ئامېرىكا پارلامېنىت كۇتۇپخانىسى
يوللانغان ۋاقتى : 2008-03-24 00:29:13 كۆرۈلۈش سانى : 97
ئامېرىكا پارلامېنت كۇتۇپخانىسى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ كۇتۇپخانىدۇر. ئۇ ئۈچ كورپۇس بىنادىن تەشكىل تاپقان ھەيۋەتلىك ئىمارەت بولۇپ، قىرائەتخانا زالىنىڭ يۇمىلاق ئۆگزىسىدە ئەپلاتون، نيۇتون، كولومبو، شېكېسپېر قاتارلىق دۇنيا تارىخىدا ئۆتكەن داڭلىق شەخسلەرنىڭ ھەيكىلى كىشىلەرگە قاراپ تۇرىدۇ، بۇ يەرگە كەلگەنلەر ئۆزىنى خۇددى مۇقەددەس ئوردىغا كىرىپ قالغاندەك ھېس قىلىدۇ.
بۇ كۇتۇپخانىدا500 نەچچە كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى كىتاب جازىسىغا80 مىليون پارچە كىتاب - ماتېرىيال قويۇلغان، بۇنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن قىممەتلىك تارىخىي ماتېرىياللار ۋە داڭلىق شەخسلەرنىڭ قوليازمىلىرى بار. ئالايلۇق، ئامېرىكىنىڭ «مۇستەقىللىق خىتابنامىسى» نى ئەڭ بۇرۇن ئېلان قىلغان «پېنسىلۋانىيە گېزىتى»، ئامېرىكىنىڭ تۇنجى زۇڭتۇڭى ۋاشىنگتوننىڭ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش نۇتقى ۋە ئامېرىكا تارىخىدىكى زۇڭتۇڭلارنىڭ سايلام رىقابىتىدىكى باياناتلىرى قاتارلىقلار بار، يەنە1488 - يىلى ئىتالىيىدە تۇنجى قېتىم نەشر قىلىنغان «ھومېر داستانى»،16 - ئەسىردىن ئىلگىرى نەشر قىلىنغان قەدىمكى كىتابلار بار؛ بۇنىڭدىن باشقا داڭلىق ئىسكىرىپكىچىلارنىڭ مەدەنىي يادىكارلىق سۈپىتىدە ساقلانغان ئىسكىرىپكىلىرى ۋە تارىختىكى داڭلىق شەخسلەرنىڭ خۇسۇسىي خەت - چەكلىرىمۇ بار.
پارلامېنت كۇتۇپخانىسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى سورىغان ھەر خىل مەسىلىلەرگە ھەر ۋاقىت جاۋاب بېرىدىغان بىر تۈرلۈك مۇھىم ۋەزىپىسى بار. كۇتۇپخانا بىناسى بىلەن پارلامېنت بىناسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا335 مېتىر ئوزۇنلۇقتىكى گاز بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان يەتكۈزۈش تۇرۇبىسى بار بولۇپ، ئۇ ئارقىلىق ھەر خىل ماتېرىياللارنى پارلامېنت بىناسىغا ئىنتايىن تېز يەتكۈزۈپ بەرگىلى بولىدۇ. كۇتۇپخانا ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تاپشۇرۇۋالىدىغان مەسىلە2000 غا يېتىدۇ، بەزى مەسىلىلەرگە بىرنەچچە مىنۇتنىڭ ئىچىدىلا جاۋاب بەرگىلى بولىدۇ، يەنە بەزى مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىش ئۈچۈن بىرنەچچە ئاي مۇھاكىمە يۈرگۈزۈشكە توغرا كېلىدۇ. كۇتۇپخانىنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى كومپيۇتېر ئارقىلىق باشقۇرۇلىدۇ، ئۇنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيىسى دۇنيادىكى كۇتۇپخانىلار ئىچىدە ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.
پارلامېنت كۇتۇپخانىسى ئەمەلىيەتتە يەنە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كۇتۇپخانىسىدۇر، ئوتتۇرا مەكتەپ يېشىدىكى بالىلاردىن تارتىپ چوڭلارنىڭ ھەممىسى بۇ كۇتۇپخانىغا كېلىپ كىتاب - ماتېرىياللارنى ئارىيەت ئېلىپ ئوقۇسا بولىدۇ. كۇتۇپخانىدا5000 دىن ئارتۇق خىزمەتچى بار بولۇپ، ھەر يىلى2 مىليوندىن ئارتۇق ئوقۇرمەننى كۈتۈۋالىدۇ. |
|