بېيجىڭ كۇتۇپخانىسى
يوللانغان ۋاقتى : 2008-01-21 18:50:25 كۆرۈلۈش سانى : 37
بېيجىڭ كۇتۇپخانىسى مەيلى ساقلانغان كىتابلارنىڭ سانى جەھەتتە بولسۇن، مەيلى قۇرۇلۇش كۆلىمى جەھەتتە بولسۇن، ئاسىيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇنىڭ تەكتى1909 - يىلى سېلىنغان جىڭشى كۇتۇپخانىسى بولۇپ،1928 - يىلى نامى دۆلەتلىك بېيپىڭ كۇتۇپخانىسىغا ئۆزگەرتىلگەن، بېيخەينىڭ غەربىي تەرىپىگە جايلاشقان، سەي يۈەنپېي بىلەن لۇشۈن ئەپەندى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بۇ كۇتۇپخانىنىڭ مەسئۇلى بولغان، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، نامى بېيجىڭ كۇتۇپخانىسىغا ئۆزگەرتىلگەن.
يېڭىدىن سېلىنغان بېيجىڭ كۇتۇپخانىسى زىجۇيۈەن باغچىسىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان، ئىگىلىگەن كۆلىمى42 .7 گېكتار، قۇرۇلۇش كۆلىمى140 مىڭ كۋادرات مېتىر. كىتاب ئامبىرىنىڭ ئېگىزلىكى61 مېتىر، ئۇنىڭغا20 مىليون پارچە كىتاب سىغىدۇ؛30 دىن ئارتۇق قىرائەتخانىسى بار، بىرلا ۋاقىتتا3000 ئادەم كىتاب كۆرەلەيدۇ؛ بىر كۈندە8000 ئادەم قېتىم كۈتۈۋالالايدۇ. بۇ كۇتۇپخانا «دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى كىتاب شەھەرچىسى» دەپ ئاتالغان.
كۇتۇپخانىنىڭ شەرقى ۋە جەنۇبىدىكى ئىككى زال ۋە ئاساسلىق قەۋەتلىرىگە ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق كونترول قىلىدىغان سخېمىلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئەگەر سىز بۇ يەردە نىشاندىن ئادىشىپ قالسىڭىز، ئۆزىڭىز تۇرغان جايدىكى كۇنۇپكىنى باسسىڭىزلا، ئېكراندا ئۆزىڭىز تۇرۇۋاتقان ئورۇن ۋە قەۋەت سانى دەرھال پەيدا بولىدۇ - دە، سىزنىڭ بارماقچى بولغان جاينى تېپىۋېلىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ. كىتاب ئارىيەت ئېلىش ئورنىدا كىتاب، گېزىت - ژۇرناللار قويۇلغان ئورۇننى تېپىپ بېرىدىغان ئاپتوماتىك قۇرۇلما ئورنىتىلغان بولۇپ، ئۇ ئەڭ قىسقا مۇساپىنى تاللاپ ئوقۇرمەنلەرگە ئېھتىياجلىق كىتاب - ماتېرىياللارنى تېپىپ بېرىدۇ. كۆپ ساندىكى قىرائەتخانىلاردا كىتاب جازىسى بويىچە مۇلازىمەت قىلىش تۈرى يولغا قويۇلغان، ئوقۇرمەنلەر كىتاب جازىلىرىدىن ئۆزى ئېھتىياجلىق ماتېرىياللارنى تاپالايدۇ، كېرەكلىك ماتېرىياللارنى ھەر ۋاقىت كۆپەيتىۋالسىمۇ بولىدۇ.
بېيجىڭ كۇتۇپخانىسىدا جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرنىڭ قەدىمدىن ھازىرغىچە بولغان كىتاب - ماتېرىياللىرى ساقلانغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە600 مىڭ پارچىدىن ئارتۇقى دۆلەت تەرىپىدىن ئالاھىدە يىغىپ ساقلىنىدىغان قىممەتلىك ھۆججەت - ماتېرىيال قىلىپ بېكىتىلگەن. ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، كۇتۇپخانىغا كومپيۇتېر ئارقىلىق كونترول قىلىنىدىغان ساقچىغا مەلۇم قىلىش ۋە ئوت ئۆچۈرۈش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىلغان. ئوت ئاپىتى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تۇرىدىغان3000 دىن ئارتۇق ئۈسكۈنە كۇتۇپخانىنىڭ ھەرقايسى بۇلۇڭ - پۇچقاقلىرىغا جايلاشتۇرۇلغان، بىرەر تەرەپتىن تاسادىپىي ئىس - تۈتەك كۆتۈرۈلۈپ قالسا، مەركىزىي كونترول قىلىش ئورنىدىكى تەقلىدىي ئېكراندا ئوت ئۇچقۇنىنىڭ ئورنى دەرھال پەيدا بولىدۇ - دە، توك مەنبەسى ئۆزلۈكىدىن ئۈزۈلۈپ كېتىدۇ، ئوت ئۆچۈرۈش پومپىسىنىڭ بېسىمى دەرھال ئاشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك خادىملار ئوتنى تېزدىن بىۋاسىتە ئۆچۈرۈۋالالايدۇ.
ئىنسانلار مەدەنىيىتىنىڭ جەۋھەرلىرى يىغىلغان بىلىم خەزىنىسى − بېيجىڭ كۇتۇپخانىسى ئۆگىنىش ۋە ئىزدىنىش يولىدىكى بارلىق كىشىگە پۈتمەس - تۈگىمەس مەنىۋى بايلىق ئاتا قىلىدۇ. |
|