بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> نەسىرلەر >> سەرداھى: ئوت ئىچىدىكى ئەر

سەرداھى: ئوت ئىچىدىكى ئەر

يوللانغان ۋاقتى : 2009-04-07 13:46:35    كۆرۈلۈش سانى : 169  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
[align=center]ئوت ئىچىدىكى ئەر (نەسىرلەر) ئەھمەد يۈسۈپ سەرداھى ئاخىرلاشقۇچى[/align] سەندىكى قاراڭغۇلۇقتا ھۇۋلاۋاتقان مېنىڭ يۈرىكىم ئىدىغۇ ئاخىر...! ئۇچلانغان كىرپىكىڭنىڭ قەھرىگە كۆكرىكىمنى تىرەپ تۇرۇپ، جىمجىت ئۇزاۋاتقان جەسىتىمدىكى جاللاتلىقىڭنىڭ قان دېڭىزىدىن سېنى ئىزلىدىم... نەم بولغان چاچلىرىڭنىڭ دولقۇنىدىن چۈشۈۋاتقان سۇ تامچىلىرى تېنىمدە چېچەكلىگەن جاراھەت گۈللىرىدىن رەڭ تالىشاتتى؛ مەندىن يىراقلىشىۋاتقان ئاۋازىڭدا كۆيۈۋاتقان ئۇۋالىمنىڭ چېچىلغان سۆڭەكلىرى كۈلدەك توزۇيتتى؛ خىيالىڭنىڭ گىرۋەكلىرىدىكى يوقلۇقنىڭ ئىچكىرىسىگە ئىچكىرلەۋاتقان ئىسمىمنى ئوقۇپ ئاخىرلاشتۇرمىغان ئازابىڭنىڭ تالان-تاراجىدا تىتىلغان تەشۋىشلىرىم ئىچىمگە ئېقىۋاتقان شورلۇقۇڭدا تۇزدەك چايقىلاتتى... ئېسىمنىڭ قارشىسىدا بەھۇزۇر ئولتۇرغان سەن ئىكەنلىكىڭنى بىلەتتىم ئەسلى...! تىل دەرەخلىرىڭدىن خاتىرەم بېتىگە تۆكۈلگەن ئەڭ ئاخىرقى بىر تال يوپۇرماقمۇ كۆز يېشىمدا غەرق بولدى. ھىجران كېمىسىدە يۈرىكىمدىن كۈلكە تىلىگەن قېرى كېمىچىنىڭ قاراڭغۇ كۆزلىرىدىن قەلبىڭ ئىشكىنى ئاختۇرۇشقا سەبرەم قۇپقۇرۇق! بوسۇغاڭنىڭ قارىسى ئۆز ئەركىدىن ئايرىلغان قەدەملىرىمدىن چىقىپ كەتكەن؛ ئەڭ ئاخىرقى تىنىقلىرىغا قول سىلكىۋاتقان يۈرىكىمنىڭ يارىسىمۇ ئېغىز ئېلىشتىن مەھرۈم...! روھ قەبرىستانلىقىغا پېتىۋاتقان جىنازامنىڭ ئارقىسىدىن دۇئاغا سوزۇلغان قوللار سېنىڭ ئەمەس...! چېچىنى بوينىغا سېلىپ، بۇقۇلداپ تۆكۈلىۋاتقان ئاۋۇ قىزنىڭ يىغىسى ھەرگىزمۇ ماڭا بولغان ئاشىقلىقى بولمىسا كېرەك...! يوقۇتۇش بىلەن يوقۇلۇشنىڭ قان كەچكەن قىرغىنچىلىقىدا ساڭا ئېشىپ قالىدىغىنى يەنىلا مېنىڭ جەسىتىم ئىدى، ئەي قىز! ئۆلۈم بىلەن ھاياتلىقنىڭ كېسىشىش ئوربىتاسىدا يەلپۈنىۋاتقان شىۋاقلارنىڭ ئارىسىدىن مارىلاۋاتقان بۇلۇتلۇق سەھەردە، قېنىمدىن سەن ئۈچۈن كۆكلەتكەن چىمەنىستان جېنىمندا دانلاۋاتقان ۋاقت قۇشلىرىنىڭ پەرۋازىغا يىقىلدى... ئەي، ئۇۋالىمغا قەست قىلغۇچى ئاسىي گۇناھكار! مەن سەندە تۇرۇپ، سەندە ئاخىرلىشىشنى ئىستەر ئىدىمغۇ...؟ ئەي، تېنىمدىن جېنىمنى ئېلىپ ياندا قويغۇچى رەھىمسىز جاللىتىم! مەن نە بىلەي ئىچىڭنىڭ سىرتىدىكى جىنازىنىڭ مېنى ساقلاۋاتقىنىنى...؟! 2009.1.17 [align=center]ﯰﺯﺍﺗﻘﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﻳﺎﻧﻰ (ئايقۇتنىڭ <كەتكۈچىنىڭ بايانى>نى ئوقۇپ)[/align] سەن ... ! سەن، قەلبىمنىڭ پىنھان چوڭقۇرلىقىدا ئاۋايلاپ ئۆستۈرگەن گۈلۈم ئىدىڭ. كىملەردىندۇر قىزغىناتتىم، شوخلۇقۇڭدىن سىقىلاتتىم. كۆز تاشلىسا كىملەردۇر ساڭا... سەن كەتتىڭ...! شوخ قىلىقلىرىڭ ئۆزۈڭگە ئامەت، ماڭا قىيامەت... كېتەرىڭدە سۆزلىرىڭغۇ يوق، جاراھەتلەنگەن قەلبىمنىڭ يىرتىلغان يوچۇقلىرىغا ياماق بولغۇدەك... سەن كەتتىڭ...! قەلبىمدە پورەكلىگەن ئازاب گۈللىرىنىڭ سارغۇچ ياپراقلىرى چىلانغان قىرتاق كۆز يېشىمدا بەھۇزۇر يۇيۇنۇپ، پاكلىقىڭنى ھەم كۆرسەتمەك بولۇپ... ئىشىنىمەن پاكلىقىڭغا، ئېچىنىمەن ساددىلىقىڭغا... گۈل بەرگىدىكى سۈزۈك قەترىدە ئەكسى جۇلالىنىپ تۇرغان كېپىنەكمۇ پاكتۇر - ئېھتىمال...! سەن كەتمەكتىسەن... كۆك قەھرىدە قاناتلار كېرىپ، قارا بۇلۇتلارغا مەڭزىڭنى يېقىپ!خۇددى قەپىزىدىن ھۈركىگەن قۇشتەك . شاد كۈلكەڭ... تۆكىلىدۇ سىم - سىم يامغۇردەك، يارىلانغان يۈرەك بېغىمغا... كەتكىن!كەلمەسلىكىنىڭ چوغدىنىدا سۇس پىلدىرلىغان ئاداققى شام نۇرىدەك... ئەمما مەڭگۈ ئاڭلىيالماسلىقىڭ مۇمكىن، قەلبىمدەكلا سوۋۇپ كەتكەن سوغۇق كۆلبەمدىكى تۇغۇلغان كۈن ناخشىسىنىڭ ئىللىغان كۈيىنى...!! ئۇزاتماقتىمەن... ساڭا ئەمەس، ئۆزۈمگە چەكسىز بەخت تىلەپ...! [align=center]باھاردىكى كۆيۈك نەپەسلەر[/align] 1 سۇ ئىچىگە ئاقماقتا... تاش تېشىدا قاتماقتا... سەن- سۇ بىلەن تاش ئارىسىدىكى يوقلۇقنىڭ چەكسىزلىكىدە بىر تۈپ دەرەخ ئىدىڭ، كۈن بىلەن تۈننىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا قاراسلاپ سۇنغان...!! 2 ئاۋازىڭنىڭ لەھزىسىگە قونالمىغان ئەڭ ئاخىرقى بىر تال يۇپۇرمىقىم يىرتىلىپ كەتكەندە، تىل دەرىخىم يالىڭاچلانغان ئىدى... كۆزلىرىڭنىڭ قاراڭغۇلىقىغا ئىچكىرلىيەلمەسلىكىمنى سۇمبۇل چاچلىرىڭدىن ئۆرلەۋاتقان ئوتۇڭدىن كۆر، ئەي ئوتنىڭ تېشىدا كۆيدۈرگۈچى، مەن قوقاسقا ئايلانغان ئىزلىرىڭدىن ئۆتمۈشۈمنى پۇرىۋالاي...!! 3 ئېسىمدە دىلبەر...! ئاشۇ كۈنى مەندىن يانداپ ئۆتۈپ كەتكىنىڭ ھېلىمۇ ئېسىمدە... يۈرىكىمنى يىنىككىنە تىلىپ يانغاندىكى چاچلىرىڭنىڭ قىلىچتەك ئۇچى  چوڭقۇرلىغان  سۈرگۈنگاھتا، ئاشىقلىقىم چوغ چاينىغان ئىدى! جىمجىتلىقتىكى ئۆزىدىن تېشىۋاتقان سۇنىڭ سۈزۈكلىكىگە  پىچىرلاۋاتقان ئاۋۇ مەجنۇنتالغا قارا...! ئارقاڭدىن كېلىۋاتقىنىمدا، ساڭا يامىشىۋاتقان بىر جۈپ يىلاننىڭ دەل ئۆزىغۇ ئۇ!! 4 سەن تەرەپتىكى دەرىزەمنى قىيا ئېچىپ قويدۇم، نۇر قۇشلىرى تەن شېخىمدا سايراشماقتا ئىدى... ئىچىمدىن – ئىچىمگە چوڭقۇرلاۋاتقان كۆيۈك نەپەسلەر شامالغان سېغىنغان، يالغۇزلۇقۇمدا ئېگىزلەۋاتقان تۆت تامدىكى سۈكۈنات گۈللىرى تىنىقىڭغا ئېچىلغان...!! دەرىزەم يەنىلا ئوچۇق ئىدى... 5 ئۆيۈڭنىڭ ئارقىسىدىكى ھېلىقى بىدىلىكتە قولۇمنى كېسىۋالغىنىم ئېسىڭدىمۇ ئەي، ئېسىمدە بىدە بولۇپ ئۈنگەن قىز...؟! -كەل!...بارمىقىمنىڭ ئونىنچىسىنىمۇ ئوقۇپ تۈگەتتىڭ!... -كەل!...ئون سەككىز يېشىڭدا، مەن ھاياتنى تەتۈر ئوقۇشقا يول ئالدىم...!!! -كەل!...قولۇڭنى ئەمەس، چاچلىرىڭنى پۇلاڭلىتىپ...!!! 6 كېچىنىڭ قاراڭغۇ قانىتى يەلپۈگەن چۈشۈمنىڭ قانىشىدا، تەبىئەت يېشىل ئىدى... -كۆرە! تەن ئېتىزىمدا بىر تال بۇغداي كۆيۈپ كەتتى-يۈرىكىمدەك قىپقىزىل بىر تال بۇغداي...!! مەن كەلمەسلىكىڭدە تىكلەنگەن قاراڭغۇ دارنىڭ سەلتەنەتىگە يىقىلدىم!! 7 تىنىقلىرىڭ سەزدىمكىن دىلبەر؟!.. دەرىزەم تۈۋىدە بىر تۈپ جىگدە دەرىخى ساپسېىرىق ئىدى!... مەن دەرىزىدىن سەن تەرەپكە قارىدىم. بۇلۇتلۇق ئاسمىنىڭدىن يۈرىكىمدە يېرىم توختىغان كىرپىكىڭنىڭ قەھرىنى پۇرىغىنىمدا، جىگدە شېخىدا ئولتۇرغان بىر تال گۈل قاناپ كەتتى...!! 8 قارا! سەھەرنىڭ لېۋىدە يالتىرىغان ئاۋۇ بىر تامچە قان  كېچىدىن تامغاندا، پەسىل قۇشلىرى مەيدەمدىكى تاش ئورماننى ماكان ئەتكەن، خىيالىڭىنىڭ پىچاق بىسىدەك يالتىرىغان سوغۇق نۇرىدا چۇل-چۇل بولغان ئىسمىمنىڭ پارچىلىرى، تىل دەرىخىڭدىكى مەنىسىزلىككە ئەسلەنگەن... 9 قارا! تاشنىڭ يېرىقىدىن مارىلاۋاتقان ئاۋۇ بىر تال دان تېنىڭدە ياتمايدۇ...!      10 ئازابىمغا ئېگىزلەۋاتقان ۋاقت دەرىخىدىن چۈشۈپ، ماڭا يەتمىگەن ئاۋازىڭدا تېنىنى ئاپتاپقا سېلىۋاتقان يىلانلىرىڭنى چاناپ تاشلىغۇم كەلدى! سەن شامالغا ئېچىلغان دەرىزەڭنى ياپقىن – دە، مېنى بىردەم تىنىچلىنۋالغىلى قوي! قاناپ كەتمىسۇن مەندە ئېچىلىدىغان گۈللەر...!! مەن دەرىزە تۈۋىدىن كەتتىم...!!     2009.3.30 [align=center]چېچەكلەش[/align] 1 تالغان كۆزلىرىمگە ئىچكىرلەۋاتقان گىرىمسەن يوللارنىڭ ئاخىرى سەندە ئىدى دىلبەر... خىيالىمنىڭ جىمجىتلىقىنى ئۆڭگەن ئىزلىرىڭنىڭ سۈزۈكلىكىگە چېچىۋەتكىنىمدە، ئىچىمنىڭ قاراڭغۇ شېخىغا قونغىلىۋاتقان نۇر قۇشلىرى ئۈركۈشكە يىقىلدى ۋە ماڭا يەتمەس ئاۋازىڭنىڭ چېقىلغان پارچىسىدا جاراھەتلەنگەن غېرىپلىقىم، خامىنىڭدىكى قىپقىزىل بۇغدايلىرىڭدەك چەشلەنگەن ئىدى...       كۆرە، سەن كەتكەن يوللار يەنە چېچەكلەپتۇ!       قىرىق تال ئۆرۈۋالغان چاچلىرىدىن جىگدە يىلىمنىڭ پۇرىقى گۈپۈلدەپ تۇرغان ئاۋۇ قىز سەن بولمايتتىڭ! كەلمەسلىكىڭگە سايە تاشلىغان مەجنۇنتالغا قونۇۋېلىپ، نالىلىك بۇقۇلداۋاتقان ئاۋۇ قۇش بولسا مېنىڭ يۈرىكىم ئىدى...! 2      سەندە ئاخىرلىشىدىغان ئۇ يول چاچلىرىڭدەك ئۇزۇن ۋە كۆزلىرىڭدەك چوڭقۇر...!       ئارىمىزغا ئېگىزلەۋاتقان قاراڭغۇ تامنىڭ سەن تەرىپىدە تىتماتالاڭ بولغان ئىسمىمنى ئاختۇرۋاتقىنىمدا، سەن تېخى دەرىزەڭنى ئاچمىغان ئىدىڭ...! كۆرە، ئېزىققان قەدەملىرىمدە پورەكلىگەن ئىزتىراپ گۈللىرى كېچەڭدىن ئۆتەلمىدى، تېنىمگە پېتىۋاتقان تاش ئورمانلىرىڭدىن ئۇچۇپ چىققان ۋەھىمە قۇشلىرى يۈرىكىمدە ماكانلاشتى... شۇنداقتىمۇ سېنى ئاخىرلاشتۇرالماسلىقنىڭ ھاقارىتى جاسارىتىمگە جان بەرمەكتە ئىدى! كەل!... يىڭنىدەك ئۇچلانغان كىرپىكلىرىڭگە باغرىمنى تۇتتۇم... تېنىمنى تېشىپ كىر-دە، جېنىمدا ئەبىدىلىك ياشاپ قال...!! 2009.4.6 [align=center]دۇئېل[/align] 1 بىرى كەل!... ئەي، نەسەب سۇلالەمنىڭ شاھانە تەختىگە ياماشقۇچى!! قاندىن كېلىپ، ئوتقا ماڭغان قەدىمىڭدە سەھەر ئۆزىنى تۈزەشتۈرۋالسۇن...! 2 چۈشۈمگە سېنى ئوقۇپ بىرىۋاتقىنىمدا، مۇزىكا چوغدا ئىدى... 3 سۆزلەنمىگەن سۆزلەنمىلەردە ئەنجۈر يوپۇرمىقىنىڭ رىۋايىتىگە ئەسلىمىلەرنىڭ تاش پوستى سۇرگۈنگاھ!! 4 تەن دەرىخىمدە چېچەكلىگەن گۇناھ گۈلى ۋە بىر تامچە قان سېنى جاراھەتكە چاقىردى، يۈرىكىمنى تىتماتالاڭ قىلغان ئۇۋالىڭدا ۋاقىتنىڭ ئىچى قاراڭغۇ... 5 كېلىشىڭنى تاماششا قىلىۋاتقان ئاۋۇ زامان قېرىغان! قاراڭغۇ كېچىدىن سەھەر سەلتەنىتىگە كىرىۋاتقان ئاۋازىڭ قىزىل ئىدى... سۆزلەر دۆۋىسىدىكى مەنىسىزلىكلەرنىڭ قارشى قىرغىقىدا سېنىڭ ئىسمىڭ يوق، سەن ئىستىگەن رىسالىنىڭ ئاخىرقى قۇرلىرىدا سۇنىڭ جىمجىتلىقىنى سۆزلەۋاتقىنى يەنىلا كۆيۈك باياۋان!! 6 ئېسىمگە ئۆزىنى قاقلاۋاتقان ئاۋۇ ئاپتاپ سېنىڭ ئەمەس، باغرى تىلىم-تىلىم بولغان تۇپراقنىڭ كېچىگە چوڭقۇرلاۋاتقان قۇرغاق تەبەسسۈمى سەندە توختىمايدۇ! -يۈر، بىز ئىچىمىزگە قايتايلى... گۈللەر قاناۋەرسۇن!! 7 قەدىمىڭنىڭ ئېزىقىش بوسۇغىسىدىكى مەي بولغان سۈكۈتىگە خەنجەر ئۇردۇڭ. قان دەرياسى سېنى مەندىن ئېقىتىپ كەتمەكتە ئىدى! 8 ئۆزىدىن تېشىۋاتقان ئاۋازىڭنىڭ ھاقارىتىگە يىقىلدىم: -مېنى ئەركىمگە تاپشۇر! -نىشانىڭ قاياققا ئەي، بايقۇشۇم؟ -ئۆلۈم سۈيىدە يۇيۇنغىلى! -مەنچۇ؟ -كۆز يېشىڭدا يۇيۇنىۋەرگىن...! 9 سەن مەندىن چىقىپ كېتىۋاتقان ئاخىرقى لەھزىلەردە، ئۆزۈمنى كەچۈرەلمەيمەن، دۇئادىكى قوللۇرۇمدىن خىرەلىشىۋاتقان سايەڭنىڭ پىچىرلىشىنى تىڭشايمەن: -ئۆلۈمۈم سەندە قالسۇن، سۇئال دەرىخىم مىۋىلىگەندە ماڭا قايتۇرۇپ بەر..... 10 گۇمانىمنىڭ نەزىر سۇپىسىدا، بۆرىنىڭ باش سۆڭىكىدىن ئۆز تەنتەنىسىنى ھوزۇر بىلەن سۈمۈرىۋاتقان ئاۋۇ ئەر دۇئېلىدىن قايتقان سەن ئەمەسمىدىڭ، ئوغلۇم؟! 2009.1.27 [align=center]سېغىنىش تەلقىنلىرى[/align] [align=center]ئاۋازىم ساڭا يەتمىدى[/align] ساڭا يەتمەس ئاۋازىمنى گۈل شېخىدىن يىقىلغان بۇلبۈلنىڭ نالىسىگە تاپشۇرۇدۇم. ئىچىمدىكى كۆيۈۋاتقان سۆزلەرنىڭ سۈرگۈنگاھى كۈلگە ئايلاندى. دەرىزە ئالدىغا كەلدىم. دەز كەتكەن ئەينەكتىكى ئاپئاق گۈل بەرگىدە تەبەسسۈم ئۆچكەن رۇخسارىڭنىڭ شولىسى سۇس چاقنايتتى. يېرىلغان لىۋىڭدىكى يۈرىكىمنىڭ ئاغرىقىدىن چاچرىغان قان داغلىرى ۋاقت قاسرىقىدا ئەبىدىيلىك ئۇيقۇغا كەتكەن ئىدى... كېچىنىڭ قاراڭغۇلىقى كىرپىكىمدە ئىستىقامەتتە... ئىچىمگە يىقىلغان ئاۋازىمنىڭ يوقلىقىنى چاناپ تاشلىدىم؛ سەن ئۈچۈن سۇ باشلاشقا چاپقان ئېرىقىمدا سۇ ئورنىغا قان ئاقتى؛ خىيالىمدىكى تەرلەۋاتقان چۆللۈكۈڭگە تاشلاندىم؛ مەن تېخى يۈزۈمنى يۇيمىغان ئىدىم... ئاۋازىم ساڭا يەتمىدى. چېچىڭدەك قاراڭغۇ كېچىدىن چىقىپ، شاماللارغا پىچىرلىدىم... غېرىپ كۆلبەمنىڭ ئىشكىنى ئىزلەۋاتقىنى چاراسلاپ كۆيۈۋاتقان ئاپئاق-ئاپئاق قار تۇرسا، ئىچىمنى تىڭشارغا شامال نەدە دەيسەن، ئەي قىز! ئاۋازىم ساڭا يەتمىدى. ئىچىمدە يىلاندەك سۇنايلىنىپ ياتقان ئۇزۇن-ئۇزۇن جۈملىلەردىكى سۆزلەر نامراتلىقى يالىڭاچلانغان تەشۋىشلىرىمدە چۇقان سالماقتا ئىدى: -ئەي، ئاشىق چۆلىدە ئۆز جىنازىسىنى ساقلىغۇچى!! [align=center]ساڭا خەت يېزىۋاتىمەن[/align] سەن يۈرىكىمگە يېقىپ كەتكەن ئۆچمەس ئوتقا قاقلىنىپ ئولتۇرۇپ، ساڭا خەت يېزىۋاتىمەن. سۆزلەر جاڭگاللىقىدا ئۆزىنى ئاختۇرىۋاتقان سېغىنىشىم ۋاقت خەنجىرىدە رەھىمسىزلەرچە بوغۇزلانماقتا... سەن يۈرىكىمگە تىكىپ قويغان سۆيگۈ گۈلىنى مېھرىمگە چىلاپ قويۇپ، ساڭا خەت يېزىۋاتىمەن. نەم بولغان قۇرلاردا خىرە چاقنىغان گۈلگۈن سىمايىڭ سېغىنىشىمنى ئاۋۇندۇرۇپ، ئىشىق چۆلىدىكى سەۋدالىقىمغا جان ئاتا قىلماقتا... سەن كۆڭۈل خاتىرەمگە قالدۇرۇپ كەتكەن شىرىن سۆزلەرنىڭ يىلىكىنى سۈمۈرۈپ تۇرۇپ، ساڭا خەت يېزىۋاتىمەن. ۋۇجۇدۇمغا تاراۋاتقان تەملىك سەزگۈ لەرزىدە يۈرىكىمگە ياققان يالقۇنلۇق ئوتۇڭ يەنىمۇ ئەۋجىگە چىقماقتا... ساڭا خەت يېزىۋاتىمەن... خەتلىرىم ھىچ ئاخىرلىشىدىغاندەك ئەمەس، تاكى سەن كېلىپ قولۇمدىن قەلەمنى ئېلىپ تاشلاپ، لېۋىمدىكى چالا قالغان خېتىڭنىڭ داۋامىنى يېزىشنى باشلىغانغا قەدەر...... [align=center]سەن مەندىن چىقىپ كەتكەن ئىدىڭ...[/align] يۈرىكىم ئاغرىۋاتىدۇ... قەلبىمدەك بوزارغان تامدىكى سۈرىتىڭ قىينىلىۋاتقان جېنىمنىڭ قەھرىگە كىرىپ كەلمەكتە ئىدى... كارۋاتتىن چۈشەرگە ئىمكانىم جان تالاشقان؛ ئىشىكنىڭ زەنجىرى كەلمىشىڭگە پۈتمىگەن ئىخلاس دەرىخىمدە سارغۇچ ياپراقلاردىن قان تالاشقان؛ تۇيغۇمغا سىغدىلىپ كىرىۋاتقىنى ئاپئاق كىيىملىك پەرىشىتىنىڭ يىراقتىن قول سىلكىشى... سەن مەندىن چىقىپ كەتكەن ئىدىڭ... گۇناھكار ئۆتمۈشۈڭدە جۇل-جۇل يىرتىلىپ يالىڭاچلانغان ئەسلىرىم قان ئىچىدىكى قەبرىگاھىدىن ئۆزىنى ئاختۇرماقتا. سەن مەندىن چىقىپ كەتكەن ئىدىڭ... كۆڭۈل قەپىسىمدە چاراسلاپ كۆيۈۋاتقان بىر تال پەي مەندىكى ئەڭ ئاخىرقى ئەسلىمىلەرنى كۈل قىلماقنى ئىستىگەن؛ ئۆگزەمدىكى سەن ئۈچۈن سايراپ بېرىدىغان دىلداش قۇشلىرىمغا چاچقان دانلىرىمنى توپا باسقان؛ تېنىمدە يىلتىز تارتقان ۋاقت دەرىخى ئاپئاق چېچەكلىگەن... يۈرىكىم ئاغرىۋاتىدۇ... شۇندىمۇ، سېنىڭ ماڭا كىرىشىڭدىن گۇمانلانمىدىم، لالەم...!! [align=center]كەل! سەن ئۈچۈن ئىشىكىم ئوچۇق[/align] مەيدەمكى ۋاقت دەرىخىدە سۈزۈلگەن كېچىنىڭ قارىلىقىدىن چۈشۈۋاتقان سەھەر قۇشلىرىنىڭ ئاۋازىدا، ماڭا قاراپ تاشلانغان قەدەم تىۋىشىڭنى سېزىۋاتىمەن. دەرىزەمنى يىنىككىنە چېكىۋاتقان تاڭ شامىلىدىن خۇش ھىدىڭنى ھىدلىغىنىمدا، يۈرىكىمنىڭ ئاغرىقىدىن ئېتىلىپ چىقىۋاتقان سېغىنىش قىپقىزىل ئىدى... پەرۋازدىكى خىيال كەپتىرىم سەن چاچقان دانلاردا مەستلىكىگە يىقىلدى... شىكەستىلەنگەن كۆڭۈل قەسرىمدە كۆيۈۋاتقان جىمجىتلىقتىن چىقىۋاتقىنى چوغدەك قىزارغان سېنىڭ ئىسمىڭ ئىدى... ئەي، لالەم! مەن چىدىيالمىدىم يۈرىكىمنىڭ قىپقىزىل قاناشلىرىغا!... كەل! ماڭا تاشلانغان تىۋىشىڭ ئۆزىدىن تېنىۋالغۇچە... كەل! ئۆلۈۋاتقان تاقەتلىرىمنىڭ جىنازىسى ئىشىكىمدىن چىقىشتىن ئاۋال... كەل!... سەن ئۈچۈن ئىشىكىم ئوچۇق!! [align=center]ئۆيدىن چىقىپ كەتتىم[/align]     يالغۇزلۇقتىن كۆكلىگەن جاراھەت گۈللىرى تېنىمنى ماكان ئەتتى. ئىچىمنى تىڭشاپ ھالسىرىغان سوغۇق تۆت تام مەندىن يۈز ئۆرۈپ، جىمجىتلىقىغا يىقىلدى؛ مېنىڭ يەنە ئورنۇمدىن تۇرماسلىققا ئامالىممۇ قالمىغان ئىدى؛ يۈرىكىمدە قايناۋاتقان مەندىكى سېغىنىشىڭ سەندىكى چىمەنلىكىمدىن ماڭا گۈل تىزماقتا ئىدى...     مەن ئۆيدىن چىقىپ كەتتىم... قۇشلارنىڭ تىلىدا سۈكۈتكە پاتقان ئاۋازىڭنى، گۈللەرنىڭ نازىدا قېتىپ قالغان جامالىڭنى تۆت تامنىڭ ئىچىدە قالدۇرۇپ...     مەن ئۆيدىن چىقىپ كەتتىم... چوغدىنىمدا يالىلداۋاتقان قىزىل چوغلىرىڭنى كۈل توزىغان چوغدىنىڭغا سېلىپ قويغىلى! مەن ئۆيدىن چىقىپ كەتتىم... تەن دەرىخىڭدە يوقلۇققا ئىچكىرلەۋاتقان ئىسمىمنى قايتىدىن ئويۇپ قويغىلى! مەن ئۆيدىن چىقىپ كەتتىم...!! 2009.1.13 [align=center]سۆيۈملۈك ئەبلەخ[/align] 1 سېنىڭ كېلىدىغانلىقىڭنى بىلەتتىمغۇ ئاخىر...! كۆزۈڭدىكى قاراڭغۇ ئورمانلىقتىن مارىلاۋاتقان ئوۋ ئىتىڭنىڭ قۇۋلىقى سۈكۈناتقا ئەسلەنگەن چۈشكۈنرەڭ قەسرىمنىڭ دەرىزىسىدە توختىغان، قەدەم تىۋىشىڭدە بۇلدۇقلىغان جېنىمدىكى ھاقارەت تەشۋىشلىرى ئارىمىزدىكى كۆيۈپ كۈل بولغان دەريانىڭ تۈتەكلىرىدەك مىسكىن نىگاھىمنى ياشلىغان، تېنىمدە يېرىم توختىغان ئاۋۇ سەندىكى سۇنۇق قىلىچنىڭ بىسىدا ۋاقت قىپقىزىل قانىغان...! 2 سەن كەلمەس ئەمەس بەلكى كېلىدىغان بولۇپ كەتكەن ئىدىڭغۇ ئاخىر...! پەسىل قۇشلىرىدەك يۈرىكىمدە دانلاپ قايتقىلى ياكى باھار قۇيۇنىدا قالغان قامغاق گۈلىدەك توزۇپ كەتكىلى! ئاياق ئاستىڭدا خورلانغان تىلەكلىرىمدە كونىراپ كەتكەن رېئاللىقنىڭ ئېغىر يۈكى بېسىلغان ھارۋىنىڭ نالىلىك غىچىرلىشى ئېسىڭگە تامچىلىمايدۇ... يولۇڭدا قانسىراپ ياتقان ئىخلاس يۇلتۇزۇم كۆڭۈل كۆكۈڭدە قايتا زاھىرلانمايدۇ! تىل دەرىخىڭدىن تۆكۈلىۋاتقان يۇپۇرماقلارنىڭ ھەر تېلىدىن گۇمانلىنىشقا ھەقلىقمەن-ئەلۋەتتە! ئەسلىدە سەن رول ئېلىشنى مەشىق قىلىۋاتقان سەھنىنىڭ يەنە بىر پارچىسى دەل يۈرىكىمدە ئەمەسمىدى؟! 3 كۆر! سارغايغان چىمەنلىكىمدە سۇنىڭ ئۇسسۇزلۇقى يەلپۈنمەكتە، قەدەم تىۋىشىڭنىڭ تالان-تاراجىدا تىتما-تالاڭ بولغان ئاداققى لەھزەم ئۆرتەنمەكتە، يەنە شۇ كۆڭۈلچەكلىكىم پاراسلاپ كۆيۈۋاتقان سۆڭەكلىرىمدە ئۇۋالىڭغا تەلپۈنمەكتە... بولدى قىل كېلىشىڭنى ئەي، سۆيۈملۈك ئەبلەخ! مەن ئۆزۈمدە بىردەم تىنىچلىنىۋالاي، سۇ ئوتنى پۇرىۋالسۇن...!! 4 تىل دەرىخىمدە سايراۋاتقان ئاۋۇ قۇشنىڭ نالىسىگە يىقىلغان سەنمىدىڭ؟! كەل! قولۇڭدىكى قان تامچىپ تۇرغان سۇنۇق قىلىچىڭنى ماڭا بەر! تىل دەرىخىمنى بىر شاخ-بىر شاختىن كېسىپ ئوتقا تاشلاي... ئوتنىڭ تىلى سېنى سۆزلىگىندە، بىز سۇنىڭ جىمجىتلىقىدا چېچەكلەيمىز...!! 5 سېنى «ئەبلەخ» دىگىنىمدىن رەنجىدىڭمۇ؟! قارا! ئۆزۈممۇ سەزمەيلا «سۆيۈملۈك ئەبلەخ» دەۋەتكىنىمنى تېخى؟! ئەبلەخنىڭ سۆيۈملۈك بولىدىغانلىقىنى سەندىن ئوقۇغان ئىكەنمەنغۇ ئەسلى ئەي، سۆيۈملۈك ئەبلەخ...!! كۆرە، ئاۋۇ كېلىشىڭدە توختاپ قالغان ۋاقت جىلۋىسىدىكى گۈزەللىكنى! كۆرە، ئاۋۇ ئاۋازىڭغا چوڭقۇرلاۋاتقان تەققازالىقىمدىكى قوقاس گۈللىرىنىڭ نازاكىتىنى!   كەل! ئۆلۈمنىڭ رەڭگىدە چايقىلىۋاتقان ئاۋۇ بىر جۈپ كۆكسۈڭ ئارىسىغا تىكلەنگەن قاراڭغۇ دارغا بىردەم ئېسىلىۋالاي، ھاياتقا چۇڭقۇرلاۋاتقان زىمىننىڭ يۈرىكى پەستە تۇرۇپ تۇرسۇن...!! 2009.3.9 [align=center]ئون سەككىز يىل[/align] 1 ياشاش غېمىمدە ئاق يىلاندەك سوزۇلۇپ ياتقان گىرىمسەن يوللاردا يەنە سېنى تاساددىپىي ئوچراتقىنىم ھېلىمۇ ئىسىمدە...   جېنىمنىڭ چۇڭقۇرلىقىغا شۇڭغۇۋاتقان بىر جۈپ كۆزۈڭدە بىز ۋىدالاشقاندىكى يۈرىكىمنى ئەزگەن ئاشۇ سۈزۈك قەترە ھېلىھەم جۇلالايتتى. ئىھتىمال ئاچچىقتىن ئۆرتەنگەن ئازابلىق دەملەرنىڭ مەڭگۈلۈك شاھىدى سۈپىتىدە، قىياقتەك كرپىكلىرىڭدە تاش بولۇپ قاتقان بولسام كېرەك-لالەم... سەن يەنىلا سۈكۈتتە ئىدىڭ. مەن ئادىشىپ قالغان ئاشۇ كېچىنىڭ قاراڭغۇلىقىنى ئەسلىتىدىغان بوستان چاچلىرىڭ چوغلانغان تىنىقلىرىمدا يەلپۈنمەكتە ئىدى. قاشتېشىدەك سۈزۈك لەۋلىرىڭ بولسا سۆزلەر جاڭگالىقىدا تېڭىرقايتتى.      سەن يەنىلا سۈكۈتتە ئىدىڭ.      ھىلالدەك قاشلىرىڭ تۇيغۇم دەرىزىسىگە قان رەڭلىك ئۇپۇقتەك تال-تال نۇرلىرىنى سەپمەكتە ئىدى، خۇددى يۈرىكىمگە تەڭلەنگەن ئۆتكۈر قىلىچىڭدەك...      سەن يەنىلا سۈكۈتتە ئىدىڭ.      غالىپلىق تونىدا ئۆز غەلبىسىگە تەنتەنە قىلىۋاتقان سائەت ئىستىرىلكىسى ئىككىمىز ئارىسىغا تىكلەنگەن سۈكۇنات تاملىرىغا يائوقىدەك سانجىلماقتا ئىدى. مەن ئىختىيارسىز تىترەۋاتقان بارماقلىرىمىنى دولقۇنلۇق دېڭىزدەك چاچلىرىڭنىڭ ئەۋجىگە تاپشۇردۇم. سەن گۈرۈلدەپ ئوت كۆيۈۋاتقان باغرىمغا تاشلاندىڭ. بىز كۆيمەكتە ئىدۇق، لەۋلىرىمىز، كۆزلىرىمىز، تەنلىرىمىز كۆيمەكتە ئىدى. تىنىقلىرىمىز كۈل بولۇپ، ئوت يالقۇنىدا تۇزىماقتا ئىدى...   ئىسىڭدىمۇ لالەم؟! ئون سەككىز يىل ئاۋالقى بۈگۈنكىدەك كۈندە، قۇرۇپ قاخشال بولغان تەنلىرىمىزگە تۇتاشقان ئىدى. بۇ كۆيۈش...!! ئۇ چاغدا سەن دەل ئون سەككىز ياش ئىدىڭ... 2 سەن تىتىلغان تەنلىرىمدىن نىمىلەرنىدۇر ئاختۇراتتىڭ، گويا كېتەرىڭدە نېمەڭنىدۇر ئۇنتۇپ قالغاندەك. مېنى كەچۈر، لالەم! تەئەججۈپلۈك قاراشلىرىڭدىن شۇنى ھىس قىلدىمكى، ئەسلىدە سەن باغرىمغا چېچىۋەتكەن ئوتلۇق تىنىقلىرىڭنىڭ ھىدىنى ئىزلەۋاتقان ئىكەنسەن. مېنى يەنە بىر كەچۈر، لالەم... مەن ئەسلىرىمنىڭ گۈلتاجى بولمىش ئاشۇ لەھزىزلەرنى خىياللىرىمنىڭ ھىدلىشىغا ئۆتۈندۈم. سېنى ھەر سېغىنغىنىمدا تىنىمدىن چىقىپ، خىيالىمغا ئىلتىجا قىلماقنى ئستەپ...! چۈنكى تەن قېرىيدۇ، ئەمما خىيالنىڭ قېرىشىغا ئىشەنمەيمەن، لالەم. ‹‹- نىمە، گەپ قىلغىن دەۋاتامسەن، لالەم؟! كۆزلىرىمگە قارا! ئىچىڭنى قۇيۇپ بىرىپ، ئىچىمنى تىڭشا...! بىز سۆزلەر دۆۋىسىدە سونايلىنىپ ياتماقتىمىز. شۇ دەمدە كۆزلىرىمىزنىڭ شىرىن سۆھبىتىگە ئازراق بولسىمۇ ئىمكان بىرەيلى...›› ئىسىڭدىمۇ لالەم؟! بۇ مەن ساڭا شۇ كۈنى دىگەن تۇنجى ۋە ئاخىرقى سۆزۈم ئىدى.سەن شۇ چاغدا دەل ئوتتۇز ئالتە ياشتا ئىدىڭ... 3 ياشاش غېمىمدىن چىقىپ، تۇيغۇمدىكى چاچلىرىڭدەك ئاقىرىۋاتقان يوللاردىن سېنى ئاختۇرىمەن، لالەم. تەن شېىخىمدا نالە قىلىۋاتقان قۇشلار تىلىدىن قان تۆكۈلمەكتە، ساڭا ئاتاپ ئۆستۈرگەن گۈللەرنىڭ بەرگىگە ئۈششۈك تەگمەكتە... ئەپسۇس، سەن يەنىلا مەندىن يىراقتا ئىدىڭ. ئەمما، ھىجرانكار ۋاقىت مەندىكى ئامانىتىگە ئالدىراۋاتقان دەقىقىلەردە، خىيال قەسىرىمنىڭ تاتارغان كۆزنەكلىرىدىن چىقىپ كېلىۋاتقىنى يەنىلا سېنىڭ سىماھىڭ... ئەتراپىمدىكى ھەممە نەرسىگە مېھرىم بىلەن باقتىم، گويا ئاشۇلارنىڭ ھەممىسى سەندەكلا، لالەم. سايدىكى تاشلارمۇ، باغدىكى گۈللەرمۇ سەندەكلا سۆيۈملۈك، خۇددىي ئىچىگە سەن مۆكۈۋالغاندەك... پەسىللەر ئالماشماقتا، ۋاقىت ئىچىمدىكى سۇدەك ئاقماقتا. ئەڭ ئېچىنارلىقى چىناردەك مەزمۇت كۆكلەۋاتقان ھايات دەرىخىم قاراسلاپ سۇنماقتا. شۇنداقتىمۇ سارغايغان ياپراقلىىرىم تۆكۈلۈشتىن دەقىقە بۇرۇن سېنى بىر قېتىم ئۇچرىتىدىغانلىقىمغا چەكسىز ئىشىنىمەن،لالەم. ئېسىڭدە ساقلا، لالەم! ئون سەككىز يىلدىن يەنە بىرسى ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ. ئۇ چاغدا سەن دەل...                    [align=center]تاش شەھەردە تەنھالىق[/align]   تاش شەھەر تاشتەكلا سوغۇق ئىدى...   تاش بىنا، تاش ئەينەك، تاش ئورمان، قەدەملىرىڭنى چارچىتىۋاتقان تۈگىمەس تاش يول، ھەتتا تاش شەھەرنىڭ ساڭا ناتۇنۇش بولغان ئادەملىرىنىڭ يۈرىكىمۇ تاشتەكلا...!   غۇيۇلداپ ئۆتۈشىۋاتقان چوڭ-كىچىك ماشىنىلارغا قارىغان كىشىنىڭ ئىچى ئىلىشىدۇ. كۆينىكىڭنىڭ پېشىگە سۈركىلىپ- سۈركىلىپ كېتىۋاتقان ئادەملەرگە تەلمۈرۈپ قارىغىنىڭ بىلەن ئۇلار بەرىبىر سەن بىلەن بىر يولدا ئەمەس، ياكى سەن ئۇلار بىلەن... ھەممە ئۆز ئىشى بىلەن ئالدىراش. بەلكىم تۇرمۇش  ھەلەكچىلىكى ئۇلارنى ئاشۇنداق كۆندۈرۋەتكەندۇر. خىلۋەت مەھەللەڭنىڭ توپىلىق يوللىرى، خوخا-تىكەنلىك دالالىرى، شىرىلداپ ئېقىۋاتقان بۇلاق سۇلىرى، مەي باغلاپ پىشقان مىۋىلەرنىڭ دىماقلارنى لال قىلىدىغان شىرىن ھىدىغا تولغان جەننەتتەك باغلىرى، قۇشلارنىڭ زوق-شوخ بىلەن ۋىچىرلاشلىرى، يايلاقتىن قايتقان ئوغلاق-قوزىلارنىڭ قىيغىتىپ سەكرەشلىرى ۋە مەرەشلىرى... قىسقىسى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن يېزا تۇرمۇشىنىڭ جىلۋىدار كارتىنىسى خىيال قەسىرىڭنىڭ ئىشىكىنى چەككىنىدە، ئۆزۈڭنىڭ نەقەدەر يالغۇزلىقىنى ھېس قىلىسەن. ‹‹-ئادەم ئادەم بىلەن ئادەم ئىدىغۇ!›› دەپ پىچىرلايسەن ئۆز-ئۆزۈڭگە. ئادەملىكىڭدىن گۇمانسىرىغاندەك، كۆزلىرىڭگە سانجىلىپ تۇرغان تاش ئەينەككە ئوغۇرلۇقچە قاراپ باقىسەن، ئەمما سەن يەنىلا سەن ئىدىڭ. تاش شەھەر تاشتەكلا سوغۇق ئىدى... سەن ئۆزۈڭگە قايىتقىنىڭدا، تەنلىرىڭنىڭ سوغۇقتىن تىترەۋاتقانلىقىڭنى سەزدىڭ. بەدىنىدىن ئەتىر پۇرىقى تۆكۈلۈپ تۇرغان كۈلگۈنچەك چوكاننىڭ ئەتەي ساڭا سوقۇلۇپ كەتكىنىدىن، گۇناھكارلىقىڭغا تۆۋە قىلدىڭ. تېخى تۆت قەدەم مېڭىپ- ماڭمايلا، ئارقىسىغا قارىغاندىكى ھاقارەتلىك كۆزلەر ئەركەكلىكىڭنى قىلىچلىماقتا ئىدى. ‹‹ - توۋا... ›› دەۋەتتىڭ ئۆزۈڭمۇ سەزمەستىن ئۈنلۈكلا. سەن يەنىلا تىترەۋاتاتتىڭ. تاش بىنانىڭ تاش ئەينەكلىرىدە سۇنۇپ قايىتقان قۇياش نۇرى بىر ساڭىلا سېپىلمىگەندەك، يۈز تېرىسىنى قۇياش نۇرىدىن قىزغىنىپ، كۈنلۈك كۆتىرىۋالغان ئاۋۇ قىز تىنىقلىرىڭغا سۈركەلگىنىچە ئۆتۈپ كەتتى. شۇدەمدە، توساتتىن خىيالىڭدىن كەچكەن ھېلىقى چۈمپەردىلىك جۇۋاننىڭ چۈمپەردىسىنى قايرىپ، لىككىدە قاش ئېتىشى تەنلىرىڭنى شۈركەندۈرۋەتتى. ئەمدى بولسا ‹‹توۋا... ›› دىمەسلىككە ئامالىڭمۇ يوق ئىدى. سەن ھىچ ئىللىيدىغاندەك ئەمەس ئىدىڭ. تاش شەھەرنىڭ قات- قېتىدىن تەپچىرەۋاتقان سوغۇق سىزىم يۈرەكلىرىڭگىچە تاراپ، چۇڭقۇر قاراڭغۇلۇقنىڭ ئىچكىرىسىگە قاراپ ئېقىۋاتقان بارلىق يالىڭاچلىقلار خىرەلەشكەن كۆزلىرىڭدە يۇيۇنماقتا ئىدى. سۆزلەر يالىڭاچ، سۆزلەرگە تىكىلگەن كۆزلەرمۇ يالىڭاچ، ھىسيات يالىڭاچ، ھىسياتنىڭ قۇلىغا ئايلانغان ئېتقادمۇ يالىڭاچ...... سەن كۆزلىرىڭنى يۇمىۋالدىڭ. شۇنداقتىمۇ تىنىگەن ئەسلىرىڭنى تەلتۆكۈس قورشاۋغا ئېلىۋالغان رەڭدار مەنزىرە سېنى ئارامىڭدا قويماقتا. تاش شەھەر تاشتەكلا سوغۇق ئىدى... سەن ئېغىرلاشقان قەدەملىرىڭنىڭ ئەركىگە ئىگە بولالمايتتىڭ. ئارقاڭغا قاراشقا، ئارقاڭغا قايتىشقا قادىر ئەمەستەك ساڭا قاراپ كېلىۋاتقان گىرىمسەن يوللارغا ئامالسىز تاشلىناتتىڭ. خىيال پەرىشتىلىرى ئۇۋىسىدىن قېچىپ چىققان چار يىلاندەك تولغىنىپ، سۇسىز دەريادەك تۇيغۇ كەڭلىكىڭدە ئۇسۇلغا چۈشمەكتە ئىدى. كىمدۇر بىرسىنىڭ ساڭا زەرپ بىلەن سوقۇلىشىدىن ئېسىڭگە كەلگىنىڭدە، بىرسىدىن قۇۋلۇق، بىرسىدىن ياۋۇزلۇق تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان بىر جۈپ كۆز كۆزلىرىڭدىن قېچىپ ئۈلگۈرگەن ئىدى. سەن يەنىلا ھىچ ئىش بولمىغاندەك ماڭماقتا ئىدىڭ. بەلكىم ئاچلىقتىن پىژىلداپ ئېچىشىۋاتقان ئاشقازىنىڭنىڭ ئاغرىقىنىمۇ ئۇنتۇپ قالغانسەن. يوقسۇزلۇقنىڭ شورلۇق دالاسىدا پۇت- قوللىرىنى تۈگەل جاراھەت قاپلىغان يول بويىدىكى ئاۋۇ تىلەمچى تىترىگەن قوللىرىنى ساڭا سۇنغىنىدا، ئىتتىكلا يانچۇقۇڭغا قول سالدىڭ، قول سالدىڭيۇ نېمە قىلارىڭنى بىلەلمەي، ئۆز ئورنۇڭدا قاققان قۇزۇقتەك تۇرۇپلا قالدىڭ. ئەسلىدە ھېلىقى ‹‹ بىر جۈپ كۆز››دىن چاقنىغان ئۆتكۈر نۇر يانچۇقۇڭنى تىشىپ ئۈلگۈرگەن ئىدى ۋە سېنىڭ بىردىنبىر ھىماتچىڭنى سەندىن ئېلىپ كەتكەن ئىدى. ئىچىڭنى ئۆرتىگەن ئاچچىق يىغىنىڭ تال-تال شولسى كىرپىكلىرىڭگە يىقىلماقتا ئىدى. تاش شەھەر تاشتەكلا سوغۇق ئىدى... سەن ئۆزۆڭنى ئاران- ئاران بېسىپ كېتىۋاتاتتىڭ. يۈرىكىڭگە قۇيۇلىۋاتقان نەپرەت پىيالەڭدىكى ئەڭ ئاخىرقى قەترە قەھرىڭگە جان، قەدرىڭگە قان بەرمەكتە ئىدى. ئەمما سەن يەنىلا لىۋىڭنى چىشلەشكە مەجبۇر ئىدىڭ. چۇل- چۇل بولغان ئەقىدەڭ يول بويىغا قويۇلغان تاش تەشتەكتىكى سۈنئىي گۈللەرنىڭ يېقىمسىز نازىدا كۈلدەك تۇزۇيتتى. يارىڭنىڭ قارا ئۇزۇن چېچىدەك سوزۇلۇپ ياتقان تاش كوچىلار ساڭا مەسخىرىلىك كۆزلىرىدە قارايتتى. سەن يۈگۈرمەكچى بولدۇڭ، ئەپسۇس قەدەملىرىڭ تاشتەكلا ئېغىر. سەن ۋارقىرىماقچى بولدۇڭ، ئەپسۇس ئاۋازىڭ تاشتەكلا قاتتىق... سەن چارچىغان ئىدىڭ. يالغۇزلۇق ۋە غېرىپلىقنىڭ ئۇچلانغان تىغى يارا قىلغان باغرىڭدا كۆكلىگەن ئازاب دەرىخى سوغۇق شىلدىرلايتتى. ئىخلاس دەرىخىڭدىن ۋاقىتسىز تۆكۈلگەن سارغۇچ يۇپۇرماق يېرىلغان ئالقىنىڭدا جان تالىشاتتى. شۇنداقتىمۇ كۆزلىرىڭدىكى ئۈمۈد نۇرى سۇس پىلدىرلايتتى. چۈنكى سەن تىنىمسىز چايقىلىۋاتقان ئادەم دېڭىزىدىن كىمنىدۇر ئىزلەۋاتقان ئىدىڭ. بولدى قىل بايقۇش! ئۆزۈڭگە قايتىپ، ئىچىڭنى ئاختۇر... رېئاللىق ساڭا ئارقىسىنى قىلىۋالغان ئىكەن، سەن پەقەت ئۆزۈڭ بىلەنلا ئۆزۈڭ ئىكەنلىكىڭگە ئىشەنگىن... ئىنسانلار توپى سايىداپ كېلۋاتقان ئادىمىيلىك دەرىخى قۇرۇپ قاخشال بولماقتا. كۆز يېشىڭ ئۇنىڭ چاڭقىشىنى قاندۇرالمايدۇ، مېھرىڭ ئۇنى قايتا باراقسان كۆكلىتەلمەيدۇ...... تاش شەھەر تاشتەكلا سوغۇق ئىدى... سەن نىشانسىز قەدەملىرىڭنىڭ ئەركىنى قايتۇرۇپ كېلىشنى ئىستىدىڭ. چېچىلغان خىياللىرىڭ ساڭا قول سىلكىمەكتە ئىدى. ‹‹-يۈر، كېتەيلى...!›› دېدىڭسەن ئۆزۈڭگە ئاستا پىچىرلاپ... قۇياش تاش شەھەردىكى ئەڭ ئاخىرقى نۇرلىرىنى يېنىغا چاقىرىۋاتقان دەقىقىلەردە، سەن ئۆزۈڭنى يېتىلىگىنىڭچە تاشتەكلا سوغۇق تاش شەھەردىن قايتىپ چىقىۋاتاتتىڭ... [align=center]تاش[/align] 1 مەن كېتىۋاتاتتىم... كۆز قارىچۇقۇمغا پېتىۋاتقان چەكسىزلىكتە، مەشۇق ھىجرىدە قان يىغلىغان ئاشىق يۈرىكىدىكى ئوتتەك كۆيۈۋاتقان كۆيۈك ساي... مەن كېتىۋاتاتتىم... قۇياش تىكلەنگەندىكى شۇ دەمدە تېنىنى ئوتقا تاشلاپ ئاچچىق تولغىنىۋاتقان ئاشۇ قورام تاشلارنى كۈل قىلماقنى ئىستىگەندەك، قىزدۇرۇشنىڭ ئەڭ دەھشىتىدە چاقناۋاتقان كۆيۈك ئاپتاپ... مەن كېتىۋاتاتتىم... ئاياق ئاستىمدىن ئۆرلەۋاتقان كۆيۈك ھىدى ئاندا- ساندا ئۇچراپ تۇرىدىغان چاكاندىلارنىڭ كۆكۈش يۇپۇرماقلىرىغا سىڭىپ باراتتى. مەن بېشىمنى كۆتۈرۈپ، توختىماستىن زىمنىغا ھارارىتىنى سىپىۋاتقان ئوت شارىغا قارىدىم، قارىدىم-يۇ، ئۆزۈممۇ سەزمەستىن ئاستا لەۋلىرىمنى تامشىدىم... مەن ئەسلىدە ئۇسسىغان ئىدىم. مەن كېتىۋاتاتتىم... توساتتىن رەھمەتلىك ئانامنىڭ كۈلۈمسىرىگەن ئىللىق چېھرى خىيالىمدىن كەچتى: -    ئوغلۇم، ئېغزىڭغا بىر تال تاش سېلىۋالغىن...! مەن كېتىۋاتاتتىم... قولۇمدا مېنى كۈتىۋاتقان ساھىبجامالنىڭ ئۇماق مەڭزىنى ئەسلىتىدىغان بىر نەچچە تال تاش...... 2 سەن مېنى تاش يۈرەك دىدىڭ... مەن يۈرىكىمگە قاراپ باقتىم. ئەسلىدە، سەن سالغان ئوتنىڭ كۆيدۈرىشىدە كۈل بولغان يۈرىكىم سەزگۈرلىكىنى يوقاتقان ئىكەن. سەن مېنى تاش يۈرەك دىدىڭ... مەن يۈرىكىمنى قولۇمغا ئېلىپ، يىراقلارغا چۆرىۋەتتىم. بىراق تاش چۈشكەن يېرىدە ئەزىز ئىكەنلىكىنى ساڭا ئېيتىپ قويۇشقا كېچىككەن ئىدىم. سەن مېنى تاش يۈرەك دىدىڭ... مەن يۈرىكىمنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ، زەرب بىلەن تاشقا ئۇردۇم. تاشنى-تاشقا ئۇرسا قانىماس ئىدى جېنىم!! سەن مېنى تاش يۈرەك دىدىڭ... مەن يۈرىكىمنىڭ نالىلىق ئىڭرىشىغا قۇلاق سالدىم. ئاياق ئاستىڭدا قانسىرىغان يۈرىكىمنىڭ تاشقا ئايلانغىنى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەستۇر، بەلكىم. سەن مېنى تاش يۈرەك دىدىڭ... مەن ساڭا قاراپ ئاچچىق كۈلۈمسىرىدىم-دە، قەلبىڭ ئىشكىدىن يىراقلاشتىم... -مەن تاش يۈرەك...!! [align=center]كەتكىن[/align] كەتكىن...! ئەي، گۈللەرنىڭ جىلۋىسىنى ئوغۇرلاپ قاچقان قىز، كەتكىن! ئەمما كېچىنىڭ چېچىڭدەك زۈلمىتىگە دەرتلىك پىچىرلاۋاتقان ئاۋازىمنىڭ ئەركىنى قويۇپ كەتكىن...! چۈنكى بۇلبۇلمۇ يېقىملىق سايرىشى بىلەنلا يىراقتىكى مەشۈقىنى ئۆمۈرلۈك سېغىنىش پىراقىغا گىرىپتار قىلغان ئەمەسمىدى؟! كەتكىن...! ئەي، ماي ئاپتىپىغا چىلىنىپ ياتقان قىز، كەتكىن! ئەمما بىرەھمىلىكىڭدە قوقاس گۈللىرى يېلىنجىغان مەندىكى چوغلىرىڭنى چوغدىنىڭغا ئۇسسۇپ كەتكىن...! ئۆز ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم قالغان ئوتنىڭ كۆيگىنىدىن بالدۇرراق ئۆچكىنى ياخشىدۇر، ئەلۋەتتە! كەتكىن...! ئەي، كۆڭۈل كۆلۈمگە تاش ئاتقان قىز، كەتكىن! ئەمما كۆزۈڭنىڭ دېڭىزدەك قاينىمىدا ئاداققى تىنىقىنى تىنىۋاتقان كۆز نۇرۇمنى قايتۇرۇپ كەتكىن...! كۆز-كۆڭۈلنىڭ ئەينىكى. ئەپسۇس، سەن ئەينىكىمنى چۇل-چۇل چېقىۋەتتىڭ...! كەتكىن...! ئەي، ھىجران تىرناقلىرىدا باغرىمنى قاناتقان قىز، كەتكىن! ئەمما ئەتلەس كۆينىكىڭنىڭ ئېتىكىگە چاچرىغان قان داغلىرىنى يۇيۇپ بولۇپ كەتكىن...! قان دىمەكلىك-جان دىمەكلىك! قان ھىدىغا كۆنۈپ قالغانلارنىڭ جاللاتلىق بوسۇغىسىدىن قايتمىقى بەسى مۈشكۈلدۇر! كەتكىن...! ئەي، باھار پەسلىمنى مەزگىلسىز سارغايتقان قىز، كەتكىن! ئەمما سەھەردە قانىغان گۈل بەرگىدىكى كۆز يېشىمدا يالتىرىغان يېشىل چۈشۈڭنى ماڭا قويۇپ كەتكىن...! چۈش-يېرىم رېئاللىق. ئېھتىمال، كېپىنەك رەڭدار گۈللەر ئارىسىدا تىنىم تاپمىغىنىدەك، سەنمۇ يېڭى-يېڭى چۈشلەرنى چۈشەيسەن. بىراق، جاراھەت ساقىيىدۇ، ئىز مەڭگۈلۈكتۇر! كەتكىن...! ئەي، ئۆزۈمدىكى مېنى ياراتقان قىز، كەتكىن! ئەمما ئىشەنگىنكى قۇياش ھامان شەرقىتىن چىقىدۇ، باھار يەنە كېلىدۇ، ۋاقىت ئۆز ئوربىتاسىدىن چىقىپ كەتمىسىلا.......... [align=center]تام[/align] 1 ۋەتەننىڭ يۈرىكىگە بېشىمنى قويۇپ سېنى تىڭشايمەن. قۇلاق تۈۋىمدە مېھرىبان مومامنىڭ سېھىرلىك چۆچەكلىرىدەك تاتلىق پىچىرلاشلىرىڭ: -كېچىنىڭ زۈلمىتىدىن ئەنسىرىمە قوزام. پىشانەڭگە تال-تال نۇرىنى سېپىۋاتقان تولۇنئاينى سانسىزلىغان يۇلتۇزلار توپى قورشاپ تۇرىدۇ. مەن خاتىرجەم ھالدا بالىلىق خىياللىرىمنىڭ پايانىغا تاشلاندىم.... 2 سەندىن چىقىپ كەتمەكچى بولدۇم. قەدەملىرىم شۇ قەدەر ئېغىر ۋە ئېغىر... ئىشىكنى ئاچتىم. توساتتىن يارنىڭ ھىدىنى ئەسلىتىدىغان تاڭ شامىلىنىڭ تىنىقلىرىم بىلەن ئۇچرىشىشى مېنى ئەسلىمىلەر قوينىغا غەرق قىلدى. شۇندىلا سەندىن چىقىپ كېتىشنىڭ ھاقارىتىنى تونۇپ يەتتىم. 3 ئۇ ماڭا قاراپ كەلمەكتە ئىدى، مەن ھەم ئۇنىڭغا... ئارىلىقىمىز يېقىنلاشقانسىرى ئۇنىڭ سىماھى كىچىكلەشكە باشلىدى ۋە يۈرىكىمنىڭ ئاغرىقى كۆرۈش سەزگۈلىرىمگىچە تەسىر قىلماقتا ئىدى... -كىم ئۇ، سېنى ئارىمىزغا ئاپىردە قىلغان...؟! 4 ئۆزۈمنىڭ سەندىكى خاتىرىسىنىڭ تاتىراڭغۇ بەتلىرىنى ۋاراقلىغاچ، سېنى تىڭشايمەن. بامدات نامىزىدىن كېيىن بوۋامنىڭ ساقىلىنى سىلاپ ئولتۇرۇپ رىۋايەتكە چۆكۈۋاتقاندەك... سەن ئاستا شىۋىرلايتتىڭ: -مەن بالاڭغا تەۋەرۈك...! [align=center]قان رەڭلىك ئۇپۇق[/align] 1 سائەت ئىستىرىلكىسىنىڭ ئۆتكۈر ئۇچىدا باغرى جاراھەتلەنگەن قۇياش، كۆيۈك تاغلار ئارقىسىدىكى ئاخىرقى قونالغۇسىغا يىقىلدى... يۈرىكىم شېخىدا ئىستىقامەتكە ئولتۇرغان بۇلبۇل پىغانلىق كۈيلىرىنىڭ قۇرغاق تەبەسسۇمىنى چىشلىگىنىچە قان قۇسماقتا ئىدى... توۋا!... دۇنيانىڭ كۆزى كورمۇ ياكى...؟! دۇئاغا سۇزۇلغان قوللۇرۇمدىن ئەندىككەن كىملەردۇر يانچۇقىنى سىلاپ قۇيۇپ، ماڭا كەينىنى قىلغىنىچە ئۆتۈپ كىتىۋاتاتتى... شۇ تاپتا ياقا يىرتىپ، ئىچىم بوشىغۇدەك راسا يىغلىۋالغۇم كەلدى-يۇ، توساتتىن قەلىب قەسىرىمدە جۇلالانغان ئەركەكلەرنىڭ كۈلۈمسىرىشىدىن تۈكۈلۈپ تۇرغان غەييۇرلۇقنىڭ شولىسى قاراڭغۇلىشىۋاتقان كېچەم ئەينىكىدە ۋاللىدە چاقناپ كەتتى... راسىت، مەن تىلەمچى ئىدىم!! ئەمما... 2 ئادەملەر ئادەملەردىن يىراقلىشىپ كېتىۋاتقان بۇ كۈنلەردە، ئەرلەرنىڭ سۆزىدىن، ئاياللارنىڭ ئۆزىدىن تېنىۋېلىشى مودا بولىۋاتقانلىقىدىن گۇمانلىنىشنىڭ زۆرۆرىيىتى قالمىسا كېرەك- ئەزىزەم!!... ئادەم دېڭىزىدىكى تەنھالىقم بىر جۈپ شەھلا كۆزۈڭنىڭ چۇڭقۇرلىقىنى ئەسلىتىدىغان تەگسىز قايناملارغا غەرق بولۇش دەقىقىلىرىدە، سەن خىيالىمنىڭ چۇۋۇق ئىشكى ئالدىدا زاھىرلاندىڭ... رېئاللىقتىكى يالغۇزلىقىمنىڭ ئەبىدىيلىكى چۇل-چۇل چېقىلدى ۋە چۈشۈمدىكى پىچىرلاشلىرىڭنىڭ پايانىغا قايتىشنى ئىستىدىم... مەن سېنى سېغىنغان ئىدىم، ئەزىزەم! گۇيا قۇش بالىسىنى سېغىنغاندەكلا. كەل!... ماڭا ئېقىپ كىرمەك بولغان زاھىتلىقنىڭ تۆمۈر ئىشىكىگە قۇلۇپ سال- دە، ئەسەبىي تۇيغۇمنىڭ تالان- تاراجىغا ئۆزۈڭنى تاشلا، ئەزىزەم. مەندە پورەكلىگەن ئېچىرقاشلىرىڭنىڭ بەرگى سۇلمىسۇن!... بۇلدۇقلاپ تېشىۋاتقان ئۆكسۈشلىرىڭنى قايرىپ قويۇپ، تىتىلغان تەنلىرىڭنىڭ پارچىلىرىنى ئىختىيارىمغا تاپشۇر!... شۇندىلا جاللاتنىڭ جاللاتلىقىدىن، تىككۈچى قىزنىڭ ئۆلۈمى قەدىرسىزلىكىنى بىلىپ قالىسەن، ئەزىزەم؟!... قىيامىغا يەتكەن ئوت پەسلىدىكى ئاي نۇرىدا ئىرىپ، يۈرىكىمگە قۇيۇلىۋاتقان دەملىرىڭدىكى يالىڭاچلىقىڭنى كۆزلىرىمدىن قىزغىنىمەن...   كەل،ئەزىزەم! ئالقىنىمدا مەپتۇنكار دۇنيانىڭ ئوتى يالىلداۋاتقان بىر پىيالە چوغ... كەل، ھىجران چۆلىدە قۇرۇپ قاقشال بولغان تەنلەرگە ئوت ياقايلى... كۈلگە ئايلانسۇن بارلىق يالىڭاچلىقلار!!... 3 ئاڭلىدىڭمۇ ئەزىزەم؟!... ئازاب دەرىخىنىڭ سارغۇچ يۇپۇرماقلىرى سايىسىدا غالىپلارنىڭ نۇرلۇق تارىخىنى ۋاراقلاۋاتقان بوز تورغاي ئاخىرلىشىش نۇتۇقىنى ئوقۇماقتا... كۈچلۈكلەر ئۆز تارىخىنى ئاجىزلارنىڭ دۈمبىسىگە يازارمىش!... ئەمما، مەن سەندىكى گۈزەل رىۋايەتكە ئايلانغۇسى تارىخىمنى يۈرىكىڭگە يازسامكەن دەيمەن- ئەزىزەم!!... ماڭا قاراپ يېقىنلاشقان قەدەملىرىڭنىڭ تىۋىشىگە باغرىمنى ئاچتىم. نېمىشقا ئىككىلىنىسەن- ئەزىزەم؟! شامالدەك يىنىك قەدەملىرىڭدە يەلپۈنگەن چىمەنلەردىن گۇمانسىرىما. يوللىرىڭدا ئۈنگەن قارا تىكەنلەرنى  كىرپىكىمنىڭ قەھرىگە تاپشۇردۇم... قاناۋاتقان يۈرىكىمدىن كۆزلىرىڭنى قاچۇرۋاتامسەن-ئەزىزەم؟!... قان تۆكۈلمىگەن تارىخنىڭ رەڭگى ھامان ئۆڭۈپ كېتىدۇ، قان بىلەن يېزىلغان تارىخ بولسا ياشاش يولۇڭنى نۇر كەشتىلىرىدە بېزەيدۇ!... كەل، ئەزىزەم!... قان ئىچىدە سېنى ساقلاۋاتىمەن. تەشۋىشلىرىڭنى يىرتىپ تاشلاپ، يۈرىكىمدىكى تارىخىڭنى يېزىشنى داۋاملاشتۇر!!   ئەسكەرتىش: بۇ نەسىرلىرىمنى بىر دوستۇمنىڭ ھاۋالىسى بىلەن بۇ بەتكە يوللىدىم، توغرا چۈشىنىشىڭلارنى سورايمەن.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  دائىرە - دائىرە ئەب...
●  <<تاگور نەسىرلىرى>> ...
●  سەرداھى: ئوت
●  تاگور نەسىرلىرى
●  سەرداھى: ئوت ئىچىدى...
●  تاگور نەسىرلىرىدىن...
●  تاگور نەسىرلىرىدىن...
●  تاگور نەسىرلىرىدىن...
●  جىلغىلىق قىز
●  بىر ئۇچۇم قۇم
●  خىيال ئىچىدىكى خىي...
●  ۋالىدە
●  گىياھنىڭ سۆزى
●  شەپىسىز قايغۇ
●  تەپككۈر چەشمىلىرى
●  توغراق
●  تۈنۈگۈن، بۈگۈن ۋە ئ...
●  تاگور نەسىرلىرىدىن
●  تاگور نەسىرلىرىدىن
●  بىر ئۇچۇم قۇم

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  دائىرە - دائىرە ئەبەدلىك...
●  <<تاگور نەسىرلىرى>> دىن پ...
●  سەرداھى: ئوت
●  تاگور نەسىرلىرى
●  سەرداھى: ئوت ئىچىدىكى ئە...
●  تاگور نەسىرلىرىدىن پارچ...
●  تاگور نەسىرلىرىدىن پارچ...
●  تاگور نەسىرلىرىدىن پارچ...
●  جىلغىلىق قىز
●  بىر ئۇچۇم قۇم

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى