خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسى
يوللانغان ۋاقتى : 2008-04-01 00:04:00 كۆرۈلۈش سانى : 465
كصچصك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسى ئامېرىكا بويىچە ئەڭ قەدىمىي كۇتۇپخانا، شۇنداقلا ساقلانغان كىتاب سانى دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ، كۆلىمى ئەڭ چوڭ كۇتۇپخانا. ئامېرىكىنىڭ بەش نەپەر زۇڭتۇڭى، نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن30 دىن ئارتۇق زات بۇ يەردە ئۆگىنىش قىلغان.1638
- يىلى ئامېرىكىدىكى بىر مەكتەپنىڭ ھەيئەت ئەزاسى يوھان خارۋارد كېسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتكەن، ئۇ جان ئۈزۈش ئالدىدا مال - بىساتىنىڭ يېرىمى بىلەن شەخسىي كىتابلىرىنىڭ ھەممىسىنى مەكتەپكە ئىئانە قىلغان. شۇنىڭ بىلەن، مەكتەپنىڭ نامى خارۋارد ئەپەندىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان، ئۇ ئەينى چاغدا ئىئانە قىلغان پۇل ۋە كىتاب - ماتېرىياللار مەكتەپ كۇتۇپخانىسىنىڭ ئاساسلىق مال - مۈلكى ۋە ماتېرىيالى بولۇپ قالغان.300 يىلدىن ئارتۇق تەرەققىيات مۇساپىسىنى باشتىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسىدىكى كىتابلارنىڭ سانى10 مىليون پارچىدىن ئاشقان، كۇتۇپخانىنىڭ شۆبىسىمۇ100 نەچچىگە يەتكەن. بۇ ئۇنىۋېرسىتېتتىكى ھەربىر ئىنستىتۇتنىڭ ئۆز ئالدىغا كۇتۇپخانىسى بار بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە ھەرقايسى كەسىپلەرنىڭمۇ ئايرىم كۇتۇپخانىلىرى بار. شۆبە كۇتۇپخانىلارنىڭ كۆپىنچىسى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىغا جايلاشقان. يەنە بەزىلىرى ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون شەھىرىدە، ھەتتا ئىتالىيىنىڭ فلورېنسې شەھىرىدىمۇ شۆبىسى بار. بۇ شۆبە كۇتۇپخانىلار ئىچىدىكى يەنجىڭ شۆبە كۇتۇپخانىسىدا جۇڭگونىڭ قىممەتلىك كىتابلىرى بار؛ لامۇنت شۆبە كۇتۇپخانىسى دۇنيا بويىچە مەخسۇس ئالىي مەكتەپنىڭ تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان تۇنجى كۇتۇپخانا ھېسابلىنىدۇ؛ ۋېيدر شۆبە كۇتۇپخانىسى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسى بويىچە ئەڭ كۆپ كىتاب ساقلانغان ئىجتىمائىي پەنلەر ۋە فىلولوگىيە پەنلىرى تەتقىقاتى كۇتۇپخانىسىدۇر.
خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسىنىڭ نىشانى ئوقۇغۇچىلارنى «مائارىپنىڭ چومۇلاڭما چوققىسى» غا يەتكۈزۈپ، دۇنيادىكى كۇتۇپخانىلار ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتۈشتىن ئىبارەت. ئۇ دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى100 دىن ئارتۇق كومپيۇتېر سانلىق مەلۇماتلار ئامبىرى بىلەن ئالاقە ئورناتقان بولۇپ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنى ھەر خىل كىتاب - ماتېرىيال بىلەن كەڭ - كۇشادە تەمىنلەيدۇ. |
|