ئادەم ئۈچۈن ياشاشلا كۇپايە قىلمايدۇ
يوللانغان ۋاقتى : 2008-06-21 11:54:25 كۆرۈلۈش سانى : 339
كصچصك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
ۋىليام فولىكنار (1897 - 1962) ئامېرىكىنىڭ دۇنياغا داڭلىق مەشھۇر يازغۇچىسى، ئامېرىكا جەنۇب ئەدەبىياتى نىڭ ئاساسلىق ۋەكىلى؛ 1 - دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقان، ئالىي مەكتەپتە ئاران بىر يىل ئوقۇغان، ھەر خىل ئۇششاق - چۈششەك ئىشلارنى قىلغان؛ چۇقان ۋە غەزەپ، مەن ئۆلىدىغان چاغدا ناملىق رومانلىرى ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرى ھېسابلىنىدۇ. فولىكنار ھازىرقى زامان ئامېرىكا پروزىچىلىقىغا ئىنتايىن كۈچلۈك ۋە بەدىئىي جەھەتتە تەڭداشسىز تۆھپە قوشقانلىقى ئۈچۈن نوبېل ئەدەبىياتىغا ئېرىشكەن.
بۇ فولىكنارنىڭ 1949 - يىل 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى شۋېتسىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى قوبۇل قىلىش مۇراسىمىدا سۆلىگەن سۆزى.
ئادەم ئۈچۈن ياشاشلا كۇپايە قىلمايدۇ
9194 - يىل 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى $$ بۇ مۇكاپات ماڭا ئەمەس، بەلكى ئەسەرلىرىمگە - نام، مەنپەئەت كويىدا بولماي ئۆمرۈم بويى يۈرەك قېنىمنى سەرپ قىلىپ، بۇرۇن يوق نەرسىلەرنى ئىجاد قىلغانلىرىمنىڭ جەۋھەرلىرىگە بېرىلگەن. شۇڭا بۇ مۇكاپاتنى بىر خىل ئامانەت سۈپتىدە ئالىمەن. مۇكاپات سوممىسىنى نوبېل مۇكاپاتى تەسىس قىلىش مەقسىتىگە ماس كېلىدىغان ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا سەرپ قىلىش تەس ئەمەس. مەنمۇ شۇنداق قىلىمەن. لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىللە مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنى يېزىقچىلىققا بېغىشلىغان ئەپەندىلەرگە ۋە خانىملارغا - بۇلارنىڭ بەزىلىرى ماڭا ئوخشاش مۇشۇ يەردە تۇرۇپ مۇكاپات ئالىدىغانلار - تەسىراتىمنى ئازراق سۆزلەپ بەرمەكچىمەن.
بىزدىكى ھازىرقى ئېچىنىشلىق ئەھۋال شۇكى، ھەر بىر ئادەم ئەمەلىي مەسىلىلەردىن قورقىدۇ، لېكىن ۋاقىت ئۇزارغانسېرى بۇنداق قورقۇنچقىمۇ ئادەتلىنىپ كېتىدۇ. ئەمما مەنىۋى مەسىلىلەرنى پەقەت ئويلانمايدۇ. ئۇلار دائىم :مېنى قاچان نەس باساركىن؟ دېگەننىلا ئويلايدۇ. شۇنداق بولغاچقا، ھازىرقى ئەرلەر، ئاياللار ئەسەر يازغاندا ئىنسانىيەتنىڭ قەلبىدىكى ئۆزلۈكنىڭ توقۇنۇشىنى تەسۋىرلىگەندىلا نادىر ئەسەر بولالايدىغانلىقىنى، ئاشۇ تېمىلا كۈچ سەرپ قىلىپ يېزىشقا ئەرزىيدىغانلىقىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ قالىدۇ. ئۇ شۇنى قايتىدىن تونۇشى كېرەككى، ئۇ قورقۇشنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ ئىپلاس ئىش ئىكەنلىكىنى، ئۇنى ئۇنتۇش كېرەكلىكىنى ھەر ۋاقىت ئۆز سەمىگە سېلىپ تۇرۇشى كېرەك. ئۇنىڭ ئىجادىيىتىدە باشقا نەرسىگە ئورۇن قالماسلىقى، پەقەت روھىيەتتىكى ئەبەدىيلىك قىممەتكە ئىگە ساپ مۇھەببەت ۋە ھەقىقەت - مۇھەببەت ۋە شان - شەرەپ، ئىچ ئاغرىتىش ۋە ئىپتىخارلىق، ھېسداشلىق ۋە پىداكارلىق روھلار بولۇشى كېرەك. بۇ قەدىمىي ۋە دۇنياۋى ھەقىقەتلەر كەم بولسا، بۇنداق ئەسەرنىڭ ئەجدادتىن ئەۋلادلارغا قېلىشى مۇمكىن ئەمەس، بەلكى ئۇ كىشىلەرنىڭ تىل - ئاھانىتىگە قالىدۇ. چۈنكى ئاپتورنىڭ يازغىنى مۇھەببەت ئەمەس، بەلكى ھەۋەس. ئۇنىڭ يازغىنى ئوڭۇشسىزلىق، لېكىن ئوڭۇشسىزلىقتا قولدىن كېتىدىغىنى ئەرزىمەس بىر نەرسىلەر؛ ئۇنىڭ يازغىنى غالىبىيەت، لېكىن غەلىبەت قۇچقۇچىلاردا ئۈمىد، ئىچ ئاغرىتىش، ھېسداشلىق دېگەندىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ. قايغۇرۇشقا ئەرزىمەيدىغان ئىشلارغا تۆككەن يېشى ۋە چەككەن ھەسرىتى بىردەملىك ھەم ساختا، خالاس. چۈنكى ئۇنىڭ يازغانلىرى چىن ھېسىياتىدىن ئۇرغۇپ چىققان ئەمەس.
ئەگەر ئۇ ئاشۇ ھەقىقەتلەرنى ئالدىن تونۇپ يېتەلىسە، مەڭگۈ ئۆلمەيدىغاندەك ھېسسىياتتا يازالايدۇ. مەن ئىنسانىيەتنى ھالاك بولىدۇ، دەپ قارايمەن. بەزىلەر تولىمۇ يەڭگىللىك بىلەن ئىنسانىيەت سەۋر قىلغاچقىلا، مەڭگۈ مەۋجۇت بولىدۇ دەيدۇ. ئاشۇ ئاستا - ئاستا غايىب بولىدىغان، ئەڭ ئاداققى قان رەڭ شەپەق ئىچىدە، قىيامەتنىڭ ساداسى دولقۇنلار قايتقاندىن كېيىن چوقچىيىپ كۆرۈنگەن ئاشۇ قىيا يېنىدا ياڭراپ يەنە ئۆچكەن چاغدىمۇ، يەنە سادا بېرىپ تۇرىدۇ، ئاشۇ ئاجىز، تىنچماس سادا يەنە پىچىرلايدۇ. مەن شۇنىڭغا چوڭقۇر ئىشىنىمەنكى، ئىنسانىيەت سەۋر قىلدۇلا ئەمەس، بەلكى غەلىبە قىلىدۇ. ئىنسانىيەتنىڭ مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىشى ئۇنىڭ مەۋجۇداتلار ئىچرە تىنىمسىز سادا بېرىپ تۇرىدىغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭدا روھ، ھېسداشلىق، پىداكارلىق ۋە سەۋرچانلىق روھى بولىدىغانلىقىدا. شائىر، يازغۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى مانا شۇلارنى يېزىشتىن ئىبارەت. ئۇلار ئىنسانىيەتنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى يۈكسەلدۈرۈشكە ياردەم بېرىشكە، كىشىلەرنىڭ بۇرۇنقى شان - شەرىپىنى، ئېيتايلۇق، باتۇرلۇقىنى، شۆھرىتىنى، ئۈمىدىنى، ئىپتىخارىنى، ھېسداشلىقىنى ۋە قۇربان بېرىش روھىنى ئويغىتىشقا ھەقلىق. شائىرنىڭ ئەسىرى ئىنسانىيەتنىڭ خاتىرىسىلا بولۇپ قالماستىن، بەلكى ئۇنى كىشىلەرنىڭ ياشىشىغا ۋە ھەممىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ كېتىشىگە ياردەم بېرىدىغان تۈۋرۈك، دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. |
|