ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ<< ﺧﻪﻧﺰﯗ>> ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﯘﻳﺘﯘﻕ؟..........
يوللانغان ۋاقتى : 2008-04-30 20:25:09 كۆرۈلۈش سانى : 230
ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ<< ﺧﻪﻧﺰﯗ>> ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﯘﻳﺘﯘﻕ؟.......... (مۇزات دولقۇنى) پارتىيەنى << خەنزۇ>> قۇرغان بولغاچقا ھەممىلا يەردە پارتىيەنىڭ سېكىرتارى شۇلار بۇلۇپ كەتتى. يېقىندا مەلۇم بىر يېزلىق خەلق ھۆكۈمىتىدە << جابەر ئىشلەش ھەققى>> تارقىتىش جەرياندا يۈز بەرگەن ۋەقەدىن كېيىن، بۇ يېزىدىكى مەمۇرلارنىڭ (ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ<< ﺧﻪﻧﺰﯗ>> ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﯘﻳﺘﯘﻕ؟..........) دەپ ۋايساپ يۈرگىنىنى ئاڭلاپ، بۇ ئىشنىڭ تەپسىلاتىنى ئەينەن ھالدا تورداشلارغا يوللۇدۇم. كۆرۈپ باقارسىلەر. ماي بايراملىق ئارام قۇيۇپ بېرىش ھارپىسىدا شۇ يېزنىڭ سېكىرتارى تەنتەنە بىلەن، << -- يولداشلار، 3-،4- ئاي كىرگەندىن بۇيان دەم ئالماي خىزمەت قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن، دۆلەت مەمۇرلىرى قانۇنىغا ئاساسەن، ھەر بىر كۈنلۈك دەم ئېلىش كۈنىگە توغۇرلاپ، بىر كۈننى ئۈچ كۈنگە ھىسابلاپ،بىر كۈنلۈك << جابەر ھەققى >> ئۈچۈن 15 يۈەندىن پۇل تارقاتماقچى بولدۇق، بۇگۈن ماليە ئىشخانىسىدىن ئېلۋالساڭلار بولدۇ.>> دەپ جاكارلاپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان كادىرلار ھەر ھالدا بۇ سېكىرتانىڭ گېپىدىن سۆيۈنۈپ، چۈشكە يېقىن ماليە ئىشخانىسىغا كىرىپتۇ، يۇ ھەيران قاپتۇ. چۈنكى بۇغالتىرنىڭ ئالدىدىكى ئىمزا قۇيدىغان دەپتەردە،ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنىڭ ئارانلا 4 كۈن ھېلقى << يولداش>> لارنىڭ بولسا 8 كۈندىن 10 كۈنگىچە ئىشلىنىپتۇ . سەۋەبىنى سورسا، ئۇلارنىڭ ئۆيى ئىچكىردە بولغاچقا شەنبە يەكشەنبىدە ئۆيگە قايتالماسمىش، بۇ كۈننىڭ ھەممىسدە <<جابەر>> ئىشلىگن بۇلارمىش ....... شۇ قاتارلىق باھانە سەۋەبلەر بىلەن بۇ پۇل ئارتۇق بېرىلپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان ھېلىقى كادىرلارنىڭ بەزىسى،<<-- ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ<< ﺧﻪﻧﺰﯗ>> ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﯘﻳﺘﯘﻕ؟..........:>> دەپ يۈرشۈپتۇ. |
|