بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : بالىلار باغچىسى >> بالىلار ھېكايىسى >> كىچىك قۇشقاچ

كىچىك قۇشقاچ

يوللانغان ۋاقتى : 2008-06-22 12:33:55    كۆرۈلۈش سانى : 853  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
قۇشقاچ ئۇچالايدۇ، بىراق، بىر قېتىم بىر قۇشقاچنى مۈشۈك يەۋەتكىلى تاس قاپتۇ. ئىشەنمىسىڭىز بۇ ھېكايىنى ئوقۇپ بېقىڭ. قۇشقاچ ئادەمگە ئوخشاپ قالىدىكەن. قېرىغاندىكىنلا خۇددى كىتابلاردا يازغاندىكىدەك ھەممە ئىشقا كوتۇلداپ، ئادەمنىڭ ئىچىنى پۇشۇرىدىكەن. كىچىك قۇشقاچلار بولسا ئۇلارنىڭ گېپىنى ئاڭلىمايدىكەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۇرۇنقى زاماندا، تۇمشۇقىدىكى سېرىقلىق تېخى يانمىغان كىچىك بىر قۇشقاچ بار بولۇپ، ئۇ بىر مونچىنىڭ پېشايۋىنىدىكى ئىسسىق ئۇۋىدا تۇردىكەن. بۇ ئۇۋا يۇمشاق كەندىر، پاخاللار بىلەن ياسالغانىكەن. كىچىك قۇشقاچ تېخى ئۇچۇشنى ئۇقمايدىكەن، بىراق ئۇ ھە دەپ قاناتلىرىنى قېقىپ، ھە دەپ ئۇۋىسىدىن بېشىنى چىقىرىپ، تالاغا قارايدىكەن. ئۇنىڭ تاشقى دۇنيانىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى، ئۆزىگە ياقىدىغان - ياقمايدىغانلىقىنى بىلگۈسى كېلىپ چىر، چىر، چىرت قىلىپ كېتىپتۇ. بۇ ۋاقىتتا، ئانا قۇشقاچ ئۇنىڭدىن: -نېمە بولدى؟ - دەپ سوراپتۇ. كىچىك قۇشقاچ قانىتىنى قېقىپ، پەستىكى لاينى كۆرستىپ: - چىر، چىر، چىر، چىرت - چىرت، چىر! - دەپتۇ. دادا قۇشقاچ ئۆيگە قايتىشىدا كىچىك قۇشقاچقا بىرمۇنچە قۇرت ئالغاچ كەپتۇ. ئۇ: - چىرت - چىرت بەك جىقمىكەن، - دەپ ماختىنىپتۇ. ئانا قۇشقاچ ئۇنى ماختاپ: - چىرت - چىرت بەك جىقكەن، - دەپتۇ. كىچىك قۇشقاچ غۇرتتىدە بىر قۇرتنى يۇتۇۋېتىپ، ئىچىدە: «پەيزى بولدى، ماڭا ئەگەر بىرنەچچە پۇتى بار قۇرت بەرگەن بولسا، تازا قىزىق بولاتتى!» دەپ ئويلاپتۇ. ئۇ ھەدەپ بېشىنى سىرتقا چىقىرىپ، ئۇيان - بۇيان قارايدىكەن. ئانا قۇشقاچ ئەنسىرەپ: - بالام بالام ھېزى بول، بولمىسا يىقىلىپ پەسكە چۈشۈپ كېتىسەن، - دەپتۇ. - يىقىلىپ چۈشۈپ كېتىسەن دېگەن نېمە؟ - دەپ سوراپتۇ كىچىك قۇشقاچ. - يىقىلىپ چۈشۈپ كېتىسەن دېگەن ېنمە دېگىنىڭ نېمىسى؟ يىقىلىپ چۈشۈپ كەتسەڭ، مۈشۈك سېنى «ھاپ» ئېتىپ يەۋېتىدۇ شۇ!  - دېگەچ دادا قۇشقاچ يەم ئىزدىگېلى ئۇچۇپ كېتىپتۇ. كۈن مۈشۇنداق ئۆتۈۋېرىپتۇ. بىراق كىچىك قۇشقاچنىڭ قانىتى ئۆسۈشكە ئالدىرىماپتۇ. بىر كۈنى بوران چىقىپتىكەن كىچىك قۇشقاچ يەنە: - بۇ نېمە، نېمە بولدى؟ - دەپ سوراپتۇ. ئانا قۇشقاچ: - ئۇ شامال، شامال ئۇچۇرۇپ چۈشششۈرۈۋەتسە، چىرت - چىرت،مۈشۈك سېنى تۇتۇۋالىدۇ - دەپتۇ. بۇنداق گەپلەر كىچىك قۇشقاچنىڭ قۇلىقىغا ياقماپتۇ. ئۇ: - دەرەخ نېمىشقا لىڭشىيدۇ؟ دەرەخ لىڭشىمىسا شامال چىقمايتتى ئەمەسمۇ ... دەپتۇ. ئانا قۇشقاچ بۇنداق ئىش ئەمەس دەپ چۈشەندۈرسە، كىچىك قۇشقاچ ئىشەنمەي ئۇ ھەرقانداق ئىشنى ئۆزى بىلگەنىچە چۈشەندۈرۈشكە تىرىشىپتۇ. بىر ئادەم مونچىنىڭ ئالدىدىن ئىككى قولىنى سېلىپ ئۆتۈپتىكەن. بۇنى كۆرگەن كىچىك قۇشقاچ: - ئۇنىڭ قانىتىدىكى تۈكلەرنى مۈشۈك يەۋەتكەن ئوخشامدۇ، گۆشلىرى ئېچىلىپلا قاپتۇغۇ؟ - دەپتۇ. ئانا قۇشقاچ ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈپ: - ئۇ دېگەن ئادەم، ئادەمنىڭ قانىتى بولمايدۇ، - دەپتۇ. -نېمىشقا؟ - ئادەم دېگەن قانات ئىشلەتمەيدۇ، ئۇلار پۇتى بىلەن ماڭىدۇ، كۆردۈڭمۇ! - نېمىشقا؟ - ئۇلاردا قانات بولسا كېلىپ بىزنى تۇتىدۇ، خۇددى مەن بىلەن داداڭ قۇرت تۇتقانغا ئوخشاش. - خاتا ئېيتتىڭ! - دەپتۇ كىچىك قۇشقاچ، - خاتا، سەن قالايمىقان دەۋاتىسەن!ھەممە نەرسىنىڭ قانىتى بولىدۇ. يەردە تۇرسا چوقۇم ئاسماندىكىدەك ياخشى بولمايدۇ! ... مەن چوڭ بولسام، ھەممە نەرسىنى ئاسماندا ئۇچقىلى سالىمەن. كىچىك قۇشقاچ ئاپىسىنىڭ گېپىگە ئىشەنمەپتۇ. ئۇ تېخى ئاپىسىنىڭ گېپىگە ئىشەنمىسە ياخىشى ئاقىۋەت بولمايدىغانلىقىنى بىلمەيدىكەن. ئۇ ئۇۋىسىنىڭ گىرۋىكىگە دەسسەپ تۇرۇپ، بوينىنى تازا سوزۇپ: ھەي، ھەي، ئادەملەردە قانات يوق. پۇتلا بار ئىكەن، چوڭ ۋە ئېگىز بولسىمۇ. قۇرت يەيدىكەن. گەرچە مەن بولساممۇ كىچىك. قۇرت دېگەننى سوقىمەن موك - موك، - دەپ ئۆزى توقۇۋالغان ناخشىسىنى ئېيتىشقا باشلاپتۇ. ئۇ ناخشىسىنى تازا ئېيتىۋاتقاندا، پوككىدە يەرگە چۈشۈپ كېتىپتۇ. ئانا قۇشقاچ دەرھال ئۇنىڭ كەينىدىن چۈشۈپتۇ. بىراق بىر مۈشۈك بىر جۈپ كۆپكۆك كۆزىنى پارقىرىتىپ ئاللىقاچان پەستە ساقلاپ تۇرغانىكەن. كىچىك قۇشقاچ پەسكە چۈشۈپ موللاق ئېتىپ كېتىپتۇ. ئۇ ھەدەپ قانانتلىرىنى قېقىپتۇ، مۈدۈرۈپ - چوقۇرۇپ كىچىك پۇتلىرى بىلەن ئاران يەرگە دەسسەپ تۇرۇۋاپتۇ. پۈتۈن بەدىنى تىترەپ تۇرسىمۇ، ئۇ يەنە توختىماي ۋىچىرلاپ: «چىر، چىر، چىر مەن، مەن بەك خۇشال ...» دەپتۇ. ئانا قۇشقاچ ئۇنى بىر چەتكە ئىتتىرىپ قويۇپ، تۈكلىرىنى پاخپايتىپ،ئاغزىنى يوغان ئېچىپ،غەزەپ بىلەن ھېلىقى مۈشۈككە ھۈرپىيىپ تۇرۇپتۇ. ئۇ يەنە: - بول، بول ئۈچ بالام، دېرىزىگە ئۇچۇپ چىقىۋال، ئۇچە ... - دەپتۇ. كىچىك قۇشقاچ قورقۇپ كەتكىنىدىن بىر شۇڭغۇپ يۇقىرىغا قاراپ قاناتلىرىنى يۇقىرى - تۆۋەن ھەرىكەتلەندۈرۈپ، قانىتىنى پالاقلىتىپ دېرىزىگە چىقىۋاپتۇ. ئانا قۇشقاچمۇ دەرھال ئۇچۇپ كەتكەن بولسىمۇ،بىراق قۇيرۇقىدىن ئايرىلىپ قاپتۇ. شۇنداق بولسىمۇ ئۇ ناھايىتى خۇشال ئىكەن، ئۇ كىچىك قۇشقاچنىڭ قېشىغا ئۇچۇپ كېلىپ، ئۇنىڭ باش - بويۇنلىرىغا سۆيۈپ ، «قانداق؟» دەپتۇ. كىچىك قۇشقاچ بولسا: - ھى، ھېچقىسى يوق! بىر - بىرلەپ ئۆگەنمەمدىم ... - دەپتۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  كىچىك قۇشقاچ
●  بەختسىز ئانا
●  كاسسىدىكى ئامبار
●  چېكەتكە، بۈرگىلەرن...
●  ئۇيالغان تۆگىقۇش ب...
●  قېچىپ كەتكەن ئېسىل ...
●  قىساس ئالغان چاشقا...
●  قىزىلگۈلنى كىمگە ت...
●  كىرپىچاقنىڭ خەتەرل...
●  ئىچنېمۇئەن ھەرە
●  كىچىك بېلىقىڭ چوڭ د...
●  خالتا ئاكا ۋە ئاي س...
●  قورقۇنچلۇق كىچىك ق...
●  تېرىنى ئۇرۇپ ئىگىس...
●  يېقىن - يىراقلىق ھە...
●  ئوتلاق قەھرىمانى
●  يىللىقچى ۋە پومېشچ...
●  تەختكە كىم ۋارىسلى...
●  كېمىچىلەر ۋە كېمە خ...
●  ئاشپەزنىڭ ئەقىل - پ...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  كىچىك قۇشقاچ
●  بەختسىز ئانا
●  كاسسىدىكى ئامبار
●  چېكەتكە، بۈرگىلەرنىڭ مۇ...
●  ئۇيالغان تۆگىقۇش بالىسى
●  قېچىپ كەتكەن ئېسىل تائا...
●  قىساس ئالغان چاشقانلار
●  قىزىلگۈلنى كىمگە تاقاش ...
●  كىرپىچاقنىڭ خەتەرلىك سە...
●  ئىچنېمۇئەن ھەرە

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى