بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> نۇتۇقلار >> ئىلىم - پەن تەرەققىياتىدىكى توسالغۇ

ئىلىم - پەن تەرەققىياتىدىكى توسالغۇ

يوللانغان ۋاقتى : 2008-06-20 09:04:40    كۆرۈلۈش سانى : 33  
كصچصك | نورمال | چوڭ             
پوپ  (1902 - ) پوپ ئەنگلىيە ئىلىم - پەن پەيلاسوپى. تەبىئىي پەن ئىلمىي تەتقىقات ئۇسۇلى ۋە ئىلىم - پەن تەرەققىياتنىڭ ئىچكى تۈزۈلمىسى ھەققىدە چوڭقۇر تەتقىقات ئېلىپ بارغان. يېڭى زېنلاندىيە كېنتېربېرى ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە لوندۇن ئۇنىۋېرسىتېتىدا پەلسەپە پروفېسسورى بولغان. 1965 - يىلى سېرلىق مەنسىپىگە ئېرىشكەن. «لوگىكا ھەققىدە ئىزدىنىش»، «ئىلىم - پەن بايلىقىغا لوگىكا» قاتارلىق مەشھۇر ئەسەرلىرى بار. پوپ «ئىلىم - پەن تەرەققىياتىدىكى توسالغۇ» ناملىق نۇتۇقنى 1975 - يىلى سپېنسېرنى خاتىرىلەش يىغىنىدا سۆزلىگەن. 1975 - يىل    بىئولوگىيە ياكى تەدرىجىي تەرەققىيات نۇقتىئىينەزەرى بىلەن قارىغاندا، ئىلىم - پەن ۋە ئىلىم - پەننىڭ تەرەققىياتىنى ئىنسانلارنىڭ مۇھىتقا ماسلىشىشتا قوللىنىدىغان ۋاسىتىسى دېيىشكە بولىدۇ. ئىلىم - پەننىڭ كەشپىياتى ھەمىشە ئىنقىلابىي، ئىجادچانلىققا ئىگە بولىدۇ. دەرۋەقە، ئېرسىيەت سۈپىتىمۇ مۇئەييەن ئىجادچانلىققا ئىگە. يېڭى ئىزدىنىش يېڭى مۇھىتنى يارىتىدۇ، يېڭى مۇھىتنىڭ بېسىمىنى ھاسىل قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەر قايسى سەۋىيىگە ئىنقىلابىي ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدۇ. پەقەت پەننىي سەۋىيىدىلا تۆۋەندىكى ئىككى يېڭى ئەھۋال يۈز بېرىدۇ. ئەڭ مۇھىمى ئىلمىي نەزەرىيىنى تىل ئارقىلىق ئىپادىلىگىلى ھەتتا ئېلان قىلغىلى بولىدۇ. نەزەرىيە بىزنىڭ ئېڭىمىزدىن سىرتقى ئوبيېكتىپ شەيئى، تەتقىقات ئوبيېكتى بولىدۇ. ھازىر تەنقىد قىلىشنىڭ ئوبيېكتى بولۇپ قالدى. بۇنداقتا، بىز تەدبىقلىغان نەزەرىيە بىزنى ھاياتلىققا تېخىمۇ ئوبدان ماسلاشتۇرالمىسا، ئۇنداق نەزەرىيىنى چۆرۈۋەتكەن تۈزۈك، نەزەرىيىنى تەنقىد قىلىش ئارقىلىق ھالاكىتىمىز ئورنىغا دەسسىتەلەيمىز. مەسىلە ناھايىتى ئېنىقكى، ئىلىم - پەن تەرەققىياتىنىڭ ئوبيېكتىپلىقى بىلەن مۇۋاپىقلىقىنى ئالىملارنىڭ شەخسىي ئىشى دېگىلى بولمايدۇ. ئۇلۇغ ئىلىم - پەن ۋە كاتتا ئالىملار خۇددى كاتتا شائىرلارغا ئوخشاش، دائىم غەيرى ئىدراك سەزگۈسىنىڭ ئىلھامىغا ئۇچرايدۇ. كاتتا ماتېماتىكا ئالىملىرىمۇ شۇنداق بولىدۇ. پېنگىللى ۋە خاردومنتلار مۇنداق دەپ كۆرسىتىدۇ: بىر ماتېماتىكىلىق ئىسپات ئەقلىي تەپەككۈرنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن ئەمەس، ئېھتىمال بىرخىل ئىستىتىكىلىق زوقنىڭ ئىلھامى بىلەن بايقىلىشى مۇمكىن. مېنىڭچە ئىلىم - پەن تەرەققىياتىغا ئەڭ چوڭ توسالغۇ جەمئىيەتتىكى ئىقتىسادىي ۋە ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىن كېلىدۇ. ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، كۆپ ھاللاردا نامراتلىق بىر تۈرلۈك توسالغۇ بولىدۇ. ئەمما، يېقىنقى يىللاردىن بايلىقنىڭمۇ بىرخىل توسالغۇ بولىدىغانلىقى، پۇل كۆپ بولۇپ كەتسە، تەپەككۈر ئازىيىپ كېتىدىغانلىقى بارغانسېرى ئېنىق بولماقتا. بۇنداق ئوڭۇشسىز شارائىتتا تەرەققىياتلار بولغىنى بىلەن، ئەمما پەننىي روھ زاۋاللىققا يۈزلىنىدۇ. «كاتتا ئىلىم» بۈيۈك ئىلىم - پەننى ۋەيران قىلىشى مۇمكىن، ژۇرناللارنىڭ جىددىي كۆپىيىشى تەپەككۈرنى ئۇجۇقتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن: قىممەتلىك ئىديىنى مۇشۇ كەلكۈن بېسىپ كېتىشى مۇمكىن. ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە كىشىلەر كۆپ يولۇقتۇرىدىغان توسالغۇ - ئىدېئولوگىيە ياكى دىنىي ئېتىقادنىڭ بىر تەرەپلىمىلىك، ئادەتتە قارىسىغا ھۆكۈم قىلىش ۋە تەسەۋۋۇرنىڭ كەم بولۇشىدىن ئىبارەت. بۇ ھەقتە تارىخىي مىساللار ناھايىتى كۆپ. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى: بېسىممۇ تەرەققىياتلارنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. برۇنونىڭ قەستلەپ ئۆلتۈرۈلۈشى ۋە گاللىنىڭ سوتتا سوراق قىلىنىشى تۈپەيلى، ئۇلارنىڭ ئىلىم - پەنگە قوشقان تۆھپىسى تېگى تەكتىدىن ئېيتقاندا دىنىي سوتنىڭ پەن تەرەققىياتىغا قارشى چىققىنىدىنمۇ زور بولغانىدى. يېڭى ئىدىيىلەرنىڭ سەل قارالغانلىقى توغرىسىدىكى مىساللار ناھايىتى كۆپ. ئالايلۇق، دارۋىننىڭ دەسلەپكى تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسى، موندال تەلىماتى دەسلەپتە شۇندق ئېتىبارسىز قالدۇرۇلغان. بۇ جەھەتتە تەرەققىياتنى توسىدىغان ناھايىتى كۆپ توسالغۇلارنى ئۇچرىتىشقا بولىدۇ. يامۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر مىسالنى كەلتۈرگەنىدى: يەنى، 1913- يىلى ئېينىشتىيىننىڭ فوتون نەزەرىيىسى ئىنكار قىلىنغان. بۇ نەزەرىيە باشتا 1905 - ئېلان قىلىنغان، 1921 - يىلى ئېينىشتىيىن مۇشۇ تۆھپىسى بىلەن نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئېينىشتىيىننى پروسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىگە تونۇشتۇرۇلغان دوكلاتتىمۇ فوتون نەزەرىيىسى ئىنكار قىلىنغان بىر ئابزاس سۆز كىرگۈزۈلگەن. بۇ ھۆججەتكە ماركس پرونك، ۋاسلى نايرىنىست ۋە باشقا ئىككى ئاتاقلىق فىزىكا ئالىمى بىرلىكتە ئىمزا قويغان. ئىلتىماستا ئېينىشتىيىن تولۇق ماختالغان، لېكىن ئۇنىڭ سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەنلىكى ۋەجىدىن (ئېھتىمال ئۇلار فوتون نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنىمۇ بىر قېتىملىق سەۋەنلىك دەپ قارىغان بولسا كېرەك) ئۇنىڭغا قارشى تۇرماسلىق تەلەپ قىلىنغان. شۇنچە ئىشەنچلىك پوزىتسىيە شۇ يىلى مىللىكان ئېلىپ بارغان بىر قېتىملىق تەجرىبە ئارقىلىق قاتتىق باھالاشنى باشتىن كەچۈرگەن. بۇ ئىشلار ھەقىقەتەن كىشىنىڭ كۈلگىسىنى كەلتۈرىدۇ؛ لېكىن بىز ئۇنى ئىلىم - پەن تارىخىدا ئىنتايىن مۇھىم قىستۇرما مۇزىكا دەپ قارىشىمىز كېرەك. ئەڭ قالتىس مۇتەخەسسىسلەرمۇ بەزىدە بەكمۇ ئەركىن پىكىر بىلەن قارىغۇلارچە ئىنكار قىلىشى مۇمكىن. ئۇلار ئۆزلىرى ئويلىغان نەرسىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى يوشۇرۇشنى چۈشىدىمۇ ئويلاپ كۆرمىگەندۇ. ئېينىشتىيىننىڭ «سەۋەنلىكى» توغرىسىدىكى ئەپسۇسلىنىشلار ھەقىقەتەن قىزىقارلىق، كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ. ئىلتىماستا مۇنداق يېزىلغان: «ئۇ بەزىدە بەك غەلىتە ئويلارد بولغان، ئۇنىڭ فوتون ھەققىدىكى پەرىزىنى ئالايلۇق، ئۇنىڭغا بەكمۇ مۇھىم نەرسە، دەپ ئېسىلىۋالماسلىقى كېرەك ئىدى. يېڭى ھەقىقىي پىكىرنى قوبۇل قىلماقچى، يانى ئۇنى ئەڭ نېگىزلىك تەبىئىي پەن ئىچىگە سىڭدۈرمەكچى بولغاندا، ھېچكىممۇ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلمايمەن دېيەلمەيدۇ» ئىلتىماستا ناھايىتى چىرايلىق گەپلەر يېزىلغان بولسىمۇ، ئەينەن ئەھۋال ئەكس ئەتتۈرۈلمىگەن. ئادەم ھامان خەتەرگە قاراپ تەۋەككۈل قىلىپ خاتالىشىدۇ، ئەمما يەنە ئۇقۇشماسلىققا دۇچ كېلىش ياكى خاتا ھۆكۈم قىلىشتىن ئىبارەت ئانچە مۇھىم بولمىغان خەتەرگە يولۇقىدۇ. ئۆكتەملىك بىلەن قارىسىغا ھۆكۈم قىلىش تەرەققىياتنى توسىدىغان چوڭ توسالغۇ. بىز مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق باشقا نەزەرىيىنىڭ مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇشىغا يول قويۇپلا قالماستىن، بەلكى پىلانلىق ھالدا يېڭى نەزەرىيىنى تېپىشىمىز كېرەك؛ ھۆكۈمران نەزەرىيە قاچانغىچە ھەممىنى ھەددىدىن تاشقىرى چەتكە قاقسا بىز شۇ چاغقىچە ئەنسىزلىك ھېس قىلىشمىز كېرەك. ئەگەر بۇ نەزەرىيە ئۆزى يالغۇز مونوپول قىلىۋېلىش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتسە، ئىلىم - پەننىڭ تەرەققىياتىغا بولغان زىيان - زەخمەت تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ. يەنە بىر زور خەۋپ بار، ئۇ بولسىمۇ، بىر خىل نەزەرىيە ھەتتا بىر خىل ئىلمىي نەزەرىيەمۇ بىر خىل مودا پىكىرگە، بىرخىل دىننىڭ قۇربانىغا، بىر خىل قاتمال ئىدېئولوگىيىگە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. مانا بۇ مەن سۆزلىمەكچى بولغان ئىككىنچى قىسىمنىڭ مەركىزى. ئىلىم - پەن ئىنقىلابىي بىلەن ئىدېئولوگىيە ئىنقىلابىنىڭ پەرقى مەسىلىسى. زىيالىلار (ئالىملارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئىدېئولوگىيە ياكى مودا ئىدىيىنىڭ پاتقىقىغا پېتىپ قالغان دەۋردە، مېنىڭچە بۇ ئىنتايىن جىددىي مەسىلە. بۇ ئېھتىمال دىننىڭ تامامەن زاۋاللىققا يۈز تۇتقانلىقى، تەرتىپسىز جەمئىيىتىمىزنىڭ ئاڭسىز دىنىي ئېھتىياجى قاندۇرۇلمىغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق بولسا كېرەك. تۈرلۈك ھوقۇق مەستانىلىرىدىن باشقا، ھاياتىمىزدا كۆپلىگەن يۇقىرى مەدەنىيەت تەربىيىسىگە ئىگە ئاشكارا بايانات ئېلان قىلغان دىنىي تۈس ئالمىغان ھەرىكەتلەرنى كۆردۈم. بىرىنچى قىلىپ كوپىرنىك ئىنقىلابىي بىلەن دارۋىن ئىنقىلابىنى مىسال قىلىپ ئۆتىمەن. بۇ ئىككى ئىلىم - پەن ئىنقىلابىي ئىدېئولوگىيە ئىنقىلابىنى قوزغىغانىدى. بۇ ئىككى ئىنقىلاب ئىنسانلارنىڭ ئۆزى ياشاپ تۇرغان دۇنيادىكى ئورنىغا بولغان تونۇشىدا ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى، مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا بۇ ئىدېئولوگىيە جەھەتتىكى ئىنقىلابتۇر. ئۇلارنىڭ ھەر بىرى بىر خىل ھۆكۈمران ئىلمىي نەزەرىيەنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغانلىقى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، روشەنكى ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئىلىم - پەن ئىنقىلابىدۇر. كوپىرنىك ئىنقىلابىي بىلەن دارۋىن نەزەرىيىسىنىڭ ئىدېئولوگىيەگە شۇنچە كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەنلىكى، ئۇلارنىڭ دىنىي ئەقىدىلەر بىلەن توقۇنۇشقانلىقىدىن بولغان. ئۇنىڭ ئىدىيە تارىخى ئۈچۈن ئەھمىيىتى زور، شۇنىڭدەك ئىلىم - پەن تارىخىغا بېرىپ تاقىلىدۇ. لېكىن كوپىرنىك بىلەن دارۋىننىڭ دىن بىلەن توقۇنۇشقانلىقىدىن ئىبارەت ئىجتىمائىي تارىخىي ئەمەلىيەتنىڭ بۇ ئىلمىي نەزەرىيىنىڭ ئەقلىي قىممىتى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق. لوگىكا جەھەتتىن ئېيتقاندا بۇ ئۇ نەزەرىيە قوزغىغان ئىلىم - پەن ئىنقىلابىي بىلەن قىلچە مۇناسىۋەتسىز. شۇڭا ئىلىم - پەن ئىنقىلابىي بىلەن ئىدېئولوگىيە ئىنقىلابىنىڭ پەرقىنى ئايرىش ناھايىتى مۇھىم. بەزى زور ئىلىم - پەن ئىنقىلابىي ھېچقانداق ئىدېئولوگىيە ئىنقىلابىنى قوزغىمىغانلىقىنى مىسال بىلەن چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمەن. فارادې بىلەن ماكسۋېلنىڭ ئىنقىلابىي ئىلىم - پەن جەھەتتىن ئېيتقاندا، كوپىرنىك ئىنقىلابىغا ئوخشاش ئۇلۇغ، بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ ئۇلۇغ بولۇشى مۇمكىن، ئۇ نيۇتوننىڭ مەركىزىي ئەقىدىسىنى ئۆزگەرتكەن، بىر دەۋر فىزىكا ئالىملىرىغا ئىلھام بەرگەن بولسىمۇ، بىراق ئىدېئولوگىيە ئىنقىلابىنى قوزغىمىدى. تومسوننىڭ ئېلېكتروننى (ۋە ئۇنىڭ نەزەرىيىسىنى) بايقىشىمۇ چوڭ بىر ئىنقىلاب ئىدى. ئۇنىڭ قەدىمكى ئاتومنى بۆلۈش نەزەرىيىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغانلىقى بىرخىل ئىنقىلاب بولۇپ، ئۇمۇ كوپىرنىكنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىدىن قېلىشمايتتى. تومسون بۇ كەشپىياتنى ئېلان قىلغاندا، نۇرغۇن فىزىكا ئالىملىرى ئۇنى چاقچاق قىلىۋاتسا كېرەك، دەپ ئويلىغان. بۇ مۇۋەپپەقىيەت 2400 يىلدىن بېرى ھۆكۈمرانلىق ئورۇننى تالىشىپ كەلگەن بىر - بىرىگە قارشى ماددىي نەزەرىيە، يەنى ئاتومنى بۆلگىلى بولمايدۇ، نەزەرىيىسى بىلەن ماددىنىڭ بىر - بىرىگە باغلىقلىق نەزەرىيىسىنى بىراقلا ئاغدۇرۇپ تاشلىدى. بۇنداق بۆسۈپ ئۆتۈشنىڭ ئىنقىلابىي ئەھمىيىتىنى مۆلچەرلەش مەسىلىسىگە كەلسەك، سىز شۇنى ئېسىڭىزدە تۇتۇڭكى، ئۇ بۇ قۇرۇلما ۋە ئېلېكتروننى ئاتوم تەركىبىگە كىرگۈزدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ماددىلار تەركىبىگە كىرگۈزۈلدى. مۇشۇلار يېتىپ ئاشىدۇ. كېيىن، 1925 - يىلى، 1926 - يىلىغا كەلگەندە خېيسىنبورك، دىبوروي، سىرودنىگىر ۋە دىراكنىڭ كۋانت مېخانىكىسى ئاساسەن تومسوننىڭ ئېلېكترون نەزەرىيىسىنىڭ كۋانتلاشتۇرۇلۇشى بولدى. تومسوننىڭ ئىلىم - پەن ئىنقىلابىي بىر خىل يېڭى ئىدېئولوگىيىنى پەيدا قىلمىدى، بىر مەيدان ئىدېئولوگىيە ئىنقىلابىنىمۇ قوزغىمىدى. يەن نۇرغۇنلىغان زور ئىلىم - پەن ئىنقىلابىي موندال ئىنقىلابىدەك ئىدېئولوگىيە ئىنقىلابىنى قوزغىمىدى. ئۇنىڭدىن باشقا رېنتىگىن نۇرى، رادىئوئاكتىپ ئىزوتوپنىڭ بايقىلىشى، ئۇلتىرا ئۆتكۈزگۈچنى بايقىلىشى ھېچقانداق مۇناسىپ ئىدېئولوگىيە ئىنقىلابىنى قوزغىمىدى، كرىك ۋە فوسىنىڭ ئىنقىلابىي بايقاشلىرىنىڭمۇ ھېچقانداق ئىدېئولوگىيە ئىنقىلابىنى قوزغىغانلىقىنى كۆرمىدىم. بۇ يەردە ئەڭ ئەھمىيەتلىكى يەنىلا ئېينىشتىيىن ئىنقىلابى. مەن بۇ يەردە ئېينىشتىيىننىڭ ئىلىم - پەن ئىنقىلابىنى كۆزدە تۇتۇۋاتىمەن، ئۇنىڭ زىيالىيلار ئارىسىدا ئىدېئولوگىيە جەھەتكە كۆرسەتكەن تەسىرى كوپىرنىك ياكى داۋرىن ئىنقىلابىدىن قېلىشمايدۇ. ئېينىشتىيىننىڭ فىزىكا ساھەسىدىكى ئىنقىلابىي بايقىشىنىڭ بىرى بولغان تار مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزەرىيىسى نيۇتوننىڭ مېخانىكا ئىلمىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى، لوراننىڭ ئۆگەرمەس خۇسۇسىيەت قارىشىنى گالىلىنىڭ ئۆزگەرمەس خۇسۇسىيىتى قارىشىنىڭ ئورنىغا دەسسەتتى. بۇ قېتىمقى ئىنقىلاب بىزنىڭ ئەقىلغا مۇۋاپىق ئۆلچىمىمىزنى تولۇقلاپ بېرىدۇ: كونا نەزەرىيە نۇر تېزلىكىدىن تۆۋەن بولغان ئەھۋالدا توغرا قاراشقا يېقىنلىشىدۇ. ئىلىم - پەن ئىنقىلابىي قانچە ئۈزۈل - كېسىل بولسۇن، ھەممىسى ئۆتكەنلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ساقلاپ قالغان. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەسىلىلەردىن پۈتۈنلەي ئادا - جۇدا بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىلىم - پەن ئىنقىلابىي ئەقلىيلىققا ئىگە دەيمىز. مەن بۇ يەردە ئىنقىلاب قىلغان ئۇلۇغ ئالىملارنىڭ ھەممىسى تامامەن ئەقلىيلىققا ئىگە ئادەملەردىن بولۇشى كېرەك دېمەكچى ئەمەس. ئۇنىڭ ئەكسىچە، مەن ئىلىم - پەن ئىنقىلابىنىڭ مۇۋاپىقلىقىنى ئىسپاتلىماقچى بولساممۇ، شۇنى ئويلايمەنكى، ئەگەر ھەقىقىي ئالىم «دەل جايىدا» تەرىقىسىدىكى «ئوبيېكتىپ ۋە ئەقلىيلىققا ئىگە ئادەملەر» دىن بولسا، ئۇ ھالدا بىز ئىلىم - پەن ئىنقىلابىنىڭ يولىنى يىڭنە سانچىسىمۇ ئۆتمەيدىغان توسالغۇ توسىۋالغانلىقىنى كۆرىمىز.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ئەڭ ئاخىرقى نۇتۇق
●  سىياسىي كىشىلەردىن...
●  ئاددىي بىر ئامېرىك...
●  ئامېرىكىنى زىيارەت...
●  تىنچلىق بىز كۆپچىل...
●  ۋاپاسىزلارچە ھۇجۇم
●  جىددىي ۋەزىيەت
●  ئادەم ئۈچۈن ياشاشل...
●  تەقدىر ۋە تارىخ
●  يازغۇچى ئۆزىنى مۇئ...
●  ۋەتەننىڭ غەلىبىسى
●  ئىلىم - پەن تەرەققى...
●  فرانسىيە ھالاك بول...
●  خەلق گېزىتى نىڭ نەش...
●  ئىلىم - پەننى قەدىر...
●  خەلق ئۈچۈن خىزمەت ق...
●  گېيوتېسبورگ دۆلەت ...
●  گۈزەللىك جەننەتتىن...
●  بىز ئۇرۇشقانسېرى ق...
●  تەقدىر ۋە تارىخ

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ئەڭ ئاخىرقى نۇتۇق
●  سىياسىي كىشىلەردىن بولۇ...
●  ئاددىي بىر ئامېرىكىلىقن...
●  ئامېرىكىنى زىيارەت قىلى...
●  تىنچلىق بىز كۆپچىلىككە ...
●  ۋاپاسىزلارچە ھۇجۇم
●  جىددىي ۋەزىيەت
●  ئادەم ئۈچۈن ياشاشلا كۇپ...
●  تەقدىر ۋە تارىخ
●  يازغۇچى ئۆزىنى مۇئەسسەس...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى