بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> نۇتۇقلار >> ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىشتىن ئىلگىرىكى ئۇزىتىش زىياپىتىدە سۆزلگەنگەن نۇتۇق

ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىشتىن ئىلگىرىكى ئۇزىتىش زىياپىتىدە سۆزلگەنگەن نۇتۇق

يوللانغان ۋاقتى : 2008-06-24 16:48:24    كۆرۈلۈش سانى : 193  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
چارلىز دىككېنس    (1812 - 1870) چارلىز دىككېنس ئەنگلىيە يازغۇچىسى. 1837 - يىلى «پېكۋېكنىڭ تەرجىمىھالى» دېگەن ئەسىرىنى ئېلان قىلغان. 1838 - يىلى ۋە 1839 - يىلى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ «ئورخېل توۋست» ۋە «نىگولاس نىكبى» قاتارلىق رومانلارنى يازغان. 1842 - يىلى ئامېرىكىغا ساياھەتكە بارغاندىن كېيىن «ئامېرىكا ساياھەت خاتىرىلىرى» بىلەن «مارتىن. جوشۇرۋىچ» رومانىنى ئېلان قىلغان. 50 - يىللارنىڭ ئالدى - كەينىدە «ئاتا - بالا دونبى»، «داۋد كوپپېر فېلد»، «ۋەيرانە كەپە»، «مۈشكۈل دۇنيا» قاتارلىق رومانلارنى ئارقىمۇ ئارقا ئېلان قىلغان. 1859 - يىلى «ئىككى شەھەر ھەققىدە قىسسە» رومانىنى يازغان. دىككېنس ئەنگلىيە تەنقىدىي رىيالىزم ئەدەبىياتىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىللىرىدىن بىرى. «ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىشتىن ئىلگىرىكى ئۇزىتىش زىياپىتىدە سۆزلەنگەن نۇتۇق» ناملىق بۇ نۇتۇقنى دىككېنىس 1867 - يىلى 11 - ئايدا ئامېرىكىغا يەنە بىر قېتىم زىيارەتكە ماڭغاندا دوست - يارەنلىرى ئۇنى ئۇزىتىش زىياپىتى ئۆتكۈزگەندە سۆزلىگەن. بۇ نۇتۇق شۇنچە قىزىقارلىق، جانلىق، ھېسسىياتقا باي بولۇپ، دۇنياغا مەشھۇر تەۋەرۈك ئەسەردۇر. 1867 - يىلى 11 - ئاينىڭ 2 - كۈنى  لوردلار، خانىملار، ئەپەندىلەر: سىلەر مېنى تەسىرلەندۈرگەن ھەرقانداق بىر سۆزنى بۈگۈنكى زىياپەتتىن ئالغان ھاياجىنىم بويىچە ئىپادىلەشكە ئەمەلىيەتتە ئاجىزلىق قىلىمەن. ھەقىقەتەن ھېسسياتىمنى ئىپادىلەشكە ئامالسىزمەن. رىياسەتچىنىڭ يېقىملىق ۋە قىزغىن سۆزلىرى ھەم سىلەرنىڭ ئۇنىڭ سۆزىنى ياقىلىغان مۇئامىلەڭلار قەلبىمدە چوڭقۇر ئورۇن ئالدى. (ئالقىشلار) لېكىن ئۇنىڭ كۈچلۈك تەسىرى كىشىلەر ئارىسىدىكى ئادەتتىكى تىنچلىقىمنى بۇزدى. ئېھتىمال سىلەرمۇ سۆزلەش داۋامىدا بەزى تەسىرلەرگە ئۇچرىغانلىقىمدىن گەپ - سۆزلىرىممۇ ئانچە قولاشمايۋاتقانلىقىنى سېزىشىڭلار مۇمكىن، ئەمما ھېسسىياتىم ھەقىقەتەن قايناق. (قىزغىن ئالقىشلار)، سىلەرگە قىزغىن تەشەككۈر بىلدۈرمەكچىمەن دېسەم ھېچنېمە دېمىگەن بولىمەن؛ بۇ گۈزەل كۆرۈنۈشلەرنى مەڭگۈ ئېسىمدىن چىقارمايمەن دېسەممۇ ھېچ نەرسە دېمىگەن بولىمەن؛ ماڭا ئىلھام بەخش ئەتكەن پەيتلەر ھەققىدە توختالدىم، بۇنىڭ ئۈچۈن ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا پەخىرلىك ۋە شەرەپلىك ھېس قىلىپ قالماستىن، بەلكى ئەڭ قەدىرلىك كىشىلىرىم قەلبىمدە مەڭگۈ ئورۇن ئالىدىغانلىقىنى ئىزھار قىلماقچىدىم، دېسەممۇ ھېچنېمە دېمىگەن بولىمەن. مەن بۇ يەرنىڭ داغدۇغا ئىلكىگە چۆمۈلگەنلىكىنى ئويلاپ، ھەتتا قاتتىق بىئاراملىق ھېس قىلىۋاتىمەن. مېركوتىئو كۆكسىنى رەقىبلەر ئېغىر جاراھەتلەندۈرگەندە، يارا ئېغىزىنى مۇنداق سۈپەتلەپ كۆرسەتكەنىدى؛ «ئۇنىڭ چوڭقۇرلۇقى قۇدۇقچە يوق، چېركاۋنىڭ ئىشىكىدەك كەڭ ئەمەس، شۇنداقتىمۇ يېتىپ ئاشىدۇ، ئەھۋالنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.» مېنىڭ كۆكسۈم تېخى بايىلا دوستلۇرۇم تەرىپىدىن يارىلاندۇرۇلدى. جاراھەت ئېغىزىنى مەن مۇنداق سۈپەتلەپ بەرسەم بولغۇدەك: ئۇ دېڭىزدىنمۇ چوڭقۇر، چېركاۋلاردىنمۇ كەڭ (ئالقىش ھەم كۈلكە) ئۇ، مېنى بېسىۋېلىپ تىنغىلى قويمايۋاتىدۇ. لوردلار، خانىملا، ئەپەندىلەر! ئەدەبىياتچىلار ساھەسى ۋە ئۇنىڭغا ھەمشىرە سەنئەت ساھەسىدىكى، بولۇپمۇ رەسساملىق ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر، پروفېسسورلار مېنىڭ ئەڭ سەمىمىي، پازىل دوستلىرىمدۇر. بۈگۈن ئۇلاردىن شۇنچە كۆپ كىشىلەر كەپتۇ، مەن بۇنىڭغا ھاياجانلانمىسام، ۋەكىل خاراكتېرلىك ئېسىل زاتلارغا قاراپ يۈرەكلىرىم دۈپۈلدىمىسە، ئۇ چاغدا، مەن ئەۋلىيا بولۇپ كەتكەن بولۇشۇم مۇمكىن ئىدى، ئەپسۇسكى مەن يەنىلا ئاددىي ئادەم قىياپىتىدە تۇرىمەن. (ئالقىشلار) مەن سىرداش دوستلىرىمنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىلىشتا بىر يەرگە جەم بۇلۇشىنى، ئۇلارنىڭ مەن باشقۇرغان سەنئەت ئىشلىرىنىڭ بىخەتەر ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشنى ئۈمىد قىلغانىدىم. (ئالقىشلار) ئۇلار مېنىڭ ئەزەلدىن سەنئەت ئالدىدا ئالدامچىلىق قىلمىغانلىقىمغا ئىشەندى. (ئالقىشلار) مەن بۇ يەردە شۇنى جاكارلايمەنكى، مەن قولۇمغا قەلەم ئالغان ۋاقىتتىن باشلاپ تاكى مۇندق شەرەپكە مۇشەررەپ بولغان بۈگۈنكى ئاخشامغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۆز ئىشىمغا سادىق بولۇشقا تىرىشتىم. ئەگەر مۇنداق قىلمىغان بولسام، ئۇ ھالدا بايا سىلەر يېقىملىق بارىكاللا ئېيتىش ئورنىغا مېنى قاتتىق ئەيىبلىگەن بولاتتىڭلار. (قىزغىن ئالقىشلار) مېنىڭ ئۆمرۈمدە ئىزدەنگىنىم شۇ بولىدۇكى، بىر تەرەپتىن سەنئەتنى ھەرگىزمۇ مۇبالىغە قىلىپ نامۇۋاپىق ئورۇنغا قويماسلىق، يەنە بىر تەرەپتىن باشقىلارنىڭ ھەرخىل باھانە - سەۋەب كۆرسىتىپ ئۇنى كەمسۇندۇرۇشىغا يول قويماسلىق؛ بەزىدە مەندە ئۆزۈمچىلىك خېلى ئېغىر، مەن ئەدەبىي سەنئەتنىڭ ئەنگلىيە جەمئىيىتىدىكى ئورنىنىڭ نەزىرىمدىكىدىن يۇقىرى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن بۈگۈن بۇ يەرگە تەبىقىسى، كەسپى، ئورنى ئوخشاش ئەمەس جامائەتنىڭ يىغىلغان سورۇنىدىغان شۇنداق بىر نەرسىنى كۆرگىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، بۇ ھەرگىز مەنمەنلىك قىلغانلىقىم ئەمەس، جامائەت ئىشەنسۇنكى، مەندە كەمچىللىك ۋە يېتەرسىزلىكلەر بار، لېكىن بىر يازغۇچىلىق سالاھىيىتىم بىلەن خۇددى جامائەت ماڭا سادىق بولغاندەك مەنمۇ جامائەتكە باشتىن ئاخىر جان - دىلىم بىلەن سادىق بولۇشقا تىرىشتىم. (يۇقىرى ئاۋازدا ئالقىشلار) شۇڭا مەن بۈگۈنكى كەچلىك يىغىلىشتا ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر ساھەسىدىكى دوستلارغا ۋە باشقا ساھەدىكى زاتلارغا ئىككى كەلىمە گەپ قىلىش مەجبۇرىيىتىم بارلىقىنى ھېس قىلدىم. مەن ئىلگىرى چەتكە قېقىلغان ئەدەبىيات - سەنئەت گۇرۇپپىسى، كىچىك گۇرۇھلار، مەزھەپلەر ھەققىدىكى گەپلەرنى تۇرۇپ - تۇرۇپ ئاڭلاپ قالاتتىم، بەزىلەرنى يۆلەپ چىقىرىش، بەزىلەرنى تارتىپ چۈشۈرۈش لازىم، بەزىلەر سېپى ئۆزىدىن گۇپپاڭچىلار، بەزىلەر قىل سىغمايدىغان گۇمانخورلار، بەزى گۇرۇھ - تەشكىلاتلار ئۆزئارا دوست تارتىشىدۇ، دېگەن گەپلەرنىمۇ ئاڭلىغانىدىم. ئۇلارنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يولىمىزدىكى توسالغۇلار ئىكەنلىكى كۆڭلۈمگە ئايان. مەن دەسلەپ بۇ يولغا كىرگەن ۋاقىتتا ياش ئىدىم. نوپۇزۇم، پۇلۇم، ھەمراھلىرىم يوق ئىدى، مېنى يېتەكلەيدىغان ياكى ماڭا مەسلىھەت بېرىدىغان ئادىمىممۇ يوق ئىدى، مەن بۇ يەردە شۇنى ئېنىق چۈشەندۈرۈشۈم كېرەككى، مەن ھازىرغا قەدەر ئاشۇنداق كاتتا ئادەملەرنى ئۇچرىتىپ باقمىدىم. (ئالقىشلار) مەن بۇرۇن: ئەنگلىيىلىكلەر سەنئەت ئۈچۈن سەنئەت بولۇشنى ئانچە ياقتۇرمايدىكەن ياكى زادىلا ياخشى كۆرمەيدىكەن، سەنئەتكارلارنىڭ ئەمگىكىگە تەشەككۈر ئېيتىش ۋە ھۆرمەت قىلىشنى خالىمايدىكەن، دېگەندەك مەنىدىكى گەپ - سۆزلەرنى تولا ئاڭلىغانىدىم. مېنىڭ ئۆز بېشىمدىن كەچۈرگەن تەجرىبەمدىن قارىغاندا ئەھۋال ئۇنىڭ ئەكسىچە، (ئالقىشلار) قېرىنداشلىرىم ھەققىدە مەن مۇشۇنچىلىك باھا بەرسەم بولىدۇ، لېكىن دۆلىتىم ھەققىدە ئۇنداق باھا بېرەلەيمەن. خانىملار، ئەپەندىلەر! مەن ھازىر گەپنى مېنىڭ شەرىپىم ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن كەچكى يىغىلىشقا يۆتكەيمەن، مەن ئامېرىكىنى يەنە بىر قېتىم زىيارەت قىلىش ئىشىنى دېمىكىم ئاسان ھەم ناھايىتى ئاددىي. ئۆتكەن قېتىم بارغىنىمدا ئامېرىكىدا يېڭى ئەۋلاد كىشىلەر يېتىشىپتىكەن، مېنىڭ ئەڭ داڭلىق كىتابلىرىممۇ تۇنجى قېتىم ئامېرىكىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن ئېلان قىلىندى. يېڭىدىن يېتىشكەن كىشىلەر مېنىڭ كىتابلىرىم بىلەن يۈز كۆرۈشۈپتۇ. مېنىڭ ئەسەرلىرىمنى كۆپ ھەم ئومۇميۈزلۈك ئوقۇغانلار شۇ يەرگە بېرىپ كىتابلىرىم ھەققىدە ئىزاھات بېرىشىمنى قاتتىق تەلەپ قىلىشتى. ئۇلار بۇ خىل ئارزۇلىرىنى ماڭا باشتا ئوچۇق - ئاشكارا يول بىلەن يەتكۈزدى، كېيىن بارا - بارا شەخس ۋە كۆپچىلىك نامى بىلەن نۇرغۇن خەت يېزىپ تەپسىلى بايان قىلدى. بۇ خەتلەردە ئۇلارنىڭ ماڭا قىزىقىدىغانلىقى سەمىمىي، ئىخلاسمەنلىك بىلەن ئىپادىلەنگەن بولۇپ، مېنى كۆپ تەسىرلەندۈردى. مەن ئۇنى مېنى سۆيگەنلىك دەپ بىلدىم. (ئالقىشلار) مەن ئۇلارنىڭ شۇنچە ياخشى كۆڭلىنى قەدىرلىمىسەم، ئۇ ھالدا مەن غەزەر ئۇقمايدىغان ئادەمگە ئايلىنىپ قالمامدىمەن. ئېھتىمال سىلەرمۇ مېنىڭ بۇ قارىشىمغا قوشۇلۇشۇڭلار مۇمكىن. بۇ ھەقتىكى بېسىم بارا - بارا ئېغىرلاشتى. مەن چارلىزلا مىبنىڭ «مېنىڭ روھىم ئائىلىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتتى» دېگەن سۆزنىڭ تېگىگە يەتتىم - دە، ئۇلارنى يىلتىزى بىلەن بىرگە قومۇرىۋەتتىم. كېلەر ھەپتە دەل بۈگۈنكى كۈندە دېڭىزدا كېتىۋاتقان بولىمەن. مەن دۇنيانىڭ تۆتتىن بىرى بولغان ئۇ دىياردا يۈز بەرگەن، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئۆزگىرىش ۋە ئىلگىرىلەشلەرنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىمەن، ئۇ ياقتىكى سەمىمىي دوستلار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشنى، ئەزەلدىن يۈز كۆرۈشۈپ باقمىغان ناھايىتى كۆپ يېڭى دوستلار بىلەن ئۇچرىشىشنى ئارزۇ قىلىمەن. گەرچە مۇھىم بولمىسىمۇ ئەڭ ئاخىر زور غەيرەتتە يېڭى قۇرۇقلۇق بىلەن ياۋروپا قۇرۇقلۇقى ئوتتۇرىسىدا ئۈچىنچى ئېلېكترلىك ئاخبارات ئالاقە ۋاسىتىسى ۋە ئوكيانلارنى ئاتلاپ ئالاقە باغلايدىغان كابېلنى بەرپا قىلماقچىمەن. (قىزغىن ئالقىشلار) مېنىڭ قانچىلىك ھاياجانلىنىۋاتقانلىقىمنى تەسەۋۋرۇ قىلمىقىڭلار قىيىن ئەمەس. بۇنىڭدىن 12 يىل ئىلگىرى مەن بۈگۈنكىدەك ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىشىمنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم. ئامېرىكا مىللەتلىرى ھەققىدە شۇ چاغدا مۇنداق بىر قانچە جۈملە سۆز يازغانىدىم: «مەن شۇنچە ئۆتكۈر كۆزۈم بىلەن ئۇلارنىڭ بېسىمىدىن قۇسۇر ئىزدەپ كۆرۈۋىدىم، لېكىن مەن شۇنى ئېنىق بىلدىمكى، ئۇلار مۇلايىم، مېھرىبان، كۆكسى - قارنى كەڭ، بۈيۈك مىللەت ئىكەن.» (ئالقىشلار) مەن ئەنە شۇنداق ئېتىقادىم بىلەن ئۇلارنى يەنە بىر قېتىم يوقلاپ بارماقچىمەن، كېلەر يىلى ئەتىيازدا يەنە ئەنە شۇنداق ئېتىقادىم بىلەن ئۇ يەردىن قايتىپ كەلمەكچىمەن. بۇنداق ئېتىقادىمنى ئۆلۈپ كەتسەممۇ يوقاتمايمەن. (ئۇزاققا سوزۇلغان ئالقىشلار)


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ئەڭ ئاخىرقى نۇتۇق
●  سىياسىي كىشىلەردىن...
●  ئاددىي بىر ئامېرىك...
●  ئامېرىكىنى زىيارەت...
●  تىنچلىق بىز كۆپچىل...
●  ۋاپاسىزلارچە ھۇجۇم
●  جىددىي ۋەزىيەت
●  ئادەم ئۈچۈن ياشاشل...
●  تەقدىر ۋە تارىخ
●  يازغۇچى ئۆزىنى مۇئ...
●  ۋەتەننىڭ غەلىبىسى
●  ئىلىم - پەن تەرەققى...
●  فرانسىيە ھالاك بول...
●  خەلق گېزىتى نىڭ نەش...
●  ئىلىم - پەننى قەدىر...
●  خەلق ئۈچۈن خىزمەت ق...
●  گېيوتېسبورگ دۆلەت ...
●  گۈزەللىك جەننەتتىن...
●  بىز ئۇرۇشقانسېرى ق...
●  تەقدىر ۋە تارىخ

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ئەڭ ئاخىرقى نۇتۇق
●  سىياسىي كىشىلەردىن بولۇ...
●  ئاددىي بىر ئامېرىكىلىقن...
●  ئامېرىكىنى زىيارەت قىلى...
●  تىنچلىق بىز كۆپچىلىككە ...
●  ۋاپاسىزلارچە ھۇجۇم
●  جىددىي ۋەزىيەت
●  ئادەم ئۈچۈن ياشاشلا كۇپ...
●  تەقدىر ۋە تارىخ
●  يازغۇچى ئۆزىنى مۇئەسسەس...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى