بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> نۇتۇقلار >> ۋاپاسىزلارچە ھۇجۇم

ۋاپاسىزلارچە ھۇجۇم

يوللانغان ۋاقتى : 2008-06-24 16:44:28    كۆرۈلۈش سانى : 187  
كصچصك | نورمال | چوڭ             
ۋىياچېسلوف مىخايلوۋىچ موللوتوف      (1890 - 1986) ۋىياچېسلوف مېخايلوۋىچ موللوتوف سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىي سوۋېتىنىڭ رەئىسى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى. ۋىيات ئۆلكىسى كوكاركا بازىرىدا دۇنياغا كەلگەن. 1906 - يىلى روسىيە دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسى (بولشىۋىكلار پارتىيىسى) گە ئەزا بولغان. 1921 - يىلىدىن ئېتىۋارەن سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستلار پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي بيورۇسىنىڭ كاندىدات ئەزاسى، كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان. 1926 - يىلدىن 1952 - يىلىغىچە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيورۇسىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1939 - يىلىدىن 1949 - يىلىغىچە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان. 1952 - يىلىدىن 1956 - يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزاسى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى مىنىستىرلەر سوۋېتىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن رەئىسى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان. 1956 - يىلىدىن 1957 - يىلىغىچە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى بولغان. 1957 - يىلى «پارتىيىنىڭ لۇشيەنىگە قارشى تۇردى» دېگەن بەدنام بىلەن خرۇششوۋ ئۇنىڭ پارتىيە ئىچى ۋە سىرتىدىكى بارلىق ۋەزىپىلىرىنى ئېلىپ تاشلىغان. 1961 - يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيىسى سىياسىي بيورۇسىدىن ۋە پارتىيىدىن قوغلاپ چىقارغان. 1984 - يىلى پارتىيىۋىلىكى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. «ۋاپاسىزلارچە ھۇجۇم» ناملىق بۇ نۇتۇقنى موللوتوف 1941 - يىلى 6 - ئاينىڭ 22 - كۈنى فاشسىت گېرمانىيە قوشۇنلىرى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلغان كۈنى پۈتۈن سوۋېت خەلقىگە رادىئو ئارقىلىق سۆزلىگەن. 1941 - يىلى 6 - ئاينىڭ 22 - كۈنى $$  سوۋېت ئىتتىپاقى گراژدانلىرى: سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ رەھبىرى يولداش ستالىننىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن تۆۋەندىكى باياناتنى ئېلان قىلىمەن. بۈگۈن ئەتىگەن سائەت تۆتتە گېرمانىيە قوشۇنلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھېچقانداق پاكىت كۆرسەتمەي، ياكى ئۇرۇش ئېلان قىلماي زېمىنىمىزگە تاجاۋۇز قىلىپ، چېگرا رايونلاردىكى نۇرغۇنلىغان جايلىرىمىزغا ھۇجۇم قىلدى، ئايروپىلان ئەۋەتىپ ژىتومىر، كىيېۋ، سېۋاستوپول، كوئۇناس ۋە باشقا بىرقانچە شەھەرلىرىمىزنى بومباردىمان قىلىپ، 200 دەك ئادىمىمىزنى ئۆلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە رومىنىيە ۋە فىنلاندىيە چېگرىسىدا ئايروپىلان ئارقىلىق بىزنى بومباردىمان قىلدى ھەم زەمبىرەك بىلەن بىزنى توپقا تۇتتى. دۆلىتىمىزگە قىلىنغان مىسلىسىز دەرىجىدىكى تاجاۋۇزچىلىق ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان بولۇپ، دۇنيادىكى مەدەنىي مىللەت تارىخىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا بۇ مۇناپىقلارچە ۋاپاسىزلىق قىلغانلىقتۇر. گەرچە سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق توغرىسىدا شەرتنامە تۈزۈلگەن. سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى شەرتنامىدىكى ماددىلارغا جان - دىل بىلەن ئەمەل قىلغان بولساقمۇ، ئۇلار دۆلىتىمىزگە تاجاۋۇز قىلدى. گەرچە بۇ شەرتنامە كۈچكە ئىگە مەزگىللەردە شەرتنامىگە ئەمەل قىلىش مەسىلىسىدە گېرمانىيە ھۆكۈمىتى باشتىن - ئاخىر سوۋېت ئىتتىپاقىنى ئەيىبلەيدىغان ئازراقمۇ گەپ تاپالمىغان بولسىمۇ - ئېلىمىزگە يەنىلا ھۇجۇم قىلدى. سوۋېت ئىتتىپاقىغا بۇنداق قاراقچىلارچە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىگە گېرمانىيە فاشىستىك ھۆكۈمران گورۇھى ئۈزۈل - كېسىل، تامامەن جاۋابكار بولۇشى كېرەك. تاجاۋۇزچىلىق ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، گېرمانىيىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى شولىن باۋ ھېلىلا سائەت بەشتىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە گېرمانىيىگە ۋاكالىتەن بىزنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىمىزگە بايانات ئېلان قىلىپ، سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى گېرمانىيىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى چېگرىغا توپلانغانلىقى ئۈچۈن، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى ئۇرۇش قىلىشنى قارار قىلدى، دېدى. مەن بۇ باياناتقا سوۋېت ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن مۇنداق جاۋاب بەردىم: گېرمانىيە ھۆكۈمىتى سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىگە ھېچقانداق پاكىت كۆرسەتكىنى يوق؛ گېرمانىيە ھۆكۈمىتى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تىنچلىقپەرۋەرلىك مەيدانىغا پىسەنت قىلماي سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلدى؛ شۇنىڭ ئۈچۈن فاشىستلار گېرمانىيىسى تاجاۋۇزچىغا ئايلىنىپ قالدى. مەن يەنە سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ ھاۋالىسىگە ئاساسەن تۆۋەندىكى باياناتنى ئېلان قىلىمەن: بىزنىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيىمىز ۋە ھاۋا ئارمىيىمىز ھېچقانداق بىر دۆلەتنىڭ زېمىنىغا چېقىلغىنى يوق، شۇڭا، بۈگۈن ئەتىگەن رومىنىيە رادىئو ئىستانىسى ئېلان قىلغان ئاتالمىش سوۋېت ئىتتىپاقى ھاۋا ئارمىيىسى رومىنىيە ئايروپىلان ئىستانسىسىنى بومباردىمان قىلدى، دېگەن خەۋر پۈتۈنلەي ئويدۇرما ۋە ئىغۋاگەرچىلىكتىن ئىبارەت. ۋەقەدىن كېيىن تەپ تارتماستىن يالغان گەپ قىلىپ سوۋېت ئىتتىپاقى شەرتنامىگە ئەمەل قىلمىدى، دەپ ئەيىبلەۋاتقان گېتلىرنىڭ بۈگۈن ئېلان قىغان خىتابنامىسى سېپى ئۆزىدىن يالغان ۋە ئىغۋاگەرچىلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ھازىر سوۋېت ئىتتىپاقى تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچرىغانىكەن، سوۋېت ھۆكۈمىتى ئۆز قوشۇنلىرىغا مۇنداق بۇيرۇق قىلىدۇ: قاراقچىلارچە تاجاۋۇزچىلىققا زەربە بېرىلسۇن، گېرمانىيە قوشۇنلىرى ۋەتىنىمىز تۇپرىقىدىن قوغلاپ چىقرىلسۇن. بىزنى بۇ قېتىمقى ئۇرۇشقا مەجبۇر قىلغانلار گېرمانىيە خەلقى ئەمەس، بىز ئوبدان چۈشىنىدىغان جاپاكەش گېرمانىيە ئىشچىلىرى، دېھقانلىرى ۋە زىيالىيلىرى ئەمەس، بىزنى بۇ قېتىمقى ئۇرۇشقا مەجبۇر قىلغانلار فرانسۇزلار، چېخلار، پولەكلەر، سېرۋېيلىقلار، نورۋىگىيىلىكلەر، بىلگىيەلىكلەر، دانىيەلىكلەر، گوللاندىيىلىكلەر، گىرىتسىيىلىكلەر ۋە باشقا ئەللەردىكى خەلقنى قۇل قىلغان قانخۇر نېمىس فاشىست ھۆكۈمرانلىرىدىن ئىبارەت. سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى ھازىر ئكزىنىڭ تەۋرەنمەس ئىشەنچىسىنى بىلدۈرىدۇ: بىزنىڭ قەھرىمان قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز ئارمىيىمىز، شۇنداقلا سوۋېت ئاسمىنىدا پەرۋاز قىلىپ ئۇچۇۋاتقان ھاۋا ئارمىيىمىزدىكى قورقماس بۈركۈتلەر ۋەتەن ۋە سوۋېت خەلقى ئالدىدىكى مۇقەددەس بۇرچىنى شەرەپ بىلەن ئادا قىلىپ، تاجاۋۇزچىلارغا جەزمەن قاقشاتقۇچ زەربە بېرىدۇ. خەلقىمىز بىزگە كۆرەڭلەپ چېقىلىشقا پېتىنغان دۈشمەنلەر بىلەن ئېلىشىپ كۆرگەن. بۇ تۇنجى قېتىملىق ئىش ئەمەس. ئەينى زاماندا خەلقىمىز ۋەتەن ئۇرۇشىنى قوزغاپ ناپولېئوننىڭ روسىيەگە يۈرۈش قىلغان قوشۇنىنىڭ جاجىسىنى بېرىپ، ناپولېئوننى مەغلۇپ قىلىپ كىرگىلى كاما تاپالمىغۇدەك ھالغا چۈشۈرۈپ قويغانىدى. ئۆزىنى دەڭسىيەلمىگەن، ئېلىمىزگە چېقىلىشقا پېتىنغان «يىراققا يۈرۈش قىلغۇچى» گېتلىرمۇ ئەنە شۇنداق ئاقىۋەتكە قالىدۇ. قىزىل ئارمىيە ۋە بارلىق خەلقىمىز ۋەتەن، شان - شەرەپ، ئەركىنلىك ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم غەلىبىلىك ۋەتەن ئۇرۇشى قىلىدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ قەتئىي ئىشەنچىسىنى بىلدۈرىدۇكى: پۈتۈن مەملىكەت خەلقى، بارلىق ئىشچىلار، دېھقانلار ۋە زىيالىيلار، بارلىق ئەر - ئايال گىراژدانلار ئۆز بۇرچىنى ئادا قىلىدۇ. ئۆز ئەمگىكىگە تېگىشلىك ئاڭلىق پوزىتسىيە تۇتىدۇ. بارلىق خەلق مىسلىسىز ئىتتىپاقلىشىشى كېرەك. ھەربىر ئادەم ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش، تەشكىلگە بويسۇنۇش تەلىپىنى قويۇشى، ئۆزىنى  قۇربان قىلىش روھىنى ئىپادىلىشى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەقىقىي ۋەتەنپەرۋەرلىرىدىن بولۇشى، قىزىل ئارمىيە، دېڭىز ئارمىيە ۋە ھاۋا ئارمىيىسىگە كېرەكلىك بارلىق نەرسىلەرنى تەمىن ئېتىشى، دۈشمەنلەرنى مەغلۇپ قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشى لازىم. ھۆكۈمىتىمىز سىلەرنى شۇنىڭغا چاقىرىدۇكى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەر - ئايال گىراژدانلىرى، سىلەر قوشۇنىڭلارنى شەرەپلىك بولشىۋىكلار پارتىيىسىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئويۇشتۇرۇڭلار، سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشتۇرۇڭلار، ئۇلۇغ داھىيىمىز يولداش ستالىننىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشتۇرۇڭلار. بىزنىڭ ئىشىلىرىمىز ھەققانىي ئىش. تاجاۋۇزچىلار مۇقەررەر مەغلۇب بولىدۇ، غەلىبە چوقۇم بىزگە مەنسۇپ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ئەڭ ئاخىرقى نۇتۇق
●  سىياسىي كىشىلەردىن...
●  ئاددىي بىر ئامېرىك...
●  ئامېرىكىنى زىيارەت...
●  تىنچلىق بىز كۆپچىل...
●  ۋاپاسىزلارچە ھۇجۇم
●  جىددىي ۋەزىيەت
●  ئادەم ئۈچۈن ياشاشل...
●  تەقدىر ۋە تارىخ
●  يازغۇچى ئۆزىنى مۇئ...
●  ۋەتەننىڭ غەلىبىسى
●  ئىلىم - پەن تەرەققى...
●  فرانسىيە ھالاك بول...
●  خەلق گېزىتى نىڭ نەش...
●  ئىلىم - پەننى قەدىر...
●  خەلق ئۈچۈن خىزمەت ق...
●  گېيوتېسبورگ دۆلەت ...
●  گۈزەللىك جەننەتتىن...
●  بىز ئۇرۇشقانسېرى ق...
●  تەقدىر ۋە تارىخ

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ئەڭ ئاخىرقى نۇتۇق
●  سىياسىي كىشىلەردىن بولۇ...
●  ئاددىي بىر ئامېرىكىلىقن...
●  ئامېرىكىنى زىيارەت قىلى...
●  تىنچلىق بىز كۆپچىلىككە ...
●  ۋاپاسىزلارچە ھۇجۇم
●  جىددىي ۋەزىيەت
●  ئادەم ئۈچۈن ياشاشلا كۇپ...
●  تەقدىر ۋە تارىخ
●  يازغۇچى ئۆزىنى مۇئەسسەس...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى