ئۈن - سىن كۇتۇپخانىسى
يوللانغان ۋاقتى : 2008-05-03 12:38:20 كۆرۈلۈش سانى : 196
پەن - تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى كۇتۇپخانىلارغىمۇ ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلدى. زامانىۋى كۇتۇپخانىلاردا ئاق قەغەز، قارا خەتلىك كىتاب - ماتېرىياللار ساقلىنىپلا قالماي، بەلكى يەنە سۈرەت ۋە ئاۋازدىن پايدىلىنىپ تۈرلۈك بىلىم، ئۇچۇرلارنى خاتىرىلىۋالغىلى بولىدىغان سىن لېنتىسى، ئۈن لېنتىسى، ناخشا پلاستىنكىسى، پرويېكسىيە پليونكىسى قاتارلىق كۆرۈش - ئاڭلاش ماتېرىياللىرى بار. مەخسۇس ئۈن - سىن ماتېرىياللىرىنى يىغىپ ساقلايدىغان كۇتۇپخانا ئۈن - سىن كۇتۇپخانىسى دەپ ئاتىلىدۇ.
ئۈن - سىن كۇتۇپخانىسىدا ئىزدىمەكچى بولغان نەرسىنى ئادەتتىكى كىتابلارنى كۆرگەندەك خالىغانچە ئاختۇرۇشقا بولمايدۇ، پەقەت سىنقويغۇ، فىلىم قويغۇ، پرويېكسىيە قويغۇ، ئۈنئالغۇ، پاتېفون قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنى قويۇش ئارقىلىقلا ئالاقىدار مەزمۇنلاردىن خەۋەردار بولغىلى بولىدۇ. ئۈن - سىن ماتېرىياللىرى ئوبرازلىق، جانلىق بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، ئۇ ئادەتتىكى كىتابلار ئىپادىلەپ بېرەلمەيدىغان مەزمۇنلارنى نامايان قىلالايدۇ. ئۈن - سىن ئۆيىدە ھەر خىل كىنو ۋە سىن بۇيۇملىرىنى كۆرگىلى، ھەر خىل ماتېرىيال ۋە ئاۋازلارنى ئاڭلىغىلى بولىدۇ، بۇ يەرگە كىرگەن ئادەم ئۆزىنى يېڭى بىلىم دۇنياسىغا كىرىپ قالغاندەك ھېس قىلىدۇ. ئوقۇرمەنلەر ئۇنى دەرسخانا دەپ بىلىپ، مەلۇم بىر دەرسنى سىستېمىلىق ئۆگەنسە بولىدۇ. ئۇنى دەرسخانا سىرتىدىكى ئۆگىنىش سورۇنى دەپ بىلىپ، تەبىئەت دۇنياسىدىكى ھەر خىل ھايۋان، ئۆسۈملۈكنىڭ كۆپىيىش، ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىنى كۆزەتسىمۇ، چوڭى ئالەمدىن تارتىپ كىچىكى مىكرو جانلىقلارغىچە ئۇلارنىڭ ھەرىكەت، ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى كۆزەتسىمۇ بولىدۇ. ئاۋازنى ئاڭلاش، شەكىلنى كۆرۈش ئارقىلىق بىلىمنى كۆپەيتكىلى، نەزەر دائىرىنى كېڭەيتكىلى بولىدۇ. |
|