بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئەدەبىيات >> شېئىرىيەت گۈلزارى >> ﯲﻛﻪﺵ ﺟﺎﭘﭙﺎﺭ:<<ﯪﻣﻪﺕ ﯞﻩ ﯪﭘﻪﺕ>> ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ

ﯲﻛﻪﺵ ﺟﺎﭘﭙﺎﺭ:<<ﯪﻣﻪﺕ ﯞﻩ ﯪﭘﻪﺕ>> ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ

يوللانغان ۋاقتى : 2008-05-12 05:25:46    كۆرۈلۈش سانى : 556  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
يوللىغۇچىدىن : ئۆز ئېجادىيەت ھاياتىدا<<مىھرىگىياھ>>،<<لىيىغان بۇلاق>>،<<ناتىۋانلار>><<كۆمۈرچى بالا >>،<<ئامەت ۋە ئاپەت >>قاتارلىق رومانلارنى ئوقۇرمەنلىرىگە تەقدىم ئەتكەن،ئىستىداتلىق يازغۇچى جالالىدىن بەھرام بارلىق ئۇيغۇر كىتاپخانىلىرىغا تونۇشلۇق شۇنداقلا شھۆھرەت قازانغان يازغۇچىلىرىمىزنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن كەڭ ئۇيغۇر كىتاپخانلىرى قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان ھۆرمەتكە سازاۋەر يازغۇچىلىرىمىزنىڭ بىرى بولۇپ،<<ئامەت ۋە ئاپەت >>رومانى ھەققىدە تۈرلۈك بەس –مۇنازىرىلەر قوزغىلىۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيتتە، <<جۇڭگو مىللەتلىرى>>ژورنىلىنىڭ 2008-يىل2-سانىغا <<شىنجاڭ گېزىتى>>دىن ئۆركەش جاپپار ئەپەندىنىڭ جالالىدىن بەھرام بىلەن ئۆتكۈزگەن <<<ئامەت ۋە ئاپەت>>ھەققىدە>ناملىق سۆھبىتى بېرىلدى .مەن <<سۇمرۇغ>>دىكى كەڭ ئەدەبىيات ئاشىنالىرىنىڭ روماننىڭ يېزىلىش تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشى،يازغۇچىنىڭ ئۆز پىرسۇناجلىرىغا يۈكلىگەن ۋەزىيپىسىنى ئادا قىلدۇرۇش جەھەتتە كۆرسەتكەن تېرىشچانلىقلىرى،يازغۇچىنىڭ ئەدەبىياتنىڭ رولى ۋە ئورنىغا قارىتا پوزىتسىيىسى... قاتارلىق تەرەپلەردىن ئۆز ئېغىزىدىن بېرىلگەن بايانلاردىن خەۋەردار قىلىش مەقسىتىدە<<جۇڭگو مىللەتلىرى>>ژورنىلىدىكى بۇ سۆھبەتنى يوللاپ قويۇشنى لايىق تاپتىم.

<< ئامەت ۋە ئاپەت >> ھەققىدە

ــ يازغۇچى جالالىدىن بەھرام بىلەن سۆھبەت

ئۆركەش جاپپار:جالالىدىن ئاكا ، << ئامەت ۋە ئاپەت >> رومانىڭىزنى قىزىقىش ۋە ھاياجان بىلەن ئوقۇپ چىقتىم . ئالدى بىلەن ، سادىق ئوقۇرمىنىڭىز بولۇش سۈپىتىم بىلەن ، ئىجادىي ئەمگەكلىرىڭىز ئۈچۈن سىزنى قۇتلۇقلايمەن . قېنى ئېيتىڭچۇ ، بىر قىسىم ياشلىرىمىزغا ۋابادەك چاپلاشقان خروئېن خۇمارى ۋە خروئېن ئەتكەسچىلىكى ھەققىدە سېستېمىلىق قەلەم تەۋرىتىپ ، مۇشۇنداق بىر مۇكەممەل ئەسەرنى روياپقا چىقىرىشىڭىزغا نېمە سەۋەب بولدى ؟
جالالىدىن بەھرام : تارىخقا ، دەۋرگە سۈنئىي رەڭلەر بەرمەسلىكى بىلەن دەۋرنىڭ سەزگۈسى ، قۇلىقى ، كۆزى ۋە يۈرىكى بولۇشقا مۇناسىپ ساپ دىل ، ئىمانى پاكىز ، دىلى يورۇق يازغۇچى ھەر قانداق زامان ، شارائىت ۋە ئىجتىمائىي بوران - چاپقۇنلاردىمۇ ۋەتەننى ، خەلقىنى ، مىللىتىنى ھەم ئۇلارنىڭ تەقدىر - ئىقبالىنى ، ئۇلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان بالايىئاپەتلەرنى ، دەھشەتلىك رىيازەتلەرنى قەلبىگە پۈكىدۇ . ئۇلار ئۈچۈن ئازابلىنىدۇ ، ئېچىنىدۇ ، قەلىمى ئارقىلىق خەيرخاھلىق قىلىدۇ ، توغرا يول كۆرسىتىدۇ . . .
ھەممىگە مەلۇم ، ئىسلاھات ھەم ئېچىۋېتىش تىنىق كۆل سۈيىدەك تۇرغان دەۋر مۇھىتىنى بىردىنلا داۋالغۇتۇپ ، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ، يۈكسەك ئىلىم - پەن ، زامانىۋېلىشىش ، يۇقىرى تېخنىكا ھەم بايلىققا يۈزلىنىشتەك مىسلى كۆرۈلمىگەن ئۇلۇغ ئېقىن ھەم يۈكسىلىش ، رىقابەتنى مەيدانغا كەلتۈردى . رىقابەتتىن ئىبارەت كۈچلۈك ئىسلاھات بورىنى زامانىمىز ۋە دەۋرىمىز ئۈچۈن تېپىلغۇسىز پۇرسەت ھەم پەيت ئاتا قىلدى ، مۆلچەرلىگۈسىز ئامەت ھەم بايلىق يوللىرىنى ئاچتى . بۇنىڭ ئەكىسچە ، بەزى دەۋرىي قاباھەتلەر بۇ پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ ئۆزىنىڭ زەھەر - زۇقۇملىرىنى ھە دەپ بازارغا سالدى . بۇ ئاپەت تۇرمۇش ۋە جەمئىيەت سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرەلمەي روھىيەتتە زەئىپلەشكەن ساپاسىز ، بىلىمسىز بىر قىسىم ياشلىرىمىز ئۈچۈن گويا ئەنقانىڭ تۇخۇمىدەك تۇتىيا بىلىندى . خۇلاسە كالام شۇكى ، خروئېندىن ئېبارەت زەھەر گۈزەل ، پاك زېمىنىمىزنىڭ بۇلۇڭ - پۇچقاقلىرىغىچە تاراپ باردى . دەۋرىي قاباھەتلەر رەزىل مەقسەتلەرگە يېتىش يولىدا شەھەر ، بازارلاردا ، ناھىيە ، يېزىلاردا ، ساختا يەككە ۋە كوللىكتىپ سائۇنا(ساڭنا دېمەكچى-يوللىغۇچىدىن) ، مېھمانخانا ، ياتاق ، مۇنچا ، ساتىراشخانا قۇرۇپ ، خروئېن ئۈچۈن كەڭ بازار مۇھىتى ياراتتى . زەھەرلىك چېكىملىك ، ئەيدىز ۋە باشقا جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ ئىپلاس يۇندا - مەرەزلىرى ياش قىز - يىگىتلىرىمىزنى دوزاخ ئەۋرەزلىرىگە تاشلىدى . 17 ياش بىلەن 30 ياش ئارلىقىدىكى بىر قىسىم يىگىت - قىزلىرىمىز بۇ ئاپەت تۈلەيلى گۈلدەك ئېچىلىۋاتقان ئۆمۈر بوستانىنى نابۇت قىلدى ، ھاياتىدىن ۋاقىتسىز ئايرىلدى . خۇمارنىڭ ۋەھشىيتى بىلەن ئوغرىلىق ، بۇلاڭچىلىق ، قاتىللىق قىلىشتى ، ھەتتا ئاتا - ئانىسىنى ئۆلتۈرۈپ ، ئۇلارنىڭ ئازغىنە بىساتىنى << ئاق تۈتۈن >> گە دەسمىي قىلىشتى . خروئېندىن ئىبارەت بۇ<< ئالۋاستى>> نىڭ زىيانكەشلىكى شۇ دەرىجىگە يەتتكى ، ئاجايىپ قىران يىگىتلىرىمىز ، بەرنا قىزلىرىمىز ئېسىلىپ ئۆلۈۋېلىش ماشىنا ئاستىغا ئۆزىنى ئېتىش ، كانىيىنى بوغۇزلاش ، سۇغا ئۆزىنى تاشلاپ تۈنجۇقۇپ ئۆلۈۋېلىش قاتارلىق ياراتقۇچىمۇ كەچۈرمەيدىغان مامات يوللىرىنى تاللىدى ، ھەتتا بەزى قىزلىرىمىز خۇمار ئازابىغا چىدىيالماي تىغ ئىشلىتىپ يۈز - كۆزلىرىنى قىيما - چىيما قىلىۋەتكەن پاجىئەلەرمۇ يۈز بەردى . مەن بالىلىرى موشۇنداق ئۆلگەن ئائىلىلەرنىڭ ئۆلۈم نامىزىغا ، نەزىرلىرىگە قاتناشتىم . بىراق ئاتا - ئانا ، تۇغقانلارنىڭ كۆزلىرىدە ياش ، چىرايىدا ھەسرەت - نادامەت ئىزلىرىنى كۆرەلمىدىم . . . قارىغاندا ئۇلار بالا قازادىن قۇتۇلۇپ ، ئارام تاپقاندەك قىلاتتى . . . بۇنداق مىساللارنىڭ سۆزلەپ تۈگىتەلمەيمىز . . . مانا بۇلار<< ئامەت - ۋە ئاپەت >> رومانىنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە سەۋەب بولغان ئامىللار .
ئۆركەش جاپپار : جالالىدىن ئاكا ، مەن ئەتراپىمدىكىلەرنىڭ پاراڭلىرىدىن << ئەقىل تاپقان ئۇيغۇر پۇل تاپالمىدى ، پۇل تاپقان ئۇيغۇر ئەقىل تاپالمىدى >>. دەيدىغان بىر نىسپىي ھۆكۈمنى ئاڭلىغانىدىم . رومانىڭىزنى ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن ، بۇ ھۆكۈمنىڭ خېلى ئاقىلانىلىك بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلۈانلىقىنى ھېس قىلدىم . باش قەھرىمانىڭىز قەدىرداننىڭ بېشىغا قونغان ئامەت قۇشى ۋە ئۇ خروئېنغا خۇمار بولغاندىن كېيىن دۇچار بولغان ئازاپ - ئوقۇبەتلىك كەچۈرمىشلەر بۇ قاراشنىڭ نىسبەتەن توغرىلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى . سىزدىن سورىغۇم كېلىدۇ : رومانىڭىزغا قەلەم تەۋرىتىۋاتقان شۇ ئاي ، شۇ كۈنلەردە سىزدىمۇ موشۇنداقراق بىر ئىدىيە ھۆكۈمران ئورنىدا تۇرغانمۇ ؟ باش قەھرىمانىڭىز قەدىرداننى << پۇل تېپىپ ئەقىل تاپالمىغان >> بىر قىسىم ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرىنىڭ تىپىك ۋەكىلى دەپ چۈشەنسەك بولارمۇ ؟
جالالىدىن بەھرام : شەرىق ئەخلاق سىستېمىسىنىڭ ئىسلام ئەخلاق تۈركۈمىگە مەنسۇپ بولغان مىللىتىمىزنىڭ ئەخلاق - ئەھكاملىرىدا ئەزەلدىن << سودا - سېتىق ، تىجارەت ، ئېلىم - بېرىم ئىشلىرى پاك ، سەمىمىي ھەم ھالال بولسۇن>> دەيدىغان ئەنئەنىۋى ئەقىدە بار . شۇڭا ، كۆپلىگەن سودىگەرلەر ، تىجارەتچىلەر ھاراق - شاراپقا يولىمايدۇ ، تاماكا ، نەشە چەكمەيدۇ ، ناشايان سورۇنلارنى تەرك ئېتىدۇ . ياراتقۇچىدىن سودا - تىجارىتنىڭ بەرىكىتىنى بېرىشنى تىلەيدۇ . . . مانا بۇ ، ئۇلارنىڭ سودا تىجارەت يولىدا ئەقەللىي ئەقىل تاپقىنى . كونىلارنىڭ تىلى بىلەن ئېيىتقاندا << شەيتان>> دىن يىراق تۇرغىىنى ، ئەلۋەتتە . ھازىر بىزدە باي بولغان ، روناق تاپقان ، يۈز تاپقان ياش ، ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان سودىگەر ، تىجارەتچىلەر بار . ئەمما ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىككى پۇتى بىلەن يەرنى چىڭ دەسسەپ ، مەزمۇت قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەپ كېتىۋاتقانلىرى يەنىلا ئاز . ۋەيران بولۇۋاتقىنى خېلى سالماقنى ئىگىلەيدۇ . قوپالراق تىل بىلەن ئېيىتقاندا ، ئۇلار << ئىككى نان تاپسا ، بىرىنى داپ قىلىپ چالىدۇ>> غان ، <<پايدىدىن ھوشىنى يوقىتىپ ، ئۆزىنى تەڭداشسىز چاغلايدۇ >> غان ، << پۇل تاپقانسىرى ئاشنا ئويناپ ، خوتۇن ئۈستىگە خوتۇن ئالىدۇ>> غان ، << بەزمە - مەشرەپ ، شەھۋەتخانىلاردا ئىمان - ئېتقادىنى بولغايدۇ >> غان ،<< ئىسلام ئەخلاقىنىڭ مىزانى بولغان < ھايا > نى تەرك ئېتىدىغانلار >> دۇر . كونىلارنىڭ تىلى بىلەن ئېيىتقاندا ، << شەيتان>> نىڭ يېتىلىكىگە چۈشۈپ قالغان ئازغۇنلاردۇر . زادى << شەيتان>> كىم ؟ بۇ ئاشۇ روناق تېپىش كويىدا ھاسىراپ - ھۆمۈدەپ ، رەڭگارەڭ ئامال - چارىلەرنى قوغلىشىپ يۈرگەن سودىگەرنىڭ ۋۇجۇدىنى چىرمىۋالغان ئەقىلسىزلىكتۇر . سودىدىكى بىر ئوڭۇشسىزلىق بىز ئەقىلنىڭ يانغان چىرىغىدۇر . بىزنىڭ ئادەملىرىمىزدە زامانىۋىلاشقان سودا ئېڭى ، دەۋر رىقابىتىگە ماسلىشالايدىغان ئىلمىي سودا بىلىمى ، زىياننى پايدىغا يۈزلەندۇرەلەيدىغان قابىلىيەت ۋە ئىرادە ، ئۇسۇل - چارە ، سودا ھۇشيارلىقى قاتارلىق ئەقىل - پاراسەت كەمرەك << ئامەت - ۋە ئاپەت >> رومانىمدىكى قەدىرداننى << پۇل تېپىپ ، ئەقىل تاپمىغان>> ، ھۇشيارلىق پاراسىتى كەم بىر قىسىم ئۇيغۇر سودىگەر ، تىجارەتچىلىرىمىزنىڭ ۋەكىلى دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ . . .
ئۆركەش جاپپار : جالالىدىن ئاكا سىز يېڭى دەۋردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا خېلى چوڭ مۇۋەپپەقىيەتكە ۋە تەسىرگە ئېرىشكەن يازغۇچىلىرىمىزنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ، دەۋر رېئاللىقىنى كەڭ تۈردە ئەكىس ئەتتۈرۈپ ، تۇرمۇش پۇرىقى كۈچلۈك ، زىددىيەت - توقۇنۇشلىرى كەسكىن ، پىرسۇناژلىرى ئۆزىگە خاس خاراكتىرگە ئىگە بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر رومانلارنى يېزىپ ، يېڭى دەۋردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا ، جۈملىدىن رومانچىلىق ساھەسىگە گەۋدىلىك تۆھپىلەرنى قوشتىڭىز . << ئەمەلىيەتكە ، تۇرمۇشقا ، خەلق ئاممىسىغا يېقىن بولۇش>> يازغۇچىلار ئىجادىيەتتە رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك پرىنسىپ ، شۇنداقلا كۆپلىگەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئارزۇسى . موشۇ پرىنسىپنى ئۆلچەم قىلىپ ، ئۆزىڭىزنىڭ ئىجادىيەت مۇئاددىئايىڭىزنى سۆزلەپ بىرەلەمسىز ؟
جالالىدىن بەھرام : يازغۇچىنىڭ دۇنيا قارىشى ئۇنىڭ ئەسىرىدە ئەكىس ئەتكەن ئىدىيىۋى مەزمۇننىڭ قەغەز يۈزىدىكى نامايەندىسىدۇر ، يەنى يازغۇچىنىڭ دۇنيا قارىشى ئۇنىڭ ھەرقانداق شەيئى توغرىسىدىكى پەلسەپىۋى قارىشى ، شۇنداقلا تۇرمۇش قارىشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . رېئاللىق ئىچىدە ياشاۋاتقان يازغۇچى ئەنە شۇ رېئاللىقتىكى تۈرلۈك - تۈمەن ئادەم ، ۋەقە ، ھادىسە ، تراگىدىيە ، غەليانلىق تۇرمۇش دېتاللىرىنى جەملەپ ، ئۇنى سەنئەت دەرىجىسىگە كۆتۈرىدۇ ، پەلسەپىۋى يۈكسەك تاجىنى كىيدۈرىدۇ . تۇرمۇشنى مول تەسەۋۋۇر بىلەن غايىۋىلەشتۈرۈپ ، بەدىئىي ئىخچاملاشتىن ئۆتكۈزىدۇ . . . قىسقىسى ، ئوبرازلىق تەپەككۇرنىڭ سىھرىي كۈچى بىلەن ئەقەللىي ۋە ھىسسىي گۈزەللىك بوستانىنى ئەھيا قىلىدۇ . پېرسوناژلىرىنى رەڭ بىلەن بىزەپ ئاجايىپ - غارايىپ مەبۇدقا ئايلاندۇرماي ، << ئادەم >> دەك يازىدۇ .
ھازىر بەزى يازغۇچىلىرىمىز رېئاللىققا توغرا مۇئامىلە قىلماي ، پېرسوناژ ۋە قەھرىمانلىرىنى << مەدھىيلىنىدىغان ئىجابىيلار >> ، << ئوتتۇردىكىلەر >> ، << نەپرەتكە لايىق ، قامچىلىنىدىغان سەلبىيلەر >> دېگەندەك نوقۇل ۋە قاتمال ئۈچ ھېسسىي بۆلەككە ئايرىيدۇ . ئامما مېنىڭچە ، ھازىرقى دۇنياۋى ئەدەبىيات ئېقىمى ۋە يۈزلىنىشگە نەزەر سالغىنىمىزدا ، ئەدەبىي ئەسەرلەردە پېرسوناژلارنىڭ بىرلىكتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ھەم پېرسوناژلارنڭ ئەڭ مۇرەككەپ ، نازۇك ۋە سىرلىق ئىچكى دۇنياسىنى ئەكىس ئەتتۈرۈش كۆپرەك تەكىتلىنىدۇ . بۇ ئەلۋەتتە ئەدەبىياتتىكى ئىككى ياقلىما خاراكتىېرىنى ئىپادىلەشنى كۆزدە تۇتىدۇ . ئەدەبىيات ئادەمشۇناسلىق پېنى ئىكەن ، ئۇنداقتا ئادەمنى ئادەمگە ئوخشىتىپ يېزىش كېرەك . ئادەم ئۈچۈن ئەڭ تەس ئىش- پاك بولۇش . بىراق ھەرقانداق ئىنسساندا بىرەر نوقسان ، سەۋەنلىك ، كىشىلەر بىلمەيدىغان نومۇسلۇق ھەم گۇناھلىق ئىزتىراپلار بولۇشى تەبئىي . شۇڭا ، << يامان >> لارنىڭ بەزىدە ياخشى ئىشلارنى قىلىپ قويىشىغا ، << ياخشىلار >> لارنىڭ بەزىدە يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈشىگە ھەيران قېلىشقا ئەرزىمەيدۇ . ئادەملەرنىڭ ئەنە شۇنداق مۇرەككەپ ئىچكى دۇنياسىنى يېزىش ھەقىقىي ئەدەبىياتنىڭ ۋەزىپىسىدۇر .
ئۇكام ئۆركەش ، ئىجادىيەت يولۇم توغرىسىدىكى بۇ سوئالنى بەلكىم ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن سورىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن . شۇڭا ، مەن دانالارنىڭ مۇنى مىسرالىرىنى نەقىل ئېلىپ ، بۇ سوئالغا بېرىدىغان جاۋابىمنى ئاخىرلاشتۇراي:
بولماسلىق كېرەك دوستلۇقتا ئۇنداق ،
ئىككى ئارىغا سىغمىغۇدەك مۇي .
دۈشمەنلىكمۇ ھەم بولمىغان ئۇنداق ،
ئالالمىغۇدەك مۇھەببەتتىن بۇي .
ئىككى تەرەپنى ئەيلىگەي رازى ،
بولسا ھەركىمدە مۆتىدىلرەك خۇي . . .
ئۆركەش جاپپار : جالالىدىن ئاكا ، << ئامەت - ۋە ئاپەت>> رومانىڭىزدا بىزگە تونۇشتۇرغان قەھرىمانلىرىڭىزنىڭ تەقدىرىنى تولىمۇ ئۇستىلىق بىلەن ئورۇنلاشتۇردىڭىز . روماننى ئوقۇپ كېتىۋېتىپ ، مەن باش قەھرىمان قەدىرداننى ئۆلۈپ كېتىدۇ ، دەپ پەرەز قىلغانىدىم . لېكىم ، سىز ئۇنى خروئېن خۇمارىدىن ئازاد قىلىپ ، يېڭى ھاياتقا ، گۈزەل كېلەچەككە باشلاپ ماڭدىڭىز . ھۆسنارخان ، ئابابەكىرى ، ئەسئەت ئەرۋاھ ، زۇلئاي ، مېھرىبان ، ياقۇپ ھاجىم قاتارلىقلار ئىجابىي سەلبىي پېرسوناژلارنىڭ تەقدىرىنى ياھايىتى ئۇستىلىق بىلەن ئورۇنلاشتۇردىڭىز ، ھەتتا كۈتمىەەن يەردىن چىقىپ ، بىر بىر روماننىڭ باش قىسىمىدا غىل - پاللا تونۇشۇپ ئۆتۈپ كەتكەن مەدىنە قىزنىڭ تەقدىرى ھەققىدىمۇ باش قاتۇردىڭىز . ئەپسۇس ، قەدىرداننىڭ ئوغلى قەيسەرنى << رىزقى چېچىلغان >> يىراق شەھەرلەرگە سەرگەردانلىققا تاشلاپ قويدىڭىز ، قەيسەرنىڭ تەقدىرىنى مۇشۇنداق<< يەڭگىلتەكلىك >> بىلەن بىر تەرەپ قىلىشىڭىزدىكى مەقسىدىڭىز نېمە ؟
جالالىدىن بەھرام : بەزىدە << يازغۇچى ئەسەرنى باشلاپ بېرىدۇ ، پېرسوناژلار داۋاملاشتۇرىدۇ . . . >>دېگەن سۆزگە ئىشىنىپمۇ قالىمەن . دەرۋەقە يازغۇچى يوقىرى يېزىقچىلىق ماھارىتى ، پىشقان بەدىئىي دىتى ، مول تەسەۋۋۇر كۈچى ، گۈزەل تىل سەنئىتى ، شۇنداقلا ھاياجانلىق مۇھەببىتى بىلەن يېزىپ چىققان كەچمىش ۋە قىسمەتلەر قەغەز يۈزىدىكى تىزمىلار تۆۋىسى بولماي ، بەلكى ئاشۇ ۋەقە ، ھادىسلەر قايتا تەكرارلىنىۋاتقاندەك كىشىلەرنى ھاياجانغا سالىدۇ ، كۈلدۈرىدۇ ، يىغلىتىدۇ ، خياللار قاينىمىغا باشلايدۇ . . .
بۇنداق ئەسەرلەردىكى پېرسوناژلار ئاپتۇر بىلەن مۇڭدىشىدۇ ، تىللىشىدۇ ، ئۇرۇشىدۇ ، ھەتتا بەزىدە ئاپتۇرنىڭ سىزغان سىزىقلىرىنى رەت قىلىدۇ ، گېپىگە كىرمەيدۇ . <<مېنى سەن ئوغرى قىلىپ ياراتقانىكەنسەن ، نېمە ئۈچۈن بىرەر قېتىممۇ ئوغرىلىققا سالمايسەن ؟ بۇنداق يازساڭ ، مەندەك ئوغرى ئوغرى بولماي قالىمەن>> دەپ يازغۇچىغا خىتاپ قىلىدۇ ( ھەتتا ئوقۇرمەن بىلەنمۇ تاكاللىشىدۇ ) . لېكىن ، ئۇكام ئۆركەش ، ھازىر نەشىر قىلىنىۋاتقان يىرىك ئەسەرلەر بەكلا كۆپ ( ئۇلارنىڭ قانداق يوللار بىلەن نەشىر قىلىنىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالمايمەن ) . بۇ ئەسەرلەردىكى پېرسوناژلار خۇددى بىر كوماندىرنىڭ << ئوڭغا بۇرۇل ، سولغا بۇرۇل ، قەدەملەپ مارش ! >>دەپ مەشىققە سېلىۋاتقان بىر توپ ئەسكەرلەردەك كۆز ئالدىمغا كېلىدۇ . ئاپتۇر ھەربىرىگە مەلۇم ۋەزىپىنى ئارتىپ قويغان بۇ پېرسوناژلار شۇنچە تىپىرلاپ باققاندەك قىلىدۇ ، لېكىن ئاپتۇرنىڭ سىزىپ بەرگەن رامكىسىدىن چىكىپ كېتەلمەيدۇ . ئۇلار شۇنچە رايىش ، ياۋاش ، قۇلىقى يۇمشاقلاركى . . . ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقالمايدۇ .
مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم ، راۋان ، زورۇقۇشتىن خالىي ، ئاڭ ياخشى يېزىلغان ئەسەرلەردىكى پۋرسوناژلارنىڭ كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالغۇدەك يارقىن ، ئىندىۋىدۇئال خاراكتىرىدۇر .
ئۇكام ئۆركەش ، سىز تىلغا ئالغان قەدىردان ، ھۆسنارخان ، ئابابەكرى ، ئەسئەت ئەرۋاھ ، زۇلئاي ، مېھرىبان ، ياقۇپ ھاجىم قاتارلىق ئىجابىي ۋە سەلبىي پېرسوناژلار زورۇقماي ، چىڭقالماي ، كۆڭۈل ئازادىلىكى بىلەن راۋاج تاپقان ، روماننىڭ تەبئىي ، ئەركىن ، چىن گۈل تاجىلىرى . ئۇلارنىڭ ئاخىرقى تەقدىر - قىسمەتلىرى ئۆز خاراكتېرىگە ماس ھالدا ئاخىرلىشىدۇ . بىرى ماتەنلىك ھاياتتىن ئورۇن ئالسا ، يەنە بىرى گۇندىخانىدىن ، ھەتتا لەھەتتىن ئورۇن تۇتىدۇ .
ئەمدى روماندىكى قەدىرداننىڭ ئوغلى توققۇز ياشلىق قەيسەرنىڭ << رىزقى چېچىلغان >> بىراق يوقاپ كېتىشى ھەقىقەتەن ئېچىنىشلىق پاجىئە بولدى . ئەسلىدىمۇ << قەيسەر >> رېئاللىقتىكى چىن ئىنسان بولۇپ ، ئۇنىڭ دادىسى ( قەدىردان ) ماڭا : <<مۇشۇ رومان يېزىلسا ، بالام تېپىلىپ قالارمىكىن>> دېگەنىدى . رېئاللىقتىكى قەيسەر قاچتى ، قاچمىغان تەقدىردىمۇ مەن ئۇنى << قاچتى >> قىلىپ يېزىشىم ياكى << ئۆلتۈرۈۋېتىشىم>> مۇمكىن ئېدى . چۈنكى ، بۇ ئارقىلىق خروئېندىن ئىبارەت بۇ << ئالۋاستى>> نىڭ چوڭلارغىلا ئەمەس ، ھەتتا ئەۋلادلارغىمۇ كەلتۈرىۋاتقان ئاسارەتلىرىنى يېزىشنى بۇرچۇم دەپ بىلەتتىم .
ئۆركەش جاپپار : سىز ئەسەرلىرىڭىزدە << رېئاللىىنى ، تۇرمۇشنى بەدىئىي ، ئەمما پەردارسىز سۈرەتلەشكە ، چىنلىقنى يېزىشقا >> تىرشتىڭىز . بۇ مەنىدىن سىزنى رېئالىزىملىق ئىجادىيەت يولىدا ماڭدى ، دەپ قارىساق بولامدۇ ؟
جالىدىن بەھرام : <<رېئاللىقنى ، تۇرمۇشنى بەدىئىي ، ئەمما پەردازسىز سۈرەتلەش ، چىنلىقنى يېزىش>> مەسىلىسىنى تەكىتلەپ قالدىڭىز . مەنىۋى ئاچلىقتىن كۆرە ماددىي ئاچلىقنى ، مەنىۋىي يالىڭاچلىقتىن كۆرە ماددىي قۇللۇقنى ئازابنىڭ يۇقىرى پەللىسى دەپ قارايدىغان ھەم شۇنداق يازىدىغان ئەدىب بولۇشنى خالىمايمەن . قەلبىگە مىللەت ۋە خەلقنى ئابىدە قىلىپ تىكلىگەن ھەقىقىي يازغۇچى چىنلىققا ھۆرمەت قىلىپ ، ھەقىقەت ئالدىدا قىلچە تەۋرەنمەي ، خلق مۇھتاج بولغان ھەقىقىي سەنئىتىنى يارىتىدۇ . مېنىڭچە ، رېئالىزىملىق ئىجادىيەت مېتودى بادىئىي ئىجادىيەتتە يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە . بۇرۇن شۇنداق بولغان ، بۇنىڭدىن كىيىنمۇ شۇنداق بولىدۇ . ھازىرغىچە يازغان رومانلىرىمنى رېئالىزملىق ئىجادىيەت مېتودىنىڭ پرىنسىپلىرى بويىچە ياراتتىم .
ئۆركەش جاپپار : جالالىدىن ئاكا ، سىزنىڭ رومانىڭىزدىكى قەدىردان ،مۇتتەرخان ، ھۆسنارخان قاتارلىق تىپىك ئوبزەرلار بىزنىڭ قەلبىمىزگە ھۆمۈردەك ئورناپ كەتكەن ئاجايىپ مۇكەممەل بەدىئىي ئونرازلاردۇر . مۇشۇ ئوبرازلارنى يارىتىشتىكى ئىجادىي ئەمگەكلىرىڭىزگە باغلاپ ، بەدىئىي ئوبراز يارىتىش ھەققىدە سۆزلەپ بەرسىڭىز قانداق ؟
جالالىدىن بەھرام : ھەممىگە مەلۇمكى ، ھەرقانداق روماننىڭ بەدىئىي ، ئىجتىمائىي قىممىتى ئۇنىڭدا تەسۋىرلىگەن پېرسوناژلار خاراكتىرىنىڭ چىنلىقى ۋە قايىل قىلارلىق تىپىكلىكىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ . مېنىڭ رومانىمدىكى مۇتتەئەرخان ، ھۆسنارخان قاتارلىق ئوبرازلارنىڭ كىشىلەر قەلبىگە << مۆھۈردەك ئورناپ كەتكەن >> مۇكەممەل بەدىئىي ئوبراز بولۇپ قېلىشى ئۇلارنىڭ ئىندىۋىدۇئال ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلۈشتىن ، شۇنداقلا رېئاللىقتىكى ئىش - ھەرىكىتى ، ھېس - تۇيغۇسى ، گەپ سۆزلىرى ، ئىما - ئىشارەتلىرىنىڭ بەدىئىي ئەدەبىياتقا ئوبرازلىق كۆچۈرۈلىشىدىن بولدى . ئۇلارنىڭ ئەستە قالغۇدەك ھايات پائالىيەتلىرى ، ئوقۇرمەن بىلەن ھەمپىكىر ، دوسىت ، بۇرادەر م سىزداش بولۇپ كېتىشى تاسادىپىي ئەھۋال ئەمەس ، بەلكى پېرسوناژلار نىڭ خاراكتىرى ، مىجەزى ، خاس ئالاھىدىلىكلىرى ئاپتۇرنىڭ ئىزاھاتىدىن ، باياناتىدىن ، تەسۋىرىدىن ( قىسمەن ھاللارنى ھېسابقا ئالمىغاندا ) بېرەلمەي ، ئۇلارنىڭ ئىش - ھەرىكىتى ، گەپ - سۆزلىرى ، شادلىق ۋە خاپىلىقلىرى ، ھېس - تۇيغۇلىرى ، خىياللىرى ئارقىلىق گەۋدىلەندى . يەنە بىر تەرەپتىن ، مەن بۇ پېرسوناژلارنىڭ بەزىلىرى بىلەن بىر نەچچە قېتىم ئەسىرا بولۇپ مۇڭداشتىم . سىرداشتىم . بەزىلىرىنى بولسا بالىلىق ۋاقتىمدىن تارتىپ بەش قولدەك بىلەتتىم ۋە چۈشىنەتتىم . بۇلارنىڭ ئىچىدە ھەتتا ئاتا - بالىدەك ، قېرىنداشتەك شۇ قەدەر يېقىن بولۇپ كەتكەن پېرسوناژلارمۇ بار ئېدى . مەن << ناتىۋانلار >> ،<<ئامەت - ۋە ئاپەت>> رومانلىرىمنى يېزىش جەريانىدا ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈپ ، يازغانلىرىم ھەققىدە پىكىرلىشىپ تۇردۇم . شۇڭا ، ئوقۇرمەنلەر كۆڭلىگە << مۆھۈردەك ئورناپ كەتكەن >> بۇ پېرسوناژلار مېنىڭمۇ بەدىئىي تەپەككۇرۇمغا ، دىل پىنھانلىرىمغا ، ھەتتا قەلىمىم سىياھلىرىغىچە سىڭىپ كەتكەن .

مەنبە:<<جۇڭگو مىللەتلىرى>>ژورنىلى 2008-يىل 2-سان


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  شائىرنىڭ كىملىك
●  ﺗﯜﺭﻟﯘﻙ ﻛﯩﺘﺎﭘﻼﺭ ﯞﺍﺷﺎﯓ...
●  شائىر مۇھەممەتجان ...
●  [ﯪﺭﻏﺘﯘﻍ] ﻫﯩﻠﻠﯩﺲ ﻣﯩﻠﻠﯩﺮ: ﯬﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﯲﻟﺪﯨﻤﯘ...
●  ﯲﻛﻪﺵ ﺟﺎﭘﭙﺎﺭ:<<ﯪﻣﻪﺕ ﯞﻩ ﯪﭘﻪﺕ>> ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ...
●  ئەلگىيار مۇنبىرى پ...
●  ﺧﻮﺵ ﺩﯨﻤﻪﻳﻼ ﻛﻪﺗﻜﯩﻦ ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﻪﻡ ( ﺗﯘﺭﺍﻥ)...
●  نىزار قەببانىيغا خ...
●  ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ<< ﺧﻪﻧﺰﯗ>> ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﯘﻳﺘﯘﻕ؟.............
●  ﯮﺭﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺧﺎﺳﻠﯩﻖ...
●  ﭼﻮﻗﺎﻥ:ﭘﻪﻟﻪﺳﻪﭘﯩﮕﻪ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺝ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ...
●  قىممەتلىك روھ،ئۇنت...
●  ﭼﻮﻗﺎﻥ؛ﺧﯘﺩﺍ ﮔﯘﯞﺍﻫ...
●  شائىر شېئىر يازغان...
●  ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﭘﺎﺭﺍﯓ...
●  [ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﻩ]ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ﺗﯧﭙﯩﺸﻤﺎﻗﻘﺎ ﺳﺎﻟﻐﺎﻥ، ﺋﺎﻟﺘﯘﻧﺪﯨﻦ ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ، >[...
●  دات باسقان تېغ
●  ﭼﻮﻗﺎﻥ:ﺳﯘﻣﺮﯗﻏﻨﯩﯔ ﯮﻥ ﻳﯩﻠﻠﯩﻘﻰ(ﺗﻮﭘﻼﻡ) ﯞﻩ ﯮ ﻫﻪﻗﺘﻪ ﯮﻳﻠﯩﻨﯩﺶ...
●  ﻳﯩﺮﺗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻧﯩﻘﺎﭖ ( ﺗﯘﺭﺍﻥ)...
●  مۇنبەرلىرىمىزدىكى ...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  شائىرنىڭ كىملىك
●  ﺗﯜﺭﻟﯘﻙ ﻛﯩﺘﺎﭘﻼﺭ ﯞﺍﺷﺎﯓ...
●  شائىر مۇھەممەتجان راشىد...
●  [ﯪﺭﻏﺘﯘﻍ] ﻫﯩﻠﻠﯩﺲ ﻣﯩﻠﻠﯩﺮ: ﯬﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﯲﻟﺪﯨﻤﯘ...
●  ﯲﻛﻪﺵ ﺟﺎﭘﭙﺎﺭ:<<ﯪﻣﻪﺕ ﯞﻩ ﯪﭘﻪﺕ>> ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ...
●  ئەلگىيار مۇنبىرى پەرھات...
●  ﺧﻮﺵ ﺩﯨﻤﻪﻳﻼ ﻛﻪﺗﻜﯩﻦ ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﻪﻡ ( ﺗﯘﺭﺍﻥ)...
●  نىزار قەببانىيغا خەت(نى...
●  ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ<< ﺧﻪﻧﺰﯗ>> ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﯘﻳﺘﯘﻕ؟.............
●  ﯮﺭﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺧﺎﺳﻠﯩﻖ...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى