بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : مەدەنىيىتىمىز >> تارىخمىز >> قارلۇق توغرىسىدا 

قارلۇق توغرىسىدا 

يوللانغان ۋاقتى : 2008-09-11 11:22:06    كۆرۈلۈش سانى : 254  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
 ئىمىن تۇرسۇن  تۈركىي تىللار تەسنىپاتىدا، تۈركولوگلار ئادەتتە، ئالتاي تىللىرى سىستېمىسىنى ئۈچ  چوڭ ئائىلىگە )يەنى، تۈرك، موڭغۇل، شەرقىي غۇز/تۇنغۇز ئائىلىلىرىگە( بۆلىدۇ. ئاندىن، >تۈركىي تىللار< ئائىلىسىنى يەنە بىر قانچە گۇرۇپپىغا )شاخلارغا( ئايرىيدۇ. دەرۋەقە، بۇنداق تەسنىپ قىلىشتا، فونېتىكىلىق خۇسۇسىيەتلەر، جۈملىدىن >زش< )s-z(//>رل< ) l-r (، >تس< )S - t(، >ئۆ/م< )m/o (، >د/مي< )y-m/d( ياكى >ز/سي< )y-s/z(، >د/ر< )r/d(، >د/م< )m/d(، >ي< )y( تاۋۇشلىرىنىڭ يەڭگۈشلىنىش خۇسۇسىيەتلىرى كۆزدە تۇتۇلغان. تۈركىي، موڭغۇل، تۇنغۇز ـ مانجۇ تىللىرى بويىچە تارىخىي ۋە ئىلمىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بەزى ئالىملار )جۈملىدىن، م.ئا.كاسترېن، ۋ.ۋ.بارتولد، پ.م.مېلىئورانسكىي، س.ي.مالۇف، ب.يا. ۋلادىمىرتسوف، گ.رامستېد، ۋ.كوتۋىچ، ك.گريانبېك، ئا.جەفەرئوغلۇ ۋە باشقىلار( نىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىنى تەھلىل قىلغان ن.ئا.باسكاكوف >تۈركىي تىللار< دېگەن كىتابىدا >ئالتاي تىللىرى< نى مۇنداق تەسنىپ قىلغان: ئاۋۋال ئىككى قولغا — >تۈرك ـ موڭغۇل< ۋە >تۇنغۇز - مانجۇ< قوللىرىغا بۆلگەن؛ ئاندىن، >تۈرك ـ موڭغۇل< قولىنى ئىككى ئائىلىگە  >تۈرك< ۋە >موڭغۇل< ئائىلىلىرىگە بۆلۈپ، پەقەت >تۈرك< ئائىلىسىدىن >شەرقىي ھۇن< ۋە >غەربىي ھۇن< تارماقلىرىنى ئايرىپ چىققان. >شەرقىي ھۇن< تارمىقىدىن >قىرغىز - قىپچاق< ۋە >ئۇيغۇر - ئوغۇز< نى شاخلاندۇرۇپ، >ئۇيغۇر - ئوغۇز< شېخىدىن >ئۇيغۇر - تۈرك< )بۇنىڭدىن ئىككى پۇتاق - بىرى >تۇبا - تۇۋىن<، يەنە بىرى >قەدىمكى ئۇيغۇر - قەدىمكى ئوغۇز<( نى شۇمبا قىلىپ ئايرىغان. بۇ  >شەرقىي ھۇن< تارمىقى. ئەمدى، >غەربىي ھۇن< تارمىقىدىن >ئوغۇزـ قارلۇق ـ قىپچاق< شېخى ۋە بۇ شاختىن >قارلۇق<، بۇنىڭدىن >قارلۇق - خارەزم< )بۇ تارماقتىن >ئۆزبېك، يېڭى ئۇيغۇر<( تارمىقىنى چىقارغان. بۇ تەسنىپاتتىن شۇ نەرسە ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، ئۇيغۇر تىلى >شەرقىي ھۇن< ۋە >غەربىي ھۇن< تارماقلىرىغا ئايرىلىپ، >شەرقىي ھۇن< تارمىقىغا ئايرىلغان بۆلۈكى >قەدىمكى ئۇيغۇر - قەدىمكى ئوغۇز< نامى بىلەن ئايىقى ئۈزۈلۈپ قالغان. >غەربىي ھۇن< تارمىقىدىن >ئوغۇز - قارلۇق - قىپچاق< ۋە بۇنىڭ داۋامى بولغان >قارلۇق< )>قارلۇق< تىن تۈرلەنگەن >قارلۇق - ئۇيغۇر<( ئاساسىي  گۇرۇپپا قىلىنغان - دە، >قارلۇق - ئۇيغۇر< گۇرۇپپىسى ئاياقسىز قالدۇرۇلۇپ >قارلۇق - خارەزم< دىن >ئۆزبېك - يېڭى ئۇيغۇر< كېلىپ چىققان دەپ خۇلاسىلەنگەن. بۇ تەسنىپاتتا، تېخىمۇ ئەتراپلىق ۋە چوڭقۇر تەكشۈرۈشكە تېگىشلىك ئىككى مەسىلە بارلىقىنى ھېس قىلدىم: بىرى، ئۇيغۇر تىلى >قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى< ۋە >يېڭى ئۇيغۇر تىلى< دەپ بىر ـ بىرى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوقتەك، ھازىرقى ئۇيغۇر تىلى >قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى< نىڭ داۋامى ئەمەستەك قىلىپ كۆرسىتىلگەن؛ يەنە بىرى، >غەربىي ھۇن< گۇرۇپپىسىنىڭ ئاساسى  >قارلۇق< قىلىپ كۆرسىتىلگەن.  بۇ قىسقىغىنە ماقالەمدە، پەقەت ئىككىنچى مەسىلە - >قارلۇق< مەسىلىسى ئۈستىدىلا ئىزدىنىشنى مەقسەد قىلدىم. تۈركىي تىللار تەسنىپاتىدا ئاساس قىلىنغان قوۋمنىڭ تىلىغا دائىر يازما ماتېرىياللار مەنبەلىرى بولۇشى كېرەكلىكى ھەممىگە ئايان. بىز بۇ ھەقتە >قارلۇق< توغرىسىدىكى تارىخىي ۋە تەتقىقات مەنبەلەرگە مۇراجىئەت قىلايلى. ئاكادېمىك بارتولد >يەتتە سۇ تارىخىنىڭ ئوچېركى< دېگەن  كىتابىنىڭ >قارلۇقلار< دېگەن بابىدا، ئەرەب سەيياھلىرىنىڭ بايانلىرىغا ئاساسەن، قارلۇقلار توغرىسىدا مۇنداق قەيت قىلغان: >Ⅷ ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا يەتتە سۇدىكى يېتەكچى ئورۇن قارلۇقلارنىڭ قولىغا ئۆتكەن. بۇ خەلقنىڭ ئاساسىي كۆپچىلىكى ئالتايدىن كۆچۈپ كەلگەن )Ⅷ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قارلۇقلارنىڭ ئالدىنقى قىسمى ئامۇ دەرياسىنىڭ قىرغاقلىرىغا يېتىپ بارغان(. 667 ـ يىلى سۇيئاب شەھىرىنى ئىشغال قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ پايتەختىنى مۇشۇ يەرگە كۆچۈرگەن. قارلۇقلارنىڭ پادىشاھى >جابغۇ< ئۇنۋانىنى قوللانغان. بۇ نامنىڭ ئورخۇن ئابىدىلىرىدە دائىم ئۇچرايدىغان يابغۇ ئۇنۋانى بىلەن بىر ئىكەنلىكىدە ھېچقانداق شۈبھە يوق ... ئەرەبلەر Ⅷ ئەسىرنىڭ  ئاخىرىدا، قارلۇقلارنى پەرغانىدىن سىقىپ چىقىرىش بىلەنلا چەكلەنگەن... Ⅹ ئەسىردىكى پارس جۇغراپىيونىنىڭ سۆزىچە، بارسقاننىڭ ماناكاسى قارلۇقلاردىن كېلىپ چىققان ئىكەن. كېيىنچە بۇنىڭ ئاھالىسى توققۇز ئوغۇزلارغا قاراپ كەتكەن … يەتتە سۇنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا ياغما خەلقى )توققۇز ئوغۇز خەلقىنىڭ ئالدىنقى تارمىقى( ياشىغان … قارلۇقلار بىلەن ياغمىلارنىڭ چېگرىسى نارىن دەپ ھېسابلانغان …< )>قاراخىتايلار< بابىدا: >يەتتە سۇنىڭ ئىلى دەرياسىنىڭ شىمالىي تەرىپىدىكى، ئۇلارنىڭ پايتەختى قاپالنىڭ غەربىدىكى تۈزلەڭگە جايلاشقان قايالىق شەھىرى بولغان< دەپ قەيت قىلىنغان(. يەنە شۇ >قارلۇقلار< بابىدا يېزىلىشىچە، قارلۇقلار ئىچىدە كۆچمەنلەر، ئوۋچىلاردىن باشقا، ئولتۇراقلاشقان دېھقانلارمۇ  بولغان. لېكىن، قارلۇقلار باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ ھۇجۇمىغا، بولۇپمۇ Ⅹ ئەسىردە بارلىق تۈركىي خەلقلەر ئىچىدە ئەڭ قۇدرەتلىك دەپ سانالغان توققۇز ئوغۇزلارنىڭ ھۇجۇمىغا دائىم ئۇچراپ تۇرغان... ئەڭ ئاخىرىدا، قارلۇقلار يېرىنىڭ مەركىزى بولغان چۇ ۋادىسىمۇ قارلۇقلارنىڭ دۈشمىنىنىڭ قولىغا ئۆتكەن … مۇشۇ چاغلاردا، چۇ ۋادىسىنى ئىشغال قىلىۋالغان خەلق قاراخانىيلار سۇلالىسىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن خەلق بىلەن بىر خەلق بولۇشى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن<. ئەبۇلغازى باھادىرخان قەزۋىنلىك خوجا راشىدىن ھىجرىيىنىڭ يەتتە يۈز ئىككىنچى يىلى )مىلادىيە 1323/1324 ـ يىلى( يازغان >جامىئۇت ـ تەۋارىخ< دېگەن كىتابتا، >بۇندىن باشقا ئون يەتتە چىڭگىزنامە< لەرگە ئاساسەن، >تارىخنىڭ ھىجرى مىڭ يەتمىش تۆتىنچى يىلى< )مىلادىيە 1663 ـ يىلى( يازغان >شەجەرەئى تۈرك< دېگەن كىتابىدا، قارلۇقلار توغرىسىدا مۇنداق بايان قىلغان: >ئوغۇزخاننىڭ بايانىدا، تۈرك ئېلىدىن تۈرك دەپ ئاتالغان بەش ئۇرۇق ئەلنى ئېيتقانمىز. ئۇلار: ئۇيغۇر، قانقلى )قاڭلى(، قىپچاق، قالاچ، قارلۇق<. >قارلۇق ئېلى< دېگەن ماۋزۇسىدا مۇنداق يېزىلغان: >قارلۇق ئېلى موغۇلىستاندىكى بۈيۈك تاغلارنىڭ ئىچىنى يۇرت قىلىپ ئولتۇراتتى، دېھقانچىلىق قىلاتتى، چارۋىچىلىقمۇ قىلاتتى. بىر ياخشىنى پادىشاھ كۆتۈرۈپ، ئۇ ئۆلسە، يەنە بىرىنى پادىشاھ قىلاتتى. ئۆزلىرى كۆپ خەلق ئەمەس ئىدى. گاھى تۈزۈك بولغاندا ئىككى مىڭ ئۆيلۈك بولاتتى. شۇ يۇرتتا 4 مىڭ يىلدەك ئولتۇرغاندىن كېيىن، چىڭگىزخان موغۇل ئېلىگە پادىشاھ بولۇپ، ئۆزگە ئەللەرنىمۇ بېقىندۇرۇپ، بارلاس قۇبلاي نوياننى ئەلچى قىلىپ، >ماڭا بېقىنسۇن< دەپ قارلۇققا ئەۋەتتى. ئۇ ۋاقىتتا قارلۇقنىڭ پادىشاھى ئارسلانخان دېگەن ئىدى. چىڭگىزخاننىڭ سۆزىگە قوشۇلۇپ، ئۆزىنىڭ قىزىنى باش قىلىپ، كۆپ سوۋغا بىلەن كېلىپ، خان بىلەن كۆرۈشتى: >ئۆلگىچە بەندىلىكتىن بوينۇمنى  تولغىمايمەن< دەپ ئانت ئىچتى. چىڭگىزخان ئارسلانخانغا ئۆز جامائىتىدىن بىر قىز بەردى. ئىنايەت ـ شاپائەت قىلىپ، ئۇنى ئۆز يۇرتىغا قايتۇردى. قايتىدىغان چاغدا، چىڭگىزخان ئۆز بەگلىرىگە قاراپ: >بۇنى قانداق ئارسلانخان دېگىلى بولسۇن، بۇنىڭدىن كېيىن ئارسلان سەيرەك دەپ ئاتالسۇن< دەپ ھۆكۈم قىلدى؛ موغۇل تىلىدا تاجىكنى سەيرەك دەرمىش<. ئەمدى، بۇ مەنبەلەردىنمۇ قەدىمىرەك ھەم ئىشەنچىلىكرەك مەنبەلەرنى كۆرۈپ باقايلى. >كونا تاڭنامە< 195 ـ جىلد >ئۇيغۇر تەزكىرىسى< دە يېزىلىشىچە: >كەييۇەن زامانىدا )مىلادى 713 - 740 ـ يىللىرى( ئۇيغۇر كۈچەيدى …  ئون بىر تۇتۇقلۇق توققۇز ئۇلۇس ئىدى … باسمىللارنى يېڭىپ، ئۆزىگە بىر ئۇلۇس قىلىپ قوشۇۋالدى؛ قارلۇقلارنى بېسىپ، بىر ئۇلۇس قىلىپ قوشۇۋالدى، ھەر بىرىگە بىردىن تۇتۇق قويدى. شۇنىڭ بىلەن ئون بىر ئۇلۇس بولدى<. >يېڭى تاڭنامە< نىڭ >ئۇيغۇر تەزكىرىسى< دىمۇ مۇنداق يېزىلغان: ئۇيغۇرلار >… باسمىل، قارلۇقلارنى تارمار قىلىپ، جەمئى ئون بىر قوۋم بولدى، ئۇلارغا تۇتۇقلار قويۇپ، ئون بىر قوۋم ئاتالدى. شۇنىڭدىن تارتىپ، بۇ ئىككى قەبىلىنى ھەمىشە ئاۋانگارد قىلىدىغان بولدى<. ئارىدا، قارلۇقلار كۈچىيىپ، ئۇيغۇرلارغا تەھدىت سېلىشقا باشلىغان. بولۇپمۇ تىبەتلەر بىلەن بولغان ئۇرۇشتا ئۇيغۇرلار يېڭىلگەندىن كېيىن، قارلۇقلار پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، بوددۇ بۇلاقنى بېسىۋالغان. >يېڭى تاڭنامە< 217 ـ جىلدنىڭ كېيىنكى قىسمىغا قىلىنغان قوشۇمچە — >قارلۇق تەزكىرىسى< دە يېزىلىشىچە: >قارلۇق ئۈچ قەبىلە … ئۈچ قارلۇق شەرقىي ۋە غەربىي تۈركلەر ئارىلىقىدا ئىدى. قاغانلىقنىڭ كۈچىيىشى ياكى زەئىپلىشىشىگە بېقىپ، قارام بولۇپ ياكى ئىسيان كۆتۈرۈپ تۇراتتى … كېيىن جەنۇبقىراق سۈرۈلدى. ئۈچ يابغۇ ئاتالدى<، >زىدى  زامانى )مىلادى 756 - 757 ـ يىللار( دىن كېيىن، قارلۇقلار زورىيىپ، ئۇيغۇرلارغا تەڭ تۇرۇشقا باشلىدى. ئون ئوق قاغاننىڭ قەدىمكى زېمىنىدىن سۇياب، تالاس شەھەرلىرىگە كۆچۈپ باردى<.  842 ـ يىلىدىن كېيىن پان تېكىن باشچىلىقىدىكى 15 قوۋمدىن تەركىب تاپقان زور بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلار قارلۇقلار كۆچكەن يەرگە )بالدۇرقى ئورقۇن ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ غەربىي تەۋەسىگە( كېلىپ، قارلۇقلارنىڭ ئورنىنى ئىگىلىگەن. بۇ ھەقتە، >كونا تاڭنامە< نىڭ >ئۇيغۇر تەزكىرىسى< دە قەيت قىلىنغان تاڭ شۈەنزۇڭنىڭ يارلىقىدا مۇنداق يېزىلغان: >ئۇيغۇرلار سەلتەنەتىمىزگە خىزمەت كۆرسەتكەن. نەسەبىدىن تارتىپ قېيىن بويانلىق مۇناسىۋىتىمىز بار … خۇيچاڭ زامانىدا )مىلادى 841 - 847 ـ يىللار( ئۇلارنىڭ ئوردىسىدا مالىمانچىلىق يۈز بېرىپ، قاغانى ھالاك بولغان؛ ھىلىگەر ۋەزىرنىڭ مۇناپىقلىق قىلىشى بىلەن ۋەيرانچىلىق يۈز بەرگەن ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە، پان تېكىن قاغان بولۇپ، غەربىي يۇرتتا ئامان تاپتى. ئوردىسىنى قايتا تىكلىدى. ئەلۋەتتە ئۇنۋان بېرىش كېرەك<. ئەمدى، مەڭگۈ تاشلاردىن شىنە ئۇسۇ )تېرخىن غولىدىن تېپىلغان( مەڭگۈ تاشقا ئويۇلغان تېكستلەردە: ئەل ئەتمىش بىلگە قاغان ئوغلى قۇتلۇغ تارخان سانغۇن >تېرخىن مەڭگۈتېشى< دا ئۆزىگە تەۋە قوۋملەرنى ساناپ مۇنداق يازغان: >ھەممە بۇيرۇقلار توققۇز …<، >توققۇز تاتار، يىگىرمە يەتتە ئاز … توڭرا … بايارقۇ، ئۈچ قارلۇق يابغۇ بودۇنى، ياغما )لوم، چىسى ياكى ئالۇمچى ئۇرۇغلىرى(، تاردۇش، ئۈچ تۇغلۇق تۈرك بودۇنى<. >ئۈچ قارلۇق يامانلىق سېغىنىپ، تېزىپ كەتتى، غەربتىكى ئون ئوققا كىردى …< )ئون ئوق — ئىنجۇ ئۆگۈز يەنى سىر دەريا شەرقىدە ئىدى( دەپ پۈتۈلگەن. >بولجا دەرياسىدا ئۈچ قارلۇقنى تارمار قىلدىم<، >قارلۇقلارنىڭ تىرىك قالغانلىرى تۈركەشكە كەلدى … شۇندىن تارتىپ، قارلۇق، باسمىللار يوقىتىلدى<، يەنى توشقان يىلى )575 ـ يىلى( قارلۇق، باسمىللار تارمار قىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تەركىبىگە كىرگەن. قارلۇقلارنىڭ ئاز بىر قىسمى سىر دەريا بويىغا كۆچۈپ كەتكەن ۋە بەزىلىرى بولجا بويىدا )ئىلى ۋادىسىدا( ياشاپ قالغان. >لاغزىن )توڭگۇز( يىلى ئۈچ قارلۇق، توققۇز تاتار …توققۇز بۇيرۇق سانغۇن ۋە قارا بودۇن )خەلقى( ئاتام تۇريان خانغا قارىدى …< >سۇڭ تارىخى< 490 ـ جىلد >قوچو تەزكىرىسى<، >ۋاڭ يەندىنىڭ قوچوغا ئەلچىلىك خاتىرىسى< دە قەيت قىلىنشىچە، >قوچو تەۋەسىدە … ئەل بولۇپ )بېقىنىپ( ياشايدىغان قوۋملاردىن جەنۇبىي تۈرك، شىمالىي تۈرك، چوڭ جۇڭيۈن، كىچىك جۇڭيۈن، ياغما، قارلۇق، قىرغىز …  لار بار<.  چىڭگىزخان دەۋرىدە، ئالمالىق تەۋەسىدىكى قوياس تەرەپتە ئاز بىر قىسىم قارلۇقلار ئۆزىنى ئارسلانخان دەپ ئاتىغان ئوزارنىڭ باشچىلىقىدا كۆچمەنچىلىك ـ قاراقچىلىق قىلىپ يۈرگەن ۋە كېيىن چىڭگىزخانغا ئەل بولغانلىقى >شەجەرەئى تۈرك< تىن  مەلۇم. يۇقىرىدىكى تارىخىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا، قارلۇقلارنىڭ مۇستەقىل ھالدا بىر يەرنى سىياسىي مەركەز قىلىپ سەلتەنەت سۈرگەن ۋاقتى ناھايىتى قىسقا، كۆپىنچە >توققۇز ئوغۇزلار< غا، ياكى تۈرك قاغانلىقلىرىغا قارام بولۇپ ئۆتكەن؛ شۇنىڭدەك، تۇراقلىق بىر تېررىتورىيىدە، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي مەركەز يارىتالماي، ئۇياقتىن بۇياققا كۆچۈپ يۈرگەن. ئەمدى، ن.ئا.باسكاكوف >تۈركىي تىللار< دېگەن كىتابىدا، >تۈركىي تىللار بويىچە سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىقنىڭ پېئونېرى< دەپ ئاتىغان مەھمۇد  قەشقەرىنىڭ >تۈركىي تىللار دىۋانى< دا، ئەڭ ئىشەنچىلىك ۋە ئىمتىيازلىق ھەمدە قارلۇقلارنىڭ Ⅹ -  Ⅺ ئەسىرلەردىكى ئەھۋالىنى ئاپتور ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگىنىچە ھەقىقىي بايان قىلغان بۇ ھۆججەتتە -- قارلۇقلار توغرىسىدىكى قەيتلەرنى ئوقۇپ باقايلى: مەھمۇد قەشقەرى سۆزىنى مۇنداق باشلىغان: >تۈركلەر ئەسلىدە يىگىرمە قەبىلىدۇر … ھەر بىر تۈرك قەبىلىسىنىڭ بىرمۇنچە ئۇرۇغلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ سانى ئۇلۇغ تەڭرىنىڭ ئۆزىگە مەلۇم. مەن بۇلاردىن ئاساسى ۋە ئانا قەبىلىلەرنى يازدىم، ئۇرۇغ ـ ئايماقلىرىنى تاشلىدىم … رۇمدىن باشلاپ پەچەنەك، قىپچاق، ئوغۇز، يەمەك، باشغىرت، باسمىل، قاي، ياباقۇ، تاتار، قىرغىز )چىنغا يېقىن جايلاشقان(  قاتارلىق قەبىلىلەرنىڭ  ھەممىسى رۇم ئۆلكىسى يېنىدىن شەرققە قاراپ شۇ تەرتىپتە سوزۇلغان. ئاندىن، چىگىل، توخسى، ياغما، ئوغراق، چارۇق، چۇمۇل، ئۇيغۇر، تاڭغۇت، خىتاي، ئاندىن تابغاچ …<. مەھمۇد قەشقەرى >تۈركلەر ئەسلىدە يىگىرمە قەبىلە< دەپ، بۇلارنى بىر ـ بىرلەپ سانىغان، لېكىن بۇ قەبىلىلەر قاتارىدا >قارلۇق< نى ئاتىمىغان. چۈنكى، بۇ زاماندا، قارلۇقلار بىر پۈتۈن قوۋملىك ھالىتىدىن پارچىلىنىپ، ئۇلارنىڭ بىر بۆلۈكى >ئىنچۇ ئۆگۈر< )سىر دەريا( ۋادىسىدا، ئوغۇز ـ قىپچاقلار ئارىسىدا، بىر بۆلۈكى تارباغاتاي - بولجا تەرەپلىرىدە، ئاز بىر قىسمى قەشقەر يېنىدا تارقىلىپ ياشىغان. >تۈركىي تىللار دىۋانى< Ⅰ جىلد )ئۇيغۇرچە( 618 ـ بېتىدە: >قارلۇق - ئۇلار كۆچمەن تۈركلەرنىڭ بىر گۇرۇھى بولۇپ، ئوغۇزلاردىن باشقىدۇر؛ ئۇلارمۇ تۈركمەن ھېسابلىنىدۇ<. Ⅰ جىلد )77 ـ بەت( ۋە Ⅲ جىلد )564 ـ ھەم 567 ـ بەت( لەردە: >ئوغۇزلار تۈركمەنلەردۇر<، >تۈركمەن، بۇلار ئوغۇزلاردۇر<، >تۈركمەنلەر ئەسلىدە يىگىرمە تۆت قەبىلىدۇر، لېكىن ئىككى قەبىلىدىن ئىبارەت خالاچلار بەزى جەھەتتە ئۇلاردىن ئايرىم تۇرىدۇ. شۇڭا، ئۇلار ئوغۇزلار قاتارىغا كىرمەيدۇ< دەپ ئېنىق يازغان. >دىۋان< دا >قارلۇق< دېگەن نام ۋە قارلۇققا تەئەللۇق سۆز ئون نەچچە يەردە قەيت قىلىنغان. مەسىلەن: >ئولىچ — ئوغۇل بالىلارغا ئامراقلىق قىلىپ ئېيتىلىدىغان ئەركىلىتىش سۆزى. ئولىچىم -- ئوغۇلچىقىم. قارلۇقچە< )Ⅰ. 77(. >ئېركىن سۇ — يىغىندا سۇ. ھەر قانداق توپلانغان نەرسىگىمۇ ئېركىن سۆزى ئىشلىتىلىدۇ. قارلۇقلارنىڭ چوڭلىرىغا كۆل ئېركىن دېيىشمۇ مۇشۇ سۆزدىن كەلگەن. بۇ ئەقلى كۆلدەك تولغان )ئادەم( دېگەن بولىدۇ< )Ⅰ. 146(. >ئەگۈركەن — بىر خىل ئۆسۈملۈك، قارلۇق تۈركمەنلىرى يەيدۇ< )Ⅰ. 214(. >سوغۇت — قېتىق پىشلىقى. قارلۇقچە< )Ⅰ. 624(. >ساغۇن — قارلۇق قەبىلىسىنىڭ چوڭلىرىغا بېرىلىدىغان ئۇنۋان. تۈرك تېۋىپلىرى ئاتاساغۇن دېيىلىدۇ< )Ⅰ. 523(. >چۇغلان — قارلۇق قەبىلىسىنىڭ چوڭلىرىدىن بىرىنىڭ ئىسمى< )Ⅰ. 578(. >سەركەر — قاراقچى، يول توسار. قارلۇقچە< )Ⅰ. 597(. >كەردى — ئۇردى، قاۋىدى. ئىت كەردى — ئىت ئۇردى. قارلۇقچە< )Ⅱ. 9(. >قارلۇقلاندى—قارلۇق قىياپىتىگە كىردى. ئەر قارلۇقلاندى —ئادەم قارلۇقلاندى. قارلۇق—تۈركمەنلەرنىڭ بىرقىسىمى<)Ⅱ.402(. >كەرىتتى — قاۋاتتى. ئول ئىتىن كەرىتتى — ئۇ ئىتىنى قاۋاتتى. قارلۇقچە< )Ⅱ. 445(. >قارلۇقلادى—قارلۇق ھېسابلىدى، قارلۇق دېدى. ئول ئانى قارلۇقلادى—ئۇ ئۇنى قارلۇق ھېسابلىدى، قارلۇق دېدى. ئۇلار تۈركمەنلەرنىڭ بىر قىسمىدۇر< )Ⅲ. 479(. >يۇڭ — پاختا، ئارغۇچە، ياغما ۋە قارلۇق تىللىرىدىمۇ شۇنداق< )Ⅲ. 494(. مەھمۇد قەشقەرى تۈركىي قوۋمىلارنىڭ تىللىرىدىكى بەزى )فونېتىكىلىق ۋە گرامماتىكىلىق( پەرقلەرنى سۆزلىگەندە، >قارلۇق — تۈركمەنلەرنىڭ بىر قىسمى< دەپ ئىزاھلىغان. >بۇ بابتىكى سۈپەتلەر تۈركلەردە >تۇتقۇچى<، >ساتقۇچى< شەكلىدە كېلىدۇ. تۈركمەنلەر بىلەن ئۇلارنىڭ قوشنىلىرى بۇنى >تۇتتاچى<، >ساتتاچى< دەپ قوللىنىدۇ< )Ⅰ. 618( دەپ ئېنىق كۆرسەتكەن. فونېتىكىلىق خۇسۇسىيەتلەرنى بايان قىلغاندا، مەھمۇد قەشقەرى مۇنداق يازغان: >يۇقىرىدىكى >غ< ۋە >گ< بابىدا كۆرسىتىلگەن سۆزلەر بەش خىل مەنىنى بىلدۈرىدۇ…< دەپ، بۇ بەش خىل مەنىنى بىر ـ بىرلەپ ئىزاھلىغاندىن كېيىن، >رۇمدىن تارتىپ تاكى چىنغىچە بولغان ئوغۇزلار ۋە كۆچمەن خەلقلەر بۇ خىل سۆزلەرنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، ئىشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدىغان >غ< ۋە >گ< ھەرپلىرىنى چۈشۈرۈپ قالدۇرىدۇ< دەپ خۇلاسىلىغان. دېمەك، مەھمۇد قەشقەرىنىڭ يېزىشىچە، >قارلۇق< تۈركمەنلەردىن، شۇنداقلا >كۆچمەن تۈركلەرنىڭ بىر گۇرۇھى< بولۇپ، ئۇلارنىڭ تىلى تۈركمەن تىلىدۇر. يۇقىرىدىكى قەيتلەر بويىچە قارىغاندا، قارلۇقلار ئۇيغۇر - تۈرك قوۋملىرىدەك تۇراقلىق مەدەنىيەت مەركىزى تەسىس قىلالمىغان ۋە شۇ سەۋەبتىن يازما تىل پاكىتلىرى بولمىغان بىر كۆچمەنچى قوۋمدۇر. شۇڭا، تۈركىي تىللار تەسنىپاتىدا، >قارلۇق - ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى< ياكى >ئۇيغۇر - قارلۇق گۇرۇپپىسى< دەپ ئاتاش تارىخىي ئەمەلىيەتكە ئانچە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. مېنىڭچە، تۈركىي تىللار ئىچىدە >قەدىمكى تۈركىي تىل< نىڭ ئىزچىل ۋارىسى سۈپىتىدە، قوچو ۋە خاقانىيە مەدەنىيىتىنى ياراتقان، جۈملىدىن يېزىق ئەدەبىي تىلىنى شەكىللەندۈرگەن ۋە كېيىنكى چاغلاردا >چاغاتاي ئۇلۇس تىلى< غا ئاساس بولغان ئۇيغۇر تىلىنى )بىر قانچە قوۋم تىللىرىغا ۋەكىللىك قىلىش سالاھىيىتى بىلەن( تۈركىي تىللار تەسنىپاتىدا >ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى< دەپ ئاتاش تارىخىي ھەم ئىلمىي جەھەتلەردىن توغرا بولارمىكىن، دەپ ئويلايمەن.  ن.ئا.باسكاكوف ئۆزىمۇ >تۈركىي تىللار< دېگەن كىتابىدا: >قاراخانىيلار دەۋرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى دەۋردىكى ئۇيغۇر تىلى … ئۇيغۇر، تۈركەش، ياغما، قارلۇق قەبىلىلىرى ئوتتۇرىسىدا شەكىللەنگەن ئەدەبىي تىل< دەپ بايان قىلغان ئىدى. قارلۇق ۋە ئۇيغۇرلارغا دائىر تارىخىي مەنبەلەر ۋە تىل پاكىتلىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھەم كەڭ جەھەتتىن تەتقىق قىلساق، بۇ مەسىلە ئەلۋەتتە ئايدىڭلىشىدۇ.       


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  گومىنداڭنىڭ تۇرپان...
●  <تۈركىي تىللار دىۋا...
●  ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىن...
●  تۈركىي تىللار دىۋا...
●  دىۋانۇ لۇغاتىت تۈر...
●  <تۈركىي تىللار دىۋا...
●  قارلۇق توغرىسىدا 
●  <تۈركىي تىللار دىۋا...
●  <تۈركىي تىللار دىۋا...
●  <دىۋانۇ لۇغاتىت تۈر...
●  قارلۇق توغرىسىدا ( ...
●  ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىق...
●  ھەربىر مىللەت ئۆز ئ...
●  كروران ئەۋلادلىرى ...
●  تەكلىماكاندىكى قەد...
●  كروران ئەۋلادلىرى ...
●  ئاستانە - ئالغۇي ت...
●  تەڭرى تاغ مەدەنىيى...
●  تارىم مەدەنىيىتى
●  قەدىمقى ئاتالغۇلار...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  گومىنداڭنىڭ تۇرپاندىكى ...
●  <تۈركىي تىللار دىۋانى>دى...
●  ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زا...
●  تۈركىي تىللار دىۋانى< دى...
●  دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك< نىڭ...
●  <تۈركىي تىللار دىۋانى> د...
●  قارلۇق توغرىسىدا 
●  <تۈركىي تىللار دىۋانى> د...
●  <تۈركىي تىللار دىۋانى> د...
●  <دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك> نى...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى