ﻳﺎﺷﺎﯞﯦﺮﯨﯔ ، ﺗﯚﺕ ﻛﯜﻥ ﺑﻮﻟﺴﻤﯘ (ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺗﺠﺎﻥ ﺭﺍﺷﯩﺪﯨﻦ )
يوللانغان ۋاقتى : 2009-04-06 06:18:40 كۆرۈلۈش سانى : 43
ياشاۋېرىڭ ، تۆت كۈن بولىسمۇ
بۇ دۇنيانى < تۆت كۇنلۈك > دەيدۇ ، ياشاۋېرىڭ ، تۆت كۈن بولسىمۇ ؛ بىز ئۆلسەكمۇ ئۈمىد ئۆلمەيدۇ ، ياشاۋېرىڭ ، تۆت كۈن بولسىمۇ . ياشاش ئۈچۈن كەلدۇق دۇنياغا ، سۆيگۈ بېرىڭ ھەربىر گىياغا ، بۈركۈتلەردەك قونۇپ قىياغا ، ياشاۋېرىڭ ، تۆت كۈن بولسىمۇ . كۈنلەر بىزدىن تىلەيدۇ داستان ، چۆللەر بىزدىن سورايدۇ بوستان ، بىزگە ھەمكار يامغۇرلۇق ئاسمان ، ياشاۋېرىڭ ، تۆت كۈن بولسىمۇ .
بۈگۈن ئۆتسە يەنە ئەتە بار ، ئەتىمىزدە قۇتتىن شەپە بار ، جۇت قۇترىسا يەنە كەپە بىر ، ياشاۋېرىڭ ، تۆت كۈن بولسىمۇ . |
|