شائىر شېئىر يازغاندا ...
يوللانغان ۋاقتى : 2008-04-14 01:27:22 كۆرۈلۈش سانى : 75
[color=Brown][size=5]شائىر شېئىر يازغاندا ...[/[/size]color]
[size=4][color=Green]ئۇلۇغ داغىستان شائىر رەسۇل ھەمزەتوق :<<شائىر شېئىر يازغاندا شائىر توشقاننى قوغلىغان يولۋاس بولۇشى ياكى يولۋاستىن قاچقان توشقان بولۇشى كېرەك>> دەپ ئېيتىدۇ. شائىر شېئىر يازغاندا ئوبيېكتىپ ۋە سۇبيېكتىپ دۇنيا ئۆزىنىڭ شېئىرىيەت ئالىمىگە سىڭىپ كىرگەن بولۇشى كېرەك. شائىر ئۆزىنى ئاشۇ شېئىرىي دۇنيا ئىچىدە تەسەۋۋۇر قىلىپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانسا ئۇنىڭدىن ھەقىقى شېئىر چىقىدۇ. شائىر شېئىر يازغاندا ئۇنىڭ تۇمۇرىدا ئۇرغۇپ تۇرغان بولىدۇ. ئەتىياز مەزگىلىدە چېچەكلەر شامالنىڭ سوقۇشى بىلەن يەرگە چۈشسۇن،چېچەكنىڭ يەرگە چۈشۈۋاتقان ۋاقتتىكى چېچەكتىن ئاۋاز چىقمايۋاتقانلىقىنى سېزىمىز. ئەسلىدە چېچەكتىن ئاۋاز چىقىدۇ. دېمەك،شېئىرنىڭ قۇدرىتى ئەنە شۇنداق بولۇشى كېرەك. ھازىرقى ئەدەبىيات نەزەرىيىلىرىمىز بەك قاتمال بولغاچقا، شېئىرغا بەرگەن تەبىرىمىز رامكا ئىچىدە بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. ئەمىلىيەتتە شېئىرىيەتنىڭ قېلىپى يوق. بىر شائىر نېمىنى ئويلىغان، نېمىنى تەسەۋۋۇر قىلىغان بولسا:يۈرىكىگە نېمە تەسىرقىلغان بولسا شۇنى يېزىشى كېرەك.يۈرەكتە نېمە بولسا شۇنى يېزىش كېرەك.بۇ خۇددى بالىنى ئوغۇل ياكى قىز تاپىمەن دېگىلى بولمىغانغا ئوخشاشلا بىر ئىش. روھىيەت ئالىمىدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن كىشلەرنىڭ ئىدىيسى يېڭىلاندى،تەپەككۇرى قاتماللىقتىن قۇتۇلدى،تەسەۋۋۇرى ئەركىن قۇش بولۇپ پەرۋازقىلدى،ھېس-تۇيغۇسى بۇلاقتەك ئوخچۇپ تۇردى،كىشىلەرنىڭ مەدىنىيتى ،ئۆرپ-ئادىتى ،كىشلىك تۇرمۇش كۆز قارىشى،خاراكتېرى، خۇلق-مىجەزى،ئەخلاقى يېڭىچە تۈس ئالدى.مانا مۇشۇ يېڭىلىقلارنى ئۆزىگە تىماتىك مەزمۇن قىلغان شېئىرىيەتنىڭمۇ ئىپادىلەش ئۇسۇلىدا يېڭىچە، ئۆزگىچە شەكىل كېڭىيىشى ھاسىل قىلىنىپ ،شېئىرىيەت بىلەن، ئۇ ئەكس ئەتتۈرمەكچى بولغان ئوبيېكتىپ تڭپۇڭلۇقنى ساقلاپ كەلدى. شېئىر_ ھەقىقىي شائىرلارنىڭ يۈرىكىدىن تېمىپ چۈشىدۇ. شېئىريازىدىغانلارنىڭ ھەممىسى شائىر سانىلىۋېرىدىغان ئىش بولسا،ئۆزى كىتاب نەشىر قىلدۇرۇپ ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشەلمەي،يەنە ئۆزى سېتىۋېلىپ ئوقۇيدىغان<<شائىر>>لارنى نېمە دېگۈلۈك؟[/color][/size] |
|