شېئردىكى قىز
يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-20 01:33:09 كۆرۈلۈش سانى : 32
شېئردىكى قىز ئىشلەيمەن،ئىشلەيمەن ئۆلۈپ كەتكۈچە، مۇھەببەت بىر پارچە ھوسۇلسىز ئېتىز. مەن ئۆزۈم ساۋاتسىز دېھقان بالىسى، ئېيىت، مېنى سۆيەمسەن شېئىردىكى قىز. ياغلىقىڭ، ياغلىقىڭ، شايى ياغلىقىڭ كۆزلىرىڭ، كۆزلىرىڭ، خۇمار كۆزلىرىڭ جىنەستە لەۋلىرىڭ، زىبا تەنلىرىڭ ھەر دائىم پۇتۇمنى چاناپ سالىمەن... سۈپسۈزۈك بۇلاقتەك شىۋىرلاپ تۇرۇپ قەرزدار دادامدەك جىمجىت ئولتۇرۇپ بىچارە ئانامدەك مەيۇس ھالەتتە ئاسمانغا بەك ئۇزاق قارىدىم بۈگۈن... توي قىلىپ بۇلۇشتى ھەممە دوستلىرىم ئۈزۈلدى بىر-بىرلەپ چىرايلىق گۈللەر يىڭنىدەك سانجىلىپ ئۆتمەكتە كۈنلەر بىراق مەن ئۆستۈرۈپ ساقال- بۇرۇتۇمنى ئۆستۈرۈپ بۇ ئۇزۇن غېرىبلىقىمنى مەھەلىدىكى يولنىڭ دوققىسىدا ھۇزۇرلاندىم بويتاقلىقىمىدىن... ئۆيۈڭنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ بەك ئۇزاق سېغېندىم تاماكامدەك كۆيۈپ كۈل بۇلۇپ دېمىسەم بىچارە ئاتا -ئانامنى ھازىرلا ئەي جېنىم ئېلىپ بۇ جاننى چىرمىشىپ قاپقارا سۇمبۇل چېچىڭغا بايىلا بۇسۇغاڭدا ئۆلۈپ كېتەتتىم... كەلمەمسەن شېئردىن،كۆپكۈك ئاسماندىن كەلمەمسەن كەلگىنە مېنىڭ قېشىمغا ؟ ئەي مېنى قىينىغان شېئردىكى قىز گەرچە مەن شېئرنى چۈشەنمىسەممۇ شۇ قەدەر چۈشىنىمەن ھەسرەتلىرىڭنى... |
|