ئەنگلىيە برېتانىيە كۇتۇپخانىسى
يوللانغان ۋاقتى : 2008-01-21 18:49:59 كۆرۈلۈش سانى : 51
بۇ كۇتۇپخانىدا ئەينى چاغدا ماركس يېزىقچىلىق ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان، دۇنيادىكى نۇرغۇن داڭلىق ئەدىب، پەيلاسوپ، تارىخشۇناس، فىزىكىشۇناس ۋە ماتېماتىكىشۇناسلارمۇ ئىلىم تەھسىل قىلغان، ئىزدەنگەن.
برېتانىيە كۇتۇپخانىسى ئەنگلىيىنىڭ دۆلەتلىك كۇتۇپخانىسى، شۇنداقلا ياۋروپا بويىچە ئەڭ چوڭ كۇتۇپخانا. ئۇ برېتانىيە مۇزېيى كۇتۇپخانىسى، دۆلەتلىك مەركىزىي كۇتۇپخانا، ئىلىم - پەن پايدىلىنىش كۇتۇپخانىسى، ئەنگلىيە كاتالوگ شىركىتى، دۆلەتلىك پەن - تېخنىكا ئارىيەت كۇتۇپخانىسى، ئىلىم - پەن مۇزېيىدىن ئىبارەت بىرقەدەر چوڭ ئالتە كۇتۇپخانىدىن تەركىب تاپقان. پايدىلىنىش بۆلۈمى بىلەن ئارىيەت بۆلۈمى ئۇنىڭ ئاساسلىق كەسپىي تارمىقى.
پايدىلىنىش بۆلۈمى لوندوننىڭ مەدەنىيەت رايونىغا تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئەسلىدىكى برېتانىيە مۇزېيى كۇتۇپخانىسىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق بىنا قىلىنغان. بۇ كۇتۇپخانىنىڭ زالىغا كىرگەن ئادەم ئۆزىنى بىلىم خەزىنىسىگە كىرىپ قالغاندەك ھېس قىلىدۇ. كىشىنى ئەڭ جەلپ قىلىدىغىنى كۇتۇپخانىنىڭ سول تەرىپىدىكى كىتاب كۆرگەزمىخانىسى بولۇپ، بۇ يەرگە ھەر خىل قىممەتلىك قوليازمىلار ۋە دۇنيا بويىچە ئەڭ بۇرۇن بېسىلغان كىتاب، گېزىت - ژۇرناللار قويۇلغان، بۇلارنىڭ ئىچىدە شېكېسپېر، دارۋىن، دېككىنس، خاردى، كانت، ھېينې، گيوتې، شېللېر، رۇسسو، ھيۇگو، بالزاك قاتارلىق دۇنياغا مەشھۇر ئەدىبلەر، داڭلىق ئالىملارنىڭ ئەسەرلىرى بار. ماركسنىڭ «كاپىتال» دېگەن ئەسىرىنىڭ قوليازمىسى ۋە ئۇنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى باسما نۇسخىسى بار، يەنە دۇنيا بويىچە ئەڭ بۇرۇن بېسىلغان، نەپىس تۈپلەنگەن «ئىنجىل» مۇ بار. ئېلىمىزنىڭ868 - يىلى بېسىلغان «ۋاجراسسىدىكا پراجىنا پارامىتا سۇترا»،887 - يىلى بېسىلغان «ۋاكالەتخانانەما» دېگەن كىتابلىرىمۇ مۇشۇ يەردە ساقلىنىۋاتىدۇ. بۇ كۇتۇپخانىدا يەنە100 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق قوليازما،20 مىڭغا يېقىن قۇيما تامغا، ئويما تامغا، نەچچە ئون مىڭ پارچە قىممەتلىك كىتاب - ماتېرىيال ۋە ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ ھۆججەتلىرى قاتارلىقلار بار. بۇ كىتاب - ماتېرىياللارنى قوغداش ئۈچۈن، ھەربىر كىتاب ئامبىرىغا ساقچى ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
ئارىيەت بۆلۈمى لوندوندىن300 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى غەربىي يورك رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ كۇتۇپخانا ھەر يىلى30 مىليون قېتىمدىن ئارتۇق كىتاب ئارىيەت بېرىدۇ. ئۇ ئوقۇرمەنلەرنى كىتاب - ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، بەلكى يەنە ئوقۇرمەنلەرگە تەرجىمە مۇلازىمىتىمۇ قىلىپ، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بېرىدۇ. بۇ يەردە يەنە خەلقئارا كۇتۇپخانىلار بىرلەشمىسىنىڭ خەلقئارا ئارىيەت ئىشخانىسى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئىشخانا دۇنيادىكى ھەرقايسى كۇتۇپخانىلارنىڭ ئۆزئارا كىتاب - ماتېرىيال ئارىيەت ئېلىش خىزمىتىگە مەسئۇل.
بۇ كۇتۇپخانىدا يەنە كىتابلار كاتالوگى مۇلازىمەت بۆلۈمى تەسىس قىلىنغان. كىتابلار كاتالوگىغا دائىر13 مىليون پارچىدىن ئارتۇق ماتېرىيال كومپيۇتېر سانلىق مەلۇماتلار ئامبىرىدا ساقلىنىدۇ، بۇ بۆلۈم دۇنيادىكى5000 دىن ئارتۇق ئورۇنغا مۇلازىمەت قىلىدۇ. |
|