بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> نەسىرلەر >> جىلغىلىق قىز

جىلغىلىق قىز

يوللانغان ۋاقتى : 2009-04-22 10:45:35    كۆرۈلۈش سانى : 39  
كصچصك | نورمال | چوڭ             
ئۇ قۇچاقتا چاغدىلا دادىسى ئالەمدىن ئۆتتى. ئون ياشقا توشا - توشمايلا ئانىسىمۇ كېسەل بىلەن قازا تاپتى، يېتىم قالغان بۇ قىزنى بىر نامرات قوشنىسى بېقىۋالدى. ئۇلار گۈزەل لىۋان دەرياسى بويىدىكى كىچىككىنە كەپىدە ياشايتتى. ئازراقلا يېرىدىن باشقا ھېچنېمىسى يوق ئىدى. ئۇنىڭغا دادىسىدىن ئۆز ئىسىمى، ياڭاق ۋە سۇۋادان ئارىسىغا جايلاشقان پاكارغىنە كەپىدىن باشقا ھېچنېمە قالمىدى. ئاپىسى ئۇنىڭغا پىغانلىق يىغا ۋە يېتىملىك ئازابىنىلا قالدۇرۇپ كەتتى. ئۇ كىندىك قېنى تۆكۈلگەن ئانا يۇرتىدا يات كىشىگە ئايلاندى. ئۇنىڭ ئىشى ھەيۋەتلىك قىيالار، جاڭگاللىقلاردا غېرىبسىنىپ يۈرۈش بولدى. ئۇ ھەر كۈنى تاڭ سەھەردە جۇل - جۇل كىيىملىرىنى كىيىپ يالىڭاياق ھالدا ئىنەكنى ھەيدەپ جىلغىنىڭ ئوڭ چېتىدىكى ئوت، سۈيى ئەلۋەك، ياپيېشىل ئوتلاققا ئېلىپ بېرىپ باقاتتى. باراقسان دەرەخ سايىسىدە ئولتۇرۇپ ناخشا ئېيتاتتى. شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان سۇغا قاراپ ئۆكسۈپ - ئۆكسۈپ يىغلايتتى. ئوزۇقتىن غېمى يوق ئىنەككە ھەۋەسلىنەتتى. ھۈپپىدە ئېچىلغان گۈللەر ۋە گۈللەر ئارىسىدا ئۇچۇپ يۈرگەن كېپىنەكلەرگە ئۇزۇندىن - ئۇزۇنغىچە قاراپ جىممىدە ئولتۇراتتى. كۈن ئولتۇرغاندىلا قورسىقى ئېچىپ ماغدۇرى ئۈزۈلگەن ھالدا ۋەيرانە كەپىگە قايتىپ كېلەتتى - دە، بېقىۋالغان دادىسىنىڭ قىزى بىلەن بىللە قۇرۇق يەل - يېمىشلەر، تۇزلۇق سەي ۋە قوناق نېنىنى يەتتى. ئاندىن ئۆزىنى قۇرۇق ئوت - چۆپلەر ئۈستىگە تاشلايتتى - دە، بىلەكلىرىنى ياستۇق قىلىپ ئۇيقۇغا كېتەتتى. ئۇ ئېغىر خورسىناتتى. ھايات گويا شېرىن ئۇيقۇدەك ئۆتسە، چۈش كۆرمىسە، ئەبەدىي ئويغانمىسا نېمىدېگەن ياخشى بولاتتى - ھە! بىراق تاڭ يورۇشى بىلەنلا بېقىۋالغان دادىسى ئۇنى ئويغىتىپ ئىشقا ھەيدەيتتى. قىز ئۇنىڭ قەھرىدىن قورقۇپ، ئورنىدىن ئۈندەرەپ تۇرۇپ كېتەتتى. بىچارە مارتا مانا شۇنداق ھالەتتە ناھايىتى يىراق ۋە خىلۋەت جىلغىدا ئايلار، يىللارنى ئۆتكۈزدى. ئۇنىڭ بويى خۇددى كۆچەتتەك تېز ئۆستى. ئۇنىڭ قەلبىدىمۇ گويا گۈل - چېچەكلەرنىڭ خۇش ھىدلىرىغا ئوخشاش ھېس - تۇيغۇ ئويغىنىشقا باشلىدى. خۇددى قوزىلار دەريا بويىغا قاراپ چېپىشقاندەك، ئۇنىڭ قەلبىدىمۇ شېرىن ئارزۇ - ئىستەكلەر چېپىشىشقا باشلىدى. مارتا رەسىدە بولدى، ئۇنىڭ پاك ھېس - تۇيغۇسى خۇددى چىرايلىق بوزغا ئوخشاش ئىدى. بۇ يەرگە تېخى ئۇرۇق چېچىلمىغان، يىللارنىڭ ئىزى چۈشمىگەن بولۇپ، تولىمۇ پاك ۋە يۈكسەك ئىدى. تەقدىر مارتانى ئۇنتۇپ قالغان يېزىدا ھايات خۇددى پەسىللەرنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ تۇراتتى. ئۇ خۇددى ئەۋلىيا - پەيغەمبەرلەردەك، قۇياش نۇرىدا ئۆزگىرىشچان كۆلەڭگە چۈشۈرۈپ تۇراتتى. ھاياتنىڭ كۆپرەك ۋاقتىنى تىقمۇ تىقماق شەھەردە ئۆتكۈزۈۋاتقان بىزدەك ئادەملەر لىۋاننىڭ خىلۋەت رايونلىرىدىكى تۇرمۇشنى ھېچقانچە چۈشەنمەيمىز. بىز ھازىرقى زاماننىڭ مەدەنىيەت ئېقىمىغا ئەگىشىپ كەتكەن، بىلەر - بىلمەيلا ئۇ يەرلەردىكى پاك، ساددا، گۈزەل تۇرمۇشنى ئۇنتۇپ كەتكەن. بىز ئەگەر شۇ تۇرمۇشقا نەزەر سالىدىغان بولساق، ئۇنىڭ بىزگە خۇددى مۇقەددەس ئانىمىز تەبىئەتتەك باھاردا كۈلۈپ باقىدىغانلىقىنى، يازدا مېۋىگە كىرىدىغانلىقىنى، كۈزدە ھوسۇل بېرىدىغانلىقىنى، قىشتا بىزنى ھۇزۇرلاندۇرىدىغانلىقىنى كۆرىمىز. دېھقانلارغا قارىغاندا بىزنىڭ پۇلىمىز كۆپ، لېكىن ئۇلار بىزدىن ئالىيجاناب. بىزنىڭ تېرىيدىغىنىمىز كۆپ، ئالىدىغىنىمىز ئاز. ئۇلارنىڭچۇ؟ ئۇلار نېمە تېرىسا شۇنى ئالىدۇ. بىز قارا نىيەت بىلەن بۇلغانغان قەلبىمىزنىڭ قۇللىرى. ئۇلار شۈكرى قانائەتنىڭ ئەركىلىرى، بىز ئۈمىدسىزلىك ھەسرىتىگە ۋەھىمە ۋە چاكىنىلىق قوشۇلغان زەردابنى ئىچسەك، ئۇلار خۇش پۇراقلىق شەربەت ئىچىدۇ. مارتا 16 ياشقا كىردى. ئۇنىڭ كۆڭۈل - كۆكسى خۇددى پارقىراق ئەينەكتەك، پۈتۈن دالىدىكى بارچە گۈزەللىكنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلدى. ئۇنىڭ قەلبى چەكسىز جىلغىغا ئوخشايتتى، ئۇ يەردە خىلمۇ خىل سادا جاراڭلايتتى... كۈز كۈنلىرىنىڭ بىرى ئىدى. تەبىئەت گويا ھەسرەت بىلەن خورسىناتتى. زېمىننىڭ كىشەنلىرىنى ئۇرۇپ - چېقىپ ئېتىلىپ چىققان بۇلاق سۈيى خۇددى شائىرنىڭ تەپەككۇرىدەك ئوخچۇپ - ئوخچۇپ ئاقاتتى. مارتا بۇلاق بويىدا ئولتۇراتتى. ئۇ ئالتۇندەك يوپۇرماقلارغا تىكىلگەنىدى. شامال خۇددى ئەزرائىل ئىنساننىڭ جېنى بىلەن ئويناشقاندەك، يوپۇرماقلارنى ھەر ياققا ئۇچۇراتتى. مارتا گۈللەرگە قارىدى، گۈللەر سولاشقان، قۇرۇغان، غازاڭ بولغانىدى. ئۇلار گويا ئۇرۇش يىللىرىدىكى خوتۇن - قىزلار ئۆزلىرىنىڭ ئالتۇن - كۈمۈشتىن قىلىنغان زىننەت بۇيۇملىرىنى تەقدىم قىلغىنىدەك، زېمىنگە ئۇرۇقلىرىنى چاچماقتا ئىدى. مارتا گۈل - گىياھ، دەل - دەرەخلەرگە قاراپ ئولتۇرۇپ يازدىن جۇدا بولۇشنىڭ ھەسىرىتىنى سەزدى. توساتتىن جىلغا ئىچىدىن ئاتنىڭ تۇياق ئاۋازى ئاڭلاندى. مارتا كەينىگە بۇرۇلۇپ ئۆزىگە قاراپ ئاستا كېلىۋاتقان چەۋەندازنى كۆردى. يىگىتنىڭ قەددى - قامىتى كېلىشكەن بولۇپ، پۇزۇر كىيىنگەنىدى. ئۇ بۇلاق بويىغا كېلىپ ئاتتىن چۈشتى - دە، قىزغا مۇلايىملىق بىلەن سالام بەردى. قىز تېخى ئۆمرىدە بىرەر ئەركەكنىڭ مۇنداق سىپايى سالىمىغا نائىل بولمىغانىدى. يىگىت قىزدىن سورىدى: - دېڭىز بويىغا بارماقچىدىم، ئېزىقىپ قالدىم، يولنى كۆرسىتىپ قويالامسىز؟ قىز گويا بۇلاق بويىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان يۇمران كۆچەتتەك تىك تۇرۇپ جاۋاب بەردى: - مەنمۇ بىلمەيمەن ئەپەندىم، دادام بىلىدۇ، مەن ئۇنىڭدىن سوراپ باقاي. قىز بۇلارنى سەل ھولۇققاندەك، تارتىنىپ تۇرۇپ دېدى، بۇ ھال ئۇنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرۈۋەتتى. قىز مېڭىشقا تەمشىلىۋىدى، يىگىت ئۇنى توسۇۋالدى. يىگىتنىڭ تومۇرلىرىدا ياشلىق قېنى ئۆركەشلەپ، قاراشلىرى ئۆزگىرىپ كەتكەنىدى. - بولدىلا، بارمايلا قويۇڭ! - دېدى ئۇ. قىز ھەيران بولغىنىچە تۇرغان جايىدا تۇرۇپلا قالدى. ئۇ يىگىتنىڭ ئاۋازىدىن ئادەمنى قىمىر قىلىشقا قويمايدىغان بىر خىل كۈچنى سەزگەنىدى. قىز ئۇياتچانلىق بىلەن يەر تېگىدىن قاراپ، يىگىتنىڭ ئۆزىگە تىكىلىپ تۇرغانلىقىنى كۆردى. ئۇنىڭ قاراشلىرى نېمىدېگەن يالقۇنلۇق؟ بۇنى قىز بىلمەيتتى. يىگىت قىزغا قاراپ جەزىبە ۋە مۇلايىم كۈلۈپ قويدى. بۇ شېرىن تەبەسسۇم تەسىرىدىن ئۇ يىغلىۋېتىشكە تاس - ماس قالدى. يىگىت قىزنىڭ يالىڭاياق پۇتلىرىغا، نازۇك بېغىشلىرىغا، مەرمەردەك ئاپئاق بوينىغا ۋە يىپەكتەك يۇمشاق، قويۇق چاچلىرىغا مېھرىبانلىق، تەشنالىق، خەيرىخاھلىق بىلەن تىكىلدى. ئۇ مەستخۇش، ئوتلۇق كۆزلىرىنى مارتادىن ئۈزەلمىدى. قۇياش قانداق قىلىپ ئۇنىڭ ئۆڭىنى مۇنچىۋالا سۈزۈك قىلىۋەتكەندۇ؟ تەبىئەت ئۇنىڭ بىلەكلىرىنى نېمىدېگەن بەردەم يېتىشتۈرگەن - ھە؟! مارتا ئىزا تارتقىنىدىن ئۈنچىقماي يەرگە قاراپ تۇراتتى، ئەمما نېمە ئۈچۈندۇر ئۇنىڭ بۇ يەردىن كەتكۈسى كەلمەيتتى يا گەپمۇ قىلالمايتتى. شۇ كۈنى كەچقۇرۇن ئىنەك ئۆزى يالغۇز قايتىپ كەلدى. مارتا قايتىپ كەلمىدى. ئۇنىڭ بېقىۋالغان دادىسى ئېتىزدىن قايتىپ كېلىپلا جىلغىغا بېرىپ ئۇنى ئىزدىدى. جىلغىنى ئالا قويماي ئاختۇرۇپ چىققان بولسىمۇ ئۇنى تاپالمىدى، ئۇنىڭ ئىسىمىنى ئاتاپ ۋارقىرىدى. تاغ ئۆڭكۈرلىرىدىن يانغان ئەكس سادا ۋە دەل - دەرەخلەرنىڭ شاۋقۇنىدىن باشقا جاۋابقا ئىگە بولالمىدى. ئۇ چۈشكۈن ھالدا كەپىسىگە قايتىپ كېلىپ ئەھۋالنى خوتۇنىغا ئېيتتى. بىچارە ئايال كېچىچە يىغلاپ، ئەتىسى ئېرىگە: - مەن مۇنداق بىر چۈش كۆردۈم: مارتا بىر يىرتقۇچ ھايۋانغا ئۇچراپ قاپتۇ. ئۇ يىرتقۇچ مارتانىڭ تېنىنى پارچە - پارچە قىلىۋېتىپتۇ. مارتا بىر تۇرۇپ يىغلىغۇدەك، بىر تۇرۇپ كۈلگۈدەك، - دېدى. ئاشۇ گۈزەل جىلغىلىق قىز مارتانىڭ ھاياتى توغرۇلۇق مېنىڭ بىلىدىغانلىرىم شۇنچىلىك. بۇلارنىمۇ ماڭا جىلغىدىكى بىر بوۋاي سۆزلەپ بەرگەنىدى. بوۋاي مارتانى كىچىكىدىن بىلىدىكەن، ئۇنىڭ قانداق چوڭ بولغانلىقىنىمۇ بىلىدىكەن، قانداق يوقاپ كەتكەنلىكىنىمۇ بىلىدىكەن. ئۇ يوقالغاندىن كېيىن پەقەت بېقىۋالغان ئاتا - ئانىسى ئاز - تولا كۆز يېشى قىلغان.  ئۇنىڭدىن قالغىنى تەسىرلىك ئەسلىمە بولۇپ جىلغىدا سادا چىقىرىپ يۈرگەن. ئەمما بۇ ئەسلىمىلەرمۇ ئۇزۇن ئۆتمەي بالىلار پۈلىگەندە ئەينەكتە پەيدا بولغان ھوردەكلا يوقالغان.                                                                        2 1900 - يىلى كۈزدە مەن لىۋاننىڭ شىمالىدا يازلىق تەتىلنى ئۆتكۈزۈپ بېيرۇتقا قايتىپ كەلدىم. مەكتەپكە بېرىشتىن ئىلىگىرى ھەمراھلىرىم بىلەن بىللە شەھەردە توپتوغرا بىر ھەپتە تاماشا قىلىپ ئەركىنلىكنىڭ پەيزىنى سۈردۈم. بۇ ياشلار ئىنتىلىدىغان، ئەمما ئائىلىلەر ۋە مەكتەپتە چەكلىنىدىغان ئەركىنلىك ئىدى. بىز خۇددى قەپەزنى چېقىپ چىققان قۇشلاردەك قانات قېقىپ پەرۋاز قىلىشنىڭ ۋە ناخشا ئېيتىپ شادلىنىشنىڭ لەززىتىدىن قانغۇچە بەھرىمەن بولدۇق. ياشلىق گۈزەل چۈشكە ئوخشايدۇ. بۇ چۈشنىڭ لەززىتىنى كىتابتىكى يوشۇرۇن سىرلار ئوغرىلاپ بولغانىدى. مانا ئەمدى بۇ چۈش قايتىلىنىۋاتاتتى. شۇنداق بىر كۈن، پەيلاسوپلار بىر - بىرىگە زادىلا يېقىن كەلمەيدىغان كۆڭۈللەرنى ئەيىبلەپ يۈرۈپ بىر - بىرىگە قوشنىدەك، ياشلىقنىڭ شېرىن چۈشىنى بىلىم بىلەن بىرلەشتۈرىدىغان بىر كۈن كېلەرمۇ؟ تەبىئەت سىنىپىغا ئايلىنىدىغان بىر كۈن كېلەرمۇ؟ شۇنداق كۈنلەر بولارمۇ؟ بۇنى مەن بىلمەيمەن. بىراق مەن شۇنى ھېس قىلىمەنكى، بىز ناھايىتى تېز سۈرئەت بىلەن روھىي دۇنياغا ئۆرلەۋاتىمىز. بۇ خىل ئۆرلەش بىزنىڭ قەلبىمىزنىڭ ھايات ھادىسىلىرى توغرىسىدىكى گۈزەل ھېس - تۇيغۇمىزدا ئىپادىلىنىدۇ ۋە گۈزەللىككە بولغان مۇھەببەتتە بەختكە ئېرىشىدۇ. بىر كۈنى كەچقۇرۇن مەن ئۆي ئالدىدىكى پېشايۋاندا ئولتۇراتتىم. مەيداندا مۇشتىلىشىشلار بولۇپ تۇراتتى، ھۆپىگەرلەر ماللىرىنى ئاۋازىنىڭ بارىچە ماختىشاتتە، جۇل - جۇل كىيىملىك بەش ياشلاردىكى بىر ئوغۇل بالا مەن تەرەپكە كەلدى. ئۇ بىر پەتنۇسنى بوينىغا ئېسىۋالغان بولۇپ، پەتنۇسقا گۈللەر تىزىلغانىدى. ئۇنىڭ ئاۋازى تەبىئىي ھاقارەت ۋە ئازاب بىلەن تولغان بولۇپ، تولىمۇ زەئىپ ئىدى. - ئەپەندىم، گۈل ئالامسىز؟ مەن ئۇنىڭ زەپىران چىرايىغا، بەختسىزلىك ۋە نامراتچىلىق دەستىدىن قارىداپ كەتكەن كۆزلىرىگە قارىدىم. بالىنىڭ سەل - پەل ئېچىلغان ئېغىزى خۇددى ئازاب تولغان يۈرىكىدىن ئېچىلغان يارىغا، پەتنۇس كۆتۈرۈپ تۇرغان ئىنچىكە، ئاجىز بىلەكلىرى ۋە پەتنۇس يادەك ئېگىۋەتكەن كىچىك ۋۇجۇدى گويا يېشىل گىياھلار ئارىسىدىكى قاقشال ئازغان شېخىغا ئوخشايتتى. مەن ئۇنىڭغا قاراپ قاتتىق ئېچىنىش ئىچىدە ئىختىيارسىز كۈلۈۋەتتىم. بۇ كۈلكە مەن ئۈچۈن ھەر قانداق ئازابلىق يىغىدىن ئېغىر ئىدى. مەن بالىدىن بىر نەچچە تال گۈل سېتىۋالدىم. مەقسىتىم شۇ ئارقىلىق ئۇنى گەپكە سېلىش ئىدى. چۈنكى مەن ئۇنىڭ ئاشۇ ھەسرەتلىك كۆزى  ۋە ئاجىز سەبىي قەلبىگە يوشۇرۇنغان پاجىئەنى كۆرگەنىدىم. بۇنداق پاجىئە ھاياتتا دائىم بولۇپ تۇرىدۇ، ئەمما ئۇنى كۆرىدىغانلار ئاز، چۈنكى بۇ پاجىئە بەك ئېچىنىشلىق. مەن بالىغا بىر نەچچە ئېغىر سېلىق گەپ قىلدىم. ئۇ خاتىرجەم بولدى ۋە ماڭا سەل يېقىنلاشتى. ئۇ ماڭا تەئەججۈپ بىلەن تىكىلدى. چۈنكى مۇنداق بالىلار باشقىلارنىڭ قوپال سۆزلىرىنىلا ئاڭلاشقا كۆنۈپ قالغانىدى. - ئىسىمىڭ نېمە؟ - فائات، - دېدى بالا يەرگە قاراپ تۇرۇپ. - كىمنىڭ بالىسىسەن؟ ئۆيۈڭدىكىلەر قەيەردە؟ - مەن مارتانىڭ ئوغلى... - داداڭچۇ؟ ئو گويا «دادا» دېگەن سۆزنى چۈشەنمەيدىغاندەك باش چايقىدى. - ئاپاڭ قەيەردە، فائات؟ - ئۆيدە، ئاغرىق. مەن بالىنىڭ سۆزلىرىنى قەلبىمدىكى ھەسرەتنى بېسىپ تۇرۇپ ئاڭلىدىم. ئۇنىڭدىن ئاڭلىغان بۇ سۆزلەر مېنىڭ ھېس - تۇيغۇلىرىمغا سىڭىپ ئۆزگىچە، غەلىتە، كىشىنى ئەجەبلەندۈرىدىغان مەنزىرىگە ئايلاندى. شۇ تاپتا مەن ھېلىقى بوۋايدىن ئاڭلىغان مارتانىڭ بېيرۇتتا، كېسەل ئىكەنلىكىنى بىلدىم. تېخى تۈنۈگۈنلا گۈزەل جىلغىدا غەم - قايغۇسىز يۈرگەن قىز ئەمدى شەھەردە ئاچ - يالىڭاچلىقنىڭ دەردىنى تارتىۋېتىپتۇ. ياشلىق باھارىنى تەبىئەت ئارىسىدا، گۈزەل ئېتىز - قىرلاردا غەم - قايغۇسىز ئۆتكۈزگەن يېتىم قىز بۈگۈن سەرگەردان بولۇپ، چىرىكلىك، رەزىللىك ھۆكۈم سۈرگەن مانا بۇ شەھەردە بەختىسىزلىك بىلەن پاجىئەنىڭ ئىبلىس چاڭگىلىدىكى ئولجىغا ئايلىنىپتۇ. مەن شۇلارنى ئويلاۋاتقنىمدا بالا گويا ھەسرەت - ئەلەمدىن پارە - پارە بولۇۋاتقان قەلبىمنى كۆرۈۋاتقاندەك ماڭا تىكىلىپلا قالغانىدى. ئۇ مېڭىشقا تەمشىلىۋىدى، مەن ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇۋالدىم. - مېنى ئاپاڭنىڭ يېنىغا باشلاپ بارغىن، مەن ئۇنى كۆرۈپ كېلەي، - دېدىم مەن. مېنىڭ سۆزۈم ئۇنى ناھايىتى ھەيران قالدۇردى. ئۇ ئۈندىمەستىن ئالدىمغا چۈشۈپ ماڭدى. ئۇ كېتىۋېتىپ پات - پاتل مېنى راستتىنلا ئارقامدىن كېلىۋاتامدۇ - يوق، دېگەندەك كەينىگە قاراپ قوياتتى. پاسكىنىچىلىققا تولغان كوچىلاردىكى بەتبۇي پۇراق ئادەمنىڭ دېمىنى بوغاتتى. ئەسكى ئۆيلەرنىڭ دالدىسىدا - قاراڭغۇلۇقتىن پايدىلانغان بۇزۇقلار جىنايەت ئۆتكۈزەتتى. مەن بالىغا ئەگىشىپ يىلاندەك ئەگرى - بۈگرى كوچىدىن ئۆتكەندە خېلىلا قورقۇپ قالدىم. بۇ بالا گۆدەك، سەبىي بولغاچقا بۇ شەھەرنىڭ رەزىللىكلەرنى ئوبدان بىلىدىغان ئادەملەردە يوق بىر خىل جاسارەت بار ئىدى. ھالبۇكى، بۇ شەھەرنى شەرقلىقلەر سۈرىيىنىڭ يېڭى كېلىنى، تارىختىن بۇيانقى شاھلارنىڭ تاجىدىكى مەرۋايىت دېيىشەتتى. بىز كوچىنىڭ ئەڭ چېتىگە يەتتۇق. بالا بىر ئۆيگە كىردى. بۇ ئۆي ئۆرۈلۈپ كېتەيلا دەپ قالغانىدى. مەن ئىچكىرىگە كىرگەنسېرى يۈرىكىم تېز سوقۇشقا باشلىدى. ئۆيدىن زەي پۇرىقى كېلەتتى، ئۆيدە ھېچقانداق سەرەمجان يوق ئىدى. ئۆيدىكى غۇۋا يورۇپ تۇرغان جىن چىراغ گويا ئۆيدىكى قاراڭغۇلۇقنى يىراققا قوغلىۋەتمەكچىدەك ساغۇچ تىلىنى سوزۇپ پىلدىرلاپ يېنىپ تۇراتتى. كونا بىر كارىۋاتتا دەپسەندە قىلىنىپ تاشلىۋېتىلگەن ئايال بۇ دۇنيانىڭ قاراڭغۇلۇقىدىن شۇ تام ئارقىلىق قۇتۇلۇپ كەتمەكچىدەك، شۇ تامدىن ئەرلەرنىڭ قەلبىدىن ساپ، ئاق كۆڭۈل قەلبنى ئىزدەۋاتقاندەك، يۈزىنى تام تەرەپكە قىلىپ ياتتى. بالا ئۇنىڭغا يېقىنلىشىپ: - ئانا! - دەپ چاقىردى. ئايال ئۆرۈلۈپ، مېنى كۆرۈپ جۇل - جۇل بولۇپ كەتكەن يوتقان ئىچىدە سەل مىدىرلىدى - دە، ئادەمنىڭ يۈرەك - باغرىنى ئېزىدىغان ئايانچلىق ئاۋازدا ئۇھ تارتىپ: - ئەپەندىم، نېمە قىلماقچىسەن؟ ھەلقۇمۇمغا كېلىپ قالغان جېنىمنى سېتىۋالغىلى، جىسمىمنى دەپسەندە قىلىپ ھايۋانىي نەپسىڭنى قاندۇرغىلى كەلدىڭمۇ؟ يوقال كۆزۈمدىن! بۇ كوچىدا ئاياللار كۆپ، ئۇلار ناھايىتى ئەرزان باھادىلا ساڭا جىسمى ۋە كۆڭلىنى سېتىپ بېرىدۇ. مەندە ئەڭ ئاخىرقى نەپىسىمدىن باشقا ساتقۇدەك ھېچنېمە يوق. ئەزرائىل ھازىرلا كېلىدۇ - دە، مېنى گۆردە خاتىرجەم قىلىدۇ... - دېدى. ئۇنىڭ ئېچىنىشلىق كەچۈرمىشلىرىنىڭ يەكۈنى بولغان مانا بۇ سۆزلەر يۈرىكىمگە نەشتەردەك تەگدى. مەن ئۇنىڭغا - ئۇنىڭ كارىۋىتىغا يېقىنلاشتىم، ئۆز سۆزلىرىمنىڭ كۆڭلۈمنى ئىپادىلەپ بېرەلىشىنى تىلەيتتىم: - قورقماڭ مارتا، مەن بۇ يەرگە - سىزنىڭ قېشىڭىزغا ۋەھشىي ھايۋاندەك كەلگىنىم يوق، مەن قايغۇلىرىڭىزغا شېرىڭ بولغۇچىمەن. مەن لىۋانلىق، ئىلگىرى شىمالدا، شەمشاد ئورمانلىقىغا يانداش جىلغىدا بىر مەزگىل تۇرغانىدىم. ھەرگىز قورقماڭ، مارتا! ئۇ بۇ سۆزلىرىمنىڭ چىن يۈرەك سۆزلىرىم ئىكەنلىكىگە، ئۆزىنىڭ قايغۇلىرى ئۈچۈن قايغۇرۇۋاتقانلىقىغا ئىشەندى ۋە خۇددى زىمىستاندىكى قاقشال شاختەك تىترەپ كەتتى. گويا ئاشۇ لەززەتلىك، قورقۇنچلۇق، گۈزەل ۋە ھەسرەتلىك خاتىرىلەرنى كۆز ئالدىمدىن يوقاتماقچىدەك، قوللىرى بىلەن يۈزىنى توسۇۋالدى. ئۇ بىر ھازا گەپ قىلماي ئۇھ تارتىپ ياتقاندىن كېيىن تىترەپ تۇرغان قوللىرىنى يۈزىدىن ئالدى. ئۇ ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن كۆزلىرى بىلەن تورۇستىكى كۆرگىلى بولمايدىغان قانداقتۇر بىر نەرسىگە تىكىلدى. ئۇنىڭ قۇرۇپ گەز باغلاپ كەتكەن لەۋلىرى ئۈمىدسىزلىك بىلەن تىترەيتتى، خۇددى سەكراتقا چۈشكەن كىشىدەك پات - پاتلا خارتىلداپ قوياتتى. تۇرۇپ - تۇرۇپ چوڭقۇر ئۇھ تارتىپ خورسىناتتى. ئۇ بىر خىل يېلىنىش تەلەپپۇزىدا ھەسرەت بىلەن ھالسىزغىنا سۆزلىدى: - سىز ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن ماڭا خەيرخاھلىق قىلغىلى كەپسىز، مۇبادا مېھىر - شەپقەت ئادەمدىن گۇناھلارنى ساقىت قىلالايدىغان بولسا، ئىچ ئاغرىتىش خارلانغان ئادەمگە ئادالەت بەخىش ئېتەلەيدىغان بولسا ئاللا مەن ئۈچۈن سىزنى رازى قىلغاي. ئەمما، يەنىلا سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي، دەرھال قايتىپ كېتىڭ. بۇ يەردە تۇرسىڭىز سىز ھاقارەتكە قالىسىز، ماڭا بولغان غەمخورلۇقلىرىڭىز تۈپەيلى ئەيىبكە قالىسىز. باشقىلار كۆرۈپ قالماستىلا بۇ چوشقا ئېغىلىدەك بەتبۇي، مەينەت ئۆيدىن كېتىپ قېلىڭ... تېز بولۇڭ. كوچىدا يۈزىڭىزنى توسۇۋېلىپ مېڭىڭ، كىشىلەر سىزنى تونۇۋالمىسۇن. سىزنىڭ قەلبىڭىزدىن ئۇرغۇغان ھېسداشلىق، پاكلىقىمنى ئەسلىگە كەلتۈرەلمەيدۇ، سەۋەنلىكلىرىمنى يۇيۇۋېتەلمەيدۇ، ئەزرائىلنىڭ يۈرىكىمنى بېسىپ تۇرغان قولىنى كۆتۈرۈۋېتەلمەيدۇ. بەختسىزلىكىم ۋە سەۋەنلىكلىرىم تۈپەيلى مۇشۇنداق قاراڭغۇ ئۆيدە ئولتۇرۇپتىمەن. ھېسداشلىق تۈپەيلىدىن ماڭا - بىر پاسكىنا خوتۇنغا يېقىنلاشماڭ، كۆڭلىڭىزگە داغ چۈشۈپ قالمىسۇن. مەن خۇددى قەبرىستاننى ئارىلاپ يۈرگەن موخۇ ئادەمگە ئوخشايمەن، ماڭا يېقىنلاشماڭ. ئەگەر يېقىنلاشسىڭىز سىزنى ئۇنىۋېرسىتېتتىن قوغلىۋېتىدۇ، جەمئىيەت ئەخلەت ئورنىدا دەپسەندە قىلىدۇ. قايتىپ كېتىڭ. ئاشۇ جىلغىغا - مۇقەددەس ۋادىغا بارسىڭىز مېنىڭ ئىسىمىمنى تىلغا ئالغۇچى بولماڭ، پادىچى قوي پادىسىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ۋابا تەگكەن قوينى تاشلىۋېتىدۇ. ئەگەر مېنى تىلغا ئالماقچى بولسىڭىز «بۇ جىلغىلىق قىز مارتا ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ» دەپ قويۇڭ، باشقا ھېچنېمە دېمەڭ. مارتا ئوغلىنىڭ قولىنى تۇتۇپ، ئۇنىڭ قوللىرىغا سۆيۈپ قويدى ۋە ئاندىن ئۇلۇغ - كىچىك تىنىپ سۆزىنى داۋام قىلدى: - كىشىلەر ئوغلۇمنى مەسخىرە قىلىشى، ئۇنىڭغا نەپرەت بىلەن قارىشى، ھەتتا: «بۇ - ئىپلاسلىقنىڭ مەھسۇلى، جالاپ مارتانىڭ ئوغلى، ھارامدىن بولغان شۇم» دېيىشى مۇمكىن. بۇلاردىن كۆپرەك گەپ - سۆزلەرنى قىلىشىمۇ مۇمكىن. چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى قارىغۇ، ھەقىقەتنى ئايرىيالمايدىغان نادانلار. بۇ دۆت - كالۋالار بالامنىڭ ئۆسمۈرلۈك ھاياتىغا ۈشۈشى مۇمكىن بولغان داغنى دەرد - ئەلەم ۋە كۆز - ياشلىرىم بىلەن يۇيۇۋەتكەنلىكىمنى، بەختسىزلىكىم ۋە تارتقان رىيازەتلىرىم ئارقىلىق ئۇنى ئۆمۈرلۈك گۇناھتىن ساقىت قىلغانلىقىمنى بىلمەيدۇ. مەن ئۆلۈپ كېتىمەن، ئۇ يالغۇز قالىدۇ. ئۇ ئېغىر، كۈلپەتلىك تۇرمۇشتا يېتىم قوزىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. مەن ئۇنىڭغا قورقۇنچلۇق ئەسلىمىدىن باشقا ھېچنېمە قالدۇرالمايمەن. ئەگەر ئۇ توخۇ يۈرەكلەردىن بولۇپ قالسا بۇنىڭدىن نومۇس قىلىشى مۇمكىن. ناۋادا ئۇ قەيسەر ئەزىمەتلەردىن بولسا، بۇ ئەسلىمىلەر ئۇنىڭ تومۇرىدىكى قانلارنى ئۇرغۇتۇشى مۇمكىن. ئەگەر خۇدايىم ئۇنى ئۆز پاناھىدا ساقلاپ، ئۇ ساغلام، ھەققانىي ئەركەك بولۇپ يېتىلسە، ئۇ ئاللانىڭ ئۆزىگە ۋە ماڭا بەختسىزلىك ئېلىپ كەلگەن كىشىنى جازالىشىغا ياردەملىشىدۇ. ناۋادا ئۇ ئۆلۈپ كەتسە، مەن ئۇنى بەخت ۋە يورۇقلۇق بار باقىي ئالەمدە كۈتۈپ تۇرىمەن. مەن قەلبىمنىڭ دەۋىتى بىلەن ئۇنىڭغا مۇنداق دېدىم: - ياق مارتا. سىز قەبرىڭىزدە ئۈن - تىنسىز ياتقان تەقدىردىمۇ موخو ئادەمگە ئوخشىمايسىز. تۇرمۇش سىزنى پاتقاققا چۆرۈۋەتكەن بولسىمۇ، سىز پاسكىنا ئەمەسسىز. بەدىنىڭىزدىكى لاي - پايلار قەلبىڭىزدىكى پاكلىققا داغ تەگكۈزەلمەيدۇ. تۇرمۇش قايغۇ - ھەسرەت خامىنىدۇر. پىشىپ يېتىلمىگەن قەلب باشاقلىرىدىكى دانلار مانا شۇ خامانغا تۆكۈلىدۇ. ئېچىنىشلىقى خامان سىرتىدا قېلىشتۇر. خامان سىرتىغا چۈشكەن دانلارنى چۈمۈلىلەر، قۇشلار ئېلىپ كېتىدۇ، ئۇ دانلار زېمىننىڭ ئامبىرىغا كىرەلمەيدۇ. سىز ھاقارەتلەنگەن، مارتا سىزنى دەپسەندە قىلغانلار ھەشەمەتلىك ساراينىڭ بايۋەچىسى. ئۇلارنىڭ يېنىدا پۇلى بار، ئەمما كۆڭلى رەزىللىككە تولغان. سىز خارلاندىڭىز، كەمسىتىلدىڭىز. ئادەم باشقىلارغا بوزەك بولسا بولسۇنكى، ھەرگىز خەقنى بوزەك قىلماسلىقى كېرەك. تۇغۇلۇشىدىنلا ئاجىز يارىتىلىپ كىشىلەر تەرىپىدىن قۇربان قىلىنغانلار مۇشتۇمى بىلەن ھاياتلىق گۈلىنى نابۇت قىلغانلارغا مۇشتۇمى بىلەن ھاياتلىق گۈلىنى نابۇت قىلغانلارغا، نەپسى بالاسىدا ئاق كۆڭۈل كىشىلەرنىڭ ساپ ھېسسىياتىنى دەپسەندە قىلغانلارغا قارىغاندا كۆپ پەزىلەتلىكتۇر. ھەي مارتا، قەلب - تەڭرىنىڭ زۇننارىدىن چۈشكەن ئالتۇن چەمبىرەك. كۈچلۈك يالقۇن ئۇنى ئېرىتىۋېتىشى، ئەسلى گۈزەللىكىدىن مەھرۇم قىلىشى مۇمكىن. ئەمما ئالتۇن بەرىبىر باشقا نەرسىگە ئايلىنىپ قالمايدۇ. ئەكسىچە تېخىمۇ جۇلالىنىپ، نۇرلىنىپ كېتىدۇ. قۇرۇق ئوت - چۆپ نەقەدەر بىتەلەي - ھە! ئۇنىڭغا ئوت تۇتىشىپ كەتسىلا كۈلگە ئايلىنىپ دەشت - چۆللەردىكى قۇملارنىڭ گۈركىرەشلىرىگە، يېتىملەرنىڭ ئاھ - زارىغا، گادايلارنىڭ كانى بولغان جەننەتكە قاراپ ئۇچۇپ كېتىدۇ. كۆڭلىڭىزنى توق تۇتۇڭ مارتا، سىز باشقىلارنى ئاياغ ئاستى قىلغۇچى ئاياغ ئەمەس، بەلكى دەسسەپ - چەيلەنگەن گۈلسىز. ئۇ مېنىڭ سۆزۈمنى جىم تۇرۇپ ئاڭلىدى. مېنىڭ بۇ تەسەللىلىرىم بىلەن ئۇنىڭ سارغىيىپ كەتكەن ياداڭغۇ چىرايى خۇددى پېتىۋاتقان قۇياشنىڭ قىزىل شولىسىدا نۇرلانغان بۇلۇتلاردەك ئېچىلىپ كەتتى. ئاندىن ئۇ مېنى شەرەت بىلەن كارىۋاتقا ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى. مەن كارىۋاتقا بېرىپ ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭ قەلبىدىكى قايغۇلاردىن بىشارەت بېرىپ تۇرغان يۈزلىرىگە - بەئەينى مۇردىنىڭ چىرايىغا ئوخشايدىغان يۈزلىرىگە، مانا شۇ ئەبجىقى چىققان ئەسكى كارىۋاتنىڭ ئەتراپىدا لەلەڭشىپ يۈرگەنلىكىنى سېزىپ ياتقان گۈزەل ئايالنىڭ يۈزلىرىگە دىققەت بىلەن تىكىلدىم. تۈنۈگۈن تېخى ئۇ ھاياتىي كۈچى جۇش ئۇرۇپ تۇرغان بىر تاشلاندۇق قىز ئىدى. بۈگۈن بولسا چىرايى سارغايغان، تۇرمۇش كىشەنلىرىدىن قۇتۇلۇش ئالدىدا تۇرغان بىر مىسكىن چوكانغا ئايلىنىپ قالغانىدى. ئادەمنى ھاياجانغا سالىدىغان جىمجىتلىقتىن كېيىن ئۇ بارلىق كۈچىنى يىغىپ سۆزلەپ تۇرۇپ يىغلاپ كەتتى. ئۇنىڭدىكى ھاياجانمۇ نەپەس ئېلىشى بىلەن تەڭ بىر ئۆرلەپ -  بىر پەسلەپ تۇراتتى: - شۇنداق، مەن ھاقارەتلەندىم، مەن ئىنسانلار ئارىسىدىكى يىرتقۇچلارنىڭ قۇربانى بولدۇم. مەن دەسسەلگەن - چەيلەنگەن بىر تال گۈل. بىر ئاتلىق كىشى كەلگەندە مەن بۇلاق بويىدا ئولتۇراتتىم. ئۇ ماڭا ئىنتايىن مۇلايىملىق ۋە سەمىيمىيلىك بىلەن گەپ قىلدى. مېنىڭ تولىمۇ چىرايلىق ئىكەنلىكىمنى، مېنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە: «بۇ نېمىدېگەن قاقاس يەر - ھە. بۇ جىلغا ئۇچار قۇشلار بىلەن بورسۇقلارغىلا مۇۋاپىق يەر ئىكەن...» دېدى. كېيىن ئۇ ئېڭىشىپ مېنى قۇچاقلىدى - دە، سۆيۈشكە باشلىدى. مەن ئىگە - چاقىسىز يېتىم بولغاچقا سۆيۈشنىڭ لەززىتىنى تېتىپ باقمىغانىدىم. ئۇ مېنى ئاتنىڭ كەينىگە مىنگەشتۈرۈپ ھەشەمەتلىك بىر ئۆيگە ئېلىپ كەلدى. ئارقىدىنل تاۋار - دۇردۇن كىيىملەرنى، ئۇپا - ئەڭلىكلەرنى، مەززىلىك تائام، شېرىن ئىچىملىكلەرنى ئېلىپ كىردى... ئۇ مانا بۇ ئىشلارنى ناھايىتى خۇش خۇي تەبەسسۇم، يېقىملىق سۆزلەر  بىلەن ئورۇندىدى. ئەسلىدە ئۇ ئۆزىنىڭ شەھۋانىي نەپسىنى قاندۇرۇپ، قەلبىمگە شەرمەندىچىلىك دېغىنى سالغاندىن كېيىن كېتىپ قالدى. ۋۇجۇدىدا ئۇنىڭدىن لاۋىلداپ يېنىپ تۇرغان بىر پارچە ئوت قالدى. بۇ ئوت يۈرىكىمدىن ئوزۇق ۋە قۇۋۋەت ئېلىپ ناھايىتى تېز ۋايىغا يەتتى ۋە ھەسرەت تۇمانلىرى قاپلىغان، پىغانلىق ئاھ - زار تولغان قاراڭغۇ - زۇلمەت ئىچىدە دۇنياغا كەلدى... شۇنىڭ بىلەن بىر جېنىم ئىككى بولدى. بىرى ھېچنېمىگە قۇربى يەتمەيدىغان ھەسرەتلىك جان، يەنە بىرى گۆدەك جان ئىدى. ئۇ جىمجىت كېچىلەردە پايانسىز ئالەم بوشلۇقىغا چىقىپ كېتىش ئۈمىدىدە نالە قىلاتتى. مېنى دەپسەندە قىلغان ھېلىقى ئەبلەخ ئەمچەكتىكى بالام بىلەن مېنى شۇ يالغۇز ئۆيگە تاشلاپ كەتتى. بىز ئاچ - يالىڭاچلىقتا ۋە مۇساپىرچىلىقنىڭ ئېغىرچىلىقلىرىغا چىدىدۇق. بىزگە ھېچكىممۇ ياردەم قىلمىدى. كۈنىمىز ھەمىشە قورقۇنچ، ۋەھىمە ئىچىدە ئۆتتى... ئۇنىڭ شېرىكلىرى مېنىڭ بۇ يەردە تۇرۇۋاتقانلىقىمنى، مۇھتاجلىق ئىچىدە قالغانلىقىمنى بىلىپ بىر - بىرلەپ كېلىشكە باشلىدى. ھەممىسى مېنىڭ ئىپپەت - نومۇسۇمنى پۇلغا سېتىۋېلىشنى، كىشىلىك غۇرۇرۇمنى نانغا تېگىشىشنى ئويلايتتى. ھەي ... ئەبەدىلئەبەد ساخاۋەتلىك پەرۋەردىگارنىڭ يۈز - خاتىرىسى تۈپەيلىدىن مەن ئۆزۈمنى كۆپ قېتىم چىڭ تۇتتۇم. لېكىن بولمىدى، چۈنكى ئۇ ھازىر يالغۇز ماڭىلا مەنسۇپ ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭدا ماڭا تاينىپ ياشايدىغان يەنە بىر جاننىڭمۇ ھەققى بار ئىدى. ئۇ خۇدا نېسىپ قىلغان ئوغلۇم ئىدى. خۇدا مېنى ئىنسانلار ئارىسىدىن سىقىپ چىقىرىپ تۈۋى يوق ھاڭغا ئىتتىرىۋەتتى... ئاھ، ۋاقتىم يېقىنلىشىپ قالدى. دوزاختىكى كۈيئوغۇل ئىشىكتىن چىقىپلا قايتىپ كەلدى. ئۇ مېنى ئۆزىنىڭ ئىسسىق كۆشۈكىگە ئېلىپ كەتمەكى بولۇۋاتىدۇ. ئۇ گويا ئۇچۇپ كېتىۋاتقان روھىغا خەيرلىك كېچە تىلەۋاتقاندەك بىر پەس جىم بولۇپ قالدى. ئاندىن ئۈمىد ئۇچقۇنلىرى چاقناپ تۇرغان كۆزلىرىنى ئېچىپ ئېغىر - بېسىقلىق بىلەن: - ئېھ، شەكىلسىز كۆرۈنۈشلەرنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان ئادالەت، سەن، پەقەت سەنلا ھەسرەتلىك قەلبىمدىكى نالە - پەريادلارنى ئاڭلىيالايسەن! مەن سەندىن ئۆتۈنۈپ قالاي، تىلەپ قالاي، ماڭا رەھىم - شەپقەت قىلغىن. ئوڭ قولۇڭ بىلەن ئوغلۇمنىڭ بېشىنى سىلا، سول قولۇڭ بىلەن روھىمنى قوبۇل قىل - دېدى. ئۇنىڭ ماغدۇرى ئۈزۈلۈشكە، تىنىقى ئاجىزلىشىشقا باشلىدى. ئۇ غەمكىن، ئەمما مېھرىبانلىق بىلەن ئوغلىغا قارىدى. ئارقىدىن كۆزىنى باشقا ياققا ئاستا - ئاستا قاچۇرۇپ، كىشى ئاڭلىيالمىغۇدەك ئاۋازدا: - ئاھ قۇدرىتى ئۇلۇغ خۇدا ... مۇبارەك نامىڭ تېخىمۇ زىيادە ئۇلۇغ بولغاي، بۇ دۇنيا سېنىڭ ئىرادەڭ بويىچە گۈزەل جەننەتكە ئايلانسۇن، مېنىڭ سەۋەنلىكىمنى ئەپۇ قىلغايسەن، - دېدى. ئۇنىڭ گېپى ئۈزۈلۈپ، لەۋلىرى بىر پەس بىلىنەر - بىلىنمەس قىمىرلىدى - دە، جىمىپ قالدى. ئارقىدىن بىر نېمىدىن سەسكەنگەندەك بىرلا تىترەپ، بىر نەچچە قېتىم تىندى، چىرايى ئاستا - ئاستا ئاقىرىپ كەتتى. ئۇنىڭ روھى ئاخىرەتكە يول ئالغانىدى. لېكىن ئۇنىڭ كۆزلىرى بۇرۇنقىدەكلا ھېلىقى كۆزگە كۆرۈنمەس نەرسىگە تىكىلگەنىدى...                                            *                                                        * تاڭ سەھەردە مارتانىڭ مېيىتى سېلىنغان گروپنى ئىككى نامرات كۆتۈرۈپ، شەھەردىن خېلى يىراق بىر قاقاسلىققا ئاپاردى. پوپ ئۇنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا - تەگبىر قىلىشنى رەت قىلدى. كىشىلەر ئۇنىڭ جەسىتىنى كرېست بەلگىسى ئورنىتىلغان قەبرىگە قويۇشقا ئۇنىمىدى. قاقاسلىقتىكى ئورا يېنىدا مارتانىڭ مېيىتىنى ئۇزىتىپ ئۇنىڭ ئوغلى بىلەن بىر ياش يىگىتلا تۇراتتى. مارتانىڭ پۈتكۈل كەچۈرمىشلىرى بۇ يىگىتكە خەيرخاھلىقنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى. «ياش ۋە كۈلكە» دىن


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  دائىرە - دائىرە ئەب...
●  <<تاگور نەسىرلىرى>> ...
●  سەرداھى: ئوت
●  تاگور نەسىرلىرى
●  سەرداھى: ئوت ئىچىدى...
●  تاگور نەسىرلىرىدىن...
●  تاگور نەسىرلىرىدىن...
●  تاگور نەسىرلىرىدىن...
●  جىلغىلىق قىز
●  بىر ئۇچۇم قۇم
●  خىيال ئىچىدىكى خىي...
●  ۋالىدە
●  گىياھنىڭ سۆزى
●  شەپىسىز قايغۇ
●  تەپككۈر چەشمىلىرى
●  توغراق
●  تۈنۈگۈن، بۈگۈن ۋە ئ...
●  تاگور نەسىرلىرىدىن
●  تاگور نەسىرلىرىدىن
●  بىر ئۇچۇم قۇم

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  دائىرە - دائىرە ئەبەدلىك...
●  <<تاگور نەسىرلىرى>> دىن پ...
●  سەرداھى: ئوت
●  تاگور نەسىرلىرى
●  سەرداھى: ئوت ئىچىدىكى ئە...
●  تاگور نەسىرلىرىدىن پارچ...
●  تاگور نەسىرلىرىدىن پارچ...
●  تاگور نەسىرلىرىدىن پارچ...
●  جىلغىلىق قىز
●  بىر ئۇچۇم قۇم

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى