ﺋﯧﭽﯩﺮﻗﺎﺵ
يوللانغان ۋاقتى : 2009-04-04 21:58:22 كۆرۈلۈش سانى : 23
ئېچىرقاش
قەلبىمدىكى شۇچىغىر يولدا
غېرىپلىق ماڭىدۇ يىلاندەك سويلاپ
ئەتىراپقا باقسىمۇ غەمكىنلىك بىلەن
تاپالماس بىر بۇردا
يېشىل ئوزۇقلۇق
ئېچىرقاپ كەتكەن روھ قۇشلىرى
گوياكى پەيلىرى توزىغان قۇشدەك
رىئاللىق دەرىخىدىن چۈشىدۇ موللاق
ئۇ يەنە تاپالماي بىرەر تالمۇ دان
ھاياتنىڭ قولىدىن يىتىلەپ ئاستا
كېتىدۇ يىراققا ئىزدەپ باھارنى
مۇجۇيدۇ يۈرەكنى شۇنداق بىر سوئال
بۇ ناتىۋان قۇش
ھەقىقىي باھارنى تاپىدۇ قانداق ؟
[ ﺑﯘ ﻳﺎﺯﻣﺎ akbarimam ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ 2009-4-4 14:08:49 ﺗﯜﺯﯛﺗﯜﭖ ﺗﻪﻫﺮﯨﺮﻟﻪﻧﺪﻯ . ] |
|