بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئەدەبىيات >> شېئىرىيەت گۈلزارى >> شائىر مۇھەممەتجان راشىدىن ئەدەبىي ئۇسلۇبىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى

شائىر مۇھەممەتجان راشىدىن ئەدەبىي ئۇسلۇبىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى

يوللانغان ۋاقتى : 2008-05-22 18:51:22    كۆرۈلۈش سانى : 498  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>

شائىر مۇھەممەتجان راشىدىن ئەدەبىي ئۇسلۇبىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى

ئابدۇۋەلى كەرىم

(بەس-بەستە نەشىر قىلىنغان تۆت شېئىرلار توپلىمىغا باھا)

قەلەمنى ئالغىنىم يوق شۆھرەت ئۈچۈن،

يۈكسەكلىك تالاشمايمەن ھېچىكىمدىنمۇ.

مۇرادىم ئەلنىڭ مەندىن مەمنۇنلىقى،

ئەپسۇسلار ئاڭلىغۇم يوق ھېچ دىلدىنمۇ.

                                                (م.راشىدىن ‹‹شېئىر ۋە شائىر››دىن)

تالانىتلىق شائىر مۇھەممەتجان راشىدىن شېئىرىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان يېرىم ئەسىرلىك مۇساپىنى مۇۋەپىقىيەتلىك بېسىپ ئۆتۈپ،ئۆزىنى شېئىرى ئىجادىيەتكە بېغىشلىغۇچى شائىر سۈپىتىدە ھارماي-تالماي ئىزدىنىپ يۇقىرى سۈپەتلىك،مول مەھسۇلاتلىق شېرىن مىۋىلىرى بىلەن ئۇيغۇر يېڭى دەۋر ئەدەبىياتى مۇنبىرىدىكى خەلق ئەڭ ياقتۇرىدىغان مۇنەۋۋەر شائىرغا ئايلاندى.

شائىر بالىلىق دەۋرىدىن باشلاپلا قىزغىن ھەۋەس،قايناق ئىشتىياق بىلەن شېئىرىي ئىجادىيەتكە قەدەم تاشلاپ،تۇرمۇشىمىزنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىنى كەڭ ۋە ئەتراپلىق،چۇڭقۇر ۋە جۇشقۇنلۇق ئەكىس ئەتتۈرگەن ئېسىل ئەسەرلىرى ئارقىلىق يېڭى دەۋىر ئۇيغۇر شېئىريىتى ئۈچۈن كەم تېپىلىدىغان قىممەتلىك پىكىر قىلىش ماتىرىياللىرىنى تەقدىم قىلدى .نەتىجىدە ئۇنىڭ قويۇق مىللىي پۇراققا،يۈكسەك جەلىپ قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ھەم ئۆزى بىلەن زامانداش كەسىپداشلىرىدىن روشەن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ئالاھىدىلىكلەر بىلەن بېزەلگەن ئەدەبىي ئۇسلۇبى ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى ئىچىدىلا ئەمەس،خەنزۇ،قازاق،قىرغىز،ئۆزبىك قاتارلىق قېرىنداش مىللەت ئوقۇرمەنلىرى ئىچىدىمۇ ئۆتكۈر تەسىرگە ئىگە جەلىپكار شائىرغا ئايلاندى.

ھەرقانداق ئەدەبىي ئىجاتكار ئىجادىيىتىدە ئۆزىگە خاس ئەدەبىي ئۇسلۇبنىڭ شەكىللىنىشى ئۇنىڭ ئىجادىيىتىڭ پىشىپ يېتىلگەنلىكىنىڭ ئالامىتى بولۇپلا قالماستىن،گۈللىنىپ روناق تاپقانلىقىنىڭمۇ بىر روشەن ئالامىتى بولۇپ،بۇ ئالاھىدىلىكلەر ئىجادكارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ قەلبىدە مۇبارەك نوپۇزىنى تىكلەش پۇرسىتى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.شۇڭا بىر ئەدىب ئىجادىيىتىنى ئەتراپلىق تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئىجادىيەت ئۇسلۇبى جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرىنى يېتەرلىك شەرھىيلەپ چىقىش نەزىرىيە تەتقىقاتىدىكى ئەڭ مۇھىم شۇنداقلا ئەڭ قىيىن مەسىللەرنىڭ بىرسى بولۇپ كەلدى.

بىزنىڭچە شائىر مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ ئەدەبىي ئۇسلۇبىنى بىر جۈملە گەپكە يىغىنچاقلاپ ئىپادىلەشكە توغرا كەلسە:‹‹قايناق ئىلھام،قاناتلانغان تەسەۋۋۇر،يارىشىملىق قاپىيە،ۋە يۈكسەك ئىپادىلەپ بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئوبرازلىق تىل ئارقىلق يېڭى شېئىرىي پىكىرنى ئوقۇر مەنلەرنىڭ كۆڭلىگە ئۈنۈملۈك كۆچۈرۈپ بېرىش يولىدا پەرۋانە بولۇش››دەپ ئېنىقلىما بېرىشكە بولىدۇ.شائىر مانا موشۇ خىل بەدىئىي ئالاھىدىلىكلەر بىلەن بېزەلگەن ئەدەبىي ئۇسلۇبى ئارقىلىق شېئىرى ئىجادىيەتنىڭ بۈيۈك چوققىلىرىغا ئات سېلىپ،ئوقۇرمەن ۋە چوقۇنغۇچىلىرى ئەڭ كۆپ شائىرغا ئايلاندى.

دەرۋەقە،ئۇنىڭ ھەرقانداق شېئىرى قايناق ئىلھامنىڭ مېۋىسى سۈپىتىدە پىشىپ يېتىلىپ،ئۇنىڭ قەلبىدىن فونتاندەك ئېتىلىپ چىققان بولۇپ بىرەر شېئىرنىمۇ قۇرۇقتىن- قۇرۇق زورۇقۇپ ئىپادىلەشكە ئۇرۇنغانلىقىنى كۆرگىلى بولمايدۇ.ئۇنىڭ ھەرقانداق شېئىرى جۇشقۇن ھېسىيات، قاناتلانغان تەسەۋۋۇر ئارقىلىق شەيئىلەردىن-شەيئىلەرگە ،ھادىسىلەردىن- ھادىسىلەرگە ئەركىن پەرۋاز قىلىپ،ئوقۇرمەننى ھاياجانغا سېلىپ،تەسەۋۋۇر ئىختىيارىنى تىزگىنلەپ ئالىدۇ.ئۇنىڭ ھەرقانداق شېئىرىدىكى ئىپادىلەش ئىقتىدارى شۇنچىلىك قۇدرەتلىك بولۇپ،ئوقۇرمەننىڭ تەپەككۇر تىزگىنىنى دەرھال قولىغا ئېلىپ،شۇنىڭغىچە ھېچىكىمنىڭ قەلىمىدىن تاممىغان خاھىشلارنى جۇشقۇن ئىپادىلەپ،ھەم يۈكسەك دەرىجىدىكى ئىستېتىك زوق،ھەم چۇڭقۇر ئىدىيىۋىي تەسىر بېرىشتەك قوش ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ،ئوقۇرمەنلىرىنى ئۆزى ياراتقان ئىستىتىك سەھنىنىڭ ھەۋەسكار تاماشىبىنىگە ئايلاندۇرۇپ ئالىدۇ.

شائىر مۇھەممەتجاننىڭ ئەدەبىي ئۇسلۇبى كۆپ تەرەپتىن شائىر تېيىپجان ئېلىيۇفنىڭ ئەدەبىي ئۇسلۇبىغا ئوخشاپ كىتىدۇ.ئىككىنچى تۈرلۈك قىلىپ ئېيىتقاندا ئۇيغۇر يېڭى دەۋر شېئىريىتىڭ ۋەكىللىك خاراكتىرگە ئىگە بايراقدارى تېيىپجان ئېلىيۇفنىڭ خەلىققە يېقىملىق ئەدەبىي ئۇسلۇبىغا تەلتۆكۈس ۋارىسلىق قىلىپ چىققان شائىر مۇھەممەتجان راشىدىن بولدى.ئۇستاز-شاگىرت مۇناسىۋىتىدىكى بۇ ئىككى شائىر ئىجادىيىتىنىڭ مەزمۇن ۋە بەدىئىي مۇۋەپىقىيەتلىرىمۇ كۆپ تەرەپتىن بىر-بىرىگە ئوخشاپ كېتىدۇ.شۇڭلاشقا شائىر مۇھەممەتجاننىڭ ھەرقانداق شېئىرىنى ئۆزۈمنىڭ دەپ ئىمزاسىنى قويۇشتىن تېيىپجان ئېلىيوف خىجىل بولمىغىنىدەك،تېيىپجان ئىلىيوفنىڭ ھەر قانداق شېئىرىغا مۇھەممەتجان ئۆز ئىمزاسىنى قويۇپ قويغان تەقدىردە،بۇنىڭغا تېيىپجان ئېلىيوفمۇ ئەكىس سادا قايتۇرمىغان بولاتتى.مۇشۇنداق يېقىن ئوخشاشلىق نۇقتىسىدىن مۇھاكىمە قىلغاندا تېيىپجان ئىلىيوف ۋاپاتىدىن كېيىنكى ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە پەيدا بولغان بوشلۇقنى ئالدى بىلەن تولدۇرغان شائىر مۇھەممەتجان راشىدىن بولدى دەپ قارىساق ھەرگىز  مۇبالىغە قىلغان بولمايمىز،دەرۋەقە، شائىرمۇھەممەتجاننىڭ 90-يىللاردىن كېيىنكى ئىجادىيەت مۇۋەپىقيىتى تېيىپجان ئېلىيوفتىن كىيىنكى ئۇيغۇر شېئىرىيىتى تەرەققىياتىدا ئالغا تاشلانغان بىر قەدەم بولۇپ قالدى.شۇڭا ئۇنىڭ بوخىل زور مۇۋەپىقىيەتلىرى شائىر ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت مۇساپىسىدىكى زور يۈكسىلىش بولۇپلا قالماستىن،پۈتكۈل ئۇيغۇر شېئىريىتىنىڭمۇ 90-يىللاردىن كېيىنكى زور مۇۋەپىقىيىتى بولۇپ قالغۇسى.

ھابۇكى، شائىر مۇھەممەتجان راشىدىن بۇنداق زور مۇۋاپىقىيەتكە تېيىپجان ئېلىيوف،ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر،ئابدۇكىرىم خوجايوف قاتارلىق يول ئاچقۇچى گېگانىتلارنىڭ ئىزىنى بويلاپ ماڭغاچقىلا ،ھەتتا ئۇلارنىڭ مۈرىسىگە دەسسەپ تۇرۇپ تېخىمۇ يىراققا نەزەر تاشلىيالىغانلىقى ئۈچۈنلا ئېرىشەلىگەن دەپ قارىساق لىللا باھا بەرگەن بولىمىز.

شائىر مۇھەممەتجاننىڭ ئەدەبىي ئۇسلۇبىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى تېما دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى،تاللانغان تېمىلىرىنىڭ تىپىكلىك دەرىجىسى،ئىجتىمائىي قىممىتى،جەھەتتىن خەلق ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان،خەلىقنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجى جىددىي تەلەپ قىلىۋاتقان تەخىرسىز مەسىللەرنى كۆتۈرۈپ چىققانلىقى،كىشىلەر تەقەززالىق ئىچىدە ئىزدىنىۋاتقان ئۆتكۈر مەسىلىلەرنى دەل ۋاقتىدا ئىپادە قىلغانلىقى،كىشىلەرنىڭ كۆڭلىدە بولغان ،لىكىن ئۇنى قانداق ئىپادە قىلىشنى بىلەلمەيۋاتقان مەسىلىلەرگە دەل ۋاقتىدا جاۋاپ بەرگەنلىكى،شۇنىڭدەك كۆز ئالدىمىزدىن بىر-بىرلەپ  ئۆتۈۋاتقان رېئال مۇناسىۋەتلەرگە قارىتا سۇئال ياكى دەۋىر كىشىلەر ئالدىغا قويغان خىلمۇخىل سوئاللارغا جاۋاپ بولغىدەك تەخىرسىز تېمىلار بىلەن خارەكتىرلەندى.

قىسقىسى،پەلسەپىۋى كاتىگورىيىلەرنىڭ ھەر قاندىقىنى ئالا قويمىغان ھالدا رەڭمۇرەڭ تېمىلاردا ئىجادىيەت ئېلىپ بېرىپ،ئۇيغۇر شېئىرىيەت ئاسمىنىنى كۆكلەم پەيتىدىكى يايلاق گۈللىرىدەك تۈمەن خىل گۈل-چېچەكلەر بىلەن زىننەتلەپ،ئۇيغۇر مىللىي پىسخىكىسىنى بۈگۈنكى دەۋىر مەدەنىيىتىگە خاس نەزەر بىلەن ئىنچىكە ھەم قايناق،قىزغىن ھەم سوغۇققانلىق بىلەن تەھلىل قىلدى ۋە شەرھىيلىدى.ئۇيغۇر ئېستىتىك ئېڭىغا بۈگۈنكى دەۋر سەنئەت يۈكسەكلىكى ئېلىپ كىردى.مۇبادا بىز كۆز ئالدىمىزدىكى خىلمۇ-خىل شەيئى ھادىسلەرگە،خىلمۇ-خىل ئىش ھەرىكەت،خىلمۇخىل خاراكتىر،خىلمۇخىل سالاھىيەتتىكى كىشىلەرگە نىسپەتەن ئۆز پۇزۇتسىيىمىزنى بىلدۈرۈشكە ئىھتىياجلىق ىولساق،بۇنىڭ ئەڭ دەل ۋە ئەڭ ئۆلچەملىك جاۋابىنى پەقەت مۇھەممەتجان راشىدىن شېئىرلىرىدىنلا تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى بايقايمىز،مەيلى ئاتا-ئانىلار،دوسىت-بۇرادەرلەر،ئوغۇل-قىزلار،خولۇم- خوشنىلارۋە يەنە باشقا مۇناسىۋەتلەردىكى بارلىق كىشلەرگە نىسپەتەن ئۇ بايان قىلىپ ئۆتكەن پوزۇتسىيە بىلەن مۇئامىلە قىلىشنىڭ بىردىن-بىر توغرا،ئۆلچەملىك پوزۇتسىيە بولۇپ قالىدىغانلىقىغا ئىقرار بولىمىز،مانا بۇلار شائىر ئەدەبىي ئۇسلۇبىنىڭ ئاممىنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقىدىغان ئوبىيكتىپ ئۇسلۇپ بولۇپ،ئاممىغا ياققانلىقىنىڭ نەتىجىسى.ئۇسلۇپ جەھەتتىكى ئېۋەن ئوبىيكتىپ بولماي سوبىيكتىپ بولۇپ قالغانلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ.سوبىيكتىپ ئۇسلۇبتىكى شائىرلار ئۆزىنىڭ ئىستىكىسنى ئۆزى چۈشەنسىلا بولدى قىلىدۇ.ئۇلارنىڭ ئوقۇرمەن ۋە باشقا زوقلانغۇچىلار بىلەن كارى بولمايدۇ،زوقلانغۇچىلارنى ئۆز شېئىرلىرىدىن خالىغانچە تەسەۋۋۇرغا ئىگە بولۇۋېلىشنى ئۈندەيدۇ.بۇنداق ئۇسلۇپتا يېزىلغان شېئىرلاردىن بەھىر ئېلىشتا زوقلانغۇچىلارنىڭ ھەزىم قىلىش يۈكى ئېغىرلاپ كېتىدۇ،مانا بو ئوقۇرمەن ۋە باشقا زوقلانغۇچىلار بەھىر ئالالمايدىغان گەپنى ئۆز-ئۆزىگە سۆزلەپ،ئۆزىنى قالتىس چۇڭقۇر،قالتىس سېھرى تۇيغۇلارنى قازغۇچى قىياپىتىدە كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇشنىڭ بىرخىل ئىپادىسى.شۇڭا ئۇلار گۇڭگىلىقنى ياخشى كۆرىدۇ،گۇڭگىلىققا ھەۋەس قىلىدۇ.شۇنداقلا ئۆز بېشىدىن ئۆتمىگەن مۇجىمەل تۇيغۇلارنى بىلجىرلاۋېرىپ،ئۇنى ئېسىل ئىجادىيەت مېۋىسى دەپ كۆز-كۆز قىلىشقا پۇرسەت چىقىدۇ.مانا بولار سوبىيكتىپ ئۇسۇلغا مەستانە بولۇپ قالغان شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرىدە ئوقۇرمەنلەرنى تەسىرلەندۈرگىدەك ئېنىقلىق تۇيغۇسىنىڭ كەم بولۇشىدىكى سەۋەپ،شۇنىڭ ئۈچۈن تۇتۇق،مۈجىمەل ئىپادىلەش ئۇسۇلىنىڭ يۈزدە توقسان توققۇزى ئىدىيەنىڭ مۇجىمەللىكىدىن،كىشىلەرگە ئېنىق ئىپادىلەپ كۆرسەتكۈدەك تەسىرلىك سەرگۈزەشتىسىنىڭ كەملىكىدىن بولىدۇ.ئۇلار بۇ خىل ئۇسلۇبى ئارقىلىق باشقىلاردىن بىر پاكىتنى -يەنى ئەمەلىيەتتە ئىپادىلىپ بەرگۈدەك ھېچنىمىسى يوق ئىكەنلىكىنى يوشۇرماقچى بولىدۇ...

بەختكە يارىشا مۇھەممەتجان راشىدىن بۇخىل مۇجىمەللىكتىن پۈتۈنلەي خالى بولۇپلا قالماستىن،ئەكىسچە ئۆز ئەسەرلىرىنى مۇتلەق كەڭ ئاممىغا چۈشىنىشلىك بولغان تىل ۋە ئاممىباپ ئۇسلۇپ بىلەن ئىپادىلەپ،ئۇلارنىڭ ئاچقان يېرىگە تېگىدىغان،ئۇلار ئىزدىنىش ئىچىدە تۇرىۋاتقان،لىكىن ئۆز تىلى بىلەن ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئىپادىلەپ بېرەلمەيۋاتقان تۇيغۇلارنى يۈكسەك بەدىئىي ماھارەت بىلەن ئەكىس ئەتتۈرۈپ،ئۇلارنىڭ كۆڭۈل رايىنى ئەمىن تاپقۇزدى.شائىر ئاممىغا يېقىملىق،بۇ خىل ئۇسلۇبى بىلەن بىر تەرەپتىن ھەرقاچان ئاممىنىڭ كۆڭۈل رايىنى ئەسىر قىلدى،يەنە بىر تەرەپتىن ئۆز ئىجادىيىتىن ئىجتىمائىي ئۈنۈمىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرىدىغان ئىچكى دېۋىگاتىلغا ئىگە قىلدى.

ئەدەبىي ئەسەرنىڭ ئىجتىمائىي قىممىتى ئۇنىڭ بۈگۈنكى تۇرمۇش ئېھتىياجىنىڭ تەلەپلىرىنى مۇۋەپىقىيەتلىك گەۋدىلەندۇرۈپ،كەڭ ئوقۇرمەنلەر كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئەمەلىي مەسىللەرگە ۋاقتىدا جاۋاپ بەرگەنلىكتە ئىپادىلىنىدۇ.ئەلۋەتتە بۇنداق ئۆتكۈر جاۋاپلار ئوقۇرمەنلەر بلەن ئۇچراشقان ھامان،ئۇلارنىڭ قەلبىدە ئەكىس سادا قوزغاپ،ئۇلارنىڭ رېئاللىقنى تونۇش،چۈشىنىش ۋە ئۇنىڭغا باھا بېرىش ئىستىكىنى قاندۇرۇپ،شائىرنىڭ تەنھا ئۆزىگە مەنسۇبلىقىدىن ئايرىلىپ چىقىپ،ئوقۇرمەن،كۆرۈرمەن تاماشىبىنلارنىڭ ئۆزلىرىكىسىغا ئايلىنىپ كېتىدىغانلىقى بىلەن خاراكتىرلىنىدۇ.بۇجەھەتتە كىشىلەر تەرىپىدىن ئوخشاشلا ::‹‹دېھقانلار شائىرى››دەپ ئۇلۇغلانغان شائىرلاردىن مۇھەممەتجان راشىدىن بىلەن روزى سايىتىنىڭ 90-يىللارنىڭ باشلىنىشى بىلەن ئېلان قىلىنغان:‹‹سەن يوق››،‹‹قانداق قىلارمەن››،‹‹دېھقان بولماق تەس››،‹‹ئاھ،مىللىتىم›،،قاتارلىق بىر قاتار شېئىرلىرى ئوقۇرمەن،كۆرۈرمەن،ۋە باشقا سورۇن ئەھىللىرىنىڭ ئۆز ئىجادىيىتى،ئۆز لىرىكىسىغا ئايلىنىپ كەتكەنلىكى بىلەن خاراكتىرلەندى.ئالايلى ‹‹سەن يوق››نامىلق غەزەل نورۇز بايرىمىدا بىر قېتىم دېكلاماتسىيە قىلىنىشى بىلەن شۇ سورۇن ئەھلىنىلا ھاياجانلاندۇرۇپ قالماستىن،رايۇنىمىشدىكى نەچچە يۈز مىڭلىغان تېلېۋىزىيە كۆرۈرمەنلىرىنىڭمۇ قەلبىنى لەرزىگە سېلىپ،ئىختىيارسىز ھالدا كۆزياش ئاققۇزۇشتەك ئىستىتىك زوققا چۆمدۇرۇپ،يۆكسەك دەرىجىدىكى ئىدىيىۋى چۇڭقۇرلۇق بىلەن قايىل قىلىشى،شۇندىن باشلاپ بىر قانچە يىللار داۋامىدا بۇ دېكلاماتسىيە نومۇرىنىڭ ‹‹تەلەپ ۋە تەقدىم›،،‹‹سەنئەت ئەلبۇمى››،‹‹تېلىۋۇزۇر كۆرگۈچىلەر ساداسى››،‹‹كۆڭۈل››قاتارلىق پروگىراممىلاردا ئۇدا تەلەپ قىلىنىپ كەينى-كەيىنىدىن تاللاپ كۆرسىتىلىدىغان ‹‹چولپان›،نۇمۇرلارنىڭ بىرسى بولۇپ قالغانلىقى بۇ پىكىرىمىزنىڭ دەلىلى.بۇلا ئەمەس،بۇ غەزەلنى‹‹ قايتا ئىجاد قىلغۇچى››لارنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىللىرى سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان رابىيەم مۇھەممەت،غىياسىدىن بارات،ئايتىللا ئەلا،مۇنەۋۋەر مەھەممەت،قاتارلىق كومپوزىتور،ناخشىچىلىرىمىزنىڭ ئوخشىمىغان ئاھاڭلارغا سېلىپ،شېئىردا مەۋج ئۇرۇپ تۇرغان تىراگىدىيەلىك تۇيغۇلارنىڭ تەسىرىدىن قوزغالغان ئىستىتىك مەھلىيالىقنى تېخىمۇ ئەۋجىگە كۆتۈرىۋېتىشتى.بىزنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت مۇنبىرىنىزدە مۇشۇ قېتىمدىلا مەيدانغا كەلگەن تەنتەنىلىك مەدەنىيەت ھادىسسى بولۇپ قالدى.شۇنى ئالاھىدە قەيىت قىلىپ قويۇش لازىمكى ‹‹سەن يوق››غەزىلىنىڭ ئېلان قىلنىشى شائىر ئىجادىيىتىنىڭ 90-يىللىردىن باشلاپ يېڭى بىر يۈكسەكلىككە قاراپ ئۆرلىشىدىكى بورۇلۇش نوقتىسى بولۇپ قالدى.نەتىجىدە شائىر كەڭ خەلق ئاممىسنىڭ ئۆز ئىجادىيىتىگە بولغان بۇنداق قىزغىن زوقلىنىش،مەھلىيالىق ئەمەلىيىتىنىڭ ئىلھامى بىلەن شېئىرى ئىجادىيەتنىڭ تېىمۇ يۈكسەك چوققىلىرىغا پەرۋاز قىلىپ بىرسى-بىرسىدىن ئېسىل،بىرسى-بىرسىدىن كۆركەم ‹‹قانداق قىلارمەن›› ،‹‹ياشىسۇن››،‹‹ياتلاشتۇق››، ‹‹ئۆلمەڭلار››، ‹‹ھايات دېگەن ماناشۇ››، ‹‹ۋىجدان ۋەجىدىن››، ‹‹يارىمغا مەكتۇپ››، ‹.ئۆزيارىڭ››، ‹‹بالىلار› ›،ۋە غەزەللەر قاتارلىق نەچچە ئونلىغان شېئىرلارنى ئېلان قىلىپ،رايۇنىمىزدىكى خەلق ئاممىسى ئەڭ ياقتۇرىدىغان ‹.ئەل سۆيگەن شائىر ››غا ئايلاندى.كىشىلەرنىڭ زوقلىنىش قىزغىنلىقى ‹‹قايتا ئىجاد قىلىش›› قىزغىنلىقنى پەيدا قىلىپ ،ئۇنىڭ نەچچە ئونلىغان شېئىرلىرى ئارقا -ئارقىدىن ئەخمەت ئۆمەر، روزى ئابدۇۋەلى،سايىتجان سىدىق،پەرھات ئابىت،سەنۇبەر تۇرسۇن،نۇرمۇھەممەت رۇزى،مەۋلان ئەلى قاتارلىق سەنئەتكارلار تەرىپىدىن لېرىك مىلودىيەلەرگە سېلىنىپ خىلمۇ-خىل سەنئەت شەكىللىرى ئارقىلىق ئامما ئىچىگە كەڭ تارقىلىپ ،سەنئەت ئىجادىيىتىدە مىلىيونلىغان كىشىلەر مەپتۇن بولۇپ ئاڭلاپ،ئىستىتىك زوق ۋە ۋە ئىدىيىۋى تەسىر ئالىدىغان يېڭى بىر قىزىق نوقتىنى شەكىللەندۈردى.

شۇنىڭ بىلەن نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ئەدەبىيات –سەنئەت كەسپى ئىچىدىلا تونۇلۇپ كەلگەن شائىر شۇنىڭدىن باشلاپ جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھە ،ھەر قايسى قاتلاملىرىدىكى دېھقانلار، ئىشچىلار ،چارۋىچىلار،قول-ھۈنەرۋەنلەر،ئۇششاق تىجارەتچىلەر،زىيالىيلار،كادىرلار،ئوقۇغۇچىلاردىن تارتىپ جەمئىيەتكە ئارلاشماس بولۇپ قالغان بوۋاي-موماي،ئائىلە ئاياللىرىغىچە،ھەممە تېلىۋۇزۇر كۆرۇرمەنلىرى تونۇيدىغان تېلىېۋىزىيە پېرسۇناژىغا ئايلىنىپ قالدى،مانا بۇ كەڭ جامائەتچىلىكنىڭ ئۆزىنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ ،سۈيىدە ئېقىۋاتقان غەمگۈزار شائىرغا بەرگەن بۈيۈك شان-شەرىپى....مانا شۇنىڭدىن باشلاپ بېرەر تەنتەنىلىك سورۇن ئويۇشتۇرۇلۇپ قالسا،سورۇننىڭ كەيپىياتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ،ھۆسنىگە-ھۆسىن قوشۇش ئۈچۈن كىشىلەر ئۆزلىكىدىن،سورۇن مۇنبىرىگە ئۆزلىرى سۆيۈپ قەدىرلەيدىغان شائىرنى ئالاھىدە تەكلىپ قىلىپ،ئەكىلىپ ئولتۇرغۇزۇپ قويىدىغان بولۇشتى.سورۇنغا قاتناشقان نۇرغۇنلىغان كىشىلەر يىغىن كۈنتەرتىپلىرىدە مۇھەممەتجاننىڭ شېئىر ئوقۇپ بېرىشىنى بىر مەزمۇن قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تەقەززالىق ئىچىدە كۈتۈپ

ئولتۇرىدىغاب بولۇشتى.ئۇنىڭ دېكلاماتسىيەلىرىنى ئاڭلاۋېتىپ ئىختىيارسىز ھالدا ‹‹پاھ!ئىچىگە ساپلا گۆھەر،مەرۋايىتلارنى قاچىلىۋالغان ئادەم ئىكەن جومۇ؟!››دېيىشىپ تەھسىن ئېيتىدىغان بولۇشتى.ئاممنىڭ بۇخىل ئىنتىزارلىقى يەنە ئۆزنۆۋىتىدە شائىرنىڭ ئېلھام بۇلاقلىرىنىڭ كۆزىنى ئېچىپ ،ئاممىنىڭ چاڭقاپ تۇرغان تەشنالىقىنى قاندۇرۇش يولىدا كېچە-كۈندۈز ئىزدىنىش،ھەر ساھە ئاممىنىڭ تۇرمۇش ئىھتىياجى تەلەپ قىلغان جىددىي،تەخىرسىز ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ئىزدەپ ئاختۇرۇپ:‹‹مەنالار خەزىنىسىدىن گۆھەر تېرىپ،ئەل پەيزى ئۈچۈن شېئىر يازدى.ئەلنىڭ خۇشاللىقى،غايىسى،ئارزۇ-ئارمىنى،ئەلنىڭ دىلىدا بار بولغان،ئەمما تىلىدا ئىپادىلىپ بېرەلمەيۋاتقان دەرت-ئەلىمى،،مۇڭ-زارلىرى،ئاندىن قالسا زوق ھوزۇرى ئەكىس ئەتتۈرۈش›› (1)شائىر ئىجادىي پائالىيىتىڭ ئاساسىي مەزمۇنى.كۆڭۈل رايىنىڭ ئەڭ تەسەللىي تاپىدىغان ئىشلىرى بولۇپ قالدى .دەرۋەقە،ئۆز شېئىرلىرى بىلەن بىر جان،بىر تەن بولۇپ،يۇغۇرۇلۇپ،شېئىرىي خاھىشلىرىنى ئەممىنىڭ ئاچقان يېرىگە تەككۈززۈشتە،ئۇنىڭ بىلەن بوي تالاشقىدەك يەنە بىر شائىرنى تېپىش ھەقىقەتەن قىيىن.ئۆز ئىجادىيىتنىڭ ئىجتىمائىي ئۈنۈمى ۋە ئىجتىمائىي قىممىتىگە مەشئۇل بولۇش دېگەنلىك ئەنە شۇلاردىن ئىبارەت.

2.شائىر شېئىرلىرىنى رېئال تۇرمۇشنىڭ بېۋاستە تەسىرى بىلەن ھاسىل قىلغان ئۆتكۈر تىندىنسىيىلەر بىلەن تويۇندۇرۇپ،خۇددى خەلق قوشاقلىرى،خەلق ماقال-تەمسىللىرىدەك پەلسەپىۋىي يۈكسەكلىككە ئىگە ھېكىمەتلىك پىكىرلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ،ئوقۇرمەننىڭ ئۆزىگە-ئۆزىنى تونۇتۇش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ مەنىۋىي دۇنياسىنى پاكلاشتۇرۇش يولىدا تىنماي ئىزدىنىش ئۇنىڭ  ئەدەبىي ئۇسلۇبىنىڭ يەنە بىر يارقىن ئالاھىدىلىكى:

سېنىڭ بارىڭدا قەدرىڭنى ئەجەپ بىلمەپتىمەن ئەمدى،

ساڭا كۆيگەن بۇباغرىمنى يېرىپ بىرەي دىسەم سەن يوق.

--------------------------------------------------------------------------

(1)روزى سايىت،ئابدۇقادىر ھاشىم:‹‹شېئىر شائىرنى يازىدۇ،شائىر ھەيكىلى ئۆز شېئىرلىرى بىلەن تىكلىنىدۇ>>(‹‹شىنجاڭ مەدەنىيىتى››ژۇرنىلى 2000-يىل 6-سان

كەتكىلى بولسىدى ئۆلۈمنى تاشلاپ،

كېتەتتىم يېراققا سېنى ھاپاشلاپ.

باغلارغىمۇ كىرمەيمەن يالغۇز،

،جەننەتكىمۇ سەنسىز رايىم يوق.

ئۇلارنى خارلىغانلارنىڭ،

 بېشىدا بىر قارا كۈن بار.

ئەلدى ئالقىش ئالدىڭ دېمەككى،

تىرىك تۇرۇپ كىردىڭ بېھىشقا.

دېگەنگە ئوخشاش جۇشقۇنلۇق پىكىرلەر شائىر چوقۇنغۇچىلىرنىڭ تەۋەرۈك ھېكىمەتلىرىگە ئايلىنىپ كەتتى،ئۇنىڭ ھەربىر شېئىرىغا سىڭدۇرۈلگەن  ئەنە شۇنداق ئالىيجاناپ، ئەنە شۇنداق يۈكسەك ئىدىيىۋى خاھىشلار تېخى ھېچىكىمنىڭ قەلىمىدە زاھىر بولمىغان يېڭى، ئىجادىيلىقى بىلەن ئوقۇرمەن،كۆرۈرمەن،ۋە ھەرخىل سورۇن ئەھلىنى دەرھال ئۆزىگە مەپتۇن قىلىپ،ئۇزۇن ۋاقىتلارغىچە ئېسىدىن كەتمەيدىغان ئەشۇ يالقۇنلۇق پىكىرلەرنىڭ مەھلىياسى قىلىپ قويىدۇ.ئېسىل شېئىرلارنىڭ پىكىر خاھىشىدىكى ئىجادىي ھىم يېڭىلىقنى شېئىرىي ئوبرازنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدىغا سىڭدۈرۈلگەن مەركىزى ئېدىيەدىلا گەۋدىلىنىپ قالماستىن،ئەشۇ بىر شېئىربىناسىنىڭ قەد كۆتۈرۈشىدە تۈۋرۈكلۈك رول ئوينايدىغان ئايرىم بېيىت،ئايرىم كۇبلىتلاردىكى پىكىرلەرنىڭمۇ تېخى ھېچىكىم ئىشلىتىپ باقمىغان ئوبرازلىق جۈملە قۇرۇلمىلىرىدىن،شائىرنىڭ ئۆز مەنىۋىي خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ تۇرىدىغان،نۇتۇق جەھەتتىكى مۇستەقىللىقىدىمۇ گەۋدىلىنىپ تۇرىدۇ.

چۈنكى ھەرقانداق شېئىرنىڭ پۈتۈ مىسرا ،بېيىت،كۇبلىتلىرىنىڭ پۈتۈنلەي يىپيېڭى بولۇشىنى تەلەپ قىلىش مۇمكىن ئەمەس.ئامما شائىرنىڭ ئەجىر سىڭدۇرىدىغان ئەڭ ھالقىلىق يېرى شۇ شېئىر بىناسنىڭ قەد كۆتۈرۈشىدە تۈۋرۈكلۈك رول ئوينايدىغان بىرەر كۇبلىت،بىرەر بېيىت،بىرەر مىسرانىڭمۇ ھەقىقى تالانىت ئېگىسىگە خاس ماھارەت بىلەن يۈكسەك دەرىجىدىكى بەدىئىيلىككە ئىگە قىلىنىپ يارىتىلغانلىقىدۇر،يېڭى دەۋرىمىز قەھرىمانلىرىنىڭ ماھارەت كۆرسىتىشىگە كەڭ پۇرسەت يارتىپ بەردى.شۇڭا ئەمدى بىرەر ھەقىقەت،بىرەر تەشەببۇسنى كۆيۈپ پىشىپ،ئۇزۇندىن-ئۇزۇن ئاساسلارنى كەلتۈرۈپ بايان قىلىشلا كۇپايە قىلمايدۇ.بەلكى ھەرقانداق تۇيغۇنى قىزىقارلىق،ئوبرازلىق ۋە گارمونىيلىك سېزىمغا ئىگە قىلىپ ئوقۇرمەننىڭ قەلبىنى زىلزىلىگە سېلىۋەتكۈدەك قىلىش ئۈچۈن ماھارەت كۆرسىتىشكە توغراكېلىدۇ.مۇھەممەتجان راشىدىن شېئىرلىرى ئەنە شۇنداق يۈكسەك ماھارەت بىلەن يارىتىلغان ئىلھامبەخىش،كۇبلىت،بېيىتلارنى ھەرقاچان ئۇچراتقىلى بولىدۇ.

مەن قارا بوران قېقىپ ئۆتكەن چېچەكلەرنىڭ بىرى،

ھەر دوقال كەلگەندە باغلاردىن غورا قاققاندەك.

پاھ!بۇ مىسرالار ئاپەتلىك يىللاردىكى رېئال مۇناسىۋەتلەرنى نەقەدەر ئوبرازلىق ۋە گارمونىيلىك ئىپادىلەپ بەرگەن ھە؟!شائىر يۈكسەك دەرىجىدىكى بەدىئىي تەسەۋۋۇر ئارقىلىق ئۆز بېشىدىن ئۆتكەن دەھشەتلىك قىسمەتلەرنى دەل جايىدا ئىپادىلەپ ئوقۇرمەننىڭ كۆڭلىدە ئۇنتۇلغۇسىزتەسىراتلارنى قوزغاش مەقستىگە يەتكەن.

مۇنداق جەزىبىدار بېيىتلارنى ئۇنىڭ‹‹ ناخشا ئېيىتساڭ›› دېگەن غەزىلىدىمۇ ئۇچراتقىلى بولىدۇ.

بىر سېھىرلىك كۈچ ئېرۇرسەنكىم تىرىك جانلار تۈگۈل،

قەبرىلەر ئىچىرە شېھىتمۇ ئويغىنار ناخشاڭ بىلەن.

بىز يەنە تۆۋەندىكىدەك جۇشقۇنلۇق تەسىراتلار بىلەن تولغان،كۇبلىت بېيىتلارنى كۆچۈرۈپ ئۆتۈشتەك خۇشاللىقتىن ۋاز كېچەلمەيمىز.

مەن ئەسىر بولدۇم ساڭا سەن ياكى ئوق ئاتماي تۇرۇپ،

جان چىقار بولدى بۇتەندىن يا قىلىچ چاپماي تۇرۇپ.

ئىككى تال سۇمبۇل چېچىڭغا باغلىنىپ جىسمىم تامام،

يۈرىمەن ھېچىكىم ساڭا ئارقان ئېلىپ چاپماي تۇرۇپ.

بۇلارلا ئەمەس،تۆۋەندىكى كۇبلىتلارمۇ يۇقىرىقى مۇلاھىزىمىزگە ئۇيغۇن كېلىدۇ.

ياشاپ كەلدۇق مىڭ تىرىلىپ،مىڭ ئۆلۈپ،

گاھ يىللىرى ئون يىغلىساق بىر كۈلۈپ.

مۇشەققەتنىڭ ئوتلىرىدا ئۆرتىنىپ،

بىز كۆنگەنگە كۆنەمدىكىن بالىلار؟!

※※    ※※   ※※

شۇڭغۇپ كىردى قارلىغاچ يەنە مېنىڭ ئۆيۈمگە،

بولدى باھار قوشىقى ماڭا ئوقۇپ بەرگىلى.

جۇۋانلارنى،قىزلارنى ياساندۇرۇپ ئۆزەڭدەك،

باشلاپ چىقتىڭ بازارغا بېدە كۆك تەرگىلى.

※※    ※※   ※※

دېرىزەڭنى سەھەردە ئاچقانلىرىڭ چىرايلىق،

ئىشىكىڭگە سۈزۈك سۇ،چاچقانلىرىڭ چىرايلىق.

دېھقان قىزى مەن ئۆتسەم ئىشىكىڭنىڭ ئالدىدىن،

شاش كېيىكتەك ھويلاڭغا قاچقانلىرىڭ چىرايلىق.

مانا قاراڭ!بۇ كۇبلىتلار كۆكلەم پەيتى يېتىپ كەلگەن پەيىتتىكى ھايات كۆرۈنۈشلىرىنى قويۇق يەرلىك پۇراققا ئىگە قىلىپ،ئوبرازلىق تون ئىچىدە ئىپادىلەپ بېرىش مەقسىتىگە يەتكەن.

3.ھەرقانداق شېئىرنىڭ ئېستىتىك زوقلاندۇرۇش ئىقتىدارىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ يۇقىرى كۆتۈرۈش مۇھەممەتجان راشىدىن ئەدەبىي ئۇسلۇبىنىڭ يەنە بىر مۇھىم ئالاھىدىلىكى.

ئىستىتىك كۆركەملىك ھەرقانداق بەدىئىي ئەسەرنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان زۆرۈر  شەرتى،ئوقۇرمەن ئەسەر بىلەن ئۇچراشقان ھامان ئۇنى ئەسەر گە مەپتۇن قىلىپ قىزىقتۇرىدىغان ئامىل ئەشۇ كۆركەملىكتۇر.

شۇڭا ئىستىتىك كۆركەملىك ئەسەرنى ئوقۇرمەنگە زوقلىنىش ئوبىيكتى سۈپىتىدە قوبۇل قىلدۇرۇشنىڭ ۋاستىسى بولۇپ رول ئوينايدۇ.بولۇپمۇ ،پەقەت ئىنساننىڭ ئىچكى ھېس-تۇيغۇلىرىنىلا ئىپادىلەيدىغان شېئىرلار ئۈچۈن تېخىمۇ شۇنداق،مۇبادا ھەرقانداق ئەسەر ئوقۇرمەننىڭ زوقلىنىش ئىستىتىكىنى ياندۇرۇپ تۇرىدىغان موشۇنداق ئىچكى دىۋىگاتىلغا ئىگە بولمايدىغان بولسا،ئۇۋاقىتتا ئۇئەسەر ھەر قانچە ياخشى دېيىلگەندىمۇ ئادەتتىكى ئەخلاقى  پىرىنسىپلارنى قۇرۇقتىن-قۇرۇق بايان قىلىپ،ئوقۇرمەنگە توغرىدىن-توغرا  دىداكتىك پەندى-نەسىھەت قىلىدىغان چەكلىمىدىن خالىي بولالمايدۇ،شۇڭا چىنلىق،ياخشىلىق گۈزەللىك ئىستىتىك جەلىپ قىلىش كۈچىنىڭ ئۈچ مۇھىم ئامىلى دېيىلىدىغان بولسا،شۈبھىسىزكى مۇھەممەتجان راشىدىن لېرىكىنىڭ زوقلاندۇرۇش ئىقتىدارى بۇ ئامىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندىن تاشقىرى ‹‹يۈكسەكلىك››دېگەن تۆتىنچى پەللىگە كۆتۈرۈلۈپ،جەلىپ قىلىش ئىقتىدارىنى تېخىمۇ يۈكسەلدۇردى.شۇنىڭ ئۈچۈن شائىرنىڭ تۈرلۈك سورۇنلاردا ئۆزى تەرىپىدىن قىلىنغان دىكلاماتسىيەلىرىنى بىرەر قېتىم ئاڭلاپ ئىستىتىك تەشنالىقى قانمىغان ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى تەمىن قىلىش ئۈچۈن ئايرىم ساخاۋەتچىلەر تەرىپىدىن ‹‹چوقان›› ناملىق ئۈنئالغۇ لىنتىسى ئىشلىنىپ چىقىپ بازارغا سېلىندى.لىنتىغا ئېلىنغان : ‹‹سەن يوق››،‹‹ياشىسۇن››،‹‹ياتلاشتۇق››،‹‹ھايات دېگەن مانا شۇ››،‹‹سېلىقچى››،‹‹قورقىمەن››،‹‹ئۆلمەڭلار››،‹‹ئۈرۈمچى››،قاتارلىق شېئىرلار تۇرمۇشىمىزدا دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدىغان،كىشىلەرگە كۈندە دېگۈدەك پۇتلىشىپ يۈرسىمۇ،قانداق سادا قايتۇرۇشنى بىلەلمەيۋاتقان مەسىلىلەرگە قارىتا يۈكسەك ئىجتىمائىي بۇرچ،ئۆتكۈر تىل،كۈچلۈك ھەجىۋىي ئاچچىق كىنايە ئارقىلىق ئىنتايىن دەل جاۋاپ بېرىگەن.

كىشىلەر بۇ لېرىكىلار بىلەن ئۇچراشقىنىدا گويا ئۆزى دېمەكچى بولۇپ دېيەلمەيۋاتقان مەزمۇنلارنى شائىرنىڭ دەپ بەرگەنلىكىدىن سۆيۈنۈپ ئۇنىڭ بەدىئىي تالانتىغا ئالقىش ياغدۇرۇلدى.

مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ ئىپادىلەش ئۇسۇلى،سۆزنى سۆزگە،گەپنى گەپكە كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئۆز ۋۇجۇدىدا قوزغالغان  بىشارەت قىلىنغان ۋىجدانى بۇرچ ۋە ۋىجدانى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ھۆكۈم سۈرىدۇ.شائىر خېلى ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان موشۇ خىل خاراكتىردىكى بىر تۈركۈم شېئىرلىرى ئارقىلىق كىشىلەرنى ۋىجدا سوتى ئالدىدا ئۆزىنى-ئۆزى سىناپ كۆرۈشكە،ئۆزىنىڭ ھەرىكەت  پائالىيەتلىرىگە ئۆزى لىللا ھۆكۈم ئېلان قىلىپ بېقىشقا ئۈندىدى.بۇنىڭدىكى چىقىش نۇقتىسى ھەرگىزمۇ بەزى كىشىلەر ئېيىتقاندەك ‹.يىغلاڭغۇلۇق››،‹‹ھازا ئېچىش››نى ئەمەس،بەلكى ئوقۇرمەن،كۆرۈرمەن،تاماشىبىنلارنىڭ ئورنىغا كەلتۈرگلى بولمايدىغان جۇدالىق زارلىرى بىلەن ھاياجانغا سېلىپ،ئۇلارنى ۋىجدان ئازابى ئىچىدە ئۆزىنى-ئۆزىگە تونۇتۇش،ۋىجدان ئازابى ئىچىدە ئىزا تارتقۇزۇش ،ئۆكۈندۈرۈش ئارقىلىق ئاچچىق تەجرىبە ساۋاقلارنى قوبۇل قىلدۇرۇپ،مىللىي روھنى پاكلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھەقىقى ئىنسانغا خاس ئالىيجاناپ بۇرج-مەسئۇلىيتىنى تونۇۋېلىشقا يېتەكلەشتىن ئىبارەتتۇر.شۇڭا لېرىك قەھىرىماننىڭ جۇدالىق زارلىرىدىن ئازاپلىنىپ سالغان دادۇ-پەريادى بىزدە ئۇنىڭغا نىسبەتەن بېزار بولۇش ئەمەس،ھېسىداشلىق،ئېچىنىش قوزغاپ ،ئۆزىمىزنىڭ ئەشۇنداق رېئاللىققا دۇچ كەلگەندە بۇرچ ۋە مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلىشىمىزنىڭ قانچىلىك بولغانلىقى ھەققىدە قايتىدىن ئويلىنىپ بېقىشىمىزغا مەجبۇر قىلىدۇ..

  4.ئۇيغۇر مىللىي ئالاھىدىلىكلىرىنى پەقەت ئۇيغۇر تۇرمۇشىغىلا مەنسۇپ بولغان مىللىي دېتاللار ئارقىلىق ئىپادىلەپ،شۇنداقلا قارىغان ئادەم  بۇ ئۇيغۇر شائىرنىڭ ئەسىرى ئىكەن دېگۈدەك  قىلىپ ،ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئىپادىلەپ بېرىش ئۇنىڭ ئەدەبىي ئۇسلۇبىنىڭ يەنە بىر مۇھىم ئالاھىدىلىكى.

ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا ئۇيغۇرلار ياشىغان زىمىندىكى دەريا -ئېقىنلاردەك ساپ ئۇيغۇر قېنى ئۆركەشلەپ تۇرىدۇ،ئۇھەرقاچان مىللەت ئالدىدا مەسئۇل بولۇشنى ئەقىدە قىلغان ھالدا ئۆز مىللىتىنىڭ ئۆتمۈشتىن تارتىپ قۇتۇلالماي كېلىۋاتقان چەكلىمىلىكلەرنى يېڭىپ ئۆزىنى ماددىي ۋە  مەنىۋىي جەھەتتىن قۇدىرەت تاپقۇزۇش ئېڭىغا ئىگە بولۇشقا يېتەكلىدى...ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا ئۇيغۇر تۇرمۇش ئادەتلىرىنىڭ، ئۇيغۇر پىسخىكىسىنىڭ،ئۇيغۇر تىل مەدەنىيىتىنىڭ ،قىسقىسى ئۇيغۇر ئېتنوگىرافىيىسىنىڭ پۇرىقى گۆپۈلدەپ تۇرىدۇ.ئۇ ھەر قاچان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىدىكى  جاۋاھىراتلارنى چۇڭقۇر تەسىرادت،يۈكسەك ئىپادىلەش ماھارىتى بىلەن ئېچىپ بېرىشكە ئالدى بىلەن كۆڭۈل بۆلدى.

ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا ئىشلىتىلگەن مىللىي پۇراق،مىللىي تۈس،مىللىي خاراكتىر بالقىپ تۇرغان تۇرمۇش دېتاللىرىنى شائىرنىڭ ئەشۇ دەقىقىلەردە قانداق ئېسىگە ئېلىپ،قانداق قىلىپ دەل جايىغا كەلتۈرۈپ ،شۇنچە ئىنچىكە ،شۇنچە زىل ھېس-تۇيغۇلارنى شۇنچە دەل ۋە ئوبرازلىق قىلىپ ئىپادىلەپ  چىققانلىقىغا ئادەمنىڭ ئەقلى ھەيران قالىدۇ.ئۇنىەڭ شېئىرلىرىدىن ئورۇن ئالغان ئەنە شۇ خىل ئالاھىدىلىكلەر چاچراپ تۇرغان يېتىلگەن مەنزىرىلەرنى ئادەتتىكى تىلغا كۆچۈرۈپ ئىزاھلاشقا ئۇرۇنۇش ئۇنىڭ يۈكسەك دەرىجىگە كۆتۈرۈلگەن بەدىئىي قىممىتىنى تۆۋەنلىتىش بىلەن باراۋەردۇر.بۇ تەرەپلەردە كۆرسىتىلگەن يۈكسەكلىكنى ئاپتۇر ياراتقان شېئىرى ئوبراز ۋە ئىشلەتكەن ئېسىل بەدىئىي ۋاستىلەر بىلەن بىۋاستە ئۇچۇرۇشۇش ئارقىلىقلا تېخىمۇ يېتەرلىك ھېس قىلۋالغىلى بولىدۇ.

ھەقلىق ئىكەن بالىلىقنى بەخىت دېگەنلەر،

مەيلى يۈرسۈن ئوشۇق ئويناپ پادا بېقىپ ھەم.

بىر توخۇنىڭ چۆجىسىدەك بىللە ئىدۇق بىز،

چوقان بىلەن كوچىلارغا گۈلخان يېقىپ ھەم.

چىمدىۋېلىپ تالاي قىزلارنى قاقشاتمىدۇقمۇ،

سۆيدۈرمىسە دوقمۇشلاردا ئۇرۇپ قېچىپ ھەم.

بەڭۋاشلىقتا ساق قالمىغان قۇشلار ئۇگىسى،

كۆك غورىنى تۆ ككەن ئىدۇق پىشماي قېقىپ ھەم.

ناخشىمىزدىن جاكارلاندى يىگىتلىكىمىز،

تالايلىغان كېچىلەرنى تاڭغا چېتىپ ھەم.

بېشىمىزدا كۈندە يۈزمىڭ ئىشق سەۋداسى،

باھار كەلسە كاككۇك كەبى مۇڭغا پېتىپ ھەم.

ئېتىزلارنى ئەزىز بىلىپ ئۆتكەن تارىختىن،

ئولتۇرىمەن بۈگۈن مانا ۋاراق ئېچىپھەم.

تەبىئەتمۇ تاڭ قالغانتى بىزنىڭ ياشلىققا،

قىيان سۇغا تىزگىن سالساق كەلكۈن كېچىپ ھەم.

پاھ!بۇنداق گۈزەل تەسۋىرلەرنى يەنە كۆچۈرۈش كېرەكمۇ؟!بەس!موشۇنىڭ ئۆزىمۇ قىرلىق ئالماسنىڭ ئۆتكۈر قىرلىرىدا جۇلالانغان قۇياش نۇرىدەك شۇنداقلا قارىغان ئادەمنىڭ كۆزىگە تاشلىنىدىغان مىللىي دېتال،مىللىي تەپسىلات،مىللكىي كۆرۈنۈش،ۋە يەرلىك پۇراق دېگەنلىرىمىز ئەشۇ بىر لېرىكىنىڭ شېئىرى ئوبرازىنى يارىتىشتا بىر-بىرى بىلەن ئىنتايىن تەبئىي يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن.ئۇلار گويا تاۋلانغان تۇنۇرنىڭ تەپتىدە قىزىرىپ پىشىپ چىققان گىردە ناندەك كامالىغا يەتكەن ئۇيغۇر خاراكتىرىنى تولىمۇ مۇكەممەل،تەلتۆكۈس ئىپادىلەپ كۆرسەتكەن.

5.ئۇنىڭ ئىجادىيەت ئۇسلۇبىنىڭ يەنە بىر كۆزگە تاشلىنىدىغان ئالاھىدىلىكى قاپىيىلىرىنىڭ يارىشىملىق،تۇراقلىرىنىڭ گارمونىيلىك سۆزنى-سۆزگە،گەپنى-گەپكە كەلتۈرۈش ئارقىلىق يېڭى ئىستىلىستىك ۋاستىلەرنى يارىتىپ ئۇنى ماھارەت بىلەن ئىجادىي ئىشلىتىشىدە ئالاھىدە كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.

بارماق ۋەزىنىدە قاپىيە ھەرقانداق شېئىر بىناسىنىڭ قەد كۆتۈرىشىدە تۈۋرۈكلۈك رولغا ئىگە بولغاچقا قاپىيىسىز شېئىر يازغىلى بولمايدۇ.

شائىر مۇھەممەتجان بۇ ئۆلچەمگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ ئىجادىيەت ئېلىپ بېرىپلا قالماستىن ،باشقىلار بايقىمىغان ،ئىشلەتمىگەن يېڭىدىن-يېڭى قاپىيە شەكىللىرىنى قېزىپ چىقىپ ئۆز ئىجادىيىتىگە ئالاھىدە ھۆسىن ئاتا قىلدى.ئۇ ئىجادىيىەت ئېلىپ بارغاندا ئالدى بىلەن قاپىيە شەكىللىرىنى بېكىتىۋېلىپ ئاندىن ئۇنىڭغا ماس كېلىدىغان ئاھاڭداش سۆز ئۇقۇملارنى جايىدا تاللاپ مىللىي تۈس،مىللىي پۇراق بالقىپ تۇرغان شېئىرلىرى بىلەن نوتۇق جەھەتتىكى ئىندىۋىدىئاللىقنى گەۋدىلەندۈرۈشنى ئۆلچەم قىلدى.شېئىرىدا ئىپادىلىمەكچى بولغان ئەڭ ئەتىۋارلىق پكىر خاھىشلىرىنى ئەنە شۇ قاپىيە ئارقىلىق ئىنتايىن جۇشقۇن ۋە دەل ئىپادىلەپ ئوقۇرمەننى ناھايىتى ئاسانلا مەپتۇن قىلدى.

ئالايلى،ئۇنىڭ ‹‹سۈپۈرگەڭگە›› دېگەن سۆز قاپىيە قىلىنغان شۇ ناملىق شېئىرىدا دېھقان دوستىنىڭ بىر سۈپۈرگە سوۋغا قىلغانلىقىدەك ئىنتايىن ئادىي،ئەمما ئىنتايىن يېقىنلىقنىڭ ئىپادىسى بولغان بۇ ھەرىكەتكە مۇجەسسەملەنگەن ئۇلۇغۋار ئىنسانىي ئەقىدىنىڭ پارلاق نۇرىنى تارقاتتى. ‹‹سۈپۈرگە›› ئىنتايىن ئاددىي،ئىپتىدائىي ئەسۋاپلارنىڭ بىرى،لېكىن پەن-تېخنىكا،سانائەت يۇقىرى دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئاددىي دېھقان كەپىسىدىن تارتىپ شاھانە سارايلارغىچە ئەتراپتىكى موھىتىنى پاكىز تۇتۇش ئۇنىڭسىز مۇمكىن ئەمەس،شۇڭا شائىر دېھقان دوستىنىڭ دوسىتلۇق ئەقىدىسىدىن سۆيۈنۈپ،شېئىر يېزىشقا تۇتۇش قىلغاندا دەل ئەشۇ ‹‹سۈپۈرگەڭگە››دېگەن سۆزنى شېئىرىي پىكىرنىڭ مەركىزى نوقتىسىغا قويۇپ،ئۇنىڭغا ئەڭ ئاھاڭداش كېلىدىغان،شۇنداقلا سۈپۈرگە تەقدىم قىلىنغان شەخىسنى ئىپادىلىگۈچى ‹‹ئاغىنەڭگە›› دېگەن سۆزنى قاپىيىلەشتۈرگەن.نەتىجىدە ‹‹سۈپۈرگەڭگە››دېگەن سۆز ھەم شېئىرنىڭ تېمىسى ھەم شېئىرنىڭ باشقا كۇبلىتلىرىدا ئىپادىلەنگەن مەزمۇنلارنى بىر-بىرىگە باغلىۇچى قاپىيىلەرنىڭ مەركىزىگە ئايلانغان.شېئىر مۇنداق باشلىنىدۇ:

كىمخاب تونلار كېيدۈرگەندەك ئاغىنەڭگە،

قىلىچ بېرىپ ماڭدۇرغاندەك ياكى جەڭگە.

كۈندە نەچچە رەت ئىگىلسەممۇ ئازلىق قىلار،

ئالاھىدە سوۋغات قىلغان سۈپۈرگەڭگە.

ناھايىتىي روشەنكى،پەقەت مۇشۇ كۇبلىتلا ئەمەس،بەلكى پۈتۈن شېئىرنىڭ ئاساسىي خاھىشىنى ‹‹سۈپۈرگەڭگە›› دېگەن قاپىيە بىلەن ئاخىرلاشقان تۆتىنچى مىسرا بىلەن ئىپادىلەپ تۇرىدۇ.شائىر دوسىتلۇق ئەقىدىسىدىن زوقلىنىپ كۆڭلىدە پەيدا بولغان گەپلىرىنى ئىزھار قىلىپ بولۇشقىچە ئاشۇ قاپىيەگە ئاھاڭداش كېلىدىغان سۆزلەرنى بىر-بىرلەپ تېپىپ چىقىپ بىر شېئىرنىڭ كۆركەم بىناسىنى ئۆرە تۇرغۇزىدۇ،ھەم شېئىرنى ڭ ئاخىرقى كۇبلىتىنى يەنە ئەشۇ قاپىيەگە ئەكىلىپ باغلاپ:

تېرىپ تۇرغىن،بېرىپ تۇرغىن دېھقان دوستۇم،

خېرىدارمەن سېنىڭ بوغقان سۈپۈرگەڭگە.

پاكىلق ئۈچۈن پېشكەل ئەخلەت دېگەن،

چىقىپ كەتمەس ئانچە-مۇنچە سۈپۈرگەنگە.

دەپ بايان قىلىپ،شېئىرنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ،مۇبادا شائىر شېئىرنى موشۇنداق مەخسەتلىك تەپەككۇر يۈرگۈزۈپ،ئىزدەپ تاپقان قاپىيىلىرى بىلەن زىننەتلەپ پىكىرلىرىنى بىر-بىرىگە چېتىپ چىقمىغان بولسا،بۇ شېئىر بىناسى ئوقۇرمەننىڭ كۆز ئالدىدا ئۆرە تۇرالمىغان بولاتتى...بڭلا ئەمەس،ئۇ ھەرقانداق شېئىرىنى يازغاندا شۇ شېئېر خاھىشنى دەل ئىپادىلەيدىغان يارىشىملىق قاپىيەنى ئالدى بىلەن تۇراقلاشتۇرۇپ،ئاندىن ئۇنىڭغا ئاھاڭداش ھەم مەزمۇنداش سۆزلەرنى ئىزدەپ تېپىپ مۇۋەپىقىيەتلىك يېزىپ پۈتتۈرگەن.

‹‹كوچىلارغا چىقسااڭ ئەل قاراشقاندەك قىلۇر››دېگەن مىسرا بىلەن باشلىنىدىغان بۇ شېئىرىدىمۇ ھېچىكىمنىڭ ئىجادىيىتىدە ئۇچراتقىلى بولمايدىغان،شۇنىڭدەك ئۆزىمۇ بۇرۇن ئىشلىتىپ باقمىغان بىر يېپ-يېڭى قاپىيە ئىجاد قىلىپ ،شېئىرنىڭ ھەم ئىستىتىك زوقلاندۇرۇرش ھەم كۈچلۈك ئىدىيىۋى تەسىر بېرىش ئىقتىدارىنى ۋايىغا يەتكۈزگەن.‹‹بۇلبۇل تالاشقاندەك قىلۇر ›› ،‹‹قايغۇ ياماشقاندەك قىلۇر››،‹‹ قىزلار ماراشقاندەك قىلۇر ››،‹.ئىتلار قاۋاشقاندەك قىلۇر ››،ئەگەر بۇ قوش قاپىيەلەرنىڭ ئاخىرىدىكى تەكرارىنى(قىلۇرنى) چىقىرىۋەتسەكمۇ ‹‹ئاغزى قاناشقاندەك ››‹‹يۇلتۇز يالاشقاندەك›› ،‹‹يارىم ياراشقاندەك ›› ،‹‹ ساچىن تاراشقاندەك ››،‹‹ئاشىق ساناشقاندەك ››دېگەنگە ئوخشاش قوش قاپىيەلەرنىڭ ھېس تۇيغۇ ۋە پىكىرنى كەمتۈك قىلىپ قويماي (قاچۇرۋەتمەي) ئىپادىلىش ئىقتىدارىنىڭ نەقەدەر باب كەلگەنلىكىنى پەقەت م.راشىدىن قەلىمىدىلا زاھىر بولغان ئىجادى ئۈنۈم دېگىلى بولىدۇ.تىل سەنئىتى دېگىنىمىز ئەشۇ.تولۇق سالاھىيەتتىكى تىل سەنئەتكارى بولغان مۇھەممەتجان راشىدىن ئۆزىنىڭ ھەر بىر شېئىردىكى ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى ۋايىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن مىڭ بىر تولغىنىپ ،مىڭ بىر كۆيۈپ يۈرۈپ ئىشلەتكەن قاپىيە ۋە باشقا سۆز ئۇقۇملىرىنى توغرا،دەل،ئىجادى ۋە ھېسىياتلىق ئىستىمال قىلىش ئارقىلىق ئوقۇرمەنلىرىنى قايىل قىلىپ كۈلدۈرۈپ،شاتلاندۇرۇپ،يىغلىتىپ مۇڭلاندۇرۇپ،غەزەپلەندۇرۈپ،نەپرەتلەندۈرۈپ ئىرادىغا كەلتۈرۈپ،سۈيۈندۈرۈپ،پۇخادىن چىققۇدەك كۆڭۈل ئىزھارىنى موشۇ مىسرالاردىن ئىزدەپ تېپىشقا مەجبۇر قىلدى.شۇنداقلا ئەتراپىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان ئۆزگىرىشلەرگە قارىتا ھاسىل قىلغان چۈشەنچىلەرنى زوقلىنىشنىڭ جاراڭلىق مەدھىيىسى،ئازابلىنىشنىڭ مۇڭلۇق پەريادى سۈپىتىدە ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئەكىس ئەتتۈرۈپ،ئۇقۇرمەنلەرنىڭ كۆڭۈل رايىنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىپ ھەرقاچان زىلزىلە پەيدا قىلىپ كەلدى.

ئۇنىڭ مۇزىكىغا سېلىنغان نۇرغۇنلىغان  شېئىرلىرى ناخشا تېكىستى سۈپىتىدە يېزىلمىغان بولسىمۇ،مۇزىكانىت،ناخشىچىلىرىمىزنىڭ ھەۋىسىنى قوزغاپ،بەس-بەستە لېرىك مىلودىيەلەرگە سېلىنىپ ناخشاد تېكىستى قىلىپ ئېيتىلىشى ئۇنى ئىجادىيەت مۇساپىسىدىكى ئاياغ ئىزى چۈشمىگەن يەنە بىر تىڭ بوزلۇقنى ئېچىش ئىستىكىگە ئېلىپ كەلدى.شائىر گويا بىر ئاساۋ كەلكۈنگە دۇچ كېلىپ قالغاندەك كەلكۈنگە يانداش كەلكۈن بولۇپ كەلگەن ئىلھام مېۋىلىرىنى ئالدىراش يىغىپ ئېلىپ،بىزنىڭ قانغىچە زوقلىنىشىمىزغا سۇندى.نەتىجىدە قىسقىغىنا 4-5يىل ئىچىدە مەزمۇنى بىلەن شەكلى،ھېسىياتى بىلەن تىلى ئىلى خەلق ناخشىلىرى ئەنئەنىسىگە تولىمۇ ئوخشايدىغان 250پارچىدىن ئارتۇق ناىشا تېكىستى ئېلان قىلىپ،ئۇيغۇرشېئىرىيەت تارىخىدا مەخسۇس ناخشا تېكىستلىرى توپلىمى نەشىر قىلدۇرغان تۇنجى شائىر بولۇپ قالدى.گەپ بۇ يەرگە كەلگەندە شۇنىمۇ خۇشاللىق بىلەن ئېيتىپ ئۆتۈشكە  بولۇدىكى،يېقىن ئارىدا شائىرنىڭ نەچچە يۈزلىگەن غەزەللىرىدىن ھاسىلى بولغان ‹‹غەزەلىيات›› ى بىلەن ئۇچىرىشىش تەنتەنىسىگە چۆمىدىغىنىمىز كۆرۈنۈپ قالدى.ئىلاھىم شۇ كۈنلەرنىڭ پاتراق يېتىپ كېلىپ موللا بىلال نازىمىنىڭ ‹‹غەزەلىيات››ىدىن بىر ئەسىر كىيىن ئىلى زىمىنىدا دۇنياغا كۆز ئاچىدىغان يەنە بىر ‹‹غەزەلىيات››نىڭ مۇڭلۇق كۈيلىرىدىن ھەممىمىزنى تەڭ بەھىرلىنىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغاي!

ئۆتكەن يىلى ھەرقايسى نەشىرياتلار تەرىپىدىن تۆت شېئىرلار توپلىمىنىڭ بەس-بەستە نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلىشى ئۇيغۇر نەشىرياتچىلىق تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان تەنتەنىلىك مەدەنىيەت ھادىسىسى بولدى.بىر شائىرنىڭ ئەدەبىيات مۇنبىرىمىزدە تۇتىدىغان تارىخى ئورنى ئۇنىڭ ئۆز دەۋرىدىكى شېئىرىيەت ئىجادىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا قانچىلىك تۆھپە قوشقانلىقى بىلەن بەلگىلىنىدۇ.شائىر مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ بۈگۈنكى دەۋىر شېئىريىتىمىزنى يېڭى بىر ئىدىيىۋى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ راۋاجلاندۇرغانلىقىنىڭ ئەمەلىي دەلىلى بولغان تۆت توپلام ئۇنىڭ بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر شېئىرىيەت مۇنبىرىدە تۇتىدىغان ئورنىغا ئادىل باھا بېرىشىمىزنى رېئال ئاساسلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ......

بىز شائىرنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، ئائىلىسىگە شاد-خۇراملىق،ئىجادىيىتگە يەنىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەر تىلەيمىز!

2007-يىل 15-ئىيۇن غۇلجا

2007-يىل 10-ئۆكتەبىر غۇلجا

 

 

 

ئورۇن:ئىلى پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتى پېشقەدەم كادىرلار باشقارمىسى

تېلېفۇن: 0999-8124275

 



[ ﺑﯘ ﻳﺎﺯﻣﺎ abduraxit ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ 2008-5-22 12:27:38 ﺗﯜﺯﯛﺗﯜﭖ ﺗﻪﻫﺮﯨﺮﻟﻪﻧﺪﻯ . ]


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  شائىرنىڭ كىملىك
●  ﺗﯜﺭﻟﯘﻙ ﻛﯩﺘﺎﭘﻼﺭ ﯞﺍﺷﺎﯓ...
●  شائىر مۇھەممەتجان ...
●  [ﯪﺭﻏﺘﯘﻍ] ﻫﯩﻠﻠﯩﺲ ﻣﯩﻠﻠﯩﺮ: ﯬﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﯲﻟﺪﯨﻤﯘ...
●  ﯲﻛﻪﺵ ﺟﺎﭘﭙﺎﺭ:<<ﯪﻣﻪﺕ ﯞﻩ ﯪﭘﻪﺕ>> ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ...
●  ئەلگىيار مۇنبىرى پ...
●  ﺧﻮﺵ ﺩﯨﻤﻪﻳﻼ ﻛﻪﺗﻜﯩﻦ ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﻪﻡ ( ﺗﯘﺭﺍﻥ)...
●  نىزار قەببانىيغا خ...
●  ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ<< ﺧﻪﻧﺰﯗ>> ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﯘﻳﺘﯘﻕ؟.............
●  ﯮﺭﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺧﺎﺳﻠﯩﻖ...
●  ﭼﻮﻗﺎﻥ:ﭘﻪﻟﻪﺳﻪﭘﯩﮕﻪ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺝ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ...
●  قىممەتلىك روھ،ئۇنت...
●  ﭼﻮﻗﺎﻥ؛ﺧﯘﺩﺍ ﮔﯘﯞﺍﻫ...
●  شائىر شېئىر يازغان...
●  ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﭘﺎﺭﺍﯓ...
●  [ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﻩ]ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ﺗﯧﭙﯩﺸﻤﺎﻗﻘﺎ ﺳﺎﻟﻐﺎﻥ، ﺋﺎﻟﺘﯘﻧﺪﯨﻦ ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ، >[...
●  دات باسقان تېغ
●  ﭼﻮﻗﺎﻥ:ﺳﯘﻣﺮﯗﻏﻨﯩﯔ ﯮﻥ ﻳﯩﻠﻠﯩﻘﻰ(ﺗﻮﭘﻼﻡ) ﯞﻩ ﯮ ﻫﻪﻗﺘﻪ ﯮﻳﻠﯩﻨﯩﺶ...
●  ﻳﯩﺮﺗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻧﯩﻘﺎﭖ ( ﺗﯘﺭﺍﻥ)...
●  مۇنبەرلىرىمىزدىكى ...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  شائىرنىڭ كىملىك
●  ﺗﯜﺭﻟﯘﻙ ﻛﯩﺘﺎﭘﻼﺭ ﯞﺍﺷﺎﯓ...
●  شائىر مۇھەممەتجان راشىد...
●  [ﯪﺭﻏﺘﯘﻍ] ﻫﯩﻠﻠﯩﺲ ﻣﯩﻠﻠﯩﺮ: ﯬﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﯲﻟﺪﯨﻤﯘ...
●  ﯲﻛﻪﺵ ﺟﺎﭘﭙﺎﺭ:<<ﯪﻣﻪﺕ ﯞﻩ ﯪﭘﻪﺕ>> ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ...
●  ئەلگىيار مۇنبىرى پەرھات...
●  ﺧﻮﺵ ﺩﯨﻤﻪﻳﻼ ﻛﻪﺗﻜﯩﻦ ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﻪﻡ ( ﺗﯘﺭﺍﻥ)...
●  نىزار قەببانىيغا خەت(نى...
●  ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ<< ﺧﻪﻧﺰﯗ>> ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﯘﻳﺘﯘﻕ؟.............
●  ﯮﺭﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺧﺎﺳﻠﯩﻖ...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى