بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : مەدەنىيىتىمىز >> تارىخمىز >> تۈركىي تىللار دىۋانى< دىكى >جنك<ئاتالغۇسى قەدىمكى چالغۇ >چەڭ< نى كۆرسىتىدۇ

تۈركىي تىللار دىۋانى< دىكى >جنك<ئاتالغۇسى قەدىمكى چالغۇ >چەڭ< نى كۆرسىتىدۇ

يوللانغان ۋاقتى : 2008-09-25 10:28:06    كۆرۈلۈش سانى : 261  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
ئىسراپىل يۈسۈپ ئەسىردە ئۆتكەن ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد كاشغەرى  ئۆزىنىڭ قامۇس خاراكتېرلىك ئەسىرى >تۈركىي تىللار دىۋانى< )تۆۋەندە >دىۋان< دەپ قىسقارتىپ ئاتالدى( دا >جنك< ئاتالغۇسىنى >الىۋالىدۇ<. قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى >ئىككى تېكىننىڭ ھېكايىسى< دە >قۇڭقائۇ< ۋە >قۇبۇز< )~ قۇپۇز( دېگەن ئاتالغۇ بار[{28}]. تۇرپان بېزەكلىك مىڭئۆيدىكى 48 ـ غار، كۇچا قۇمتۇرا مىڭئۆيدىكى 68 ـ غار قاتارلىق ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى  دەۋرىگە تەۋە غارلاردا چەڭنىڭ رەسىمى بار. ئۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدىن تېپىلغان چەڭ ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار ماتېرىياللارنىمۇ ئەجدادلىرىمىز قالدۇرغان. گېرمانىيىلىك مەشھۇر ئالىم ئا. فون گابائىن ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىنىڭ مۇزىكا مەدەنىيىتى ھەققىدە توختالغاندا مۇنداق دەيدۇ: >خەن دەۋرىدە جۇڭگوغا تارقالغان Harfe )~ خارفې، چەڭنى دېمەكچى -ئا.(]قەدىمكى ئۇيغۇرچىدە >قۇڭقائۇ< دېيىلىدۇ[ بۇ يەردىكى خەلقلەرنىڭ دىققىتىگە ۋە ياخشى كۆرۈشىگە سازاۋەر بولغان<[{29}]. يۇقىرىدا بىز >دىۋان< دىكى >جنك< نىڭ تارىلىق چالغۇ چەڭنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى شەرھىلەپ ئۆتتۇق. ئەمدى تۆۋەندىكىدەك خۇلاسە چىقارساق بولار: چەڭ ئۇيغۇرلار تارىختا ياخشى كۆرۈپ ئىشلەتكەن ۋە بەربەتتەك ئومۇملاشقان چالغۇلاردىن بىرى. ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى بۇ چالغۇنى خەنزۇچە ئاتىلىشىنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بويىچە >قۇڭقائۇ< ياكى >قۇڭقىۇ< دەپ )يەنە تۈركىي خەلقلەرنىڭ قەدىمكى تارىلىق چالغۇسى قۇبۇز نامى بىلەنمۇ( ئاتىغان. كۆكئارت ئۇيغۇرلىرى بولسا، بۇ چالغۇنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا كىرگەن پارسچە ئۆز نامى >چەڭ< نى قوللانغان.  〖HJ30x〗  ئىزاھلار: 〖FT5NDA〗① مەھمۇد قەشقەرى: >تۈركىي تىللار دىۋانى< فاكسىمىلى )>Divanü Lugat - it - Türk< Tipkibasimi(، ئەنقەرە، 1941 ـ يىل، 600 ـ بەت، تۆۋەندىن يۇقىرىغا سانىغاندا 6 ـ قۇرغا قارالسۇن. ② >پارسچە ـ خەنزۇچە لۇغەت<، سودا نەشرىياتى، 1981 ـ يىل، 1534 ـ بەتتىكى > ىنج< بىلەن 1583 ـ بەتتىكى >Ⅲ سنج< كە قارالسۇن. 〖FT5NBA〗③ >ئۇيغۇرچە ـ خەنزۇچە لۇغەت<، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1989 ـ يىل، 1270 ـ ۋە 114 ـ بەتلەرگە قارالسۇن. ④ >دىۋانۇلۇغاتىت تۈرك<، )تۈركچە( تەرجىمىسى )>Divanü Lugat - it - Türk< Tercümesi(، 3- توم، ئەنقەرە، 1939 - 1941 ـ يىللار، 3 ـ توم، 357 ـ بەتكە قارالسۇن. مۆمىن ئابدۇللا تۈزگەن >تۈركچە ـ ئۇيغۇرچە لۇغەت<، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1989 ـ يىل، 1045 ـ ۋە 316 ـ بەتلەرگە قارالسۇن. ⑤ مەھمۇد قەشقەرى: >تۈركىي سۆزلەر دىۋانى< )تەرجىمە قىلغۇچى: سالىھ مۇتەللىپوف(، 3 توم، تاشكەنت، 1960 -- 1963 ـ يىللار، 3 ـ توم 368 ـ بەتكە قارالسۇن. ⑥ مەھمۇد قەشقەى: >تۈركىي تىللار دىۋانى< 3 توم، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1980 -- 9841 ـ يىللار، 3 ـ توم، 487 ـ بەتكە قارالسۇن. ⑦ مەھمۇد ئەلكاشغەرى: >قەدىمكى تۈرك تىلى دىئالېكىتلىرى< 〖FT5,6NAA〗 (〈Diwan Luγat at Turk〉 《Compendium of the Turkic Dialects》 kasgari    Mahmud - al) 〖FT5NBA〗 نەشرگە تەييارلىغۇچى ۋە تەرجىمە قىلغۇچى، ئىندېكېسىنى ئىشلىگۈچىلەر: روبېرت دانكوف بىلەن جامېس كېللى، 3 توم، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 1984 ـ يىل، 2 ـ توم 331 ـ بەتكە قارالسۇن. ⑧ >قەدىمكى تۈرك تىلى لۇغىتى< )رۇسچە(، لېنىنگراد، 1969 ـ يىل، 139 ـ بەتكە قارالسۇن. 镲 ئىزاھ ③ تىكى لۇغەتنىڭ 171 ـ بېتىدە چۈشەندۈرۈلگەن. ⑨ 〖FT5NAA〗مەزكۇر لۇغەت (《An Etymological DictiomaryofPre-Thirteenth-Century Turkish》) 〖FT5NBA〗نىڭ 424 ـ بېتىگە قارالسۇن. Cymbals, lute, harp قاتارلىق ئىنگلىزچە سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى >يېڭى ئىنگلىزچە ـ خەنزۇچە لۇغەت<  )شاڭخەي تەرجىمە ئەسەرلەر نەشرىياتى، 1978 ـ يىل( نىڭ 527 ـ، 764 ـ ۋە 291 ـ بەتلىرىدىن كۆرۈۋېلىڭ. بۇ يەردە بۇنداق ئەسكەرتىش بېرىپ قويۇش زۆرۈر تېپىلدى: harp نى ئىنگلىزچە ـ خەنزۇچە لۇغەتلەر 竖琴 )ئۇيغۇرچىدا رۇسچىدىن كىرگىنى بويىچە ئارفا دېيىلىدۇ( دەپ كۆرسىتىدۇ. بىراق ئەمەلىي ئىستېمالدا ئۇ 竖箜篌)چەڭ( نىمۇ كۆرسىتىدۇ. ئارفا چەڭنىڭ راۋاجى بولۇپ، ھازىرقى زامان  ئوركىستېرىدا خېلى كەڭ قوللىنىلىۋاتىدۇ. چەڭ بولسا، ئارفىنىڭ ئاساسى  ياكى قەدىمكى زاماندىكى شەكلى ھېسابلىنىدۇ. بۇ چالغۇنىڭ قەدىمكىسى بىلەن ھازىرقىسىنى پەرقلەندۈرۈپ، >چەڭ<، >ئارفا< دەپ ئىشلەتكىنىمىز مۇۋاپىق. [{10}] خەنزۇچىدە يەنە 卧箜篌  دېگەن تارىلىق چالغۇ تىلغا ئېلىنىدۇ. مەن >قەدىمىي چالغۇ ـ كۇڭخۇ< )>شىنجاڭ سەنئىتى< 1997 ـ يىل 4 ـ سان، 3 --- 18 ـ بەتلەر( دېگەن ماقالەمدە، >ياتما كۇڭخۇ< دەپ ئاتىغان ئىدىم. >جۇڭگو ئېنسىكلوپېدىيىسى< نىڭ >مۇزىكا ـ ئۇسسۇل< تومى )جۇڭگو ئېنسىكلوپېدىيە نەشرىياتى، بېيجىڭ ـ شاڭخەي، 1989 ـ يىل( دا زىكرى قىلىنىشىچە، بەزىلەر دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ياتما كۇڭخۇ بىلەن 琴 )چىن(، 瑟 )سې(، 争 )جېڭ( 筑 )جۇ( قاتارلىق تارىلىق چالغۇلار بىر خىل چالغۇلاردىن بولۇپ، ياتما كۇڭخۇنىڭ شەكلى 瑟 نىڭكىگە  ئوخشاش، بىراق كىچىك دەپ قارايدىكەن. ياتما كۇڭخۇ سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە يوقالغان بولۇپ، كېيىنكى دەۋرلەردىكى خەنزۇچە مەنبەلەردىكى 箜篌 سۆزى چەڭنى كۆرسىتىدۇ. يېقىنقى يىللاردا، ئۇيغۇر تىلىدا چەڭ ئۇقۇمىنى بىلدۈرىدىغان >غوڭقا< دېگەن سۆز پەيدا بولۇپ قالدى. بۇ ھەقتە، ئىزاھ ③ تىكى لۇغەتنىڭ 1039 ـ بېتىدىكى 箜篌 ئاتالغۇسى بىلەن >ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى< 3 )مىللەتلەر نەشرىياتى، 1992 ـ يىل( نىڭ 900 ـ بېتىدىكى >غوڭقا< ئاتالغۇسىغا قارالسۇن. بىرىنچىدىن، قەدىمكى تۈركچە ياكى قەدىمكى ئۇيغۇرچە ۋە چاغاتايچە يازمىلاردا بىزگە >غوڭقا< دېگەن سۆز ئۇچرىغىنى يوق. ئىككىنچىدىن، >غوڭقا< دېگەن سۆز 箜篌 نىڭ قەدىمكى ئۇيغۇرچە ئاھاڭ تەرجىمىسى بولغان قۇڭقائۇ )ياكى قۇڭقىۇ(  نىڭ ئۆزگىرىشىدىن شەكىللەنگەن دەيدىغانغا ماتېرىيال ئاساسىمىز يوق. شۇڭا، ئاساسسىزلا پەيدا بولۇپ قالغان >غوڭقا< نىڭ لۇغەتلىرىمىزدىكى ئورنىنى >چەڭ< نىڭ ئىگىلىگىنى مۇۋاپىق. [{11}] ئۇر — سۇمېرلار مىسسۇپوتامىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا قۇرغان قەدىمكى شەھەر دۆلىتى بولۇپ، مىلادىدىن بۇرۇنقى 5000 ـ يىلى سۇمېرلار ئۇردا )باغدادنىڭ تەخمىنەن 300 كىلومېتىر غەربىي جەنۇبىدىكى مۇقەييەر دېگەن جايدا( ئولتۇراقلاشقان، مىلادىدىن بۇرۇنقى 4000 ـ يىلى شەھەرلەر شەكىللىنىشكە باشلىغان، مىلادىدىن بۇرۇنقى 3000 ـ يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە، ئۇر تەرەققىي قىلىپ، قۇللۇق تۈزۈمدىكى قۇدرەتلىك شەھەر دۆلىتىگە ئايلانغان. ئۇر بىرىنچى، ئىككىنچى سۇلالىلىرى سۇمېرلارنىڭ دەسلەپكى سۇلالىلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ دەۋرى قەدىمكى سۇمېر دەۋرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سۇمېرلارنىڭ دەسلەپكى سۇلالىلىرى تەخمىنەن مىلادىدىن بۇرۇنقى 2900 ـ يىلى بارلىققا كەلگەن. تەخمىنەن مىلادىدىن بۇرۇنقى 2371 ـ يىلى ئاككادلار سۇمېرلارنى يېڭىپ ئاككاد خانلىقىنى قۇرغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى 2113 ـ يىلى سۇمېرلار ئاككاد خانلىقىنى يوقىتىپ، ئۇر ئۈچىنچى سۇلالىسىنى قۇرغان. بۇ سۇلالە مىلادىدىن بۇرۇنقى 2006 ـ يىلى يوقالغان. [{12}] >جۇڭگو ئېنسىكلوپېدىيىسى< نىڭ >ئارخېئولوگىيە< تومى )جۇڭگو ئېنسىكلوپېدىيە نەشرىياتى، بېيجىڭ ـ شاڭخەي، 1986 ـ يىل( نىڭ 424 ـ بېتىگە قارالسۇن. [{13}] ئاسسۇرىيە: مىلادىدىن 3000 يىل بۇرۇنقى زامانلارنىڭ ئاخىرىدا، ساملارنىڭ بىر تارمىقى تېگرىس دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنى ئەتراپىدا ئاسسۇر شەھىرىنى قۇرغان بولۇپ، ئۇ قەدىمكى دەۋردىكى قۇللۇق تۈزۈمدىكى دۆلەت ئاسسۇرىيىنىڭ مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. مىلادىدىن 2000 يىل بۇرۇنقى زامانلارنىڭ باشلىرىدا، كىچىك ئاسىيا رايونىنىڭ مۇستەملىكە قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، قۇللۇق تۈزۈمدىكى دۆلەت شەكىللىنىدۇ. مىلادىدىن بۇرۇنقى  ⅩⅤ — ⅩⅤⅠ ئەسىرلەردە ئاسسۇرىيە مىتاننى دۆلىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا بولىدۇ، كېيىن مۇستەقىل بولۇپ، مىسسۇپوتامىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى قۇدرەتلىك دۆلەتكە ئايلىنىدۇ. مىلادىدىن بۇرۇنقى Ⅹ ئەسىرنىڭ ئاخىرىلىرىدىن باشلاپ، تەدرىجىي ھالدا جەنۇبقا كېڭىيىدۇ، مىلادىدىن بۇرۇنقى Ⅷ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، زېمىنى شەرقتە ئىران ئېگىزلىكىدىن غەربتە ئوتتۇرا يەر دېڭىزى بويلىرىغىچە بولغان چوڭ ئىمپېرىيىگە ئايلىنىدۇ. مىلادىدىن بۇرۇنقى Ⅶ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، بىر مەزگىل مىسىرنى بېسىۋالىدۇ. مىلادىدىن بۇرۇنقى 605 ـ يىلى يوقىلىدۇ. ئاسسۇرىيە مەدەنىيىتى سۇمېر، بابىلۇن مەدەنىيەتلىرىنىڭ چوڭقۇر تەسىرىگە ئۇچرىغان مەدەنىيەتتۇر.  [{14}] جۇجىڭباۋ: >يىپەك يولىنىڭ مۇزىكا مەدەنىيىتى<، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1987 ـ يىل، 26 ـ بەتكە قارالسۇن. [{15}] بو لاۋېرگرېن ياپونىيىدە ئىنگلىزچە نەشىر قىلىنغان >يىپەك يولى سەنئىتى ۋە ئارخېئولوگىيىسى<،〖FT5,6NAA〗 4،6/1995 )6/1995،4 >Silk Road Art And Archaeology<(〖FT5NDA〗 تە ئېلان قىلغان ماقالىسى >چەڭنىڭ مىلادىنىڭ بىرىنچى مىڭىنچى يىللىرىدا يېقىن ۋە يىراق شەرق ئوتتۇرىسىدا تارقىلىشى< 〖FT5,6NAA〗)>The Spread Harps between the near and Far East during the First ennium Mill A.D<〖FT5NBA〗 غا قارالسۇن. 233 --- 275 ـ بەتلەر. [{16}] شىنجاڭ مۇزىيى قاتارلىقلار: >شىنجاڭ چەرچەن ناھىيىسى زاغۇنلۇقتىكى 1 ـ نومۇرلۇق قەبرىستانلىق< )>شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى< خەنزۇچە، 1998 ـ يىل 4 ـ سان(؛ >جۇڭگو مۇزىكا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى چوڭ سىستېمىسى، شىنجاڭ تومى< )داشياڭ  نەشرىياتى، 1996 ـ يىل، 13 ـ بەت(؛ ئىسراپىل يۈسۈپ: >قەدىمىي چالغۇ — كۇڭخۇ<، )>شىنجاڭ سەنئىتى<، 1997 ـ يىل 4 ـ سان( قاتارلىقلارغا قارالسۇن. [{17}] جۇجىڭباۋ: >شىنجاڭنىڭ تاش غار تام رەسىملىرىدىكى چالغۇلار ئۈستىدە ئىزدىنىش<، )<شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى< خەنزۇچە، 1988 ـ يىل 1 ـ سان 13 ـ بەت( كە قارالسۇن. [{18}] بەدىئوززەمان قەرىب )B . GHARIB(: >سوغدى تىلى لۇغىتى<،  ) سوغدىچە ـ پارسچە ـ ئىنگلىزچە؛ >Sogdian Dictionary<(، تېھران، 1995 ـ يىل، 127 ـ بەت. [{19}] ئىزاھ [{15}] تىكى ماقالىگە ياكى ئىزاھ [{16}] نىڭ ئاخىرىدىكى ماقالىگە قارالسۇن. [{20}] ئىزاھ ⑥ دىكى لۇغەتنىڭ 1 ـ تومىنىڭ 3 ـ بېتىگە ياكى ۋېي لياڭتاۋنىڭ >قاراخانىيلار سۇلالىسى تارىخى< )شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1986 ـ يىل، 66 ـ بەت( غا قارالسۇن. [{21}] ئىزاھ ⑥ دىكى لۇغەتنىڭ 3 ـ تومىنىڭ 548 ـ، 490 ـ، 492 ـ بەتلىرىگە قارالسۇن. [{22}] ناۋائىنىڭ >سەبئەئى سەييار< ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق مىسرالار بار: 〖ZK(6〗لەھنى چەڭگى رەباب ئىدى ھەريان، سەيد ئەتىدىن كەباب ئىدى بىر يان. )ھەر ياندا چەڭ، راۋاب سايرايتتى، بىر ياندا ئوۋ گۆشىدىن كاۋاپ قىلىناتتى(.〖ZK)〗 پ.شەمسيېف، س. ئىبراھىموف تۈزگەن >نەۋائى تىلى لۇغىتى<، )تاشكەنت، 1973 ـ يىل( نىڭ 673 ـ بېتىگە قارالسۇن. [{23}] ئىزاھ ⑥ دىكى لۇغەتنىڭ 3 ـ تومىنىڭ 528 ـ بېتىگە قارالسۇن. [{24}] ئىزاھ ⑧ دىكى لۇغەتنىڭ 150 ـ بېتىگە قارالسۇن. [{25}] >ئىدىقۇت مەھكىمىسى سۆزلۈكى< )مىللەتلەر نەشرىياتى، 1984 ـ يىل( نىڭ 46 ـ بېتىگە قارالسۇن. [{26}] ئىزاھ [{18}] دىكى لۇغەتنىڭ 422 ـ بېتىگە قارالسۇن. [{27}] ئىزاھ ② دىكى لۇغەتنىڭ كۆرسىتىلگەن بەتلىرىگە قارالسۇن. [{28}] >قەدىمكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىدىن تاللانما< )شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 8319 ـ يىل( نىڭ 195 ـ، 211 ـ بەتلىرىگە قارالسۇن. بۇ يەردە بىر مەسىلىنى تەكىتلەپ قويۇشنى مۇۋاپىق تاپتىم. گۇەن يېۋېي ئەپەندى >چالغۇ ئەسۋابى قۇبۇز ھەققىدە قىسقىچە ئىزدىنىش< )>يىپەك يولى مۇزىكائۇسسۇل سەنئىتى<، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1992 ـ يىل، 117 ـ بەت( دېگەن ماقالىسىدە: >خەنزۇچە تەرجىمە بۇددا نومىدا  琴  دېگەن خەت ئىككى ئورۇندا ئۇچرايدۇ، قەدىمكى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچى ئۇنىڭ بىرىنچىسىنى >قۇڭقائۇ<، ئىككىنچىسىنى >قۇبۇز< دەپ تەرجىمە قىلغان. تەرجىماننىڭ >قۇڭقائۇ< دەپ ئاھاڭ تەرجىمە قىلغىنى توغرا بولمىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە >قۇبۇز< دەپمۇ تەرجىمە قىلغاچقا، قوش زىددىيەت كېلىپ چىققان. قەدىمكى ئۇيغۇرچە نۇسخىدىكى تەرجىمە خاتالىقى، كېيىنكىلەرنىڭ كۆپ تەرەپلىمە پەرەزلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان< )گۇەن يېۋېينىڭ ماقالىسىدىكى بىر ئابزاس سۆز بۇ يەردە قىسقارتىپ نەقىل قىلىندى(. دەرۋەقە، تەرجىماننىڭ  琴 نى >قۇڭقائۇ< ياكى >قۇبۇز<  دەپ تەرجىمە قىلغىنى توغرا بولمىغان.  بىراق شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇكى، تەرجىماننىڭ ئۆزىگە تونۇشلۇق بولغان >قۇڭقائۇ< )چەڭ( بىلەن >قۇبۇز< ئاتالغۇلىرىنى ئىشلەتكەنلىكى، چەڭنىڭ ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاپ قالىدىغان تەرەپلىرى بولغان قۇبۇزنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇرلار ئىشلىتىۋاتقان چالغۇلاردىن ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئىزاھ  ⑥ دىكى لۇغەتنىڭ 1 ـ توم 473 ـ بېتىدە، قۇبۇز >ئۇد )باربىت( قا ئوخشايدىغان تارىلىق چالغۇ ئەسۋابى< دەپ چۈشەندۈرۈلگەن. گېزى كەلگەندە بىر مەسىلە ئۈستىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتەي. >ئۇد< بىلەن >باربىت< نىڭ گەرچە ئوخشاپ قالىدىغان جايلىرى بولسىمۇ، ئۇلار ئايرىم ـ ئايرىم ئىككى خىل چالغۇ بولغاچقا، >ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى< دە ئايرىپ تونۇشتۇرۇلغان. ئۇيغۇرلار قەدىمدە ئىشلەتكەن، كېيىن تاشلىنىپ قالغان، خەنزۇچە ئىزچىل 琵琶 دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان تارىلىق چالغۇ، ئۇيغۇرچە مەتبۇئاتلاردا >باربىت<، >بەرباب<، >چارتار< )تۆت تار(، >پىپا< دېگەندەك ناملاردا ئاتىلىپ كېلىۋاتىدۇ. چاغاتاي تىلىدىكى قوليازمىلىرىمىزغا ئاساسلانغاندا، ئۇنىڭ توغرا ئاتىلىشى >بەربەت< بولىدۇ. ئىزاھ [{25}] دىكى >سۆزلۈك< نىڭ 46 ـ بېتىدە ئۇ >قۇبۇز< دېيىلگەن. ماتېرىيال ئاساسىمىز تۇرۇپ، 琵琶 نى تىلىمىزدا خاتا ئاتاپ يۈرمەيلى. [{29}] ئا. فون گابائىن: >قوچو ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تۇرمۇشى< )خەنزۇچىگە تەرجىمە قىلغۇچى: زۇرۇشەن، تۇرپان شەھەرلىك يەرلىك تەزكىرە تۈزۈش ئىشخانىسى نەشىر قىلغان، 1989 ـ يىل( نىڭ 108 - 109 ـ بەتلىرىگە قارالسۇن.          مەسئۇل مۇھەررىرى: ئابدۇشۈكۈر تۇردى


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  گومىنداڭنىڭ تۇرپان...
●  <تۈركىي تىللار دىۋا...
●  ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىن...
●  تۈركىي تىللار دىۋا...
●  دىۋانۇ لۇغاتىت تۈر...
●  <تۈركىي تىللار دىۋا...
●  قارلۇق توغرىسىدا 
●  <تۈركىي تىللار دىۋا...
●  <تۈركىي تىللار دىۋا...
●  <دىۋانۇ لۇغاتىت تۈر...
●  قارلۇق توغرىسىدا ( ...
●  ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىق...
●  ھەربىر مىللەت ئۆز ئ...
●  كروران ئەۋلادلىرى ...
●  تەكلىماكاندىكى قەد...
●  كروران ئەۋلادلىرى ...
●  ئاستانە - ئالغۇي ت...
●  تەڭرى تاغ مەدەنىيى...
●  تارىم مەدەنىيىتى
●  قەدىمقى ئاتالغۇلار...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  گومىنداڭنىڭ تۇرپاندىكى ...
●  <تۈركىي تىللار دىۋانى>دى...
●  ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زا...
●  تۈركىي تىللار دىۋانى< دى...
●  دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك< نىڭ...
●  <تۈركىي تىللار دىۋانى> د...
●  قارلۇق توغرىسىدا 
●  <تۈركىي تىللار دىۋانى> د...
●  <تۈركىي تىللار دىۋانى> د...
●  <دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك> نى...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى