بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئەدەبىيات >> شېئىرىيەت گۈلزارى >> مۇنبەرلىرىمىزدىكى تىما پاخاللىقى تۇغرىسىدا ئىككى كەلىمە سۆز

مۇنبەرلىرىمىزدىكى تىما پاخاللىقى تۇغرىسىدا ئىككى كەلىمە سۆز

يوللانغان ۋاقتى : 2008-04-14 05:16:24    كۆرۈلۈش سانى : 36  
كصچصك | نورمال | چوڭ             
مۇنبەرلىرىمىزدىكى تىما پاخاللىقى تۇغرىسىدا ئىككى كەلىمە سۆز

بىز ئىنتىرنىتتىن ئىبارەب بۇ مەۋھۇم دۇنيا بىلەن ئۇچراشقاندىن بۇيان ،ئۇيغۇر تۇر بەتلىرى يۇقلۇقتىن بارلىققا،تىيىزلىقتىن چۇڭقۇرلۇققاقاراپ ئىلگىرلەپ بىزگە ياخشى بۇلغان مۇنازىرلىشىشى ، پىكىىر ئالماشتۇرۇش ، بىلىم دائىرىمىزنى كىڭەيتىش جەھەتلەردە ئۆزلىرىنىڭ تۈرىتكىلىك رۇلىنى جارى قىلدۇرۇپ ،يەنە ئۆز نۇۋىتىدە بىز يۇلۇققان قىيىن نۇقتا قىيىن مەسىللەرنى تۇرداشلار بىلەن بىرلكتە ھەل قىلىش ئىمكانىيىتى ھازىرلاپ بىرىۋاتىدۇ.
شۇنۇڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇر مۇنازىرە مۇنبەرلىرىمۇ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەر،داڭلىق ئالىم ۋە شەخىسلەر،يىڭىچە پەن تەتقىقات نەتىجىلىرى ، ئۇنتۇلۇش گىردابىغا بىرىپ قالغان ئۇيغۇر تارىخى ۋە ئەنئەنىلىرى ئومۇمەن ھەممە ساھەدىكى ياخشى بۇلغان ماتىرياللار بىلەن تەمىنلەپ بىزگە نىسبەتەن مۇل بىلىم مەنبەئى بۇلۇپ كىلىۋاتىدۇ.
لىكىن ئكز نۆۋىتىدە مۇنبەرلىرىمىزدە يەنە بىر قىسىم مەسىلىلەر ساقلىنىپ تۇرداشلار مۇنبەرلەردىن زىرىكىش ، زىيارەت قىلسىمۇ ئىنكاس يازماسلىق ،ئۆز پىكرىنى دادىل ئوتتۇرىغا قۇيماسلىقتەك ناچار كەيپىياتنى شەكىللەندۇرۇپ قۇيۇۋاتىدۇ.
بۇنۇڭدىكى ئاساسى سەۋەپ مىنىڭچە مۇنبەرلەردىكى تىما پاخاللىقى ۋە باشقۇرغۇچىلارنىڭ ساپا مەسىلىسى بىلەن مۇناسۋەتلىك . مىسال ئۈچۈن پەرھات تۇرسۇن ۋە يالقۇن رۇزى تۇغرىسىدا يىزىلغان ماقالىلەر ،زاھىر بۇرھان تۇغرىسىدا يىزىلغان ماقالىلەر ھازىر ھەممىلا مۇنازىرە مۇنبەرلىرىنى قاپلاپ كەتتى .گەرچە بۇ تىمىلارنىڭ كىلىش مەنبەسى باشقا -باشقا مۇنبەرلەردىن كەلگەن بۇلسىمۇ بىكەت باشلىقلىرى ۋە باشقۇرغۇچىلار مۇنبەرنى زىيارەت قىلغۇچىلار سانىنى كۆپەيتىشنى مەقسەت قىلدىمۇ ياكى باشقا سەۋەپلەر بارمۇ بىلمىدۇق ،كۆچۈرۈلمە تىما ئىكەنلىگىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۆز مۇنبەرلىرىدە ئىلان قىلىۋەردى
ئۇنداقتا يۇقارقى تىمىلار زادى بىزگە مەنپەئەت ئىلىپ كەلدىمۇ يۇق بۇنى ياخشىراق ئويلاپ باقايلى .
ئۇندىن باشقا يەنە قارايدىغان بۇلساق مۇنبەرلىرىمىزدە ئىجادى تىمىلارغا قارىغاندا چاپلانما تىمىلار ( گىزىت -جۇرناللاردىن ئىلىنغان تىمىلار) ئاساسى سالماقنى كۆپەرك ئىگەللەيدۇ. تىى بۇنداق تىمىلار باشقۇرغۇچى ۋە ئالىي ئەزالارنىڭ شۆھرەت ۋە تۈھپىلىرى بىلەن كۆمۇلۈپ كىتىدۇ. ئىجادى تىمىلار بۇلسا سۇغۇقتا قالغان مۇساپىردەك بىر چەتتە قالىۋىرىدۇ .
مۇنبەردىكى تىما پاخاللىقىنىڭ كىلىپ چىقىشى يەنە باشقۇرغۇچىلارنىڭ ساپا مەسىلىسى بىلەنمۇ مۇناسۋەتلىك . بەزى ئازساندىكى تەنتەك باشقۇرغۇچىلىرىمىز تىما بەلگىلەش تىما باھالاشنى ئۆزىگە بىرىلگەن ئالاھىدە ئىمتىياز ياكى ئالاھىدە ھۇقۇق دەپ بىلەمدىكىن ئالدىغا كەلگەن تىمىنى بىر قۇر ياكى ئىككى قۇر بۇلسىمۇ ئۇنۇڭ مەزمۇن ئالاھىدىلىگىگە قارىماي تەستىقلاپ چىقىرۋاتىدۇ. بەزى تەستىقلانغان تىمىلارغا ۋە شۇ تىمىلارغا چۈشكەن ئىنكاسلارقاراپ بەزىدەمۇنبەرلىرىمىزنىڭ كەلگۈسىدىن ئەنسىرەپمۇ قالىمىز.مەن بۇ ھەقتىكى تىمىلارنى بىر قانچە باشقۇرغۇچىغا ئۇچۇر يۇللاپ قۇلۇپلاپ قۇيدۇم ھەتتا ئۆچۈرگۈزۈپمۇۋەتتىم . ھەتتا تىما تەستىقلىغۇچى باشقۇرغۇچىلارغا بۇنداق تۇرداشلارنى زىددىيەتكە سالدىغان ،ئاسان ھاياجانلاندۇرۋىتىدىغان تىمىلارنى تەستىقلىماسىلىق تۇغرىسىدا ئۇچۇر قىلسام ،بۇ بىزنىڭ ھۇقۇقىمىز ئارتۇق ئىشقا ئارلاشماڭ دىگەندەك جاۋاپلارغا ئىرىشىپ ئىچىمدە ئاچچىق كۈلۈپ قۇيدۇم خالاس . ئەمەليەتتە ئۇلار ئاشۇ جاۋاپلىرى ئاقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ساپاسىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىكەنلىگىنى ئىپادىلەپ بەرگەن ئىدى .
يۇقارقىدەك ئەھۋاللار ئومومەن بارلىق ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىدە ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت .
شۇڭا مۆھتىرەم بىكەت باشلىقلىرى ،مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرى ساننى قۇغلاشماي ،سۈپەتنى قۇغلىشايلى ،تىما پاخاللىقىنىڭ ئالدىنى ئىلىپ ،ئىجادى تىمىلارغا كۆپرەك ئەھمىيەت بىرەيلى ،ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرەيلى .
سىزگە بىزگە ھەممەيلەنگە چاپلانما تىمىلار ئەمەس بەلكى ھەممىمىز ھەقىقى نەپ ئالدىغان،ئاپتۇرنىڭ ئەجىر مىھنىتى سڭگەن ئىجادى تىمىلار كىرەك .
يەنە شۇنى ئەسكەرتىپ قۇيايكى چاپلانمىلارنىڭ ھەممىسى ناچار دىمەكچى ئەمەسمەن ،پەقەت مۇنبەرگە تىما يللاش مەجبۇريەت بۇلۇپ قالمىسۇن ،ھەقىقى پايدىلىنىش قىممىتى با چاپلانمىلارنى يۇللايلى لىكىن ئاز ھەم ساز يۇللايلى .
ئارتۇق كەتكەن يەرلىرى بۇلسا پىقىرنى كەچۈرۈشۈڭلارنى ،بارلىق تۇرداشلارنىڭ بۇ ھەقتە ئەستايىدىل ئۇيلىشىپ بىقىشىڭلارنى سۇرايمەن .

ھۆرمەت بىلەن : دۇستۇڭلار تۇلپار يۇرتىدىن
2008-يىل 04-ئاينىڭ 13-كۈنى كەچ
شەھىرى : غۇلجا
مەنبە : ئۆز ئىجادىيىتىم


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  شائىرنىڭ كىملىك
●  ﺗﯜﺭﻟﯘﻙ ﻛﯩﺘﺎﭘﻼﺭ ﯞﺍﺷﺎﯓ...
●  شائىر مۇھەممەتجان ...
●  [ﯪﺭﻏﺘﯘﻍ] ﻫﯩﻠﻠﯩﺲ ﻣﯩﻠﻠﯩﺮ: ﯬﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﯲﻟﺪﯨﻤﯘ...
●  ﯲﻛﻪﺵ ﺟﺎﭘﭙﺎﺭ:<<ﯪﻣﻪﺕ ﯞﻩ ﯪﭘﻪﺕ>> ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ...
●  ئەلگىيار مۇنبىرى پ...
●  ﺧﻮﺵ ﺩﯨﻤﻪﻳﻼ ﻛﻪﺗﻜﯩﻦ ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﻪﻡ ( ﺗﯘﺭﺍﻥ)...
●  نىزار قەببانىيغا خ...
●  ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ<< ﺧﻪﻧﺰﯗ>> ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﯘﻳﺘﯘﻕ؟.............
●  ﯮﺭﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺧﺎﺳﻠﯩﻖ...
●  ﭼﻮﻗﺎﻥ:ﭘﻪﻟﻪﺳﻪﭘﯩﮕﻪ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺝ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ...
●  قىممەتلىك روھ،ئۇنت...
●  ﭼﻮﻗﺎﻥ؛ﺧﯘﺩﺍ ﮔﯘﯞﺍﻫ...
●  شائىر شېئىر يازغان...
●  ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﭘﺎﺭﺍﯓ...
●  [ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﻩ]ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ﺗﯧﭙﯩﺸﻤﺎﻗﻘﺎ ﺳﺎﻟﻐﺎﻥ، ﺋﺎﻟﺘﯘﻧﺪﯨﻦ ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ، >[...
●  دات باسقان تېغ
●  ﭼﻮﻗﺎﻥ:ﺳﯘﻣﺮﯗﻏﻨﯩﯔ ﯮﻥ ﻳﯩﻠﻠﯩﻘﻰ(ﺗﻮﭘﻼﻡ) ﯞﻩ ﯮ ﻫﻪﻗﺘﻪ ﯮﻳﻠﯩﻨﯩﺶ...
●  ﻳﯩﺮﺗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻧﯩﻘﺎﭖ ( ﺗﯘﺭﺍﻥ)...
●  مۇنبەرلىرىمىزدىكى ...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  شائىرنىڭ كىملىك
●  ﺗﯜﺭﻟﯘﻙ ﻛﯩﺘﺎﭘﻼﺭ ﯞﺍﺷﺎﯓ...
●  شائىر مۇھەممەتجان راشىد...
●  [ﯪﺭﻏﺘﯘﻍ] ﻫﯩﻠﻠﯩﺲ ﻣﯩﻠﻠﯩﺮ: ﯬﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﯲﻟﺪﯨﻤﯘ...
●  ﯲﻛﻪﺵ ﺟﺎﭘﭙﺎﺭ:<<ﯪﻣﻪﺕ ﯞﻩ ﯪﭘﻪﺕ>> ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ...
●  ئەلگىيار مۇنبىرى پەرھات...
●  ﺧﻮﺵ ﺩﯨﻤﻪﻳﻼ ﻛﻪﺗﻜﯩﻦ ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﻪﻡ ( ﺗﯘﺭﺍﻥ)...
●  نىزار قەببانىيغا خەت(نى...
●  ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ<< ﺧﻪﻧﺰﯗ>> ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﯘﻳﺘﯘﻕ؟.............
●  ﯮﺭﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺧﺎﺳﻠﯩﻖ...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى