زۇڭتۇڭ كۇتۇپخانىسى
يوللانغان ۋاقتى : 2008-06-08 10:31:43 كۆرۈلۈش سانى : 206
ئامېرىكىدا زۇڭتۇڭ كۇتۇپخانىسىدىن ئىبارەت بىر ئۆزگىچە كۇتۇپخانا بار. ئۇنىڭدا ئامېرىكا زۇڭتۇڭلىرىنىڭ ئاقسارايدا ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدىكى قوليازمىلىرى ۋە ھەر خىل ھۆججەت - ماتېرىياللار ساقلانغان بولۇپ، بۇ يەرنى ئېكسكۇرسىيە، زىيارەت قىلغىلى كېلىدىغانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە مەخسۇس ئالاقىدار ماتېرىياللارنى تاپقىلى كەلگەن مۇتەخەسسىس، پروفېسسورلارمۇ بار، لېكىن كۆپ ساندىكىلىرى يەنىلا ساياھەتچىلەر بولۇپ، ئۇلار بۇ يەردە ئاقساراينىڭ خىلمۇخىل خاتىرە بۇيۇملىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرەلەيدۇ.
ئامېرىكا تارىخىدا يەتتە زۇڭتۇڭ كۇتۇپخانا سالدۇرغان. ئەڭ بۇرۇن زۇڭتۇڭ روزۋېلت نيۇيوركتىكى خېيدېر باغچىسىغا كۇتۇپخانا سالدۇرغان، بۇ كۇتۇپخانا1946 - يىلى سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن. كۇتۇپخانىغا16 مىليوندىن ئارتۇق كىتاب - ماتېرىيال ۋە كۆرگەزمە بۇيۇمى قويۇلغان بولۇپ، كۆرگەزمە بۇيۇملىرى ئىچىدە روزۋېلت ئىلگىرى ئىشلەتكەن قىلىچ، دېڭىز سەپىرى خاتىرىسى ۋە پاراخوتنىڭ ھەر خىل پرىبورلىرى بار. ترومىن كۇتۇپخانىسى مىسسۇرى شتاتىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۇنىڭدا13 مىليون پارچىدىن ئارتۇق ماتېرىيال ساقلانغان، يەنە ترومىن ئىلگىرى ئىشلەتكەن پىئانىنو ۋە ھەر خىل ھاسا تاياقلار قويۇلغان. ئېزېنخاۋېر كۇتۇپخانىسى كانزاس شتاتىغا جايلاشقان. بۇ كۇتۇپخانىدىكى كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنىڭ خېلى كۆپ قىسمى چەت ئەل رەھبەرلىرىنىڭ ئۇنىڭغا سوۋغا قىلغان بۇيۇملىرىدۇر. خوئوۋېر كۇتۇپخانىسى ئىئوۋا شتاتىدىكى شەھەرگە يىراق بولغان غەربىي رايونغا جايلاشقان، بۇ كۇتۇپخانا1962 - يىلى سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن. كېننىدى كۇتۇپخانىسى بوستون پورتىغا كىرىش ئېغىزىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ كۇتۇپخانىدا ئۇنىڭ زۇڭتۇڭ بولغان چاغدىكى سۈرىتىدىن باشقا يەنە ياغاچ قونچاق ئويۇنىنى كۆرگىلى، مۇزىكا ئاڭلىغىلى بولىدۇ. جونسون كۇتۇپخانىسى تېكساس شتاتىغا جايلاشقان، ئۇنىڭدا36 مىليون پارچىدىن ئارتۇق كىتاب - ماتېرىيال بار. فورت كۇتۇپخانىسى ئىككى كۇتۇپخانىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇنىڭ بىرى فورتنىڭ ئانا مەكتىپى − مىچىگان ئۇنىۋېرسىتېتىدا، يەنە بىرى ئۇنىڭ يۇرتى گراند - راپىدسقا جايلاشقان. بۇلاردىن باشقا يەنە كات كۇتۇپخانىسى، رېگان كۇتۇپخانىسى بار. |
|