بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> نۇتۇقلار >> جىددىي ۋەزىيەت

جىددىي ۋەزىيەت

يوللانغان ۋاقتى : 2008-06-21 11:52:31    كۆرۈلۈش سانى : 183  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
ھېنرى سىتسون  (1867 - 1950)   ھېنرى سىتسون ئامېرىكا دۆلەت سېكرېتارى (1929 - 1933). جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى. ياش چېغىدا يالې، خارۋارد قاتارلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقىغان. 1911 - يىلىدىن 1913 - يىلىغىچە ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ باشلىقى بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئامېرىكىنىڭ يىراققا يۈرۈش قىلغۇچى ئارمىيىسىدە ئىشلىگەن. 1927 - يىلى ئامېرىكىنىڭ نىكاراگۇئادا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە ۋەكىلى بولغان. كېيىن ئامېرىكىنىڭ فىلىپپىندە تۇرۇشلۇق گوبېرناتورى بولغان. دۆلەت سېكرىتارى بولغان مەزگىلدە، 1931 - يىلى ياپونىيە جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندە، «سىتسونىزم» (ئېتىراپ قىلماسلىق ئېقىمى) نى ئوتتۇرىغا قويغان. ۋەزىپىسىدىن قالغاندىن كېيىن ئادۋۇكاتلىق كونا كەسپىنى قىلغان. ئىتتىپاق تۈزگەن دۆلەتلەرگە قاتتىق پوزىتسىيە قوللىنىپ، ئەنگلىيىگە ياردەم بېرىشنى تەشەببۇس قىلغان. 1940 - يىلى يەنە بىر قېتىم ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ كوماندىرى بولغان. 1945 - يىلى 9 - ئايدا ھۆكۈمەت ئورگىنىدىن چېكىنىپ چىققان. «جىددىي ۋەزىيەت» ناملىق بۇ نۇتۇق سىتسوننىڭ 1941 - يىلى 5 - ئايدا سۆزلىگەن بىر قېتىملىق رادىئو نۇتۇقى. 1941 - يىلى 5 - ئاينىڭ 6 - كۈنى   ئامېرىكا خەلقى ئۆزىگە پايدىلىق جۇغراپىيە شارائىتىغا ئىگە. ئىككى ئوكيان ئېلىمىزنىڭ شەرق ۋە غەرب تەرىپىگە جايلاشقان. دۆلىتىمىزنىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىي تەرىپىگە جايلاشقان دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ دوستىمىز. بىزئۇلارنىڭ غەرىزى ۋە كۈچىدىن ئەنسىرىمىسەكمۇ بولىدۇ. شۇڭا ئېلىمىز خەلقىنىڭ دېڭىز مۇداپىئەسى ئىقتىدارى ئەقىلگە مۇۋاپىق كېلىدۇ. ئېلىمىز بىلەن ياۋروپا ئوتتۇرىسىدا ئاتلانتىك ئوكيان، ئاسىيا ئوتتۇرىسىدا تىنچ ئوكيان بار. بىز قوغدىلىش جەھەتتە زور ئېھتىماللىققا ئىگە. بۇ دېڭىزلار پەقەت بىزنىڭ كونتىروللىقىمىزدا ياكى بىز بىلەن دوستانە ئۆتۈۋاتقان قوشنا دۆلەتلەرنىڭ كونتروللۇقىدا بولسىلا، پايانسىز دېڭىزدا تاجاۋۇزچى دۆلەت قۇرغان ھەرقانداق ھەربىي قوشۇن ئۈچۈن ئۆتۈش مۇمكىن بولمايدىغان توساق بولىدۇ. لېكىن قوشنا دۆلەتلەرنىڭ كونترول قىلىشى مۇتلەق بولسا بولمايدۇ. ئەگەر بۇنداق كونترول قىلىش بولمىسا، دېڭىز بىر ئاخشامدىل بىزگە ئاسانلا ھۇجۇم قىلىدىغان يولغا ئايلىنىدۇ. ھازىرقى زاماندىكى ھاۋا بوشلۇقى كۈچىنىڭ تەرەققىياتى قوشنا دۆلەتلەرنىڭ دېڭىزنى كونترول قىلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. بۇ ئۆزىمىزگە تەۋە دېڭىز ساھىلىنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتىش زۆرۈر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپل قالماستىن، بەلكى غەربىي چوڭ قۇرۇقلۇقنى ئوراپ تۇرىدىغان پايانسىز دېڭىز رايونلىرىنى قوغداشنىڭمۇ ئىنتايىن زۆرۈرلۈكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئەگەر كۈچلۈك قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋە ھاۋا ئارمىيە كۈچىگە ئىگە رەقىب دۆلەت ئېلىمىزنىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىدىكى ئاجىز قوشنا دۆلەتلەرنىڭ دېڭىز قىرغىقىغا چىقىپ قالسا، بىز ئۆزىمىزنى قوغداپ تۇرىدىغان توسالغۇدىن ئايرىلىپ قالىمىز. ئۇ يەردە ھاۋا ئارمىيە بازىسى قۇرۇش ئۇلارغا ئادەتتىكى مەسىلە بولۇپ قالدىۇ، ئۇ ھاۋا ئارمىيە بازىلىرىدىن كەلگەن زەربە ئېلىمىزدىكى زىچ ئورۇنلاشقان ھەرقايسى سانائەت شەھەرلىرىگە قارىتىلىدۇ. بىزگە ئۆزىمىزنى قوغدايدىغان بىردىن - بىر ئامال ئۆزىمىزنىڭ زور قوشۇنىنى ساقلاپ قېلىپ، چېگرىمىزدىن نەچچە مىڭ ئېنگلىز مىلى كېلىدىغان چوڭ قۇرۇقلۇقنى كونترول قىلىشتىن ئىبارەت. لېكىن بۇ ئامالسىزلىقتىن قىلىنغان چارە. بۇنداق ئەھۋال بېرىپ ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ھەرقايسى دوستانە ئۆتۈۋاتقان قوشنا دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتى كىشىنى بىزار قىلىدىغان قوراللىق ھۆكۈمرانلىق قىلىش تۈزۈمىگە ئايلاندۇرىدۇ، ھالبۇكى ھازىر بىز بۇنداق تۈزۈمنى غەربىي يېرىم شارنىڭ سىرتىغا چىقىرىۋېتىشنى ئويلاۋاتىمىز. قىسقىسى، ئامېرىكا قىتئەسىدىكى دۆلەتلەرگە قارىتا ئېيتقاندا، دوستانە ئۆتۈۋاتقان قوشنا دۆلەتلەر ئەتراپىدىكى دېڭىزنى كونترول قىلىش - ھازىر ئامېرىكا قىتئەسى چوڭ قۇرۇقلۇقىدا ئېقىۋاتقان ئەركىن ھۆكۈمرانلىق قىلىش بىلەن ئورتاق مۇستەقىل بولۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. يۈز نەچچە يىلدىن بېرى ئاتلانتىك ئوكيان ئەنگلىيە فلوتى تەرىپىدىن كونترول قىلىنىپ كەلدى. 1922 - يىلى ۋاشېنگتون شەرتنامىسى تۈزۈلگەندە، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئىككى دۆلەت فلوتىنىڭ باراۋەر ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىغا قوشۇلدى. دېمەك، ئۇلار بىزنىڭ ئاتلانتىك ئوكيانغا بولغان باراۋەر كونتروللۇق ھوقۇقىمىزنى ئېتىراپ قىلدى. بىز ئۈچۈن ئېيتقاندا، بىر ئەسىردىن ئۇزاق ۋاقىتتىن بۇيانقى ئالدىنقى شەرتنىڭ مۇھىم ئىپادىسى شۇ بولدىكى، ئۆز تىلىمىزدا سۆزلىشىش، شەخسىي ئەركىنلىك ۋە قانۇن ئەركىنلىكىدىن ئىبارەت ئەنئەنىگە ئىگە بولۇش، 50 پىرسەنتتىن ئارتۇق ئاق تەنلىكلەرنىڭ كېيىنكى ئەۋلادى ئاساسىدىكى دۆلەت بولۇش- بىزنىڭ بىخەتەرلىكىمىز ۋە تۇرمۇش شەكلىمىزگە چېتىشلىق بولغان دېڭىز مۇداپىئەسىنىڭ ئاساسلىق ئامىلى بولىدۇ، دەپ قارىغانىدۇق. ئۆتكەن بىر ئەسىر تۇرمۇش شەكلىمىزنى ئاشۇنداق ئەھۋالغا ماسلاشتۇرغانىدۇق. بىز ئەزەلدىن زور دائىمىي ئارمىيىنى ساقلىمىغان. بىز ئاتلانتىك ئوكياندىن ئاسانلا ھۇجۇم كېلىدىغان دېڭىز بويلىرىدا نوپۇسى كۆپ شەھەرلەرنى بىنا قىلغانىدۇق. ئومۇمەن، دېڭىز كۈچى ئارقىلىق مىللىي تۇرمۇش ئۇسۇلىمىزنى قوغدىغان، ئۆزىمىزنىڭ دېڭىز كۈچىدىن خاتىرجەم ئىدۇق. بۈگۈن بۇنداق ۋەزىيەت ئېغىر تەھدىتكە ئۇچراۋاتىدۇ. بېرىتانىيە ئاراللىرى ھەرقانداق ئىستىبدات زالىملارنى ئاتلانتىك ئوكياننىڭ شىمالىي قىسمى ياكى دېڭىز بويلىرىغا يېقىنلاشتۇرمايدىغان مۇھىم قورغانىدى. بۈگۈن ئۇلار ھاۋا ھۇجۇمى ۋە دېڭىز تەھدىتىگە ئۇچرىدى. ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئاچارچىلىق ۋە ھۇجۇمغا ئۇچراپ گۇمران بولىدىغان بولسا، ئەنگلىيە پاراخوتلىرى ساقلىنىپ قالغان تەقدىردىمۇ، مۇۋاپىق بازا بولمىغاچقا داۋاملىق جەڭ قىلالىشى ناتايىن. ئەگەر بېرىتانىيە ئاراللىرى قولدىن كەتسە، ئۇ ھالدا ئەنگلىيىنىڭ بارلىق پاراخوت زاۋۇتلىرى تاجاۋۇزچى دۆلەتكە ئولجا بولۇپ كېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ پاراخوت ياساش قابىلىيىتى بىزدىن 6 - 7 ھەسسە ئېشىپ كېتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا بىزنىڭ دېڭىز فلوتىمىز غەربىي يېرىم شاردا دېڭىز ئۈستۈنلۈكىگە ئىگە بولغان تاجاۋۇزچى دۆلەتنىڭ ھۇجۇمىدىن بىزنى قوغداپ قالالمايدۇ. ھەتتا بۈگۈنكى كۈنلۈكتە، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ ياسىغان پاراخوتىنىڭ سانى غەربىي يېرىم شاردىكى ئەللەر پاراخوتىنىڭ سانىدىن نەچچە ھەسسە ئېشىپ كەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ پاراخوت ياساش كۈچى ناھايىتى زور. ئەھۋال يۇقىرىقىدەك بولىدىغان بولسا، ئەتراپىمىزدىكى دېڭىزنى كونترول قىلىش ھوقۇقى ھامان كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتىدۇ. گېرمانىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئوكياندا سۇ ئاستى پاراخوتى ئۇرۇشىنى ئۈزۈلدۈرمەيۋاتىدۇ. ئۇ تۇيدۇرماستىن پاراخوتلىرىمىزنى دېڭىز ئاستىغا چۆكتۈرۈۋېتىۋاتىدۇ. مۇشۇ پاراخوتتىكىلەرنى قۇتقۇزۇش تەسكە چۈشىۋاتىدۇ. دېڭىز ئۇرۇشى قانۇنىغا ئاساسلانغاندا بۇنداق سۇ ئاستى پاراخوتى ئۇرۇشى قانۇنسىزلىق، ئامېرىكا ئۇنى ئەزەلدىن قانۇنسىزلىق، دەپ قاراپ كېلىۋاتىدۇ. ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا يىغىنلاردىكى ۋەكىلى بۇنداق دېڭىز قاراقچىلىقى ھەرىكىتىنى ئەيىبلەپ كەلدى. چۈنكى بۇنداق ئايىغى ئۈزۈلمىگەن سۇ ئاستى پاراخوتى ئۇرۇشى قانۇنغا ۋە ئىنسانپەرۋەرلىككە تامامەن خىلاپ. شۇڭا 1917 - يىلى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ۋە پارلامېنتى دېڭىز تەۋەلىكى ئەركىنلىكىنى قوغداش ئۈچۈن قولىغا قورال ئېلىش قاراىغا كەلگەنىدى. بۈگۈنكى كۈنلۈكتە، گېرمانىيە ئەنە شۇنداق قانۇنسىز ۋاسىتە ئارقىلىق ئاتلانتىك ئوكيان رايونلىرىدا سودا قىلىشقا، يۈرۈشكە بولمايدۇ، دەپ بىزگە پوپوزا قىلىپلا قالماستىن، ھەتتا بىزنى كىرىشكە بولمايدۇ،  دەپ چەكلىگەن رايونلارنى غەربىي يېرىم شار رايونلىرىغىچە كېڭەيتمەكچى بولىۋاتىدۇ. گېتلىر بارلىق خەلقئارالىق قانۇن - نىزاملارنى بۇزۇپلا قالماستىن، بەلكى ئكزىنىڭ قانۇنسىز ھەرىكىتىنى غەربىي يېرىم شارغىچە كېڭەيتمەكچى بولىۋاتىدۇ. ھۆكۈمىتىمىز ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ھەرىكەت قوللاندى. لېكىن، ئۆزىمىزنى قوغداش جەھەتتىكى تەلەپتىن ئېيتقاندا، دېڭىزدىكى قانۇنسىز تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكەتلەرنى ئەلۋەتتە چەكلەيمىز. بەزىلەر قۇربان بەرمەيمۇ دۆلەتنىڭ قىممەتلىك ئەركىنلىكىنى قوغداپ قېلىشقا بولىدۇ، دەيدۇ. مېنىڭچە بۇ مۇمكىن ئەمەس. بۇ نەچچە مىليون يىللاردىن بېرى ئىنسانلار تېخىمۇ گۈزەل، تېخىمۇ باي جەمئىيەتنى قۇرۇش داۋامىدا جاپالىق ھالدا ئاستا ئالغا ئىلگىرىلىگەن شەكىلگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. ۋوگ جىلغىسىدا جاپا چېكىۋاتقانلار ۋە يوركتوۋن ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلغانلارنىڭ ئەركىنلىك ئىشلىرى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسى ئالتۇندىنمۇ قىممەتلىك. بۈگۈن بىر ئۇچۇم قەبىھ فاشىست كاتتىۋاشلار گېرمانىيە ياشلىرىغا باشقا كىشىلەرنىڭ ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئەركىنلىكىنى بۇزۇش ھەققىدە تەربىيە بېرىۋاتىدۇ. ھازىر ئاشۇ ياشلار، بۇ ياۋۇز ئېتىقاد ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىۋاتىدۇ. بىز زۆرۈر بولغان قۇربان بېرىشلەرگە تەييار تۇرىمىز، زۆرۈر تېپىلغاندا ئامېرىكىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن قۇربان بېرىشكە تەييارمىز. ئۇنداق بولمىسا، ئامېرىكىنىڭ ئەركىنلىكىنى قۇتقۇزىۋالغىلى بولمايدۇ، پەقەت ئاشۇنداق قۇربان بېرىشلەرگە تەييار تۇرغاندىلا، ئاندىن ئامېرىكىنىڭ ئەركىنلىكىنى قوغداپ قالغىلى بولىدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ئەڭ ئاخىرقى نۇتۇق
●  سىياسىي كىشىلەردىن...
●  ئاددىي بىر ئامېرىك...
●  ئامېرىكىنى زىيارەت...
●  تىنچلىق بىز كۆپچىل...
●  ۋاپاسىزلارچە ھۇجۇم
●  جىددىي ۋەزىيەت
●  ئادەم ئۈچۈن ياشاشل...
●  تەقدىر ۋە تارىخ
●  يازغۇچى ئۆزىنى مۇئ...
●  ۋەتەننىڭ غەلىبىسى
●  ئىلىم - پەن تەرەققى...
●  فرانسىيە ھالاك بول...
●  خەلق گېزىتى نىڭ نەش...
●  ئىلىم - پەننى قەدىر...
●  خەلق ئۈچۈن خىزمەت ق...
●  گېيوتېسبورگ دۆلەت ...
●  گۈزەللىك جەننەتتىن...
●  بىز ئۇرۇشقانسېرى ق...
●  تەقدىر ۋە تارىخ

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ئەڭ ئاخىرقى نۇتۇق
●  سىياسىي كىشىلەردىن بولۇ...
●  ئاددىي بىر ئامېرىكىلىقن...
●  ئامېرىكىنى زىيارەت قىلى...
●  تىنچلىق بىز كۆپچىلىككە ...
●  ۋاپاسىزلارچە ھۇجۇم
●  جىددىي ۋەزىيەت
●  ئادەم ئۈچۈن ياشاشلا كۇپ...
●  تەقدىر ۋە تارىخ
●  يازغۇچى ئۆزىنى مۇئەسسەس...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى