بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> نەسىرلەر >> تاگور نەسىرلىرى

تاگور نەسىرلىرى

يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-22 13:00:21    كۆرۈلۈش سانى : 95  
كصچصك | نورمال | چوڭ             
[align=center] كۈتىدۇ نەي چالسۇن مېنى دەپ، ئىگىسىنى كۆزى تۆت بولۇپ. لېكىن تەڭرى ئىزدەپ ئاۋارە — مۇشۇ نەيگە كۆيۈپ تەلمۈرۈپ. گەر قارىغۇ بولغانداقەلەم، چىنلىق يوق دەپ قارايدۇ قولغا. مەنىسىزگە چىقىرىپ پۈتۈن، ئەسەرنى تەڭ قىلمايدۇ پۇڭغا. بولمىغاچقا ئايغا تەقدىم قىلغۇدەك گۈلى، مۇشتلاپ كېتەر دېڭىز - ئوكيان چەكسىز كۆكسىنى. غورىسىغا ئاققاندا شۆلگەي، قالۇر چېچەك كۆزگە كۆرۈنمەي. ئىلاھ ئولتۇرسىمۇ يۇلتۇزدا بىراق، كۈتىدۇ ئىنساندىن ئۆزىگە چىراغ. دەرەخزاردا كىشەنلەنگەن ئوت، بولۇر ئاخىرباراقسان چېچەك. قېچىپ چىققان شەرمەندە يالقۇن، توزۇپ كېتەر كېرەكسىز كۈلدەك. ئاينى ئەسىر قىلغىلى كۆكتە، قۇرۇلمىغان ئەسلىدە قاپقان. ئەركىنلىكى ئۆزىنى ئاينىڭ، چۈشەك بىلەن تەقىبكە ئالغان. كۆكنى پۈتۈن قۇچقان يورۇقلۇق، شۇنچە ئازادە بولسىمۇ لېكىن. يۈرە بىر تار ماكان ئاختۇرۇپ، گىياھتىكى شەبنەم ئىچىدىن. بايلىق ئۆزىنى چاغلىسىمۇ زور، شۇ >زور< لۇق ئۇنىڭ ئۆزىگە سېلىق. >ھايات< ئۆزىنى بىلسىمۇ پۈتۈن، ئۇنى تولۇقلار نەرسە خۇشاللىق. شەمشەر تىغى ئۆتكۈر بىگۇمان، پەخىرلىنىپ ماختا ئۆزىنى. تەپ تارتماستىن كۈلىدۇ ھەرئان، زاڭلىق قىلىپ قۇياش نۇرىنى. ياخشى كۆرۈپ قالدى كېپىنەك، نېلۇپەرنى بىكارچىلىقتىن. تىنىم تاپماي ھەسەل ھەرىسى، شىرنە يىغىپ يۈرىدۇ لېكىن. بالىلار قەلبىمگە ئېلىپ كېلىدۇ، شامال ۋە سۇلاردىن يېقىملىق سادا. چېچەكلەر سىرىنى، بۇلۇت چۈشىنى، سۈبھىنىڭ تەئەججۈپ تولغان كۆزىنى، ئىلھامنىڭ مەنبەسى قىلىدۇ ماڭا. ھەسەن - ھۈسەن بۇلۇت ئارا، بۈيۈكتۇر بەلكىم. كېپىنەكلەر چاتقاللاردا، ئۇلۇغ ئۇنىڭدىن. تاڭنىڭ چۆرىسىگە ئولىشىپ تۇمان، توقۇيدۇ قورشاۋغا ئېلىش ئۈچۈن تور. مەقسىتى سەھەرنى ئازدۇرۇپ بۇئان، يوقاتماق بولىدۇ كۆزلىرىدىن نۇر. تاڭ نۇرىدىن پىچىرلاپ سورىدى چولپان، — چىققانمىدىڭ ئېيتقىنا پەقەت مېنى،— دەپ. — ھە، سېنى دەپ،— جاۋابەن دېدى تاڭ نۇرى، — لېكىن بەكرەك نامسىز ئاۋۇ گۈل - چېچەكنى دەپ. قۇرسۇن دەپ زېمىننى، خىيالىي جەننەت. بىپايان بوشلۇقنى، ساقلار كۆك ئەبەد. سۆزلەيدىغان ھىلال ئاينى باشقىلار، ساقلىماقتا كەم يېرىنى تولارمىكىن دەپ. ئاڭلاپ قالسا بۇنى ئەگەر ھىلال ئاي، كۈلەر بەلكىم يالغانمۇ يا راستمۇ دەپ. ئەيىبنى كۈندۈزنىڭ، كەچۈرۈپ گۇگۇم. تاپىدىكەن ئەمىنلىك، بىر ئۆزى ئۈچۈن.[/align]


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  دائىرە - دائىرە ئەب...
●  <<تاگور نەسىرلىرى>> ...
●  سەرداھى: ئوت
●  تاگور نەسىرلىرى
●  سەرداھى: ئوت ئىچىدى...
●  تاگور نەسىرلىرىدىن...
●  تاگور نەسىرلىرىدىن...
●  تاگور نەسىرلىرىدىن...
●  جىلغىلىق قىز
●  بىر ئۇچۇم قۇم
●  خىيال ئىچىدىكى خىي...
●  ۋالىدە
●  گىياھنىڭ سۆزى
●  شەپىسىز قايغۇ
●  تەپككۈر چەشمىلىرى
●  توغراق
●  تۈنۈگۈن، بۈگۈن ۋە ئ...
●  تاگور نەسىرلىرىدىن
●  تاگور نەسىرلىرىدىن
●  بىر ئۇچۇم قۇم

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  دائىرە - دائىرە ئەبەدلىك...
●  <<تاگور نەسىرلىرى>> دىن پ...
●  سەرداھى: ئوت
●  تاگور نەسىرلىرى
●  سەرداھى: ئوت ئىچىدىكى ئە...
●  تاگور نەسىرلىرىدىن پارچ...
●  تاگور نەسىرلىرىدىن پارچ...
●  تاگور نەسىرلىرىدىن پارچ...
●  جىلغىلىق قىز
●  بىر ئۇچۇم قۇم

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى