بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> نۇتۇقلار >> سىياسىي كىشىلەردىن بولۇشىمىز زۆرۈر

سىياسىي كىشىلەردىن بولۇشىمىز زۆرۈر

يوللانغان ۋاقتى : 2008-06-24 16:50:43    كۆرۈلۈش سانى : 325  
كصچصك | نورمال | چوڭ             
ئېلىچ فلوم (1900 - 1980)  ئېللىچ فلوم - گېرمانىيىلىك پەيلاسوپ، پىسخولوگىيە ئالىمى، يېڭى فىرويىدىزمنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ بىرى، گېرمانىيىنىڭ فرانكفۇرت شەھىرىدە تۇغۇلغان؛ 1922 - يىلى ھېيدېلبېرگ ئۇنىۋېرسىتېتىدا پەلسەپە پەنلىرى بويىچە دوكتۇرلۇققا ئېرىشكەن، روھىي ئانالىز تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان، 1934 - يىلى ئامېرىكىدا ئولتۇراقلىشىپ ئۇنىۋېرسىتېت ۋە تەتقىقات يۇرتلىرىدا دەرس ئۆتكەن؛ فرويىدنىڭ روھىي ئانالىز ئىلمىغا تەنقىدىي ئاساستا ۋارىسلىق قىلىپ، سوتسىئال پىسخولوگىيە ئېقىمىنى ياراتقان؛ فىرويىدنىڭ بىئولوگىيە دېتىرمىزم )بىئولوگىيە ھەل قىلغۇچ نەھەرىيىسى( نەزەرىيىسىنى ياقلىماي، روھىي ئانالىز ئىلمىنى جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە باغلاپ چۈشىنىشنى، شەخسنىڭ تەرەققىي قىلىپ يېتىلىشىنى مەدەنىيەت، ئىقتىساد، سىياسىي ئىشلار ۋە ئىجتىمائىي ئىدېئولوگىيە بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، جەمئىيەت تەرەققىياتى داۋامىدا سىناشنى تەشەببۇس قىلغان؛ ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن روھىي ئانالىز ۋە ئېتكا، ماركسنىڭ ئادەم ئۇقۇمى توغرىسىدا، ئەركىنلىكتىن قېچىش قاتارلىقلار بار. 1947 - يىل 1 - ئاينىڭ 15 - كۈنى    سىياسىي پارتىيە، بولۇپمۇ ئىلغار سىياسىي پارتىيە - گېزى كەلگەندە شۇنى ئېيتىپ قوياي، بۇنداق سىياسىي پارتىيە سىياسىي پارتىيە سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇشتىن قالدى - تېخىمۇ كۆپ مۇستەقىل كىشىلەرگە مۇھتاج. بىزنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىمىز سىياسىي جەھەتتىكى ئاكتىپ كىشىلەرنىڭ بولۇشىغا مۇھتاج. ئۇلار ئۆز قارىشىغا ئاساسەن، ئويلىغانلىرى بىلەن بىلگەنلىرىنى سۆزلەيدۇ. شەخسىي تۇرمۇش بىلەن ئاممىۋى تۇرمۇش بىر - بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ. فىرويىد ۋە نۇرغۇن ئانالىزچىلار بۇ ئىككىسى بىر - بىرىدىن ئايرىلىدۇ، بىز ئۆزىمىزنى پۈتۈنلەي بىلىمىز، لېكىن جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى بىلمەيمىز دەپ قارىشىدۇ. مېنىڭچە، ئۇلارنىڭ بۇ قارىشى خاتا. ئەمەلىيەت پۈتۈنلەي ئۇلارنىڭ قارىشىدەك ئەمەس. ھەقىقەتنى بۆلۈۋەتكىلى بولمايدۇ دېگەن داۋالى بىلەن ئۇلارنىڭ خاتالىقىنى ئىسپاتلاپ بەرگىلى بولىدۇ. بىز رېئاللىقنى بۇ يەردە چۈشەنمىسەك، ئۇ يەردىمۇ چۈشىنەلمەيمىز. بۇ بىزنىڭ پىكرىمىزنى ئاقسىتىپ، ھەقىقەتكە ئىنتىلىشىمىزنى نەتىجىسىز قىلىپ قويدى. بىز پەقەت باشقىلارغا توغرا قارىساق، كىشىلەرنى جەمئىيەت مۇھىتىدا پەرقلەندۈرسەك، مۇنداقچە ئېيتقاندا، بىزنى ئوراپ تۇرغان دۇنيادىكى بارلىق شەيئىلەرنى ئۆتكۈر تەنقىدىي نەزەر بىلەن كۆزەتسەكلا، بىز ئۆزىمىزنى توغرا بىلەلەيمىز. بۇ ياخشى كۆرۈشنىڭ بىزگە قويغان تەلىپى. ئەگەر بىز ئۆزىمىزگە ئوخشاش كىشىلەرنى ياخشى كۆرسەك، نەزىرىمىزنى ۋە مۇھەببىتىمىزنى ئايرىم كىشىلەر بىلەنلا چەكلەپ قويماسلىقىمىز كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن، بىز خاتالىشىشتىن ساقلىنالمايمىز. سىياسىي كىشىلەردىن بولۇشىمىززۆرۈردۇر. مەن ھەتتا قىزغىنلىق بىلەن شۇنداق دەيمەنكى، ئارىمىزدىكى ھەر بىر كىشى ئۆز خاراكتېرىگە يارىشا خىزمەت، تۇرمۇش ۋە ئىقتىدار قاتارلىق جەھەتلەردىن سىياسەتكە ئارىلاشقان بولىدۇ. مەن بۇ يەردە باشقا بىر مەسىلە توغرۇلۇقمۇ سۆزلىمەكچىمەن. زىيالىيلار ئالدى بىلەن، ھەم كېيىن، ھەم داۋاملىق ئىجرا قىلىدىغان ئاساسلىق بىر ۋەزىپىسى بار. ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى - ھەقىقەت ئۈستىدە ئىزدىنىش ھەم ئۇنى تەشۋىق قىلىش. سىياسىي پروگرامما بىلەن پارتىيە پروگراممىسىنى تۈزۈش ئۇلارنىڭ ئاساسلىق كەسپى ھەم ئاساسىي رولى ئەمەس. مېنىڭ گېپىم مەن بايا دېگەن سىياسىي پائالىيەت بىلەن زىددىيەتلىك ئەمەس. ھەقىقەت ئۈستىدە ئىزدىنىش، مادارا قىلماسلىق، ئۆزىنىڭ ھەم باشقا ھەر قانداق كىشىنىڭ مەنپەئىتىنى ئويلىماي، ھەقىقەت ئۈستىدە ئىزدىنىش - زىيالىيلارنىڭ ئالاھىدە ۋەزىپىسى. بۇ ۋەزىپە ئۇلارنىڭ رولىنى بەلگىلىگەن ياكى رولىنى بەلگىلىشى كېرەك. ناۋادا زىيالىيلار ئاللىقانداق بىرەر پارتىيە پروگراممىسى ۋە سىياسىي مەقسەتنى نىشان قىلسا - بۇلار مەيلى قانچىلىك تەرىپلەشكە ئەرزىسۇن - ئۇلارنىڭ ئىزدىنىش ۋە پۈتكۈل ھەقىقەتنى سۆزلەش رولى چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ. ئۇ ھالدا زىيالىيلار ئۆزلىرىنىڭ پەۋقۇلئاددە ۋەزىپىسىنى ئورۇندىيالمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئاخىرىدا ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسىنىمۇ ئورۇندىيالمايدۇ. چۈنكى مەن سىياسىي تەرەققىيات بىزنىڭ ھەقىقەتنى قانچىلىك بىلىشىمىزگە، باتۇرلۇق بىلەن ئوچۇق سۆزلىشىمىزگە ھەم باشقىلارغا قانچىلىك تەسىر قالدۇرۇشىمىزغا باغلىق، دەپ قارايمەن.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ئەڭ ئاخىرقى نۇتۇق
●  سىياسىي كىشىلەردىن...
●  ئاددىي بىر ئامېرىك...
●  ئامېرىكىنى زىيارەت...
●  تىنچلىق بىز كۆپچىل...
●  ۋاپاسىزلارچە ھۇجۇم
●  جىددىي ۋەزىيەت
●  ئادەم ئۈچۈن ياشاشل...
●  تەقدىر ۋە تارىخ
●  يازغۇچى ئۆزىنى مۇئ...
●  ۋەتەننىڭ غەلىبىسى
●  ئىلىم - پەن تەرەققى...
●  فرانسىيە ھالاك بول...
●  خەلق گېزىتى نىڭ نەش...
●  ئىلىم - پەننى قەدىر...
●  خەلق ئۈچۈن خىزمەت ق...
●  گېيوتېسبورگ دۆلەت ...
●  گۈزەللىك جەننەتتىن...
●  بىز ئۇرۇشقانسېرى ق...
●  تەقدىر ۋە تارىخ

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ئەڭ ئاخىرقى نۇتۇق
●  سىياسىي كىشىلەردىن بولۇ...
●  ئاددىي بىر ئامېرىكىلىقن...
●  ئامېرىكىنى زىيارەت قىلى...
●  تىنچلىق بىز كۆپچىلىككە ...
●  ۋاپاسىزلارچە ھۇجۇم
●  جىددىي ۋەزىيەت
●  ئادەم ئۈچۈن ياشاشلا كۇپ...
●  تەقدىر ۋە تارىخ
●  يازغۇچى ئۆزىنى مۇئەسسەس...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى