شېئىرلار(ئۇرغۇ)
يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-25 18:59:17 كۆرۈلۈش سانى : 34
[align=center]
[size=7][color=#FF0000]شامالغا[/color][/size]
[color=#0000FF][size=5]شامال
سەن ئاۋۇتۇپ ئىشقى-ئوتۇمنى،
چېكەمگە
ۋېسال گۈلى قىسامسەن؟
ياكى يۈرەككە
ھېجران تىغى ئۇرامسەن؟!
1991-يىل5-ئاي[/size][/color]
[size=7][color=#FF0000]تىرىلگەن ئەرۋاھ[/color][/size]
[color=#0000FF][size=5]كېچىلەرنى بوغۇزلاپ
قەتلى قىلسام ھېسلىرىمنى قېنىدا،
شېھىت كەتكەن ئەرۋاھلار
قەبرىسىدىن تېرىلىپ قوپۇپ
شېئىر سوراپ يۈرەر دۇنيادىن.
91-يىل4-ئاي
شۇنداق كەچ
بۇ كەچ
يۇلتۇزلارمۇ جىمىرلىمىسۇن
تولۇن ئايمۇ ئۈزمىسۇن كۆكتە،
چىقمىسۇن ھەم تۈن سەلكىنىمۇ،
يۇپۇرماقلار پىچىرلاشمىسۇن،
.....................................
سېھىرلىك تەبىئەت تۇرسۇن سۈكۈتتە.
نېسىپ بولسۇن ماڭا بىر قېتىم،
مەن تەڭرىدىن تېلىگەن،
شەپىسىز...
تىپ-تېنچ...
زىياسىز كېچە.
91-يىل3-ئاي[/size][/color][/align] |
|