بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسى
يوللانغان ۋاقتى : 2008-06-03 11:53:25 كۆرۈلۈش سانى : 130
ئېلىمىزدىكى ئەڭ ئالىي بىلىم يۇرتى بولغان بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كۇتۇپخانىسى مەملىكەت بويىچە ئەڭ بۇرۇن قۇرۇلغان، ساقلىنىۋاتقان كىتاب سانى ئەڭ كۆپ بولغان ئالىي مەكتەپ كۇتۇپخانىسى ھېسابلىنىدۇ.
بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسى1902 - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئەينى چاغدا جىڭشى مەكتىپى كۇتۇپخانىسى دەپ ئاتالغان،1912 - يىلى نامى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كىتاب بۆلۈمىگە ئۆزگەرتىلگەن.1918 - يىلىدىن1924 - يىلىغىچە لى داجاۋ ئۇنىڭ مۇدىرى بولغان، ئەينى چاغدا ماۋ زېدۇڭ بۇ يەردە خىزمەت قىلغان.1931 - يىلى نامى رەسمىي بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسىغا ئۆزگەرتىلگەن.
بۇ كۇتۇپخانىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى كىتاب - ماتېرىياللىرىنى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئەكەلدۈرگەن، كېيىن يەنە لى شېڭدو قاتارلىق داڭلىق كىتاب ساقلىغۇچىلارنىڭ كىتابلىرى ئەكەلدۈرۈلگەن. بۇ كۇتۇپخانىدا ساقلانغان قەدىمكى كىتابلارنىڭ سانى1 مىليون600 مىڭ پارچىغا يېتىدۇ، ئۇ ئېلىمىز بويىچە قەدىمكى كىتابلار ئەڭ كۆپ ساقلىنىۋاتقان كۇتۇپخانىلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە1572 - يىلى نەشر قىلىنغان ئارخېمىدنىڭ «گېئومېتىرىيە قوليازمىسى»،1744 - يىلى نەشر قىلىنغان «نيۇتون تاللانما ئەسەرلىرى» قاتارلىق ئىنتايىن قىممەتلىك كىتابتىن140 مىڭ نەچچىسى بار. كۇتۇپخانىدا4 مىليون پارچىدىن ئارتۇق كىتاب ساقلانغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە خەنزۇچە كىتاب2 مىليون600 مىڭ پارچە، چەت ئەل تىل - يېزىقىدىكى كىتاب900 مىڭ پارچە، گېزىت - ژۇرنال توپلىمى500 مىڭ پارچە. بۇ كۇتۇپخانا50 نەچچە دۆلەت ياكى رايوندىكى500 دىن ئارتۇق مەدەنىيەت - مائارىپ ئاپپاراتى بىلەن كىتاب - ماتېرىيال ئالماشتۇرۇش مۇناسىۋىتى ئورناتقان.
كۇتۇپخانىدا31 قىرائەتخانا بولۇپ،2000 دىن ئارتۇق ئادەم بىرلا ۋاقىتتا كىتاب - ماتېرىيال كۆرەلەيدۇ. ھەر يىلى ئارىيەتكە بېرىدىغان كىتاب - ماتېرىيال1 مىليون پارچە قېتىمدىن ئاشىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئوقۇرمەنلەر مەسلىھەت سوراش ئورنى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئورۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىتاب - ماتېرىيال كاتالوگلىرىدىن پايدىلىنىشىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتېرىيال ئىزدىشىگە ۋە ھەر خىل مەسىلىلەرگە جاۋاب تېپىشىغا ياردەم بېرىدۇ. بۇ كۇتۇپخانا يەنە نۇسخا كۆپەيتىش، رېزىنكە باسما، مىكرو ئەسۋاب ۋە كومپيۇتېر ئارقىلىق ماتېرىيال ئىزدەش قاتارلىق مۇلازىمەت تۈرلىرىنى يولغا قويغان. |
|