ئەشۇ چاغلار
ساجىدە سۇلايمان
غۇبارسىز كۈنلىرىم بولغانتى بىر چاغ،
ئۇ خۇددى قەلبىمگە مۈكۈنگەن زىيا.
ئەسلىسەم زەپ شىرىن ھىسقا چۈمىمەن،
بالىلىق دەۋرىمگە قايتقاندەك گويا.
ئوينىغان لايلاردىن ياساپ ئىمارەت،
<دادا> ھەم <ئانا> بوپ <بالا> باقاتتۇق.
<خۇشنىلار> ئۆزئارا <مىھمان> بولۇشۇپ،
تاشلارغا چىرايلىق نانلار ياقاتتۇق.
بوستاندىن چاچ ياساپ قىرىقتال ئۆرۈپ،
گۈل قىسىپ بولغانتۇق <كىچىك پەرىزات>.
لاي سۇدا ئۈزەتتۇق ئۆردەكتىنمۇ تېز،
بەيگىگە چۈشەتتۇق مىنىپ <چىۋىق ئات>.
قوغلايتتى قوغۇنچى بوۋاي ھاسىراپ،
ئۆرۈكلۈك باغدىمۇ بىزنىڭ شورىمىز.
تاملارغا چىت سانچىپ، باغلىسىمۇ ئىت،
كەم قالماس ئىدىغۇ بىزنىڭ غورىمىز.
ئەجەپمۇ قىسقىكەن سەبىيلىك پەسلى،
قۇندۇزدەك چاچلارغا كىرىپ قاپتۇ ئاق.
ئولتۇرۇپ مۇڭلىنىپ كېتىمەن بەزەن،
شۇ چاغلار ئېسىمدىن ئۆتسە گۈلسىياق.
گۆدەكلىك ئۆمۈرنىڭ تۇنجى بېكىتى،
ھەممىمىز بىر بىرلەپ ئۇزاپ كېتىمىز.
قايتقۇسى كەلمەيدۇ كىمنىڭ شۇ چاغقا،
نە ئامال پەقەتلا يادلاپ ئۆتىمىز.