ئورنىڭىز : ئەدەبىيات >> تەڭرىتاغ چېچەكلىرى >> مىسكىن كىچە( 1 )...(كۆكلەم)

مىسكىن كىچە( 1 )...(كۆكلەم)

يوللانغان ۋاقتى : 2009-02-21 01:34:04    كۆرۈلۈش سانى : 17  
كىچىك | نورمال | چوڭ             

   مىسكىن كىچە، ئاھ ، مىسكىن كۆڭۈل

مىسكىن كىچە ئازاپلىق ئىڭىراش،

يۈرۈگۈمدە ۋولقانلايدۇ  دەرت

بۇ ماڭىلا تەككەن ئاسارەت....

 

جۇل-جۇل بۇلۇپ كەتكەن كىيمىمدىن،

گۈپۈلدەيدۇ قەلەندەر ھىدى

بۇ يىللارنىڭ بەرگەن سوۋغىتى...

 

قايناق بازار ، قاينىغان ئۆتمۈش،

تەغدىر كىپەن تۇرمۇش جىنازا

ھەر دەقىقە ئۆلۈم يۇلىدا...

 

ئوت تۇتاشتى ھەر بىر قەدەمگە،

ياشلار ئايلاندى تاڭدا شەبنەمگە

قانلار ئاقتى شورلۇق يەرلەرگە...

 

مىسكىن كىچە ئاھ، مىسكىن ئاۋاز،

شېئىر يازغان سىياھسز قەلەم

ھەر قۇرلاردىن ئاقىدۇ ئەلەم...

 

مىسكىن كىچە ئاھ، مىسكىن ھۇجىرا،

قانلىق ئۆتمۈش، قار باسقان خىيال

ئۆتەر ھەممە چۈشتەكلا غىل- پال...

 

تاڭنىڭ يۈزى كۆيگەندۇ بەلكىم،

يۇلتۇزلارم ھەيرەتتە قالغان

ئاي ئىگىزدە ئىسىلىپ قالغان...

 

مىسكىن كىچە ۋەيرانە ھەممە،

دولقۇن كەبى ۋولقانتى يۈرەك

ئاھ، يىقىلدى ئاخىرى تىرىك...


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

شېئردىكى قىز
نامانجان تۇرسۇن قا...
مىسكىن كىچە( 1 )...(كۆكلەم)...
پارچە
شېئىرلار(ئۇرغۇ)
ئىككى لەۋ ئارلىقىد...
قىزلارغا  بىر  سۆ...
ئالىي مەكتەپتىكى م...
بۇ ئاخشام چاراسلاپ ...
بېلىق قىز
ئاپئاق قار
[ساجىدە] ئەشۇ چاغلار...
سەھرالىق بويتاق
جىمجىت سۆيگۈ
يالغۇزلۇق ۋە ئۆلۈم ...
مەن سەھرانىڭ نىمجا...
ۋولقانى :ئاي مۈكۆندى بۇلۇت كەينىگە...
گېزىتچى بالا
يارىمغا
ۋۇجۇدۇمغا ماكانلاشتى ياز...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

شېئردىكى قىز
نامانجان تۇرسۇن قاراتېك...
مىسكىن كىچە( 1 )...(كۆكلەم)...
پارچە
شېئىرلار(ئۇرغۇ)
ئىككى لەۋ ئارلىقىدا--------...
قىزلارغا  بىر  سۆز  با...
ئالىي مەكتەپتىكى مەخپىي...
بۇ ئاخشام چاراسلاپ كۆيى...
بېلىق قىز
ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备07002316