ئاي مۈكۈندى بۇلۇت كەينىگە
جىگدەزاردا تۇتۇشۇپ قولنى ،
بەرگەن ئىدۇق ۋەدىلەرنى بىز.
مىڭىپ بىرگە مەنزىلنى يولنى ،
ساداقەتتىن قالدۇرۇشقا ئىز.
ئۈزۈن ۋاقىت ئۆتمەي ئارىدىن ،
تىپىۋالدىڭ باشقابىرىنى .
ياكى ۋەدەڭ شۇنچىلىكمىدى.
بىلەلمىدىم يۇرەك سىرىڭنى .
سەن ئۆزگىگە كۆڭۈل بەرگەن كۈن ،
ئازاپلارغا يار بولدۇم نىگار.
ئاي مۇكۇندى بۇلۇت كەينىگە ،
قۇرۇق قاقشال بولدى جىگدەزار.