ﺳﯧﻐﯧﻨﯩﺶ ﮔﯜﻟﻠﯩﺮﻯ
ئېچىېلغان گۈل بىلەن چېچىلغان تەن
ۋە ھەمدە گۈللەرگە پۈركەنگەن ۋەتەن،
ئات مىنگەن جەڭچىنىڭ غەزەپلىنىشىدەك
ۋە ئۇنىڭ نۇرانە ئاشۇ چېھىرىدەك
كىردىم مەن ۋەتىنىڭگە گۈللىرىم بىلەن...
كىردىم رەھىمسىز ۋاقىتنى سۆرەپ
كىردىم كۆزۈڭدىكى يۇلتۇزدەك يېنىپ،
يۈزۈمنى سۆيۈپ ئۆتتى شايى ياغلىقىڭ
مېنى دارغا ئاستى زەنجىر چاچلىرىڭ
تېنىمگە يىقىلدى جادۇ كىرپىكىڭ
كىردىم قىپقىزىل قانغا بۇيۇلۇپ.
كىردىم قىپقىزىل قانغا بۇيۇلۇپ
كىردىم مەن ساڭا چىرايلىق، لېۋەن،
سېغىنىش گۈللىرى ئېچىلدى قات-قات
ئېچىلدى تېنىمنى قىلىپ پاتپاراق
كىردىم دەھشەت چوڭ يۈرىكىم بىلەن...