دۇنيا بويىچە ئەڭ بۇرۇنقى كۇتۇپخانا
يوللانغان ۋاقتى : 2008-04-11 15:56:10 كۆرۈلۈش سانى : 176
ئىككى دەريا ۋادىسى ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى ئەڭ بۇرۇن بارلىققا كەلگەن جايلارنىڭ بىرىدۇر. «ئىككى دەريا» ئىراقنى كېسىپ ئۆتىدىغان ئېفرات دەرياسى بىلەن دەجلە دەرياسىنى كۆرسىتىدۇ.
1849
- يىلى ئەنگلىيە ئارخېئولوگلىرى ئىككى دەريا ۋادىسىدىكى نىنىۋىيە شەھىرى خارابىسىدىن نۇرغۇن لاي تاختا يېزىقنى قېزىۋالغان. لاي تاختىغا ئويۇلغان يېزىقلارنىڭ باش قىسمى تومراق، ئاياغ قىسمى ئىنچىكىرەك يېزىلغانلىقى، شەكلى مىخقا ئوخشاپ كېتىدىغانلىقى ئۈچۈن، مىخ يېزىق دەپ ئاتالغان. لاي تاختىلارغا تارىخىي داستان، دۇئا - ئىبادەت، باج - سېلىق تىزىملىكى، مەمۇرىي پەرمان، ئاسترونومىيىگە دائىر ماتېرىيال قاتارلىقلار، شۇنداقلا يۇقىرىقىلارنىڭ ئىگىسىنىڭ ئىمزاسى ئويۇلغان، يەنە بەزىلىرىگە ئۇنىڭ مەنبەسى ۋە ئېلىنغان جايى ئىزاھلاپ قويۇلغان. بۇنداق يېزىق ئويۇلغان لاي تاختا25 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، بۇلارنىڭ2000 نەچچە پارچىسى ھازىر ئەنگلىيىدىكى برېتانىيە مۇزېيىدا ساقلانماقتا. ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق، بۇلارنىڭ مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى7 - ئەسىردە سېلىنغان خان ئوردىسى كۇتۇپخانىسىدىكى يادنامىلەر ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان، بۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ بۇرۇنقى كۇتۇپخانىنىڭ بۇنىڭدىن2700 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرىلا بارلىققا كەلگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
|
|