<<تاگور نەسىرلىرى>> دىن پارچە
يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-08 12:00:19 كۆرۈلۈش سانى : 204
كصچصك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
[align=center]
نېمىكىم ۋايىغا يەتمىسە مەيلى،
قەلبىدە بىر لەززەت سۈرىدۇ ھۆكۈم.
كۆرمەمسەن چېھرىنى ئاچمىغان لەيلى،
دىلىدا گۈزەللىك قىلار تەبەسسۇم.
كۆز يۇمۇپ - ئاچقۇچە ئۆتكەن مۇھەببەت،
قانىتى يەلپۈيدۇ قىزىلگۈلۈمنى.
ۋە لېكىن سوراپمۇ قويمايدۇ پەقەت،
بېرەمسەن ماڭا دەپ تاتلىقلىقىڭنى.
ياپراقلار گۈلنى چۆرىدەپ ياشار،
گۈلنىڭ ياپراقسىز يوقتۇر سەرخىلى.
دائىم سۈكۈناتتا تۇرار ياپراقلار،
لېكىن گۈللەر شۇ ياپراقنىڭ تىلى.
دەرەخلەرنىڭ زىممىسىدە —
مىڭلىغان ئاي - كۈن.
سەلتەنەتلىك دەقىقە ئۇ،
دەرەخلەر ئۈچۈن.
بۇتخانىغا چوڭ يولنىڭ تۈگۈنىدىكى،
ئاتىمايمەن تەييارلىغان نېمىتىمنى.
بېرىمەن دوقمۇشتا كۆڭلۈمنى تارتىپ،
مېنى شادلاندۇرغان مەبۇدقا ئۇنى.
ئامرىقىم ئەي سۆيۈملۈك نىگار،
كۈلكەڭ يېڭى گۈلدىكى پۇراق.
قاچان كۆرسەم بىرخىل شۇ پېتى،
چۈشىنەلمەي ئۆتىمەن ھەرۋاق.
كۆپتۈرۈلسە ئۆلگۈچىنىڭ ياخشى ئىشى،
ئەزرائىل قاق - قاق ئۇرۇپ كۈلۈپ كېتەر.
سەۋەب شۇ تەلەپلەردىن باھا نېرى،
بولسا ئۇنىڭ ئامبارلىرى توشۇپ كېتەر.
ئىلگىرىلىتىپ كېمىلەرنى دېڭىزدا،
ماڭدۇرۇشقا يورغا شامال ئالدىرار.
ئەگەشكەچكە بىكاردىنلا ئۇنىڭغا،
قىرغاقلارنىڭ تىنىقلىرى ئاھ ئۇرار.
ھەقىقەت ھېرىسمەن ئۆز چېكىگە،
چۈنكى ئۇ شۇندا يېتەر گۈزەللىككە.
ئايرىۋەتتى شاۋقۇنلۇق دېڭىز،
ئىككىمىزنى ئىككى قىرغاققا.
دولقۇنىنى يېرىپ روھىمنىڭ،
ئۆتۈپ كەتسە جىسمىم ئۇياققا.
مەھكۇم ھوقۇق
دېۋەڭلەرچە ئۇرىدىكەن لاپ.
ئۆزىگە ئۆزىنىڭ
ئىمتىيازى قالغاچقا ياراپ.
خىجىل بولۇپ تىكىنىدىن قىزىلگۈل،
ئەمدى كەچۈرۈم تۇرمايدۇ سوراپ.
سۈكۈتتىكى يۇلتۇز قولىغا،
بەردى كۈندۈز شائىرانە تار.
ئالەمدىكى چەكسىز ھاياتنى،
كۈيلىسۇن دەپ قىلغاچقا قارار.
تەربىيىنىڭ ئېپىنى
ئاقىللار بىلەر.
قانداق زەربە بېرىشنى
دۆتلەر چۈشىنەر.[/align] |
|