تاگور نەسىرلىرىدىن پارچىلار
يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-07 15:14:39 كۆرۈلۈش سانى : 166
كصچصك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
بولۇپ قالمىسۇن مېنىڭ دوستلۇقۇم،
مەجبۇرىيەت ساڭا ئەي نىگار.
چۈشەنگىنكى ھەممە خۇشاللىق،
پەقەت دوستلۇق ئىچىدىلا بار.
ئىشىكىدە زۇلمەتنىڭ سۈبھى،
چىلتارىنى تۇراتتى چېكىپ.
قۇياش چىقىپ كەلگەندە بىردىن،
كەتتى دەرھال قانائەت قىلىپ.
گۈزەللىك قارىدى ئەينەكتىن،
ئۆزىنىڭ كېلىشكەن ھۆسنىگە.
شۇ ھامان ھەقىقىي تەبەسسۇم،
يامرىدى گۈزەللىك كۆكسىگە.
كىچىككىنە جىسمىدە شەبنەم،
چۈشىنىدۇ قۇياشنى ھەردەم.
بوشلۇققا يىغىلىپ ئەسىرلەر بويى،
ئۇنتۇلغان ئۈمىدسىز، سۇلغۇن پىكىرلەر.
ھەرىدەك ۋىڭىلداپ ئۇچۇپ قەلبىمدە،
مېنىڭ ئاۋازىمكنى ئاختۇرۇپ يۈرەر.
تەقىبلىنىپ ياتىدۇ چۆللەر،
پايانسىز قورشاۋىدا ئۆزىنىڭ.
ھاۋانىڭ شەكىلسىز ئۇسسۇل ئوينىشى،
ياپراق شادلىقىدىن مەلۇمدۇر ماڭا.
ئاسمان يۈرىكىنىڭ سىرلىق تىترىشى،
بىلىنەر ياپراقنىڭ جىمىرلىشىدا.
ئېچىلىپسەن، سىياقىڭ بۇدەم —
چېچەكلەرگە پۈركەنگەن دەرەخ.
تەرىپلىسەم تۇغما زاتىڭنى،
ھەيران بولۇپ قالدىڭغۇ ئەجەب.
زېمىن ساڭا بەرگەن نەزىر ئۇچقۇنى،
يالقۇن ياندۇرىدۇ ياپراقلار ئارا.
ئۇنىڭ ھەر تەرەپكە چېچىلغان ئوتى،
مېنىڭ كۆز ئالدىمدا گۈل - چېچەك گويا.
ئورمانلار زېمىننىڭ يېشىل بۇلۇتى،
ئۆز جىمجىتلىقىنى يوللايدۇ كۆككە.
بۇلۇتلار يامغۇرغا پۈركەپ ئۆزىنى،
شارقىراتمىلاردەك تۆكۈلەر يەرگە.
سۆزلىشىدۇ مەن بىلەن دۇنيا،
رەسىملەرنى تىلغا كىرگۈزۈپ.
ئاڭا جاۋاب بېرىدۇ رەھىم،
قەلب قېتىدىن ئاھاڭلار تۈزۈپ.
خاتىرىلەش ئۈچۈن قۇياشنى،
تەسۋى قىلدى يۇلتۇزنى ئاسمان.
بىر - بىرلەپ ساناپ دۇئا ئوقۇدى،
كۆز يۇمماستىن يورۇغۇچە تاڭ.
ئۇزۇن كېچىدىكى قاراڭغۇ زۇلمەت،
ئاۋازسىز ئىڭراش ئازاب مىسالى.
سۈبھىدە لەيلىگەن تۇمانلىق گۇگۇم،
جىمجىتلىقتىن دېرەك، تىنچلىق تامامى.
مەغرۇرلۇقنىڭ مۇزدەك تەلەتى،
مۆھۈر بولۇپ تاشقا ئويۇلار.
مۇھەببەتنىڭ مۇلايىملىقى،
گۈللەر بىلەن دىلغا قويۇلار.
قەلەم خۇشامەت بىلەن پۈكۈلگەچ،
خام سۇرۇخقا ئىتائەت قىلدى.
مەيلى سىغمىسا تار يۈزىگە دەپ،
چىن كۆرۈنۈشنىڭ باغرىنى تىلدى.
كۆك ئاسماننى سېغىنغان تاغلار،
چەكسىز ۋىسال ئىزدەيدۇ ھامان.
ئۇ قىلىدۇ شۇنداق چاغلاردا،
بۇلۇت بولۇپ قېلىشنى ئارمان.
ئۆرۈۋېتىپ ئۇلار سىياھنى،
سوكۇلدايدۇ باھانە ئىزدەپ.
قاراپ تۇرۇپ يورۇق كۈندۈزنى،
گەپ ساتىدۇ كېچە ئىدى دەپ.
ياخشىلىق پايدا ئۈچۈن قويسا قەدەم،
پايدىمۇ ياخشىلىققا كۈلەر شۇدەم.
كۆپۈكلەر ھاكاۋۇر چاغدا، دېڭىزنىڭ —
راست - يالغانلىقىدىن بولۇر دەرگۇمان.
بۇ كەشپىياتىدىن كۈلگەندە، ئۇنىڭ —
ئۆزى يوقلۇق ئارا بولىدۇ ئايان.
سۆيگۈ پۈتمەس - تۈگىمەس بىر سىر،
چۈنكى ئۆزىگە بېرەلمەس تەبىر.
ھەسرەتلىنىپ تۇرار تۈتەكلەر،
زۇلمىتىدە قاراڭغۇلۇقنىڭ.
ئالغىنىنى قۇياشنى توسۇپ،
ئۇنتۇپ قالغان ئەسلىي ئۆزىنىڭ.
سوۋغا بەر دەپ تەڭرى ئادەمنىڭ،
باشلىرىغا سالدى مالامەت.
شۇ چاغ بىلىپ قالدى ئادەملەر،
ئۆزلىرىدە بايلىق ئالامەت.
يالقۇن يەڭلىغ ئەستىلىكلىرىڭنى،
بەردىڭ مەندىكى ھىجران چىراغقا.
ئۇ كۆيىدۇ يېگانە پېتى،
كەتسەڭمۇ سەن مەندىن يىراققا.
تەقدىم قىلاي ساڭا بىرغۇنچە،
لېكىن شەرت بار، ئاڭلىۋال بۇدەم:
قوبۇل قىلغىن پۈتۈن بېغىمنى،
بېغىم ساڭا تەقدىم بولسۇن ھەم.
رەسىم —
كۆلەڭگىنىڭ ساندۇقىدىكى
خاتىرىسى يورۇقلۇقنىڭ.
ھېچ گەپ ئەمەس مەنسىتمىگىنىڭ،
سوغۇققىنا باقتىڭ قۇياشقا.
زاھىر قىلار قۇياش ئۆزىنى،
نۇرى بىلەن ھەريان - ھەريانغا.
سۆيگۈ قالۇر ھامان سىر پېتى،
بولغاندىمۇ سۆزلەردە ئاشكار.
چۈشىنىدۇ بىر - بىرىن چۈنكى،
پەقەتلا چىن ئاشىق - مەشۇقلار.
تارىخ ئۆزىنىڭ ھەقىقىتىنى،
تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆلتۈردى ئاستا.
ئوپۇل - توپۇل ئويغاتتى ئۇنى،
جاپا ئىچرە يۇغاندا گۇناھ.
ھەر كۈن ئالغان مائاشىم مېنىڭ،
ئەمگەكلىرىم ئۈچۈن بولۇر ھەق.
ھاياتىمغا ئاخىرقى ئۆلچەم،
مەن زارىقىپ كۈتكەن مۇھەببەت.
>ئاھ بولدىلا< دەيدۇ گۈزەللىك،
ئۆز ئۆمرىنى چۈشىنىپ يېتىپ.
ياۋايىلىق بېسىقماس پەقەت،
كەچكىچىلا دەتالاش قىلىپ.
تەڭرىنىڭ كۆزىدە مەن مالاي ئەمەس،
مالاي بولمىساملا رازى ئۇ مەندىن.
ئاۋامغا خىزمەتكار پەقەتلا تەڭرى،
تەڭرىگە قۇل بولساڭ رەنجىيدۇ سەندىن.
كېچە - كۈندۈز چىقىشىدۇ ئۆزئارا،
تۇمانلىق سەھەردە سىغىشماس ئەمما.
گۈللەر چېچەك ئاچقان دەملەردە،
سۆيگۈ ئېسىل شارابتۇر گويا.
گۈللەر غازاڭ بولغان دەملەردە،
سۆيگۈ نېمەت، ئوزۇقتۇر گويا.
ئىسمى نېمىلىكى نامەلۇم بىر گۈل،
ئۆزى بىلمەيدىغان يوچۇن بىر جايدا.
دېدى شائىرغا: >ئەي، دىلكەش ئامرىقىم،
بىز تۇغۇلغانمۇ ئوخشاش تۇپراقتا؟<
بېغىشلىدىم سۆيگۈمنى —
تەڭرىگە، چۈنكى —
ئىنكار قىلىش ئەركىنمۇ،
بەرگەچكە ئۆزى.
ھاقارەتلەر يەتكۈزدى ئازاب،
شۇڭا بولمىدىم تارىمنى تەڭشەپ.
كۆز ياشلىرىم ئېزىدۇ دىلنى،
يۈرىمەن بىريېڭى كۈي ئىزدەپ.
كىتابىنى يېمەيدىكەن دەپ، كىتاب قۇرتى:
>ئەخمەق!< دەيدۇ تەئەججۈپتە ئادەملەرنى.
بۈگۈن ئەجەپمۇ بۇلۇتلۇق ئاسمان،
بېشىدا ئەبەدلىك ئوي - پىكىر ئۇنىڭ.
شۇڭا ئۇ مۇقەددەس ھەسرەت ۋە پىغان،.
كۆلەڭگىسىدىن خىيال قۇچاقلايدۇ چىڭ.
دەرىخىمنىڭ يېشىل سايىسى،
ئۆتكۈنچىگە پاناھ ھەر زامان.
مېۋىسىگە قۇچاق ئاچىدۇ،
مەن سېغىنىپ كۈتكەن بىر جانان.
كەچكى قۇياش نۇرىدا زېمىن،
ئوتقاش كەبى تۇرار يېلىنجاپ.
پىشىپ قالغان مېۋىدەك گويا،
تۇرار قارا كېچىنى ساقلاپ.
ئالەمدىكى بارچە شەيئىنى،
راۋا كۆرۈپ قالغاچ يورۇقلۇق.
جورا بىلىپ قارا كېچىنى،
ياشاپ كەلدى دائىم كۆڭلى توق.
|
|