بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> نەسىرلەر >> تاگور نەسىرلىرىدىن پارچىلار (2)

تاگور نەسىرلىرىدىن پارچىلار (2)

يوللانغان ۋاقتى : 2009-04-29 14:45:13    كۆرۈلۈش سانى : 78  
كصچصك | نورمال | چوڭ             
[align=center]قۇرت ھەسەل ھەرىسى ئەمەس، بىراق چېچەك كۆيدى قۇرتقا. بىر خاتالىق بولدى - دە، بىر يۈك، گۈلنىڭ كۆڭۈل بەرگىنى ئاڭا. تېررورلۇقنىڭ زەپەر سوۋغىسى — كۇكۇم - تالقان خارابە خىشلار. قورچىقىغا ئاشۇ خىشلاردىن، ئۆي سالىدۇ سەبىي بالىلار. كىمىكى خالىس ھەم دۇرۇس، نەپسى يوق زالىم ئەگەر. ئەڭ ئېغىر دەردۇ بالاغا، مۇپتىلادۇر بارچە يەر. ھاياتلىقنىڭ ھوقۇقى ئۈچۈن، ئەجىر تۆلەپ پۈكۈلگەندە بەل. شۇ چاغدىلا تولۇق ئەركىنلىك، قولىمىزغا كېلىدۇ تۈگەل. كۆڭۈلشىمەي بەرگەن شۇ سوۋغاڭ، بىردەمدىلا ئۇتتى كۆڭلۈمنى. كۈز كېچىسى ئاققان يۇلتۇزدەك، تۇتاشتۇردى يۈرەككە ئوتنى. ئۇرۇق كۆڭلىدىكى پىنھان ئېتىقاد، ھايات ھىممىتىدىن بېشارەت ماڭا. كۆرسىتەلمىسىمۇ دەرھاللا ئىسپات، ھامان بىر كۈن ئىسپات قىلىدۇ ساڭا. باھار قىشنىڭ دەرۋازىسىدا، كىرەلمەستىن بولدى دەرگۇمان. ئەنبەھ گۈلى قىلدى قاراملىق، مەزگىل بۇرۇن ئىدى بەردى جان. ئۆزگىرىشچان كۆپۈكتۇر دۇنيا، لەيلەپ يۈرگەن، تىنچ دېڭىزدا. توۋلار پۈتمەس كۆز ياش ناخشىسى، جۇدالىقنىڭ دەردىدە قىرغاق. بىر - بىرىگە كېتەر قوشۇلۇپ، سادالىرى ناخشىنىڭ بىراق. كۆۋەجەپ قاينىغان دەريا سۇلىرى، چارچاپ دېڭىز ئارا تاپقاندەك ئارام. مېھمەنتمۇ راھەتنىڭ چوڭقۇرلۇقىدا، ھېس قىلار بۇرچىنىڭ بولغىنىن تامام. ئىككىلىنىپ يولدا تۇرىمەن يالغۇز، گىلاس چېچەك تۆكۈپ بولغانغا قەدەر. ۋە لېكىن ئامرىقىم كاككۇكگۈللىرى، مېنى كەچۈرگىنىڭدىن بېرىدۇ خەۋەر. ئانار شېخىدىكى ئۇياتچان توپچە، قىزىرىپ رومالغا يۆگەلدى بۈەۈن. ئۇ چوقۇم شادلىقتىن ئايلىنار گۈلگە، تاڭلا يىراقلارغا كەتكىنىم ئۈچۈن. بولىدۇ ئايپالتا، كەبى قارا كۈچ. ھەيۋىسى ئاستىدا، سۇنىدۇ ئاچقۇچ. تۇغۇلۇشلار خاتىمە بېرىپ، قاپقاراڭغۇ سىرلىق كېچىگە. كىرىپ كېتەر كۈندۈز دەيدىغان، تېخىمۇ زور سىرنىڭ ئىچىگە. قەغەز قولۋىقىم پەقەت ۋاقىتنىڭ — دولقۇنىدا ئويناشنى تىلەر. مەنزىلى يوق يېتىپ بارارغا، مەقسىتىنى ئۇنىڭ كىم بىلەر. سەرسانلىقتىن ئېيتقان غەزىلىم، ئۇچۇپ كەتتى قەلبىمنى دەسسەپ. مۇھەببەتلىك ئاۋازلىرىڭدىن، يۈرىدۇ ئۇ ئۇۋىلار ئىزدەپ. خەۋپ - خەتەر، شۈبھىلەر، يوقلۇق دېڭىزى، ئادەمنى ئارال قىلىپ ئورايدۇ قات - قات. ئادەمنى بىر يوچۇن كەلگۈچە دادىل، قاراشقا ھەيدەيدۇ دائىم ئېتىقاد. مۇھەببەتتە ئاز - ماز كەچۈرۈش، بولسا دېمەك جازامۇ ھەم بار. قورقۇنچلۇق سۈكۈتى لېكىن، گۈزەللىككە يەتكۈزەر ئازار. ئۆمرۈڭ ئۆتتى تەنھا ۋە جىمجىت، ئىنئاملاردىن كۈتمىدىڭ مەدەت. رەقىبلىرىڭ قورقۇپ ياشىدى، سەن ياراتقاچ ئۇلۇغۋار قىممەت. سۈبھى نۇرى سانسىز - ساناقسىز، زېمىن ھەر كۈن تۇرمايدۇ ئوخشاش. تۇغۇلىدۇ لېكىن يېڭىدىن، ئۇلار ئۈچۈن پەقەت بىرقۇياش. ئىلاھىي دۇنيا ئۆلۈم تۈپەيلى، يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ ھامان. تىتانلارنىڭ ئالىمى ئۇلار — ھايات بەرگەچ ھەر تاڭدا ۋەيران. مايقوڭغۇزى ئىزدەپ يۈرگەندە، چاڭ - توزاننىڭ سىرىنى بىر - بىر. پەقەت بىلمەس ئاسمان قوينىدا، بارلىقىنى سانسىز يۇلتۇزنىڭ. دەل - دەرەخلەر بۈگۈنگە مەنسۇپ، گۈل قەدىمگە، بىرا ئۇ گۈللەر — بېرەر بىزگە ئەسلەشكە مۈشكۈل، بەكمۇ كونا ئۇرۇقتىن خەۋەر. ھەر باھاردا ئېچىلۇر ئەترە، يۈرەكلەرگە خۇشاللىق سېلىپ. ئەبەدىيلىك باھار ئەترىسى — قوينىدىكى سالامنى ئېلىپ. ئىشلىسەم تەڭرى ماڭا كۆرسەتتى ھۈرمەت، كۈيلىسەم بېغىشلىدى سۆيگۈ - مۇھەببەت. تۈنۈگۈنكى مۇھەببىتىمدىن، قالدى كونا ئۇۋىلار پىنھان. ئاۋارىدۇر بۈگۈنكى سۆيگۈم، تاپالماستىن ئۆزىگە ماكان. ئازابىمنىڭ ئاتەش يالقۇنى، ھالقىپ ئلۆتتى ئەلەم تېغىدىن. روھىم ئۈچۈن يورۇتماقتا ئۇ، نۇرلۇق چىغىر يوللار يېڭىدىن. گۈل - گىياھلار كىچىك بولسىمۇ، ئۆمرى ئۇزۇن تاغلاردىن ھەتتا. سان - ساناقسىز ئۆلۈم قوينىدىن، قايتا قۇچاق ئاچقاچ ھاياتقا. ئىمكانىم ئىچىدىن يوقالدىڭ، زەڭگەر — ئاسمانغا قالدۇرۇپ تۇتۇق بىر مەنا. ۋە بەردىڭ بىر ئوبراز كۆرمەسكە كۆزلەر، قارا سايە ئارا سوققان شامالغا. سۆيدى باھار پىغانى ئۆرلەپ، سۇلغۇن شاخنىڭ لېۋىگە مودام. جىمجىت تەنھا ياپراق ئۈستىدە، بۇ سۆيگۈنىڭ دىلى بىئارام. ئۈنسىز كۆيۈپ قالدى قۇياشقا، گۈلزارلىقتا ئۇياتچان شاخلار. پىچىرلاشتى ياپراق ئۆزئارا. تېپىۋالغاچ بۇ سىرنى گۈللەر. قانىتىمدىن ھېچقانداق بىر ئىز، قالدۇرمىدىم بوشلۇق قوينىدا. لېكىن بالدۇر باشلىدىم پەرۋاز، سۆيۈنىدۇ يۈرەك ئورنىدا. يالتىرايدۇ مايقوڭغۇزلىرى، يېشىل ياپراق ئارا جىمىرلاپ. ئاسماندىكى سانسىز يۇلتۇزنىڭ، تەئەججۈپتىن دىلىنى باغلاپ. قارىماققا ئېگىز چوققىلار، تۇمانلاردىن مەغلۇپ بولىدۇ. بىراق مۇنداق چاغدا ئۇ تاغلار، بۇرۇنقىدەك مەزمۇت تۇرىدۇ. قىزىل ئەترە دېدى قۇياشقا: >ئۇنتۇمايمەن سېنى مەڭگۈگە.< بىراق شۇ دەم سولۇپ گۈل بەرگى، پايخان بولۇپ تۆكۈلدى يەرگە. ئېگىز ئاسمان بويىغا بۇدەم، يەتمىگەچكە زېمىننىڭ قولى، ئۈمىدسىزلىك بەلگىسى بولۇپ، تۇرار جىمجىت تاغلار چوققىسى. گۈللىرىڭنىڭ يېنىدا تىكەن، سانجىلسىمۇ دائىم قولۇمغا. ئاھ گۈزەللىك ئۇشبۇ ئۆمرۈمدە، مىننەتدارمەن سەندىن يەنىلا. ئازلار غالىب، كېلىدۇ كۆپتىن. بۇنى دۇنيا، بىلىدۇ تۈپتىن.[/align]


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  دائىرە - دائىرە ئەب...
●  <<تاگور نەسىرلىرى>> ...
●  سەرداھى: ئوت
●  تاگور نەسىرلىرى
●  سەرداھى: ئوت ئىچىدى...
●  تاگور نەسىرلىرىدىن...
●  تاگور نەسىرلىرىدىن...
●  تاگور نەسىرلىرىدىن...
●  جىلغىلىق قىز
●  بىر ئۇچۇم قۇم
●  خىيال ئىچىدىكى خىي...
●  ۋالىدە
●  گىياھنىڭ سۆزى
●  شەپىسىز قايغۇ
●  تەپككۈر چەشمىلىرى
●  توغراق
●  تۈنۈگۈن، بۈگۈن ۋە ئ...
●  تاگور نەسىرلىرىدىن
●  تاگور نەسىرلىرىدىن
●  بىر ئۇچۇم قۇم

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  دائىرە - دائىرە ئەبەدلىك...
●  <<تاگور نەسىرلىرى>> دىن پ...
●  سەرداھى: ئوت
●  تاگور نەسىرلىرى
●  سەرداھى: ئوت ئىچىدىكى ئە...
●  تاگور نەسىرلىرىدىن پارچ...
●  تاگور نەسىرلىرىدىن پارچ...
●  تاگور نەسىرلىرىدىن پارچ...
●  جىلغىلىق قىز
●  بىر ئۇچۇم قۇم

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى