بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئەدەبىيات >> شېئىرىيەت گۈلزارى >> قىممەتلىك روھ،ئۇنتۇلغۇسىز تەسىرات

قىممەتلىك روھ،ئۇنتۇلغۇسىز تەسىرات

يوللانغان ۋاقتى : 2008-04-21 05:50:49    كۆرۈلۈش سانى : 60  
كصچصك | نورمال | چوڭ             

قىممەتلىك روھ،ئۇنتۇلغۇسىز تەسىرات

ئەكبەر قادىر

(ئۇستاز ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن تەۋەللۇتىنىڭ 75-يىللىق خاتىرىسىگە)

 

ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى شىنجاڭ ئونىۋېرىستىتىدا ئوقۇغان ھەرقانداق بىر ئوقۇغۇچى ئۈچۈن ئۇستاز ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ نامى يات ئەمەس،مەن 1984-يىلى شىنجاڭ ئونىۋېرىستىتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتىتىغا قوبۇل قىلىنىپ ساۋاقداشلىرىم بىلەن ئەمدىلا سىنىپ بوسۇغىسىدىن كىرىپ تۇرغاندا سىنىپ تەربىيىچىمىز ئالدى بىلەن بۇ ئۇستازنىڭ نام-شەرىپىنى تونۇشتۇرغان ئىدى،شۇنداقلا ئۇنىڭ ئىلىم ساھەسىدىكى ئۇتۇق-نەتىجىلىرىنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى.

شۇنىڭدىن كىيىنكى كۈنلەردە بۇ ئۇستازنى ھەركۈنى دېگۈدەك كۆرۈپ،ئۇنىڭ ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن ئوزۇق ئېلىپ كەلدۇق،كىتاب ژۇرناللارنى ۋاراقلاپ بىردە ئۇنىڭ چۇڭقۇرپەلسەپىۋى ھېكىمەتلەر بىلەن سۇغۇرۇلغان شېئىرلىرىنى ئوقۇساق،بىردە ئىلمىي نۇقتىنەزەر ھەم ھۆكۈملەرگە تويۇنغان تەتقىقات ماقالىلىرىنى ئوقۇيىتتۇق.راستىنى ئېيىتقاندا ،شۇ مەزگىللەردە ئۆزىمىزگە نىشان بېكىتىش،شۇ نىشان ئۈچۈن كۆرەش قىلىش جەريانلىرىدا بىز بۇ ئۇستازنىڭ تىرىشچانلىق روھىنى ئۆزىمىزگە ئۈلگە قىلاتتۇق،ئۇستاز ئابدۇشۇكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەينى يىللاردا ئەسلى بىئولوگىيە پېنى ئوقۇغان ،كېيىن غەربىي شىمال ئونىۋېرىستىتىدا پەلسەپە پەنلىرى بويىچە ئاسپىرانىت بولۇپ ئوقۇغان.دېمەك ئۇ ئەدەبىيات پەنلىرىنى ئۆزى ئۆگىنىپ ئۆز  تىرىشچانلىقى بىلەن بۇ پەننىڭ ئەھلىگە ئايلانغان ئادەم ئىدى.ئۇ يەنە تارىخ،ئېستىتىكا،قانۇنشۇناسلىق،ئاستىرونۇمىيە،لوگىكا قاتارلىق نۇرغۇن پەنلەرنىمۇ زور  تىرىشچانلىق بىلەن ئۆگىنىپ بۇ ئىلىملەر ھەققىدىمۇ چۇڭقۇر بىلىم ھاسىل قىلغان ھەم تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئىدى.

شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى،ئۇستا ئابدۇشۇكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ تەتقىقات تېمىلىرى ئۇ ياشىغان ئەشۇ يىللارغا نىسپەتەن بالدۇر باشلانغان تەتقىقات ھېسابلىناتتى.بىزدە تېخى بىرەر ئەسەرنى تۇتۇپ تەتقىق قىلىش باشلانمىغان شارائىتتا ئۇ ‹‹قۇتادغۇ بىلىك ›› توغرىسىدا مەخسۇس تەتقىقات كىتابى يېزىشقا باشلىغان،بىزدە تېخى پەلسەپە ئىدىيىمىز تەتقىق قىلىنمىغان شارائىتتا ئۇ يول ئېچىپ ‹‹ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى ››دېگەن كىتابلارنى يازدى.بىزدە تېخى بىرەر تارىخى ئالىمنىڭ ھاياتى ۋە ئىدىيىسى تەتقىق قىلىنمىغان شارائىتتا ئۇ بۇ تېمىغا دادىل يۈزلىنىپ ‹‹ فارابىي ۋە ئۇنىڭ پەلسەپە سېستىمىسى ››دېگەن كىتابلارنى يازدى.بىز ئۆزىمىز سۆيۈپ ئاڭلاپ كەلگەن  نەچچە مىڭ يىللىق سەنئەت مىراسىمىز بولغان 12مۇقامنىمۇ ئورۇن جەھەتتىن بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرگەن ئادەم يەنىلا ئابدۇشۇكۈر مۇھەممەتئىمىن بولدى.ئۇ بۇ سەنئەت بايلىقىمىزنى ئومۇمىيۈزلىك شەرھىلەش،تەتقىق قىلىشقا بىرىنچى بولۇپ يۈرۈش قىلىپ ،ئۇنى ئاۋامنىڭ ئاغزىدىن پەنگە ئايلاندۇرۇپ بەردى.شۇنىڭ ئۈچۈن ئابدۇشۇكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ تەتقىقاتى تېخى بوشلۇق ھالىتىدە تۇرىۋاتقان تەتقىقات ساھەلىرىنى ئېچىشتا، تەتقىقاتتىكى يۈزەكى قاراشلارنى چۇڭقۇرلاشتۇرۇشتا،چىگىش بولغان،مۈجىمەل بولغان قاراشلارنى ئىلمىيلاشتۇرۇشتا ناھايىتى زور قىممەتكە ئىگە تەتقىقات ھېسابلىنىدۇ.

ئۇستاز ئابدۇشۇكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ تەتقىقات ھاياتى ئۆز ئالدىغا ئىلمىي قاراش ۋە بايقاشنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ،ئىنسانىيەت ئىلىم دۇنياسىغا ھەسسە قۇشۇش بىلەن نەتىجىلەنگەن ھايات ھېسابلىنىدۇ.ئۇ ئىلىم دۇنياسىدا ئارسىتوتىل،فارابىيلارنىڭ ئىزىدىن مېڭىپ،پەنلەرنىڭ قاتلىمى ۋە مەزمۇنى ئۈستىدە ئىزدەندى،نەتىجىدە ئۇ ‹‹قاتلام نەزەرىيىسى››‹‹ئارىلاشما مەدەنىيەت نەزەريىسى››،‹‹تارىخنى ئۇچۇر بىلەن يېشىش›› قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئىلىم-پەن دۇنياسىنى يېڭى مىتودولوگىيە بىلەن تەمىن ئەتتى.ئۇ يەنە ‹‹ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ ئارسىتوتىلى ››دەپ تەرىپلەنگەن فارابىينىڭ پەلسەپە دۇنياسىنى يېشىپ ئىزاھلاپ بېرىشتە دۇنياۋى خاراكتىرلىك ئەمگەك سىڭدۈردى.ئۇيەنە قاراخانىيلار خاندانلىقىنىڭ پايتەختى مەدەنىيەت،تارىخشۇناسلىقىمىزدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان شەھەر بالاساغۇننىڭ ئورنى مەسىلىسىدە ئىلگىرىكى روس ئالىمى بارتولىدنىڭ ‹‹بالاساغۇن - توقماق›› قارىشىغا ئوخشىمايدىغان قاراش ‹‹بالاساغۇن –ئارتۇچ›› چۈشەنچىسىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەم ئۇنى دەلىللىدى.

ئىلىم پەن ئىلگىرلەشكە مۇھتاج،يېڭىلىق يارىتىشقا تېخىمۇ مۇھتاج.ئوخشىمىغان قاراشلار ئۈستىدە ئىزدىنىش ئىلىم پەنگە ھاياتى كۈچ بېغىشلايدۇ.تارىختىن بېرىقى ئالىملارنىڭ ھاياتىدىن بىز ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى قىممەتلىك روھىنى كۆرىمىز.ئۇستاز ئابدۇشۇكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ يۇقىرىقىدەك ئىزدىنىشكە ھەم بايقاشقا تولغان روھى بىر ئىلىم پەن خادىمىغا خاس روھ بولۇپ،ئۇ ئابدۇشۇكۈر مۇھەممەتئىمىننى ئۆزىدىن ئىلگىرىكى ئىلىم- پەن ئەھىللىرىنىڭ مۇنەۋۋەر ۋارىسىغا ئايلاندۇردى!

ئەشۇ يىللارنى ئەسلىسەم بۇ ئۇستازنىڭ بىر سائەتمۇ دەرسىنى ئاڭلىيالمىغانلىقىمدىن ھەسرەتلىنىمەن.ئۇ ياندىكى سىنىپقا دەرس ئۆتكىلى كىرىپ كېتىۋاتسا ئاجايىپ بىر خىل تەلپۈنۈش،قىزىقىش بىلەن قاراپ قالاتتىم.شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرسىدە ئۇ قوشنا سىنىپقا دەرس سۆزلەۋاتقاندا ،مەن دەرىزىدىن بوينۇمنى سوزۇپ بىلىندۈرمەي ئاڭلىغان ئىدىم.ئۇستازنىڭ شۇ قېتىمقى دەرس سۆزلەۋاتقان ھالىتى ،ھەركىتى،ۋە كىيىنىشى ھازىرغىچە كۆز ئالدىمدا تۇرىدۇ.

ئابدۇشۇكۈر مۇھەممەتئىمىن شىنجاڭ تارىخىدىكى تۇنجى فىراففىسورلارنىڭ بىرسى ئىدى ،شۇنداقلا شىنجاڭ ئونىۋېرىستىتىدىن چىققان تۇنجى ئالىم ئىدى،ئۇنىڭ توختىماي ئىلگىرىلەش روھى،ئىجتىھات بىلەن ئالغا باسىدىغان ئىرادىسى ئەشۇ يىللاردا مەكتىپىمىزدە ئىنتايىن چوڭ تەسىر قوزغىغان ۋە ئالىقىشقا ئېرىشكەن ئىدى.ئۇنىڭ تەپەككۇرىدىكى يېڭىلىق،پىكىر-مۇلاھىزىلىرىدىكى ئىلغارلىقلار ئەشۇ يىللاردا بىزگە تەسىر قىلىپ ئارىمىزدىن ئىلىم-پەنگە ئۆزىنى بېغىشلايدىغان تىرىشچان ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېتىشىپ چىقىشىغا تۈرۈتكە بولغان ئىدى.

1992-يىللىرى بولسا كېرەك،مەن ‹‹شىنجاڭ ئونېۋېرىستىتى ئىلمىي ژۇرنىلى ››دا ئابدۇشۇكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ باشقىلارنىڭ ئۆزىنىڭ قاراشلىرىغا ئوخشىمايدىغان قاراشتا ئوتتۇرىغا قويغان ماقالىسىگە قارىتا يازغان ماقالىسىنى كۆرۈپ قالدىم.ئونېۋېرىستىتتا ئوقۇپ يۈرگەن ۋاقىتلىرىمدا بۇ ئۇستازنىڭ بەزى قاراشلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈندۈر ئانچە قوبۇل قىلىشلارغا ئېرىشەلمەي،بەس-مۇنازىرىلەرگە سەۋەپ بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئاڭلايىتتىم،بۇ قېتىمقى ماقالىمۇ ئاشۇنداق خاراكتىرىدە ئىدى،مەن ماقالىنى ئوقۇغاندىن كېيىن ،ھەم ئۇستازىم بىلەن مۇڭداشقۇم كەلدى،ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىيەسىنى چۈشىنىدىغانلار چوقۇم چىقىدۇ،دېمەكچى بولدۇم،ھەم يەنە قېتىرقىنىپ تەتقىقاتىنى  داۋاملاشتۇرۇپ،خەلقىمىز ئۈچۈن يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلدىم.

شۇنىڭ بىلەن بۇ ئۇستازغا ئەشۇ ئىلمىي  ژۇرنال ئارقىلىق بىر پارچە خەت يازدىم.ئارىدىن بىر نەچچە يىل ئۆتۈپ شىنجاڭ ئونېۋېرىستىتىغا بېرىپ قالدىم،ئۇستاز ئابدۇشۇكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ ۋاپات بولغانلىقىدن  خەۋەر تېپىپ  قايغۇرغاندا ئۇنىڭغا يازغان خېتىم ئېسىمگە كېلىپ ،ئۇدۇل ژۇرنال تەھرىر بۆلۈمىگە باردىم،تەھرىر ئىشخانىسىدا باش مۇھەررىر ئەكبەر ھۈسەيىن ئاكا بار ئىكەن ،مەن سالام-سائەتتىن كىيىن،مەن يازغان خەتنىڭ ئۇستازنىڭ قولىغا تەگكەن ياكى تەگمىگەنلىكىنى بىلىم بېقىش ئويۇمنىڭ بارلىقىنى ئېيىتتىم.

ئەكبەر ھۈسەيىن ئاكا:

ــــ خەتنى يازغان سىز ئىكەنسىزدە،باتۇر ئىكەنسىز،مەن خەتنى موشۇ ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ ئۇنىڭغا بەرگەن ئىدىم،ئوقۇپ بولۇپ ،سىز ساقلاپ قۇيۇڭ،دەپ ماڭا قايتۇرۇپ بەرگەن،مانا خەت ھازىر مەندە ساقلاغلىق تۇرىۋاتىدۇ.

ئەكبەر ھۈسەيىن ئاكا  شۇنداق گەپلەرنى قىلغاچ ماڭا خەتنى تارتمىسىدىن ئېلىپ كۆرسەتتى،مەن خەتنى ئېلىۋالاي دېسەم،ئۇ كىشى :

-ياق،مەن ساقلايمەن،دېدى.

مەن ماقۇل كۆرۈپ قايتىپ چىقتىم،شۇ خەتنىڭ يەنە بىر نۇسخىسى ھازىرمۇ قولۇمدا ساقلىنىۋاتىدۇ.

ئالىم ئابدۇشۇكۈر مۇھەممەتئىمىن ئۆز ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قەلبىدە يۇقىرى ھۆرمەت ۋە ئىززەت ،ئېھتىرام تىكلىگەن قەدىردان ئۇستاز ئىدى،ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىردەك ھېمايىسى ۋە ئالقىشىغا ئېرىشكەن مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى ئىدى،ئوقۇتقۇچى بولغان بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلىپ تۆرىدىن ئورۇن ئالالايدىغان ئوقۇتقۇچى بولۇشنىڭ نەقەدەر تەسلىكىنى مەن ئۆزۈم ئوقۇتقۇچى بولغاندىن كىيىن ئاندىن ھېس قىلدىم،شۇڭا ئۇستازىم ،ئالىم ئابدۇشۇكۈر مۇھەممەتئىمىننى ئەسلىگەن چېغىمدا ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىدىكى ياخشى ئوقۇتقۇچى بولالىغانلىقىدەك ئوبرازى مەڭگۈ كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ،ئىلىم دۇنياسىدا توختىماي ئىزدىنىدىغان قىممەتلىك روھى قەلبىمدە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىرات بولۇپ قالىدۇ.

 

 

ئاپتۇر:ئىلى پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتىدىن

 



[ ﺑﯘ ﻳﺎﺯﻣﺎ abduraxit ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ 2008-4-20 22:36:48 ﺗﯜﺯﯛﺗﯜﭖ ﺗﻪﻫﺮﯨﺮﻟﻪﻧﺪﻯ . ]


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  شائىرنىڭ كىملىك
●  ﺗﯜﺭﻟﯘﻙ ﻛﯩﺘﺎﭘﻼﺭ ﯞﺍﺷﺎﯓ...
●  شائىر مۇھەممەتجان ...
●  [ﯪﺭﻏﺘﯘﻍ] ﻫﯩﻠﻠﯩﺲ ﻣﯩﻠﻠﯩﺮ: ﯬﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﯲﻟﺪﯨﻤﯘ...
●  ﯲﻛﻪﺵ ﺟﺎﭘﭙﺎﺭ:<<ﯪﻣﻪﺕ ﯞﻩ ﯪﭘﻪﺕ>> ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ...
●  ئەلگىيار مۇنبىرى پ...
●  ﺧﻮﺵ ﺩﯨﻤﻪﻳﻼ ﻛﻪﺗﻜﯩﻦ ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﻪﻡ ( ﺗﯘﺭﺍﻥ)...
●  نىزار قەببانىيغا خ...
●  ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ<< ﺧﻪﻧﺰﯗ>> ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﯘﻳﺘﯘﻕ؟.............
●  ﯮﺭﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺧﺎﺳﻠﯩﻖ...
●  ﭼﻮﻗﺎﻥ:ﭘﻪﻟﻪﺳﻪﭘﯩﮕﻪ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺝ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ...
●  قىممەتلىك روھ،ئۇنت...
●  ﭼﻮﻗﺎﻥ؛ﺧﯘﺩﺍ ﮔﯘﯞﺍﻫ...
●  شائىر شېئىر يازغان...
●  ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﭘﺎﺭﺍﯓ...
●  [ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﻩ]ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ﺗﯧﭙﯩﺸﻤﺎﻗﻘﺎ ﺳﺎﻟﻐﺎﻥ، ﺋﺎﻟﺘﯘﻧﺪﯨﻦ ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ، >[...
●  دات باسقان تېغ
●  ﭼﻮﻗﺎﻥ:ﺳﯘﻣﺮﯗﻏﻨﯩﯔ ﯮﻥ ﻳﯩﻠﻠﯩﻘﻰ(ﺗﻮﭘﻼﻡ) ﯞﻩ ﯮ ﻫﻪﻗﺘﻪ ﯮﻳﻠﯩﻨﯩﺶ...
●  ﻳﯩﺮﺗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻧﯩﻘﺎﭖ ( ﺗﯘﺭﺍﻥ)...
●  مۇنبەرلىرىمىزدىكى ...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  شائىرنىڭ كىملىك
●  ﺗﯜﺭﻟﯘﻙ ﻛﯩﺘﺎﭘﻼﺭ ﯞﺍﺷﺎﯓ...
●  شائىر مۇھەممەتجان راشىد...
●  [ﯪﺭﻏﺘﯘﻍ] ﻫﯩﻠﻠﯩﺲ ﻣﯩﻠﻠﯩﺮ: ﯬﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﯲﻟﺪﯨﻤﯘ...
●  ﯲﻛﻪﺵ ﺟﺎﭘﭙﺎﺭ:<<ﯪﻣﻪﺕ ﯞﻩ ﯪﭘﻪﺕ>> ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ...
●  ئەلگىيار مۇنبىرى پەرھات...
●  ﺧﻮﺵ ﺩﯨﻤﻪﻳﻼ ﻛﻪﺗﻜﯩﻦ ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﻪﻡ ( ﺗﯘﺭﺍﻥ)...
●  نىزار قەببانىيغا خەت(نى...
●  ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ<< ﺧﻪﻧﺰﯗ>> ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﯘﻳﺘﯘﻕ؟.............
●  ﯮﺭﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺧﺎﺳﻠﯩﻖ...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى