بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> نەسىرلەر >> سەرداھى: ئوت

سەرداھى: ئوت

يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-20 23:08:30    كۆرۈلۈش سانى : 77  
كصچصك | نورمال | چوڭ             
كەلگۈچى 1 ئۆلۈم بىلەن ھاياتلىق چىڭ گىرەلشىپ تۇرغان ئاۋۇ جاي سېنىڭ كېلەر يولۇڭ ئىدى. مەن ئۇ جايدىن يىراقتا تۇرۇپ، تەشۋىشلىرىمگە بۇلدۇقلىغان ئالتۇن پىيالەمنى چۇل-چۇل چېقىۋەتتىم، تۆكۈلمىش كۆز ياشلىرىمنىڭ سەدىقىسى بولسۇن دەپ! چۈنكى قان سەلدەك ئاققان بىر مەيدان جەڭنىڭ ئاخىرىدا سەن بار ئىدىڭ...! 2 كېچىنىڭ قاراڭغۇ تەرىپىدىن چىقىۋاتقانلىقىڭنى بىلىۋاتىمەن! قەدەم تىۋىشىڭگە چوڭقۇرلاۋاتقان سۈزۈك ھاياجان بۇدرۇق قوللىرى بىلەن پاكىز تىلەكلىرىمنى سىلىماقتا ئىدى... سەن جەڭ ئېتىدەك ئىچىڭنىڭ سىرتىغا يۇلقۇناتتىڭ، ياز ئاپتىپىدەك قاينىغان مېھرىمگە قاراپ جان-جەھلىڭ بىلەن يۈگۈرەتتىڭ... چاچلىرى تەشنالىقىمدەك ئاقارغان مومام، ئۆيىمىزگە يېقىن كونا تاملارنى ئارىلاپ ئىسرىق سالار ئىدى... 3 كۆرە، ئاۋۇ تولغىنىپ ئېقىۋاتقان دەريانىڭ بىر قىرغىقى سەندە توختىغان، يەنە بىر قىرغىقى مەندە...! يېشىل سۇلار جىمجىتلىقىغا چۆككەندە، قېنىڭدا تىكلەنگەن قىزىل بايرىقىم ئەتەمگە جەۋلان قىلىدۇ ۋە نەسەبىمنىڭ ئەبەدىي دەۋرىيلىكىگە ئېگىزلەيدۇ!! 4 كەل! سەن ئۈچۈن ئارقا ھويلىدىكى ئارغىماقنى توقۇپ قويدۇم...! ھاياتىڭنىڭ تەتۈر سانىقىنى يۈرىكىمگە قېنىق قىلىپ ياز...!! 5      سۇ - كېچىدە چېچەكلەيدۇ، تاش – ئىچىدە...! چېچەكلەۋەر ئەي، مېنىڭ چېچىكىم...! 2009.4.15 ئوت 1 چاچلىرىڭنى تاراۋاتقان ئاۋۇ بارماقلار مېنىڭ ئەمەس ئىدى! ھاياجىنىڭدا قاناۋاتقان جاراھىتىمدىن چىقىپ كەتمەيدىغانلىقىڭغا ئىلاجىم يوق، تېنىڭنىڭ قاراڭغۇ شاخلىرىنى سىلكىۋاتقان سەلكىن شامالدا مېنىڭ ھىدىم يوق... ئوتتىن ھۈركىگەن قەدىمىڭدە سۇنىڭ جىمجىتلىقى تېنىڭگە ئۇسسىغان ئىدى! تولىمۇ ئەپسۇس، بۇلۇتلىرىڭ مەندە قالغان ئوتلىرىڭدا كۆيۈپ كۈل بولدى... باغرىمغا قان چاچراتقىنىچە ئۆتۈپ كەتكەن ئاۋۇ ماشىنا ئىچىدە بارلىقىڭنى بىلەتتىم ئەسلى! چاڭ-توزان قونغان تۇيغۇمدا ئاپئاق بىر تال پەي قان رەڭگىدە يەلپۈنەتتى. بوشلۇقتا تېڭىرقىغان قوللىرىم رېئاللىقىمغا دولقۇنلىغان قاراڭغۇ چاچلىرىڭدا باغلانغان ئىدى... سەن شۇنداق قىلاتتىڭ ئاخىر...!!! 2 تېنىڭنىڭ قاراڭغۇ جاڭگاللىقىغا كىرىپ كېلىۋاتقان مەن ئەمەس ئىدىم! كۆزلىرىڭدىن تاراملاۋاتقان ئۆكۈنۈش غەليانلىرىدا بەھۇزۇر يۇيۇنىۋاتقان مەن ئەمەس ئىدىم...! ئەمما، قايرىلغان شاخلىرىڭدا قاينىغان قىقاس-سۈرەنلەرگە يىقىلغان مېنىڭ يۈرىكىم ئىدى! سارغايغان ياپرىقىڭدا بۇلدۇقلىغان ياسالما كۈلكەڭگە چىلانغان مېنىڭ يۈرىكىم ئىدى! كۆرە، چۈشلىرىڭدىن قوغلاپ چىقىرالمىغان ئاۋۇ ئەرنىڭ جاراھىتىگە سېغىنغان تەشۋىشلىرىڭنىڭ نازاكىتىنى؟! دەرىزەڭدە كۆزدەك، ئاۋازىڭدا سۆزدەك سۈزۈلىۋاتقان يەنىلا مېنىڭ يۈرىكىم ئىدى! كۆرۈش سەزگۈلىرىڭ تالان-تاراج قىلىنغان شەھەرنىڭ تاش قوۋۇقىدەك چېقىپ تاشلانغان ئاخىرقى لەھزىلەردە، مەۋجۇدلىقىڭنى كاللىسى ئۈزۈلگەن جەسەتلەردىن قىزغىنىشقا ھەققىم نە قىلسۇن؟! 3 چۇل-چۇل چېقىلغان كۆڭۈل ئەينىكىمدىكى قىسمەت كۈللىرىنى پۈۋلەشكە لەۋلىرىڭ قانىغان، ئېتەكلىرىڭدە پورەكلىگەن قىپقىزىل گۈللەر مەڭگۈلۈك ھەسرىتىمگە چوڭقۇرلىغان...!! 4 ئىشكىڭدىكى ماڭا ھېيىقىپ قاراۋاتقان ئاۋۇ بالا سېنىڭ ئىدى...! مەن چۈشتىن قايرىلغان قۇياشنىڭ قاراڭغۇ سايىسىدا ئولتۇرۇپ، توساتتىن  بالىلىقىمنى ئەسلەپ قالدىم.... توۋا، سەن ئۇ چاغدا «ھېلىقى» ئۆيۈمدىن زادىلا چىققىلى ئۇنىمايتتىڭ...!!! 5 مەن ئۆيۈمنىڭ تاملىرىنى چېقىۋەتتىم...! خارابىگە ئايلانغان روزىغارىمدىكى تاش-توپىلار ئارىسىدىن بىر پارچە ئوت سۇس پىلدىرلايتتى... 2009.5.13 گۈل ئوغرىسى مەن گۈلگە ئامراق ئىدىم، خۇددى ساڭا بولغان ئامراقلىقىمدەكلا. ئاۋۇ سۆسۈن ئېچىلغان چېخىرتماق گۈلىنى سەن كۆرۈپ باقمىدىڭ. ئاۋۇ قىرلاردىكى سېرىق ئېچىلغان مامكاپ گۈللىرى ساڭا ناتۇنۇش. ئەمما مەن ئاشۇ گۈللەرنى قانچىلىك قەدىرلەيدىغانلىقىمنى تەسەۋۇر قىلالمايمەن. چۈنكى بېغىمدا ئۆسكەن گۈللەرنىڭ ھەممىسى سەندەكلا سۆيۈملۈك ئىدى. شۇڭىلاشقىمىكىن، سەھەردىكى گۈل بەرگىدە يالتىراپ تۇرغان سۈزۈك قەترىلەرنى كۆرگىنىمدە، سېنى ئۇزاتقىنىمدىكى قويۇق كىرپىكلىرىڭ ئارىسىدىن مارىلاۋاتقان ئازابىڭ يۈرىكىمنى تىلىپ ئۆتسە، سۇ تۇتىۋاتقىنىمدىكى ئايدىڭ كەچلەردە دىمىقىمغا ئۇرۇلغان ياۋا گۈللەرنىڭ پۇرىقى ناخشامغا جان ئاتا قىلغان يېقىملىق ھىدىڭنى ئەسلىتەتتى... ماڭا ئىشەن دىلبەر، بىز كىرگەن چىمەنلىكتىن گۈل ئۈزگۈنۈم يالغان! مەن سېنى ئاشۇ گۈللەرنىڭ ئارىسىدا دەپ قىياس قىلىدىغان تۇرسام، گۈل ئۈزگىلى قانداقمۇ قولۇم بارسۇن؟! خىيالىمغا چۆكۈۋاتقان كۆزلىرىڭدىكى تەئەججۈپ نۇرلىرىنى سۇندۇر! مەن ئەسلا گۈل ئۈزمىدىم، ئەمما گۈل ئوغۇرلىدىم. يەنە كېلىپ كۆڭۈل بېغىڭدىكى بىر تال گۈلنى...! ئۇلارنىڭ «گۈل ئۈزدى!» دېگىنى شۇ بولسا كېرەك، چۈنكى سېنىڭدەك ئۆزگىچە پۇراققا ئېگە گۈلنى ھەركىمنىڭ ئۈزگىسى كېلىدۇ ئەمەسمۇ؟! راست، مەن گۈل ئوغرىسى! كۆڭۈل بېغىڭ تېمىدىن ئوغۇرلۇقچە ئەمەس، بەلكى سېنىڭ ئىختىيارىڭ بىلەن ئارتىلىپ چۈشكەن...مەن سېنى ئۇلارنىڭ قاراڭغۇ كۆزلىرىدىن ئوغۇرلاپ قاچقىنىم-قاچقان...! كەلگۈچى 1 ئۆلۈم بىلەن ھاياتلىق چىڭ گىرەلشىپ تۇرغان ئاۋۇ جاي سېنىڭ كېلەر يولۇڭ ئىدى. مەن ئۇ جايدىن يىراقتا تۇرۇپ، تەشۋىشلىرىمگە بۇلدۇقلىغان ئالتۇن پىيالەمنى چۇل-چۇل چېقىۋەتتىم، تۆكۈلمىش كۆز ياشلىرىمنىڭ سەدىقىسى بولسۇن دەپ! چۈنكى قان سەلدەك ئاققان بىر مەيدان جەڭنىڭ ئاخىرىدا سەن بار ئىدىڭ...! 2 كېچىنىڭ قاراڭغۇ تەرىپىدىن چىقىۋاتقانلىقىڭنى بىلىۋاتىمەن! قەدەم تىۋىشىڭگە چوڭقۇرلاۋاتقان سۈزۈك ھاياجان بۇدرۇق قوللىرى بىلەن پاكىز تىلەكلىرىمنى سىلىماقتا ئىدى... سەن جەڭ ئېتىدەك ئىچىڭنىڭ سىرتىغا يۇلقۇناتتىڭ، ياز ئاپتىپىدەك قاينىغان مېھرىمگە قاراپ جان-جەھلىڭ بىلەن يۈگۈرەتتىڭ... چاچلىرى تەشنالىقىمدەك ئاقارغان مومام، ئۆيىمىزگە يېقىن كونا تاملارنى ئارىلاپ ئىسرىق سالار ئىدى... 3 كۆرە، ئاۋۇ تولغىنىپ ئېقىۋاتقان دەريانىڭ بىر قىرغىقى سەندە توختىغان، يەنە بىر قىرغىقى مەندە...! يېشىل سۇلار جىمجىتلىقىغا چۆككەندە، قېنىڭدا تىكلەنگەن قىزىل بايرىقىم ئەتەمگە جەۋلان قىلىدۇ ۋە نەسەبىمنىڭ ئەبەدىي دەۋرىيلىكىگە ئېگىزلەيدۇ!! 4 كەل! سەن ئۈچۈن ئارقا ھويلىدىكى ئارغىماقنى توقۇپ قويدۇم...! ھاياتىڭنىڭ تەتۈر سانىقىنى يۈرىكىمگە قېنىق قىلىپ ياز...!! 5      سۇ - كېچىدە چېچەكلەيدۇ، تاش – ئىچىدە...! چېچەكلەۋەر ئەي، مېنىڭ چېچىكىم...! 2009.4.15 ئوت 1 چاچلىرىڭنى تاراۋاتقان ئاۋۇ بارماقلار مېنىڭ ئەمەس ئىدى! ھاياجىنىڭدا قاناۋاتقان جاراھىتىمدىن چىقىپ كەتمەيدىغانلىقىڭغا ئىلاجىم يوق، تېنىڭنىڭ قاراڭغۇ شاخلىرىنى سىلكىۋاتقان سەلكىن شامالدا مېنىڭ ھىدىم يوق... ئوتتىن ھۈركىگەن قەدىمىڭدە سۇنىڭ جىمجىتلىقى تېنىڭگە ئۇسسىغان ئىدى! تولىمۇ ئەپسۇس، بۇلۇتلىرىڭ مەندە قالغان ئوتلىرىڭدا كۆيۈپ كۈل بولدى... باغرىمغا قان چاچراتقىنىچە ئۆتۈپ كەتكەن ئاۋۇ ماشىنا ئىچىدە بارلىقىڭنى بىلەتتىم ئەسلى! چاڭ-توزان قونغان تۇيغۇمدا ئاپئاق بىر تال پەي قان رەڭگىدە يەلپۈنەتتى. بوشلۇقتا تېڭىرقىغان قوللىرىم رېئاللىقىمغا دولقۇنلىغان قاراڭغۇ چاچلىرىڭدا باغلانغان ئىدى... سەن شۇنداق قىلاتتىڭ ئاخىر...!!! 2 تېنىڭنىڭ قاراڭغۇ جاڭگاللىقىغا كىرىپ كېلىۋاتقان مەن ئەمەس ئىدىم! كۆزلىرىڭدىن تاراملاۋاتقان ئۆكۈنۈش غەليانلىرىدا بەھۇزۇر يۇيۇنىۋاتقان مەن ئەمەس ئىدىم...! ئەمما، قايرىلغان شاخلىرىڭدا قاينىغان قىقاس-سۈرەنلەرگە يىقىلغان مېنىڭ يۈرىكىم ئىدى! سارغايغان ياپرىقىڭدا بۇلدۇقلىغان ياسالما كۈلكەڭگە چىلانغان مېنىڭ يۈرىكىم ئىدى! كۆرە، چۈشلىرىڭدىن قوغلاپ چىقىرالمىغان ئاۋۇ ئەرنىڭ جاراھىتىگە سېغىنغان تەشۋىشلىرىڭنىڭ نازاكىتىنى؟! دەرىزەڭدە كۆزدەك، ئاۋازىڭدا سۆزدەك سۈزۈلىۋاتقان يەنىلا مېنىڭ يۈرىكىم ئىدى! كۆرۈش سەزگۈلىرىڭ تالان-تاراج قىلىنغان شەھەرنىڭ تاش قوۋۇقىدەك چېقىپ تاشلانغان ئاخىرقى لەھزىلەردە، مەۋجۇدلىقىڭنى كاللىسى ئۈزۈلگەن جەسەتلەردىن قىزغىنىشقا ھەققىم نە قىلسۇن؟! 3 چۇل-چۇل چېقىلغان كۆڭۈل ئەينىكىمدىكى قىسمەت كۈللىرىنى پۈۋلەشكە لەۋلىرىڭ قانىغان، ئېتەكلىرىڭدە پورەكلىگەن قىپقىزىل گۈللەر مەڭگۈلۈك ھەسرىتىمگە چوڭقۇرلىغان...!! 4 ئىشكىڭدىكى ماڭا ھېيىقىپ قاراۋاتقان ئاۋۇ بالا سېنىڭ ئىدى...! مەن چۈشتىن قايرىلغان قۇياشنىڭ قاراڭغۇ سايىسىدا ئولتۇرۇپ، توساتتىن  بالىلىقىمنى ئەسلەپ قالدىم.... توۋا، سەن ئۇ چاغدا «ھېلىقى» ئۆيۈمدىن زادىلا چىققىلى ئۇنىمايتتىڭ...!!! 5 مەن ئۆيۈمنىڭ تاملىرىنى چېقىۋەتتىم...! خارابىگە ئايلانغان روزىغارىمدىكى تاش-توپىلار ئارىسىدىن بىر پارچە ئوت سۇس پىلدىرلايتتى... 2009.5.13 گۈل ئوغرىسى مەن گۈلگە ئامراق ئىدىم، خۇددى ساڭا بولغان ئامراقلىقىمدەكلا. ئاۋۇ سۆسۈن ئېچىلغان چېخىرتماق گۈلىنى سەن كۆرۈپ باقمىدىڭ. ئاۋۇ قىرلاردىكى سېرىق ئېچىلغان مامكاپ گۈللىرى ساڭا ناتۇنۇش. ئەمما مەن ئاشۇ گۈللەرنى قانچىلىك قەدىرلەيدىغانلىقىمنى تەسەۋۇر قىلالمايمەن. چۈنكى بېغىمدا ئۆسكەن گۈللەرنىڭ ھەممىسى سەندەكلا سۆيۈملۈك ئىدى. شۇڭىلاشقىمىكىن، سەھەردىكى گۈل بەرگىدە يالتىراپ تۇرغان سۈزۈك قەترىلەرنى كۆرگىنىمدە، سېنى ئۇزاتقىنىمدىكى قويۇق كىرپىكلىرىڭ ئارىسىدىن مارىلاۋاتقان ئازابىڭ يۈرىكىمنى تىلىپ ئۆتسە، سۇ تۇتىۋاتقىنىمدىكى ئايدىڭ كەچلەردە دىمىقىمغا ئۇرۇلغان ياۋا گۈللەرنىڭ پۇرىقى ناخشامغا جان ئاتا قىلغان يېقىملىق ھىدىڭنى ئەسلىتەتتى... ماڭا ئىشەن دىلبەر، بىز كىرگەن چىمەنلىكتىن گۈل ئۈزگۈنۈم يالغان! مەن سېنى ئاشۇ گۈللەرنىڭ ئارىسىدا دەپ قىياس قىلىدىغان تۇرسام، گۈل ئۈزگىلى قانداقمۇ قولۇم بارسۇن؟! خىيالىمغا چۆكۈۋاتقان كۆزلىرىڭدىكى تەئەججۈپ نۇرلىرىنى سۇندۇر! مەن ئەسلا گۈل ئۈزمىدىم، ئەمما گۈل ئوغۇرلىدىم. يەنە كېلىپ كۆڭۈل بېغىڭدىكى بىر تال گۈلنى...! ئۇلارنىڭ «گۈل ئۈزدى!» دېگىنى شۇ بولسا كېرەك، چۈنكى سېنىڭدەك ئۆزگىچە پۇراققا ئېگە گۈلنى ھەركىمنىڭ ئۈزگىسى كېلىدۇ ئەمەسمۇ؟! راست، مەن گۈل ئوغرىسى! كۆڭۈل بېغىڭ تېمىدىن ئوغۇرلۇقچە ئەمەس، بەلكى سېنىڭ ئىختىيارىڭ بىلەن ئارتىلىپ چۈشكەن...مەن سېنى ئۇلارنىڭ قاراڭغۇ كۆزلىرىدىن ئوغۇرلاپ قاچقىنىم-قاچقان...! [align=center][size=6]ئوت[/size] (نەسىرلەر)[/align] [align=center]كەلگۈچى[/align] 1 ئۆلۈم بىلەن ھاياتلىق چىڭ گىرەلشىپ تۇرغان ئاۋۇ جاي سېنىڭ كېلەر يولۇڭ ئىدى. مەن ئۇ جايدىن يىراقتا تۇرۇپ، تەشۋىشلىرىمگە بۇلدۇقلىغان ئالتۇن پىيالەمنى چۇل-چۇل چېقىۋەتتىم، تۆكۈلمىش كۆز ياشلىرىمنىڭ سەدىقىسى بولسۇن دەپ! چۈنكى قان سەلدەك ئاققان بىر مەيدان جەڭنىڭ ئاخىرىدا سەن بار ئىدىڭ...! 2 كېچىنىڭ قاراڭغۇ تەرىپىدىن چىقىۋاتقانلىقىڭنى بىلىۋاتىمەن! قەدەم تىۋىشىڭگە چوڭقۇرلاۋاتقان سۈزۈك ھاياجان بۇدرۇق قوللىرى بىلەن پاكىز تىلەكلىرىمنى سىلىماقتا ئىدى... سەن جەڭ ئېتىدەك ئىچىڭنىڭ سىرتىغا يۇلقۇناتتىڭ، ياز ئاپتىپىدەك قاينىغان مېھرىمگە قاراپ جان-جەھلىڭ بىلەن يۈگۈرەتتىڭ... چاچلىرى تەشنالىقىمدەك ئاقارغان مومام، ئۆيىمىزگە يېقىن كونا تاملارنى ئارىلاپ ئىسرىق سالار ئىدى... 3 كۆرە، ئاۋۇ تولغىنىپ ئېقىۋاتقان دەريانىڭ بىر قىرغىقى سەندە توختىغان، يەنە بىر قىرغىقى مەندە...! يېشىل سۇلار جىمجىتلىقىغا چۆككەندە، قېنىڭدا تىكلەنگەن قىزىل بايرىقىم ئەتەمگە جەۋلان قىلىدۇ ۋە نەسەبىمنىڭ ئەبەدىي دەۋرىيلىكىگە ئېگىزلەيدۇ!! 4 كەل! سەن ئۈچۈن ئارقا ھويلىدىكى ئارغىماقنى توقۇپ قويدۇم...! ھاياتىڭنىڭ تەتۈر سانىقىنى يۈرىكىمگە قېنىق قىلىپ ياز...!! 5      سۇ - كېچىدە چېچەكلەيدۇ، تاش – ئىچىدە...! چېچەكلەۋەر ئەي، مېنىڭ چېچىكىم...! [align=center]ئوت[/align] 1 چاچلىرىڭنى تاراۋاتقان ئاۋۇ بارماقلار مېنىڭ ئەمەس ئىدى! ھاياجىنىڭدا قاناۋاتقان جاراھىتىمدىن چىقىپ كەتمەيدىغانلىقىڭغا ئىلاجىم يوق، تېنىڭنىڭ قاراڭغۇ شاخلىرىنى سىلكىۋاتقان سەلكىن شامالدا مېنىڭ ھىدىم يوق... ئوتتىن ھۈركىگەن قەدىمىڭدە سۇنىڭ جىمجىتلىقى تېنىڭگە ئۇسسىغان ئىدى! تولىمۇ ئەپسۇس، بۇلۇتلىرىڭ مەندە قالغان ئوتلىرىڭدا كۆيۈپ كۈل بولدى... باغرىمغا قان چاچراتقىنىچە ئۆتۈپ كەتكەن ئاۋۇ ماشىنا ئىچىدە بارلىقىڭنى بىلەتتىم ئەسلى! چاڭ-توزان قونغان تۇيغۇمدا ئاپئاق بىر تال پەي قان رەڭگىدە يەلپۈنەتتى. بوشلۇقتا تېڭىرقىغان قوللىرىم رېئاللىقىمغا دولقۇنلىغان قاراڭغۇ چاچلىرىڭدا باغلانغان ئىدى... سەن شۇنداق قىلاتتىڭ ئاخىر...!!! 2 تېنىڭنىڭ قاراڭغۇ جاڭگاللىقىغا كىرىپ كېلىۋاتقان مەن ئەمەس ئىدىم! كۆزلىرىڭدىن تاراملاۋاتقان ئۆكۈنۈش غەليانلىرىدا بەھۇزۇر يۇيۇنىۋاتقان مەن ئەمەس ئىدىم...! ئەمما، قايرىلغان شاخلىرىڭدا قاينىغان قىقاس-سۈرەنلەرگە يىقىلغان مېنىڭ يۈرىكىم ئىدى! سارغايغان ياپرىقىڭدا بۇلدۇقلىغان ياسالما كۈلكەڭگە چىلانغان مېنىڭ يۈرىكىم ئىدى! كۆرە، چۈشلىرىڭدىن قوغلاپ چىقىرالمىغان ئاۋۇ ئەرنىڭ جاراھىتىگە سېغىنغان تەشۋىشلىرىڭنىڭ نازاكىتىنى؟! دەرىزەڭدە كۆزدەك، ئاۋازىڭدا سۆزدەك سۈزۈلىۋاتقان يەنىلا مېنىڭ يۈرىكىم ئىدى! كۆرۈش سەزگۈلىرىڭ تالان-تاراج قىلىنغان شەھەرنىڭ تاش قوۋۇقىدەك چېقىپ تاشلانغان ئاخىرقى لەھزىلەردە، مەۋجۇدلىقىڭنى كاللىسى ئۈزۈلگەن جەسەتلەردىن قىزغىنىشقا ھەققىم نە قىلسۇن؟! 3 چۇل-چۇل چېقىلغان كۆڭۈل ئەينىكىمدىكى قىسمەت كۈللىرىنى پۈۋلەشكە لەۋلىرىڭ قانىغان، ئېتەكلىرىڭدە پورەكلىگەن قىپقىزىل گۈللەر مەڭگۈلۈك ھەسرىتىمگە چوڭقۇرلىغان...!! 4 ئىشكىڭدىكى ماڭا ھېيىقىپ قاراۋاتقان ئاۋۇ بالا سېنىڭ ئىدى...! مەن چۈشتىن قايرىلغان قۇياشنىڭ قاراڭغۇ سايىسىدا ئولتۇرۇپ، توساتتىن  بالىلىقىمنى ئەسلەپ قالدىم.... توۋا، سەن ئۇ چاغدا «ھېلىقى» ئۆيۈمدىن زادىلا چىققىلى ئۇنىمايتتىڭ...!!! 5 مەن ئۆيۈمنىڭ تاملىرىنى چېقىۋەتتىم...! خارابىگە ئايلانغان روزىغارىمدىكى تاش-توپىلار ئارىسىدىن بىر پارچە ئوت سۇس پىلدىرلايتتى... [align=center]گۈل ئوغرىسى[/align] مەن گۈلگە ئامراق ئىدىم، خۇددى ساڭا بولغان ئامراقلىقىمدەكلا. ئاۋۇ سۆسۈن ئېچىلغان چېخىرتماق گۈلىنى سەن كۆرۈپ باقمىدىڭ. ئاۋۇ قىرلاردىكى سېرىق ئېچىلغان مامكاپ گۈللىرى ساڭا ناتۇنۇش. ئەمما مەن ئاشۇ گۈللەرنى قانچىلىك قەدىرلەيدىغانلىقىمنى تەسەۋۇر قىلالمايمەن. چۈنكى بېغىمدا ئۆسكەن گۈللەرنىڭ ھەممىسى سەندەكلا سۆيۈملۈك ئىدى. شۇڭىلاشقىمىكىن، سەھەردىكى گۈل بەرگىدە يالتىراپ تۇرغان سۈزۈك قەترىلەرنى كۆرگىنىمدە، سېنى ئۇزاتقىنىمدىكى قويۇق كىرپىكلىرىڭ ئارىسىدىن مارىلاۋاتقان ئازابىڭ يۈرىكىمنى تىلىپ ئۆتسە، سۇ تۇتىۋاتقىنىمدىكى ئايدىڭ كەچلەردە دىمىقىمغا ئۇرۇلغان ياۋا گۈللەرنىڭ پۇرىقى ناخشامغا جان ئاتا قىلغان يېقىملىق ھىدىڭنى ئەسلىتەتتى... ماڭا ئىشەن دىلبەر، بىز كىرگەن چىمەنلىكتىن گۈل ئۈزگۈنۈم يالغان! مەن سېنى ئاشۇ گۈللەرنىڭ ئارىسىدا دەپ قىياس قىلىدىغان تۇرسام، گۈل ئۈزگىلى قانداقمۇ قولۇم بارسۇن؟! خىيالىمغا چۆكۈۋاتقان كۆزلىرىڭدىكى تەئەججۈپ نۇرلىرىنى سۇندۇر! مەن ئەسلا گۈل ئۈزمىدىم، ئەمما گۈل ئوغۇرلىدىم. يەنە كېلىپ كۆڭۈل بېغىڭدىكى بىر تال گۈلنى...! ئۇلارنىڭ «گۈل ئۈزدى!» دېگىنى شۇ بولسا كېرەك، چۈنكى سېنىڭدەك ئۆزگىچە پۇراققا ئېگە گۈلنى ھەركىمنىڭ ئۈزگىسى كېلىدۇ ئەمەسمۇ؟! راست، مەن گۈل ئوغرىسى! كۆڭۈل بېغىڭ تېمىدىن ئوغۇرلۇقچە ئەمەس، بەلكى سېنىڭ ئىختىيارىڭ بىلەن ئارتىلىپ چۈشكەن...مەن سېنى ئۇلارنىڭ قاراڭغۇ كۆزلىرىدىن ئوغۇرلاپ قاچقىنىم-قاچقان...!


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  دائىرە - دائىرە ئەب...
●  <<تاگور نەسىرلىرى>> ...
●  سەرداھى: ئوت
●  تاگور نەسىرلىرى
●  سەرداھى: ئوت ئىچىدى...
●  تاگور نەسىرلىرىدىن...
●  تاگور نەسىرلىرىدىن...
●  تاگور نەسىرلىرىدىن...
●  جىلغىلىق قىز
●  بىر ئۇچۇم قۇم
●  خىيال ئىچىدىكى خىي...
●  ۋالىدە
●  گىياھنىڭ سۆزى
●  شەپىسىز قايغۇ
●  تەپككۈر چەشمىلىرى
●  توغراق
●  تۈنۈگۈن، بۈگۈن ۋە ئ...
●  تاگور نەسىرلىرىدىن
●  تاگور نەسىرلىرىدىن
●  بىر ئۇچۇم قۇم

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  دائىرە - دائىرە ئەبەدلىك...
●  <<تاگور نەسىرلىرى>> دىن پ...
●  سەرداھى: ئوت
●  تاگور نەسىرلىرى
●  سەرداھى: ئوت ئىچىدىكى ئە...
●  تاگور نەسىرلىرىدىن پارچ...
●  تاگور نەسىرلىرىدىن پارچ...
●  تاگور نەسىرلىرىدىن پارچ...
●  جىلغىلىق قىز
●  بىر ئۇچۇم قۇم

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى