ئالىي مەكتەپتىكى مەخپىيەتلىكلەر
يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-08 16:19:37 كۆرۈلۈش سانى : 525
[align=center] ئالىي مەكتەپتىكى مەخپىيەتلىكلەر
شەنبە
بۈگۈن مەن يەنە ياتاقتا يالغۇز
بۈگۈن مەن يەنە ئازاپ گۈللىرىدىن ھۇزۇرلىنىۋاتىمەن
يېيىلغان كىيىملەردىن ۋەھىمە تامچىۋاتىدۇ
تاكسىلار دېرېزە سىرتىدا تېنىمنى يانجىۋاتىدۇ
بۈگۈن مەن يەنە بىر قىزنى ئۆلگۈدەك سېغېنىۋاتىمەن
بۈگۈن مەن يەنە ئۇنىڭغا خەت يېزېۋاتىمەن
چېچىلىپ ياتقان مۇخۇركىدەك ئۈمۈدسىزلىكلىرىم
ساق قالغان ئەڭ ئاخىرقى بارمىقىم
غەزەپ نەپرەتلىك مۇھەببىتىم بىلەن...
بەلكىم بىر تال تاماكا چېكىشىم كېرەكتۇر
بەلكىم ئاۋالقىدەكلا بۇ خەتنى يىرتىۋېتىشىم كېرەكتۇر
بەلكىم تەننىڭ سىرتىدىكى مېنى قىيناۋاتقان ئەبلەخنى ئۆلتۈرۋېتىپ
بەلكىم قارىغۇ بۇلۇشۇم
بەلكىم دۇلامغا ھېچكىمنى چىقارماسلىقم كېرەكتۇر...
بۇ شئېرنى قەستەن سېنى ئۇقۇسىكەن دەپ يېزېۋاتىمەن
گۈزەل مەغرۇرلۇقۇم بىلەن ھىجران گۈللىرىنى قۇلۇڭغا تۇتۇقۇزۇپ
باغرىمغا بىر پىچاق سانجىپ تۇرۇپ
يەنە بۇ شېئرنىڭ زۇلمەتلىك سۆيگۈ ئاسمىنىدا
جىمجىت ۋاقىراۋاتىمەن
سېنى سۆيىمەن دەپ
سېنى سۆيىمەن دەپ!!!
مەكتەپتىن قېچېش
تامدىن سەكرەۋاتقان خىياللىرىم
قېنىمغا پاتمايۋاتقان مەن
شامالدا يۈزۈمگە سۈركەلگەن رومال
پادىشاھ كۆڭلۈم
بىرمۇ كىتابىم يوق
بىرمۇ كىتابىم يوق
جان جەھلىم بىلەن ئۆزۈمنى ئۇقۇشقا تىرىشىمەن
كۈندە تاماق يېيىشتىن ئۆلگۈدەك زېرىكتىم
ھەر كۈنى دەرىس ۋاقتىدا ئۇخلايمەن
ھېچقانداق ئوقۇتقۇچى مەندىن سۇئال سورىمايدۇ
مۇھەببەت ھەققىدە ياكى
ئۆلۈم ھەققىدە...
پادىچى تاز قوي بېقېۋاتقان بولسا
مەلىكە لايىق ئىزدەۋاتقان بولسا
تۇيۇقسىز قۇمۇشتەك بۇ ساقاللىرىم بىلەن
كەڭرى بىر جاڭگالغا ئايلىنىپ قالسام
ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن
نېمىشقا شېئىر يازىدىغانلىقىمنى
نېمىشقا كېچىگە قاراپ يۈگرەيدىغانلىقىمنى
خۇددى بىر قىزنىڭ كۈندۈزدە كۆرگەن چۈشىدەك
مەكتەپ يۇپيۇرۇق تۇرسا...
ياز ھۇجۇمى
ئەگەر ھازىر كۈچلۈكرەك شامال چىققان بولسا
چىرايلىق بىر گۈلگە سانجىلىپ تۇرۇپ
تەن سىرتىدا قان كېچېپ جەڭ قىلغان بۇلاتتىم
ماڭا بارغانسىرى يېقىنلاپ كېلىۋاتقان ياز
ئۆزگىرىشچان ھاۋا رايى
تېنىمنى چىڭ قۇچاقلاپ تۇرغان ئىمان
قول تۇقۇمچىلىق دەۋرى
يامغۇر ياغمىسا بۇلاتتى...
ئىشتان كەيگەن كىچىك بالا
جاھاننى بېشىغا كىيىدىغان كىچىك بالا
تاغدەك دۈۋلەنگەن باش سۆڭەكلىرى
رەزىل مەدىنىيەت
يەنە يۈز يىلدىن كېيىن
مەغلۇپ بۇلۇش قىيىن...
بىر قىز خاتىرىسىگە
ھەممىسى يالغاندۇر
يالغاندىن باشقا
ئىچىۋەت دوستۇم ئازاپلىرىڭنى
ئايلانمىسۇن ئازابىڭ تاشقا
ئۆلۈپ كەتكىن خۇشاللىق بىلەن
سەۋەپ تاپساڭ ئەگەر ياشاشقا
قۇچاقلىدىم جىمجىت ۋە نەمخۇش
قاتار-قاتار تۇرغان تىرەكنى
قۇرۇق قاقشال بولغان يۈرەكنى
گۈزەل پاقا ئەي گۈزەل پاقا
سۇ پەرىگە ئوخشار ئاۋازىڭ
ناخشا ئېيتىپ بەرسەڭچۇ ماڭا...
پۇتىنى چاناپ سالغان دېھقاننىڭ
جىگدىلكىگىدن ئۆتكەن شۇ ئايدەك
ئۆتمەكتە ھەي قىينىلىپ بۇ كۈن
ماڭا قاراپ تۇرغان بولساڭمۇ
قەستەن ساڭا قارىمىدىم بۈگۈن
يامغۇر يېغېپ قالسا ئەگەردە
سۆيەلەيمەن سېنى يامغۇردەك
سۆيەلەيمەن جىمجىت كېچىدەك-
چاچلىرىڭنى ،قارا كۆزۈڭنى
مېنى خىيال قىلىۋاتقاندىكى
تاتلىق غەمكىن ئاشۇ تۇرقۇڭنى
سۆيەلەمسەن سۆيەمسەن جېنىم!
شېئىر يېزىپ ئۆلۈپ كەتسەم گەر
شېئردىكى مەردۇ-مەردانە
ئاھ بىچچارە يىغلاڭغۇ مېنى...[/align] |
|