بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> نۇتۇقلار >> بىز ئۇرۇشقانسېرى قۇدرەت تاپىمىز

بىز ئۇرۇشقانسېرى قۇدرەت تاپىمىز

يوللانغان ۋاقتى : 2008-06-15 11:36:52    كۆرۈلۈش سانى : 86  
كصچصك | نورمال | چوڭ             
ۋىنستون سپېنىسېر چېرچىل  (1874 - 1965) ۋىنستون سپېننسېر چېرچىل ئەنگلىيە باش مىنىستىرى. كونسىرۋاتىپلار پارتىيىسىنىڭ مەشھۇر داھىيسى. ئېرلاندىيىنىڭ ئوكسىفورد شىر دېگەن يېرىدە دۇنياغا كەلگەن. سانفىت خان جەمەتى ھەربىي ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. 1895 - يىلى ھەربىيلىككە قاتناشقان، 1899 - يىلى ھەربىي ئىشلارنى تاشلاپ سىياسىي بىلەن شۇغۇللانغان. ئىككىنچى يىلى كونسىرۋاتىپلار پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى سۈپىتى بىلەن تۆۋەن پالاتاغا ئەزا بولۇپ سايلانغان. 1904 - يىلى لىبېرالىستلار پارتىيىسىگە ئەزا بولۇپ كىرگەن. 1906 - يىلى تۇنجى قېتىم ئىچكى كابېنتقا كىرگەن. مۇستەملىكىچىلىك، سودا، ئىچكى ئىشلار، دېڭىز ئارمىيىسى، ھەربىي لاۋازىمەت، قۇرۇقلۇق ئارمىيە، ھاۋا ئارمىيە، مالىيە قاتارلىق مىنىستىرلىكنىڭ مىنىستىرى بولغان. 1924 - يىلى كونسىرۋاتىپلار پارتىيىسىگە قايتا كىرگەن. 1940 - يىلىدىن 1924 - يىلىغىچە باش مىنىستىر بولغان. ئەنگلىيىگە رەھبەرلىك قىلىپ گېرمانىيىگە قارشى جەڭ قىلغان. 1941 - يىلى 8 - ئايدا روزۋېلىت بىلەن بىللە ئاتلانتىك ئوكياندىكى بىر ھەربىي پاراخوتتا «ئاتلانتىك ئوكيان كونىستوتسىيەسى» نى ئېلان قىلغان. 1951 - يىلى يەنە بىر قېتىم باش مىنىستىر بولغان. 1955 - يىلى نائىلاج خىزمىتىدىن ئىستىپا بەرگەن. چېرچىل سۆزمەن، زېھنى ئۆتكۈر، مۇستەقىل پىكىر قىلىشتا نام چىقارغان. «بىز ئۇرۇشقانسېرى قۇدرەت تاپىمىز» ناملىق بۇ نۇتۇقنى چېرچىلنىڭ 1940 - يىلى 6 - ئايدا ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرىغا سۆزلىگەن مەشھۇر نۇتۇقىدۇر. 1940 - يىلى 6 - ئاينىڭ 4 - كۈنى $$  گېرمانىيە قوشۇنى ئۇشتۇمتۇت كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم باشلىدى، خۇددى بىسى ئۆتكۈر ئورغاقتەك شىمالدىكى بىرلەشمە ئارمىيىنىڭ ئوڭ ۋە ئارقا تەرىپىگە قىستاپ كېلىۋاتىدۇ. گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ ھەر بىرى تەخمىنەن 400 ئەتراپىدا برونىۋىك بىلەن جابدۇنۇۋالغان 8 - 9 بىرونىۋىك دېۋىزىيىسى ئۆزئارا بىر - بىرىگە ماسلىشىپ، مۇستەقىل جەڭ قىلالايدىغان بۆلەكلەرگە بۆلۈنۈپ، ئارمىيىمىزگە قاراپ باستۇرۇپ كەلدى. ئارمىيىمىز بىلەن فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ بارلىق قىسمى ۋە ئارمىيىمىزنىڭ ئوزۇق - تۈلۈك، ئوق - دورا تەمىنات يولىنى ئۈزۈپ تاشلىدى. گېرمانىيە ئارمىيىسى بىرالى ۋە كالىفا يېتىپ كېلىپ، دونكروكقا يېقىنلىشىپ قالدى. بۇ ماشىنىلاشقان بىرونىۋىك قىسمى ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن، ئاپتوموبىللاردا نۇرغۇن گېرمانىيە قوشۇنلىرى كەلدى، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ھەرىكىتى ئاستا، تەلەتى يىرتقۇچقا ئوخشايدىغان گېرمانىيە تاجاۋۇزچىلىرى تۈركۈملەپ ئەگىشىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇلار ئەزەلدىن باشقىلارنىڭ كولدۇرلىتىشى بىلەن پىداكارلارچە ئۆزگىلەرنىڭ ئەركىن ۋە خاتىرجەم تۇرمۇشىغا ئۈسۈپ كىرىپ كەلگەن. ئۇلار ئۆز يۇرتىدا بۇ يەردىكىدەك ئەركىن ۋە خاتىرجەم تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولۇپ باقمىغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خان جەمەتى ھاۋا ئارمىيىسى ئاللا بۇرۇنلا ئۇرۇشقا قاتناشتى. ئۇلار ئۇچالايدىغان دائىرىدە دۆلىتىمىزدىكى پوزىتسىيىلەردىن چىقىپ دۈشمەنلەرگە زەربە بەرمەكتە. ئۇنىڭدىن باشقا بەزى شەھەرلەردىكى ھاۋا مۇداپىئە ئايروپىلانلىرىمۇ ئىشقا سېلىنىپ، گېرمانىيىنىڭ بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرىغا ۋە ئۇنى ھىمايە قىلىۋاتقان تۈركۈم - تۈركۈم كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىغا تۇيۇقسىز زەربە بەرمەكتە. ئۇرۇش ۋاقتى ناھايىتى ئۇزۇن داۋام قىلدى، ئۇرۇش ناھايىتى كەسكىن بولدى. كېيىن جەڭ ۋەزىيىتى بىردىنلا روشەنلىشىپ قالدى. ھازىر، گۈمبۈرلىگەن توپ ئاۋازى ۋاقتىنچە توختىدى. ھازىر بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا مۇكەممەل خىزمەت، ئەقىل - پاراسەتكە، ماھارەتكە ۋە سەمىمىي ساداقەتكە تايىنىپ كىشىنى ھەيران قىلغۇدەك دەرىجىدە قۇتۇلدۇرغان كۆرۈنۈشلەر نامايان بولماقتا. دېڭىز ئارمىيىمىز مىڭدەك پاراخوتنى سەپەرۋەر قىلىپ، 335 مىڭ كىشىلىك ئەنگلىيە، فرانسىيە قوشۇنىنى يولۋاس ئاغزىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئار - نومۇسنى ساقلاپ، دۆلىتىمىزگە ئامان - ئېسەن قايتۇرۇپ كەلدى. ئۇلار يېڭى كۈرەشكە ئاتلاندى. لېكىن قاتتىق ئېھتىيات قىلىشىمىز، بۇ قېتىمقى قۇتقۇزۇنى ھەرگىز غالىبىيەت دەپ قارىماسلىقىمىز لازىم. ئۇرۇشتا چېكىنىپ غەلىبە قىلغىلى بولمايدۇ. لېكىن بىز بۇ قېتىمقى قۇتقۇزۇش ئىشلىرىدا غەلىبە يوشۇرۇنغانلىقىغا دىققەت قىلىشىمىز  كېرەك. قايتىپ كەلگەن نۇرغۇن جەڭچىلەر ھاۋا ئارمىيىمىزنىڭ پائالىيىتىنى كۆرمىدى، پەقەت ھاۋا ئارمىيىمىزنىڭ مۇداپىئە خاراكتېرلىك ھۇجۇمىدىن قورقۇپ قېچىپ كېتىۋاتقان دۈشمەن بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرىنى كۆردى. ئۇلار ھاۋا ئارمىيىمىزنىڭ نەتىجىسىنى تۆۋەن مۆلچەرلىمەكتە. مەن بۇ ھەقتە كۆپ غۇلغۇلىلارنى ئاڭلىدىم. ھازىر تېمىدىن چەتنەپ بۇ مەسىلە ھەققىدە توختىلىشىمدىكى ئاساسىي سەۋەب مانا شۇ. بۇ ئىشنى سىلەرگە جەزمەن ئېيتىپ بېرىشىم كېرەك. بۇ ئەنگلىيە بىلەن گېرمانىيە ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ بىر قېتىملىق چوڭ كۆلەمدە ئېلىشىشى. گېرمانىيە ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ مەقسىتى بىزنىڭ دېڭىز ساھىللىرىنى بويلاپ چېكىنىشىمىزنى توسۇش ھەمدە شۇ يەرگە توپلاشقان مىڭدىن ئارتۇق پاراخوتلىرىمىزنى چۆكۈرۈۋېتىشتىن ئىبارەت. ئۇنىڭدىن باشقا، سىلەر ئۇلارنىڭ ئۇنىڭدىنمۇ چوڭ مەقسىتىنى تەسەۋۋۇر قىلالامسىلەر؟ ئۇنىڭدىن باشقا، پۈتكۈل ئۇرۇشنىڭ مەقسىتىدىن قارىغاندا قانداقمۇ بۇنىڭدىنمۇ چوڭ ھەربىي مۇھىملىق ۋە ھەربىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىش بولسۇن؟ ئۇلار پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سالغاندىن كېيىن، ئاخىر چېكىندى. ئۇلار ۋەزىپە ئۆتەۋاتقاندا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى. بىز قۇرۇقلۇق ئارمىيىمىزنى چېكىندۈرۈپ چىقتۇق، ئۇلارنىڭ تارتقان چىقىمى بىزگە سالغان زىيىنىنىڭ تۆت ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدۇ. بىزنىڭ ھەرخىل تىپتىكى ئايروپىلانلىرىمىز ۋە بارلىق ئۇچقۇچىلىرىمىزنىڭ دۈشمەنلەردىن كۈچلۈك ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى. مەن ئاشۇ ياش ئۇچقۇچىلارغا ھۆرمەت بىلدۈرىمەن. قۇدرەتلىك فرانسىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ كۆپ قىسمى شۇ چاغدا بىر قانچە مىڭ برونىۋىك قىسىمنىڭ ھۇجۇمىغا بەرداشلىق بېرەلمەي چېكىنىپ كەتكەنىدى. فرانسىيە قىسىملىرى ئاجىزلىشىپ كەتتى. بېلگىيە قىسىملىرى تامامەن تۈگەشتى. بىخەتەر دەپ كەلگەن مۇداپىئە لىنىيىسىنىڭ كۆپىنچىسى بۇزۇۋېتىلدى. كۆپلىگەن قىممەتلىك كان ۋە زاۋۇتلار، دېڭىز بويىدىكى پورت - پرىستانلار تامامەن دۈشمەننىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتتى. ئەھۋال ئېغىر، بىز بىزگە ۋە فرانسىيىگە ئىككىنچى قېتىم كېلىدىغان زەربىگە ئوبدان تەييارلىق قىلىپ قويۇشىمىز كېرەك. ئاڭلىشىمىزچە، گېتلىر ئەنگلىيە زېمىنىدىكى ئاراللارنى بېسىۋالماقچىمىش. بۇنى بىزخېلى بۇرۇنلا پەرەز قىلغانىدۇق. ئەينى زاماندا ناپولېئون ئاددى پاراخوت ۋە ئارمىيىنى باشلاپ بىرونىدا بىر يىلدىن ئارتۇق تۇرغاندىن كېيىن، بىر ئۇنىڭغا: «ئەنگلىيىنىڭ ھەممە يېرى تىكەن بىلەن قاپلىنىپ كەتكەن» دېگەنىكەن. دەرۋەقە، ئەنگلىيىنىڭ يىراققا سەپەر قىلغان قوشۇنى قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئەنگلىيىنىڭ تىكەنلىرى بارغانسېرى كۆپىيىپ كەتكەنىدى. ھازىر ئۆز تۇپرىقىمىزدىكى ئەسكىرىي كۈچىمىز بۇ قېتىمقى چوڭ ئۇرۇش ياكى ئۆتكەنكى ئۇرۇشتا ئىشلەتكەن ئەسكىرىي كۈچتىن نەچچە ھەسسە كۈچلۈك، بۇ سىرتتىن تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەنلەرگە تاقابىل تۇرۇشقا ناھايىتى پايدىلىق، لېكىن ئۇنداق كېتىۋەرسە بولمايدۇ. بىز مۇداپىئە كۆرۈش بىلەنلا قانائەتلىنىپ قالساق بولمايدۇ. بىزنىڭ ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئالدىدا مەسئۇلىيىتىمىز بار. بىز جەزمەن باتۇر باش قوماندان گوتتېر گراپنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئەنگلىيىنىڭ يىراققا يۈرۈش قىلىش قوشۇنىنى يېڭىباشتىن قۇرۇپ چىقىشىمىز لازىم. بۇلارنىڭ ھەممىسى ھازىر ئىشلىنىۋاتىدۇ. لېكىن بۇ مەزگىلدە ئۆز زېمىنىمىزدىكى مۇداپىئەنى ئاز ساندىكى كىشىلەر ئۆز تۇپرىقىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلالايدىغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەڭ زور يوشۇرۇن كۈچ ئارقىلىق ھۇجۇم قوزغىيالايدىغان يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكۈزۈشىمىز كېرەك. بىز ھازىر بۇ جەھەتتە ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىۋاتىمىز. ئەگەر ھەممە ئادەم ئۆز ئىشىغا سادىق بولسا، خىزمەتلىرىمىزدە سەۋەنلىك كۆرۈلمىسە، ھەممە ئىشلار ھازىرقىدەك ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇلسا، مەن تولۇق ئىشەنچ قىلالايمەنكى: بىر ئۇرۇشنىڭ بوران چاپقۇنلىرىغا بەرداشلىق بېرىپ، زوراۋانلارنىڭ تەھدىتىنى بىت - چىت قىلىپ، ئۆزىمىزنىڭ ئارال دۆلىتىنى قوغدىيالايدىغانلىقىمىزنى يەنە بىر مەرتىۋە ئىسپاتلىيالايمىز. زۆرۈر تېپىلسا، ئۇزاققا سوزۇلغان ئۇرۇش قىلىمىز، ھەتتا يالغۇز جەڭگە چۈشىمىز. مەيلى قانداق بولسۇن، بىز بۇلارغا تەييارلىق قىلىپ قويمىساق بولمايدۇ. مانا بۇ ئەنگلىيە پادىشاھلىق ھۆكۈمىتى ۋە بۇ ھۆكۈمەتتىكى ھەرقايسى ئەربابلارنىڭ ئىرادىسى. مانا بۇ پارلامېنت ۋە پۈتۈن دۆلەت خەلقىنىڭ ئارزۇسى. ئورتاق نىشان، ئورتاق ئېھتىياج بىلەن بىرلەشكەن ئەنگلىيە ئىمپېرىيىسى بىلەن فرانسىيە جۇمھۇرىيىتى ئۆز ۋەتىنىنىڭ تۇپرىقىنى جان تىكىپ قوغدايدۇ، ئۇرۇق - تۇغقاندەك ئىناق بولۇپ، بارلىق كۈچىنى ئايىماي ئۆز ئارا ياردەملىشىدۇ. ياۋروپانىڭ پايانسىز تۇپرىقى ۋە نۇرغۇنلىغان قەدىمىي مەدەنىيەتلىك دۆلەتلەر گېستاپوچىلار ۋە نەپرەتلىك ناتسىستلار ئاپپاراتلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەن تەقدىردىمۇ ۋەدىسىدىن ھەرگىز يانمايدۇ. بىز ئۈمىدسىزلەنمەي ھەم تىز پۈكمەي، ئاخىرغىچە چىڭ تۇرىمىز. بىز فرانسىيە تۇپرىقىدا، دېڭىزلاردا ئۇرۇش قىلىمىز. بىزنىڭ ھاۋا ئارمىيىمىز جەڭ قىلغانسېرى كۈچىيىدۇ، جەڭ قىلغانسېرى ئىشەنچىسى مۇستەھكەملىنىدۇ. بىز ھەرقانچە چوڭ بەدەل تۆلىسەكمۇ ئېلىمىز تۇپرىقىنى قوغدايمىز، بىز دېڭىز ساھىللىرىدا، قۇرۇقلۇققا چىقىدىغان پورتلاردا، ئېتىزلاردا، تاغلار، كوچىلارد ئۇرۇش قىلىمىز، بىز ھەرقانداق ۋاقىتتا تەسلىم بولمايمىز، پۈتكۈل ئەنگلىيە ۋە كۆپ قىسىم زېمىن باشقىلار تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان تەقدىردىمۇ، ئاچ - يالىڭاچ قالساقمۇ، ئەنگلىيە دېڭىز فلوتى قوراللىق قوشۇنلىرى (دېڭىز ئارمىيىسى)، سىرتتىن بىزنى مۇداپىئە قىلىدىغان كۈچلەر بىلەن بىرلىشىپ داۋاملىق جەڭ قىلىمىز. تەڭرى، يېڭى قۇرۇقلۇق مەيدىسىنى كىرىپ چىقىدىغان، پۈتۈن كۈچى بىلەن كونا دۇنياغا ياردەم بېرىدىغان، كونا دۇنيانى ئازاد قىلىدىغان پەيت يېتىپ كەلدى دېگۈچە جەڭنى داۋاملاشتۇرىمىز.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ئەڭ ئاخىرقى نۇتۇق
●  سىياسىي كىشىلەردىن...
●  ئاددىي بىر ئامېرىك...
●  ئامېرىكىنى زىيارەت...
●  تىنچلىق بىز كۆپچىل...
●  ۋاپاسىزلارچە ھۇجۇم
●  جىددىي ۋەزىيەت
●  ئادەم ئۈچۈن ياشاشل...
●  تەقدىر ۋە تارىخ
●  يازغۇچى ئۆزىنى مۇئ...
●  ۋەتەننىڭ غەلىبىسى
●  ئىلىم - پەن تەرەققى...
●  فرانسىيە ھالاك بول...
●  خەلق گېزىتى نىڭ نەش...
●  ئىلىم - پەننى قەدىر...
●  خەلق ئۈچۈن خىزمەت ق...
●  گېيوتېسبورگ دۆلەت ...
●  گۈزەللىك جەننەتتىن...
●  بىز ئۇرۇشقانسېرى ق...
●  تەقدىر ۋە تارىخ

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ئەڭ ئاخىرقى نۇتۇق
●  سىياسىي كىشىلەردىن بولۇ...
●  ئاددىي بىر ئامېرىكىلىقن...
●  ئامېرىكىنى زىيارەت قىلى...
●  تىنچلىق بىز كۆپچىلىككە ...
●  ۋاپاسىزلارچە ھۇجۇم
●  جىددىي ۋەزىيەت
●  ئادەم ئۈچۈن ياشاشلا كۇپ...
●  تەقدىر ۋە تارىخ
●  يازغۇچى ئۆزىنى مۇئەسسەس...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى