىرى، بايرام ۋە مۇراسىم، پەندىنامە قاتارلىقلارغا دائىر قوشاق ـ نەزمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ساقىنامىلەر، ماقال ـ تەمسىل، ھېكمەتلىك سۆزلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تەبىئەت تەسۋىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك >قىش بىلەن ياز<نىڭ مۇنازىرىسىگە دائىر پارچىلارمۇ بېرىلگەن. شۇ نەرسە دىققەتكە سازاۋەركى، >دىۋان< دا سۆزلۈكلەرنىڭ ئىستېمال مەنىسىنى جانلىق ئىپادىلەش ئۈچۈن بېرىلگەن فولكلور ۋە يازما ئەدەبىيات نەمۇنىلىرىنىڭ مۇتلەق زور كۆپچىلىكى >خاقانىيەنىڭ مەركىزى ئۆلكىسىدىكى خەلقلەر< )ئۇيغۇرلار( ئارىسىدا بارلىققا كەلگەن بولغاچقا، ئۇنىڭ ئىچىدىكى كۆپلىگەن قوشاقلار بىلەن لېرىك شېئىرلار مەلۇم تارىخىي  شارائىت ئاستىدا يارالغان. شۇڭا،  ئۇ بىر تەرەپتىن، قەدىمكى خاقانىيە خەلقىنىڭ ئۆرپ ـ ئادەتلىرىنى، ئۇلارنىڭ تەبىئەت ھادىسىلىرىگە ۋە شۇ دەۋر جەمئىيەت تۈزۈمىگە بولغان كۆز قاراشلىرىنى ھەم گۈزەل ئارزۇ ـ ئىنتىلىشلىرىنى ئېنىقلاپ ئۆگىنىشىمىزگە ياردەم قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن، مىللىي تىل ۋە ئەدەبىيات تارىخىنى ئۆگىنىشىمىزگە مۇناسىپ مەنپەئەت يەتكۈزىدۇ. ئۈچىنچى تەرەپتىن، ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ئۆز دەۋرىنىڭ مەشھۇر تىلشۇناسىلا ئەمەس، بەلكى مەشھۇر مىللەتشۇناس، فولكلورشۇناس ۋە ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. مەنىۋى مەدەنىيلىك ئۆز نۆۋىتىدە ئىنسانىيەت مۇناسىۋىتىگە ھەم روھىيتىگە، غايىسىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىپ قالماي، بەلكى سىياسىي، مەدەنىيەت، مائارىپ، ئىلىم ـ پەن تەرەققىياتىغا ئوخشىمىغان دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ بۇ خىل ئىجابىي رولىغا قاراپ، ئۇنى ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائىي ئەخلاق ۋە ئىلىم ـ مەرىپەت ئۆلچىمى بىلەن كونكرېتلاشتۇرۇپ ئىپادىلەشكە بولىدۇ. >دىۋان< دا بۇ خىل مەدەنىيەت ھادىسىسى خەلق ئىچىدە بىر قەدەر كۈچلۈك مىللىي خۇسۇسىيەت ۋە تەسىرچانلىققا ئىگە بولغان ئەدەبىي پارچىلار، شېئىر ـ قوشاق، ماقال ـ تەمسىل ۋە يازما ئەدەبىيات شەكىللىرى ئارقىلىق ناھايىتى ئىخچام، ئوبرازلىق، جانلىق ھالدا ئىپادىلەنگەن. >دىۋان< دىكى ئەدەبىي مىراسلار سانىنىڭ كۆپلۈكى، تارىخىي  چىنلىقىنىڭ كۈچلۈكلىكى، مەزمۇنىنىڭ ساپ ھەم موللىقى، شەكلىنىڭ رەڭدار، كۆپ خىللىقى بىلەن ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ. بولۇپمۇ بۇ ئېسىل ئەدەبىي مىراسلار ئىچىدىكى ئىلىم ـ مەرىپەت ۋە مائارىپ ئىدىيىسى سىڭدۈرۈلگەن ئەدەبىي پارچىلار ئىلمىي جەھەتتىن يۈكسەك قىممەتكە ئىگە بولۇپ، ئالىم مەھمۇد قەشقەرىنىڭ يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن كۆڭلىگە پۈككەن جەمئىيەت تەرەققىياتى، ئىجتىمائىي ئەخلاق، ئىنسانىيەت بەختـ سائادىتى پەقەت ئىلىم ـ بىلىم ئۆگىنىش، ئىلىم ـ مەرىپەت بىلەن شۇغۇللىنىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ، دېگەن ئۇلۇغ تەسەۋۋۇرىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان ھەم تەھلىل ۋە تەتقىقات ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتقان ئىلىم ئەھلىلىرى ئۈچۈن تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بولۇپلا قالماي، بەلكى كۈچلۈك ئىلھام بېرىدۇ. مەسىلەن: ▲ >قۇت بەلگۈسى بىلىك< )بەخت بەلگىسى بىلىم() >دىۋان< Ⅰ توم، 557 ـ بەت.(دېگەن ماقالدا بىلىم بەخت ـ سائادەتكە ئېرىشىشنىڭ بەلگىسى، دۇنيادا ئۇنىڭغا ئېرىشىشتىن ئارتۇق بەخت ۋە دۆلەت بولمايدۇ دېگەن ئىلىم ـ مەرىپەت ئىدىيىسى ئالغا سۈرۈلگەن بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتى ۋە ئەخلاق مۇناسىۋەتلىرىدە ئىلىم ـ بىلىم ۋە مەرىپەتنىڭ رولىنى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈپ كۆرسىتىپ بېرىدۇ، ھاياتنى جاھالەت قاراڭغۇلۇقىدىن ئاجرىتىپ تۇرغۇچى ۋە يورۇقلۇق ھەم ئەقىل گۈلىستانىغا باشلاپ، نىشان كۆرسەتكۈچى مۇھىم ئالامەتلەرنىڭ بىرى بىلىم ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇرىدۇ، شۇنداقلا ياشلارنىڭ جاپاغا چىداپ بىلىم ئىگىلەش ۋە ئۇنى ئىشلىتىشى  ئىنتايىن زۆرۈر ئىكەنلىكى تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ▲ >ئۇلا بولسا يول ئازماس، بىلىك بولسا سۆز يازماس< )بەلگە بولسا يولدىن ئازماس، بىلىم بولسا سۆزدىن قايماس() >دىۋان< Ⅰ توم، 113 ـ بەت.(دېگەن ماقالدا، چۆلـ جەزىرىدە يول كۆرسىتىدىغان بەلگە بولسا، يولدىن ئېزىپ قالمايدۇ، كىشىدە بىلىم بولسا سۆز ـ نۇتۇقتا يېڭىلىشمايدۇ، دېگەن مەزمۇن يورۇتۇلۇپ، كىشىلەردە ئىلىم ـ بىلىم، ئەقىل ـ پاراسەت بولغاندا، ھەرقانداق ئىشنى توغرا نىشان بىلەن ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا بولىدىغانلىقىنى مەنتىقىلىقى كۈچلۈك، مەزمۇنى چوڭقۇر،  ئىخچام تىل ئارقىلىق گەۋدىلەندۈرۈپ بەرگەن. ▲ >كىچىكىدە قاتىغلانسا ئۇل غازۇ سەۋنۇر< )كىچىكىدە قېتىقىنسا، چوڭ بولغاندا سۆيۈنەر( ) >دىۋان< Ⅱ توم، 390 ـ بەت.(دېگەن ماقالدا، ئادەم كىچىكىدىن باشلاپ ئائىلىسى ياكى مەكتەپلەردە ئەتراپلىق ياخشى تەربىيىلەنسە، مەۋجۇد ئىلىملەرنى، جۈملىدىن ئۆز ئەقىل ـ پاراسەت ۋە بىلىمىگە تايىنىپ، ئۆزى قىزىقىدىغان پەن ـ تېخنىكىغا ئائىت ھۈنەر ـ سەنئەتلەرنى جاپاغا چىداپ، تىرىشىپ ئۆگەنسە، چوڭ بولغاندا ياكى بىرەر ئەمەلىي خىزمەت ۋە كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغاندا، ھېچقانداق قىينالمايلا، شۇ تەرىقىدىكى پەن ـ تېخنىكىلىق ۋە ئىجتىمائىي خىزمەتلەرنىڭ ھۆددىسىدىن بىمالال چىقالايدۇ، ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيدۇ دېگەنگە بىشارەت قىلىنغان. ▲ >كۆزەگۈ ئۇزۇن بولسا ئەلىك كۆيمەس< )كۆسەي ئۇزۇن بولسا، قول كۆيمەس(. ) >دىۋان< Ⅰ توم، 584 ـ بەت. (بۇ ماقال گەرچە >ئىشقا يارايدىغان بالا ـ چاقىلىرى كۆپ ئادەم راھەتتە ياشايدۇ< )>تۈركىي تىللار دىۋانى< دىكى ئەدەبىي مىراسلار، 149 ـ بەت( دېگەن مەنىدە كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئەقىل ـ پاراسىتىڭ، بىلىم ـ ئىدرىكىڭ كۆپ بولسا، ھەرقانداق قىيىن ئىشنىمۇ پەم ـ پاراسەت بىلەن دەل جايىدا، توغرا قىلالايسەن، ياكى بالا ـ چاقىلىرىنى بىلىم ـ ئىدراكلىق قىلىپ تەربىيىلىگەن ئاتا ـ ئانىلار ئىززەت ـ ھۆرمەت ھەم كۆڭۈللۈك، راھەتتە ئۆتەلەيسەن دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇنىڭدا يەنە تەلىم ـ تەربىيە ۋاسىتىسى ئارقىلىق بىلىم  ئىگىلىگەندە ئەقىل پاراسەتتە بەلگىلىك سەۋىيىگە يەتكىلى بولىدىغانلىقى ۋاسىتىلىك ئىپادىلەنگەن. ▲ >ئەردەمسىزدىن قۇت چەرتىلۇر< )پەزىلەتسىز ئادەمدىن بەخت كېتىدۇ() >دىۋان< Ⅱ توم، 332 ـ بەت.(. بۇ ماقال، ياخشى ئەخلاقىي تەربىيە كۆرمىگەن پەزىلەتسىز نادان ئادەملەر بېشىغا بەخت قۇشى قونسىمۇ، بىلىمسىز، پەزىلەتسىزلىكى بىلەن ئۇنىڭدىن بەخت ـ سائادەت ھامان كېتىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ بېرىپ، كىشىلەرنى ئىنسانىي ئەخلاق  ـ پەزىلەتلىك ۋە بىلىملىك ئادەم بولۇشقا ئۈندىگەن. >پەزىلەتلىك< جۈملىسى ئىلىم ـ بىلىمدە كامالەتكە يەتكەنلىكنىڭ، ساپالىق بولۇپ يېتىلگەنلىكنىڭ مېغىزىدۇر. شۇڭا، بۇ ماقالدا پەلسەپىۋى پىكىرگە باي دىداكتېكا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. ▲ >ئەردەم باشى تىل< )ئەدەب ـ ئەردەمنىڭ بېشى تىل( ) >دىۋان< Ⅰ توم، 145 ـ بەت.(دېگەن ماقالدا، ئەدەب ـ ئەخلاقلىق كىشى چىرايلىق سۆزلەرنى قىلىدۇ، ئەدەبلىك، ئىلمىي سۆزلەيدىغان كىشى خەلق ئىچىدە ئابروي تاپىدۇ دېيىش ئارقىلىق كىشىلەرنى تىلنى تىزگىنلەش، ئىخچام، مەنىلىك سۆزلەشكە ئۈندىگەن. مەلۇمكى، تىل — ئىجتىمائىي ھادىسە. شۇنداقلا كەڭ مەنىدىكى مەدەنىيەت ئامىلىنىڭ مۇھىم بەلگىسى. ئۇ بىر مىللەتنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكى ۋە مىللىي پسىخىكىسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىلدۇر. م. قەشقەرىنىڭ >ئەدەب ـ ئەخلاقنىڭ بېشى تىل< دەپ كۆرسەتكىنىدە، ئىنساننى ھايۋاندىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرغۇچى مۇھىم بەلگىلەرنىڭ بىرى تىل ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىللە، پەزىلەتلىك جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ بىردىنبىر ئۆلچىمى ياخشى سۆز - ھەرىكىتى بىلەن ئۆلچىنىدۇ، دېگەن پىكىرنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇ ماھىيەتلىك مەزمۇن قاراخانىيلار مەدەنىيەت مائارىپىنى گۈللەندۈرۈش، ئىجتىمائىي ئەدەب ـ ئەخلاق نورمىلىرىنىڭ قېلىپلىشىشىدا بەلگىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپلا قالماي، بەلكى بۈگۈنكى مەنىۋى مەدەنىيلىك ئۈزلۈكسىز تەكىتلىنىۋاتقان كۈندىمۇ يەنىلا رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە. يۇقىرىدا مىسال كەلتۈرۈلگەن >دىۋان< دىكى ماقال ـ تەمسىللەر ئەينى دەۋر فولكلورىنىڭ ئېسىل نەمۇنىسى بولۇش بىلەن شۇ دەۋر يازما ئەدەبىيات تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن ھەم ئۇلاردا قاراخانىيلار دەۋرىنىڭ ئىلىم ـ پەن، مائارىپ، مەدەنىيەت، پسىخىكىلىق ئېڭى سىڭدۈرۈلگەن،  ئىلىم ـ ئىرپان، پەم ـ پاراسەت، ئەخلاق ـ پەزىلەت گەۋدىلەنگەن. م. قەشقەرى >دىۋان< غا ئەينى دەۋردىكى يازما ئەدەبىيات نەمۇنىلىرىگە ئائىت دىداكتىكىلىق مەزمۇندىكى ئەدەبىي پارچىلارنىمۇ كىرگۈزگەن بولۇپ، بۇلار ئەينى  دەۋردە ئىلغار دەپ تونۇلغان ئىجتىمائىي ئەخلاق نورمىلىرىنى تەڭشەش ۋە تەرتىپكە سېلىش، ئىلىم ـ پەن ئۆگىنىش، تەربىيە ئۇسۇللىرىنى تەشەببۇس قىلىشنى ئاساسىي  مەقسەت قىلىدۇ. ▲ >ئالغىل ئۆگۈت مەندىن  ئوغۇل ئەردەم تىلە، بويدا ئۇلۇغ بىلگە بولۇپ بىلىكىڭ ئۈلە<) >دىۋان< Ⅰ توم، 72 ـ بەت.(. بۇ پەندىنامىدە، ئەي ئوغلۇم، مەندىن ئۈگۈت ـ نەسىھەت ئال، پەزىلەت تىلە، ئەدەبلىك ۋە تەرتىپلىك بولۇشقا تىرىش تاكى ئەل ئىچىدە ئۇلۇغ ئالىم بولۇپ، ئەدەب ۋە ئىلىم ـ ھىكمەت تارات دېگەن مەزمۇن ئىپادىلەنگەن. بۇ بېيىتتا ئالىمنىڭ يۈكسەك دەرىجىدىكى مەرىپەت ئىدىيىسى ئىخچام  شېئىرىي تىل بىلەن گەۋدىلەندۈرۈلگەن ھەم ئىلىم بابىدا مۇقامىغا يەتكەن ئۇلۇغ ئالىم بولۇپ، كۆپلىگەن شاگىرتلارنى تەربىيىلەپ بىلىمىڭنى، ئابرۇيىڭنى تارقاتقىن، دېگەن مائارىپ قارىشى ئىپادىلىنىش بىلەن بىلىملىك كىشىلەر ھەممىنى پەرق قىلالايدۇ، ئىلىم ـ بىلىم، پەزىلەت بىلەن ئىنسان ھۆرمەت، ئېتىبارغا ۋە يۇقىرى نوپۇزغا ئىگە بولالايدۇ، دېگەن تەرەققىيپەرۋەرلىك قاراش ئالغا سۈرۈلگەن. ▲ >ئەردەم تىلە ئۆگرەنىپەن بولما كۈۋەز، ئەردەمسىز ئۆگۈنسە ئەڭمە گۈزە ئەڭەر<) >دىۋان< Ⅰ توم، 335 ـ بەت.(. بۇ بېيىتتا، پەزىلەت تىلە، ئىلىم ـ ھىكمەت ئىستە، ئۆگىنىش بىلەن مەغرۇرلانما، ئۆگىنىشتىن چېكىنمە، غادايما، بىرەر نەرسىنى ئۆگەنمەي تۇرۇپلا ئۆزىنى بىلىمدان كۆرسىتىپ ماختىنىدىغان پەزىلەتسىز كىشى مەغرۇرلانسا،  سىناقتا ھۇدۇقۇپ قالىدۇ، دېگەن مەزمۇن ئىپادىلەنگەن. بۇ پەندىنامىدىكى ھىكمەتلىك تەرەپ شۇكى، ئىلىملىك بولۇش - پەزىلەتلىك بولۇش دېمەكتۇر، پەزىلەتلىك ئادەم بىلىملىك ئادەملەرنى ھۆرمەتلەيدۇ ۋە ئۇلاردىن كەمتەرلىك بىلەن ئۆگىنىدۇ، بىلىملىك، پەزىلەتلىك بولۇش ئىنسانغا خاس خىسلەتتۇر، مەغرۇرلىنىش — پەزىلەتسىز ئادەملەرگە خاس بەت پېئىلدۇر، ئۇنداق ئادەملەر رېئال ھايات سىناقلىرىغا جاۋاب بېرەلمەي ھامان مات بولىدۇ دېگەن ھۆكۈم چىقىرىلىش بىلەن بىللە، جاپالىق ئۆگىنىش، بىلىم ئىگىلەش شەرەپلىك دېگەن ئىلغار ئىدىيە ئالغا سۈرۈلگەن. ▲ >بىلگە ئەرىگ ئەزگۇ تۇتۇپ سۆزىن ئەشت، ئەردەمىنى ئۆگرەنىپەن ئىشقا سورا<) >دىۋان< Ⅰ توم، 558 ـ بەت.(. بۇ مىسرالاردا ئالىمنى ھۆرمەتلەپ سۆزىنى ئاڭلا، پەزىلىتىنى ئۆگىنىپ ئىشقا ئاشۇر دېيىلگەن بولسىمۇ، مەنىسىنى سەل كېڭەيتسەك، ئالىم، دانىشمەن، ئاقىل كىشىلەرگە ياخشىلىق قىل، ئۇلارنىڭ ئەدەب ـ ئەخلاق، بىلىمىنى ئۆگەن، ئۆگەنگەنلىرىڭنى ئىش يۈزىدە كۆرسەت دېگەنلىك بولىدۇ. بۇ يەردە ئېچىپ بەرمەكچى بولغان ئىدىيىۋى مەزمۇن مەيلى ھۆكۈمدار، مەيلى پۇلدار بولسۇن، بىلىملىك كىشىلەرنى قەدىرلەش، ئۇلارنىڭ بىلىم بايلىقىدىن پايدىلىنىش، ئىلىم ـ ھېكمەتلىرىنى ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىپ، خەلققە بەخت ـ سائادەت ئاتا قىلىش دېگەن مەرىپەت ئىدىيىسى تەشەببۇس قىلىنغان. ▲ >ئوغلۇم ئۆگۈت ئالغىل بىلىمسىزلىك كەتەر، تالقان كىمىڭ بولسا ئاڭار بەكمەس قاتار<) >دىۋان< Ⅰ توم، 574 ـ بەت.(. بۇ شېئىرىي مىسرادا، ئىلىم ـ مەرىپەت ئىدىيىسى بار كىشى ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ ئىلىم ـ ھېكمەت، پەزىلەتلىرىنى قوبۇل قىلىپ، بىلىمسىزلىكـ نادانلىقنى چۆرۈپ تاشلايدۇ، ناۋادا ئىلىم بابىدا قېتىرقىنىپ ئۆگەنگەن كىشى ئاخىرى ئىلىمدىن شىرنە يىغىدىغانلىقى ئوبرازلىق تىل بىلەن ئىپادىلەنگەن بولۇپ، بىلىم ئۆگەنگۈچىلەرگە ئىلھام بېرىلگەن. ▲ >ئوغلۇم ساڭا قوزۇرمەن ئەردەم ئۆگۈت خۇمارۇ، بىلگە ئەرىگ بولۇپ سەن باققىل ئانىڭ تابارۇ<) >دىۋان< Ⅲ توم، 597 ـ بەت.(. بۇ پەندىنامىدە، ئوغلۇم، ساڭا ئەدەب ـ ئەخلاقنى مىراس قىلىپ قالدۇرىمەن؛ ئىلمىلىك، ئەقىللىق ئادەملەرنى تېپىپ، ئۇلارغا يېقىنلاش، ئۇلاردىن پايدىلان دېيىلگەن. بۇ ئۆز - ئۆزىدىن مەلۇمكى، بىلىملىكلەر بايلىق مەنبەسىنى ئېچىشنىڭ مۇھىم ئامىلى ئىكەنلىكى شېئىرىي تىل بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئۇلارنىڭ بىلىمى ۋە ئەخلاق ـ پەزىلىتىگە باھا بېرىلگەن. ئۇلارنى قەدىرلەپ ئىشلىتىش لازىملىقى چىن مەنىدىن ئىپادىلەنگەن. بىلىم ئارقىلىق ئەقىل - ئىدرەككە ئىگە بولۇپ، نادانلىقنى تەرك  ئېتىش، بىلىملىكلەرنى ئۇلۇغلاش، مەرىپەت ئارقىلىق مەۋجۇد ئىجتىمائىي قۇرۇلمىنى ئۆزگەرتىپ، پاراۋان ۋە بەختىيار غايىۋى جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى  قاراشلىرىدا ئىزچىللىققا ئىگە مەزمۇن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي پەلسەپىۋى، مەدەنىيەت، مائارىپ قاراشلىرىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىدۇر. يۇقىرىدا مىسال قىلىنغان يازما ئەدەبىيات نەمۇنىلىرى بۇ قارشىمىزنىڭ تىپىك نەمۇنىسىدۇر. >دىۋان< سەھىپىسىدە يەنە بىر قىسىم قەدىمكى شېئىر ـ قوشاقلار ئورۇن ئالغان بولۇپ، ئۇلاردا ئەخلاق ـ پەزىلەت تىلغا ئېلىنىپ، >ئادىل شاھ، بىلىملىك،  پەزىلەتلىك< بولۇشقا ئوخشاش غايىۋى مەزمۇنلار ئىپادىلەنگەن. مەسىلەن: 〖JZ〗>ئۆزلەك ئارىغ كەۋرەدى 〖JZ〗يۇنچىغ ياۋۇز تەۋرادى 〖JZ〗ئەردەم يەمە ساۋرادى 〖JZ〗ئاژۇن بەگى چەرتىلۇر<) >دىۋان< Ⅲ توم، 55 ـ بەت.(. بۇ قوشاقتا، زامان پۈتۈنلەي زەئىپلەشتى، بۇلۇڭ ـ پۇچقاقتا قالغان يامانلار كۈچەيدى، ياخشى خىسلەتلەر ئازىيىپ كەتتى. چۈنكى، دۇنيا ئەمىرى )خاقانى(، يەنى ئافراسىياپ ئۆلگەنلىكى ئۈچۈن شۇنداق بولدى، دەپ كۆرسىتىلگەن. مەلۇم نۇقتىدىن ئېيتقاندا، يۇقىرىدا مىسال قىلىنغان قوشاق ئادالەت ۋە پەزىلەتنىڭ سىمۋولى بولغان ئافراسىياپ )ئالىپ ئەرتۇڭا(قا بېغىشلانغان مەرسىيەنامە بولسىمۇ، ئۇنىڭدا پەزىلەت بىلەن پەزىلەتسىزلىك روشەن سېلىشتۇرما قىلىنىپ، پەزىلەتسىز يامان ئادەملەر باش كۆتۈرۈپ، ھاكىمىيەت بېشىغا چىقسا، مۇقەررەر ھالدا زامان زەئىپلىشىپ، ئەدەب ـ ئەخلاق، مەرىپەت، ھەققانىيەت ئاياق ئاستى بولىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. يەنە بىر نۇقتىدىن ئېيتقاندا، بۇنداق پارچىلار ئەينى زاماندىكى رېئال ئىجتىمائىي قاراڭغۇ تەرەپنى بەلگىلىك دەرىجىدە ئېچىپ كۆرسىتىپ، خەلقنىڭ ئەنە شۇنداق پەزىلەتسىز، نادان، بۇزۇق بەگلەرگە قارىتا ئۆزلىرىنىڭ كۈچلۈك غەزەپ ـ نەپرىتىنى ئىپادىلىگەن. بۇلار بىزگە زاماننىڭ گۈللىنىشى - ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەرنىڭ ئىدىيە، ئەخلاق ـ پەزىلەت، ئىلىم ـ بىلىم، ھەق ـ ئادالەت جەھەتتە كامالەتكە يەتكەن  غايىلىك، ئىنسانىي خىسلەتلەرگە باي قەھرىمانلارغا، جۈملىدىن مەنىۋى زەئىپلىكتىن خالىي بولغان، ئىلىمـ مەرىپەت، ئەخلاقىي ـ پەزىلەت ئىدىيىسىگە ئىگە پەزىلەتلىك جەمئىيەت كىشىلىرىگە باغلىق ئىكەنلىكىدەك ھەقىقەتنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئوتتۇرا ئەسىر ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى ھۆكۈمران دىنىي  ئىدىئولوگىيە بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان، ئىسلام ئەقىدىلىرىگە ئاساسلانغان پەلسەپە تەبىئەتنى تونۇشتا >ھېچ نەرسىنىڭ ماھىيىتىنى ئېچىش مۇمكىن ئەمەس، ئالەمنىڭ ماھىيىتىنى بىلىشكە ئىنتىلىش ئىنسانلىشىش ۋۇجۇدىغا يات< دەپ، جەمئىيەت ھادىسىلىرىنى >تەڭرى مەركەزچىلىك< نۇقتىئىينەزەرى بىلەن ئۇنىڭ ماھىيىتىنى ئېچىش مۇمكىن ئەمەس دەپ قاراۋاتقان شارائىتتا، مەھمۇد قەشقەرى باتۇرلۇق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۇ خىل نۇقتىئىينەزەرگە قارشى ئۆزىنىڭ ئىلىم ـ مەرىپەت ۋە مائارىپ قارىشى سىڭدۈرۈلگەن،  فولكلور ۋە يازما ئەدەبىيات نەمۇنىلىرى بىلەن جاۋاب بېرىپ، ئالەمنىڭ ماھىيىتى ۋە جەمئىيەت ھادىسىلىرىنى بىلىم ئارقىلىق بىلىش مۇمكىنلىكىنى ئىپادىلىگەن. بۇ ئالىمنىڭ ئىلغار مەرىپەت قارىشىدۇر. مەدەنىيەت ـ مائارىپ زاۋاللىق بىلەن نىجادلىق، چېكىنىش بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش، قاراڭغۇلۇق بىلەن يورۇقلۇق،  نادانلىق بىلەن مەرىپەت ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن كۈرەشلەر نەتىجىسىدە گۈللىنىدۇ ياكى ھالاك بولىدۇ. بۇ مۇقەررەر ھادىسە. ئارىستوتىل پېداگوگىكا توغرىسىدا: ئەقىلنىڭ تەرەققىياتى مەرىپەتنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى دەپ قارايدۇ) >چەت ئەل پەيلاسوپلىرى قىسقىچە لۇغىتى<، 1989 ـ يىل ئۇيغۇرچە نەشرى، 10 ـ بەت.(. ئۇنىڭ بۇ خىل مەرىپەت ئىدىيىسى مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىش دەۋرىدىكى مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن ئىنتايىن زور تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىغا ئالدىن بېرىلگەن بىشارەت ئىدى. مەھمۇد قەشقەرى ئىلىم ـ بىلىم ئىگىلەش، پەزىلەتلىك بولۇش - ئىنسانلارنىڭ ئەڭ زور مەنىۋى بايلىقى، ئۇ، ئىنسانلارنى يورۇقلۇققا، بەختـ سائادەتكە باشلايدۇ دېگەن مەرىپەت ئىدىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قاراخانىيلار جەمئىيىتىنىڭ ئىلىم ـ پەن، مائارىپ، مەدەنىيىتىنىڭ گۈللىنىشىگە زور ھەسسە قوشۇپ قالماي، ئوتتۇرا ئەسىر ئىلىم ـ پەن، ئەدەبىيات گۈللىنىشىگىمۇ زور ھەسسە قوشقان. مەلۇمكى، ئىلىم ـ پەن - ئىنسانلارنىڭ ئەڭ زور مەنىۋى بايلىقى. ئۇ يول تاپالماي گاڭگىراپ قالغان ھەرقانداق مىللەت ۋە كىشىلەرگە توغرا نىشان بەلگىلەپ بەرگۈچى كومپاس، زۇلمەت ۋە جاھالەتنىڭ قاراڭغۇ پەردىسىنى كېسىپ تاشلايدىغان ئۆتكۈر بىسلىق شەمشەر ۋە كەلگۈسى كېلەچەككە يېتەكلىگۈچى نۇرلۇق مەشئەلدۇر. بۇ خىل >ئىلىم ـ مەرىپەت< ئىدىيىسى يۇقىرىدا كۆرسەتكەندەك >دىۋان<دا نۇقتىلىق ئىپادىلەنگەن بولۇپ، قەدىمكى ئەمگەكسۆيەر، ئەقىلـ پاراسەتلىك ئەجدادلىرىمىز ئىنسانلارنىڭ گۈزەللىك قارىشى ۋە گۈزەللىك ۋەزنىنى پەقەت ئۇلارنىڭ بىلىملىك، پەزىلەتلىك بولغانلىقى بىلەن ئۆلچەپ، بىلىملىك كىشىلەرنىڭ جىسمى يوقالسىمۇ، نامى ئۆلمەيدىغانلىقىنى >ئەزگۇ ئەر سۆڭۈكى ئەرىر ئاتى قالىر< )ياخشى ئادەمنىڭ سۆڭكى چىرەر، نامى قالار( ) >داىۋان< Ⅲ توم، 502 ـ بەت.(دېگەندەك تەمسىللەر بىلەن چوڭقۇر ئېچىپ بەرگەن ھەم پەزىلەتلىك بولۇشنى، كەمتەرلىك بىلەن بىلىم ئۆگىنىشنى، بىلىملىك كىشىلەرنى ھۆرمەتلەپ، ئۇلارنىڭ ئىلىم ـ ھېكمەت بابىدىكى پەزىلىتىنى ئۈلگە قىلىشنى نەسىھەت قىلغان. مائارىپ، ئىلىم ـ پەن، مەدەنىيەت قانچىكى بالدۇر تەرەققىي قىلىدىكەن، شۇ ئەل، شۇ مىللەت شۇنچە بالدۇر تەرەققىي قىلىدۇ. كەلگۈسى ئىستىقبال ئۈچۈن پارلاق يول ئاچقىلى بولىدۇ. ئىلىم ـ پەننىڭ سىرى ۋە ئۇنىڭ مىسلىسىز قۇدرىتى تېخى ئىنسانلارغا تولۇق ئايان بولمىغان ئوتتۇرا ئەسىر فېئودال ھاكىممۇتلەقلىقى شارائىتىدا مۇنداق مەرىپەتپەرۋەرلىك ئىدىيىلىرىنىڭ ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد قەشقەرىنىڭ >دىۋان<ى ئارقىلىق ئىپادىلىنىشىمۇ، ئوتتۇرا ئەسىر ئىلىم ـ مەرىپىتىنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن زور تەسىر كۆرسەتكەن. >مەدەنىيەت — ئىنسانلار ئىجتىمائىي تارىخىي  ئەمەلىيەت جەريانىدا ياراتقان ماددىي ۋە مەنىۋى بايلىقلارنىڭ يىغىندىسى. مەدەنىيەت بىر خىل ئىجتىمائىي ھادىسە، ئۇ جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ مۇئەييەن تارىخىي  باسقۇچىدا، تېخنىكا تەرەققىياتى، ئىشلەپچىقىرىش تەجرىبىسى ۋە كىشىلەرنىڭ ئەمگەك ماھارىتى جەھەتلەردە، مائارىپ، ئىلىم ـ پەن، مەدەنىيەت، سەنئەت ۋە بۇلارغا مۇناسىپ مۇئەسسەسەلەر جەھەتتە يەتكەن سەۋىيىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ<) م. روزېنتال، پ. يۇدىن: >قىسقىچە پەلسەپە لۇغىتى<، 1984 ـ يىل ئۇيغۇرچە نەشرى، 1421 ـ بەت.(. قاراخانىيلار دەۋرى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدا سىياسىي، ئىقتىسادىي ، مەدەنىيەت جەھەتلەردە تېز تەرەققىي قىلغان. شۇ دەۋر تەلىپىگە لايىق مائارىپ، ئىلىم ـ پەن جەھەتلەردىمۇ تېز تەرەققىي قىلىپ راۋاجلانغان. ئاھالە ساپاسى تېز كۆتۈرۈلۈپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەدەنىيەتلىك ھېسابلانغان مىللەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغانىدى. >دىۋان< يېزىلغان دەۋر قاراخانىيلارنىڭ گۈللەنگەن >ئالتۇن دەۋرى< ئىدى. ئالىم مەھمۇد قەشقەرى ئەنە شۇنداق >ئىسلام مائارىپى< تەرەققىي قىلغان مەرىپەتلىك مۇھىت ئىچىدە ياشىدى ۋە ئىلمىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللاندى. ئالىمنىڭ ياراتقان ئالەمشۇمۇل تۆھپىسى - بىزگە قالدۇرغان >ئەبەدىي يادىكارلىقى< - >دىۋان< Ⅹ - Ⅺ ئەسىردىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ شۇ دەۋر ئىلىم ـ پەن، مائارىپ، پەن ـ تېخنىكا، سەنئىتىنى ۋە تەبىئەت، جەمئىيەت ئىلىملىرىنى تەتقىق قىلىشتا بىرىنچى قول ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ. بىز بەلكى بۈگۈنكى پەن ـ تېخنىكا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىپ، بىلىم ئىگىلىكى، يېڭىلىق يارىتىش ماھىيەتلىك ئورۇنغا ئۆتكەن، مائارىپ يەنىلا پەن ـ ت ېخنىكا، ئىلىم ـ بىلىم، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى ۋە كىشىلەرنىڭ ھەر تەرەپتىكى ساپاسىنىڭ ھەم ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ تېز يېتىشىپ چىقىشىدا ئۇللۇق ئورۇندا تۇرۇۋاتقان، بىلىم ئىگىلىكى رىقابىتى كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان دەۋردە >دىۋان< سەھىپىسىدە ئىپادىلەنگەن >ئىلىم ـ مەرىپەت، پەزىلەت< قاراشلىرىغا يەنىمۇ ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇلۇغ ئالىمىمىز مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ئىلىم ـ پەن، مائارىپ جەھەتتىكى تەۋرەنمەس روھىنى قەتئىي ئۆگىنىپ، بىلىم ئىگىلىكى، يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆزىمىزنى بېغىشلىشىمىز، مىللەتنىڭ مەدەنىيەت مائارىپىنى گۈللەندۈرۈش، كەلگۈسى ئەۋلادلار ئۈچۈن تۈگىمەسـ پۈتمەس بايلىق يارىتىش ئۈچۈن تىرىشىشىمىز كېرەك. پايدىلانغان مەنبەلەر 1. >تۈركىي تىللار دىۋانى< Ⅰ، Ⅱ، Ⅲ توملىرى. 2. ئا. مۇھەممەد ئىمىن: >ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى<، 1997 ـ يىل، ئۇيغۇرچە نەشرى. 3. ئابدۇللا تالىپ: >ئۇيغۇر مائارىپىدىن ئوچېرىكلار< )Ⅰ(، 1987 ـ يىل، ئۇيغۇرچە نەشرى. 4. ئا. راخمان: >ئەدەبىياتقا دائىر مۇلاھىزىلەر<، 1984 ـ يىل، ئۇيغۇرچە نەشرى. 5. >ئۇلۇغ ئىلمىي ئابىدە >قۇتادغۇ بىلىك<<، 1999 ـ يىل، ئۇيغۇرچە نەشرى. 6. >مەھمۇد قەشقەرى<، 1985 ـ يىل، ئۇيغۇرچە نەشرى. 7. >>تۈركىي تىللار دىۋانى<دىكى ئەدەبىي مىسرالار<، 1998 ـ يىل، ئۇيغۇرچە. 8. م. روزېنتال، پ. يۇدىن: >قىسقىچە پەلسەپە لۇغىتى< )Ⅱ( 1984 ـ يىل، ئۇيغۇرچە نەشرى. 9. شېرىپىدىن ئۆمەر: >ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخىدىن ئوچېركلار<، 1981- يىل، ئۇيغۇرچە نەشرى. 10. >ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتى< 1992 ـ يىل 2 ـ سان، ئۇيغۇرچە. 11. >شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى<، 1983 ـ يىل 3 ـ سان، 1985 ـ يىل 3- سان.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  گومىنداڭنىڭ تۇرپان...
●  <تۈركىي تىللار دىۋا...
●  ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىن...
●  تۈركىي تىللار دىۋا...
●  دىۋانۇ لۇغاتىت تۈر...
●  <تۈركىي تىللار دىۋا...
●  قارلۇق توغرىسىدا 
●  <تۈركىي تىللار دىۋا...
●  <تۈركىي تىللار دىۋا...
●  <دىۋانۇ لۇغاتىت تۈر...
●  قارلۇق توغرىسىدا ( ...
●  ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىق...
●  ھەربىر مىللەت ئۆز ئ...
●  كروران ئەۋلادلىرى ...
●  تەكلىماكاندىكى قەد...
●  كروران ئەۋلادلىرى ...
●  ئاستانە - ئالغۇي ت...
●  تەڭرى تاغ مەدەنىيى...
●  تارىم مەدەنىيىتى
●  قەدىمقى ئاتالغۇلار...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  گومىنداڭنىڭ تۇرپاندىكى ...
●  <تۈركىي تىللار دىۋانى>دى...
●  ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زا...
●  تۈركىي تىللار دىۋانى< دى...
●  دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك< نىڭ...
●  <تۈركىي تىللار دىۋانى> د...
●  قارلۇق توغرىسىدا 
●  <تۈركىي تىللار دىۋانى> د...
●  <تۈركىي تىللار دىۋانى> د...
●  <دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك> نى...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى