بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> نۇتۇقلار >> تىنچلىق بىز كۆپچىلىككە مەنسۇپ

تىنچلىق بىز كۆپچىلىككە مەنسۇپ

يوللانغان ۋاقتى : 2008-06-24 16:46:01    كۆرۈلۈش سانى : 146  
كصچصك | نورمال | چوڭ             
مۇھەممەد ئەنۋەر سادات  (1918 - 1981)   مۇھەممەت ئەنۋەر سادات مىسىرنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى. نىل دەرياسىنىڭ قويۇلۇش ئېغىزىغا جايلاشقان مىنۇفىيە ئۆلكىسىنىڭ مېيىت ئابۇقۇم كەنتىدە دۇنياغا كەلگەن. 1936 - يىلىدىن 1938- يىلىغىچە مىسىر ھەربىي ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان، كېيىن قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئالاقىچى قىسمىدا ئوفىتسېر بولغان. ئەنگلىيە ئىشغالىيەتچىلىرىگە قارشى چىققانلىقى ئۈچۈن، 1942 - يىلى قولغا ئېلىنىپ، ھەربىيلىكتىن چىقىرىۋېتىلگەن. 1944 - يىلى 11 - ئايدا تۈرمىدىن قېچىپ چىقىپ، مەخپىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. كېيىن يەنە قولغا ئېلىنىپ، 1949 - يىلى قويۇپ بېرىلگەن. 1950 - يىلى قايتىدىن ھەربىي سەپكە كىرىپ، ئىككىنچى يىلى پودپولكوۋنىكلىققا ئۆستۈرۈلگەن. سابىق زۇڭتۇڭ جامال ئابدۇللا ناسىر رەھبەرلىك قىلغان ئەركىن ئوفىتسېرلار تەشكىلاتىنىڭ يادرو ئەزاسى بولغان. 1954 - يىلىدىن 1956 - يىلىغىچە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولغان. 1957 - يىلى پارلامېنتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ سايلانغان. 1958 - يىلىدىن 1960 - يىلىغىچە مىسىر ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، خەلقئارا ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى بولغان. 1960 - يىلىدىن 1962 - يىلىغىچە پارلامېنت باشلىقى بولغان. 1964 - يىلىدىن 1966 - يىلىغىچە مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ بولغان. 1969 - يىلىدىن 1970- يىلىغىچە يەنە مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ بولغان. 1970 - يىلىدىن تارتىپ زۇڭتۇڭ بولغان. 1972 - يىلىدىن ئېتىبارەن قوشۇمچە قوراللىق قىسىمنىڭ ئەڭ ئالىي قوماندانى بولغان، 1973 - يىلىدىن 1974 - يىلىغىچە قوشۇمچە زۇڭلىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. زۇڭتۇڭ بولغان مەزگىلىدە، 1973 - يىلى 10 - ئايدا ئىسرائىلىيە بېسىۋالغان جايلارنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن ئۆزىنى قوغداپ قايتۇرما زەربە بېرىش ئۇرۇشىنى قوزغىغان. 1974 - يىلى ئامېرىكا بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. 1974 - يىلىدىن 1975 - يىلىغىچە ئامېرىكىنىڭ تۈرتكىسى ئاستىدا ئىسرائىلىيە بىلەن ئىككى تۈرلۈك كېلىشىم تۈزگەن. 1977 - يىلى 11 - ئايدا ئېروسالىمغا بېرىپ، ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى بىلەن كۆرۈشكەن، بۇنىڭ بىلەن مىسىر ۋە ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى بىۋاسىتە سۆزلىشىش يولىنى ئاچقان. 1978 - يىلى ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى بېكىن بىلەن بىرگە نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 1981 - يىلى 10 - ئايدا سۈيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن. سادات «تىنچلىق بىز كۆپچىلىككە مەنسۇپ» ناملىق بۇ نۇتۇقنى 1977 - يىلى 11 - ئايدا ئىسرائىلىيە پارلامېنتىدا سۆزلىگەن. 1977 - يىلى 11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى        زۇڭتۇڭ ئەپەندى، خانىملار، ئەپەندىلەر: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! (ياخشىمۇ سىلەر) ئاللاتائالا سىلەرنى ئۆز پاناھىغا ئالغاي. ئاللاتائالانىڭ ئىلتىپاتى بىلەن، تىنچلىق بىز كۆپچىلىككە مەنسۇپ بولغاي. تىنچلىق كۆپچىلىككە مەنسۇپ، تىنچلىق ئەرەب زېمىنىدىكى، ئىسرائىلىيە زېمىنىدىكى قانلىق ئېلىشىش، ئۆتكۈر زىددىيەت بىلەن باغلىنىپ قالغان، ھە دېگەندىلا قانلىق ئۇرۇش تەھدىتىگە ئۇچراۋاتقان بۇ بىپايان دۇنيانىڭ ھەر بىر جايىدىكى پۈتكۈل ئىنسانغا مەنسۇپ. ئىنسانلار ئۇرۇش قوزغاپ، ئاخىر ئۆزلىرىنىڭ قان قېرىنداشلىرىنى يەنى ئىنسانلارنى يوقىتىدۇ. ئىنسانلار تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان بارلىق خارابىلاردا، ئۇرۇشتا قۇربان بولغانلارنىڭ جەسەتلىرى ئارىسىدا ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى ۋە ھۆكۈمرانلىق قىلىنغۇچى - ئاللا تائالا ياراتقان ئەڭ ئالىي مەخلۇقات - ئىنساندۇر. ئىنسانلار تىنچلىقنىڭ پېشىۋاسى گەندى ئېيتقاندەك: باياشات ياشاش ۋە ئاللاتائالاغا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلايدۇ. بۈگۈن مەن كۆپچىلىك يەنى يەر شارىد ئاللا تائالانىڭ زېمىنىدا ياشاۋاتقان بارلىق مۇسۇلمانلار، خرىستىئانلار، يەھۇدىلار بىرلىكتە تىنچلىق ئۈچۈن بىر خىل يېڭى تۇرمۇشنى يارىتىشنى كۆزلەپ، مەزمۇت دەسسەپ بۇ يەرگە كەلدىم. بىز ئاللا تائالادىن ئۆزگە ھېچقانداق نەرسىگە ئېتىقاد قىلمايمىز. ئاللا تائالا بىزگە دوستلۇق، ئىشەنچ، پاكلىق ۋە تىنچلىقنى ۋەھى قىلدى. مىسىر خەلق پارلامېنتىدا سۈرىيە دۇنياسىغا قارارىمنى ئېلان قىلغان چېغىمدا، ھەيرانلىق ۋە ئالاقزادىلىك ئىچىدە بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغانلاردىن كەچۈرۈم سورايمەن. مېنىڭ بۇ ئاجايىپ تاساددىپىي ھەرىكىتىم بەزى كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە دۇنيا جامائەتچىلىكى ئالدىدا گويا بىر خىل ھىيلە - مىكىردەك بىلگەن كىشىلەر ئارىسىدا ھەرخىل سۆز - چۆچەككە سەۋەب بولغان. يەنە بىر قىسىم كىشىلەر ئۇنى بىر قېتىم يېڭى ئۇرۇش باشلاشنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغان سىياسىي ئىستراتېگىيە، دېيىشكەنىدى. مەن سىلەردىن ھېچ نەرسىنى يوشۇرمايمەن. جۇمھۇرىيەت زۇڭتۇڭى ئىشخانىسىدىكى بىر ياردەمچىم تۈن نىسپىدە مەن پارلامېنت بىناسىدىن ئۆيگەن قايتقىنىمدا ناھايىتى تەئەججۈپلەنگەن ھالدا مەندىن: زۇڭتۇڭ ئەپەندى، ئىسرائىلىيە ئۆزلىرىگە راستىنلا تەكلىپنامە ئەۋەتسە قانداق قىلىلا؟ دەپ سورىدى. مەن ناھايىتى تەمكىنلىك بىلەن: مەن بۇ تەكلىپنى دەرھال قوبۇل قىلىمەن، دېدىم. مەن دۇنيانىڭ ھەممە يېرىگە بارىدىغانلىقىمنى، ئىسرائىلىيىگە بېرىپ، ئىسرائىلىيە خەلقىگە ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېيتماقچى ئىكەنلىكىمنى ئاشكارا ئېلان قىلدىم. مەن قارارىمدىن ھەيرانلىق ھېس قىلغان، قارارنى ئېلان قىلىشتىكى ھەقىقىي مەقسىتىمدىن گۇمانلانغان كىشىلەردىن ئەپۇ سورايمەن. ھېچكىممۇ ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى ۋە تېنچلىق مەسىلىلىرى ھەققىدىكى ئەڭ ئېغىر يۈك، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان ئەڭ چوڭ ئەرەب مەملىكىتىنىڭ زۇڭتۇڭى ئۆزلىرى بىلەن دۈشمەنلەشكەن دۆلەتكە بېرىش قارارىنى چىقىرىدۇ، دەپ ئويلاپ باقمىغان. بىز ھازىرمۇ ئۇرۇش ھالىتىدە تۇرۇۋاتىمىز، بىز ھازىرمۇ 30 يىل داۋامىدا تۆت قېتىم يۈز بەرگەن رەھىمسىز ئۇرۇشنىڭ دەردىنى تارتىۋاتىمىز. 1973 - يىلىدىكى «ئۆكتەبر ئۇرۇشى» دا قۇربان بولغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى يەنىلا ئېرىدىن، ئوغلانلىرىدىن، ئاكا - ئۇكىلىرىدىن ئايرىلغان بىچارە ھالەتتە ياشاۋاتىدۇ. مەن بۇ قېتىمقى قارارىم ھەققىدە ئىلگىرى قارار جاكارلىغان چاغلىرىمدەك ھەرقانداق بىر قوشنا ئەرەب مەملىكەتلىرى ياكى ئالدىنقى سەپتە ئۇرۇش قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى بىلەن مەسلىھەتلەشمىدىم. ئۇلار ئارىسىدىكى بەزى كىشىلەر قارارىم ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن مەن بىلەن ئالاقىلىشىپ ئېتىراز بىلدۈردى. چۈنكى ئەرەب ئەللىرى بىلەن، پەلەستىن خەلقى بىر تەرەپ، ئىسرائىلىيە بىر تەرەپ بولغان شارائىتتا، كىشىلەردە پۈتۈنلەي گۇمانلىنىش ياكى ئىشەنمەسلىك ھېسسىياتىنىڭ پەيدا بولۇشى تەبىئىي ئىدى. تولىمۇ ئۇزۇن بىر قانچە ئاي ئىچىدە تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولاتتى. ئەمما، جەنۋەدە ئېچىلىدىغان يىغىننىڭ كۈنتەرتىپى ھەققىدىكى ئەھمىيەتسىز تالاش - تارتىش ۋە مۇزاكىرىلەر ۋاقىتنى بىكاردىن - بىكار ئىسراپ قىلىۋەتتى. بۇلار پۈتۈنلەي گۇمانلىنىش، پۈتۈنلەي ئىشەنمەسلىكنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئەمما، مەن سىلەرگە ئىنتايىن سەمىمىيلىك ۋە ئاقكۆڭۈللۈك بىلەن شۇنى ئېيتىمەنكى، بۇ قارارنى ئۇزاق ئويلىنىپ ئاندىن چىقاردىم. بۇنىڭ ئەڭ زور تەۋەككۈلچىلىك ئىكەنلىكى كۆڭلۈمگە ئايان. ئەگەر ئاللاتائالا ماڭا مىسىر خەلقى ئالدىدا جاۋابكار بولۇشنى، ئەرەب خەلقى، ئىسرائىلىيە خەلقىنىڭ تەقدىرىگە جاۋابكار بولۇشنى تاپشۇرغانىكەن، ئۇ ھالدا بۇ جاۋابكارلىقنىڭ تۇنجى ۋەزىپىسى - بارلىق چارە، ئاماللاردىن پايدىلىنىپ، ئەرەب مىسىر خەلقى ۋە بارلىق ئەرەب خەلقىنى يەنە بىر قېتىملىق ۋەيران قىلىش خاراكتېرىدىكى، كۆلىمىنى پەقەت ئاللاتائالا ئۆزى بىلىدىغان ئۇرۇش ئاپىتىدىن ئامان - ئېسەن ساقلاش بولۇشى كېرەك. مەن ئۇزاق ئويلانغاندىن كېيىن، ئاللاتائالا ئالدىدا، خەلق ئالدىدا جاۋابكار بولۇش مەسئۇلىيىتىم ۋە ساداقەتمەنلىكىم مېنى دۇنيانىڭ ھەممە يېرىگە، بەلكى ئېرۇسالىمغا بېرىپ، ئىسرائىلىيە خەلق ۋەكىللىرىگە، پارلامېنت ئەزالىرىغا نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ئويلىغانلىرىمنى سۆزلەپ، سىلەرنىڭ قارار چىقىرىشىڭلارنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئۈندىدى. ئاخىردا، ئاللاتائالا ئۆزى بىزنىڭ ئىشلىرىمىزنى ئورۇنلاشتۇردى. خانىملار، ئەپەندىلەر. ھەر بىر مىللەت ۋە خەلق ئۆز ھاياتىدا مۇشۇنداق پەيتلەرگە دۇچ كېلىدۇ، بۇنداق چاغدا بارلىق ئەقىل ئىگىسى ۋە يىراقنى كۆرەر كىشىلەر ئۆتكەنكى مۇرەككەپ ئەھۋال ۋە قالدۇق مەسىلىلەرگە ھەر ۋاقىت ئەھمىيەت بېرىپ، باتۇرانە ھالدا يېڭى مەنزىلگە قاراپ قەدەم تاشلىشى كېرەك. بىزگە ئوخشاش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان كىشىلەر ئالدى بىلەن ۋەزىيەتنىڭ ئاساسىي ئېقىمىغا ماس كېلىدىغان زور قارارلارنى چىقىرىشقا جۈرئەت قىلىشى كېرەك. بىز ھەممەيلەن ئېگىزدە تۇرۇپ يىراقنى كۆرۈشىمىز، ھەرخىل شەكىلدىكى بىر تەرەپلىمە قاراشلاردىن خاتا پسىخىك تۇيغۇدىن ۋە چىرىكلەشكەن مودا نەزەرىيىلەردىن خالىي بولۇشىمىز كېرەك، ئەڭ مۇھىمى ئازماسلىق پەقەتلا ئاللاتائالاغا خاس ئىكەنلىكىنى مەڭگۈ ئۇنتۇماسلىقىمىز لازىم. ئەگەر مەن پۈتكۈل ئەرەب خەلقىنى كىشىنى ئازابقا گىرىپار قىلىدىغان يېڭى ئۇرۇش ئاپىتىدىن قۇتۇلدۇرىمەن دەيدىغان بولسام، ئۇ ھالدا ساداقەتمەنلىك بىلەن سىلەرگە شۇنى جاكارلايمەنكى، دۇنيادىكى ھەر بىر ئادەمگە شۇنداق ھېسسياتتا بولىمەن، ئۇلارنىڭ ئالدىدا شۇنداق جاۋابكار بولىمەن، ئەلۋەتتە، ئىسرائىلىيە خەلقى ئالدىدىمۇ شۇنداق جاۋابكار بولىمەن. ئىنسانلار - ئۇرۇشنىڭ قۇربانىدۇر. مەيلى ئەرەب ياكى ئىسرائىلىيە خەلقى بولسۇن ئۇرۇشتا ھامان جېنىدىن جۇدا بولىدۇ؛ ئېرىدىن ئايرىلىپ قالغان ئاياللار؛ مەيلى ئەرەب ياكى ئىسرائىلىيە ئاياللىرى بولسۇن، ئۇلار ئەسىلىدە ئائىلىسىدە بەختلىك ياشىشى كېرەك ئىدى. ئاتىنىڭ كۆيۈنۈشى ۋە مېھرىدىن مەھرۇم بولغان بالىلار ھەممىمىزنىڭ بالىلىرى. مەيلى ئەرەب ياكى ئىسرائىلىيە زېمىنىدا بولسۇن، بىز ئۇلارغا بۈگۈنكى شادلىق كۈنلەرنى ۋە ئەتىكى گۈزەل كۈنلەرنى يارىتىپ بېرىش مەسئۇلىيىتىنى زېممىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك. مەن بۇ يەرگە: شۇنىڭ ئۈچۈن، بارلىق بالىلىرىمىز ۋە قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھاياتىنى قوغداش ئۈچۈن؛ جەمئىيىتىمىزنىڭ خاتىرجەملىكى، ئاۋاتلىقى، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى، خەلقنىڭ بەختى، ئۇلارغا يۈكسەك ھايات كەچۈرۈش ھوقۇقى بېرىش، كېيىنكى ئەۋلادلىرىمىز ئالدىدا جاۋابكار بولۇش ئۈچۈن؛ تۇپرىقىمىزدا تۇغۇلغان ھەر بىر بالىنىڭ شاد - خۇراملىقى ئۈچۈن؛ ئەنە شۇلار ئۈچۈن، تەۋەككۈل قىلىپ كېلىپ پىكىرىمنى بايان قىلىۋاتىمەن. مەن ئىلگىرى تارىخىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستۈمگە ئېلىپ ئوتتۇرىغا قويولغان تەلەپلەرنى ئورۇنداپ كەلگەنىدىم، ھازىرمۇ شۇنداق قىلىۋاتىمەن. بىر نەچچە يىل ئىلگىرى، ئېنىقراقى، 1971 - يىلى 2 - ئاينىڭ 4 - كۈنى ئىسرائىلىيە بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالاشنى ئېلان قىلغانىدىم. بۇ ئەرەبلەر بىلەن ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى يۈز بەرگەندىن بېرى ئەرەبلەرنىڭ مەسئۇللىرى ئېلان قىلغان تۇنجى بايانات ئىدى. مەن رەھبەرلەرگە جاۋابكارلىق مۇددىئايىم بىلەن، 1973 - يىلى 10- ئاينىڭ 16 - كۈنى مىسىر خەلق پارلامېنتى يىغىنىدا خەلقئارا يىغىن ئېچىپ، ئۇزاق مۇددەتلىك ئادىل تىنچلىق مۇھىتى يارىتىش توغرىسىدا مۇراجىئەت قىلغانىدىم. ئۇ چاغدا، تىنچلىق ۋە ئۇرۇش توختىتىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇشۇمنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى. تارىخنىڭ، رەھبەرلىكتە بولۇشقا تېگىشلىك مەقسەتنىڭ تۈرتكىسى بىلەن، توقۇنۇشتىن خالى بولۇش ھەققىدىكى تۇنجى كېلىشىمگە ئىمزا قويدۇم، ئۇنىڭغا ئۇلاپلا سىنايدا توقۇنۇشتىن ساقلىنىش توغرىسىدىكى ئىككىنچى كېلىشىمگە ئىمزا قويدۇق. ئۇنىڭدىن كېيىن، مەن تىرىشىپ يۈرۈپ، ئېچىقلىق ياكى ئېتىكلىك ئىشىكلەرنى قېقىپ، ئۇزاق مۇددەت ئادالەت ۋە تىنچلىق يولىنى ئىزدىدىم. دۇنيا خەلقى بىزنىڭ غەرىزىمىز ۋە نىشانىمىزنى چۈشەنسۇن دەپ، بىزنىڭ ئادالەتنى ھەقىقىي تەشەببۇس قىلغۇچى ۋە تىنچلىق ياراتقۇچى ئىكەنلىكىمىزگە راستىن ئىشەنسۇن ئۈچۈن، پۈتۈن دۇنيا خەلقى ئالدىدا ئىچ - باغرىمنى تۆكتۈم. مەن مۇشۇ تۈرتكە بىلەن ئاق كۆڭۈل، ئاڭلىق ئاساستا بۇ يەرگە ئورتاق ھالدا ئادالەت بىلەن ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىق ئورنىتىش ئۈچۈن كەلدىم. مەن بۇ قېتىم بۇ يەرگە ئىسلام دىنىنىڭ كاتتا بايرىمى قۇربان ھېيت مەزگىلىدە يېتىپ كەلدىم، قۇربانلىق قىلىدىغان، گۇناھتىن ساقىت بولىدىغان ئۇلۇغ بايرامدا تىنچلىق سەپىرىنى باشلىدىم. بۇ ئاللاتائالانىڭ ئەمىرى. ئەينى زاماندا ئەرەبلەر بىلەن يەھۇدىلارنىڭ ئەجدادى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغان، ئۇنىڭغا ئاللاتائالادىن ۋەھىي كەلگەندە، ئۇ ۋەھى بەجا كەلتۈرۈش ئۈچۈن دەرھال چىن قەلبىدىن كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىققان، بۇ ئۇنىڭ ئاجىزلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ، بەلكى غايەت زور بىر روھىي كۈچ ئۇنىڭغا چەكسىز ئىلھام بەخىش ئەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇڭا ئۇ ئۆزىنىڭ چىن قەلبىدىن ياخشى كۆرىدىغان ئوغلىنى قۇربانلىق قىلىشقا رازى بولغان. ئۇنىڭدا قىلچە تەۋرەنمەس ئالىي غايە، قەتئىي تەۋرەنمەيدىغان ئىشەنچ بولۇپ، بۇنداق ئالىي غايە تۇرمۇشقا ئۆزگىچە مەنا بەرگەن. ئېھتىمال بۇلار كۆپچىلىكنىڭ قەلبىدە يېڭى بىر مەنانى نامايان قىلار، ئېھتىمال ئۇ ئامانلىق، ئەپۇچانلىق، تىنچلىقتىن بىشارەت بېرىدىغان ھەقىقىي ئۈمىد بولۇپ قالار. خانىملار، ئەپەندىلەر: بىز گېپىمىزنى ئەگىتمەي، ئاقكۆڭۈللۈك بىلەن بىۋاسىتە ھالدا ئوچۇق سۆزلىشەيلى، بىز بۈگۈن كۆڭۈلدىكىدەك سۆزلىشەيلى. شەرق بىلەن غەربتىن ئىبارەت پۈتكۈل دۇنيا بۇ قىممەتلىك مىنۇتلارغا كۆز تىكىۋاتماقتا. مۇشۇ مىنۇتلار، دۇنيانىڭ مۇشۇ رايونىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىدا تۈپتىن بۇرۇلۇش بولىدىغان مىنۇتلار بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. بىز مۇنداق بىر زور مەسىلىگە سەمىمىيلىك بىلەن جاۋاب بېرەيلى: قانداق قىلغاندا ئۇزاق مۇددەتلىك، ھەققانىي تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟ مەن بۇ مەسىلىگە ئېنىق، سەمىمىي جاۋابىمنى ئېلىپ بۇ يەرگە كەلدىم. ئۇنىڭدىن مەقسەت - ئۇنى ئىسرائىلىيە خەلقىگە ئاڭلىتىش، پۈتۈن دۇنياغا ئاڭلىتىش، ئۆزلىرىنىڭ سەمىمىي مۇراجىئەتلىرىنى ماڭا ئاڭلاتقان كىشىلەرگە ئاڭلىتىشتىن ئىبارەت. ئۇلار نەچچە يۈز مىليون خەلق بۇ قېتىمقى تارىخىي ئۇچرىشىشتىن كۈتكەن نەتىجە ئاقىۋەت ھاسىل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. جاۋابىمنى سىلەرگە ئېلان قىلىشتىن ئىلگىرى، سىلەرگە شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈشنى خالايمەنكى، مەن ئېنىق، سەمىمىي جاۋابىمدا، ھەرقانداق ئادەم ئېتىراپ قىلىدىغان تۆۋەندىكى پاكىتلارغا ئاساسلاندىم: بىرىنچى پاكىت: ھەرقانداق ئادەمنىڭ بەختى باشقىلارنىڭ ئازابى ھېسابىغا يارىتىلماسلىقى كېرەك. ئىككىنچى پاكىت: مەن ئەزەلدىن ئىككى خىل گەپ قىلغان ئەمەس، ھەم ھەرگىز ئۇنداق قىلمايمەن. مەن ئەزەلدىن باشقىلار بىلەن ئىككى خىل سىياسەت ئارقىلىق ئالاقە قىلغان ئەمەس، ھەم ھەرگىز ئۇنداق قىلمايمەن. مەن باشقىلار بىلەن بىر خىل تىل، بىر خىل سىياسەت، بىر خىل قىياپەت ئارقىلىق ئالاقىلىشىمەن. ئۈچىنچى پاكىت: بىۋاسىتە سۆزلىشى، تۈز يول بىلەن مېڭىش - ئېنىق نىشانغا يېتىشنىڭ ئەڭ يېقىن ۋە ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك يولى. تۆتىنچى پاكىت: ب د ت نىڭ قارارلىرى ئاساسىدىكى ئۇزاق مۇددەتلىك ئادالەت ۋە تىنچلىق تەشەببۇسى بۈگۈنكى كۈندە پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ تەشەببۇسىغا ئايلانماقتا. ئۇنىڭدا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىرادىسى ئېنىق، توغرا ئىپادىلەنگەن؛ بۇنداق ئىرادە ھەم سىياسەت بەلگىلەيدىغان، قارار چىقىرىدىغان پايتەختتە ئىپادىلىنىدۇ، شۇنداقلا سىياسەت تۈزۈشكە، قارار چىقىرىشقا تەسىر كۆرسىتىدىغان خەلقئارا جامائەت پىكىرىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. بەشىنچى پاكىت: بۇ ئېھتىمال ئەڭ گەۋدىلىك، ئەڭ ئېنىق پاكىت بولسا كېرەك: ئەرەب مىللەتلىرى ھېچقاچان ئادالەت ۋە تىنچلىق ئۈچۈن ئاجىز ھالد، ئىككىلىنىپ تۇرۇپ پائالىيەت ئېلىپ بارغان ئەمەس. ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئۇلار مۇئەييەن كۈچ ۋە مۇقىم ئاساسقا ئىگە. شۇڭا، ئۇلارنىڭ پىكرى تىنچلىققا بولغان ھەقىقىي ئارزۇنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، بىزنىڭ ھەم سىلەرنىڭ شۇنداقلا پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ بېشىغا كېلىدىغان ئاپەتنى توسۇپ قېلىشتىن ئىبارەت ئاقىلانە چۈشەنچىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. ئادالەت ۋە تىنچلىققا ھېچنېمىنى تېگىشكىلى بولمايدۇ. ھەتتا يادرو قورالىمۇ ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلمەيدۇ. گۇمانمۇ ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلالمايدۇ. يامان نىيەت ۋە ھىيلە - مىكىرلەر ئۇنى تەۋرىتەلمەيدۇ. ئۇلارنىڭ پىكرىنى مەن سىلەرگە چۈشەندۈرگەن، ئۆزۈم كۆرگەن بارلىق پاكىتلارنى ئەسلى قىياپىتى ھەمدە سىلەرنى سەمىمىي ئاگاھلاندۇرغان، كاللاڭلاردا پەيدا بولۇش ئېھتىمالى بولغان بەزى ئويلىرىڭلارنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. مەن سىلەر بىلەن ئۇچرىشىش مۇناسىۋىتى بىلەن تۆۋەندىكى مەسىلىلەرگە قارىتا چۈشەندۈرۈش بېرىپ ئۆتىمەن: 1. مەن بۇ يەرگە يالغۇز مىسىر بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا كېلىشىم تۈزۈشكە كەلمىدىم. بۇ مىسىرنىڭ سىياسەت جەھەتتىكى چىقىش نۇقتىسى ئەمەس. مەسىلە مىسىر بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا ئەمەس. يالغۇز مىسىر بىلەن ئىسرائىلىيە ياكى ئالدىنقى سەپتىكى ھەرقانداق دۆلەت بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى ھەرقاندق تىنچلىق بۇ رايونغا ئۇزاق مۇددەتلىك ئادالەت ۋە تىنچلىق ئېلىپ كېلەلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئالدىنقى سەپتىكى دۆلەتلەر بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق ئىشقا ئاشقان تەقدىردىمۇ، پەلەستىن مەسىلىسى ئادىل ھەل قىلىنمىسا، ھازىر دۇنيا خەلقى جىدىي تەلەپ قىلىۋاتقان ئۇزاق مۇددەتلىك، ھەققانىي تىنچلىق مەڭگۈ ئەمەلگە ئاشمايدۇ. 2. مەن بۇ يەرگە قىسمەن تىنچلىقنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كەلدىم. دېمەك، ھازىرچە ئۇرۇش توختىتىش، بارلىق مەسىلىنى ئىككىنچى باسقۇچقا كېچىكتۈرۈپ تۇرۇش ئۈچۈن كەلدىم. بۇ ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىقنى قولغا كەلتۈرۈش مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشنىڭ تۈپ يولى ئەمەس. شۇنىڭدەك، مەن بۇ يەرگە سىناي ۋە سىناي، گوران، سىئەن قاتارلىق جايلاردا توقۇنۇشۇپ قېلىشتىن خالى بولۇش ئۈچىنچى كېلىشىمنى تۈزۈش ئۈچۈن كەلمىدىم. چۈنكى بۇ پارتلاتقۇچ دورىسىنىڭ پىلىكىنى كېيىنرەك تۇتاشتۇرۇشقا قالدۇرغانلىقتىن ئىبارەت. ئۇنداق قىلساق تىنچلىق ئۈچۈن بولغان جاسارىتىمىزنىڭ كەملىكىدىن، ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىقنى قولغا كەلتۈرۈش مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتىنى تېخى ئۈستىمىزگە ئالالمايدىغانلىقىمىزدىن دېرەك بېرىدۇ. مەن بۇ يەرگە بىرلىكتە ئۇزاق مۇددەتلىك ئادالەت ۋە تىنچلىق ئورنىتىش ئۈچۈن كەلدىم. مەن ھەرقانداق بىر ئەرەب ياكى ئىسرائىلىيىلىكنىڭ تېنىدىن بىر تامچىمۇ قان ئاققۇزماسلىق ئۈچۈن كەلدىم. مەن شۇنىڭ ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەممە يېرىگە بارماقچى بولىۋاتىمەن. خانىملار، ئەپەندىلەر: مەن بۇ يەرگە كېلىشتىن ئىلگىرى، ئاقسا مەسچىتىگە بېرىپ ھېيت نامىزى ئۆتىگىنىمدە، تىرىلىش ئىبادەتخانىسىغا كىرىپ زىيارەت قىلغىنىمدا، ئىخلاسمەنلىك بىلەن دۇئا - تەگبىر ئېيتىپ ئاللاتائالادىن ماڭا قۇدرەت ئاتا قىلغايسەن، ئۆز ئىشەنچىمنى كۈچەيتىپ، ئارزۇلىرىمنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئاسايىشلىق بەرگەيسەن، دەپ تىلىگەنىدىم. بۇ قېتىمقى زىيارەتتە ھازىرقى ۋە ئەتىكى بەخت ئۈچۈن تىلىگەن ئارزۇلىرىمغا يەتكەيمەن. مەن ئۇرۇش قىلىۋاتقان بارلىق دۆلەتلەر ماڭغان يول ۋە ئەنئەنىدىن ئۆزۈمنى تارتىشنى قارار قىلدىم. گەرچە ئەرەب زېمىنىنى بېسىۋالغان ئىسرائىلىيىگە سەپەر قىلىدىغانلىقىم ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، كۆپلىگەن كىشىلەر ھېسسىيات جەھەتتە تەۋرىنىش ھاسىل قىلغان، ئىدىيە جەھەتتە تاسادىپىيلىق ھېس قىلغان بولسىمۇ، ھەتتا بەزىلەر مېنىڭ مەقسىتىمدىن گۇمانلانغان بولسىمۇ، لېكىن ساپ نىيەت، ھەقىقىي ئېتىقاد بويىچە خەلقىمنىڭ ئىرادىسى ۋە ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، بۇ ئىشنى قارار قىلىپ، مۇشەققەتلىك بۇ يولنى، ھەتتا بىر مۇنچە ئادەملەر ئىنتايىن قىيىن دەۋاتقان بۇ يولنى تاللىدىم. مەن بۇ يەرگە ئىناق كۆڭۈللۈك، ئوچۇق - يورۇقلۇق بىلەن كەلدىم. مەن دۇنيا تىنچلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، بىرخىل تۈرتكىلىك كۈچ بولۇش قاراىغا كەلدىم. مەن سىلەرنىڭ يۇرتۇڭلاردا سىلەرگە ھەقىقىي ئەھۋالنى بىتەرەپلىمە ئەمەس، ئېغىشماي تونۇشتۇرغىلى كەلدىم. مەن قەستەن سىپاگەرلىك قىلمايمەن. مەن بىر مەرتەم ئېلىشىشتا، ھازىرقى تارىختىكى ئەڭ كەسكىن بىر مەرتەم ئېلىشىشتا، بىر قېتىملىق كۈرەشتە ئۇتۇپ چىقىش ئۈچۈن شۇنداق قىلغىنىم يوق. بۇ ئادالەتلىك ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىق ئۈچۈن قىلىنغان كۈرەش. بۇ مېنىڭ كۈرىشىم ياكى ئىسرائىلىيە رەھبەرلىرىنىڭ كۈرىشى ئەمەس. بۇ مۇشۇ زېمىندا ياشاۋاتقان، تىنچ ياشاش ھوقۇقىغا ئىگە بارلىق خەلقنىڭ كۈرىشى. بۇ كۈرەشكە نەچچە يۈز مىڭلىغان خەلق ساپ، سەمىمىي قەلبىنى بېغىشلىغان. مەن بۇ تەشەببۇسنى دەسلەپتە ئوتتۇرىغا قويغاندا، نۇرغۇن كىشىلەر مەندىن بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ نەتىجىسى ۋە ئۈمىدى توغرىسىدا سۇئاللارنى سوراشقانىدى. سورالغان سۇئاللارغا جاۋابەن سىلەرگە شۇنى جاكارلايمەنكى، مەن زىيارەت داۋامىد بەزى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى كۆزدە تۇتۇپ بۇ تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويغان ئەمەس. مەن بۇ يەرگە بىر خىل بۇرۇچنى يەتكۈزگىلى كەلدىم. مەن بۇنى ئورۇنلىدىممۇ؟ ئى پەرۋەردىگارىم، ئۇنىڭغا ئۆزۈڭ گۇۋاھ بولغايسەن. پەرۋەردىگارىم، پەيغەمبەر زىكرىيەنىڭ مۇنۇ بىر كەلىمە سۆزىنى تەكرارلىشىمغا ئىجازەت بەرگەيسەن: «سىلەر ئادالەت ۋە تىنچلىقنى سۆيۈڭلار!»


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ئەڭ ئاخىرقى نۇتۇق
●  سىياسىي كىشىلەردىن...
●  ئاددىي بىر ئامېرىك...
●  ئامېرىكىنى زىيارەت...
●  تىنچلىق بىز كۆپچىل...
●  ۋاپاسىزلارچە ھۇجۇم
●  جىددىي ۋەزىيەت
●  ئادەم ئۈچۈن ياشاشل...
●  تەقدىر ۋە تارىخ
●  يازغۇچى ئۆزىنى مۇئ...
●  ۋەتەننىڭ غەلىبىسى
●  ئىلىم - پەن تەرەققى...
●  فرانسىيە ھالاك بول...
●  خەلق گېزىتى نىڭ نەش...
●  ئىلىم - پەننى قەدىر...
●  خەلق ئۈچۈن خىزمەت ق...
●  گېيوتېسبورگ دۆلەت ...
●  گۈزەللىك جەننەتتىن...
●  بىز ئۇرۇشقانسېرى ق...
●  تەقدىر ۋە تارىخ

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ئەڭ ئاخىرقى نۇتۇق
●  سىياسىي كىشىلەردىن بولۇ...
●  ئاددىي بىر ئامېرىكىلىقن...
●  ئامېرىكىنى زىيارەت قىلى...
●  تىنچلىق بىز كۆپچىلىككە ...
●  ۋاپاسىزلارچە ھۇجۇم
●  جىددىي ۋەزىيەت
●  ئادەم ئۈچۈن ياشاشلا كۇپ...
●  تەقدىر ۋە تارىخ
●  يازغۇچى ئۆزىنى مۇئەسسەس...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى