بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> نەسىرلەر >> ۋالىدە

ۋالىدە

يوللانغان ۋاقتى : 2008-12-28 13:16:58    كۆرۈلۈش سانى : 29  
كصچصك | نورمال | چوڭ             
بىر قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ئادەم ئۇنى ئۆزىنىڭ ئۆمۈرلۈك جورا - ھەمراھى دەپ بىلىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ساپ تەر ۋە پۈتۈن يۈرەك قېنىنى قىز ئۈچۈن سەرپ قىلىدۇ، جاپالىق ئەمگەك ۋە كۈرەشلىرىنىڭ مول مېۋە - نەتىجىلىرىنى قىزغا بېغىشلايدۇ. ئەمما، كۈنلەرنىڭ بىرىدە، كۈتمىگەندە ئۇ قىزنىڭ قەلبىنىڭ - ئۆزى تىنىمسىز كۈندۈزلىرى ۋە ئۇيقۇسىز تۈنلىرى بەدىلىگە ئېرىشمەكچى بولغان قەلبنىڭ ئاللىقاچان باشقا بىر كىشىگە ھېچقانداق بەدەلسىزلا بېرىلىپ كەتكەنلىكىنى، ھېلىقى كىشىنىڭ قىز  قەلبىنى ئىگىلەپ، ئۇنىڭ مۇھەببىتىدىن لەززەتلىنىۋاتقانلىقىنى بايقاپ قالىدۇ. بۇنداق ئادەم نېمىدېگەن بەختسىز - ھە! بىر ئايال ئۆزىنىڭ مەسۈمە قىزغا خاس تەنتەكلىكىنى بىلىپ يەتكەندە ئۇ ئاللىقاچان خەقنىڭ ئايالىغا ئايلانغان بولىدۇ. ئېرى ئۇنىڭغا تاغ - تاغ مالۇ دۇنيا سوۋغاتلارنى تەقدىم قىلىدۇ. ئۇنى ھۈرمەتلەيدۇ، ئۇنىڭغا مۇلايىم مۇناسىۋەت قىلىدۇ. ئەمما، ئۇنىڭ قەلبىدە مۇھەببەت ئوتىنى لاۋىلدىتالمايدۇ. ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئاللاتائالا ئەرنىڭ كۆزلىرى ئارقىلىق ئايالنىڭ كۆڭلىگە قۇيۇلۇشى ئۈچۈنلا ياراتقان جەننەت شارابى بىلەن تويغۇزالمايدۇ. بۇنداق ئايالمۇ نېمىدېگەن بىچارە - ھە!                                                                               * مەن رەشىتبېك نورماننى كىچىكىمدىنلا تونۇيمەن. ئۇ لىۋانلىق بولۇپ، بېيرۇتتا تۇغۇلغان ۋە چوڭ بولغان. ئۇ زامانى ئاۋۋالدا ناھايىتى باي بولغان ۋە شان - شۆھرىتىنى ساقلاپ كەلگەن بىر ئائىلىدە تۇغۇلغان بولۇپ، باشقىلارغا ئەجدادلىرىنىڭ ئالىي پەزىلەتلىرىنى سۆزلەپ بېرىشكە ئامراق ئىدى. ئۇ ئەجدادلىرىنىڭ ئېتىقادىنى قوغلىشاتتى، ئەنئەنىسىگە ئەمەل قىلاتتى، ئۆرپ - ئادەتلىرىدىن چەتكە چىقمايتتى. ئەجدادلىرىنىڭ غەربچە پاسونلىرىنى دورايتتى. ئۇنىڭ يەلپۈنۈپ تۇرغان كىيىم - كېچەكلىرى خۇددى شەرق ئاسمىنىدىكى قۇشلار توپىغا ئوخشايتتى. رەشىتبېك ئاق كۆڭۈل، ئالىيجاناپ ئادەم ئىدى. ئەمما، ئۇ كۆپلىگەن سۈرىيەلىكلەرگە ئوخشاش، مەسىلىلەرنى كۆزىتىشتە ھادىسىلەردىن ئۆتۈپ ماھىيىتىگە قارىماستىن، مەسىلىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى بىلەنلا چەكلىنەتتى. سوغۇققانلىق بىلەن يۈرەك سۆزلىرىگە قۇلاق سالماي، ئەكس سادالارنى ئاڭلاپلا ھاياجانلىنىپ كېتەتتى. تۇرمۇش سىرلىرىنى تەتقىق قىلماي، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان رەڭگارەڭ ھادىسىلەرگىلا بېرىلىپ كېتەتتى. مەۋجۇدىيەتنىڭ ھېكمەتلىرىنى ئىزدەنمەي، ۋاقىتلىق ھۇزۇر - ھالاۋەتنى ئەلا بىلەتتى. ئۇ ئادەم ۋە ھادىسىلەرگە يېنىكلىك بىلەنلا مۇھەببەت - نەپرىتىنى بىلدۈرىدىغان، كېيىن يەنە ئۆزىنىڭ قاراملىقىدىن پۇشايمان قىلىدىغان كىشىلەردىن ئىدى. بۇنداق پۇشايمان چۈشىنىش ۋە كەچۈرۈملەرگە سازاۋەر بولالمايلا قالماستىن، مەسخىرە - مازاقلارغا ئۇچرايتتى. دەل مانا شۇنداق پەزىلەت ۋە مىجەز - خۇي تۈپەيلى رەشىتبېك ئەر - خوتۇنلۇق تۇرمۇشىنى بەختىيار قىلىدىغان ھەقىقىي مۇھەببەت ئۇنىڭ قەلبىنى ۋالىدە خانىمنىڭ قەلبى بىلەن پۇختا باغلاشتىن بۇرۇنلا ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغانىدى.                                                                             * مېنىڭ بېيرۇتتىن ئايرىلغىنىمغا بىر قانچە يىل بولغانىدى. مەن بېيرۇتقا قايتىپ كېلىپلا رەشىتبېكنى يوقلاپ باردىم. ئۇ سارغىيىپ، ئورۇقلاپ كەتكەنىدى. چىرايىدىن غەم - قايغۇ يېغىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ غەمكىن كۆزلىرىدە پىلىلداپ تۇرغان ئاچچىق ئەلەم ئۇچقۇنلىرى قەلبىدىكى ھەسرەت ۋە خورلۇقنى ئۈنسىزلا سۆزلەپ تۇراتتى. مەن خېلى ئويلىنىپمۇ ئۇنى مۇنچىۋالا سولغۇن ۋە چۈشكۈن ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويغان سەۋەبنى تاپالمىدىم - دە، ئۇنىڭدىن سورىدىم: - نېمە بولدۇڭ؟ سېنىڭ تەبەسسۇم كەتمەيدىغان، جۇلالىنىپ تۇرىدىغان چىرايىڭ قەيەرگە كەتتى؟ دائىم ياشلىق باھارىڭغا جور بولىدىغان خۇشاللىقىڭ قەيەرگە كەتتى؟ ئەزرائىل سېنى قەدىردان دوستۇڭدىن جۇدا قىلدىمۇ ياكى بەختسىز قارا تۈنلەر سېنىڭ بەختىيار كۈندۈزلەردە تاپقان روزىغارىڭنى تارتىۋالدىمۇ؟ دوستلۇقىمىزنىڭ يۈزىنى قىلىپ ئېيتىپ باقە، سەن زادى نېمە ئۈچۈن مۇنچىۋالا غەمگە چۆكۈپ، ئورۇقلاپ سارغىيىپ كەتتىڭ؟ ئۇ گويا ئۆتكەنكى گۈزەل مەنزىرىلەر كۆز ئالدىدا غىل - پاللا ئايان بولۇپ، ھايت - ھۇيت دېگۈچىلا غايىب بولغاندەك، ئۆكۈنۈش نۇرى پىلىلداپ تۇرغان كۆزلىرى بىلەن ماڭا قارىدۇ. - ناۋادا، بىر ئادەم يېقىن دوستىدىن ئايرىلىپ قالسا، - دېدى ئۇ ئۈمىدسىزلىك ۋە چۈشكۈنلۈك چۇلغىغان ئاۋازدا، - ئۇ ئۆز ئەتراپىدىن باشقا نۇرغۇن دوستلارنى تېپىپ، سەۋر قىلىپ، كۆڭلىنى ئارام تاپقۇزۇشى مۇمكىن. بىر ئادەم، ناۋادا زىيان تارتىپ قالسا، بىر پەس ئويلىنىپ، ئۆزىگە روزىغار يارىتىپ بەرگەن ھاياتىي كۈچنىڭ ئۇنىڭغا يەنە شۇنداق دۇنيا يارىتىپ بېرەلىشى مۇمكىنلىكىنى كۆرۈپ يەتكەندە، بەختسىزلىكنى ئۇنتۇپ، خاتىرجەم بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئەمما، مۇبادا بىر ئادەم روھىي جەھەتتىكى خاتىرجەمسىزلىكتىن ئايرىلىپ قالسا، ئۇنى قەيەردىن ئىزدىشى، ئۇنىڭ ئورنىنى نېمە بىلەن تولدۇرۇشى مۇمكىن؟ ئەزرائىل قوللىرىنى سوزۇپ، ساڭا قاتتىق بىر قانچە كاچات سالسا، جېنىڭ ئاغرىيدۇ. ئەمما بىرەر كېچە - كۈندۈز ئۆتە - ئۆتمەيلا ھاياتلىق سېنى يۇمشاق قوللىرى بىلەن سىلىغاندا، سەن تەبەسسۇم ئەيلەپ خۇشاللىنىسەن. تەقدىر ئىلاھى توساتتىن سېنىڭ بېشىڭغا چۈشسە، يۇمىلاق، قورقۇنچلۇق كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ، ئۆتكۈر تىرناقلىرى بىلەن گېلىڭدىن سىقىپ، سېنى يەرگە قاتتىق ئۇرۇپ، تۆمۈر تاپانلىرى بىلەن دەسسەپ - پېتىقلاپ، ئاندىن زەھەرلىك كۈلۈپ كېتىپ قالىدۇ. ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇ پۇشايمان ئەيلەپ، سېنىڭ قېشىڭغا كېلىپ، سەندىن كەچۈرۈم سورايدۇ. يىپەكتەك يۇمشاق قوللىرى بىلەن سېنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ، ساڭا ئۈمىد ناخشىلىرىنى ئوقۇپ بېرىپ، سېنى چەكسىز خۇشال قىلىدۇ. قارا تۈن پەردىسىنىڭ يېيىلىشىغا ئەگىشىپ بىھېساب بالا - قازا ۋە ئازاب - ئوقۇبەت بېشىڭغا چۈشىدۇ. ئەمما، تاڭ ئېتىشى بىلەنلا بۇلارنىڭ ھەممىسى غايىب بولىدۇ. سەن ئۆزۈڭنىڭ قەيسەرلىكىڭنى، ئىشەنچ ۋە ئۈمىدكە تولۇپ تاشقانلىقىڭنى ھېس قىلىسەن. ئەگەر، سەن تۇرمۇشتا ئىگە بولىدىغان نەرسىنى بىر قۇش دېسەك، سەن ئۇنى ياخشى كۆرىسەن، پۈتۈن يۈرەك قېنىڭ بىلەن ئۇنى باقىسەن، ئۇنى كۆز نۇرلىرىڭ بىلەن سۇغىرىسەن، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆز قوۋۇرغاڭنى قەپەز، كۆڭلۈڭنى راھەتلىك ئۇۋا قىلىپ بېرىسەن. دەل سەن قۇشقا زوقلىنىپ قاراپ، قەلبىڭ نۇرلىرى بىلەن ئۇنىڭ قاناتلىرىنى تاراۋاتقان چېغىڭدا، كۈتمىگەندە ئۇ سېنىڭ قولۇڭدىن ئۇچۇپ چىقىپ، بۇلۇتلار ئۈستىدە جەۋلان قىلىدۇ. ئاندىن باشقا بىر قەپەزگە كىرىپ كېتىدۇ. ئۇنى قايتۇرۇپ ئەكىلىشكە ئامالسىزسەن. دوستۇم، مانا شۇنداق ئەھۋالدا سەن قانداق قىلىشىڭ مۇمكىن؟ ئېيتقىنا، سەن قانداق قىلىسەن؟ سەن تاقەت ۋە چىدامنى قەيەردىن تاپىسەن؟ سەن قانداقمۇ ئىشەنچ ۋە ئۈمىدكە يار بولالايسەن؟ رەشىتبېك ئەڭ ئاخىرقى سۆزلىرىنى ئەلەم ۋە ھەسرەت بىلەن تۈگەتتى. ئۇ گويا شامالدا قالغان يېگانە گىياھدەك تىترەيتتى. ئۇ خۇددى ئەگرى - دوناي بارماقلىرى بىلەن قانداقتۇر بىر نەرسىنى تۇتۇۋېلىپ، كۇكۇم - تالقان قىلىۋەتمەكچىدەك، قوللىرىنى ئالدىغا سوزدى. چىرايى تاتىرىپ، قورۇقلار كۆكىرىشكە باشلىدى. گويا ئالدىدا ئۇنى بوغۇپ ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن بىر ئالۋاستى پەيدا بولغاندەك، ئۇ كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ، كىرپىك قاقماستىن، ئالدى تەرەپكە توپتوغرا بىر مىنۇت قاراپ تۇردى. بىر پەستىن كېيىن مەن تەرەپكە ئۆرۈلدى. كەيىپىياتى بارا - بارا ئۆزگەردى. ئۇنىڭ قورۇلۇپ كەتكەن ئورۇق ۋۇجۇدىدىكى غەزەپ - نەپرەت ئەمدى ئازاب - ئەلەمگە ئايلاندى. ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ سۆزىنى داۋام قىلدى: - ھېلىقى ئايالنى، نەق شۇ ئايالنى مەن نامرات چاكارلىقتىن قۇتۇلدۇرغان، ئۆز خەزىنەمنىڭ دەرۋازىسىنى ئۇنىڭغا كەڭ ئېچىپ بەرگەن، ئۇنىڭغا چىرايلىق ئۈستىباش، قىممەت باھالىق زىننەت بۇيۇملىرىنى، ھەشەمەتلىك مەپەمنى، قاۋۇل ئايغىرىمنى تەقدىم قىلغان. باشقا ئاياللارنىڭ ئۇنى كۆرۈپ كۆزى قىزىدىغان بولغان. مەن چىن كۆڭلۈم بىلەن ئۇنى سۆيۈپ، كۆڭلۈمنى ئۇنىڭغا بەرگەن. ئۇنىڭ ئاياغلىرى ئاستىغا قەلبىمدىكى بارلىق مۇھەببىتىمنى تۆككەنىدىم. ئۇنىڭغا ئېلىپ بەرگەن سوۋغاتلىرىم بىر تاغ بولغان، مەن ئۇنىڭ يېقىن دوستى، ھەقىقىي جورىسى، سادىق ئېرى ئىدىم. بىراق، ئۇ مەندىن يۈز ئۆرىدى، مېنى تاشلىۋەتتى. مەندىن ئايرىلىپ، باشقا بىر ئادەمنىڭ قېشىغا كەتتى. ئۇنىڭ بىلەن نامراتچىلىقتا ياشىماقتا، ئۇنىڭ بىلەن شەرمەندىلىك، گۇناھكارلىق بولكىسىنى يەپ، نومۇسسىزلىق، پەسكەشلىك سۈيىنى ئىچمەكتە. ئۇ - مەن ياخشى كۆرگەن ئايال، ئۇ - ئاشۇ چىرايلىق قۇش، مەن ئۇنى پۈتۈن يۈرەك قېنىم بىلەن باققان، كۆز نۇرلىرىم بىلەن سۇغارغان، ئۇنىڭ ئۈچۈن قوۋۇرغامنى قەپەز، كۆڭلۈمنى راھەتلىك ئۇۋا قىلىپ بەرگەن. ئەمما، ئۇ مېنىڭ قولۇمدىن ئۇچۇپ كەتتى، ئۇچۇپ بېرىپ، ئالۇچا چىۋىقلىرىدىن توقۇلغان باشقا بىر قەپەزگە كىرىپ كەتتى. ئۇنىڭ يەۋاتقىنى ئازغان مۇنچىقى ۋە سازاڭ، ئىچىۋاتقىنى ئوغا ۋە زەي سۇ، ئۇ پاكلىقنىڭ ئەلچىسى ئىدى، مەن ئۇنى مۇھەببىتىم ۋە كۆيۈمچانلىقىمنىڭ جەننىتىدە ئۆستۈرگەنىدىم. ئەمما، ئۇ قورقۇنچلۇق ئالۋاستىغا ئايلىنىپ، قاراڭغۇ تۈن قوينىغا سىڭىپ كەتتى، ئۆز گۇناھىنىڭ جازاسىنى تارتتى، شۇنداقلا، ئۇنىڭ گۇناھى تۈپەيلى مەنمۇ ئازابلىنىۋاتىمەن. رەشىتبېك جىم بولۇپ قالدى. گويا ئۆزىنى ئازابلاردىن قۇتۇلدۇرماقچىدەك، قوللىرى بىلەن يۈزىنى تۇتۇۋالدى. ئازراق ۋاقىت ئۆتكەندە، خۇرسىنىپ تۇرۇپ ماڭا: - مەن ساڭا ئېيتىپ بېرەلەيدىغان نەرسىنىڭ ھەممىسى مانا شۇ. بولدى، ئەمدى يەنە سوئال سورىما، بەخىتسىزلىكىم چۇقان كۆتۈرۈپ قالمىسۇن، ئۇ شەپىسىز بالا - قازاغا ئايلىنىپ، بەخىرامان راۋاجلىنىپ، ئۆمرۈمنى بۇرۇنراق ئاياغلاشتۇرۇپ، مېنى خاتىرجەم قىلسۇن، - دېدى. مەن ئورنۇمدىن تۇردۇم. كۆز چاناقلىرىم ياشقا تولدى. قەلبىمنى ئېچىنىش تۇيغۇسى ئېچىشتۇراتتى. مەن رەشىتبېك بىلەن گەپ - سۆزسىزلا خەيرلەشتىم. چۈنكى تىل ئۇنىڭ جاراھەتلەنگەن كۆڭلىگە تەسەللى بېرىشتىن ئاجىز ئىدى، ئەقىل يالقۇنىمۇ ئۇنىڭ خورلۇقتا قاراڭغۇلاشقان قەلبىنى يورۇتالمايتتى. 2 بىر نەچچە كۈن ئۆتۈپ، خۇش پۇراق گۈللەر ۋە ياپيېشىل دەرەخلەر ئارىسىدىكى ئاددىغىنا ئۆيدە تۇنجى رەت ۋالىدە خانىم بىلەن ئۇچراشتىم. ئۇ بۇرۇن رەشىتبېك نورماننىڭ ئائىلىسىدىكى چاغدا مېنىڭ ئىسىمىمنى ئاڭلىغانىكەن. مانا مۇشۇ ئايال رەشىتبېكنىڭ قەلبىنى دەپسەندە قىلغان، ئۇنى تۇرمۇشنىڭ تۆمۈر تاپىنى ئاستىغا خۇددى ئۆلۈكتەك تاشلىۋەتكەنىدى. بىراق، مەن ئۇنىڭ ئويناپ تۇرىدىغان كۆزلىرىنى كۆرۈپ، مۇزىكىدەك يېقىملىق ئاۋازىنى ئاڭلىغاندا، كۆڭلۈمدە ئىختىيارسىزلا: بۇ راستتىنلا بۇزۇق ئايالمۇ؟ مۇشۇ پاك جامال ئارقىسىغا راستتىنلا ۋەھشىي كۆڭۈل ۋە جىنايى يۈرەك يوشۇرۇنغانمىدۇ؟ بۇ راستتىنلا ئۆز ئېرىدىن يۈز ئۆرىگەن خوتۇنمۇ؟ مۇشۇ ئايال راستتىن مەن كۆپ قېتىم ئەيىبلەپ، كىچىككىنە قۇشنىڭ مامۇق پەيلىرى ئارىسىغا يوشۇرۇنغان قورقۇنچلۇق زەھەرلىك يىلان، دەپ پەرەز قىلغان ھېلىقى ئايالمۇ؟ دەپ ئويلىدىم. ئەمما مەن يەنە ئۇنىڭ ئەكسىچە ئويلىنىپ، كۆڭلۈمدە ئۆز - ئۆزۈمگە: «ئەگەر شۇنداق ئەمەس دېيىلسە، قانداق بولۇشى مۇمكىن؟ مانا مۇشۇ چىرايلىق ساھىبجامال رەشىتبېكنى بەختسىزلىككە دۇچار قىلدىغۇ؟ بىز دەل ئاشۇ سىرتقى گۈزەللىكنىڭ كىشىنى چۆچۈتىدىغان يوشۇرۇن بالا - قازا،چەكسىز ئازاب - ئوقۇبەتلەر كەلتۈرگەنلىكىنى ئاڭلىغان، كۆرگەن ئەمەسمىدۇق؟ شائىرنىڭ قەلب ئاسمىنىدا ئۆز نۇرىنى ئەكس ئەتتۈرگەن ئاي دەل جىمجىت دېڭىزدا ئۆركەش - دولقۇنلار قوزغىغان ئاي ئەمەسمىدى؟» دېدىم. مەن ئولتۇردۇم. ۋالىدە خانىممۇ ئولتۇردى. ئۇ گويا مېنىڭ نېمىلەرنى ئويلاۋاتقىنىمنى چۈشىنىپ يەتكەندەك، مېنىڭ تېخىمۇ كۆپ شۈبھە ۋە ئېسەنكىرەشلەردە بولۇشۇمغا يول قويمىدى. ئۇ ئاق مامۇقتەك قولى بىلەن چىرايلىق بېشىنى تۇتقان ھالدا، خۇددى نەي ئۈنىدەك يېقىملىق ۋە يۇمشاق ئاۋازدا مۇنداق دېدى: - دوستۇم، مەن سىزنى بۇرۇن كۆرگەن ئەمەسمەن، ئەمما، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ سىزنىڭ ئوي - پىكرىڭىز ۋە غايىڭىز ھەققىدە قىلغان پاراڭلىرىنى ئاڭلىغانمەن. شۇڭا، سىزنى چۈشىنىمەن، سىز خورلانغان ئاياللارغا بەك كۆيۈنىسىز، ئۇلارنىڭ ئاجىزلىقلىرىغا ھېسداشلىق قىلىسىز، ئۇلارنىڭ ھېسىياتى ۋە خاھىشىنى ئوبدانلا چۈشىنىسىز. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن قەلبىمنى سىزگە ئاچىمەن، مېنىڭ يۈرىكىمنى ھەقىقىي چۈشىنىشىڭىز ئۈچۈن كۆڭلۈمدىكى ئوي - خىيالنى ئاشكارا سۆزلەپ بېرەي. ئەگەر خالىسىڭىز كىشىلەرگە تونۇشتۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ، كۆپچىلىك ۋالىدەنىڭ ھەرگىز ئۆز ئېرىدىن يۈز ئۆرۈيدىغان ئوسال ئايال ئەمەسلىكىنى بىلىپ قالسۇن. تەقدىر مېنى رەشىتبېك نورمان بىلەن ئۈلپەتلەشتۈرگەن چاغدا مەن 18 ياشلىق قىز ئىدىم، ئۇ 40 لارغا بېرىپ قالغانىدى. كىشىلەر، رەشىتبېك ۋالىدەگە خۇشتار، ئۇنىڭغا پاك مۇھەببىتى بار، دېيىشەتتى. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ مېنى ئەمرىگە ئالدى. مەن ئۇنىڭ سەلتەنەتلىك قورۇسى ۋە چاكارلىرىنىڭ ئايال خوجايىنىغا ئايلاندىم. ئۇ مېنى ئالتۇن - كۈمۈشلەر، تاۋار - دۇردۇنلارغا ئوراپ، خۇددى بىر بىباھا بۇيۇم سۈپىتىدە تۇغقانلىرى ۋە دوستلىرىنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ باراتتى. خىزمەتداشلىرىنىڭ ماڭا  زوق ھەۋەس ۋە كۆيۈمچانلىق بىلەن قاراشلىرىنى كۆرگەندە ئۇنىڭ چېھرىسىدە غەلىبە تەنتەنىسى جىلۋە قىلاتتى. دوستلىرىنىڭ خانىملىرىنىڭ مەن توغرۇلۇق ماختاش ۋە يېقىنچىلىق پوزىتسىيىسى بىلەن پاراڭ سېلىشقانلىقلىرىنى ئاڭلىغاندا پەخىرلىنى ۋە غۇرۇرلىنىپ بېشىنى ئېگىز كۆتۈرەتتى. ئەمما ئۇ بەزى كىشىلەرنىڭ كۇسۇلداشلىرىغا دىققەت قىلمايتتى. بەزىلەر: «بۇ رەشىتبېكنىڭ خوتۇنىمۇ ياكى بېقىۋالغان قىزىمۇ؟» دەپ سورىشاتتى. يەنە بەزىلەر: «ئەگەر رەشىتبېك ياش ۋاقتىدا ئۆيلەنگەن بولسا، ئۇنىڭ چوڭ بالىسىمۇ ۋالىدەچىلىك بولۇپ قالاتتى» دېيىشەتتى. مۇشۇ ئىشلار يۈز بەرگەن چاغلاردا، تېخى مېنىڭ ھاياتىم ياشلىقىمنىڭ شېرىن ئۇيقۇسىدىن ئويغانمىغان، سۆيگۈ ئىلاھىمۇ مېنىڭ قەلبىمدە تېخى مۇھەببەت يالقۇنىنى ياندۇرمىغان، مېنىڭ كۆڭلۈمدە تېخى مۇھەببەت ۋە ئاشىقلىقنىڭ ئۇرۇقلىرى بىخ سۈرمىگەنىدى. ئەينى چاغدا، چىرايلىق كىيىم - كېچەكلەر، كۆركەم مەپە ۋە ئەتراپىمدىكى قىممەت باھالىق جاھاز - ئۈسكۈنىلەرگە قاراپ ئۆزۈمنى چەكسىز بەختىيار ھېس قىلغانىدىم. ئەمما، مەن ئەقلىمنى تاپقان چاغدا، مېنى مۇھەببەتنىڭ زۇمرەت ئاسمىنىغا ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن يېيىلغان قاناتلىرىمنىڭ قانۇننىڭ پولات زەنجىرى ئالدىدا تىترەپ، ھالسىز يىقىلغانلىقىنى كۆردۈم. بۇ قانۇن مەن تېخى ئۇنىڭ ماھىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرمىغان، ئۇنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىپ يەتمىگەن چاغدىلا مېنىڭ ۋۇجۇدۇمنى ئىسكەنجىسىگە ئېلىپ بولغانىدى. مەن بۇنى ئەقلىمنى تاپقان چاغدىلا ھېس قىلىپ يەتتىم. مەن تونۇپ يەتتىمكى، بىر ئايالنىڭ بەختى ئەرنىڭ شان - شۆھرىتىدە، ھوقۇق - ئەمەلىدە، مەردلىكىدە ۋە كۆڭۈل - كۆكسىنىڭ كەڭلىكىدە ئەمەس، بەلكى ئىككى تەرەپنىڭ مۇھەببىتىدە ئىكەن. بۇ مۇھەببەت بولغاندىلا ئۇلارنىڭ قەلبى بىر - بىرىنى چىڭ قۇچاقلاپ، قىزنىڭ مۇھەببىتىنى يىگىتنىڭ يۈرەك قاتلاملىرىغىچە سىڭدۈرۈپ، ئۇلارنى تۇرمۇشنىڭ ئايرىلماس بىر قىسىمىغا، ئاللا ئىگەم ياراتقان تۈمەنلىگەن مەۋجۇداتلار ئارىسىدىكى بىر ھايات نەرسىگە ئايلاندۇرىدىكەن. مانا مۇشۇ ئېچىنىشلىق رېئاللىق مېنىڭ كۆز ئالدىمدا روشەن نامايەن بولغاندا، مەن ئۆزۈمنى رەشتبېك نورماننىڭ ئۆيىدە ئۇنىڭ بولكىلىرىنى يەپ، تۈن پەردىسى ئىچىگە ئۆزىنى يوشۇرۇپ تۇرغان بىر ئوغرىدەك ھېس قىلدىم. بىلەتتىمكى، ئۇنىڭ يېنىدا ئۆتكۈزگەن ھەر بىر كۈنۈم مېنىڭ پېشانەمگە ساختىلىق خۇددى چوغدەك ئېنىق ھەرپلەر بىلەن يېزىپ قالدۇرغان مىسلىسىز بىر ئالدامچىلىق ئىدى. چۈنكى مەن ئۇنىڭ مەرد ۋە كەڭ قورساقلىقىغا لايىق تۈردە ئۇنىڭغا ھەقىقىي مۇھەببەت بېرەلمىدىم. ئۇنىڭ سادىق ۋە ئاق كۆڭۈللۈكىگە لايىق ھالدا كۆڭلۈمنى بېرەلمىدىم، مەن ئۇنى ياخشى كۆرۈشنى ئۆگىنىۋالاي دەپ كۆپ ھەرەج تارتقان بولساممۇ، ئۆگىنەلمىدىم. چۈنكى مۇھەببەت بىر خىل قۇدرەت ئىگىسى ئىدى، ئۇ مېنىڭ قەلبىمنى - كۆڭلۈمنى ياراتقان، ئەمما مېنىڭ كۆڭلۈم مۇھەببەتنى يارىتىشقا قادىر ئەمەس ئىدى ... مەن جىمجىت كېچىلەردە ئاسمانغا قاراپ، تىلاۋەت قىلىپ: «ئەي خۇدا، سەن قەلبىمنىڭ ئەڭ چوڭقۇرىغا مۇھەببەت ئاتا قىلغىن، ماڭا نېسىپ قىلىنغان بۇ جورامغا يېقىنلىشىدىغان بولاي» دەپ يالۋۇرغانىدىم. ئەمما، خۇدا تىلەكلىرىمگە قۇلاق سالمىدى. چۈنكى مۇھەببەتنى خۇدا ئۆزى كۆڭلىمىزگە سالىدۇ، ئۇ ھەرگىز ئىنساننىڭ يالۋۇرۇشلىرىدىن پەيدا بولمايدۇ. مانا شۇنداق ھالەتتە، مەن رەشىتبېكنىڭ ئائىلىسىدە كاكراس ئىككى يىلنى ئۆتكۈزدۈم. مەن دالىدىكى ئەركىن قۇشلارغا زوقلىناتتىم . مەن خۇددى بىر ئانا ئۆزىنىڭ جۇدا بولغان يالغۇز بالىسى ئۈچۈن ئاھ ئۇرۇپ يىغلىغاندەك، ئۆز كۆڭلۈم - يۈرىكىم ئۈچۈن يىغلايتتىم، مېنىڭ كۆڭلۈم تۆرىلىشىدىنلا سەزگۈر ۋە ساغلام ئىدى. ئەمما ئىجتىمائىي قانۇننىڭ ئاسارىتىدىن ئېغىر كېسەلگە مۇپتىلا بولدى. ھەر كۈنى ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇق دەردىدە مىڭ ئۆلۈپ مىڭ تىرىلەتتىم. ئەنە شۇ قاپقاراڭغۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەن توساتتىنلا بىر ياش يىگىتنىڭ كۆزلىرىدىن كەلگەن يېقىملىق نۇرنى كۆرۈپ قالدىم، ئۇ يىگىت يەككە - يېگانە ئىدى، مانا مۇشۇ ئاددىي ئۆيدىكى كىتاب - قەغەزلەر ئۇنىڭ ھەمراھى ئىدى. ئەنە شۇ نۇردىن ئۆزۈمنى يوشۇرۇش ئۈچۈن كۆزۈمنى يۇمۇۋالدىم ۋە ئۆز - ئۆزۈمگە: «ئېخ قەلبىم! سېنىڭ پېشانەڭگە مەڭگۈ گۆرىستان قاراڭغۇلۇقىدا ياشاش پۈتۈنلگەن، يورۇقلۇقنى ئىزدەپ ھەرگىز ئۆزۈڭنى ئۇپراتما!» دېدىم. ئاندىن سامادىن كېلىۋاتقان مۇزىكا ساداسىغا قۇلاق سالدىم. بۇ كۈينىڭ ساپلىقى ۋۇجۇدۇمنى ئىگىلىدى. مەن قۇلىقىمنى ئېتىۋېلىپ، ئۆز - ئۆزۈمگە: «ئېخ قەلبىم، سەن پەقەت چوڭقۇر قاينامدىكى چۇقاننىلا ئاڭلىشىڭ كېرەك. سامادىكى مۇزىكا ساداسىنى خىيالىڭدىن چىقىرىۋەت!» دېدىم. كۆرمەي دەپ كۆزۈمنى يۇمۇۋالدىم. ئەمما، مېنىڭ كۆزلىرىم چىڭ يۇمۇلغان بولسىمۇ، يەنىلا ھېلىقى نۇرنى كۆرۈپ تۇراتتى، قۇلىقىمنى ھەر قانچە چىڭ ئېتىۋالساممۇ يەنىلا ھېلىقى سامادىن كېلىۋاتقان مۇزىكا ساداسى ئاڭلىناتتى. دەسلەپتە مەن قورقتۇم، خۇددى بىر نامرات كىشى پادىشاھ ئوردىسىنىڭ قېشىدا بىر گۆھەرنى كۆرۈپ، ئالاي دېسە قورققاندەك، ئالماي دېسە نامراتلىقى يول قويمىغاندەك ئەھۋالدا قالدىم. ئازابلاندىم، خۇددى ئۇسساپ چاك - چاك بولغان ئادەم يىرتقۇچ ھايۋان ساقلاۋاتقان بۇلاقنى كۆرۈپ ئۈمىدسىزلىكتە ئۆزىنى يەرگە ئېتىپ ئازابلانغاندەك ئازابلاندىم... ۋالىدە خانىم جىم بولدى. خۇددى ئۆتكەن ئىشلار ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا نامايەن بولۇپ، ماڭا راۋۇرۇس قاراشقا جۈرئەت قىلالمىغاندەك، چوڭ كۆزلىرىنى يۇمۇۋالدى. بىر ئاز ۋاقىت ئۆتكەندە سۆزىنى داۋام قىلدى: - ھەقىقىي تۇرمۇش تەمىنى تېخى تېتىپ كۆرمىگەن، ئەبەدىيلىك دۇنياسىدىن كېلىپ يەنە ئەبەدىيلىك دۇنياسىغا كېتىدىغان ئادەملەر ئىككى ئەركەكنىڭ ئوتتۇرىسىدا تېڭىرقاپ تۇرغان ئايالنىڭ ئازابلىرىنى چۈشەنمەيتتى. بىر ئەركەكنى ئۇ ئايال ئەرشتىكى ئاللانىڭ ئىرادىسى بويىچە چىن مۇھەببەت بىلەن سۆيگەن، يەنە بىر ئەركەك بىلەن بولسا بۇ پانىي ئالەمدىكى قانۇنغا ئاساسەن توي قىلغان. بۇ - شۇ ئايالنىڭ قېنى ۋە يېشى بىلەن يېزىلغان تراگېدىيە، ئەركەكلەر ئۇنى ئوقۇپ كۈلۈشىدۇ، چۈنكى ئۇلار چۈشەنمەيدۇ. ئەگەر چۈشەنسە، ئۇلارنىڭ كۈلكىسى ئەيىش - ئىشرەت ۋە ۋەھشىيانىلىققا ئايلىنىدۇ. ئۇلار شۇ ئايالنىڭ بېشىغا غەزەپ چاقماقلىرىنى ياغدۇرىدۇ، ئايالنىڭ قۇلىقىغا يېقىن كېلىپ ئۇنى جان - جەھلى بىلەن تىللايدۇ ۋە قاغايدۇ. بۇ بىر ئېچىنىشلىق ھېكايە. ئۇنىڭدا بىر ئايالنىڭ يۈرىكىدە ھۆكۈم سۈرگەن ئۇزۇن قاراڭغۇ كېچىلەر تەسىرلەنگەن. بۇ ئايالنىڭ جىسمىنى بىر ئەكەكنىڭ كارىۋىتى چىرمىۋالغان. ئۇ تېخى توي قىلىشنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى بىلمەيدىغان چېغىدىلا بۇ ئەركەك ئۇنىڭ ئېرىغا ئايلىنىپ قالغان. ئەمما بۇ ئايالنىڭ قەلبى باشقا بىر ئادەمگە تەلپۈنىدۇ، ئۇ شۇ ئادەمنى سۆيىدۇ، قەلبىدىكى پۈتۈن مۇھەببىتى، مۇھەببەتنىڭ بارلىق پاكلىقى ۋە لەززىتى بىلەن سۆيىدۇ. بۇ بىر قورقۇنچلۇق ئېلىشىش. بۇ ئېلىشىش ئايالنىڭ ئاجىزلىقى ۋە ئەرنىڭ قۇدرىتى پەيدا بولغاندىن تارتىپ باشلانغان بولۇپ، پەقەت ئاجىزلىق قۇدرەتكە باش قويىدىغان كۈن يېتىپ كەلگەندىلا ئاندىن ئاياغلىشىدۇ. شۇنداقلا بۇ ئالەمدىكى چىرىك قانۇن بىلەن قەلبنىڭ مۇقەددەس مۇھەببىتى ئوتتۇرىسىدىكى مىسلىسىز جەڭ. تۈنۈگۈن مەن بۇ جەڭ مەيدانىدا مەغلۇپ بولدۇم، ئۈمىدسىزلىك گىرداۋىدا ئۆلۈشكە، ياشلىرىمدىن ھاسىل بولغان دېڭىزدا غەرق بولۇپ كېتىشكە تاس - ماسلا قالدىم. ئەمما ئورنۇمدىن تۇرۇپ مەسۇمە قىزنىڭ توخۇ يۈرەكلىكىدىن جۇدا بولۇپ، قاناتلىرىمنى چىرمىۋالغان ئاجىزلىق ۋە خورلۇقنىڭ زەنجىرىنى پاچاقلاپ تاشلاپ، مۇھەببەت ۋە ئەركىنلىكنىڭ زۇمرەت ئاسمىنىغا ئۇچتۇم. ھازىر بۇ ئادەم بىلەن ئۆتكۈزۈۋاتقان تۇرمۇشۇمدىن تولىمۇ بەختىيارلىق ھېس قىلىمەن. چۈنكى ئۇنىڭ بىلەن ئىككىمىز ئىنسانلارنىڭ ھاياتى باشلىنىشتىن بۇرۇنلا خۇدانىڭ ئىلكىدە لاۋۇلداپ يېنىۋاتقان يالقۇن ئىدۇق. بۇ دۇنيادا بەختىمنى تارتىۋالغۇدەك ھېچقانداق كۈچ يوق. چۈنكى بۇ بەخت ئۆز ئارا چىرمىشىپ كەتكەن، بىر - بىرىنى سۆيىدىغان ئىككى يۈرەكنىڭ قۇچاقلىشىشلىرىدىن بەرپا بولغان... ۋالىدە خانىم چوڭقۇر مەنىگە تولغان نەزەرى بىلەن گويا مېنىڭ كۆڭلۈمگە كىرىپ، ئۆز سۆزىنىڭ قەلبىمدە قوزغىغان دولقۇنلىرىنى كۆرمەكچى، ئۆز سۆزىنىڭ قەلبىمدە پەيدا قىلغان ساداسىنى ئاڭلىماقچى بولغاندەك قارىدى. ئەمما مەن ئۇنىڭ سۆزىنىڭ بېلىگە تېپىۋەتمەسلىك ئۈچۈن لام - جىم قىلمىدىم. ئۇ سۆزىنى داۋام قىلدى. ئۇنىڭ ئاۋازىدا ئۆتمۈشنى ئەسلەشنىڭ ئازابى ۋە ئازاد - ئەركىن بولۇشنىڭ لەززىتى بار ئىدى. - كىشىلەر سىزگە: «ۋالىدە بىۋاپا، ئېرىدىن يۈز ئۆرىگەن ئايال، ئۇ ھەۋەسكە بېرىلىپ، بەڭباشلىق قىلىپ، ئۆزىنى ئايال خوجايىنلىق ئورنىغا كۆتۈرگەن ئېرىدىن ۋاز كەچتى، ئۇ بىر شاللاق ئايال، ئۇ پاسكىنا قوللىرى بىلەن دىن تۈزگەن مۇقەددەس  نىكاھ گۈل  چەمبىرىكىنى ۋەيران قىلىۋېتىپ، دوزاخ تىكەنلىرىدىن ياسالغان ئىپلاس كىشەننى ئەۋزەل كۆردى، گۈزەل ئەخلاق ۋە خۇلقى  - مىجەزىنىڭ سەلتەنەتلىك لىباسىدىن ۋاز كېچىپ، شەرمەندىلىك ۋە قەبىھلىك تونىنى كىيدى» دېيىشەر. ئۇلار يەنە سىزگە تېخىمۇ كۆپ ئەيىبلىرىم ھەققىدە شىكايەت قىلىشار. چۈنكى ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ روھى ھېلىھەم ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدا مەۋجۇت. ئۇلار خۇددى كەڭ ۋە چوڭقۇر غار - ئۆڭكۈرلەرگە ئوخشاش ئاۋازلار ساداسىنى قايتۇرۇشنىلا بىلىدۇ. ئەمما ئاۋازنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەيدۇ. ئۇلار خۇدا ئىنسانىيەتكە تۈزۈپ بەرگەن قانۇننى بىلمەيدۇ، دىننىڭ ھەقىقىي مەزمۇنىنىمۇ چۈشەنمەيدۇ، ھەق - ناھەقنى پەرق ئەتمەيدۇ، بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرىدۇ، شەيئىلەرنىڭ يۈزەكى ھادىسىلىرىنى كۆرۈش بىلەنلا چەكلىنىدۇ، شەيئىلەرنىڭ سىرلىرىنى ئېچىشنى خالىمايدۇ. ئۇلار ئالدىراپ - تېنەپلا يەكۈن چىقىرىپ، خەقنى قارىغۇلارچە ئەيىبلەيدۇ، ئۇلار شەپقەت بىلەن ياۋۇزلۇقنى، ياخشى بىلەن ياماننى ئايرىمايدۇ. كىم شۇنداق يەكۈن چىقارسا، ئۇنى قاتتىق تىللاش كېرەك! كىم كىشىنى شۇنداق ئەيىبلىسە، ئۇ تېگىشلىك جازاسىنى تارتىشى كېرەك! مەن رەشىتبېكنىڭ ئائىلىسىدىكى چاغدا، ھەقىقەتەن بىر ساداقەتسىز شاللاق ئىدىم، چۈنكى ئۇ ئەنئەنە ۋە ئادەتكە تاينىپلا مېنى ئۆز كارىۋىتىدىكى ھەمراھى قىلىۋالغان. ئەمما، خۇدا قەلب ۋە مۇھەببەت قانۇنىغا ئاساسەن مېنى ئۇنىڭ خوتۇنى بولۇشقا بۇيرۇغان ئەمەس. شۇ چاغدا مەن ئۆز قەلبىم ۋە خۇدا ئالدىدا پاسكىنا ۋە پەسكەش ئىدىم. چۈنكى مەن ئۇنىڭ مال - مۈلكى بىلەن ئۆز قورسىقىمنى تۇشقۇزاتتىم. ئۆز بەدىنىم ئارقىلىق ئۇنىڭ نەپسىنى قاندۇراتتىم. ئەمما ھازىر مەن پاك ۋە پاكىزمەن. چۈنكى مۇھەببەت قانۇنى مېنى ھۈرلۈككە ئىگە قىلدى. مەن شەرەپلىك ساداقەتمەن، چۈنكى مەن ئەمدى ئۆز بەدىنىمنى بولكىلارغا تېگىشمەيمەن، ئۆز ھاياتىمنى چىرايلىق كىيىم - كېچەكلەرگە تېگىشمەيمەن، ئۆز ھاياتىمنى چىرايلىق كىيىم - كېچەكلەرگە ساتمايمەن. شۇنداق، كىشىلەر مېنى «ئەخلاقلىق ئايال» دېيىشكەن چاغلاردا مەن قەبىھ شاللاق ئىدىم. ئەمما ھازىرچۇ؟ مەن پاك، شەرەپلىك ئايالغان ئايلانغاندا، خەقلەر مېنى «پەسكەش، ناپاك» دېيىشىدۇ. چۈنكى ئۇلار قەلبكە جىسمانىي مىزان بىلەن ھۆكۈم قىلىدۇ، روھنى ماددىي ئۆلچەملەر بىلەن ئۆلچەيدۇ... ۋالىدە خانىم دېرىزە تەرەپكە قاراپ، ئوڭ قولى بىلەن شەھەرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ سۆزلەپ كەتتى. ئۇنىڭ ئاۋازى گويا شەھەرنىڭ تار كوچىلىرىدا ئۆگزىلەردە، بوسۇغىلاردا تۇرغان چىرىك ئەرۋاھلار ۋە چۈشكۈن بەدىۋىلەرنى كۆرۈۋاتقاندەك، مەنسىتمەسلىك ۋە نەپرەتكە تولۇپ تاشقانىدى. - ئەنە شۇ زەردارلار ۋە ئەمەلدارلارنىڭ كۆركەم ئوردىلىرى ۋە ھەشەمەتلىك سارايلىرىغا نەزەر سېلىپ بېقىڭ. تاۋار - دۇردۇنلارغا ئورالغان تاملار ئىچىدە خائىنلىق ۋە ساختىپەزلىك، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ئۆگزىلەر ئاستىدا ئالدامچىلىق ۋە پىتنە - پاسات داۋام قىلماقتا. سىز مانا بۇ شۆھرەت، ئابروي ۋە بەختنىڭ سىمۋولى بولۇپ تۇرغان ئىمارەتلەرگە ياخشىراق قاراڭ. بۇلار خورلۇق، ئازاب - ئوقۇبەت ۋە بەخىتسىزلىكىنى يوشۇرۇپ تۇرىدىغان غارلاردۇر، بۇلار ياساپ - جابدۇپ قويۇلغان گۆرىستاندۇر. بۇ يەرلەردە ئۇپا - ئەڭلىكلەر بىلەن ئۆز قىياپىتىنى يوشۇرۇپ تۇرغان ئاياللارنىڭ قۇۋلۇق - شۇملۇقى، ئۆزىنى بۇلۇڭ - پۇشقاقلارنىڭ دالدىسىغا ئالغان ئالتۇن - كۈمۈشلىرى ۋالىلداپ تۇرغان ئەركەكلەرنىڭ خۇسۇسىي غەرەز ۋە ھاۋايى - ھەۋەسلىرى بار. مانا شۇ بۇلۇتلارغا تاقاشقان مەغرۇر سارايلار ئۆز ۋۇجۇدىغا يامراپ كەتكەن ئازاب ۋە ئالدامىلىقنىڭ ھىدىنى سېزىدىغان بولسا، جەزمەن يېرىلىپ، ئۆرۈلۈپ، چوڭقۇر قاينامغا چۆكۈپ كېتىدۇ. نامرات سەھرالىقلار بۇ ئوردا - سارايلارغا ياشقا تولغان كۆزلىرى بىلەن قارىشىدۇ. ئەگەر ئۇلار بۇلاردا تۇرۇۋاتقان كىشىلەرنىڭ كۆڭلىدە بىر نامرات ئايالنىڭ كۆڭلىدە جۇش ئۇرۇپ تۇرغانچىلىك لەززەتلىك مۇھەببەت يوقلۇقىنى بىلىدىغان بولسا، مەسخىرە قىلىپ، كۈلۈشۈپ، رازىمەنلىك بىلەن ئۆز ئېتىزلىرىغا قارىۋالىدۇ. ۋالىدە قولۇمدىن تۇتۇپ، مېنى بايا ئۇ ھەيۋەتلىك سارايلارغا قاراپ تۇرغان دېرىزە تۈۋىگە باشلاپ باردى - دە، سۆزىنى داۋام قىلدى: - كېلىڭ، سىزگە مەن بىر ئېقىمدا بۇلغىنىشنى خالىمايدىغان كىشىلەرنىڭ سىرىنى ئېيتىپ بېرەي. سىز ئەنە ئاۋۇ مەرمەر تۈۋرۈكلۈك، چۆرىسىگە مىستىن گۈل چىقىرىلغان، ئىشىك - دېرىزىلىرى ۋالىلداپ تۇرغان سارايغا قاراڭ. بۇ ساراينىڭ خوجايىنى پۇلدا ئادەم. ئۇنىڭغا پىخسىق ئاتىسىنىڭ مالۇ دۇنياسى مىراس قالغان. ئۇ چىرىك، چۈشكۈن شارائىتتا ئۆز ئەخلاقىنى شەكىللەندۈرگەن. ئىككى يىل بۇرۇن، ئۇ بىر قىزغا ئۆيلەندى. ئۇ قىزنى قىلچە چۈشەنمەيتتى، پەقەت قىز ئاتىسىنىڭ يۇقىرى تەبىقىدىن ئىكەنلىكىنى، ئەجدادىدىن تارتىپلا مەرتىۋىلىك، شۆھرەتلىك ئىكەنلىكىنىلا بىلەتتى. يېڭى توي قىلغان لەززەتلىك ئاي توشماي تۇرۇپلا ئۇ خوتۇنىدىن زېرىكىپ، ئۇنى خۇددى ھاراقكەش بوشىغان بوتۇلكىنى چۆرۈۋەتكەندەكلا سارايغا تاشلىۋېتىپ، جالاپلار بىلەن زىناخورلۇققا كىرىشىپ كەتتى. دەسلەپتە قىز يىغلىدى، قاقشىدى، ھەسرەت - نادامەت چەكتى. ئەمما كېيىنچە خۇددى خاتالاشقان ئادەم ئۆز خاتالىقىنى تونۇپ يەتكەندەك، ئۆزىگە ھاي بېرىپ، ئېرىنى ئۇنتۇدى. ئۇ ئۆز ئېرىدەك ئادەمدىن جۇدا بولۇشنىڭ ياش تۆكۈشكە نالايىق ئىكەنلىكىنى چۈشەندى. ھازىر ئۇ بىر چىرايلىق، مېھرىبان يىگىت بىلەن سۆيگۈ لەززىتىنى سۈرمەكتە. ئۇ قەلبىدىكى بارلىق مۇھەببىتىنى شۇ يىگىتكە بەرگەن بولۇپ، ئېرىنىڭ ئالتۇن - كۈمۈشلىرى بىلەن ئاشىقىنىڭ ھەميانىنى توشقۇزماقتا. ئېرىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كارى يوق، ئۇمۇ ئېرىنى نەزەر - گۈزىرىگە ئالمايدۇ... ئەمدى ئاۋۇ يېشىل چىمەنلىك ئارىسىدىكى ئۆيگە قاراڭ. بۇ ئۆينىڭ ئىگىسى بۇرۇن دۆلەتكە كۆپ يىل ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئاتاقلىق جەمەتنىڭ نەسلى بولۇپ، روزىغارىنىڭ چېچىلىشى ۋە ئۇرۇق - ئەۋلادىنىڭ ھۇرۇنلۇقى تۈپەيلىدىن خانىۋەيران بولغان. بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا، ئۇ سەت، ئەمما پۇلدا بىر قىزغا ئۆيلەندى. قىزنىڭ غايەت زور روزىغارىنى قولغا كىرگۈزۈۋالغاندىن كېيىنلا ئۇنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، چىرايلىق بىر ئاشنا تېپىۋالدى. ھېلىقى قىز ئۆزىنىڭ تاشلىۋېتىلگەنلىكىدىن ئاچچىقلىنىپ، يېرىلغۇدەك بولۇپ، ئەسەبىيلەرچە ئاشنا تېپىشنىڭ كويىغا چۈشۈپ قالدى. ھازىر ئۇ ھەر كۈنى بىر قانچە سائەت ۋاقىتنى ئۆزىنى ياساپ - جابدۇش، يۈز - كۆزىگە ئۇپا ئەڭلىك سۈركەش، ئۆزىنى شايى - ئەتلەسلەر بىلەن بېزەشكە سەرپ قىلىپ، ئويناشقا كەلگۈچىلەرنىڭ كۆزىگە ئىللىق كۆرۈنۈشكە تىرىشىدۇ. بىراق ئۇنىڭ ئىگە بولغىنى ئۆزىنىڭ ئەينەكتە كۆرۈنۈۋاتقان ئەكسىدىنلا ئىبارەت... ئەنە ئاۋۇ تاملىرى رەڭدار سۈرەت ۋە ئويما ھەيكەللەر بىلەن تولغان بىنانىڭ خوجايىنى ئۆزى ساھىبجامال، ئەمما كۆڭلىدە زەھەر قاينايدىغان ئايال. ئۇنىڭ ئېرى ئالەمدىن ئۆتكەن بولۇپ، بارلىق مال - مۈلكى ئۇنىڭغا مىراس قالغان. ئۇ ۋىجىككىنە، لايغەزەل بىر كىشىنى ئۇنىڭ نامى بىلەن ئۆزىگە كېلىدىغان زەربىلەرگە تاقابىل تۇرۇش، ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقى بىلەن ئۆزىنىڭ شەرمەندە ئەپت - بەشىرىسىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن نامدىكى ئەرلىككە تاللىۋالدى. ھازىر ئۇ ئۆزىگە يېپىشقان بىر توپ ئەركەكلەرنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپتۇ. ئۇ خۇددى گۈللەر ئارىسىدىكى ھەسەل ھەرىسىدەك، ئەڭ خۇش پۇراقلىق، ئەڭ لەززەتلىك شىرنىنى سۈمۈرمەكتە.ئەمدى ئاۋۇ ئازادە كارىدورلۇق، نەپىس ئەگمە دەرۋازىلىق بىناغا قاراڭ، بۇ ئۆينىڭ خوجايىنى ماددىي لەززەت قوغلىشىپ كۈن بويى شاپاشلاپلا يۈرىدىغان بالاخور ئادەم، ئۇنىڭ خوتۇنى سۇباتلىق، ساھىبجامال، ئالىيجاناب، لاتاپەتلىك ۋە ئەدەبلىك ئايال. ئۇنىڭ ئالىيجاناب قەلبى بىلەن نازۇك جىسمى خۇددى شېئىردىكى مۇكەممەل مەزمۇن بىلەن نەپىس قاپىيە، رادىپلار ماسلاشقاندەك ماس كەلگەن، ئۇ دۇنياغا مۇھەببەتلىك ياشاپ، مۇھەببەتلىك ئۆلۈش ئۈچۈن تۆرەلگەن. ئەمما خۇددى باشقا قىزلارغا ئوخشاشلا، ئۇ تېخى 18 ياشقا توشمىغان چاغدىلا ئۇنىڭ بوينىغا ئارتىسى چىرىك نىكاھ بويۇنتۇرۇقىنى سېلىپ قويغان. ھازىر ئۇ سارغايدى، سولاشتى، چەكلىمىگە ئۇچرىغان مۇھەببەتنىڭ ئوتىدا شامدەك ئېرىپ، بوران - چاپقۇندا غايىب بولۇۋاتقان خۇش پۇراقتەك تۈگەشمەكتە. ئۇ تۈگەشمەكتە، چۈنكى ئۇ قەدرىگە يەتكەن بىر نەرسىنى قوغلىشىدۇ يۇ، ئۇنى كۆرەلمەيدۇ. ئۇ ئەزرائىلنىڭ بۇرۇنراق كېلىپ، بۇ ئۆلۈك سۇدەك ھاياتتىن قۇتۇلدۇرۇشىنى، ئېرىنىڭ قۇللۇقىدىن ئازاد قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئېرى كۈندۈزلىرى سىرتتا پۇل ھەلەكچىلىكى بىلەن بولىدۇ، كەچتە قايتىپ كېلىپ، ئالتۇن تەڭگىلىرىنى ساناشقا كىرىشىدۇ. چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ: «ماڭا مىراسخور بولغۇدەك ئوغۇل تۇغۇپ بەرمىدىڭ» دەپ ئايالىنى تىللاپ پۇسكايتىۋېتىدۇ... ئەنە ئاۋۇ چىمەنلىكتىكى يەككە - يېگانە ئۆيگە قاراڭ. بۇ بىر شائىرنىڭ ئۆيى. ئۇ رومانتىك، پاك ۋە روھىي ھايات ئۈچۈن جان دەيدىغان ئادەم. ئەمما ئۇنىڭ خانىمى دەلتە، قوپال. ئايال ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى مەسخىرە قىلىدۇ. چۈنكى ئۇ شېئىرنى زادى چۈشەنمەيدۇ. ئېرىنىڭ ئەسەرلىرىنى مازاق قىلىدۇ، چۈنكى ئۇ بۇ ئىشنىڭ ئەھلى ئەمەس. ھازىر شائىر ئايالىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، باشقا بىر ئەرلىك ئايالغا ئاشىق بولۇپ قالدى، ئۇ ئايال ئەقىللىق، زېرەك ۋە چەكسىز مۇلايىم بولۇپ، شائىرنىڭ قەلبىدە نۇرلۇق چىراغ ياندۇردى. ئۇ خۇش تەبەسسۇملىرى ۋە خۇمالىق بېقىشلىرى بىلەن شائىرنىڭ ئۆلمەس شېئىرلار يارىتىشىغا ئىلھام بەرمەكتە... ۋالىدە خانىم جىمىپ قالدى، گويا ئاشۇ ئۆي - ئىمارەتلەرنىڭ قاراڭغۇ خانىلىرىدىكى تاماشا ئۇنى چارچىتىپ قويغاندەك، دېرىزىگە يېقىنلا قويۇلغان ئورۇندۇققا ئولتۇردى. بىر ئاز ۋاقىت ئۆتۈپ، سۆزىنى خاتىرجەم ھالدا داۋام قىلدى: - مانا بۇلار مەن ھايات كەچۈرۈشنى خالىمىغان سارايلار، مانا بۇلار مەن ئۆزۈمنى تىرىكلا كۆمۈشنى خالىمىغان گۆرلەر. ئۇ ئادەملەر ئەنە شۇنداق بولغانلىقتىن، مەن ئۇلارنىڭ ئادەتلىرىدىن ۋاز كەچتىم، ئۇلارنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلدۇم. مانا بۇ ئادەملەرنىڭ توي - نىكاھلىرى پەقەت جىسمانىي جەھەتتە قوشۇلۇش، روھىي جەھەتتە بىر - بىرىدىن بىزار بولۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. خۇدانىڭ قانۇنىدىن ھېچنېمىنى بىلمەسلىكى - ئۇلارنىڭ تەڭرى ئالدىدا ئۆزىنى ئاقلايدىغان بىردىنبىر سۆزىدۇر. ھازىر مەن ئۇلار ئۈستىدىن شىكايەت قىلمايمەن. ئۇلارغا ئىچىم ئاغرىيدۇ. مەن ئۇلارغا نەپرەتلەنمەيمەن، بەلكى ئۇلارنىڭ ساختىلىق، ئالدامچىلىق ۋە قۇۋلۇق - شۇملۇقلارغا نىسبەتەن مادارچىلىق قىلغىنىغا نەپرەتلىنىمەن. سىزنىڭ ئالدىڭىزدا ئۇلارنىڭ روھىي دۇنياسىدىكى ئىپلاسچىلىقلارنى ۋە تۇرمۇشىدىكى سىرلارنى ئېچىپ تاشلىشىم غەيۋەت، تۆھمەت قىلىشقا خۇشتارلىقىمدىن ئەمەس. مەقسىتىم، پەقەت سىزگە بۇ ئادەملەرنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى تونۇتۇپ قويۇشتىنلا ئىبارەت. تۈنۈگۈن مەن ئۇلارغا ئوخشاشلا تۇرمۇش كەچۈرگەنىدىم، ئەمما بۈگۈن قۇتۇلدۇم. مېنىڭ بۇنداق قىلىشىم، سىزگە بۇ كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى تونۇشتۇرۇپ قويۇش ئۈچۈن. ئۇلار بارلىق ئامال - چارىلەر بىلەن ماڭا ھۇجۇم قىلىشتى، شۇڭا مەن ئۇلارنىڭ دوستلۇقىدىن جۇدا بولدۇم، بىراق، ئۆزۈمگە خوجا بولدۇم. مەن ئۇلارنىڭ ئادەم ئالدايدىغان قاراڭغۇ يولىدىن قۇتۇلۇپ، ساداقەت، ھەقىقەت ۋە ئادىللىق نۇرىغا قاراپ يۈزلەندىم. ئۇلار مېنى ئۆزلىرى ئارىسىدىن شاللاپ چىقاردى، مەن چىن دىلىمدىن رازى بولدۇم. چۈنكى قايسىبىر ئالىيجاناب يۈرەك ئادەم ئۇلارنىڭ شەرمەندىلىكى ۋە زوراۋانلىقىغا قارشى جەڭ ئېلان قىلسا، ئۇلار شۇنى قوغلاپ چىقىرىدۇ. ئەگەر كىمدە كىم قۇلچىلىق ۋە زۇلۇمغا قارشى ئىسيانغا ھۆرمەت قىلمىسا، ئۇ كىشى ھەقىقەت ئەركىنلىكىگە سازاۋەر بولالمىغان كىشىدۇر. تۈنۈگۈن، مەن خۇددى ھەممە نەرسىسى مول بىر زىياپەت شىرەسى ئىدىم. رەشىتبېك ھەر قېتىم قورسىقى ئاچقاندىلا مېنىڭ قېشىمغا كېلەتتى. ئەمما بىزنىڭ كۆڭلىمىز خۇددى ئىككى نەپەر پەسكەش مالايدەك بىر -  بىرىدىن ناھايىتى يىراقتا تۇراتتى. مەن ھەقىقىي ئەھۋالنى كۆرۈپ يەتكەندە، ئۇنىڭ قۇلى بولۇشنى خالىمىدىم. مەنمۇ تەقدىرگە باش ئېگەي، دەپ ئويلىغانىدىم، ئەمما ئەپلەشتۈرەلمىدىم. چۈنكى مېنىڭ قەلبىم بۇ قاراڭغۇلۇققا ھۆرمەت قىلىدىغان يىللار بەرپا قىلغان، قانۇن ئىززەتلەيدىغان بۇتلار ئالدىدا چوقۇنۇپ ياشاشنى رەت قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن مەن كويزا - كىشەننى پاچاقلىدىم، مۇھەببەت سادالىرىنى ئاڭلىدىم. كۆڭلۈمدە يېپيېڭى بىر دۇنيا يۈز ئاچتى. مەن رەشىتبېكنىڭ ئائىلىسىدىن ئايرىلدىم، قىممەت باھالىق ئۈزۈك، بىلەزۈك، چىرايلىق كىيىم - كېچەكلەر، مالاي - چاكارلار ۋە سەلتەنەتلىك مەپىدىن ۋاز كەچتىم. خۇددى تۈرمىدىن ئايرىلغان ئەسىردەك، ئۆز سۆيگۈنۈمنىڭ ئۆيىگە كەلدىم. بۇ يەردە ھەشەمەتلىك زىننەتلەر ۋە گىلەملەر يوق، ئەمما مەن تەشنا بولغان روھىي تۇرمۇش بار. بىلىمەنكى مېنىڭ قىلغىنىم توغرا، ھەققانىي ئىش، چۈنكى ئاللامۇ ئۆز قولۇم بىلەن قاناتلىرىمنى قىرقىپ تاشلىشىمنى، غاپىل بولۇپ كۈلگە بۇلىنىپ يېتىپ، كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۆز ھاياتىمنى نابۇت قىلىپ، پېشانەمگە شۇنداق پۈتۈلگەن دەۋېلىشىمنى راۋا كۆرمەيدۇ. ئاللا ھەر كۈنى قاراڭغۇ چۈشۈشى بىلەنلا: «ئاھ قاچانمۇ تاڭ ئاتار!» دەپ پەرياد چېكىشىمنى، سۈبھى كۆتۈرۈلگەن ھامان: «ئاھ، بۇ كۈنلەر قاچان تامام بولار!» دەپ نالە قىلىشىمنى خالىمايدۇ. ئاللا ئىنسانلارنىڭ ئازاب - ئوقۇبەتتە قىينىلىشىنى خالىمايدۇ، چۈنكى ئۇ ئىنسانلار قەلبىنىڭ ئەڭ چوڭقۇرىغا بەختكە تەلپۈنۈش ئۇرۇقىنى چاچقان، شۇنداقلا ئىنسانلارمۇ بەختكە نائىل قىلىدۇ، دەپ ئىشەنگەنلىكى ئۈچۈن ئاللاغا ئېتىقاد قىلغان. دوستۇم، مېنىڭ ھېكايەم مانا شۇ. مانا بۇ مېنىڭ ئاسمان ۋە زېمىن ئالدىدا جاكارلىغان نارازىلىقىم. مەن ئۇنى قايتا - قايتا تەكرارلايمەن، كۈيلەيمەن. ئەمما كىشىلەر قۇلاقلىرىنى ئېتىۋېلىپ، ئاڭلىمايدۇ. چۈنكى ئۇلار ئۆزىنىڭ روھىي دۇنياسىدىكى ئىنقىلابتىن، ئىجتىمائىي ئاساسنىڭ تەۋرەپ، كۆزى ئالدىدا غۇلاپ چۈشۈشىدىن قورقىدۇ. مانا بۇ، مەن بېسىپ ئۆتكەن ئەگرى - توقاي يول، مەن ئاشۇ يول بىلەن ئەڭ ئاخىرىدا بەختنىڭ چوققىسىغا يەتتىم. ناۋادا ھازىر ئەزرائىل كېلىپ، مېنى جاندىن جۇدا قىلماقچى بولسا، مېنىڭ قەلبىم قىلچە قورقۇش ۋە ئەيمىنىشتە بولمايدۇ، بەلكى ھەممىسى ئىشەنچ ۋە خۇشاللىق بىلەن ئاللانىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ. ئاللانىڭ ئالدىدا مېنىڭ ۋىجدانىمدىكى ئارقان تامامەن ئۈزۈلۈپ، ۋىجدانىم خۇددى ئاپئاق مەرۋايىتتەك پارقىراپ تۇرىدۇ. چۈنكى مەن ھەممە ئىشنى ۋىجدانىمنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە قىلدىم. ھالبۇكى، ۋىجدان بولسا ئاللانىڭ نامايەندىسى، مېنىڭ ئاۋاز قوشقىنىم - ۋىجداننىڭ چاقىرىقى، مېنىڭ ماڭغىنىم - ئاللانىڭ ئەلچىسىنىڭ ناخشىسى يېتەكلىگەن يول. مېنىڭ سەرگۈزەشتەم مانا شۇ. بېيرۇتلۇقلار ئۇنى ھاياتقا قىلىنغان تىل - ھاقارەت  ۋە جەمئىيەت ۋۇجۇدىدىكى ئەيىب - نۇقسان دەپ قارايدۇ. ئەمما يىللار ئۇلارنىڭ قاراڭغۇ قەلبىدە مۇھەببەتكە بولغان ئىنتىلىشنى ئويغاتقان چاغدا، ئۇلار جەزمەن پۇشايمان قىلىشىدۇ. خۇددى قۇياش پاسىق سۆڭەكلەرگە تولغان جايدا خۇش بۇي گۈللەرنى ئۆستۈرگەنگە ئوخشاش مېنىڭ قەبرەم يېنىدىن ئۆتكەنلەر قەبرەم ئالدىدا توختاپ ھۆرمەت بىلدۈرۈشىدۇ. ئۇلار چوقۇم: «بۇ قەبرىدە ۋالىدە خانىم ياتىدۇ. ئۇ ئۆز مۇھەببىتىنى چىرىك ئىنسانىيەت قانۇنىغا بولغان چوقۇنۇشلاردىن ئازاد قىلىپ، ئالىيجاناب مۇھەببەت قانۇنىغا ئاساسەن ياشناتقانىدى، ئۆزىنى قۇرۇق سۆڭەك ۋە تىكەنلەر ئارىسىدىن قۇتقۇزۇپ، كۆزلىرىنى قۇياشقا تىككەنىدى» دېيىشىدۇ. ۋالىدەنىڭ سۆزى تۈگىشىگە ئىشىك ئېچىلدى. ۋىجىك كەلگەن، چىرايى ئۇز، كۆزلىرىدە كىشىنى مەپتۇن قىلغۇچى نۇر ئويناپ تۇرىدىغان، لەۋلىرىدە مۇلايىم تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇرغان ياش يىگىت كىرىپ كەلدى. ۋالىدە ئورنىدىن تۇرۇپ، چەكسىز كۆيۈمچانلىق بىلەن ئۇنىڭ بىلىكىدىن تۇرۇپ، مېنى ئۇنىڭغا تونۇشتۇردى. ئاندىن چوڭقۇر ھېسسىياتقا چۆمگەن كۆزلىرى بىلەن ئۇنىڭغا بىر قارىۋالدى - دە، ئۇنى ماڭا تونۇشتۇردى. مەن چۈشەندىم، مانا بۇ، ۋالىدە گېپىنى قىلغان ھېلىقى يىگىت ئىدى. مۇشۇ يىگىت ئۈچۈن ۋالىدە پۈتۈن دۇنياغا قارشى تۇردى، بارلىق قانۇن ۋە ئەنئەنىلەردىن يۈز ئۆرۈدى. بىز ئولتۇردۇق. ھېچكىم گەپ - سۆز قىلمىدى. ھەممەيلەن قارشى تەرەپنىڭ ئۆزى ھەققىدىكى قارىشىنى ئويلايتتى. بىر مىنۇت جىمغىنا ئۆتۈپ كەتتى. بۇ خىل جىمجىتلىق مېنىڭ قەلبىمنى ھەممە نەرسىدىن خالى روھىي دۇنياغا باشلاپ باردى. مەن ئۇ ئىككىسىگە قارىدىم، ئۇلار بىر - بىرىگە يۆلىنىپ ئولتۇراتتى، مەن ئۆمرۈم بويى كۆرمىگەن بىر نەرسىنى بايقىدىم. مەن مۇشۇ كۆزنى يۇمۇپ - ئاچقۇچىلىك پۇرسەتتە ۋالىدە خانىم سۆزلەپ بەرگەن ھېكايىنىڭ مەنىسىنى چۈشەندىم، ئۇنىڭ جەمئىيەتكە قارشى چىقىشىنىڭ سىرىنى بىلىپ يەتتىم، بۇ جەمئىيەت ئۆزىنىڭ قانۇنىغا ئاسىيلىق قىلغان بارچە ئادەمگە زىيانكەشلىك قىلىدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ ئىسيان كۆتۈرۈشتىكى سەۋەبىنى تەكشۈرمەيدۇ. مەن كۆز ئالدىمدىكى ياشلىق باھارى ئۇرغۇپ تۇرغان، بىر نىيەت - بىر مەقسەتكە كەلگەن ئىككى ياشنىڭ ۋۇجۇدىدىن ئاللانىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، قاناتلىرىنى يېيىپ، ئۇلارنى خەقلەرنىڭ شىكايەت ۋە ئەيىبلەشلىرىدىن قوغدىماقتا. مەن بۇ سادىقلىق ۋە پاكلىق كۆرۈنۈپ تۇرغان بىر جۈپ چىراينىڭ ئىچىگە بىر - بىرىگە بولغان چۈشىنىش تولغانلىقىنى بايقىدىم. مەن ئۆمرۈمدە تۇنجى قېتىم بىر ئەر بىلەن بىر ئايالنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بەخت سايىسىنى كۆردۈم. بىراق ئۇلار دىننىڭ كەمسىتىشلىرى ۋە قانۇننىڭ لەنەتلىرىگە ئۇچرىماقتا. بىر ئازدىن كېيىن مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇلار بىلەن خوشلاشتىم. گەپ - سۆز قىلمىدىم. ئەمما مېنىڭ بارلىق ئىچكى ھاياجىنىم پۈتۈنلەي سىرتقا تېپىپ تۇراتتى. مەن ئاددىيغىنا ئۆيدىن - ھېسسىيات، مۇھەببەت ۋە ئامراقلىقنىڭ مۇقەددەس مۇنبىرىگە ئايلانغان ئۆيدىن چىقتىم. مەن ئوردا - سارايلار ۋە راۋاقلار ئارىسىدا كېتىۋاتىمەن. ۋالىدە خانىم ماڭا بۇلارنىڭ سىرلىرىنى سۆزلەپ بەرگەن. مەن كېتىۋېتىپ ئۇنىڭ سۆزلىرىنى، ئۇنىڭ سۆزلىرىدىكى پرىنسىپ ۋە يەكۈنلەرنى ئويلىدىم. ئەمما، مەن كۆزلىگەن پەللىگە يەتمەي تۇرۇپلا رەشىتبېك نورماننى ئويلاپ قالدىم. ئۇنىڭ بەختسىزلىكى، چۈشكۈن قىياپىتى ۋە قايغۇ - ئەلەملىرى شۇ ھامانلا مېنىڭ كۆز ئالدىمدا ئايان بولدى. مەن ئۆز - ئۆزۈمگە: «ئۇ ناھايىتى خورلانغان، ئازابلانغان، ئەمما، ئۇ خۇدانىڭ ئالدىدا تۇرۇپ ۋالىدە ئۈستىدە شىكايەت قىلغاندا، خۇدا ئۇنىڭ نالە - پىغانلىرىغا قۇلاق سالارمۇ؟ ۋالىدە ئۆز قەلبىنىڭ ھۆلۈكىنى ئىزدەش ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ گۇناھ قىلدىمۇ ياكى رەشىتبېك مۇھەببەت ئارقىلىق ۋالىدەنىڭ قەلبىنى ئۇتماي، پەقەت توي - نىكاھ بىلەنلا ئۇنىڭ جىسمىنى ئىگىلىۋېلىپ، ئۇنىڭ ئالدىدا گۇناھ قىلدىمۇ؟ ئۇنداقتا، ئۇلارنىڭ قايسىسى خورلىغۇچى، قايسىسى خورلانغۇچى؟ بىگۇناھ كىم، گۇناھكار كىم؟» دېدىم. مەن ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلەپ، رېئال تۇرمۇشتا يۈز بەرگەن نۇرغۇن ئىشلارنى مۇلاھىزە قىلىپ، ئۆز - ئۆزۈمگە سۆزلىدىم: «شۆھرەتپەرەسلىك نۇرغۇن ئاياللارنى نامرات ئەرلىرىدىن جۇدا قىلىپ، پۇلدار ئەرلەرگە جورا  قىلىپ قويدى. چۈنكى ھەشەمەتلىك كىيىم - كېچەكلەر ۋە باياشات تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىش ئۇلارنى ئەقلىدىن ئاداشتۇرۇپ، شەرمەندە ۋە چۈشكۈنلۈك يولىغا باشلىغان. ھالبۇكى ۋالىدەنىڭ پۇلدا ئېرىدىن ئايرىلىپ، گۆھەر - ياقۇتلار، ئۈنچە - مەرۋايىتلار، پۈتۈن يۈرۈشلۈك كىيىم - كېچەكلەر، ھەشەمەتلىك جاھاز - ئۈسكۈنىلەر ۋە چاكار - مالايلاردىن ۋاز كېچىپ، بىر دۆۋە كونا كىتابلاردىن باشقا نەرسىسى بولمىغان نامرات يىگىتنىڭ كەپىسىگە كەلگەنلىكىنىمۇ ئۇنىڭ مەنمەنلىكى ۋە ئاچكۆزلۈكى دېيىشكە بولامدۇ؟ نادانلىق ئاياللاردا تەمەگەرلىكنى ئويغىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئار - نومۇسنى ئۇنتۇپ، ئۆز ئەرلىرىدىن چانىدۇ - دە، ئۆزىدىنمۇ شەرمەندە، نومۇسسىز باشقا بىر ئەركەكنىڭ قېشىغا بېرىپ، شەھۋانىي نەپسىنى قاندۇرىدۇ. ئەمما، ۋالىدە ئۆزىنىڭ مۇستەقىللىقىنى جاكارلاپ، ئۆزىنى روھىي ۋە ھېسسىي خۇشاللىقىنى ئىزدەيدىغان بىر ياش يىگىتنىڭ قۇچىقىغا ئاتقان. بۇنىمۇ نادانلىق ۋە شەھۋانىي نەپسىنى قاندۇرۇشنىڭ كاساپىتى دېيىشكە بولامدۇ؟ئەگەر راستتىن شۇنداق بولىدىغان بولسا، ئۇ ئۆز ئېرىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپلا، ئۆزىگە ئەسەبىيلەرچە باش قويىدىغان، گۈزەل جامالى ئالدىدا پايپېتەك بولۇپ، بىر - بىرىدىن قىزغىنىپ يۈرگەن، ئۇنىڭ مۇھەببىتىگە مۇيەسسەر بولۇش ئۈچۈن ئۆز ھاياتىنى قۇربان قىلىشقا تەييار تۇرغان يىگىتلەرنىڭ ھەر قاندىقى بىلەنلا ئۆز نەپسىنى مەخپىي تۈردە قاندۇرغان بولاتتى. ۋالىدە بەختسىزلىككە ئۇچرىغان. ئۇ بەىتىنى ئىزدىدى، بەختىنى كۆردى - دە، ئۆزىنى ئۇنىڭ قوينىغا ئاتتى. مانا بۇ ئىنسانلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن كەمسىتىلگەن، قانۇن قارشى تۇرغان ئىشنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالاتى». مەن ئاسمانغا قاراپ بۇ سۆزلىرىمنى پىچىرلىدىم. ئارقىدىنلا: «ئەمما ئاياللار ئۆز بەختىنى ئەرلىرىنىڭ ئازاب - ئوقۇبەتلىرى ئۈستىگە قۇرۇشى كېرەكمۇ؟» دەپ سوئال قويدۇم. قەلبىم شۇ ھامانلا: «ئۇنداقتا، ئەرلەرنىڭ خوتۇنىنى قۇل ئورنىدا كۆرىدىغان ھېسسىيات بىلەن ئۆز بەختىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە يول قويۇش كېرەكمىدى؟» دەپ جاۋاب بەردى. مەن ئالغا قاراپ كېتىۋاتىمەن. ۋالىدەنىڭ ئاۋازى ھېلىھەم قۇلىقىم تۈۋىدە جاراڭلىماقتا. مەن ئاخىرى شەھەر سىرتىغا چىقتىم. قۇياش پاتماقتا، دالا ۋە گۈل - گۈلىستانلار ئۈستىگە نېپىز شايى يېيىلغان، قۇشلار كەچقۇرۇنلۇق ناخشىلىرىنى ئوقۇشماقتا. مەن خىيالغا چۆكۈپ، خورسىنىپ: «ھۈرلۈك تەختى ئالدىدا لەرزان شامال ئۇچماقتا، دەل - دەرەخلەر كۈلمەكتە. ھۈرلۈكنىڭ قۇدرىتى ئالدىدا دەل - دەرەخلەر قۇياش ۋە ئاي نۇرىغا چۆمۈلمەكتە، ئىچ - ئىچىدىن خۇشاللانماقتا. ھۈرلۈكنىڭ ئەتراپىدا قۇشلار پىچىرلاشماقتا. دەريا - ئېقىنلار بويلىرىدا قۇشلار ھۈرلۈك ئۈچۈن قانات قاقماقتا. ھۈرلۈك زېمىنىدا گۈللەر خۇش پۇراق چاچماقتا. ھۈرلۈكنىڭ كۆزى ئالدىدا قۇشلار تاڭنىڭ ئېتىشىغا تەبەسسۇم قىلماقتا» دېدىم. زېمىندىكى ھەممە نەرسە ئۆزلىرىنىڭ تەبىئىي قانۇنىيەتلىرى بويىچە ھايات كەچۈرمەكتە ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ قانۇنىيەتلىرىدىكى تەبىئىيلىكتىن ھۈرلۈكنىڭ شەرىپى ۋە خۇشاللىقىغا ئىگە بولماقتا. پەقەت ئىنسانىيەت بۇنداق ھۇزۇر - لەززەتكە ئىگە ئەمەس. چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مۇقەددەس قەلىبلىرى ئۈچۈن چەكلىك ئەمىر - پەرمان بەلگىلەپ قويغان، ئۆز جىسمى ۋە روھىي ئۈچۈن بىرلىككە كەلگەن ۋەھشىيانە جازا قانۇنى تۈزۈپ قويغان، ئۆز ھېسسىياتىنى ۋە مۇھەببىتى ئۈچۈن تار ۋە قورقۇنچلۇق زىندان تەييارلاپ قويغان، ئۆز كۆڭلى ئۈچۈن چوڭقۇر ۋە قاپقاراڭغۇ گۆر راسلاپ قويغان. ئەگەر ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىراۋ ئۇلارنىڭ جەمئىيىتى ۋە قانۇنىدىن ئايرىلسا، ئۇلار: «بۇ قوغلاپ چىقىرىشقا تېگىشلىك قەبىھ ئاسىي، ئۆلتۈرۈشكە تېگىشلىك پاسكىنا، چۈشكۈن پەسكەش...» دېيىشىدۇ. ئەمما ئىنسانىيەت مەڭگۈ چىرىك قانۇننىڭ قۇلى بولامدۇ ياكى ئەڭ ئاخىرىدا ھۈرلۈكنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۆز قەلبىگە ئۆزى خوجايىن بولامدۇ؟ مەڭگۈ باش ئېگىپ، يەرگە قاراپ ئۆتەمدۇ ياكى بېشىنى كۆتۈرۈپ، قۇياشقا قاراپ، تىكەن ۋە كالا سۆڭەكلىرى ئۈستىدىكى ئۆز سايىسىنى كۆرۈشتىن قۇتۇلامدۇ؟


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  دائىرە - دائىرە ئەب...
●  <<تاگور نەسىرلىرى>> ...
●  سەرداھى: ئوت
●  تاگور نەسىرلىرى
●  سەرداھى: ئوت ئىچىدى...
●  تاگور نەسىرلىرىدىن...
●  تاگور نەسىرلىرىدىن...
●  تاگور نەسىرلىرىدىن...
●  جىلغىلىق قىز
●  بىر ئۇچۇم قۇم
●  خىيال ئىچىدىكى خىي...
●  ۋالىدە
●  گىياھنىڭ سۆزى
●  شەپىسىز قايغۇ
●  تەپككۈر چەشمىلىرى
●  توغراق
●  تۈنۈگۈن، بۈگۈن ۋە ئ...
●  تاگور نەسىرلىرىدىن
●  تاگور نەسىرلىرىدىن
●  بىر ئۇچۇم قۇم

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  دائىرە - دائىرە ئەبەدلىك...
●  <<تاگور نەسىرلىرى>> دىن پ...
●  سەرداھى: ئوت
●  تاگور نەسىرلىرى
●  سەرداھى: ئوت ئىچىدىكى ئە...
●  تاگور نەسىرلىرىدىن پارچ...
●  تاگور نەسىرلىرىدىن پارچ...
●  تاگور نەسىرلىرىدىن پارچ...
●  جىلغىلىق قىز
●  بىر ئۇچۇم قۇم

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى